18-تەتقىق ماقالىسى
1-ناخشا يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى
«پۈتكۈل يەر-جاھاننىڭ سوتچىسى» رەھىم-شەپقەتلىك يەھۋاغا ئىشىنىڭ!
«پۈتكۈل زېمىننىڭ سوتچىسى ئادىل ئىش قىلماسمۇ؟!»—يارىت. 18:25.
مەركىزى ئىدىيە
يەھۋانىڭ ھەققانىي بولمىغان كىشىلەر ھەققىدە ئادىللىقى ۋە رەھىم-شەپقىتىگە بولغان چۈشەنچىڭىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇڭ.
1. يەھۋا ئىبراھىمغا كىشىگە تەسەللى بېرىدىغان قانداق ھەقىقەتنى ئۆگەتكەن؟
ئىبراھىم پەيغەمبەر ئۆمۈر بويى شۇنداق بىر سۆھبەتنى چوقۇم ئۇنتۇمىغان. خۇدا بىر پەرىشتىسى ئارقىلىق ئىبراھىمغا سودوم ۋە گومورا شەھەرلىرىنى يوق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. گەرچە ئىبراھىم خۇداغا ئىشەنگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ قارارنى چۈشىنىش ئىنتايىن قىيىن بولغان. شۇڭا، ئۇ مۇنداق سورىغان: «سەن ھەققانىي كىشى بىلەن رەزىل كىشىنى قوشۇپ تەڭلا ھالاك قىلامسەن؟ … پۈتكۈل يەر-جاھاننىڭ سوتچىسى ئادىل ئىش قىلماسمۇ؟». يەھۋا سەۋرچانلىق بىلەن بۇ يېقىن دوستىغا شۇنداق مۇھىم بىر ھەقىقەتنى ئۆگەتكەن. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ھەممىمىزگە تەسەللى بېرىدۇ، يەنى خۇدا ھەرگىز ھەققانىي كىشىلەرنى يوق قىلمايدۇ.—يارىت. 18:23–33.
2. يەھۋانىڭ ئادالەت ۋە رەھىم-شەپقەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
2 يەھۋا باشقىلارغا ھۆكۈم چىقارغاندا، ئۇ ھەردائىم ئادالەت ۋە رەھىم-شەپقەت بىلەن ھۆكۈم چىقارغانلىقىغا قانداق ئىشىنەلەيمىز؟ چۈنكى، بىز بىلىمىزكى «يەھۋا قەلبكە قارايدۇ» (1-سام. 16:7). ئەمەلىيەتتە، ئۇ «پۈتكۈل قەلبلەرنى» بىلىدۇ (1-پادىشاھ. 8:39؛ 1-تارىخ. 28:9). بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەقىقەت. يەھۋانىڭ ھېكمەتلىرى بىزنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىمىزدىن چەكسىز. شۇڭا، ھەردائىم ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بەزى قارارلارنى چىقىرىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنەلمەيمىز. شۇنىڭغا مۇۋاپىق ھالدا ئەلچى پاۋلۇس يەھۋا ھەققىدە مۇنداق سۆزلەرنى قىلغان: «ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەقىل يەتمەس».—رىملىقلار 11:33.
3، 4. بىز بەزى ۋاقىتلاردا نېمە توغرىسىدا ئويلىشىمىز مۇمكىن ۋە بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟ (يۇھاننا 5:28، 29)
3 بىز بەلكىم ئىبراھىم پەيغەمبەرگە ئوخشاش سوئاللارنى سورىغاندىمىز. ھەتتا يەنە شۇنداق ئويلىغاندىمىز: «يەھۋا سودوم ۋە گومورا شەھەرلىرىدىكى كىشىلەرنى يوق قىلغانلارنىڭ بەزىلىرى كېلەچەكتە تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟ شۇلارنىڭ بەزىلىرى تىرىلدۈرۈلىدىغان ھەققانىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا بولامدۇ؟»—ئەلچى. 24:15.
4 قايتا تىرىلىش ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىزنى قايتا كۆرۈپ چىقايلى. بىز يېقىندا «ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىلىش» بىلەن «ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلىش» ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق a (يۇھاننا 5:28، 29-نى ئوقۇڭ). مۇشۇ چۈشەنچە بىزنى تېخىمۇ ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلدى. مۇشۇ ۋە كېيىنكى ماقالىدە شۇلار ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز. يەھۋانىڭ ھەققانىي ھۆكۈملىرى توغرىسىدا، بىز ئالدى بىلەن نېمىنى بىلمەيمىز ۋە كېيىن نېمىنى بىلىمىز دېگەنلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز.
بىز نېمىنى بىلمەيمىز
5. ئىلگىرىكى نەشرىي ماتېرىياللىرىمىزدا سودوم ۋە گومورا ھەققىدە نېمە دېيىلگەن؟
5 ئىلگىرى نەشرىي ماتېرىياللىرىمىزدا يەھۋا ھەققانىي ئەمەس دەپ ھۆكۈم قىلغانلارغا نېمە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆگەنگەن ئىدۇق. بىز ئۇلارنىڭ سودوم ۋە گومورا شەھەرلىرىدىكى كىشىلەرگە ئوخشاش كېلەچەكتە ئۈمىدى بولمايدۇ دېگەن ئىدۇق. ئەمما، داۋاملىق دۇئا قىلىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىز كېسىپ شۇنداق دېيەلمەيدىغانلىقىمىزنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتۇق.
6. يەھۋانىڭ ھەققانىي ئەمەس كىشىلەرگە قارشى چىقارغان ھۆكۈملىرى توغرىسىدا مىسال كەلتۈرۈڭ.
6 بىر قاتار سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈڭ. مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى ئۈزۈندىلەردە يەھۋانىڭ ھەققانىي ئەمەس كىشىلەرگە قارشى چىقارغان ھۆكۈملىرى تەسۋىرلەنگەن. مەسىلەن، توپان سۈيىدە ھالاك بولغانلارنىڭ سانى ياكى يەھۋا ئۆز خەلقىنى ۋەدە قىلىنغان زېمىندا يوق قىلىشقا بۇيرىغان يەتتە مىللەتتىن قانچىلىك ئادەم ئۆلگەنلىكى بىزگە نامەلۇم. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋانىڭ بىر پەرىشتىسى بىر كېچىدە 185 000 ئاسسۇرىيىلىك ئەسكەرلەرنى ئۆلتۈرگەن (يارىت. 7:23؛ تەكرار. قا 7:1–3؛ يەشايا 37:36، 37). مۇشۇ بارچە ۋەزىيەتلەردە مۇقەددەس كىتاب بىزگە يەھۋا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلارنىڭ ھەربىرى مەڭگۈگە ھالاك قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى قايتا تىرىلدۈرۈلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دەپ بېرەمدۇ؟ ياق، دەپ بەرمەيدۇ. نېمىشقا شۇنداق دېيەلەيمىز؟
7. بىز توپان سۈيى ياكى قانان زېمىنىدا بولغان ئۇرۇشلاردا ھالاك قىلىنغان ئىنسانلار ھەققىدە نېمىنى بىلمەيمىز؟ ( قاراڭ)
7 بىز يەھۋانىڭ ھەربىر كىشى ئۈستىدىن شەخسەن قانداق ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى بىلمەيمىز. يەنە شۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يەھۋا ھەققىدە ئۆگىنىپ، توۋا قىلىش پۇرسىتى بولغان-بولمىغانلىقىنى بىلمەيمىز. مۇقەددەس كىتابتا توپان سۈيى ھەققىدە ئېيتىلغاندا، نۇھ پەيغەمبەرنىڭ «ھەققانىيلىقنى جاكارلىغۇچى» بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ (2-پېتر. 2:5). بىراق، نۇھ غايەت يوغان كېمىنى ياساۋاتقاندا، ئۇنىڭ يەر-يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەربىرىنى شەخسەن توپان سۈيى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز قانان زېمىنىدا ياشىغان بارلىق رەزىل كىشىلەرنىڭ يەھۋا ھەققىدە ئۆگىنىپ، يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ئۆزگىرىش پۇرسىتى بولغانلىقىنى بىلمەيمىز.
8. بىز سودوم ۋە گومورادا ياشىغان ئادەملەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلمەيمىز؟
8 يەھۋا سودوم ۋە گومورا شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلغاندا، ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرچۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لۇت ئىسىملىك بىر ھەققانىي كىشى ياشىغان ئىدى. ئەمما، بىز لۇتنىڭ شۇ شەھەرلەردىكى بارلىق كىشىلەرگە ۋەز قىلغانلىقىنى بىلىمىزمۇ؟ ياق، بىلمەيمىز! ئۇلار ھەقىقەتەن رەزىل كىشىلەر ئىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى نېمە توغرا، نېمە خاتا ئىكەنلىكىنى بىلگەنمۇ؟ قارىماققا، ئۇلار بىلمىگەن. ئەمەلىيەتتە، سودومدىكى بىر توپ ئەرلەرنىڭ لۇتنىڭ ئۆيىگە كەلگەن مېھمانلارغا باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولغانلىقىنى ئەسلەپ كۆرەيلى. مۇقەددەس كىتاب ئاشۇ ئەرلەرنىڭ ئارىسىدا قېرىلار ۋە ياشلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتىدۇ (يارىت. 19:4؛ 2-پېتر. 2:7). رەھىم-شەپقەتلىك خۇدا يەھۋا شۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ كېلەچەكتە تىرىلمەيدىغانلىقىنى قارار قىلغانمۇ؟ ياق، بىز ئۇنى بىلمەيمىز! يەھۋا ئىبراھىمغا ئاشۇ شەھەردە ھەتتا ئون ھەققانىي ئادەم تېپىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان (يارىت. 18:32). شۇڭلاشقا، ئۇلار ھەقىقەتەن ھەققانىي ئەمەس كىشىلەر بولۇپ، يەھۋا ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئادالەت بىلەن جاۋابكارلىققا تارتقان. ئۇنداقتا، بىز ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ھېچقايسى ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلمەيدۇ دەپ ئېيتالايمىزمۇ؟ ياق، بىز كېسىپ ئېيتالمايمىز.
9. بىز سۇلايمان ھەققىدە نېمىلەرنى بىلمەيمىز؟
9 يەنە بىر تەرەپتىن، بىز مۇقەددەس كىتابتىن ھەققانىي كىشىلەرنىڭ ھەققانىي ئەمەسلەرگە ئۆزگەرگەنلىكىنى ئوقۇيالايمىز. بۇنىڭ بىر مىسالى سۇلايمان پادىشاھ. ئۇ خۇدانىڭ يوللىرىنى تولۇق ئۆگەنگەن ۋە يەھۋا ئۇنى كۆپ بەرىكەتلىگەن ئىدى، ئەمما ئۇ كېيىن ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭ گۇناھلىرى يەھۋانىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغاپ، بارلىق ئىسرائىل خەلقى نەچچە يۈز يىل سۇلايماننىڭ گۇناھلىرى سەۋەبلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەككەن. ئىلگىرى ئۇزۇن يىللار بىز سۇلايمان تىرىلدۈرۈلىدۇ دەپ قاراپ كەلگەن، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلار سۇلايماننىڭ داۋۇت پادىشاھقا ئوخشاش سادىق كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆز ئەجداتلىرى بىلەن بىللە دەپنە قىلىنغانلىقىنى ئېيتىدۇ (1-پادىشاھ. 11:5–9، 43؛ 2-پادىشاھ. 23:13). ئەمما، ئۇنىڭ شۇنداق دەپنە قىلىشى، يەھۋانىڭ كەلگۈسىدە سۇلايماننى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا ھېچنېمە دېيىلمىگەن. لېكىن بەزىلەر تىرىلدۈرۈلىدۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن، سەۋەبى مۇقەددەس كىتاب: «ئۆلگەن كىشى گۇناھىدىن ئازاد بولغان بولىدۇ»،— دەيدۇ (رىملىقلار 6:7). توغرا، شۇنداق يېزىلغان. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. دېمەك، بۇ بىر كىشى ئۆلگەندىن كېيىن، قايتا ياشاش ھوقۇقى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. تىرىلدۈرۈلۈش رەھىم-شەپقەتلىك خۇدايىمىزدىن كەلگەن بىر سوۋغات. ئۇ ئۇشبۇ سوۋغاتنى ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىبادەت قىلىشنى خالايدىغانلارغا بېرىدۇ (ئايۇپ 14:13، 14؛ يۇھاننا 6:44). ئۇنداقتا، سۇلايمان بۇ سوۋغاتقا ئېرىشەلەمدۇ؟ جاۋابنى پەقەت يەھۋا بىلىدۇ؛ بىز بىلمەيمىز. بىز شۇنى بىلىمىزكى، يەھۋا جەزمەن ئادىل ئىش قىلىدۇ.
بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز
10. يەھۋا ئادەملەرنىڭ ھالاك بولۇشىغا قانداق قارايدۇ؟ (ھەزەكىيال 33:11) (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
10 ھەزەكىيال 33:11-نى ئوقۇڭ. بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز ئىنسانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كەلگەندە، يەھۋا ئۆزىنىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدىغانلىقىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ. ئەلچى پېترۇس ھەزەكىيال پەيغەمبەرنىڭ يازغانلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان مۇنداق سۆزلەرنى قىلغان: «يەھۋا … ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ» (2-پېتر. 3:9). مۇشۇ كىشىگە تەسەللى بېرىدىغان ھەقىقەتكە ئاساسەن، بىز يەھۋا خۇدانىڭ بىراقلا پۈتكۈل ئىنسانلارنى دەرھال ھالاك قىلىۋېتىشكە ئالدىرىمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇ ئىنتايىن رەھىم-شەپقەتلىك، مۇمكىن قەدەر كىشىلەرگە ھەمىشە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ.
11. كىم تىرىلدۈرۈلمەيدۇ ۋە بۇنى قەيەردىن بىلىمىز؟
11 بىز تىرىلدۈرۈلمەيدىغان كىشىلەر ھەققىدە نېمىنى بىلىمىز؟ مۇقەددەس كىتابتا پەقەت بىرقانچە مىسال تىلغا ئېلىنغان b. ئەيسا مەسىھ ئىشقارىيوتلۇق يەھۇدانىڭ تىرىلدۈرۈلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن (ماركۇس 14:21؛ يۇھاننا 17:12-ئايەتلەرگىمۇ قاراڭ). يەھۇدا بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن يەھۋا خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا قارشى ئىشنى قىلغان (ماركۇس 3:29). شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەيسا ئۆزىگە قارشى چىققان بەزىبىر دىنىي رەھبەرلەرنىڭ قايتا تىرىلىش ئۈمىدى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان (مەتتا 23:33؛ يۇھاننا 19:11-ئايەتلەرگىمۇ قاراڭ). ئەلچى پاۋلۇسمۇ توۋا قىلمايدىغان ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرگۈچىلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.—ئىبرانىي. 6:4–8؛ 10:29.
12. بىز يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقىتى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
12 بىراق، بىز يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقىتى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىمىز؟ ئۇ ئۆزىنىڭ ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ ئۇنىڭ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرگە قانداق رەھىم-شەپقەت قىلغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. پادىشاھ داۋۇت زىنا ۋە قاتىللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ئېغىر گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەن. لېكىن، داۋۇت توۋا قىلغاچقا، يەھۋا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئۇنى كەچۈرگەن (2-سام. 12:1–13). پادىشاھ ماناسسەنىڭ ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسىمى رەزىل ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆتكەن. ھەتتا ئۇ چېكىدىن ئاشقان گۇناھكار بولسىمۇ، يەھۋا ئۇنىڭ توۋا قىلغىنىغا قاراپ، رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىپ ئۇنى كەچۈرگەن (2-تارىخ. 33:9–16). مۇشۇ مىساللار بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشكە سەۋەب تېپىلسا، يەھۋا ھەردائىم رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ. ئۇ كېلەچەكتە شۇنداق كىشىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە توۋا قىلغان.
13. (1) نېمە ئۈچۈن يەھۋا نىنەۋى خەلقىگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەن؟ (2) كېيىن ئەيسا مەسىھ نىنەۋىلىكلەر ھەققىدە نېمە دېگەن؟
13 بىز يەنە يەھۋانىڭ نىنەۋى شەھىرىدىكى خەلققە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىمىز. خۇدا يۇنۇس پەيغەمبەرگە شۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرى دىققىتىمنى تارتتى». بىراق، شۇ شەھەر خەلقى گۇناھلىرى ئۈچۈن توۋا قىلغاندا، يەھۋا مېھرىبانلىق بىلەن ئۇلارنى كەچۈرگەن. يەھۋا يۇنۇسقا قارىغاندا كۆپ رەھىم-شەپقەتلىك ئىدى. يۇنۇس پەيغەمبەر غەزەپلەنگەن ۋە خۇدا ئۇنى ئەسكەرتىپ، نىنەۋى شەھىرىدىكىلەرنىڭ «ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى ئايرىپ ئالمايدىغان» كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان (يۇنۇس 1:1، 2؛ 3:10؛ 4:9–11). كېيىن، ئەيسا ئاشۇ مىسالنى ئىشلىتىپ، يەھۋانىڭ ئادالىتى ۋە رەھىم-شەپقىتى ھەققىدە تەلىم بەرگەن. ئەيسا توۋا قىلغان نىنەۋى خەلقىنىڭ ھۆكۈم كۈنى تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.—مەتتا 12:41.
14. نىنەۋىلىكلەر ‹ھۆكۈم كۈنى تىرىلىپ تۇرىدۇ› دېگەن سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
14 نىنەۋى خەلقى ‹ھۆكۈم كۈنى تىرىلىپ تۇرىدۇ› دېگەن سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئەيسا كېلەچەكتە «ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلىش» بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەلىم بەرگەن (يۇھاننا 5:29). شۇ چاغدا، ئۇ ئۆزىنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان مەزگىلنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق دېگەن. شۇ مەزگىلدە «ھەققانىيلار بىلەن ھەققانىي ئەمەسلەر» قايتا تىرىلىدۇ (ئەلچى. 24:15). ھەققانىي ئەمەس كىشىلەر «ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلىدۇ». دېمەك، يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە خۇدا ھەققىدىكى تەلىملەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى كۈزىتىپ باھالايدۇ. ئەگەر ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەن بىر نىنەۋىلىك كىشى ھەق ئىبادەتكە قوشۇلۇشنى رەت قىلسا، يەھۋا ئۇنىڭ داۋاملىق ھايات ياشىشىغا يول قويمايدۇ (يەشايا 65:20). ئەمما، يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىبادەت قىلىشنى تاللىغان بارچە كىشىلەر رەھىم-شەپقەتلىك بىلەن ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتى بولىدۇ.—دانىيال 12:2.
15. (1) نېمە ئۈچۈن سودوم ۋە گومورا شەھەرلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھېچبىرى تىرىلدۈرۈلمەيدۇ دەپ ئېنىق ئېيتالمايمىز؟ (2) يەھۇدا 7 ئايەتتىكى سۆزلەرنى قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؟ (« يەھۇدا نېمە دېمەكچى بولغان؟» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
15 سودوم ۋە گومورا خەلقى ھەققىدە سۆز قىلغاندا، ئەيسا «ھۆكۈم كۈنىدە» ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلىدىغان ھۆكۈم، ئەيسانىڭ زامانىدا ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەلىملىرىنى رەت قىلغان كىشىلەردىن ياخشىراق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان (مەتتا 10:14، 15؛ 11:23، 24؛ لۇقا 10:12). ئۇ نېمە دېمەكچى بولغان؟ بىز بەلكىم ئەيسا مۇشۇ ۋەزىيەتتە بىر مۇبالىغە ئىشلىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى تەكىتلىگەن دەپ قارىشىمىز مۇمكىن. بىراق، ئەيسا ئۇدۇل مەنىدە سودوم ۋە گومورا خەلقى ھەققىدە سۆزلىگەن c. مۇشۇ يەردە ئەيسا نىنەۋىلىكلەر «ھۆكۈم كۈنى» تىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇدۇل مەنىدە شۇنداق بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان ئىدى. نىنەۋىلىكلەرگە ئوخشاش، سودوم ۋە گومورالىقلارمۇ رەزىل ئىشلارنى قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسانىڭ «ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلىش» ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئەستە ساقلاڭ. ئۇ «يامانلىق قىلغانلار»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (يۇھاننا 5:29). دېمەك، بەلكىم سودوم ۋە گومورا شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ ئاز بىر قىسىملىرى تىرىلدۈرۈلۈشى ۋە بىز ئۇلارغا يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھ ھەققىدە تەلىم بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.
16. يەھۋانىڭ تىرىلدۈرۈشكە قارىتا قانداق ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىمىز؟ (يەرەمىيا 17:10)
16 يەرەمىيا 17:10-نى ئوقۇڭ. بۇ ئايەت بىزگە يەھۋانىڭ قانداق ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. يەھۋا ئەزەلدىن «قەلبنى تەكشۈرۈپ، نىيەت-مەقسەتلەرنى سىنىغۇچىدۇر». كەلگۈسى تىرىلدۈرۈشكە كەلسەك، خۇدا ھەربىر كىشىگە «تۇتقان يوللىرىغا قاراپ» ھۆكۈم چىقىرىدۇ. يەھۋا زۆرۈر بولغاندا قاتتىق تۇرىدۇ، بىراق قاچان رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشكە پۇرسەت تۇغۇلسا، رەھىمدىل بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر مۇقەددەس كىتابتا ئېنىق بىر نەرسە دېيىلگەنلىكىنى بىلمىسەك، بىر كىشى تىرىلدۈرۈلمەيدۇ دەپ خۇلاسە چىقارماسلىقىمىز كېرەك.
«پۈتكۈل يەر-جاھاننىڭ سوتچىسى» ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ
17. ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرگە كېلەچەكتە نېمە بولىدۇ؟
17 ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا شەيتانغا قوشۇلۇپ يەھۋا خۇداغا ئىسىيان كۆتەرگەندىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر مىلياردلىغان ئىنسانلار ئۆلۈپ كەتتى. ھەقىقەتەن دۈشمىنىمىز بولغان ئۆلۈم كۆپ مول ھوسۇلىنى يىغدى (1-كورىنت. 15:26). ئۇنداقتا، ئاشۇ كىشىلەرگە نېمە بولىدۇ؟ سانى چەكلىك، يەنى 144 000 مەسىھنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرى تىرىلدۈرۈپ، ئاسماندا ئۆلمەس ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ (ۋەھىي. 14:1). كۆپ سانىدىكى يەھۋانى سۆيىدىغان باشقا ئەر-ئاياللار تىرىلدۈرۈلىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئەيسانىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ، ئاخىرقى سىناق ۋاقتىدا سادىق بولۇپ قالسا، يەر يۈزى جەننەتتە مەڭگۈ ياشايدۇ (دانىيال 12:13؛ ئىبرانىي. 12:1). يەنە مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە ھەققانىي ئەمەسلەر، يەنى ھېچقاچان يەھۋاغا ئىبادەت قىلمىغان ياكى يامانلىق قىلغانلار تىرىلدۈرۈلۈپ، ئۆزلىرىنىڭ يامان ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، يەھۋا خۇداغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ (لۇقا 23:42، 43). شۇنداقتىمۇ، بەزى كىشىلەر ئىنتايىن رەزىل بولغاچ، يەھۋا ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىگە قارشى ئىسىيان كۆتۈرۈشنى قارار قىلغاچ، يەھۋا ئۇلارنى تىرىلدۈرمەسلىكنى قارار قىلغان.—لۇقا 12:4، 5.
18، 19. (1) نېمە ئۈچۈن يەھۋا ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقارغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەلەيمىز؟ (يەشايا 55:8، 9) (2) كېيىنكى ماقالىدە بىز نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
18 يەھۋا كىشىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغاندا، ئۇ ھەردائىم ئادىل ھۆكۈم چىقارغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەلەيمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە! «پۈتكۈل يەر-جاھاننىڭ سوتچىسى» يەھۋا خۇددى ئىبراھىم ياخشى تونۇغاندەك مۇكەممەل، ئەقىل-پاراسىتى چەكسىز، رەھىم-شەپقەتلىك خۇدادۇر. ئۇ ئاللىقاچان ئۆز ئوغلى ئەيسانى تەربىيىلەپ، پۈتكۈل ھۆكۈم قىلىش ئىشىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان (يۇھاننا 5:22). ئاتا ۋە ئوغۇل ھەر ئىككىسى ھەربىر ئىنساننىڭ قەلبىدە نېمە بارلىقىنى بىلەلەيدۇ (مەتتا 9:4). ھەربىر ۋەزىيەتتە ئۇلار چوقۇم ئادىل ئىش قىلىدۇ!
19 يەھۋانىڭ بارىچە چىقارغان قارارلىرىنىڭ چوقۇم توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە قەتئىي بەل باغلايلى. شۇنى ئېتىراپ قىلىمىزكى، بىزنىڭ ھۆكۈم قىلىش سالاھىيىتىمىز يوق، ئەمما شۇنداق قىلىشقا پەقەت يەھۋا ھوقۇقلۇق! (يەشايا 55:8، 9-نى ئوقۇڭ) شۇڭلاشقا، بىز يەھۋا ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ بارلىق ھۆكۈمنىڭ ئادىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، پادىشاھىمىز ئەيسا ئاتىسىنى مۇكەممەل ئۈلگە قىلىپ، ئادالەت ۋە رەھىم-شەپقەت بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز (يەشايا 11:3، 4). دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە، يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ كىشىلەرنى ھۆكۈم قىلىشى ھەققىدە بىز نېمە دېيەلەيمىز؟ بىز نېمىنى بىلىمىز ۋە نېمىنى بىلمەيمىز؟ كېيىنكى ماقالىدە مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.
142-ناخشا ھەرخىل ئىنسانلارغا ۋەز قىلىمىز
b ئادەم-ئاتا، ھاۋا-ئانا ۋە قابىل توغرۇلۇق بىلىش ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلى، 2013-يىل، يانۋار سانى (باشقا تىلدا)، 12-بەتكە قاراڭ.
c مۇبالىغە (ئوخشىتىش) — بىر نۇقتىنى ئوتتۇرىغا مەقسەتلىك ۋە ئېنىق قويۇش ئۈچۈن ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇپ بايان قىلىش. ئەمما، ئەيسانىڭ سودوم ۋە گومورا خەلقى توغرىسىدىكى سۆزى ئۇدۇل مەنىدە ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇ ئوخشىتىش ئەمەس.