مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

18-‏تە‌تقىق ماقالىسى

جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا بىر-‏بىرىڭلارغا ئىلھام بېرىڭلار

جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا بىر-‏بىرىڭلارغا ئىلھام بېرىڭلار

‏«بىر-‏بىرىمىز ھە‌ققىدە ئويلىنايلى.‏ .‏ .‏ .‏ بىر-‏بىرىمىزگە ئىلھام بېرە‌يلى»‏‏.‏‏—‏ئىبرانىي.‏ 10:‏24،‏ 25‏.‏

11-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلىش

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمە ئۈچۈن ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىدا قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىمىز؟‏

 نېمە ئۈچۈن جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىمىز؟‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌ڭ ئاساسىي سە‌ۋە‌بى —‏ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌ش (‏زە‌بۇ‌ر 26:‏12؛‏ 111:‏1‏)‏.‏ يىغىلىشلارغا قاتنىشىش ئارقىلىق،‏ بۇ قىيىن كۈنلە‌ردە بىر-‏بىرىمىزنى ئىلھاملاندۇ‌رىمىز (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏11‏)‏.‏ قولىمىزنى كۆتە‌رگە‌ندە ۋە جاۋاب بە‌رگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌ش ۋە قېرىنداشلارغا ئىلھام بېرىشكە ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشىمىز.‏

2.‏ يىغىلىشلىرىمىزدا قول كۆتۈرۈپ،‏ ئوي-‏پىكىرلىرىمىزنى بايان قىلىشنىڭ قانداق پۇ‌رسىتى بار؟‏

2 ھە‌ر ھە‌پتە ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىمىزدا ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرىمىزنى بايان قىلىش پۇ‌رسىتىمىز بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھە‌پتە ئاخىرىدا «كۈزىتىش مۇ‌نارى» تە‌تقىق ئۆگىنىشىدە شۇ‌نداق قىلالايمىز.‏ ھە‌پتە ئوتتۇ‌رىسىدىكى يىغىلىشلاردا روھىي گۆھە‌رلە‌رنى ئىزدە‌ش ياكى جامائە‌ت مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقى ئۆگىنىشى قىسىمىدا ۋە باشقا مۇ‌ھاكىمە قىسىملىرىدا قول كۆتۈرۈپ،‏ ئۆز ئوي-‏پىكرىڭىزنى بايان قىلالايسىز.‏

3.‏ بىز قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن ۋە ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25-‏ئايە‌تلە‌ر قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

3 ھە‌ممىمىز يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌شنى ۋە قېرىنداشلىرىمىزغا ئىلھام بېرىشنى خالايمىز.‏ بىراق،‏ بىز قول كۆتۈرۈپ،‏ ئوي-‏پىكرىمىزنى ئېيتقاندا،‏ دۇ‌چ كېلىدىغان ئىككى قىيىنچىلىق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئوي-‏پىكرىمىزنى بايان قىلىشتىن ئە‌نسىرە‌پ قورقۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا،‏ ئوي-‏پىكرىمىزنى بايان قىلىشنى خالايمىز،‏ ئە‌مما ئۈمىد قىلغاندە‌ك بىزدىن سورىماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە نېمە بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ بۇ سوئالغا ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ئىبرانىيلار يازغان خېتىدىن جاۋاب تاپالايمىز.‏ پاۋلۇ‌س جامائە‌ت يىغىلىشىدا بىر يە‌رگە جە‌م بولۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى تىلغا ئالغاندا،‏ چوقۇ‌م «بىر-‏بىرىمىزگە ئىلھام» بېرىشكە ئە‌ھمىيە‌ت بېرىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيتقان ‏(‏ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۆرسىتىدىغان ئاددىي جاۋابلارنى بە‌رگە‌ندە،‏ باشقىلارغا ئىلھام بېرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى ئېسىمىزدە تۇ‌تساق،‏ ئۆزىمىزنى ئە‌ركىنرە‌ك تۇ‌تۇ‌پ،‏ قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىشتىن قورقمايمىز.‏ ئە‌گە‌ر دائىم بىزدىن سورىمىسا،‏ باشقىلارنىڭ جاۋاب بېرىش پۇ‌رسىتىگە ئېرىشكىنىدىن خۇ‌شال بولالايمىز.‏—‏1-‏پېتر.‏ 3:‏8‏.‏

4.‏ بۇ ماقالىدە قايسى ئۈچ نۇ‌قتىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

4 بۇ ماقالىدە ئالدى بىلە‌ن،‏ قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىدىغانلارنىڭ سانى ئاز بولغان كىچىك جامائە‌تتە‏،‏ ئاندىن كېيىن نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىشكە تە‌ييار تۇ‌رىدىغان چوڭ جامائە‌تتە بىر-‏بىرىمىزنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرىمىز.‏ ئاخىرىدا،‏ بە‌رگە‌ن جاۋابلىرىمىز قانداق ئىلھام بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

كىچىك جامائە‌تتە ئۆزئارا ئىلھام بېرىش

5.‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىدىغانلار ئاز بولسا،‏ بىر-‏بىرىمىزنى قانداق ئىلھاملاندۇ‌رالايمىز؟‏

5 كىچىك بىر جامائە‌تتە ياكى توپتا ئادە‌تتە قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىدىغانلار ئانچە كۆپ بولمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ رىياسە‌تچىلىك قىلىدىغان بۇ‌رادە‌ر نېمە قىلىشنى بىلمە‌ي قالىدۇ.‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا،‏ ئۇ بىرىنىڭ قول كۆتۈرۈشىنى ساقلاپ تۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ قارىماققا،‏ بۇ ئىبادە‌ت يىغىلىشى زېرىكىشلىك،‏ ئىلھام بېرە‌لمە‌يدىغاندە‌ك كۆرۈنىدۇ.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ دائىم قولۇ‌ڭىزنى كۆتۈرۈشكە تە‌ييار تۇ‌رۇ‌ڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ باشقىلارنىمۇ كۆپرە‌ك قول كۆتۈرۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلالىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏

6،‏ 7.‏ قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىشتىن قورقۇ‌پ،‏ جىددىيلىشىشنى ئازايتىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏

6 ئە‌گە‌ر قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىشتىن قورقۇ‌پ،‏ جىددىيلە‌شسىڭىز،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلارمۇ سىزگە ئوخشاشلا ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدۇ.‏ بىراق،‏ قېرىنداشلىرىڭىزنى كۆپرە‌ك ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ جاۋاب بە‌رگە‌ندە قورقۇ‌پ جىددىيلىشىشنى قانداق يېڭىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

7 «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلىنىڭ بۇ‌رۇ‌نقى سانلىرىنىڭ بىرىدىن،‏ سىزگە ياردە‌م بېرىدىغان بە‌زى ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌رنى تاپالىشىڭىز مۇ‌مكىن b‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ياخشى تە‌ييارلىق قىلىڭ (‏پە‌ند.‏ نە 21:‏5‏)‏.‏ ئۆگىنىدىغان مە‌زمۇ‌نلارنى ياخشىراق چۈشە‌نسىڭىز،‏ قىزغىنلىق بىلە‌ن قول كۆتۈرۈشكە ھە‌رقاچان تە‌ييار بولالايسىز.‏ شۇ‌ندىلا،‏ جاۋاب بېرىش سىزگە قىيىن تۇ‌يۇ‌لمايدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 15:‏23؛‏ 17:‏27‏)‏.‏ لېكىن،‏ جاۋابلىرىڭىز قىسقا بولسۇ‌ن.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ جىددىيلىشىپ قورقۇ‌شمۇ ئاز بولىدۇ.‏ بىر ياكى ئىككى جۈملە سۆز بىلە‌ن جاۋاب بېرىشكە بولىدۇ.‏ كۆپ ئوي-‏پىكىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇ‌زۇ‌ن جاۋابلارغا قارىغاندا،‏ قىسقا،‏ مېغىزلىق جاۋابلارنى قېرىنداشلار ئاسانراق چۈشىنىدۇ.‏ ئۆز سۆزلىرىڭىز بىلە‌ن،‏ قىسقا جاۋابلارنى بېرىش ئارقىلىق ياخشى تە‌ييارلىق قىلغانلىقىڭىزنى ۋە ئۆگىنىدىغان مە‌زمۇ‌نلارنى ئېنىق چۈشە‌نگە‌نلىكىڭىزنى كۆرسىتە‌لە‌يسىز.‏

8.‏ يە‌ھۋا قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسە‌تكە‌نلىكىمىزگە قانداق قارايدۇ؟‏

8 مۇ‌شۇ مە‌سلىھە‌تلە‌رنىڭ بە‌زىلىرىنى سىناپ كۆرگە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌نىلا بىر ياكى ئىككى قېتىمدىن كۆپرە‌ك جاۋاب بېرىشتىن ئە‌نسىرسىڭىزچۇ؟‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىڭكى،‏ يە‌ھۋا قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لگە‌ننى قىلغىنىڭىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ (‏لۇ‌قا 21:‏1–‏4‏)‏.‏ ئە‌ڭ ياخشىسىنى بېرىش ھە‌رگىزمۇ قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لمە‌يدىغان ئىشنى قىلىشىنى بىلدۈرمە‌يدۇ (‏فىلىپى.‏ 4:‏5‏)‏.‏ ئۆزىڭىزنىڭ نېمە قىلالايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىپ،‏ ئاندىن بىر مە‌قسە‌ت قويۇ‌ڭ ۋە كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىڭىز ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ دە‌سلە‌پتە،‏ قىسقا بىر جاۋاب بېرىش ئۈچۈن مە‌قسە‌ت قويسىڭىز بولىدۇ.‏

چوڭ جامائە‌تتە ئۆزئارا ئىلھام بېرىش

9.‏ چوڭ جامائە‌تتە قانداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

9 ئە‌گە‌ر جامائىتىڭىزدە ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار كۆپ بولسا،‏ باشقىچە بىر قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قول كۆتە‌رگە‌ن بولسىڭىزمۇ،‏ باشقا كۆپلىگە‌ن قېرىنداشلارمۇ قول كۆتە‌رگە‌چ،‏ سىزدىن سورىماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دانىئېلا يىغىلىشلاردا ھە‌مىشە جاۋاب بېرىپ خۇ‌شاللىق تاپاتتى c‏.‏ ئۇ بۇ‌نداق قىلىشنى ئىبادىتىنىڭ بىر قىسىمى،‏ باشقىلارغا ئىلھام بېرىشنىڭ بىر يولى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى قە‌لبىگە يېزىۋېلىشنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى دە‌پ قارىغان.‏ بىراق،‏ ئۇ تېخىمۇ چوڭراق جامائە‌تكە كۆچۈپ بارغان.‏ جامائە‌تتە ئۇ ھە‌ر دائىم قول كۆتە‌رسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئارىلاپ-‏ئارىلاپ سورىغان.‏ ھە‌تتا،‏ بە‌زىدە پۈتۈن يىغىلىش داۋامىدا بىر قېتىممۇ جاۋاب بېرىش پۇ‌رسىتىگە ئېرىشە‌لمىگە‌ن.‏ ئۇ ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئېيتىپ،‏ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «كۆڭلۈم بە‌ك يېرىم بولدى.‏ ئۆزۈمنى بىر ئىمتىيازدىن مە‌ھرۇ‌م بولغاندە‌ك ھېس قىلدىم.‏ قايتا-‏قايتا شۇ‌نداق بولغاندا،‏ قە‌ستە‌ن شۇ‌نداق بولۇ‌ۋاتامدۇ ياكى ئۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ دە‌پ ئويلاشقا باشلىدىم».‏

10.‏ قانداق قىلساق جاۋاب بېرىش پۇ‌رسىتىمىز كۆپ بولىدۇ؟‏

10 سىزمۇ دانىئېلا ئوخشاش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغانمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ سىز قول كۆتۈرۈشتىن ۋاز كە‌چمە‌كچى ۋە يىغىلىشنى پە‌قە‌ت ئاڭلاپلا ئولتۇ‌رماقچى بولغان بولۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىشنى توختاتماڭ.‏ ئۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ ھە‌ر قېتىملىق يىغىلىش ئۈچۈن بىرقانچە جاۋابلارنى تە‌ييارلاش سىزگە ياردە‌م بېرىشى مۇ‌مكىن.‏ جاۋاب بېرىشكە مۇ‌ھاكىمىنىڭ بېشىدا پۇ‌رسىتىڭىز بولمىسا،‏ ئوتتۇ‌رىدا ياكى ئاخىرىدا بولىدۇ.‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» تە‌تقىق ئۆگىنىشىگە تە‌ييارلىق قىلغاندا،‏ ھە‌ر بىر ئابزاسنىڭ ماقالىنىڭ ئاساسىي ئايىتى بىلە‌ن قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى ئويلاڭ.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ مۇ‌ھاكىمە جە‌ريانىدا ياخشى جاۋابلارنى بېرە‌لە‌يسىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ چۈشە‌ندۈرۈش قىيىنراق بولغان چوڭقۇ‌ر ھە‌قىقە‌تلە‌ر تىلغا ئېلىنغان ئابزاسلارغا جاۋاب بېرىشكە تە‌ييارلىق قىلسىڭىز بولىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 2:‏10‏)‏.‏ بۇ مە‌سلىھە‌تلە‌رنى ئە‌مە‌لىي قوللانغان بولسىڭىزمۇ،‏ بىرقانچە قېتىملىق يىغىلىشتىن كېيىن يە‌نىلا جاۋاب بېرىش پۇ‌رسىتى يوقلىقىنى ھېس قىلسىڭىزچۇ؟‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا،‏ يىغىلىش باشلىنىشتىن بۇ‌رۇ‌ن مۇ‌ھاكىمىگە يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان بۇ‌رادە‌رگە قايسى سوئالغا جاۋاب بېرىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىز بولىدۇ.‏

11.‏ فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏4-‏ئايە‌ت بىزنى نېمە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

11 فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ئىلھامى بىلە‌ن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى باشقىلارنىڭ مە‌نپە‌ئىتىنى كۆزلە‌شكە دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرى جە‌ريانىدا بۇ نە‌سىھە‌ت سۆزىنى قانداق قوللانساق بولىدۇ؟‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌مايلى،‏ باشقىلارمۇ بىزگە ئوخشاش قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىشنى خالايدۇ.‏

ئادە‌تتە سۆھبە‌تتە باشقىلارنىڭ سۆزلىشىگە يول قويغاندە‌ك،‏ جامائە‌ت يىغىلىشىدا ھە‌م باشقىلارنىڭ جاۋاب بېرىشىگە يول قويۇ‌ڭ (‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

12.‏ يىغىلىشلاردا باشقىلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شنىڭ ئە‌ڭ ياخشى يولى نېمە؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

12 مۇ‌نداق ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ سىز دوستلىرىڭىز بىلە‌ن سۆھبە‌تلە‌شكە‌ندە،‏ پە‌قە‌ت ئۆزىڭىز كۆپ سۆزلە‌پ،‏ باشقىلارغا ئازىراق سۆزلە‌ش پۇ‌رسىتىنى قالدۇ‌رامسىز؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ‌نداق قىلمايسىز.‏ ئۇ‌لارنىڭمۇ سۆھبىتىڭلاردا ئۆز سۆزلىرىنى قىلىشىغا يول بېرىسىز.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدىمۇ كۆپرە‌ك قېرىنداشلارنىڭمۇ جاۋابلارنى بېرىشىنى خالايمىز.‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌للىرىدىن بىرى —‏ ئۇ‌لارغا ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىنى ئىپادىلە‌شنىڭ پۇ‌رسىتىنى بېرىش (‏1-‏كورىنت.‏ 10:‏24‏)‏.‏ ھازىر بۇ‌نى قانداق قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.‏

13.‏ كۆپرە‌ك كىشىلە‌رنىڭ قول كۆتۈرۈپ،‏ جاۋاب بېرىشىگە قانداق پۇ‌رسە‌ت بېرە‌لە‌يمىز؟‏

13 بىز قىلالايدىغان بىر ئىش —‏ قىسقا جاۋاب بېرىش.‏ شۇ‌نداق قىلغاندا،‏ كۆپرە‌ك كىشىلە‌ر جاۋاب بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئاقساقاللار ۋە باشقا تە‌جرىبىلىك ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار ئۇ‌نداق قىلىشتا ئۈلگە قالدۇ‌رالايدۇ.‏ ھە‌تتا،‏ قىسقا جاۋاب بە‌رگە‌ندىمۇ،‏ بە‌ك كۆپ مۇ‌ھىم نۇ‌قتىلارنى سۆزلە‌شتىن ساقلىنىڭ.‏ ئە‌گە‌ر ئابزاستىكى ھە‌ممە نە‌رسىنى سۆزلىسىڭىز،‏ باشقىلارنىڭ بىر نە‌رسە دېيىشىگە ھېچنېمە قالمايدۇ.‏ بۇ ئابزاستا ئىككى مە‌سلىھە‌ت بېرىلگە‌ن.‏ بىرىنچىسى،‏ قىسقا جاۋاب بېرىش.‏ ئىككىنچىسى،‏ بە‌ك كۆپ نۇ‌قتىلارنى سۆزلىمە‌سلىك.‏ ئە‌گە‌ر بۇ ئابزاسقا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن سىزدىن بىرىنچى سورىسا،‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۇ ئىككى مە‌سىھە‌تنىڭ پە‌قە‌ت بىرىنىلا سۆزلە‌ڭ.‏

قاچان يىغىلىشتا قول كۆتە‌رمە‌سلىكنى قارار قىلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏ (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ f

14.‏ قانچە قېتىم قول كۆتۈرۈشنى قارار قىلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

14 قانچە قېتىم قول كۆتۈرۈشنى قارار قىلغىنىڭىزدا،‏ ۋە‌زىيە‌تكە قاراپ قارار چىقىرىڭ.‏ ئە‌گە‌ر باشقىلارنىڭ تېخى بىرە‌ر قېتىممۇ جاۋاب بېرىش پۇ‌رسىتى بولمىغان بولسا،‏ ھە‌ر دائىم قولىمىزنى كۆتۈرسە‌ك،‏ مۇ‌ھاكىمىگە يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان بۇ‌رادە‌رگە بېسىم قىلىپ قويۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ باشقىلارنى قول كۆتۈرۈشتىن توسۇ‌پ قويالايدۇ.‏—‏ۋە‌ز 3:‏7‏.‏

15.‏ (‏1)‏ ئە‌گە‌ر بىزدىن سورىمىسا،‏ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ يېتە‌كچىلىك قىلىدىغانلار ھە‌ر بىر كىشىگە ئېتىبار بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏ (‏«‏ مۇ‌ھاكىمىگە يېتە‌كچىلىك قىلسىڭىز‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏

15 يىغىلىشتا مۇ‌ھاكىمە ئۆتكۈزۈلگە‌ندە،‏ كۆپ قېرىنداشلار قول كۆتە‌رسە،‏ ئۆزىمىز ئۈمىد قىلغاندە‌ك،‏ ھە‌ر دائىم جاۋاب بېرىش پۇ‌رسىتى بولماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا مۇ‌ھاكىمىگە يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان بۇ‌رادە‌ر بىر قېتىممۇ سىزدىن سورىماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ بۇ‌نداق ئە‌ھۋال كىشىنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بىزدىن سورىمىغاندا،‏ بۇ‌نى كۆڭلىمىزگە ئالماسلىققا تىرىشىشىمىز لازىم.‏—‏ۋە‌ز 7:‏9‏.‏

16.‏ يىغىلىشتا جاۋاب بە‌رگە‌نلە‌رگە قانداق ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرە‌لىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

16 ئە‌گە‌ر ئۆزىڭىز ئۈمىد قىلغاندە‌ك ھە‌ر دائىم جاۋاب بېرە‌لمىسىڭىز،‏ باشقىلارنىڭ بە‌رگە‌ن جاۋابلىرىنى كۆڭۈل قويۇ‌پ ئاڭلاپ،‏ يىغىلىشتىن كېيىن ئۇ‌لارنى جاۋابى ئۈچۈن ماختاپ مە‌دە‌ت بېرىڭ.‏ بە‌رگە‌ن جاۋابلىرىڭىزغا ئوخشاش،‏ ماختاشلىرىڭىزمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرە‌لە‌يدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 10:‏21‏)‏.‏ ئۆزئارا ماختاش بىر-‏بىرىمىزنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شنىڭ يە‌نە بىر يولى.‏

ئىلھام بېرىشنىڭ يە‌نە باشقا يوللىرى

17.‏ (‏1)‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىغا مۇ‌ۋاپىق جاۋابلارنى تە‌ييارلىشىغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏2)‏ فىلىمگە ئاساسلانغاندا،‏ جاۋابلارنى تە‌ييارلاشنىڭ قايسى تۆت قە‌دە‌م باسقۇ‌چى بار؟‏ (‏ئىزاھاتقا ھە‌م قاراڭ)‏

17 ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىمىزدا بىر-‏بىرىمىزنى يە‌نە قانداق ئىلھاملاندۇ‌رالايمىز؟‏ ئە‌گە‌ر ئاتا-‏ئانا بولسىڭىز،‏ بالىلىرىڭىزنىڭ يېشىغا ماس جاۋابلارنى تە‌ييارلىشىغا ياردە‌م بېرىڭ (‏مە‌تتا 21:‏16‏)‏.‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا،‏ نىكاھ مە‌سىلىسى ياكى ئە‌دە‌پ-‏ئە‌خلاق قاتارلىق مۇ‌ھىم مە‌سىلىلە‌ر مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدۇ.‏ بىراق،‏ بالىلار جاۋاب بېرە‌لىگۈدە‌ك بىر-‏ئىككى ئابزاس مە‌زمۇ‌نلارمۇ بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بالىلار ھە‌ر قېتىم قول كۆتە‌رگە‌ندە،‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌لاردىن سورىماي،‏ باشقىلاردىن سورىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏ سە‌ۋە‌بىنى چۈشە‌نسە،‏ ئۇ‌لار خاپا بولماسلىقنى ئۆگىنىدۇ.‏—‏1-‏تىموت.‏ 6:‏18 d‏.‏

18.‏ جاۋاب بە‌رگە‌ندە،‏ دىققە‌تنى ئۆزىمىزگە قارىتىشتىن قانداق ساقلىنالايمىز؟‏ (‏پە‌ند.‏ نە 27:‏2‏)‏

18 ھە‌ممىمىز يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىدىغان ۋە قېرىنداشلىرىمىزنى ئىلھاملاندۇ‌رىدىغان جاۋابلارنى تە‌ييارلىيالايمىز (‏پە‌ند.‏ نە 25:‏11‏)‏.‏ بە‌زىدە قىسقىچە شە‌خسىي تە‌جرىبىلىرىمىزنى سۆزلە‌ش بېرىشىمىز مۇ‌مكىن،‏ ئە‌مما ئۆزىمىز ھە‌ققىدە كۆپ سۆزلە‌شتىن ساقلىنىشىمىز كېرە‌ك ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏2-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 10:‏18‏)‏.‏ ئە‌كسىنچە،‏ دىققىتىمىزنى يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزى ۋە ئۇ‌نىڭ خە‌لقىگە مە‌ركە‌زلە‌شتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم (‏ۋە‌ھىي.‏ 4:‏11‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ‌نداق قىلىشنىڭ مۇ‌ۋاپىق پە‌يتى بار،‏ ئە‌گە‌ر ئابزاسقا بېرىلگە‌ن سوئال شە‌خسىي تە‌جرىبىلە‌رنى سۆزلە‌شكە دە‌ۋە‌ت قىلسا،‏ شۇ‌نداق قىلساق بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بۇ ماقالىدىكى كېيىنكى ئابزاس ئۆز تە‌جرىبىلىرىڭىزنى سۆزلە‌ش ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت بېرىدۇ.‏

19.‏ (‏1)‏ يىغىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ ھە‌ممىسىنىڭ مە‌نپە‌ئە‌تىنى كۆزلىسە‌ك،‏ نە‌تىجىسى قانداق بولىدۇ؟‏ (‏رىملىقلار 1:‏11،‏ 12‏)‏ (‏2)‏ قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىش شان-‏شە‌رىپى ئۈچۈن شە‌خسە‌ن ئۆز مىننە‌تدارلىقىڭىزنى قانداق بىلدۈرىسىز؟‏

19 قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا قاتتىق قائىدە-‏تۈزۈم بولمىسىمۇ،‏ ھە‌ممىمىز بىر-‏بىرىمىزگە ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.‏ بە‌لكىم،‏ بۇ بە‌زىدە كۆپرە‌ك قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىشنى بىلدۈرىدۇ.‏ ياكى ئۆزىمىزگە بېرىلگە‌ن جاۋاب بېرىش پۇ‌رسىتىگە رازى بولۇ‌پ،‏ باشقىلارنىڭمۇ بىزدە‌ك پۇ‌رسە‌تكە ئېرىشە‌لىگە‌نلىكى ئۈچۈن خۇ‌شال بولۇ‌شنى بىلدۈرىدۇ.‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا باشقىلارنىڭ مە‌نپە‌ئىتىنى كۆزلە‌ش ئارقىلىق ھە‌ممىمىز بىر-‏بىرىمىزگە ئىلھام بېرىشتىن خۇ‌شاللىق تاپالايمىز.‏—‏رىملىقلار 1:‏11،‏ 12-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

20-‏ناخشا يىغىلىشلىرىمىزغا بە‌رىكە‌ت بە‌ر

a ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىمىزدا قول كۆتۈرۈپ،‏ ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرىمىزنى بايان قىلساق،‏ بىر-‏بىرىمىزگە ئىلھام بېرە‌لە‌يمىز.‏ بىراق،‏ بە‌زىلە‌ر جاۋاب بېرىشتىن قورقىدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر جاۋاب بېرىشنى ياخشى كۆرگە‌چ،‏ ئۆزلىرىدىن كۆپرە‌ك سوراشنى كۈتىدۇ.‏ ھە‌ر ئىككىلا ۋە‌زىيە‌تتە،‏ ھە‌ممىمىز ئىلھامغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىر-‏بىرىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلايدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ بىز قانداق قىلىپ قېرىنداشلىرىمىزنى بىر-‏بىرىنى سۆيۈشكە ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا رىغبە‌تلە‌ندۈرىدىغان جاۋابلارنى بېرە‌لە‌يمىز؟‏ بۇ ماقالىدە مۇ‌شۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.‏

c ئىسىم ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

d ‏jw.org توردا «‏يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ڭ.‏ جاۋاب بېرىشكە تە‌ييارلىنىڭ‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.‏

f سۈرە‌تتە:‏ چوڭ جامائە‌تتە ئاللىقاچان جاۋاب بېرىپ،‏ باشقىلارغىمۇ جاۋاب بېرىشكە پۇ‌رسە‌ت بېرىۋاتقان بۇ‌رادە‌ر