مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

38-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ياشلار،‏ قانداق ھايات كە‌چۈرۈشنى خالايسىلە‌ر؟‏

ياشلار،‏ قانداق ھايات كە‌چۈرۈشنى خالايسىلە‌ر؟‏

‏«پە‌رق ئېتىش قابىلىيىتى سېنى قوغدار».‏—‏پە‌ند.‏ نە 2:‏11‏.‏

11-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى‌خۇ‌ش قىلايلى

بۇ ماقالىدە:‏ a

1.‏ يە‌ھوئاش،‏ ئۇ‌ززىيا ۋە يوشىيا قانداق قىيىن ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏

 سىز بالىلىق ياكى ئۆسمۈرلۈك چېغىڭىزدا،‏ كىچىك بولۇ‌شىڭىزغا قارىماي،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆز خە‌لقىنى باشقۇ‌رۇ‌شقا سىزنى پادىشاھ قىلىپ تاللىغانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈپ بېقىڭ.‏ ئۆز كۈچىڭىزنى ياكى ھوقۇ‌قىڭىزنى قانداق قوللىنىسىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۇ‌دانىڭ پادىشاھى بولغان بىرنە‌چچە ياشلار توغرۇ‌لۇ‌ق يېزىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھوئاش 7 يېشىدا،‏ ئۇ‌ززىيا 16 يېشىدا ۋە يوشىيا 8 يېشىدا پادىشاھ بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ بۇ چوقۇ‌م ئىنتايىن قىيىن ۋە‌زىپە بولغان.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ۋە باشقىلارنىڭ ياردىمىدە،‏ ئۇ‌لار قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ياخشى ئىشلارنى قىلالىغان.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھوئاش،‏ ئۇ‌ززىيا ۋە يوشىيانىڭ مىساللىرى بىز ئۈچۈن پايدىلىق؟‏

2 بىز پادىشاھ ياكى خانىش بولمىساقمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنغان بۇ ئۈچ ياشنىڭ مىسالىدىن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ‌لار ياخشى قارارلارنى چىقارغان،‏ لېكىن يامان قارارلارنىمۇ چىقارغان.‏ ھازىر ئۇ‌لارنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ چىقىپ،‏ ياخشى دوستلارنى تاللاش،‏ كە‌متە‌رلىكنى ساقلاش ۋە دائىم يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسى ھە‌ققىدە ئىزدىنىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى كۆرىمىز.‏

ياخشى دوستلارنى تاللاڭ

ياخشى دوستلارغا قۇ‌لاق سېلىش ئارقىلىق يە‌ھوئاشتىن ئۈلگە ئالالايمىز (‏3،‏ 7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c

3.‏ يە‌ھوئاش پادىشاھ باش روھانىي يە‌ھوياداھنىڭ نە‌سىھە‌تلىرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏

3 يە‌ھوئاشقا ئوخشاش دانا قارارلارنى چىقىرىڭ.‏ ياش چېغىدا يە‌ھوئاش پادىشاھ دانا قارارلارنى چىقارغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئاتىسى بولمىغان،‏ بىراق ئۇ سادىق باش روھانىي يە‌ھوياداھقا قۇ‌لاق سالغان.‏ باش روھانىي يە‌ھوئاشقا ئۆز ئوغلىغا قارىغاندە‌ك قاراپ،‏ ئۇ‌نىڭغا نە‌سىھە‌تلە‌رنى بە‌رگە‌ن.‏ يە‌ھوئاش بولسا ئۇ‌نىڭ ئۈلگىسىگە قاراپ،‏ پاك ئىبادە‌تنى تىكلە‌شكە ۋە خە‌لقنىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ ھە‌تتا يە‌ھۋانىڭ ئىبادە‌تخانىسىنىڭ رېمونت قىلىش ئىشلىرىنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان.‏—‏2-‏تارىخ.‏ 24:‏1،‏ 2،‏ 4،‏ 13،‏ 14‏.‏

4.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە قۇ‌لاق سېلىشنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرىمىز؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏1،‏ 10–‏12‏)‏

4 ئە‌گە‌ر ئاتا-‏ئانىڭىز ياكى باشقا بىرى سىزنى يە‌ھۋا خۇ‌دانى سۆيۈشكە ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ياشاشقا ئۆگە‌تكە‌ن بولسا،‏ بۇ ئىنتايىن قىممە‌ت-‏باھالىق بىر سوۋغات ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏1،‏ 10–‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىنى ھە‌رتۈرلۈك ئۇ‌سۇ‌لدا تە‌ربىيىلە‌يدۇ.‏ كاتىيا ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ دادىسى ئۇ‌نىڭ توغرا قارارلارنى چىقىرىشىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى قاراپ چىقايلى.‏ ھە‌ر كۈنى مە‌كتە‌پكە بارغان يولدا دادىسى ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن كۈندىلىك ئايە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلىشە‌تتى.‏ كاتىيا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ مۇ‌ھاكىمىلە‌ر شۇ كۈنى پە‌يدا بولغان قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌شۇ‌مغا ياردە‌م بېرە‌تتى».‏ بىراق،‏ ئاتا-‏ئانىڭىزنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان قائىدە-‏تۈزۈملىرى ئە‌ركىنلىكىڭىزنى چە‌كلىگە‌ندە‌ك ھېس قىلسىڭىزچۇ؟‏ بۇ قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىشىڭىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ ئاناستاسىيا ئىسىملىك قېرىندىشىمىز ئاتا-‏ئانىسىنىڭ بە‌زى قائىدىلە‌رنى نېمە ئۈچۈن ئورنىتىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقارغانلىقىنى ئېيتىپ بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ قائىدىلە‌ر مېنى چە‌كلىمە‌ي،‏ ئە‌كسىچە ئاتا-‏ئانام مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە قوغدىماقچى بولغانلىقىنى چۈشىنىشىمگە ياردە‌م بە‌ردى».‏

5.‏ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىڭىز ئاتا-‏ئانىڭىزغا ۋە يە‌ھۋا خۇ‌داغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏6؛‏ 23:‏15،‏ 24،‏ 25‏)‏

5 ئاتا-‏ئانىڭىزنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نە‌سىھە‌ت-‏سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالسىڭىز،‏ ئۇ‌لار خۇ‌شال بولىدۇ.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ سىز يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن مە‌ڭگۈ دوست بولالايسىز ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏6؛‏ 23:‏15،‏ 24،‏ 25-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ياش يە‌ھوئاشنى ئۈلگە قىلىشىڭىز ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن ياخشى سە‌ۋە‌بلە‌ر بار.‏

6.‏ يە‌ھوئاش كىمنىڭ نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىشنى باشلىغان ۋە بۇ‌نىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان؟‏ (‏2-‏تارىخنامە 24:‏17،‏ 18‏)‏

6 يە‌ھوئاشنىڭ يامان قارارلىرىدىن ساۋاق ئېلىڭ.‏ يە‌ھوياداھ ئۆلگە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌ھوئاشنىڭ دوستلىرى ئۇ‌نى يامان ئىشلارنى قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئۇ يە‌ھۋاغا قۇ‌لاق سېلىشنىڭ ئورنىغا،‏ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرمە‌يدىغان يە‌ھۇ‌دانىڭ ئە‌مىرلىرىگە قۇ‌لاق سېلىشنى تاللىغانىدى ‏(‏2-‏تارىخنامە 24:‏17،‏ 18-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھوئاش ئۇ‌نى توغرا يولدىن ئازدۇ‌رغان ئاشۇ يامان كىشىلە‌ردىن يىراق تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌كتى،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏ (‏پە‌ند.‏ نە 1:‏10‏)‏ بىراق،‏ ئۇ شۇ‌نداق قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لارنىڭ يامان مە‌سلىھە‌تلىرىگە قۇ‌لاق سالغان.‏ ھە‌تتا ئۆزىنىڭ بىر نە‌ۋرە تۇ‌غقىنى بولغان زە‌كە‌رىيا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌نى ئۆلتۈرۈشكە بۇ‌يرىغان (‏2-‏تارىخ.‏ 24:‏20،‏ 21؛‏ مە‌تتا 23:‏35‏)‏.‏ بۇ نېمە دېگە‌ن رە‌ھىمسىز ۋە ئە‌قىلسىز قارار،‏—‏ ھە!‏ يە‌ھوئاش ھاياتىنى ياخشى باشلىغان ئىدى.‏ لېكىن،‏ كېيىن يە‌ھۋاغا قارشى چىقىپ،‏ ئۇ‌نىڭ پە‌يغە‌مبىرىنى ئۆلتۈرگە‌ن.‏ ئاخىرىدا،‏ يە‌ھوئاشنىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئۇ‌نى ئۆلتۈرگە‌ن (‏2-‏تارىخ.‏ 24:‏22–‏25‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھوئاش يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلە‌رگە داۋاملىق قۇ‌لاق سالغان بولسا،‏ ھاياتى تامامە‌ن باشقىچە بولاتتى.‏ بۇ ۋە‌زىيە‌تتىن قانداق ساۋاق ئالالايسىز؟‏

7.‏ قانداق كىشىلە‌ر بىلە‌ن دوست بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

7 يە‌ھوئاشنىڭ يامان قارارىدىن ئالالايدىغان بىر ساۋاق —‏ بىز يە‌ھۋانى سۆيىدىغان ۋە ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالايدىغان كىشىلە‌ر بىلە‌ن دوست بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار بىزگە ياخشى تە‌سىر قىلىدۇ.‏ پە‌قە‌ت تە‌ڭتۇ‌شلىرىڭىز بىلە‌نلا دوست بولماڭ.‏ ئۇ‌نتۇ‌ماڭكى،‏ يە‌ھوئاش دوستى يە‌ھوياداھتىن خېلىلا كىچىك ئىدى.‏ دوستلارنى تاللىغان چاغدا،‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق دە‌پ سوراپ كۆرۈڭ:‏ «دوستلىرىم يە‌ھۋاغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىمنى كۈچە‌يتىشكە ياردە‌م بېرە‌مدۇ؟‏ ئۇ‌لار مېنى خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ياشاشقا ئۈندە‌مدۇ؟‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلىشە‌مدۇ؟‏ خۇ‌دانىڭ ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملىرىنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏ ئۇ‌لار پە‌قە‌ت قۇ‌لۇ‌قۇ‌مغا خۇ‌ش ياقىدىغان نە‌رسىلە‌رنى دە‌مدۇ ياكى كېرە‌ك بولغاندا ماڭا نە‌سىھە‌ت بېرە‌مدۇ؟‏» (‏پە‌ند.‏ نە 27:‏5،‏ 6،‏ 17‏)‏ ئە‌سلىدە دوستلىرىڭىز يە‌ھۋانى سۆيمىسە،‏ ئۇ‌نداق دوستلارنىڭ ھېچقانداق كېرىكى يوق.‏ دوستلىرىڭىز يە‌ھۋانى سۆيسە،‏ ئۇ‌لاردىن ئايرىلماڭ.‏ چۈنكى،‏ شۇ‌نداق دوستلار سىزگە ياخشى تە‌سىر قىلالايدۇ.‏​—‏پە‌ند.‏ نە 13:‏20‏.‏

8.‏ ئىجتىمائىي تورلارنى ئىشلىتىدىغان بولساق،‏ نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

8 ئىجتىمائىي تورلار ئارقىلىق دوستلىرىمىز ۋە ئائىلە ئە‌زالىرىمىز بىلە‌ن ئالاقە قىلىشنىڭ قۇ‌لايلىق يولى.‏ لېكىن،‏ كۆپ ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌لاردىن پايدىلىنىپ،‏ باشقىلارغا ياخشى تە‌سىرات قالدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلغانلىقى ياكى نېمە سېتىۋالغانلىقى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن سۈرە‌تلە‌رنى ئىجتىمائىي تورغا چىقىرىپ قويىدۇ.‏ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى ئىشلە‌تسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق دە‌پ سوراپ كۆرۈڭ:‏ «مە‌ن باشقىلارغا ياخشى تە‌سىرات قالدۇ‌رۇ‌شنى خالايمە‌نمۇ؟‏ مە‌قسىتىم باشقىلارغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىشمۇ ياكى ئۆزۈمنى كۆز-‏كۆز قىلىشمۇ؟‏ ئىجتىمائىي تورلاردىكى كىشىلە‌رنىڭ ئوي-‏پىكىرىم،‏ سۆزلىرىم ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمگە يامان تە‌سىر قىلىشىغا يول قويىمە‌نمۇ؟‏» يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زاسى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان نېيتان نورر شۇ‌نداق بىر مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن:‏ «ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆڭلىنى خۇ‌شال قىلىشقا تىرىشماڭ،‏ چۈنكى ئاخىرىدا ھېچكىمنى خۇ‌شال قىلالمايسىز.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىشقا تىرىشىڭ،‏ شۇ چاغدا ئۇ‌نى سۆيىدىغان كىشىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنى خۇ‌شال قىلالايسىز».‏

كە‌متە‌ر بولۇ‌پ‌قېلىشنىڭ مۇ‌ھىملىقى

9.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌ززىيانىڭ نېمە قىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ (‏2-‏تارىخنامە 26:‏1–‏5‏)‏

9 ئۇ‌ززىياغا ئوخشاش ياخشى قارارلارنى چىقىرىڭ.‏ پادىشاھ ئۇ‌ززىيا ياش ۋاقتىدا كە‌متە‌ر ئىدى.‏ ئۇ ھە‌ق خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىشنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌ززىيا 68 يىل ياشىغان ۋە ھاياتىنىڭ كۆپىنچە قىسىمىنى يە‌ھۋا بە‌رىكە‌تلىگە‌ن ‏(‏2-‏تارىخنامە 26:‏1–‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌ززىيا ئۆزى دۈشمە‌نلە‌شكە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن يات خە‌لقلە‌رنى مە‌غلۇ‌پ قىلغان ۋە يېرۇ‌سالىم ياخشى قوغداش ئۈچۈن تىرىشقان (‏2-‏تارىخ.‏ 26:‏6–‏15‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئۇ‌ززىيا ئىنتايىن خۇ‌شال بولغان،‏ چۈنكى يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌ممىشە ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن ئىدى.‏—‏ۋە‌ز 3:‏12،‏ 13‏.‏

10.‏ ئۇ‌ززىيا بىلە‌ن نېمە بولغان؟‏

10 ئۇ‌ززىيانىڭ يامان قارارلىرىدىن ساۋاق ئېلىڭ.‏ ئۇ‌ززىيا باشقىلارغا نېمە قىلىشنى بۇ‌يرۇ‌ق قىلىپ ئۆگىنىپ قالغانىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ بە‌لكىم نېمە قىلىشنى خالىسام،‏ شۇ‌نى قىلىمە‌ن دە‌پ ئويلىغان.‏ بىر كۈنى ئۇ‌ززىيا پادىشاھ ئىبادە‌تخانىغا كىرىپ،‏ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ،‏ قۇ‌ربانگاھتا خۇ‌شپۇ‌راقنى كۆيدۈرمە‌كچى بولغان.‏ لېكىن،‏ پادىشاھلارنىڭ شۇ‌نداق قىلىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلىنمىغان ئىدى (‏2-‏تارىخ.‏ 26:‏16–‏18‏)‏.‏ باش روھانىي ئازارىيا ئۇ‌نى توختاتماقچى بولغاندا،‏ ئۇ‌ززىيا قاتتىق ئاچچىقلانغان.‏ بە‌ك ئە‌پسۇ‌س،‏ ئۇ بۇ‌رۇ‌نقىدە‌ك ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلىمىغاچ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى ماخاۋ كېسىلى بىلە‌ن جازالىغان (‏2-‏تارىخ.‏ 26:‏19–‏21‏)‏.‏ ئۇ كە‌متە‌رلىكىنى ساقلاپ قالغان بولسا،‏ ھاياتى تامامە‌ن باشقىچە بولاتتى.‏

قىلغان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن ماختىنىشنىڭ ئورنىغا يە‌ھۋاخۇ‌داغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرە‌ك (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

11.‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌پ قېلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

11 ئۇ‌ززىيا پادىشاھلىقى كۈچە‌يگە‌ن چاغدا،‏ يە‌ھۋانىڭ قىلغان بارچە ياخشىلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالغانىدى.‏ بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌مايلىكى،‏ ئېرىشكە‌ن بە‌رىكە‌تلىرىمىز ۋە ۋە‌زىپىلىرىمىز يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن.‏ ئۆز ئۇ‌تۇ‌قلىرىمىز بىلە‌ن ماختىنىشنىڭ ئورنىغا،‏ قىلالىغان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن ھە‌ممە شان-‏شە‌رە‌پنى يە‌ھۋاغا بېرىشىمىز لازىم b (‏1-‏كورىنت.‏ 4:‏7‏)‏.‏ ئۆزىمىزنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ۋە بە‌زىدە تۈزىتىشكە موھتاج بولىدىغانلىقىمىزنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ 60 ياشلىق بۇ‌رادىرىمىز مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «باشقىلار خاتالىقلىرىمنى تۈزە‌تكە‌ندە،‏ تېزلا خاپا بولماسلىق ياكى كۆڭلۈمنى يېرىم قىلماسلىقنى ئۆگە‌ندىم.‏ بە‌زىدە ئويلىمايلا،‏ بە‌زىبىر خاتالىقنى ئۆتكۈزۈپ قويسام،‏ باشقىلار مېنى تۈزىتىدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۆزۈمنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ داۋاملىق قولۇ‌مدىن كېلىشىچە يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا تىرىشىمە‌ن».‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ يە‌ھۋادىن ئە‌يمىنىپ،‏ كە‌متە‌رلىكنى ساقلىساق،‏ ھە‌قىقىي خۇ‌شال-‏خۇ‌رام تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىمىز.‏—‏پە‌ند.‏ نە 22:‏4‏.‏

يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشنى‌داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ

12.‏ يوشىيا ئۆسمۈر چېغىدا قانداق قىلىپ يە‌ھۋا خۇ‌داغا يېقىنلاشقان؟‏ (‏2-‏تارىخنامە 34:‏1–‏3‏)‏

12 يوشىياغا ئوخشاش،‏ ياخشى قارارلارنى چىقىرىڭ.‏ پادىشاھ يوشىيا يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشقا باشلىغاندا،‏ تېخى ئۆسمۈر ئىدى.‏ ئۇ يە‌ھۋانى تونۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشنى خالىغان.‏ لېكىن،‏ ياش پادىشاھنىڭ ھاياتى ئاسان بولمىغان.‏ خە‌لق ساختا ئىلاھلارغا ئىبادە‌ت قىلغاندا،‏ ئۇ پاك ئىبادە‌ت تە‌رە‌پتە چىڭ تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌كتى ۋە بۇ ئۇ‌نىڭ قولىدىن كە‌لگە‌ن ئىدى!‏ تېخى 20 ياشقا كىرمىگە‌ن پادىشاھ يوشىيا خە‌لق ئارىسىدىكى ساختا ئىبادە‌تنى يوق قىلىشنى باشلىغان‏.‏—‏2-‏تارىخنامە 34:‏1–‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

13.‏ يە‌ھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغاندىن كېيىن،‏ ھاياتىڭىز قانداق ئۆزگىرىدۇ؟‏

13 ياش بولسىڭىزمۇ،‏ يوشىياغا ئوخشاش داۋاملىق يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىڭ ۋە ئۇ‌نىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى ھە‌ققىدە ئۆگىنىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ پۈتۈن ھاياتىڭىزنى خۇ‌داغا بېغىشلاش ئارزۇ-‏ئىستىكىڭىز كۈچىيىدۇ.‏ ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش ھاياتىڭىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ 14 يېشىدا سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن ليۇ‌ك ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئە‌مدى مە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى ھاياتىمدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىشقا تىرىشىمە‌ن» (‏ماركۇ‌س 12:‏30‏)‏.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق قىلىشقا تىرىشسىڭىز،‏ مول بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىسىز!‏

14.‏ يوشىيانى ئۈلگە قىلغان بە‌زى قېرىنداشلارنىڭ مىساللىرىنى كە‌لتۈرۈڭ.‏

14 خۇ‌دانىڭ ياش خىزمە‌تچىسى سۈپىتىدە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىڭىز مۇ‌مكىن؟‏ 12 يېشىدا سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن يوھان ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر سىنىپداشلىرىنىڭ ئۇ‌نىڭغا بېسىم قىلىپ،‏ ئېلېكترونلۇ‌ق تاماكىنى چېكىشكە مە‌جبۇ‌رلىغانلىقىنى ئېيتىپ بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ بۇ بېسىمغا قارشى تۇ‌رۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ يوھان تاماكا چېكىش سالامە‌تلىكىگە ۋە ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىگە زىيانلىق ئىكە‌نلىكىنى ئۆز-‏ئۆزىگە ئە‌سكە‌رتىپ تۇ‌رغان.‏ 14 يېشىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن رييچېل مە‌كتە‌پتىكى سىناقلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈرۈپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن دائىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە يە‌ھۋانى ئېسىمگە سالىدىغان ئىشلارنى ئىزدە‌شكە تىرىشىمە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تارىخ دە‌رسى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ۋە‌قە‌لە‌ر ياكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرىنى ئېسىمگە سېلىشى مۇ‌مكىن.‏ ياكى بىرى بىلە‌ن پاراڭلاشقاندا،‏ ئۇ‌نىڭغا كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن ياخشى بىر ئايە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلايمە‌ن».‏ بە‌لكىم،‏ پادىشاھ يوشىيا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قىيىنچىلىقلاردىن پە‌رقلىق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدىغانسىز.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ دانا ۋە سادىق بولالايسىز.‏ ھازىر ياش چېغىڭىزدا قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بە‌رسىڭىز،‏ بۇ سىزنى كېلە‌چە‌كتە دۇ‌چ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارغا تە‌ييارلايدۇ.‏

15.‏ يوشىيا پادىشاھنىڭ يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ قېلىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ (‏2-‏تارىخنامە 34:‏14،‏ 18–‏21‏)‏

15 يوشىيا پادىشاھ 26 ياشقا كىرگە‌ندە،‏ ئىبادە‌تخانىنى رېمونت قىلىش ئىشلىرىنى باشلىغان.‏ شۇ چاغدا،‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق بېرىلگە‌ن قانۇ‌ن كىتابى تېپىلغان ئىدى.‏ يوشىيا قانۇ‌ندىكى سۆزلە‌رنى ئاڭلىغاندا،‏ بۇ ئۇ‌نى دە‌رھال ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا ئۈندىگە‌ن ‏(‏2-‏تارىخنامە 34:‏14،‏ 18–‏21-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ سىزمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى دائىم ئوقۇ‌شنى خالامسىز؟‏ بە‌لكىم،‏ ھازىر شۇ‌نداق قىلىشقا تىرىشىۋاتقانسىز.‏ ئۆزىڭىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان ئايە‌تلە‌رنى بە‌لگە سېلىپ قويۇ‌شنى ياخشى كۆرە‌مسىز؟‏ ئىلگىرى تىلغا ئېلىنغان ليۇ‌ك ئۆزى ياقتۇ‌رغان ئوي-‏پىكىرلە‌رنى يېزىپ قويىدۇ.‏ سىزمۇ ئۆزىڭىزگە ياردە‌م بېرىدىغان ئايە‌تلە‌رنى ياكى ئوي-‏پىكىرلە‌رنى ئېسىڭىزگە سېلىۋېلىش ئۈچۈن يېزىپ قويالامسىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ياخشى بىلىپ،‏ ئۇ‌نى ياخشى كۆرگە‌نسېرى،‏ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكىڭىز كۈچىيىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى پادىشاھ يوشىيانى توغرا ئىشلارنى قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغاندە‌ك،‏ سىزنىمۇ توغرا ئىشلارنى قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏

16.‏ يوشىيا نېمە ئۈچۈن چوڭ خاتالىق قىلغان ۋە بىز بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

16 يوشىيانىڭ يامان قارارىدىن ساۋاق ئېلىڭ.‏ يوشىيا تە‌خمىنە‌ن 39 ياشتا بولغاندا،‏ چوڭ بىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ،‏ ھاياتىدىن ئايرىلغان.‏ ئۇ يە‌ھۋادىن يول-‏يورۇ‌ق سوراشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۆزىگە ئىشە‌نگە‌ن (‏2-‏تارىخ.‏ 35:‏20–‏25‏)‏.‏ بۇ ھە‌ممىمىز ئۈچۈن مۇ‌ھىم بىر ساۋاق.‏ مە‌يلى قانچە ياشتا بولايلى ياكى قانچە ئۇ‌زۇ‌ن يىل ھە‌قىقە‌تتە بولايلى،‏ ئۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ داۋاملىق يە‌ھۋادىن يول-‏يورۇ‌ق ئىزدىشىمىز لازىم.‏ يول-‏يورۇ‌ق ئۈچۈن دائىم دۇ‌ئا قىلىشىمىز،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشىمىز ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن قېرىنداشلاردىن مە‌سلىھە‌ت سورىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ ئۆزىمىزنى تېخىمۇ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ھېس قىلىپ،‏ چوڭ خاتالىقلارنى ئازىراق ئۆتكۈزۈپ قويىمىز.‏—‏ياقۇ‌پ 1:‏25‏.‏

ياشلار،‏ سىلە‌ر بە‌ختلىك‌ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يسىلە‌ر

17.‏ يە‌ھۇ‌دانىڭ ئۈچ پادىشاھىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

17 ياشلىقتا ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىشنىڭ پۇ‌رسىتى كۆپ.‏ يە‌ھوئاش،‏ ئۇ‌ززىيا ۋە يوشىيانىڭ مىساللىرى ياشلارنىڭ دانا قارار چىقىرىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى سۆيۈندۈرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ دە‌رۋە‌قە،‏ كۆرۈپ چىققىنىمىزدە‌ك،‏ بۇ ياشلار خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ،‏ يامان ئاقىۋە‌تكە قالغان.‏ لېكىن،‏ سىز ئۇ‌لارنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ئۇ‌لارغا ئوخشاش خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈشتىن ساقلانسىڭىز،‏ شاد-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يسىز.‏

ياش داۋۇ‌ت يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ھە‌رىكە‌ت قىلغان.‏ ئۇ خۇ‌دانى خۇ‌شال قىلىپ،‏ بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرگە‌ن (‏18-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

18.‏ ھاياتىڭىز بە‌ختلىك بولالايدىغانلىقىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قانداق مىساللار كۆرسىتىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

18 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىپ،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن مىساللىرى بار.‏ ئۇ‌لاردىن بىرى داۋۇ‌ت پادىشاھ.‏ ئۇ ياش ۋاقتىدا،‏ خۇ‌دا تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌پ،‏ كېيىن سادىق پادىشاھ بولغان.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ بە‌زى خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگە‌ن،‏ لېكىن بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نى ساداقە‌تمە‌ن كىشى دە‌پ قارىغان (‏1-‏پادىشاھ.‏ 3:‏6؛‏ 9:‏4،‏ 5؛‏ 14:‏8‏)‏.‏ داۋۇ‌تنىڭ ھاياتى ۋە سادىق خىزمىتى توغرۇ‌لۇ‌ق ئوقۇ‌پ،‏ ئىلھام-‏مە‌دە‌ت ئالالايسىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ماركۇ‌س ياكى تىموتىينىڭ مىساللىرىنى ئۆگە‌نسىڭىز بولىدۇ.‏ ئۇ‌لار ياش چېغىدىن باشلاپ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغان ۋە خۇ‌دانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىپ،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرگە‌ن.‏

19.‏ ھاياتىڭىز قانداق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

19 كېلە‌چە‌كتە خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرۈشىمىز،‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە قانداق ھايات كە‌چۈرۈۋاتقانلىقىمىز بىلە‌ن زىچ باغلىنىشلىق.‏ سىز ئۆز-‏ئۆزىڭىزگە ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋاغا تايانسىڭىز،‏ ئۇ سىزگە يول-‏يورۇ‌ق بېرىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 20:‏24‏)‏ سىز خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ۋە مول بە‌رىكە‌تلە‌رگە تولغان ھاياتقا ئېرىشە‌لە‌يسىز.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن قىلىۋاتقان بارچە ئىشلىرىڭىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ ھاياتىڭىزنى ئاسماندىكى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك ئاتىڭىزغا بېغىشلاشتىن ئارتۇ‌قراق ياخشى ئىش بارمۇ؟‏

24-‏ناخشا كۆزۈڭ بولسۇ‌ن مۇ‌كاپاتتا!‏

a ياشلار،‏ يە‌ھۋا سىلە‌رنىڭ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قۇ‌ڭلار سىناققا دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ ئاسماندىكى ئاتىڭىزنىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان دانا قارارلارنى قانداق چىقىرالايسىز؟‏ ھازىر يە‌ھۇ‌دانىڭ پادىشاھلىرى بولغان ئۈچ ياشنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ‌لارنىڭ مىساللىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىڭىزغادىققە‌ت قىلىڭ.‏

b ‏«ئىجتىمائىي تورلاردا چولپان بولۇ‌ش شۇ‌نچە مۇ‌ھىممۇ؟‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق ماقالىدىكى «‏ساختا كە‌متە‌رلىكنى كۆرسىتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ‏» (‏باشقا تىل)‏ دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ.‏

c سۈرە‌تلە‌ردە.‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن قېرىنداش ياش قېرىنداشقا مە‌سلىھە‌ت بېرىۋاتىدۇ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ چوڭ يىغىلىشتا سە‌ھنىگە چىققان قېرىنداش يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىۋاتىدۇ.‏