غەم-تەشۋىشنى قانداق يېڭەلەيسىز؟
غەم-تەشۋىش ئېغىر يۈك كەبى ئىنساننى مۈكچەيتىپ قويىدۇ (پەند. نە 12:25). تۇرمۇشتىكى غەم-ئەندىشىلەر تۈپەيلى ئېغىر يۈكنى ئۈستىڭىزگە ئارتىپ قويغاندەك قىيىنىلىۋاتامسىز؟ ئەمدى داۋاملىق بەرداشلىق بېرەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىۋاتامسىز؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، سىز يالغۇز ئەمەس. ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى، كۆپلىگەن كىشىلەر ھېرىپ-چارچاپ كېتىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار ئاغرىقچان ئائىلە ئەزالىرىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك، يېقىن تۇغقان ياكى دوستىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ياكى تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، غەم-ئەندىشىلەرنى يېڭىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ a؟
پادىشاھ داۋۇتنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى، بۇ غەم-ئەندىشىلەرنى يېڭىشنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن، ھەتتا ئۇنىڭ ھاياتى بىر نەچچە قېتىم ئۆلۈم خەۋپى ئاستىدا قالغانىدى (1-سام. 17:34، 35؛ 18:10، 11). ئۇنداقتا، داۋۇتنىڭ غەم-ئەندىشىلەرنى يېڭىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇنى قانداق ئۈلگە قىلساق بولىدۇ؟
داۋۇت پادىشاھ غەم-تەشۋىشلەرنى قانداق يېڭەلىگەن؟
داۋۇت پادىشاھ بىرلا ۋاقىتتا كەينى-كەينىدىن كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن. مەسىلەن، ئۇ قانخور پادىشاھ سائۇلدىن قېچىپ يۈرگەن چاغدىكى بىر ۋەزىيەتنى كۆرۈپ باقايلى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى جەڭدىن قايتىپ كەلگەندە، دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى بۇلاپ، ئۆيلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە، قاتتىق چۆچۈپ، قايغۇ-ھەسرەتكە چۆمگەن. داۋۇت قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ مۇقەددەس كىتاب، «داۋۇت ۋە يېنىدىكى ئادەملەر ھۆڭرەپ يىغا-زار قىلىشقا باشلىدىكى، يىغلاپ ھالىدىن كەتتى» دەيدۇ. بۇ غەم-قايغۇ ئاز كەلگەندەك، داۋۇت ئىشەنگەن ئادەملەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلغىلى تەييار ئىدى (1-سام. 30:1–6). داۋۇت ھازىر بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ چوڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن: ئۇنىڭ ئائىلىسى خەۋپ-خەتەر ئاستىدا قالغان، ئىشەنگەن ئادەملەرنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورققان ۋە پادىشاھ سائۇل تېخىغىچە ئۇنى كەينىدىن قوغلاپ، ئىزدەپ يۈرگەن. شۇڭا، داۋۇت بەلكىم قاتتىق غەم-ئەندىشىلەرگە پاتقان!
داۋۇت كېيىن نېمە قىلغان؟ داۋۇت بولسا ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدادىن مەدەت تاپتى. ئۇ بۇنى قانداق قىلغان؟ بىز بىلىمىزكى، داۋۇت ئادەتتە يەھۋادىن ياردەم سوراپ، دۇئا قىلاتتى ۋە ياراتقۇچىسىنىڭ ئۆتمۈشتە ئۆزىگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ، چوڭقۇر ئويلىناتتى (1-سام. 17:37؛ زەبۇر 18:2، 6). ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەھۋانىڭ يول-يورۇقىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن. شۇڭا، داۋۇت تەڭرى يەھۋادىن نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى سورىغان. يول-يورۇق ئالغاندا، ئۇ دەرھاللا ھەرىكەت قىلغان. نەتىجىدە، پەرۋەردىگار ئۇنى ھەم ئۇنىڭ ئادەملىرىنى بەرىكەتلەپ، ئائىلىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشىگە ياردەم بەرگەن (1-سام. 30:7–9، 18، 19). داۋۇتنىڭ قانداق ئۈچ قەدەمنى باسقانلىقىغا دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟ ئۇ تەڭرى يەھۋادىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلغان، يەھۋانىڭ ئۆتمۈشتە ئۆزىگە قىلغانلىرىنى ئەسلەپ، چوڭقۇر ئويلانغان ۋە يەھۋادىن كەلگەن يول-يورۇققا بويسۇنغان. بىز داۋۇتتىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟ بۇنىڭ ئۈچ يولىنى كۆرۈپ چىقايلى.
غەم-تەشۋىشكە چۈشكەندە، داۋۇتتىن ئۈلگە ئېلىڭ
1. دۇئا قىلىڭ. غەم-تەشۋىشكە چۈشكەندە، تەڭرى يەھۋادىن ياردەم ۋە دانالىق سوراپ دۇئا قىلالايمىز. سىزنى غەم-تەشۋىشكە سالىدىغان ھەممە نەرسىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرىپ، ئۆزىڭىزنى يېنىكرەك ھېس قىلىسىز. ياكى بولمىسا، ۋەزىيەتكە قاراپ، ئىچىمىزدە قىسقىچە دۇئا قىلالايمىز. پەرۋەردىگاردىن دائىم ياردەم سورىغىنىمىزدا، داۋۇتقا ئوخشاش ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. ئۇ مۇنداق دېگەن: «يەھۋا مېىڭ قىيا تېشىم، قورغىنىم، ۋە قۇتقۇزغۇچىمدۇر. خۇدايىم قۇرام تېشىمدۇر، ئۇنىڭدا پاناھ تاپىمەن» (زەبۇر 18:2). دۇئا راستىنلا ياردەم بېرەلەمدۇ؟ كالىيا ئىسىملىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى مۇنداق دەيدۇ: «دۇئا قىلغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى ياخشى ھېس قىلىمەن. دۇئا ماڭا يەھۋانىڭكىگە ئوخشاش كۆزقاراشتا بولۇشقا ۋە ئۇنىڭغا كۆپرەك ئىشەنچ قىلىشقا ياردەم بەردى». شەك-شۈبھىسىزكى، دۇئا ياراتقۇچى يەھۋانىڭ ھەدىيەسى بولۇپ، غەم-تەشۋىشنى يېڭىشكە ياردەم بېرىدۇ.
2. چوڭقۇر ئويلىنىڭ. ئۆتمۈشكە نەزەر سېلىپ، سىزنىڭ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىڭىزگە يەھۋانىڭ قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېسىڭىزگە ئالالامسىز؟ پەرۋەردىگار بىزنى ۋە ئۆتمۈشتە ياشىغان خىزمەتچىلىرىنى قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانساق، كۆڭلىمىز تىنچ-خاتىرجەملىككە تولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمىز ئاشىدۇ (زەبۇر 18:17–19). يوشۇئا ئىسىملىك ئاقساقال مۇنداق دېگەن: «خۇدانىڭ قايسى دۇئالىرىمغا جاۋاب بەرگىنىنى يېزىپ قويىمەن. بۇ ماڭا ياراتقۇچى يەھۋادىن نېمىنى ئېنىق سورىغىنىمنى ۋە ئۇنىڭ مەن مۇھتاج بولغان نەرسىلەرنى بەرگەن ۋاقىتلارنى ئەستە ساقلىشىمغا ياردەم بېرىدۇ». ھەقىقەتەن، يەھۋانىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش غەم-تەشۋىشلەرنى يېڭىشكە ياردەم بېرىدۇ.
3. ھەرىكەت قىلىڭ. مەلۇم بىر ۋەزىيەتتە، نېمە قىلىشنى قارار قىلىشتىن ئاۋۋال، بىز خۇدانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس يازمىلاردىن ئىشەنچلىك يول-يورۇقنى ئىزدىشىمىز كېرەك (زەبۇر 19:7، 11). نۇرغۇنلار شۇنى بايقىغانكى، ئۇلار مۇقەددەس كىتابتىكى مەلۇم ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن چوڭقۇر تەتقىق قىلغىنىدا، شۇ ئايەتلەردىكى پرىنسىپلارنى قانداق ئەمەلىي ئىشلىتىشنى تېخىمۇ ئېنىقراق كۆرۈپ يېتەلىگەن. جاررود ئىسىملىك ئاقساقال چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «ئايەت ھەققىدە ئىزدىنىش ئۇنىڭ بارچە قىرلىرىنى كۆرۈشكە ھەمدە يەھۋانىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. بۇ مېنىڭ ئىمان-ئېتىقادىمنى كۈچەيتىدۇ ۋە خۇدانىڭ يول-يورۇقى بويىچە ئىش قىلىشىمغا ياردەم بېرىدۇ». مۇقەددەس كىتابتىن يەھۋانىڭ يول-يورۇقىنى ئىزدەپ، ئۇنىڭغا بويسۇنساق، غەم-تەشۋىشلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ۋە خۇشاللىققا ئېرىشىش ئاسانراق بولىدۇ.
يەھۋا غەم-تەشۋىشنى يېڭىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ
داۋۇت ئۆزىنىڭ غەم-تەشۋىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېڭىشى ئۈچۈن يەھۋانىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن مىننەتدار بولۇپ، داۋۇت شۇنداق دېگەن: «سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن بىر توپ قوشۇنغا قارشى چىقالايمەن، خۇدانىڭ كۈچى بىلەن سېپىل تامدىن ئاتلاپ ئۆتىمەن» (زەبۇر 18:29، 32). قىيىنچىلىقلىرىمىز خۇددى ئېگىز سېپىل تاملىرىدەك كۆرۈنۈشى مۇمكىن. بىراق، ھەممىگە قادىر يەھۋانىڭ ياردىمىدە ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيمىز. دەرھەقىقەت، يەھۋا خۇدادىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلساق، بىز ئۈچۈن قىلغانلىرىنى ئەسلەپ چوڭقۇر ئويلانساق ۋە يول-يورۇقىغا بويسۇنۇپ ھەرىكەت قىلساق، ئۇنىڭ بىزگە غەم-تەشۋىشلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېڭىشىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك كۈچ-قۇۋۋەت ۋە دانالىق بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل بولىدۇ.
a كىشى قاتتىق غەم-قايغۇلارغا پېتىپ قالسا، دوختۇردىن ياردەم سوراشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن.