مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

15-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئە‌يسانىڭ مۆجىزىلىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

ئە‌يسانىڭ مۆجىزىلىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

‏«ئە‌يسا يۇ‌رتلارنى ئارىلاپ ياخشىلىق قىلىپ،‏ .‏ .‏ .‏ كىشىلە‌رنى ساقايتتى»‏‏.‏‏—‏ئە‌لچى.‏ 10:‏38‏.‏

5-‏ناخشا مە‌سىھ ئۈلگىمىز

بۇ ماقالىدە a

1.‏ ئە‌يسا بىرىنچى مۆجىزىنى كۆرسە‌تكە‌ن ۋە‌قە‌نى تە‌سۋىرلە‌پ بېرىڭ.‏

 مىلادى 29-‏يىلنىڭ ئاخىرىدا،‏ ئە‌يسا ۋە‌ز خىزمىتىنى باشلىغان ۋاقىتتا يۈز بە‌رگە‌ن بىر ئىشنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ ئە‌يسانىڭ يۇ‌رتى ناسىرە‌نىڭ شىمالىدىكى كانا يېزىسىدا،‏ ئە‌يسا،‏ ئانىسى مە‌ريە‌م ۋە بە‌زى شاگىرتلىرى توي زىياپىتىگە تە‌كلىپ قىلىنغان.‏ مە‌ريە‌م بۇ ئائىلىنىڭ دوستى بولۇ‌پ،‏ قارىماققا مېھمانلارنى قارشى ئېلىشقا ياردە‌ملە‌شكە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ توي زىياپىتىدە مېھمانلارغا بېرىدىغان ئۈزۈم شارابى تۈگە‌پ كېتىپ،‏ شۇ ئائىلە ۋە تويى بولغان بىر جۈپ مېھمانلارنىڭ ئالدىدا خىجىل بولۇ‌پ قالىدىغان بىر ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن b‏.‏ بە‌لكىم،‏ مېھمانلارنىڭ سانى ئۆزلىرى پە‌رە‌ز قىلغاندىن كۆپ بولۇ‌پ كە‌تكە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌ريە‌م دە‌رھال ئوغلىغا ئۇ‌لارنىڭ شارابلىرى تۈگە‌پ قالغانلىقىنى ئېيتقان (‏يۇ‌ھاننا 2:‏1–‏3‏)‏.‏ ئە‌يسا نېمە قىلغان؟‏ ئۇ كىشىنى ھە‌يران قالدۇ‌رىدىغان بىر مۆجىزىنى كۆرسىتىپ،‏ سۇ‌نى ئېسىل شارابقا ئايلاندۇ‌رغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 2:‏9،‏ 10‏.‏

2،‏ 3.‏ (‏1)‏ ئە‌يسا ئۆزىنىڭ مۆجىزە كۆرسىتىش كۈچىنى قانداق ئىشلە‌تكە‌ن؟‏ (‏2)‏  ئە‌يسانىڭ مۆجىزىلىرى ھە‌ققىدە ئويلانساق،‏ نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

2 ئە‌يسا ۋە‌ز خىزمىتى جە‌ريانىدا نۇ‌رغۇ‌نلىغان مۆجىزىلە‌رنى كۆرسە‌تكە‌ن c‏.‏ ئۇ مۆجىزە كۆرسىتىپ،‏ نە‌چچە ئون مىڭلىغان كىشىلە‌رگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىككى قېتىم كىشىلە‌رنىڭ قورسىقىنى تويغۇ‌زغان ئىدى.‏ ئۇ بىرىنچى قېتىمدا 5000 كىشىنى،‏ ئىككىنچى قېتىمدا 4000 كىشىنى،‏ ئاياللار ۋە بالىلارنى قوشقاندا،‏ جە‌مئىي 27000 مىڭدىن كۆپرە‌ك ئادە‌منى تويغۇ‌زغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏مە‌تتا 14:‏15–‏21؛‏ 15:‏32–‏38‏)‏.‏ ئاشۇ ھە‌ر ئىككىلا پە‌يتتە،‏ ئە‌يسا يە‌نە نۇ‌رغۇ‌ن كېسە‌للە‌رنى ساقايتقان (‏مە‌تتا 14:‏14؛‏ 15:‏30،‏ 31‏)‏.‏ ئۇ ساقايتقان ۋە قورسىقىنى تويغۇ‌زغان كىشىلە‌رنىڭ قانچىلىك ھە‌يران قالغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏

3 ئە‌يسانىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇ‌ھىم ئە‌ھمىيىتى بار.‏ بۇ ماقالىدە،‏ ئاشۇ مۆجىزىلە‌رنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى قانداق كۈچە‌يتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئاندىن كېيىن،‏ ئە‌يسانىڭ مۆجىزە كۆرسە‌تكە‌ندە،‏ كە‌متە‌ر ۋە كۆيۈمچان بولغانلىقىنى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرىمىز.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌ققىدە ئۆگىنە‌لە‌يمىز

4.‏ ئە‌يسانىڭ مۆجىزىلىرى بىزگە كىم ھە‌ققىدە ئىمان-‏ئېتىقادنى كۈچە‌يتىدىغان ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگىتىدۇ؟‏

4 ئە‌يسانىڭ مۆجىزىلىرى بىزگە پە‌قە‌ت ئۇ ھە‌ققىدىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئاتىسى ھە‌ققىدىمۇ ئىمان-‏ئېتىقادنى كۈچە‌يتىدىغان ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگىتىدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ كۆرسە‌تكە‌ن ئاشۇ مۆجىزىلە‌رنىڭ ھە‌قىقىي مە‌نبە‌سى يە‌ھۋا خۇ‌دا.‏ ئە‌لچىلە‌ر 10:‏38-‏ئايە‌ت بىزگە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «خۇ‌دا ناسىرە‌لىك ئە‌يسانى مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ۋە كۈچ-‏قۇ‌درىتى بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىپ تە‌يىنلىدى ۋە ئە‌يسا يۇ‌رتلارنى ئارىلاپ ياخشىلىق قىلىپ،‏ ئىبلىسنىڭ زۇ‌لۇ‌مىدا ئېزىلگە‌ن بارچە كىشىلە‌رنى ساقايتتى،‏ چۈنكى خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا يار ئىدى».‏ شۇ‌نىمۇ ئە‌ستە ساقلاڭكى،‏ ئە‌يسا ئېيتقان ۋە قىلغان بارلىق ئىشلىرىدا ئاتىسىنىڭ ئوي-‏پىكىرى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 14:‏9‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ مۆجىزىلىرىدىن قايسى ئۈچ نە‌رسىنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.‏

5.‏ ئە‌يسانى مۆجىزىلە‌رنى كۆرسىتىشكە نېمە دە‌ۋە‌ت قىلغان؟‏ (‏مە‌تتا 20:‏30–‏34‏)‏

5 بىرىنچى،‏ ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ ئاتىسىنىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى چوڭقۇ‌ر.‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ مۆجىزە كۆرسىتىش كۈچىنى ئىشلىتىپ،‏ كىشىلە‌رنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىنى ئازايتىش ئارقىلىق،‏ ئۇ‌لارغا بولغان چوڭقۇ‌ر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بىر قېتىم،‏ ئىككى قارغۇ كىشى ئۇ‌نىڭدىن ياردە‌م سورىغان ‏(‏مە‌تتا 20:‏30–‏34-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ دىققە‌ت قىلسىڭىز،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا ئىچ ئاغرىتىپ،‏ ئۇ‌لارنى ساقايتقان.‏ مۇ‌شۇ يە‌ردە ئىشلىتىلگە‌ن گرېك تىلىدىكى پېئىل ئادە‌منىڭ ئىچىدىن كۈچلۈك ھېسداشلىق قىلىپ،‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلىكىنى بىلدۈرىدۇ.‏ شۇ‌نداق كۈچلۈك ئىچ ئاغرىتىش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سى ئە‌يسانى كىشىلە‌رگە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشكە دە‌ۋە‌ت قىلغاچ،‏ ئۇ ئاچ قالغانلارنى تويغۇ‌زغان ۋە ماخاۋ كېسىلى بولغان بىر كىشىنى ساقايتقان (‏مە‌تتا 15:‏32؛‏ ماركۇ‌س 1:‏41‏)‏.‏ بىز شۇ‌نىڭغا ئىشىنە‌لە‌يمىزكى،‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك خۇ‌دا يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ئوغلىنىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى چوڭقۇ‌ر ۋە ئۇ‌لار ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىمىزنى كۆرگە‌ندە ئازابلىنىدۇ (‏لۇ‌قا 1:‏78؛‏ 1-‏پېتر.‏ 5:‏7‏)‏.‏ ئۇ‌لار ئىنسانىيە‌ت چېكىۋاتقان ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت ۋە نالە-‏پە‌ريادنى يوق قىلىشنى چوقۇ‌م تە‌قە‌ززالىق بىلە‌ن كۈتىۋاتىدۇ.‏

6.‏ خۇ‌دا ئە‌يساغا قانداق كۈچ-‏قۇ‌درە‌تنى بە‌رگە‌ن؟‏

6 ئىككىنچى،‏ خۇ‌دا ئىنسانىيە‌تنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلىرىنى ھە‌ل قىلىش ئۈچۈن ئە‌يساغا كۈچ بە‌رگە‌ن.‏ ھە‌رزىتى ئە‌يسا ئۆز مۆجىزىلىرى ئارقىلىق بىز يېڭە‌لمە‌يدىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭە‌لە‌يدىغانلىقىنى نامايان قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ بىزنى ئىنسانىيە‌تنىڭ قىيىنچىلىقلىرى،‏ يە‌نى مىراس ئالغان گۇ‌ناھ ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌سىرىدىن،‏ كېسە‌للىكتىن ۋە ئۆلۈمدىن پۈتۈنلە‌ي ئازاد قىلىش كۈچ-‏قۇ‌درىتىگە ئىگە (‏مە‌تتا 9:‏1–‏6؛‏ رىملىقلار 5:‏12،‏ 18،‏ 19‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ كۆرسە‌تكە‌ن مۆجىزىلىرى «ھە‌ر خىل» كېسە‌للىكلە‌رنى داۋالىيالايدىغانلىقى،‏ ھە‌تتا ئۆلگە‌نلە‌رنى تىرىلدۈرە‌لە‌يدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان (‏مە‌تتا 4:‏23؛‏ يۇ‌ھاننا 11:‏43،‏ 44‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌نىڭ شىددە‌تلىك بوران-‏چاپقۇ‌نلارنى تىزگىنلە‌ش ۋە ئادە‌ملە‌رنى يامان روھلاردىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش كۈچى بار (‏ماركۇ‌س 4:‏37–‏39؛‏ لۇ‌قا 8:‏2‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ‌نداق كۈچ-‏قۇ‌درە‌تنى ئۆز ئوغلىغا بە‌رگە‌نلىكىنى بىلىش ھە‌قىقە‌تە‌ن كىشىنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجە‌م قىلىدۇ.‏

7،‏ 8.‏ (‏1)‏ ئە‌يسانىڭ مۆجىزىلىرى سە‌ۋە‌بلىك،‏ نېمىگە ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏ (‏2)‏  كە‌لگۈسى يېڭى دۇ‌نيادا قانداق مۆجىزىنى كۆرۈشنى تە‌قە‌ززالىق بىلە‌ن كۈتۈۋاتىسىز؟‏

7 ئۈچىنچى،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى كېلە‌چە‌كتە ۋە‌دە قىلغان گۈزە‌ل ئىشلارنى چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ يە‌ر يۈزىدە ياشىغاندا كۆرسە‌تكە‌ن مۆجىزىلە‌ر،‏ ئۇ‌نىڭ كېلە‌چە‌كتە ئاسماندىكى خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە تېخىمۇ ئۇ‌لۇ‌غراق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ.‏ مە‌سىھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا پات-‏ئارىدا قانداق ئىشلارنى باشتىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرە‌يلى.‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل ساغلاملىقتىن بە‌ھرىمە‌ن بولىمىز،‏ چۈنكى ئۇ ئىنسانىيە‌تنى ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تكە دۇ‌چار قىلغان ھە‌ر خىل كېسە‌للىكلە‌رنى ۋە تە‌ندىكى ئاجىزلىقلارنى يوق قىلىدۇ (‏يە‌شايا 33:‏24؛‏ 35:‏5،‏ 6؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 21:‏3،‏ 4‏)‏.‏ بىز ھە‌رگىزمۇ ئاچارچىلىق ياكى تۈرلۈك دە‌ھشە‌تلىك تە‌بئىي ئاپە‌تلە‌رنىڭ زىيانكە‌شلىكىگە ئۇ‌چرىمايمىز (‏يە‌شايا 25:‏6؛‏ ماركۇ‌س 4:‏41‏)‏.‏ «قە‌برىلە‌ردە» ياتقان يېقىن كىشىلىرىمىزنىڭ تىرىلىپ تۇ‌رغاندا،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن قايتا جە‌م بولۇ‌پ،‏ شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمىمىز (‏يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29‏)‏.‏ سىز كېلە‌چە‌كتىكى يېڭى دۇ‌نيادا قانداق مۆجىزىلە‌رنى كۆرۈشنى تە‌شنالىق بىلە‌ن كۈتۈۋاتىسىز؟‏

8 ئە‌يسا مۆجىزە كۆرسە‌تكە‌ندە،‏ ئىچ ئاغرىتىپ ھېسداشلىق ۋە كە‌متە‌رلىكنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بۇ بىز ئۈلگە قىلىشقا تېگىشلىك پە‌زىلە‌تلە‌ر.‏ ھازىر ئىككى مۆجىزە ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىپ باقايلى.‏ ئاۋۋال كانا يېزىسىدىكى توي زىياپىتى ھە‌ققىدىكى ۋە‌قە‌دىن باشلايلى.‏

كە‌متە‌ر بولۇ‌شنى ئۆگىنىش

9.‏ ئە‌يسا توي زىياپىتىدە نېمە قىلغان؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 2:‏6–‏10‏)‏

9 يۇ‌ھاننا 2:‏6–‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ زىياپە‌تتە شاراب تۈگىگە‌ندە،‏ ئە‌يسانىڭ بىر ئىش قىلىش مە‌جبۇ‌رىيىتى بارمۇ ئىدى؟‏ ياق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا مە‌سىھنىڭ مۆجىزە ئارقىلىق شاراب پە‌يدا قىلىش توغرىسىدا ھېچقانداق بېشارە‌ت يوق.‏ ئە‌مما،‏ ئۆزىڭىزنىڭ توي زىياپىتىدە ئىچىملىكلە‌ر تۈگە‌پ كە‌تسە،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدىغانلىقىڭىزنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ شۇ ئائىلىگە،‏ بولۇ‌پمۇ يېڭىدىن توي قىلغان قىز-‏يىگىتكە ھېسداشلىق قىلغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن ۋە ئۇ‌لارنى كىشىلە‌رنىڭ ئالدىدا خىجىل بولۇ‌شتىن ساقلاپ قالماقچى بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ باشتا تىلغا ئېلىنغان مۆجىزىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ 390 لىتىر سۇ‌نى ئە‌ڭ ئېسىل شارابقا ئايلاندۇ‌رغان.‏ ئۇ شۇ‌نداق مە‌ردلىك بىلە‌ن شاراب تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ بە‌لكىم شۇ ياش جۈپ شارابنى كە‌لگۈسىدە ئىشلىتە‌لە‌يتتى ياكى ئۇ‌نى سېتىپ،‏ ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى شارائىتىنى ياخشىلىيالايتتى.‏ بۇ يېڭى توي قىلغان قىز-‏يىگىت چوقۇ‌م ئۇ‌نىڭدىن ئىنتايىن مىننە‌تدار بولغان!‏

ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئۆزىمىزنىڭ ئۇ‌تۇ‌قلىرى بىلە‌ن ماختىنىشتىن يىراق تۇ‌رايلى (‏10،‏ 11-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ e

10.‏ يۇ‌ھاننا 2-‏بابتا‏،‏ قانداق مۇ‌ھىم بە‌زى تە‌پسىلاتلار بار؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

10 يۇ‌ھاننا 2-‏بابتىكى،‏ ئۈزۈندىدىكى بە‌زى مۇ‌ھىم تە‌پسىلاتلار ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرە‌يلى.‏ دىققە‌ت قىلغان بولسىڭىز،‏ ئە‌يسا تاش قاچىلارغا ئۆزى سۇ تولدۇ‌رغانمۇ؟‏ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ خىزمە‌تچىلە‌رگە سۇ تولدۇ‌رۇ‌شقا بۇ‌يرىغان (‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌ر‏)‏.‏ سۇ‌نى شارابقا ئايلاندۇ‌رغاندىن كېيىن،‏ ئە‌يسا ئۆزى شارابنى ئېلىپ،‏ زىياپە‌تكە رىياسە‌تچىلىك قىلغۇ‌چىغا ئېلىپ بارمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ خىزمە‌تچىلە‌رگە شۇ‌نداق قىلىشنى ئېيتقان (‏8-‏ئايە‌ت‏)‏.‏ ئۇ جە‌زمە‌ن بىر قە‌دە‌ھكە شاراب ئېلىپ،‏ مېھمانلارنىڭ ئالدىدا ئېگىز كۆتىرىپ:‏ «مە‌ن ياسىغان بۇ شارابنىڭ تە‌مىنى تېتىپ بېقىڭلار!‏»—‏ دە‌پ ماختانمىغان.‏

11.‏ ئە‌يسانىڭ مۆجىزىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

11 ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ سۇ‌نى شارابقا ئايلاندۇ‌رۇ‌ش مۆجىزىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ كە‌متە‌رلىك ھە‌ققىدە ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ ئۆز مۆجىزىسى بىلە‌ن ماختانمىغان.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئۇ ھېچقاچان ئۆزى قىلغان ھېچبىر ئىشى ئۈچۈن ماختىنىپ باققان ئە‌مە‌س.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن قايتا-‏قايتا بارلىق شان-‏شە‌رە‌پ ۋە ماختاشلارنى ئۆز ئاتىسىغا بە‌رگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 5:‏19،‏ 30؛‏ 8:‏28‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئۆزىمىزنى كە‌متە‌ر تۇ‌تساق،‏ ئۆزىمىزنىڭ قىلغان ھە‌رقانداق ئىشىدىن ماختانمايمىز.‏ مە‌يلى يە‌ھۋاغا قانداق خىزمە‌ت قىلىشىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۆزىمىز ھە‌ققىدە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ بىزنى ئېرىشتۈرگە‌ن خىزمە‌ت قىلىش ئىمتىيازى بىلە‌ن ماختىنايلى (‏يە‌رە‌م.‏ 9:‏23،‏ 24‏)‏.‏ بىز خۇ‌داغا لايىق شان-‏شە‌رە‌پنى،‏ ئۇ‌نىڭغا بېرىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌سلىدە،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىسىز ھېچبىر ئىشنى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق قىلالمايمىز.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 1:‏26–‏31‏.‏

12.‏ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىشنىڭ يە‌نە بىر يولى قايسى؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

12 ئە‌يسانىڭ كە‌متە‌رلىكىنى ئۈلگە قىلىشنىڭ يە‌نە بىر يولنى كۆرۈپ باقايلى.‏ مۇ‌نداق بىر ۋە‌زىيە‌تنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭ.‏ بىر ئاقساقال ياش ياردە‌مچى خىزمە‌تچىنىڭ تۇ‌نجى ئاممىۋىي نۇ‌تۇ‌قىنى تە‌ييارلىشىغا ياردە‌م بېرىشكە كۆپ ۋاقىت چىقارغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ياش يىگىت كىشىنى خۇ‌شال قىلىدىغان نۇ‌تۇ‌قنى سۆزلە‌پ،‏ جامائە‌تنى سۆيۈندۈرگە‌ن.‏ يىغىلىشتىن كېيىن،‏ بىرى ئاشۇ ئاقساقالنىڭ قېشىغا كېلىپ:‏ «بۇ ياش بۇ‌رادە‌ر شۇ‌نداق ياخشى بىر نۇ‌تۇ‌ق سۆزلىدى.‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏»—‏ دە‌پ ئېيتتى.‏ ئاقساقال:‏ «شۇ‌نداق،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭ نۇ‌تۇ‌ق تە‌ييارلىشى ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن ۋاقتىمنى سە‌رپ قىلىپ ياردە‌م بە‌ردىم»،‏—‏ دە‌مدۇ؟‏ ياكى ئۇ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن:‏ «شۇ‌نداق.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ ياخشى نۇ‌تۇ‌ق سۆزلىدى.‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭدىن پە‌خىرلىنىمە‌ن!‏»—‏ دە‌مدۇ؟‏ كە‌متە‌ر بولساق،‏ باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىمىزنى تىلغا ئېلىپ،‏ ماختىنىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.‏ يە‌ھۋانىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ‌نى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى بىلىپ،‏ بۇ‌نىڭدىن قانائە‌ت ھېس قىلىمىز (‏مە‌تتا 6:‏2–‏4-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏16‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىمىزكى،‏ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئە‌يسانى ئۈلگە قىلساق،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىمىز.‏—‏1-‏پېتر.‏ 5:‏6‏.‏

ئىچ ئاغرىتىپ،‏ ھېسداشلىق قىلىشنى ئۆگىنىش

13.‏ ئە‌يسا نائىن دېگە‌ن شە‌ھە‌رگە يېقىن جايدا نېمىنى كۆرگە‌ن ۋە ئۇ نېمە قىلدى؟‏ (‏لۇ‌قا 7:‏11–‏15‏)‏

13 لۇ‌قا 7:‏11–‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌يسانىڭ ۋە‌ز خىزمىتى يېرىم بولغاندا،‏ يۈز بە‌رگە‌ن بىر ۋە‌قە‌نى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ نائىن شە‌ھىرىگە بارغان ئىدى.‏ بۇ شە‌ھە‌ر جە‌لىلىيە ئۆلكىسىدىكى شۇ‌نە‌م دېگە‌ن شە‌ھە‌ردىن يىراق ئە‌مە‌س ئىدى.‏ شۇ شە‌ھە‌ردە شۇ‌نىڭدىن تە‌خمىنە‌ن 900 يىل ئىلگىرى ئېلىشا پە‌يغە‌مبە‌ر بىر ئايالنىڭ ئوغلىنى تىرىلدۈرگە‌ن ئىدى (‏2-‏پادىشاھ.‏ 4:‏32–‏37‏)‏.‏ ئە‌يسا شە‌ھە‌ر دە‌رۋازىسىغا يېقىنلاشقاندا،‏ دە‌پنە مۇ‌راسىمى بىلە‌ن شە‌ھە‌ردىن چىقىۋاتقان كىشىلە‌رنى كۆرگە‌ن.‏ بۇ كىشىنىڭ ئىچىنى ئىنتايىن ئېچىشتۈرىدىغان بىر كۆرۈنۈش ئىدى.‏ چۈنكى،‏ تۇ‌ل ئايال يالغۇ‌ز بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان.‏ بىراق،‏ يىغا-‏زار قىلىۋاتقان ئانا يالغۇ‌ز ئە‌مە‌س ئىدى.‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن شە‌ھە‌ردىن زور بىر توپ خالايىق چىقىۋاتاتتى.‏ ئە‌يسا ئۇ بىر توپ كىشىلە‌رنى توختىتىپ،‏ ئاشۇ قايغۇ‌غا چۆمگە‌ن ئانا ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئىشنى قىلغان،‏ يە‌نى ئۇ‌نىڭ ئوغلىنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگە‌ن.‏ بۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېنىق خاتىرىلە‌نگە‌ن تىرىلدۈرۈش ھە‌ققىدىكى 3 ئۈزۈندىنىڭ بىرى.‏

ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چېكىۋاتقانلارغا ھېسداشلىق قىلايلى (‏14–‏16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

14.‏ لۇ‌قا 7-‏بابتا‏،‏ قانداق بە‌زى مۇ‌ھىم تە‌پسىلاتلار تىلغا ئېلىنغان؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

14 لۇ‌قا 7-‏بابتىكى بە‌زى مۇ‌ھىم تە‌پسىلاتلارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ باقايلى.‏ دىققە‌ت قىلغان بولسىڭىز،‏ ئە‌يسا قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تكە تولغان ئانىنى كۆرۈپ،‏ ئاندىن ئۇ‌نىڭغا ئىچ ئاغرىتقانمۇ؟‏ (‏13-‏ئايە‌ت‏)‏ بە‌لكىم،‏ ئاشۇ ئايالنىڭ ئوغلىنىڭ جىنازىسىغا يېقىن مېڭىپ،‏ يىغا-‏زار قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ن ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا ئىچ ئاغرىپ ھېسداشلىق قىلغان.‏ ئۇ پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭغا ئىچ ئاغرىتىپلا قالماي،‏ ئۆز ھېسداشلىقىنىمۇ كۆرسە‌تكە‌ن.‏ مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن،‏ شۇ ئانىنىڭ كۆڭلىنى تىنچلاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن:‏ «يىغلىماڭ!‏»—‏ دېگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئاندىن كېيىن،‏ ئۇ ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىدىغان ئە‌مە‌لىي بىر ئىشنى قىلىپ،‏ ئوغلىنى تىرىلدۈرۈپ،‏ ئانىسىغا تاپشۇ‌رغان.‏—‏14،‏ 15-‏ئايە‌تلە‌ر‏.‏

15.‏ ئە‌يسانىڭ مۆجىزىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

15 ئە‌يسانىڭ تۇ‌ل ئايالنىڭ ئوغلىنى تىرىلدۈرۈش مۆجىزىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چە‌ككە‌نلە‌رگە ئىچ ئاغرىتىپ،‏ ھېسداشلىق كۆرسىتىشنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ بىز ئە‌لۋە‌تتە ئە‌يساغا ئوخشاش ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرە‌لمە‌يمىز.‏ بىراق،‏ ئۇ‌نىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ كۈزىتىش ئارقىلىق يېقىنىدىن ئايرىلىپ قالغان،‏ قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چېكىۋاتقان كىشىلە‌رگە ھېسداشلىق قىلىشنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن قولىمىزدىن كېلىشىچە تە‌سە‌للى سۆزلىرىنى ياكى باشقا ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق،‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م ۋە ئىلھام بېرە‌لە‌يمىز d (‏پە‌ند.‏ نە 17:‏17؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 1:‏3،‏ 4؛‏ 1-‏پېتر.‏ 3:‏8‏)‏.‏ ھە‌تتا،‏ ئاددىي سۆز-‏جۈملىلە‌ر ۋە كىچىك ئىما-‏ئىشارە‌تلە‌رمۇ ئىلھام ۋە تە‌سە‌للى بېرە‌لە‌يدۇ.‏

16.‏ بۇ سە‌ھنىلە‌شتۈرۈلگە‌ن رە‌سىمدە،‏ يېقىندا قىزىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر ئانىنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگە‌نلىرى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

16 بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏ بىرنە‌چچە يىل ئىلگىرى،‏ جامائە‌ت يىغىلىشىدا ناخشا ئېيتىۋاتقاندا،‏ بىر قېرىنداش قارشى تە‌رە‌پتە يىغلاۋاتقان بىر ئانىنى بايقىغان.‏ بۇ ناخشىدا قايتا تىرىلىش ئۈمىدى تىلغا ئېلىنغان ۋە ئاشۇ ئانا يېقىندىلا كىچىك قىزىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى.‏ بۇ‌نى بىلگە‌ن قېرىنداش دە‌رھال ئۇ‌نىڭ قېشىغا بېرىپ،‏ ئۇ‌نى قۇ‌چاقلاپ،‏ ناخشىنى بىرلىكتە ئېيتىپ تۈگە‌تكە‌ن.‏ ئاشۇ ئانا كېيىن ئە‌سلە‌پ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قېرىنداشلارنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغانلىقىنى ھېس قىلدىم».‏ ئۇ ئۆزىنىڭ جامائە‌ت يىغىلىشىغا كە‌لگە‌نلىكىدىن ئىنتايىن مىننە‌تدار بولغان.‏ ئۇ يە‌نە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «دە‌ل بۇ يە‌ردە،‏ يە‌نى ئىبادە‌ت يىغىلىشىدا،‏ بىز ياردە‌مگە ئېرىشە‌لە‌يمىز».‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنە‌لە‌يمىزكى،‏ يە‌ھۋا روھىي ئېزىلگە‌نلە‌رگە قىلغان ئاددىي ئىشلىرىمىز ئارقىلىق كۆرسە‌تكە‌ن ھېسداشلىقىمىزغا دىققە‌ت قىلىدۇ ۋە ئۇ‌نى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 34:‏18‏.‏

ئە‌يسانىڭ مۆجىزىلىرىنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىدۇ

17.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏

17 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئە‌يسانىڭ مۆجىزىلىرى تىلغا ئېلىنغان ئۈزۈندىلە‌رنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نگىنىمىزدە،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز.‏ ئاشۇ ئۈزۈندىلە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ سىزگە بولغان چوڭقۇ‌ر سۆيگۈسىنى،‏ ئە‌يسانىڭ ئىنسانىيە‌تنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلىرىنى ھە‌ل قىلىش كۈچ-‏قۇ‌درىتى بارلىقىنى،‏ ۋە‌دە قىلىنغان پادىشاھلىقنىڭ پات-‏يېقىندا بىزگە بە‌رىكە‌تلە‌رنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ.‏ ئۈزۈندىلە‌رنى تە‌ھلىل قىلغىنىمىزدا،‏ ئە‌يسانىڭ پە‌زىلە‌تلىرىنى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە ئويلىنىمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئە‌يسانىڭ باشقا مۆجىزىلىرى ھە‌ققىدە شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆگىنىش ياكى ئائىلىۋى ئىبادە‌تتە چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ،‏ شۇ بويىچە تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىڭىزدا،‏ بە‌زى مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يسىز ۋە ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى باشقىلار بىلە‌ن ئورتاقلىشىپ،‏ ئىمان-‏ئېتىقادنى كۈچە‌يتىدىغان سۆھبە‌تلە‌ردە بولالايسىز.‏—‏رىملىقلار 1:‏11،‏ 12‏.‏

18.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ نېمە ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

18 ۋە‌ز خىزمىتى ئاخىرلىشىپ قالغاندا،‏ ئە‌يسا ئۈچىنچى قېتىم،‏ يە‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېلىنغان ئە‌ڭ ئاخىرقى قېتىملىق تىرىلدۈرۈلۈش مۆجىزىسىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ بۇ باشقىلىرىغا قارىغاندا،‏ ئالاھىدە ئىدى.‏ يە‌نى،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىن دوستىنى،‏ ئادە‌تتىن تاشقىرى ئالاھىدە بىر ۋە‌زىيە‌تتە ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگە‌ن.‏ بۇ تىرىلدۈرۈش مۆجىزىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ تىرىلىش ئۈمىدىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز؟‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ بۇ سوئال ئۈستىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

148-‏ناخشا يېگانە ئوغلۇ‌ڭنى بە‌ردىڭ

a ئە‌يسا قاتتىق بوران-‏چاپقۇ‌ننى تىنچلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ كېسە‌للە‌رنى ساقايتقان ۋە ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ مۆجىزىلىرى ھە‌ققىدە ئوقۇ‌ش كىشىنى ھاياجانلاندۇ‌رىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان ئاشۇ مۆجىزىلە‌ر ھە‌ققىدىكى ئۈزۈندىلە‌ر كۆڭلىمىزنى خۇ‌شال قىلىش ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى بىزگە تە‌لىم بېرىش ئۈچۈن يېزىپ قالدۇ‌رۇ‌لغان.‏ بۇ ئۈزۈندىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلغىنىمىزدا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌ققىدە ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىدىغان ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز ۋە يېتىلدۈرۈشىمىز زۆرۈر بولغان خۇ‌دا ياقتۇ‌رىدىغان پە‌زىلە‌تلە‌رنى تونۇ‌پ يېتە‌لە‌يمىز.‏

b بىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىدىغان ئالىم چۈشە‌ندۈرۈپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «شە‌رق مە‌دە‌نىيىتىدە،‏ مېھماندوستلۇ‌ق مۇ‌قە‌ددە‌س بىر ۋە‌زىپە دە‌پ قارالغان.‏ ساھىپخان مېھمانلارنىڭ ئالدىغا مول زىياپە‌ت ھازىرلاپ،‏ ئۇ‌لارنى يە‌پ-‏ئىچىپ،‏ ھە‌تتا ئېشىپ قالغىچە تە‌مىنلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ توي زىياپە‌ت داستىخىنىنى باياشات تە‌ييارلاش كېرە‌ك ئىدى».‏

c مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌يسانىڭ 30 دىن كۆپرە‌ك مۆجىزە كۆرسە‌تكە‌نلىكى ئېنىق تىلغا ئېلىنغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ يە‌نە نۇ‌رغۇ‌ن مۆجىزىلە‌رنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئۈزۈندىلە‌ردە ھە‌ر بىرى ئايرىم-‏ئايرىم تىلغا ئېلىنمىغان.‏ بىر قېتىم،‏ ئۇ‌نىڭ يېنىغا پۈتۈن شە‌ھە‌ردىكى كىشىلە‌ر كە‌لگە‌ن ۋە ئۇ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنى ساقايتقان ئىدى.‏—‏ماركۇ‌س 1:‏32–‏34‏.‏

d قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چە‌ككە‌نلە‌رگە تە‌سە‌للى بېرىش ئۈچۈن نېمە دېيە‌لە‌يدىغان ياكى قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىشكە ياردە‌م بېرىدىغان بە‌زى مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2010-‏يىل،‏ 1-‏نويابىر سانىدىكى «‏ئە‌يساغا ئوخشاش ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌ككە‌نلە‌رگە تە‌سە‌للى بېرىڭ‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

e سۈرە‌تتە:‏ ئە‌يسا ئارقا تە‌رە‌پتە تۇ‌رغاندا،‏ يېڭى تويى بولغان قىز-‏يىگىت ئۇ‌لارنىڭ مېھمانلىرى ئېسىل شارابتىن ھۇ‌زۇ‌ر ئېلىۋاتىدۇ.‏