16-تەتقىق ماقالىسى
ئۆزىڭىزدە بار ئەڭ ياخشىسىنى يەھۋاغا بېرىپ، خۇشاللىق تېپىڭ
«ھەركىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى كۆزدىن كەچۈرسۇن».—گالاتىيا. 6:4.
10-ناخشا «مانا مەن، ئەۋەت مېنى!»
بۇ ماقالىدە a
1. نېمىلەردىن زور خۇشاللىقنى تاپىمىز؟
ياراتقۇچى يەھۋا خۇشال بولۇشىمىزنى خالايدۇ. بىز بۇنى نەدىن بىلىمىز؟ سەۋەبى، خۇشاللىق مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىدۇر (گالاتىيا. 5:22). «ھەركىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى كۆزدىن كەچۈرسۇن» دېگەن سۆزلەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىش بىلەن بەنت بولۇش ۋە ئېتىقادداشلارغا تۈرلۈك يوللار بىلەن ياردەم بېرىشتىن زور خۇشاللىق تاپىمىز.—ئەلچى. 20:35.
2، 3. (1) گالاتىيالىقلار 6:4-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، قانداق ئىككى نەرسە خۇشاللىقنى ساقلاپ قېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ؟ (2) بۇ ماقالىدە بىز نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2 ئەلچى پاۋلۇس گالاتىيالىقلار 6:4-ئايەتتە، (ئوقۇڭ) خۇشاللىقنى ساقلاپ قېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان ئىككى نەرسىنى تىلغا ئالغان. بىرىنچىسى، تەڭرى يەھۋاغا ئۆزىمىزدە بار ئەڭ ياخشىسىنى بېرىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزدە بار ئەڭ ياخشىسىنى ئۇنىڭغا بەرسەك، خۇشاللىقنى ھېس قىلىمىز (مەتتا 22:36–38). ئىككىنچىسى، بىز ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماسلىقىمىز لازىم. تەن-سالامەتلىكىمىز، ماھارىتىمىز ياكى قابىلىيەتلىرىمىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز يەھۋاغا مىننەتدار بولۇشىمىز لازىم. سەۋەبى، ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىزگە ھەدىيە قىلغان. باشقا تەرەپتىن، قېرىنداشلىرىمىز ۋەز خىزمەتتە بىزدىن ياخشىراق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرسە، ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، ئۇلار قابىلىيەتلىرىنى باشقىلاردىن ياخشىراق كۆرۈنۈش ياكى ئۆز پايدا-مەنپەئىتىنى كۆزلەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يەھۋا خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئۇلاردىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك.
3 بۇ ماقالىدە، ئۆزىمىز خالىغاندەك كۆپرەك خىزمەت قىلالمىساق، بىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىمىزدە بار قابىلىيەتلەرنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا ئىشلىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايمىز ۋە باشقىلاردىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز دېگەنلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
ئۆزىمىز خالىغاندەك كۆپرەك خىزمەت قىلالمىغاندا
4. نېمە بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشى مۇمكىن؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
4 خۇدانىڭ بەزى خىزمەتچىلىرى ياشىنىپ قالغاچ ياكى تەن-سالامەتلىكى ناچار بولغاچ، ئۆزلىرى خالىغاندەك خۇداغا كۆپرەك خىزمەت قىلالماي، چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ قالىدۇ. كارول ئىسىملىك قېرىندىشىمىز بۇنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. ئۇ ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ئېھتىياجلىق جايغا كۆچۈپ بېرىپ، خىزمەت قىلغان ئىدى. شۇ يەردە بولغاندا، ئۇ 35 كىشى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەن. شۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشقا ياردەم بەرگەن. ئېنىقكى، كارول قېرىنداش ۋەز خىزمىتىدە كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن! كېيىن، ئۇنىڭ تەن-سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۆيىدىن چىقماسلىققا توغرا كەلگەن ئىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «كېسىلىم سەۋەبلىك باشقىلارغا ئوخشاش كۆپرەك خىزمەت قىلالمايدىغانلىقىمنى چۈشىنىمەن. شۇڭا، ئىمان-ئېتىقادىمنى ئۇلارنىڭىكىگە ئوخشاش كۈچلۈك ئەمەستەك ھېس قىلىمەن. ئۆزۈم خالىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن بەك ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىمەن». بۇ قېرىنداش يەھۋاغا ئۆزىدە بار ئەڭ ياخشىسىنى بېرىشنى خالايدۇ ۋە ئۇ ھەقىقەتەن ماختاشقا لايىق! بىز شۇنىڭغا ئىشىنەلەيمىزكى، دەردىمىزگە ھەمدەرت بولىدىغان خۇدايىمىز كارولنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى بەك قەدىرلەيدۇ!
5. (1) كۆپرەك خىزمەت قىلىش قولۇڭىزدىن كەلمەي، روھىڭىز چۈشۈپ كەتسە، نېمىنى ئەستىن چىقارماسلىقىڭىز كېرەك؟ (2) رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، بۇرادەر يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتا ئۆزىدە بار ئەڭ ياخشىسىنى داۋاملىق بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلىۋاتىدۇ؟
5 ئەگەر كۆپرەك خىزمەت قىلىش قولۇڭىزدىن كەلمەي، ئۈمىدسىزلەنگەن بولسىڭىز، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن: «يەھۋا خۇدا مېنىڭدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟»— دەپ سوراڭ. ئۇ سىزدىن ئۆزىڭىزدە بار ئەڭ ياخشىسىنى بېرىشىڭىزنى كۈتىدۇ. بىر ۋەزىيەتنى كۆرۈپ چىقايلى. يېشى 80گە كەلگەن قېرىنداش، بۈگۈنكى كۈندە 40 يېشىدا خىزمەت قىلغىنىدەك، كۆپرەك خىزمەت قىلالمىغاچ، ئۈمىدسىزلەندى دەيلى. ئۇ ھەتتا خۇداغا ئۆزۈمدە بار ئەڭ ياخشىسىنى بېرىشكە تىرىشساممۇ، ئۇ بۇنىڭدىن خۇرسەن بولمايدۇ دەپ ئويلايدۇ. لېكىن بۇ توغرىمۇ؟ بۇنى ئويلاپ كۆرۈڭ: قېرىندىشىمىز 40 يېشىدا خۇداغا ئەڭ ياخشىسىنى بەرگەن بولسا، ئۇ ھەتتا 80 يېشىدىمۇ شۇنداق قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسا، دېمەك ئۇ ئۆزىدە بار ئەڭ ياخشىسىنى بېرىشىنى ھېچقاچان توختاتمىغان. بىزمۇ يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئانچە ياخشىسىنى بېرەلمەيۋاتىمەن دەپ ئويلىساق، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ بىز يەھۋانى نېمە خۇشال قىلىدىغانلىقىنى، ئۇ ئۆزى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز لازىم. خۇداغا ئۆزىمىزدە بار ئەڭ ياخشىسىنى بېرىشكە ھەرىكەت قىلساق، ئۇ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، بىزنى ماختايدۇ.—مەتتا 25:20–23-نى سېلىشتۇرۇڭ.
6. مارىيا ئىسىملىك قېرىنداشتىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
6 دىققىتىمىزنى قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئەمەس، ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىشلارغا قاراتساق، خۇشاللىق تېپىش ئاسانراق بولىدۇ. مارىيا ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. كېسەللىك تۈپەيلى، ئۇ خالىغاندەك كۆپ خىزمەت قىلالمايدۇ. دەسلەپتە ئۇ چۈشكۈنلۈككە چۈشكەن ۋە ئۆزىنى كېرەكسىزدەك ھېس قىلغان. كېيىنرەك، ئۇ كېسەل كارۋىتىدا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان جامائەتتىكى بىر قېرىنداش ھەققىدە ئويلاشقا باشلىغان ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلغان. مارىيا مۇنداق دەيدۇ: «قېرىنداش بىلەن تېلېفون ۋە خەت يېزىش ئارقىلىق ۋەز قىلىشنى كېلىشىۋالدۇق. ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن ۋەز قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ياردەم بېرەلىگىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى خۇشال ۋە قانائەت تاپقاندەك ھېس قىلاتتىم». بىزمۇ دىققىتىمىزنى قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىشلارغا قاراتساق، تېخىمۇ خۇشاللىق تاپالايمىز. ئەگەر يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش قولىمىزدىن كەلسە ياكى بەزى ساھەلەردە ئۆز قابىلىيەتلىرىمىزنى ئىشلىتەلىسەك، ئۇنداقتا نېمە قىلساق بولىدۇ؟
يەھۋا ھەدىيە قىلغان قابىلىيەتلەرنى ئىشلىتىڭ!
7. ئەلچى پېترۇس مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە قانداق ئەمەلىي مەسلىھەت بەرگەن؟
7 ئەلچى پېترۇس بىرىنچى خېتىدە، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن قابىلىيەتلەر ۋە ماھارەتلەرنى ئىشلىتىپ، ئېتىقادداشلىرىغا ئىلھام-مەدەتلەرنى بېرىشكە دەۋەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «ھەركىم ئۆزى ئالغان ھەدىيىگە مۇۋاپىق، تەڭرى تۈرلۈك يوللار بىلەن ئىلتىپات قىلغان قابىلىيەتلەرنى ئىشلىتىپ، بىر-بىرىگە خىزمەت قىلسۇن» (1-پېتر. 4:10). بىز ھەرگىزمۇ باشقىلار قابىلىيەتلىرىمىزنى كۆرۈپ، ئىچ تارلىق قىلىدۇ ياكى روھى چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىماي، داۋاملىق ئۆز قابىلىيەتلىرىمىزنى ئىشلىتىشىمىز لازىم. ئەكسىچە، ئەگەر باشقىلار قانداق ھېس قىلىدۇ دەپ قابىلىيەتلىرىمىزنى ياخشى ئىشلەتمىسەك، يەھۋاغا ئۆزىمىزدە بار ئەڭ ياخشىسىنى بەرمىگەن بولىمىز.
8. 1-كورىنتلىقلار 4:6، 7-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نېمە ئۈچۈن ماختىنىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك؟
8 بىزگە ئاتا قىلىنغان قابىلىيەتلەردىن ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا پايدىلىنىشىمىز كېرەك. لېكىن، قابىلىيەتلىرىمىزنى كۆز-كۆز قىلىپ، ماختىنىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم (1-كورىنتلىقلار 4:6، 7-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، سىز مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلاشقا ماھىر دەيلى. سىز بۇ سوۋغاتنى داۋاملىق ئىشلىتىشىڭىز كېرەك! لېكىن، سوۋغاتتىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى كۆز-كۆز قىلىپ، ماختىنىش ئارىسىدا پەرق بار. سىز ۋەز خىزمىتىدە ئاجايىپ ۋەقەنى باشتىن كەچۈرۈپ، مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىدىڭىز دەپ پەرەز قىلايلى. بۇ توغرۇلۇق ۋەز خىزمەت يىغىلىش توپىڭىزدىكى قېرىنداشلارغا ئېيتىپ بەرمەكچى بولدىڭىز. توپ بىلەن يىغىلغاندا، بىر قېرىنداش ۋەز خىزمىتىدە ژۇرنال بېرەلىگەنلىكى ھەققىدە ھاياجانلىنىپ، ئېيتىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇ بىر ژۇرنال بېرەلىگەن، سىز بولسىڭىز، مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىدىڭىز. ئەمدى بۇنداق ۋەزىيەتتە نېمە قىلىسىز؟ سىز باشتىن كەچۈرگەن ۋەقە توپقا ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى بىلسىڭىزمۇ، ئۇنى باشقا بىر قولاي ۋاقىتتا ئېيتىپ بېرىشنى قارار قىلىشىڭىز مۇمكىن. سەۋەبى، قېرىنداشنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بولۇشنى خالايسىز. ئەمما، ھەرگىزمۇ كىشىلەرنى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىشتىن توختاپ قالماڭ. سىزگە ئاتا قىلىنغان سوۋغاتنى ئىشلىتىش پۇرسىتىنى ھېچقاچان قولدىن بەرمەڭ!
9. سوۋغاتلاردىن قانداق پايدىلىنىشىمىز كېرەك؟
9 ئېسىمىزدە بولسۇنكى، ئۆزىمىزدە بار بولغان تۇغما قابىلىيەتلەر خۇدا ھەدىيە قىلغان سوۋغاتلاردۇر. بۇ سوۋغاتلاردىن ئۆز-ئۆزىمىزنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادداشلىرىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن پايدىلىنىشىمىز لازىم (فىلىپى. 2:3). ئۆزىمىزنى كۆرسىتىش ياكى باشقىلاردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاش ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن كۈچىمىز ۋە قابىلىيەتلىرىمىزنى ئىشلەتسەك، شاد-خۇراملىققا چۆمىمىز. چۈنكى، شۇ سوۋغاتلار بىلەن ياراتقۇچىمىز يەھۋانى مەدھىيىلەيمىز.
10. نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ناتوغرا؟
10 ئەگەر كىشى پەخەس بولمىسا، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەرەپلىرىنى باشقىلارنىڭ ئاجىز تەرەپلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش تۇزىقىغا چۈشىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىر بۇرادەرنى ناھايىتى ياخشى ناتىق دەيلى. بۇ ئۇنىڭ كۈچلۈك تەرىپى. بىراق، ئۇ ئانچە ياخشى نۇتۇق ئېيتالمايدىغان باشقا بۇرادەرنى ئۆزىدىن تۆۋەن كۆرىدىغان بولدى. لېكىن، ئاشۇ بۇرادەر نۇتۇقلارنى ياخشى ئېيتالمىسىمۇ، مېھماندوستلۇق، بالا تەربىيىلەش ۋە قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىشتا ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىدۇ. يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتا ۋە ئېتىقادداشلارغا ياردەم بېرىشتە، خۇدا ھەدىيە قىلغان سوۋغاتلارنى ئىشلىتىدىغان كۆپلىگەن قابىلىيەتلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن يەھۋاغا مىڭ شۈكرى!
باشقىلاردىن ئۈلگە ئېلىڭ
11. نېمە ئۈچۈن ئەيسا مەسىھنىڭ ئۈلگىسىگە ئەگىشىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم؟
11 گەرچە ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ناتوغرا بولسىمۇ، خۇداغا سادىق خىزمەت قىلىدىغانلاردىن ئۈلگە ئېلىش بىز ئۈچۈن پايدىلىق. ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن ئەڭ ئاجايىپ ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇ مۇكەممەل ئىنسان بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز (1-پېتر. 2:21). ئەيسانىڭ ئۈلگىسىگە ئەگىشىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا تىرىشساق، خۇدانىڭ ياخشى خىزمەتچىسى بولۇپ، ۋەز خىزمەتنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلالايمىز.
12، 13. پادىشاھ داۋۇتتىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
12 مۇقەددەس يازمىلاردا، نامۇكەممەل بولىشىغا قارىماي، ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىغان كۆپلىگەن ئەر ۋە ئاياللارنىڭ مىساللىرى يېزىلغان. بىز ئۇلاردىن ئۈلگە ئالالايمىز (ئىبرانىي. 6:12). مەسىلەن، پادىشاھ داۋۇتنىڭ مىسالى ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. يەھۋا خۇدا ئۇنى كۆڭلۈمدىكىدەك بىر ئادەم دەپ ئاتىغان (ئەلچى. 13:22). بىراق، داۋۇت پادىشاھ نامۇكەممەل ئادەم بولغان ۋە بىرقانچە قېتىم ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان. بۇنىڭغا قارىماستىن، بىز ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئالساق بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇنىڭغا نەسىھەت بېرىلگەندە، ئۇ ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشمىغان. ئەكسىنچە، ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكۈزگەن گۇناھىغا چىن يۈرەكتىن توۋا قىلىپ، خۇدادىن كەچۈرۈم سورىغان. نەتىجىدە، يەھۋا ئۇنى كەچۈرگەن.—زەبۇر 51:3، 4، 10–12.
13 پادىشاھ داۋۇتتىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراڭ: «بېرىلگەن نەسىھەتكە قانداق قارايمەن؟ دەرھال خاتالىقلىرىمنى ئىقرار قىلىمەنمۇ ياكى ئۆزۈمنى ئاقلاشقا تىرىشىمەنمۇ؟ ياكى بولمىسا، باشقىلارنى ئەيىبلەشكە ئالدىرايمەنمۇ؟» مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا سادىق ئەرلەر ۋە ئاياللار ھەققىدە ئوقۇغىنىڭىزدا، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن بۇ سوئاللارنى سورىسىڭىز بولىدۇ: «مەن باشتىن كەچۈرگەن قىيىنچىلىقلار مۇقەددەس كىتابتىكى ئەرلەر ۋە ئاياللار باشتىن ئۆتكۈزگەن قىيىنچىلىقلارغا ئوخشامدۇ؟ ئۇلار قانداق گۈزەل پەزىلەتلەرنى كۆرسەتكەن؟» ھەر بىر ۋەزىيەتتە، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن: «خۇدانىڭ بۇ خىزمەتچىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمەن؟»— دەپ سوراپ كۆرۈڭ.
14. ئېتىقادداشلىرىمىزدىن ئۆگىنىشنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرەلەيمىز؟
14 بىز يەنە ياش ۋە ياشانغان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئۆگىنىشنىڭ پايدىسىنى كۆرەلەيمىز. مەسىلەن، جامائىتىڭىزدە سىناقلارغا سادىقلىق بىلەن بەرداشلىق بېرىۋاتقان بىرەر قېرىنداشنى ئېسىڭىزگە ئالالامسىز؟ بەلكىم، ئۇ تەڭتۇشلىرىنىڭ بېسىمى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قارشىلىقى ياكى تەن-سالامەتلىكى ناچار بولۇش سەۋەبلىك، قىيىنچىلىقلار بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقاندۇ. بۇ قېرىنداشنىڭ سىز يېتىلدۈرۈشنى خالايدىغان پەزىلىتى بارلىقىنى، يەنى سىزگە ئۈلگە بولالايدىغان تەرىپىنى كۆرۈۋاتامسىز؟ بۇنداق ئېتىقادداشلاردىن ئۆگىنىش قىيىنچىلىقلىرىڭىزغا بەرداشلىق بېرىشىڭىزگە ياردەم قىلالايدۇ. بىز ئۈلگە بولالايدىغان سادىق ئېتىقادداشلىرىمىزنىڭ يېنىمىزدا بولغانلىقى ئۈچۈن بەك مىننەتدارمىز! بۇ ھەقىقەتەن بىزنى خۇشال قىلىدۇ!—ئىبرانىي. 13:7؛ ياقۇپ 1:2، 3.
يەھۋا خۇداغا خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭ
15. ئەلچى پاۋلۇس داۋاملىق خۇشال-خۇرام خۇداغا خىزمەت قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان قانداق مەسلىھەتنى بەرگەن؟
15 جامائەتتە تىنچلىق ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىمىزدە بار ئەڭ ياخشىسىنى بېرىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ھەرخىل سوۋغاتلار ۋە قابىلىيەتلەرگە ئىگە بولغان (1-كورىنت. 12:4، 7–11). بىراق، بۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا رىقابەت ياكى بۆلۈنۈشنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولمىغان ئىدى. ئەكسىنچە، ئەلچى پاۋلۇس ئۇلارغا مەسىھنىڭ تېنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ ئەفەسلىكلەرگە مۇنداق دەپ يازغان: «ھەربىر ئەزا بەلگىلەنگەن رولىنى مۇۋاپىق جارى قىلدۇرسا، بۇ پۈتۈن بەدەننىڭ مۇھەببەت ئىچىدە كۈچىيىپ، بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەسسە قوشىدۇ» (ئەفەس. 4:1–3، 11، 12، 16). پاۋلۇسنىڭ مەسلىھىتىگە قۇلاق سالغانلار تىنچلىق ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشقا ئۆز ھەسسىسىنى قوشقان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ جامائەتلىرىمىزدە شۇنى كۆرۈۋاتىمىز.
16. نېمە ئىش قىلىشقا بەل باغلىشىمىز كېرەك؟ (ئىبرانىيلار 6:10)
16 ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن ساقلىنىشقا بەل باغلاڭ. ئەكسىنچە، ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىدىن ئۈلگە ئېلىشقا تىرىشىڭ. مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ۋە بۈگۈنكى كۈندە سادىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىدىن ئۈلگە ئېلىڭ. قولۇڭىزدىن كېلىشىچە ئۆزىڭىزدە بار ئەڭ ياخشىسىنى داۋاملىق خۇداغا بېرىڭ؛ خۇدا ئادالەتسىز ئەمەستۇر، سىزنىڭ ئەجىر-مېھنەتلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ دېگەن سۆزلەرگە بولغان ئىشەنچىڭىز كامىل بولسۇن (ئىبرانىيلار 6:10-نى ئوقۇڭ). يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىڭىزدە بار ئەڭ ياخشىسىنى چىن يۈرەكتىن بەرگىنىڭىزنى بەك قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلىپ، داۋاملىق ئۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭ!
45-ناخشا ئالغا باس!
a ھەممىمىز يەھۋاغا خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىلىرىدىن كۆپ پايدىلىق نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. لېكىن، ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. ھازىر خۇشاللىقمىزنى ساقلاشقا ۋە ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، تەكەببۇرلىشىپ كەتمەسلىككە ياكى چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ قالماسلىققا ياردەم بېرىدىغان مەسلىھەتلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b سۈرەتتە: بۇرادەر ياش ۋاقتىدا بەيتەلدە خىزمەت قىلغان. كېيىن، ئۇ ئۆيلىنىپ، ئايالى بىلەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. پەرزەنتلىرى تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا خىزمەت قىلىشنى ئۆگەتكەن. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ياشانغىنىغا قارىماي، خەت يېزىش ئارقىلىق ۋەز قىلىپ، ئۆزىدە بار ئەڭ ياخشىسىنى داۋاملىق بېرىپ كەلمەكتە.