تەتقىق قىلىش
ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەندە
يارىتىلىش 37:23–28؛ 39:17–23-نى ئوقۇپ، يۈسۈپنىڭ ئادالەتسىزلىككە قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ.
ئالدى-كەينىدىكى ئايەتلەرگە قاراڭ. باشقىلار نېمە ئۈچۈن يۈسۈپكە ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلغان؟ (يارىت. 37:3–11؛ 39:1، 6–10) يۈسۈپ ئادالەتسىزلىككە قانچە ئۇزۇن ۋاقىت بەرداشلىق بەرگەن؟ (يارىت. 37:2؛ 41:46) شۇ مەزگىلدە، يەھۋا يۈسۈپكە ياردەم بېرىپ نېمە قىلغان؟ نېمە قىلمىغان؟—يارىت. 39:2، 21؛ كم23.01 17 13.
چوڭقۇرراق قېزىڭ. پوتىپارنىڭ ئايالى يۈسۈپكە تۆھمەت قىلغان بولسىمۇ، مۇقەددەس كىتابتا يۈسۈپنىڭ ئۇنىڭ يالغانچىلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكى يېزىلمىغان. تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى ئوقۇپ، ئويلىنىپ كۆرۈڭ: يۈسۈپ نېمە ئۈچۈن گەپ قىلماي جىم تۇرۇشنى تاللىغان؟ نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب بارلىق تەپسىلاتلارنى ئاشكارا قىلىشى كېرەك دەپ كۈتمەسلىكىمىز لازىم؟ (پەند. نە 20:2؛ يۇھاننا 21:25؛ ئەلچى. 21:37) يۈسۈپنىڭ ئادالەتسىزلىككە بەرداشلىق بېرىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟—مىكاھ 7:7؛ لۇقا 14:11؛ ياقۇپ 1:2، 3.
بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنىمەن؟ ئۆز-ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ:
-
مەسىھ ئەگەشكۈچىسى سۈپىتىدە، قانداق ئادالەتسىزلىككە دۇچ كېلىشىم مۇمكىن؟ (لۇقا 21:12، 16، 17؛ ئىبرانىي. 10:33، 34)
-
ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەندە بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن ئۆزىمنى قانداق تەييارلىيالايمەن؟ (زەبۇر 62:7، 8؛ 105:17–19؛ كم19.07 2—7)