مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى

تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى

‏«يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يول كۆرسە‌تكۈچى»دىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئايە‌تلىرىنىڭ چۈشە‌ندۈرۈشىنى ئىشلىتە‌مسىز؟‏

بۇ چۈشە‌ندۈرۈشلە‌رنىڭ ياردىمىدە خۇ‌دا سۆزىنى چوڭقۇ‌رىراق چۈشىنە‌لە‌يسىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر قانداق ۋە‌زىيە‌تتە،‏ قايسى زاماندا،‏ نېمە ئۈچۈن ۋە كىمگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك يېزىلغانلىقىنى ۋە بە‌زى سۆزلە‌ر ياكى سۆز-‏ئىبارىلە‌رنىڭ مە‌نىسىنى بىلىۋالالايسىز.‏

‏«كۈزىتىش مۇ‌نارىنىڭ تور كۇ‌تۇ‌پخانىسى» ۋە «‏®JW Library» پروگراممىسى،‏ ھە‌ر ئىككىلىسىدە،‏ ئايە‌تنىڭ ئۆزىدىن «ئىزدىنىش قۇ‌رىلىدىكى» مە‌لۇ‌مات مە‌نبە‌لىرىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھە‌رقانداق تە‌رجىمىسىدە،‏ تە‌تقىق قىلىش ئۈچۈن قوشۇ‌مچىدە كۆرسىتىلىدۇ.‏

مە‌لۇ‌ماتلارنىڭ تۇ‌رغان نوۋىتىگە دىققە‌ت قارىتىڭ.‏ يېقىن ئارىدا چىققانلىرى بىرىنچى،‏ بۇ‌رۇ‌نىراق چىققانلىرى تۆۋە‌نىرە‌ك تۇ‌رىدۇ.‏ كونا ماقالىلە‌ردىكى بە‌زى چۈشە‌ندۈرۈشلە‌ر ھازىر يېڭىلانغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

  • «كۈزىتىش مۇ‌نارىنىڭ تور كۇ‌تۇ‌پخانىسى»دا ئايە‌تنى چە‌كسىڭىز،‏ «ئىزدىنىش قۇ‌رىلى»دىكى مە‌لۇ‌مات مە‌نبە‌لىرى بىردىن ئېچىلىدۇ.‏

  • «JW Library» پروگراممىسىدا ئايە‌تلە‌رگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك مە‌لۇ‌مات مە‌نبە‌لىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن،‏ ئاۋۋال «ئىزدىنىش قۇ‌رالى»نى چۈشۈرۈپ،‏ بە‌زىدە ئۇ‌نى يېڭىلاپ تۇ‌رۇ‌ش كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن «كۇ‌تۇ‌پخانا» دېگە‌ن يە‌ردىن «كۆرسە‌تكۈچ»كە كىرىپ،‏ ئە‌ڭ ئاخىرقى نۇ‌سخىسىنى چۈشىرىۋېلىڭ.‏