مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

41-‏تە‌تقىق ماقالىسى

پېترۇ‌سنىڭ ئىككى پارچە خېتىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

پېترۇ‌سنىڭ ئىككى پارچە خېتىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

‏«مە‌ن يە‌نىلا ھە‌ردائىم بۇ ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق ئە‌سكە‌رتىپ تۇ‌رماقچىمە‌ن».‏—‏2-‏پېتر.‏ 1:‏12‏.‏

29-‏ناخشا ساداقە‌تمە‌نلىكنى‌ساقلاپ يۈرۈش

بۇ ماقالىدە:‏ a

1.‏ پېترۇ‌سنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئاز قالغان ۋاقىتتا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى نېمە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان؟‏

 ئە‌لچى پېترۇ‌س پات يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئۇ نە‌چچە ئون يىل ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىش جە‌ريانىدا ئە‌يسا مە‌سىھكە ئە‌گىشىپ ماڭغان.‏ ۋە‌ز ئېيتىش ئۈچۈن يېڭى جايلارغا كۆچۈپ بارغان ۋە يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ بىر ئە‌زاسى سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلغان.‏ ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئاز قالغان ۋاقىتتا يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا تېخىمۇ كۆپرە‌ك ئىشنى تاپشۇ‌رغان.‏ مىلادى 62—‏64-‏يىللار ئارىسىدا،‏ پېترۇ‌س خۇ‌دانىڭ كۆرسە‌تمىسى بىلە‌ن ئىككى پارچە خە‌تنى يازغان.‏ بۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پېترۇ‌س يازغان بىرىنچى ۋە ئىككىنچى خە‌تلە‌ر.‏ پېترۇ‌س ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ مۇ‌شۇ خە‌تلە‌رنىڭ داۋاملىق ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىغا ئىلھام بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان.‏—‏2-‏پېتر.‏ 1:‏12–‏15‏.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن پېترۇ‌سنىڭ خە‌تلىرى دە‌ل ۋاقىتىدا يېزىلغان دېيىشكە بولىدۇ؟‏

2 ئېتىقادچى قېرىنداشلىرى تۈرلۈك سىناقلار تۈپە‌يلى ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن ۋاقىتتا،‏ پېترۇ‌س خۇ‌دانىڭ روھىنىڭ ياردىمىدە ئاشۇ ئىككى پارچە خە‌تنى يازغان (‏1-‏پېتر.‏ 1:‏6‏)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ رە‌زىل كىشىلە‌ر جامائە‌تتە ساختا تە‌لىملە‌رنى يېيىشقا ئۇ‌رۇ‌نغان ۋە ئادە‌ملە‌رنى ناپاك ئىشلارنى قىلىشقا ئازدۇ‌رغان (‏2-‏پېتر.‏ 2:‏1،‏ 2،‏ 14‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يېرۇ‌سالىمدا ياشايدىغان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن كۆپ ئۆتمە‌ي ھە‌ممە نە‌رسىنىڭ ئاخىرى كېلە‌تتى،‏ يە‌نى رىم ئە‌سكە‌رلىرى يېرۇ‌سالىم شە‌ھىرىنى ۋە شە‌ھە‌ردىكى ئىبادە‌تخانىنى يوق قىلاتتى (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏7‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ پېترۇ‌سنىڭ خە‌تلىرى شۇ چاغدا مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ سىناقلارغا قارىماي،‏ خۇ‌داغا سادىق بولۇ‌پ قېلىشىغا ۋە كېلە‌چە‌كتە باشقا سىناقلارغا ئۆزىنى تە‌ييارلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن b‏.‏

3.‏ پېترۇ‌سنىڭ يازغان خە‌تلىرىنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش نېمە ئۈچۈن پايدىلىق؟‏

3 گە‌رچە پېترۇ‌س بىرىنچى ئە‌سىردە ياشىغان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە شۇ خە‌تلە‌رنى يازغان بولسىمۇ،‏ بىراق يە‌ھۋا بۇ خە‌تلە‌رنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا كىرگۈزگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ھازىر بۇ خە‌تلە‌ردىن پايدىلىنالايمىز (‏رىملىقلار 15:‏4‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ بۇ دۇ‌نيا ناپاك ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى تە‌شۋىق قىلىۋاتقاندا،‏ بىز يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشىمىزنى قىيىنلاشتۇ‌رىدىغان سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىلگە‌ن چاغدىكىدىنمۇ چوڭراق دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌تنى باشتىن كە‌چۈرىمىز.‏ بىز پېترۇ‌سنىڭ ئىككى پارچە خېتىدىن بە‌زى مۇ‌ھىم ئە‌سكە‌رتىشلە‌رنى تاپالايمىز.‏ ئۇ‌لار بىزنىڭ يە‌ھۋانىڭ كۈنىنى ئۈمىد بىلە‌ن كۈتۈشىمىزگە ۋە ئىنسانلاردىن قورقۇ‌شنى يېڭىشىمىزگە ھە‌م چىن قە‌لبىمىزدىن بىر-‏بىرىمىزنى سۆيۈشنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئاشۇ ئە‌سكە‌رتىشلە‌ردىن ئاقساقاللارمۇ جامائە‌تتىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادتا مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌شىغا قانداق ياردە‌م بېرىشنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏

ئۈمىد بىلە‌ن كۈتۈڭ

4.‏ 2-‏پېترۇ‌س 3:‏3،‏ 4-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى نېمە تە‌ۋرىتىپ قويۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

4 ئە‌تراپىمىزدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رگە ئىشە‌نمە‌يدىغان ئادە‌ملە‌ر نۇ‌رغۇ‌ن.‏ بىز ئۇ‌زۇ‌ن يىللاردىن بۇ‌يان،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد بىلە‌ن كۈتكە‌چكە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن قارشىلاشقۇ‌چىلارنىڭ مە‌سخىرىسىگە ئۇ‌چراپ كېلىۋاتىمىز.‏ بە‌زى تە‌نقىد قىلغۇ‌چىلار ھە‌تتا دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى مە‌ڭگۈ كە‌لمە‌يدۇ دە‌يدۇ ‏(‏2-‏پېترۇ‌س 3:‏3،‏ 4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز ۋە‌ز قىلغاندا ئۇ‌چرىتىدىغان ئۆي ئېگىسى،‏ خىزمە‌تدىشىمىز ياكى ئۆز ئائىلىمىزدىكى بىرىدىن مۇ‌شۇ سۆزلە‌رنى ئاڭلىساق،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىز تە‌ۋرىنىپ قېلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س بىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏

5.‏ يە‌ھۋانىڭ رە‌زىل دۇ‌نيانى يوق قىلىش ۋاقتىنى چىداملىق بىلە‌ن كۈتۈشكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏2-‏پېترۇ‌س 3:‏8،‏ 9‏)‏

5 بە‌زىلە‌ر قارىماققا يە‌ھۋا بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانى يوق قىلىدىغان ۋاقتىنى بە‌ك كېچىكتۈرۈۋە‌تتى دە‌پ قارايدۇ.‏ پېترۇ‌سنىڭ يازغانلىرى بىزنىڭ توغرا كۆز قاراشنى ساقلىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار بىزگە يە‌ھۋانىڭ ۋاقىتقا بولغان كۆز قارىشى ئىنسانلارنىڭكىدىن پە‌رقلىق ئىكە‌نلىكىنى ئە‌سكە‌رتىدۇ ‏(‏2-‏پېترۇ‌س 3:‏8،‏ 9-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن مىڭ يىل بىر كۈنگە ئوخشاش.‏ ئۇ سە‌ۋرچان،‏ ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇ‌شىنى خالىمايدۇ.‏ ئۇ بە‌لگۈلىگە‌ن كۈن كە‌لگە‌ندە،‏ بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ تۈزۈلمىسى يوق بولىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھازىر ۋاقىتنىڭ بارىدا،‏ ۋاقتىمىزدىن ياخشى پايدىلىنىپ،‏ ھە‌ر مىللە‌ت خە‌لقىگە گۇ‌ۋاھلىق بېرىش بىز ئۈچۈن ھە‌قىقە‌تە‌ن زور شان-‏شە‌رە‌پ!‏

6.‏ يە‌ھۋانىڭ كۈنىنى تە‌قە‌ززالىق بىلە‌ن كۈتۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ (‏2-‏پېترۇ‌س 3:‏11،‏ 12‏)‏

6 پېترۇ‌س بىزنى يە‌ھۋانىڭ كۈنىنى تە‌قە‌ززالىق بىلە‌ن كۈتۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان ‏(‏2-‏پېترۇ‌س 3:‏11،‏ 12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌مكىن بولسا،‏ ھە‌ر كۈنى يېڭى دۇ‌نيادا ئېرىشىدىغان بە‌رىكە‌تلە‌ر ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۆزىڭىزنى ساپ ھاۋادىن نە‌پە‌س ئېلىۋاتقان،‏ ساغلام يېمە‌ك-‏ئىچمە‌كلە‌رنى يە‌ۋاتقان،‏ تىرىلگە‌ن يېقىن كىشىلىرىڭىزنى قارشى ئېلىۋاتقان ۋە نە‌چچە ئە‌سىر ئىلگىرى ياشىغان ئادە‌ملە‌رگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىڭىزنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ شۇ‌نداق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش سىزنى ئۈمىدۋار بولۇ‌شىڭىزغا ۋە بۇ دۇ‌نيا تۈزۈلمىسىنىڭ پات يېقىندا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىز كېلە‌چە‌كتە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگە‌چ،‏ باشقىلارنىڭ ساختا تە‌لىملە‌ر ئارقىلىق ئازدۇ‌رۇ‌شىغا ئە‌گىشىپ،‏ ھە‌قىقە‌ت يولىدىن چىقىپ كە‌تمە‌يمىز.‏—‏2-‏پېتر.‏ 3:‏17‏.‏

ئىنسانلاردىن قورقۇ‌شنى يېڭىش

7.‏ ئىنسانلاردىن قورقۇ‌ش بىزگە قانداق تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

7 يە‌ھۋانىڭ كۈنى ئىنتايىن يېقىن ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌چكە،‏ مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر تېخىمۇ كۆپرە‌ك كىشىلە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىشنى خالايمىز.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ بە‌زىدە قورقۇ‌پ سۆزلىمە‌سلىكىمىز مۇ‌مكىن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ بىز ئىنسانلار نېمە دە‌پ قالار،‏ نېمە ئويلايدۇ دە‌پ ۋاقتىنچە ئە‌نسىرىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ پېترۇ‌سمۇ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ سوتلىنىپ سوراق قىلىنغان كېچىدە،‏ پېترۇ‌س ئۆزىنى ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى دە‌پ تونۇ‌تۇ‌شتىن قورقۇ‌پ،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نى تونۇ‌يدىغانلىقىنى قايتا-‏قايتا ئىنكار قىلغان (‏مە‌تتا 26:‏69–‏75‏)‏.‏ بىراق،‏ بۇ ئە‌لچى ئۆز قورقۇ‌نچىنى يېڭىپ،‏ كېيىنرە‌ك ئىشە‌نچ بىلە‌ن مۇ‌شۇ سۆزلە‌رنى يازغان:‏ «باشقىلار قورقىدىغان نە‌رسىلە‌ردىن سىلە‌ر قورقماڭلار ۋە غە‌م-‏تە‌شۋىش قىلماڭلار» (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏14‏)‏.‏ پېترۇ‌سنىڭ سۆزلىرى بىزنى ئىنسانلاردىن قورقۇ‌شنى يېڭە‌لە‌يدىغانلىمىزغا ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏

8.‏ ئىنسانلاردىن قورقۇ‌شنى يېڭىشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏15‏)‏

8 ئىنسانلاردىن قورقۇ‌شنى يېڭىشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ پېترۇ‌س بىزگە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «قە‌لبىڭلاردا مە‌سىھكە مۇ‌قە‌ددە‌س ھە‌زرىتىمىز سۈپىتىدە ئورۇ‌ن بېرىڭلار» ‏(‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ دېمە‌ك،‏ بىز ئە‌يسا مە‌سىھ پادىشاھىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ زور كۈچ-‏قۇ‌درىتى بارلىقىنى ئۆزىمىزگە ئە‌سكە‌رتە‌لە‌يمىز.‏ ئە‌گە‌ر باشقىلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتىش پۇ‌رسىتى تۇ‌غۇ‌لغاندا،‏ جىددىيلە‌شسىڭىز ياكى قورقۇ‌ش ھېس قىلسىڭىز،‏ پادىشاھىمىزنى ئە‌سكە ئېلىڭ.‏ ئۇ‌نىڭ ئاسماندا سانسىزلىغان پە‌رىشتىلە‌ر بىلە‌ن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ ئاسماندىكى ۋە يە‌ردىكى ھوقۇ‌ق ئۇ‌نىڭغا بېرىلگە‌ن.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ تۈزۈلمىسى ئاخىرلاشقانغا قە‌دە‌ر،‏ ئە‌يسا بىز بىلە‌ن بىللە بولىدۇ (‏مە‌تتا 28:‏18–‏20‏)‏.‏ پېترۇ‌س بىزنى ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى قوغداشقا «دائىم تە‌ييار» تۇ‌رۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ سىز ئىش ئورنىدا،‏ مە‌كتە‌پتە ياكى نارە‌سمىي ھالە‌تتە بىرىگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتىشنى خالامسىز؟‏ قاچان شۇ‌نداق قىلالايدىغانلىقىڭىزنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ ئاندىن نېمە دېيىش كېرە‌كلىكىنى تە‌ييارلاڭ.‏ يە‌ھۋادىن جاسارە‌ت تىلە‌پ دۇ‌ئا قىلىڭ ۋە ئۇ ئىنساندىن قورقۇ‌شنى يېڭىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.‏—‏ئە‌لچى.‏ 4:‏29‏.‏

چىن قە‌لبىڭىزدىن سۆيۈڭ

پېترۇ‌س پاۋلۇ‌سنىڭ تۈزىتىشىنى قوبۇ‌ل قىلدى.‏ پېترۇ‌س يازغان ئىككى پارچە خە‌ت بىزگە‌ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق كۆرسىتىشنى ئۆگىتىدۇ (‏9-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

9.‏ پېترۇ‌س سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قايسى ۋاقىتتا نامايان قىلمىغان؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

9 پېترۇ‌س سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق كۆرسىتىشنى ئۆگە‌نگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ ھە‌زرىتى ئە‌يسا مۇ‌نۇ سۆزلە‌رنى قىلغاندا،‏ شۇ يە‌ردە بولغان:‏ «سىلە‌رگە يېڭى ئە‌مىر بېرىمە‌ن:‏ بىر-‏بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.‏ مە‌ن سىلە‌رنى سۆيگىنىمدە‌ك،‏ سىلە‌رمۇ بىر-‏بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار» (‏يۇ‌ھاننا 13:‏34‏)‏.‏ شۇ‌نداق بولۇ‌شىغا قارىماي،‏ پېترۇ‌س كېيىنچە بېسىمغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە يە‌ھۇ‌دىي ئە‌مە‌س قېرىنداشلىرى بىلە‌ن بىر داستىخاندا تاماق يېيىشنى رە‌ت قىلغان.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س پېترۇ‌سنىڭ قىلغان ئىشىنى ساختىپە‌زلىك ياكى ئىككىيۈزلۈك دە‌پ ئاتىغان (‏گالاتىيا.‏ 2:‏11–‏14‏)‏.‏ پېترۇ‌س پاۋلۇ‌سنىڭ تۈزىتىشىنى قوبۇ‌ل قىلغان ۋە ئۇ‌نىڭدىن ساۋاق ئالغان ئىدى.‏ ئۇ يازغان ھە‌ر ئىككىلا خېتىدە قېرىنداشلىرىغا پە‌قە‌ت ھېس-‏تۇ‌يغۇ ئارقىلىقلا ئە‌مە‌س،‏ ئە‌مە‌لىي ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت ئارقىلىق سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى نامايان قىلىش كېرە‌كلىكىنى تە‌كىتلىگە‌ن.‏

10.‏ ساختىپە‌زلىكتىن خالى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىشنىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولىدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈڭ (‏1-‏پېترۇ‌س 1:‏22‏)‏.‏

10 پېترۇ‌س بىزنى چوقۇ‌م «ساختىپە‌زلىكتىن خالى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە» چاقىرغان ‏(‏1-‏پېترۇ‌س 1:‏22-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ‌نداق سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ‹ھە‌قىقە‌تكە بويسۇ‌نۇ‌شنىڭ› نە‌تىجىسىدۇ‌ر.‏ بۇ ھە‌قىقە‌ت خۇ‌دا ھە‌ممىسىگە تە‌ڭ قارايدۇ دېگە‌ن تە‌لىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 10:‏34،‏ 35‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز جامائە‌تتە پە‌قە‌تلا بە‌زى قېرىنداشلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تسە‌ك،‏ باشقىلارغا ئۇ‌نداق قىلمىساق،‏ ئۇ‌نداقتا ئە‌يسانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ھە‌ققىدىكى ئە‌مرىگە بويسۇ‌نالمايمىز (‏يۇ‌ھاننا 13:‏23؛‏ 20:‏2‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ خۇ‌ددى ئە‌يسا مە‌سىھكە ئوخشاش،‏ بىزمۇ بىرلىرىنى باشقىلارغا قارىغاندا ئۆزىمىزگە تېخىمۇ يېقىن ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س بىزگە بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى چىن قە‌لبىمىزدىن سۆيۈشىمىز،‏ يە‌نى بىر ئائىلە كىشىلە‌ردە‌ك سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسىنى ئورنىتىشقا تىرىشىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئە‌سكە‌رتكە‌ن.‏—‏1-‏پېتر.‏ 2:‏17‏.‏

11.‏ قېرىنداشلارنى چىن قە‌لبىدىن سۆيۈش نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟‏

11 پېترۇ‌س بىر-‏بىرىمىزنى چىن قە‌لبىمىزدىن سۆيۈشكە ئۈندىگە‌ن.‏ چىن قە‌لبىمىزدىن بىر-‏بىرىمىزنى سۆيۈش،‏ ھە‌تتا باشقىلارنى سۆيۈش ئاسان بولمىغان ۋە‌زىيە‌تتىمۇ يە‌نىلا پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن ئۇ‌نى سۆيۈشكە تىرىشىشنى كۆرسىتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌گە‌ر بىر قېرىندىشىمىز بىزنى خاپا قىلغان ياكى كۆڭلىمىزنى ئاغرىتقان بولسىچۇ؟‏ ناھايىتى تە‌بىئىيلا،‏ بىز ئۇ‌نىڭغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئۆچ ئالماقچى بولىمىز (‏يۇ‌ھاننا 18:‏10،‏ 11‏)‏.‏ بىراق،‏ پېترۇ‌س ئۆچ ئېلىش خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدىغانلىقىنى ئە‌يسا مە‌سىھتىن ئۆگە‌نگە‌ن (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏9‏)‏.‏ پېترۇ‌س مۇ‌نداق يازغان:‏ «يامانلىققا يامانلىق،‏ ھاقارە‌تكە ھاقارە‌ت بىلە‌ن جاۋاب قايتۇ‌رماڭلار».‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىزنى چىن قە‌لبىڭىزدىن سۆيگە‌ندىلا،‏ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتىدىغانلارغا مېھىر-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يسىز.‏

12.‏ (‏1)‏ باشقىلارنى چىن قە‌لبتىن سۆيۈشكە يە‌نە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏2)‏ «ئىناقلىقىمىزنى قە‌دىرلە‌يلى» ناملىق فىلىمدا كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ سىز قانداق مە‌قسە‌تكە قول يە‌تكۈزۈشنى خالايسىز؟‏

12 ئە‌لچى پېترۇ‌س بىرىنچى خېتىنىڭ ئاخىرىدا يە‌نە بىر قېتىم قېرىنداشلارغا چىن قە‌لبىدىن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش ھە‌ققىدە سۆز قىلغان.‏ بۇ‌نداق سۆيگۈ بە‌زى گۇ‌ناھلارنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى «كۆپلىگە‌ن گۇ‌ناھلارنى ياپىدۇ» (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏8‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ پېترۇ‌س مۇ‌شۇ جۈملىلە‌رنى يازغاندا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئۇ‌زۇ‌ن يىللار ئىلگىرى گۇ‌ناھنى كە‌چۈرۈش ھە‌ققىدە ئېيتقان تە‌لىملىرىنى قايتا ئە‌سلىگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئاشۇ ۋاقىتتا،‏ پېترۇ‌س ئۆز قېرىندىشىنى 7 قېتىم كە‌چۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا،‏ ئۇ ئۆزىنى كە‌ڭ قورساق،‏ كە‌چۈرۈمچان كىشى دە‌پ ئىشە‌نگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ پېترۇ‌سقا ۋە بىزگە 77 قېتىمغىچە كە‌چۈرۈم قىلىشنى ئېيتىپ،‏ كە‌چۈرۈمنىڭ چېكى يوقلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 18:‏21،‏ 22‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بۇ نە‌سىھە‌تنى ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىش سىز ئۈچۈن قىيىن بولسا،‏ غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلماڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ بارلىق نامۇ‌كە‌ممە‌ل خىزمە‌تچىلىرى بە‌زىدە كە‌چۈرۈم قىلىشقا قىينالغان ئىدى.‏ ھازىر سىز ئۈچۈن ئە‌ڭ مۇ‌ھىم بولغىنى،‏ پۈتۈن كۈچىڭىز بىلە‌ن قېرىندىشىڭىزنى كە‌چۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈش c‏.‏

ئاقساقاللار،‏ خۇ‌دانىڭ پادىسىدىن‌ياخشى خە‌ۋە‌ر ئېلىڭلار

13.‏ نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللارنىڭ قېرىنداشلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشى قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

13 ئە‌يسا تىرىلگە‌ندىن كېيىن پېترۇ‌سقا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «قويلىرىمغا پادىچى بولغىن» (‏يۇ‌ھاننا 21:‏16‏)‏.‏ مۇ‌شۇ سۆزلە‌ر چوقۇ‌م پېترۇ‌سنىڭ ئېسىدىن چىقمىغان.‏ ئە‌گە‌ر ئاقساقال بولسىڭىز،‏ بۇ سۆزلە‌رنىڭ سىز ئۈچۈنمۇ ئېيتىلغانلىقىنى بىلىسىز.‏ ئاقساقالنىڭ بۇ مۇ‌ھىم ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشى قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئاقساقاللار ئالدى بىلە‌ن ئۆز ئائىلىسىنىڭ جىسمانىي ئېھتىياجلىرىغا،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى ھېس قىلىپ ياشىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشىغا ياردە‌م بېرىشى كېرە‌ك.‏ ئاقساقاللار ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىدە ھە‌م باشلامچىلىق قىلىشى لازىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرى ۋە چوڭ يىغىلىشلاردىكى نۇ‌تۇ‌قلارنى ياخشى تە‌ييارلاش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشى كېرە‌ك.‏ بە‌زىلىرىنىڭ دوختۇ‌رخانا بىلە‌ن ئالاقىلىشىش كومىتېتىدا ياكى يە‌رلىك لايىھە ۋە قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش بۆلۈمىدە ۋە‌زىپىسى بار بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئاقساقاللار ھە‌قىقە‌تە‌ن ئالدىراش كىشىلە‌ر.‏

كۆيۈمچان ئاقساقاللارنىڭ ئىشلىرى كۆپ بولسىمۇ،‏ خۇ‌دانىڭ پادىلىرىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن بار كۈچىنى چىقىرىدۇ (‏14،‏ 15-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

14.‏ ئاقساقاللارنى پادىلاردىن خە‌ۋە‌ر ئېلىشقا نېمە ئۈندە‌يدۇ؟‏ (‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏1–‏4‏)‏

14 پېترۇ‌س ئاقساقاللارنى خۇ‌دانىڭ پادىلىرىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىشقا ئۈندىگە‌ن ‏(‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏1–‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىز ئاقساقال بولسىڭىز،‏ قېرىنداشلارنى چىن قە‌لبتىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ۋە ئۇ‌لارنىڭ ياخشى پادىچىسى بولۇ‌شنى خالايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز.‏ بىراق،‏ بە‌زىدە ئۆزىڭىزنى ئالدىراش ياكى ھېرىپ-‏چارچىغاندە‌ك ھېس قىلىپ،‏ بۇ ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلىماي قالىدىغانسىز.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە،‏ نېمە قىلالايسىز؟‏ غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىڭىزنى يە‌ھۋاغا ئېيتىپ،‏ ئىچ-‏باغرىڭىزنى تۆكۈپ بېرىڭ.‏ پېترۇ‌س مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏«كىمكى خىزمە‌ت قىلسا،‏ خۇ‌دا بە‌رگە‌ن كۈچكە تايىنىپ خىزمە‌ت قىلسۇ‌ن» (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏11‏)‏.‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلار بۇ دۇ‌نيادا تولۇ‌ق ھە‌ل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ شۇ‌نى ئېسىڭىزدە تۇ‌تۇ‌ڭكى،‏ باش پادىچى ئە‌يسا مە‌سىھ ئۇ‌لارغا سىزدىنمۇ ياخشىراق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ پە‌قە‌ت بۈگۈنكى كۈندىلا ئە‌مە‌س،‏ يېڭى دۇ‌نيادا شۇ‌نداق قىلالايدۇ.‏ خۇ‌دا ئاقساقاللاردىن قېرىنداشلارنى سۆيۈشنى،‏ يە‌نى خۇ‌دانىڭ پادىلىرىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىشنى ۋە ئۇ‌لارغا ئۈلگە بولۇ‌شنى كۈتىدۇ.‏

15.‏ بىر ئاقساقال پادىغا قانداق غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

15 ئۇ‌زۇ‌ن يىللار ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان ۋىليام خۇ‌دانىڭ پادىسىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى چۈشىنىدۇ.‏ يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق تاجسىمان 19-‏ۋىرۇ‌سى تارقىلىشقا باشلىغاندا،‏ ئۇ ۋە باشقا ئاقساقاللار ھە‌ر ھە‌پتىدە ئۆز گرۇ‌پپىسىدىكى ھە‌ر بىر قېرىنداش بىلە‌ن ئايرىم-‏ئايرىم ئالاقىلىشىشنى قارار قىلغان.‏ ئۇ بۇ‌نداق قىلىشنىڭ سە‌ۋە‌بىنى چۈشە‌ندۈرۈپ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار يالغۇ‌ز ياشايتتى ۋە ئۇ‌لار ناھايىتى تېزلا سە‌لبىي ئوي-‏پىكىردە بولۇ‌پ قېلىشى مۇ‌مكىن ئىدى».‏ مە‌لۇ‌م بىر ئېتىقادچى قېرىنداش قىيىنچىلىققا ئۇ‌چرىغاندا،‏ ۋىليام ئۇ‌نىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇ‌پ ئاڭلاپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئېھتىياجى ۋە غە‌م-‏ئە‌ندىشىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشقان.‏ كېيىن،‏ ئۇ شۇ قېرىنداشنىڭ ۋە‌زىيىتىگە ماس كېلىدىغان،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىدىغان فىلىملە‌ر ياكى باشقا ماتېرىياللارنى تور بېكىتىمىزدىن ئىزدىگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «خۇ‌دانىڭ پادىسىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش خىزمىتى ئىلگىرىكى ھە‌رقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا،‏ ھازىر تېخىمۇ مۇ‌ھىم!‏ بىز كىشىلە‌رنىڭ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسە‌تتۇ‌ق.‏ بىز پادىلاردىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش ئۈچۈنمۇ ئوخشاش تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ قويلىرىنىڭ ھە‌قىقە‌تتە قېلىشىغا ياردە‌م بېرىشىمىز كېرە‌ك».‏

يە‌ھۋانىڭ سىزنى تە‌ربىيىلىشىنى تاماملىشىغا يول قويۇ‌ڭ

16.‏ پېترۇ‌سنىڭ خە‌تلىرىدىن ئۆگە‌نگە‌نلىرىمىزنى قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە قوللىنالايمىز؟‏

16 بىز پېترۇ‌سنىڭ ئىككى خېتىدىكى پە‌قە‌ت بىرقانچە مۇ‌ھىم نۇ‌قتىلارنى مۇ‌ھاكىمە قىلدۇ‌ق.‏ بە‌لكىم،‏ ئۆزىڭىزنى قايسى تە‌رە‌پتىن تېخىمۇ ياخشىلاش لازىملىقىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌نسىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يېڭى دۇ‌نيادا ئېرىشىدىغان بە‌رىكە‌تلە‌ر ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك ئويلىنىشنى خالامسىز؟‏ ئىشتا،‏ مە‌كتە‌پتە ياكى باشقا نارە‌سمىي سورۇ‌نلاردا گۇ‌ۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن مە‌قسە‌ت قويدىڭىزمۇ؟‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا چىن قە‌لبىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپرە‌ك سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدە‌پ كۆرە‌لە‌مسىز؟‏ ئاقساقاللار،‏ غە‌يرە‌ت-‏جاسارە‌ت بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ قويلىرىنى بېقىشنى چىن قە‌لبىڭلاردىن قە‌تئىي قارار قىلدىڭلارمۇ؟‏ ئۆزۈڭلارغا سە‌مىمىي بولۇ‌پ،‏ ئۆز-‏ئۆزۈڭلارنى تە‌كشۈرۈپ كۆرۈڭلار.‏ مە‌لۇ‌م ئاجىزلىقلار بارلىقى ئاشكارا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن،‏ ئە‌مما ئۈمىدسىزلە‌نمە‌ڭلار.‏ «ھە‌زرىتىمىز مېھرىبان» ۋە ئۇ سىلە‌رنىڭ تېخىمۇ ياخشىراق قىلالىشىڭلارغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏3‏)‏.‏ پېترۇ‌س بىزگە ئىلھام بېرىپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «خۇ‌دا،‏ … ئۆزى سىلە‌رنىڭ تە‌ربىيىلىنىشىڭلارنى تاماملايدۇ.‏ ئۇ سىلە‌رنى چىداملىق قىلىدۇ،‏ سىلە‌رنى كۈچلە‌ندۈرىدۇ،‏ سىلە‌رنى تە‌ۋرە‌نمە‌س مۇ‌ستە‌ھكە‌م قىلىدۇ».‏—‏1-‏پېتر.‏ 5:‏10‏.‏

17.‏ ئە‌گە‌ر قە‌يسە‌ر بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ سىزنى تە‌ربىيىلىشىگە يول قويسىڭىز،‏ نە‌تىجىسى قانداق بولىدۇ؟‏

17 پېترۇ‌س ئىلگىرى ئۆزىنى ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن بىللە بولۇ‌شقا لايىق ئە‌مە‌س ھېس قىلغان ئىدى (‏لۇ‌قا 5:‏8‏)‏.‏ لېكىن،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ۋە مە‌سىھ ئە‌يسا مېھىر-‏شە‌پقە‌ت بىلە‌ن داۋاملىق پېترۇ‌سقا ياردە‌م بە‌رگە‌چ،‏ پېترۇ‌س بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ي،‏ ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن مە‌سىھكە ئە‌گە‌شكە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ پېترۇ‌س «ھە‌زرىتىمىز ۋە قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چىمىز ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ مە‌ڭگۈلۈك پادىشاھلىقىغا كىرىش بۈيۈك شان-‏شە‌رىپىگە ئىگە» بولغان ئىدى (‏2-‏پېتر.‏ 1:‏11‏)‏.‏ نېمە دېگە‌ن ئالاھىدە مۇ‌كاپات!‏ ئە‌گە‌ر پېترۇ‌سقا ئوخشاش قە‌يسە‌ر بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ سىزنى تە‌ربىيىلىشىگە يول قويسىڭىز،‏ سىزمۇ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىق مۇ‌كاپاتىغا ئېرىشىسىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ‹ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنىڭ مە‌قسە‌ت-‏مۇ‌ددىئاسىغا يېتىسىز،‏ يە‌نى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئېرىشىسىز›.‏—‏1-‏پېتر.‏ 1:‏9‏.‏

25-‏ناخشا ھە‌قىقىي شاگىرت بولۇ‌شنىڭ بە‌لگىسى

a پېترۇ‌سنىڭ خە‌تلىرىدىن بە‌زى تە‌جرىبە-‏ساۋاقلارنى ئۆگىنىمىز.‏ شۇ‌لار قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لىشىمىز ئۈچۈن بىزگە كۈچ بېرىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئاقساقاللارنىڭ پادىچى بولۇ‌ش مە‌سئۇ‌لىيىتىنى قانداق ئادا قىلىشنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

b ئېھتىمال،‏ مىلادى 66-‏يىلى،‏ رىملىقلار بىرىنچى قېتىم يېرۇ‌سالىمغا ھۇ‌جۇ‌م قىلىشتىن ئىلگىرى،‏ پە‌لە‌ستىندا ياشايدىغان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى پېترۇ‌سنىڭ ئىككى پارچە خېتىنى تاپشۇ‌رۇ‌ۋالغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

c ‏jw.org تور بېكىتىدىكى «‏ئىناقلىقىمىزنى قە‌دىرلە‌يلى‏» (‏باشقا تىل)‏ ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.‏