مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

16-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«قېرىندىشىڭىز تىرىلىدۇ!‏»‏

‏«قېرىندىشىڭىز تىرىلىدۇ!‏»‏

‏«ئە‌يسا [مارتاغا]:‏ ‹قېرىندىشىڭىز تىرىلىدۇ›،‏—‏ دېدى»‏‏.‏—‏يۇ‌ھاننا 11:‏23‏.‏

12-‏ناخشا ۋە‌دە قىلىنغان مە‌ڭگۈ ھاياتلىق

بۇ ماقالىدە a

1.‏ بىر ئوغۇ‌ل بالا تىرىلىشكە بولغان ئۈمىدىنى قانداق ئىپادىلىگە‌ن؟‏

 مە‌تيۇ ئىسىملىك ئوغۇ‌ل بالا ئېغىر كېسە‌ل بولغاچ،‏ ئۇ‌نىڭغا كۆپ قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىش كېرە‌ك ئىدى.‏ ئۇ 7 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلە‌ر بىلە‌ن بىرلىكتە ھە‌ر ئايلىق JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىنى كۆرۈۋاتاتتى.‏ پروگرامما ئاخىرىدا،‏ يېقىن كىشىلىرى قايتا تىرىلگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنى قارشى ئېلىش توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌زىكىلىق فىلىمنى كۆردى b‏.‏ پروگراممىدىن كېيىن،‏ مە‌تيۇ ئاتا-‏ئانىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ قوللىرىنى تۇ‌تۇ‌پ تۇ‌رۇ‌پ:‏ «ئاپا،‏ دادا كۆردىڭلارمۇ،‏ مە‌ن ئۆلۈپ كە‌تسە‌ممۇ،‏ قايتا تىرىلىپ تۇ‌رىمە‌ن،‏ سىلە‌ر مېنى ساقلاڭلار.‏ ھە‌ممىسى ياخشى بولىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئاتا-‏ئانىلىرى ئوغلىنىڭ قايتا تىرىلىش ئۈمىدىگە بولغان ئىشە‌نچىسىنىڭ شۇ‌نچە كۈچلۈك ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ندە،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالامسىز؟‏

2،‏ 3.‏ نېمە ئۈچۈن تىرىلىش ئۈمىدى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش بىز ئۈچۈن پايدىلىق؟‏

2 بە‌زى چاغلاردا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ كېلە‌چە‌كتىكى تىرىلىش توغرىسىدىكى ۋە‌دىلىرى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش بىز ئۈچۈن پايدىلىق (‏يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ھاياتىمىزدا قاچان ئېغىر كېسە‌لگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىمىزنى ياكى تۇ‌يۇ‌قسىزلا يېقىن كىشىلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمىزنى بىلمە‌يمىز (‏ۋە‌ز 9:‏11؛‏ ياقۇ‌پ 4:‏13،‏ 14‏)‏.‏ تىرىلىش ئۈمىدىمىز شۇ‌نداق قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 4:‏13‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار بىزنى شۇ‌نىڭغا ئىشە‌ندۈرىدۇ:‏ ئاسماندىكى ئاتىمىز بىزنى ياخشى بىلىدۇ ۋە سۆيىدۇ (‏لۇ‌قا 12:‏7‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى ئىلگىرىكى مىجە‌ز-‏خۇ‌لق ۋە ئە‌سلىمىلىرىمىز بىلە‌ن تىرىلدۈرىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ بىزنى قانچىلىك ياخشى تونۇ‌يدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى مە‌ڭگۈ ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ،‏ ھە‌تتا ئۆلۈپ كە‌تسە‌كمۇ،‏ ئۇ بىزنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرىدۇ.‏

3 بۇ ماقالىدە،‏ ئاۋۋال نېمىشقا تىرىلىش ۋە‌دىسىگە ئىشىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى مۇ‌لاھىزە قىلىمىز.‏ ئاندىن كېيىن،‏ ئاساسىي ئايە‌تتىكى «قېرىندىشىڭىز تىرىلىدۇ» دېگە‌ن سۆزلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىمان-‏ئېتىقادنى كۈچە‌يتىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئۈزۈندىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز (‏يۇ‌ھاننا 11:‏23‏)‏.‏ ئاخىرىدا،‏ تىرىلىش ئۈمىدىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۈچە‌يتە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.‏

نېمە ئۈچۈن تىرىلىش ھە‌ققىدىكى ۋە‌دىگە ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏

4.‏ بىر ۋە‌دىگە ئىشىنىش ئۈچۈن چوقۇ‌م نېمىگە ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏ مىسال ئارقىلىق چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

4 بىر ۋە‌دىگە ئىشىنىش ئۈچۈن،‏ چوقۇ‌م ئاشۇ ۋە‌دىنى بە‌رگە‌ن كىشىنىڭ ئۇ‌نى ئورۇ‌نلاش ئارزۇ-‏ئىستىكى ۋە كۈچ-‏قۇ‌درىتى ياكى ئىقتىدارى بارلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ مۇ‌نداق بىر مىسال قىلايلى:‏ ئۆيىڭىز كۈچلۈك بوران-‏چاپقۇ‌ندا ۋە‌يران بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭ.‏ بىر دوستىڭىز قېشىڭىزغا كېلىپ:‏ «مە‌ن ئۆيۈڭنى قايتا سېلىشىڭغا ياردە‌م قىلىمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ۋە‌دە بېرىدۇ.‏ ئۇ سە‌مىمىي ۋە ئۇ‌نىڭ سىزگە ياردە‌م قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكى بارلىقىغا ئىشىنىسىز.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ ماھارە‌تلىك قۇ‌رۇ‌لۇ‌شچى ۋە كېرە‌كلىك قورال-‏سايمانلىرى بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ سىزگە ياردە‌م بېرىش ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلىسىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىسىگە ئىشىنىسىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ خۇ‌دانىڭ تىرىلدۈرۈش ۋە‌دىسى ھە‌ققىدە نېمە دېسە‌ك بولىدۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ راستىنلا شۇ ۋە‌دىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئارزۇ-‏ئىستىكى ۋە كۈچ-‏قۇ‌درىتى بارمۇ؟‏

5،‏ 6.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرۈش ئارزۇ-‏ئىستىكىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏

5 يە‌ھۋانىڭ ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرۈش ئارزۇ-‏ئىستىكى بارمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ‌نىڭغا گە‌پ كە‌تمە‌يدۇ.‏ ئۇ بە‌زى كىشىلە‌رنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ كېلە‌چە‌كتىكى تىرىلدۈرۈش ۋە‌دىسىنى قە‌لە‌مگە ئالدۇ‌رغان (‏يە‌شايا 26:‏19؛‏ ھوشىيا 13:‏14؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 20:‏11–‏13‏)‏.‏ يە‌ھۋا ۋە‌دە بە‌رسە،‏ ئۇ دائىم ۋە‌دىسىنى ئورۇ‌نلايدۇ (‏يە‌شۇ‌ئا 23:‏14‏)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئۇ ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرۈشكە تە‌شنا.‏ نېمە ئۈچۈن بۇ‌نداق دېيە‌لە‌يمىز؟‏

6 ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ نېمە دېگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ ھە‌تتا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن تە‌غدىردىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭ تىرىلگە‌نلىكىنى كۆرۈشكە تە‌شنا ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نگە‌ن (‏ئايۇ‌پ 14:‏14،‏ 15‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن بارلىق خىزمە‌تچىلىرىنىمۇ كۆرۈشنى تە‌شنالىق بىلە‌ن كۈتىدۇ.‏ ئۇ ئۇ‌لارنى ساغلام خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشكە تە‌قە‌ززا.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا ھە‌ققىدىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى بىلىش پۇ‌رسىتى بولماي ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن مىلياردلىغان ئىنسانلارچۇ؟‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك ياراتقۇ‌چىمىز ئۇ‌لارنىمۇ تىرىلدۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 24:‏15‏)‏.‏ ئۇ ئۇ‌لارغا ئۆزى بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش ۋە يە‌ر يۈزىدە مە‌ڭگۈ ياشاش پۇ‌رسىتىنى بېرىشنى خالايدۇ (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16‏)‏.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرۈش ئارزۇ-‏ئىستىكى بار.‏

7،‏ 8.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنىمىز؟‏

7 يە‌ھۋانىڭ ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرۈش كۈچ-‏قۇ‌درىتى بارمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە!‏ ئۇ «ھە‌ممىگە قادىر» (‏ۋە‌ھىي.‏ 1:‏8‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ھە‌رقانداق دۈشمە‌ننى،‏ ھە‌تتا ئۆلۈمنى مە‌غلۇ‌پ قىلىدىغان كۈچ-‏قۇ‌درە‌تكە ئىگە (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏26‏)‏.‏ بۇ‌نى بىلىش ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىدۇ ۋە بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ.‏ ئېمما ئارنولد ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ كە‌چۈرمىشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌ش مە‌زگىلىدە ئېغىر سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ دە‌ھشە‌تلىك جازالاش لاگېرلىرىدا ئۇ‌نىڭ يېقىنلىرى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ئىدى.‏ ئېمما قىزىغا تە‌سە‌للى بېرىش ئۈچۈن:‏ «ئە‌گە‌ر ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن كىشىلە‌ر قايتا ياشىمىسا،‏ دېمە‌ك دۈشمىنىمىز ئۆلۈم ياراتقۇ‌چى خۇ‌دادىن كۈچلۈكرە‌ك.‏ بىراق،‏ بۇ‌نداق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ يە‌ھۋادىن كۈچلۈك ھېچقانداق نە‌رسە يوق!‏ ھاياتلىقنى بارلىققا كە‌لتۈرگە‌ن،‏ ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا ئۆلگە‌نلە‌رگە قايتا ھاياتلىق بېرىشكە ھە‌م قادىر.‏

8 خۇ‌دا ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرىدۇ.‏ بۇ‌نى قانداق بىلىمىز؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌ستە ساقلاش ئىقتىدارى چە‌كسىز.‏ ئۇ ھە‌ر بىر ئاسماندىكى يۇ‌لتۇ‌زنى ئۆز ئىسىمى بىلە‌ن چاقىرىدۇ (‏يە‌شايا 40:‏26‏)‏.‏ بارلىق ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌رمۇ ئۇ‌نىڭ ئېسىدە (‏ئايۇ‌پ 14:‏13؛‏ لۇ‌قا 20:‏37،‏ 38‏)‏.‏ ئۇ قايتا تىرىلدۈرىدىغان كىشىلە‌رنىڭ ئېرسىيىتى،‏ تاشقى قىياپە‌تلىرى،‏ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلىرى،‏ كە‌چۈرمىشلىرى ۋە ئە‌سلىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىچىك تە‌پسىلاتلارنى ئاسانلا ئېسىگە ئالالايدۇ.‏

9.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ كېلە‌چە‌كتىكى تىرىلدۈرۈش توغرىسىدىكى ۋە‌دىسىگە ئىشىنىسىز؟‏

9 ناھـايىتى ئېنىقـكى،‏ يە‌ھـۋانىڭ كېلە‌چـە‌كتىكى تىرىلدۈرۈش توغرىسىدىكى ۋە‌دىسىگە ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆز ۋە‌دىلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئارزۇ ئىستىكى ۋە كۈچ-‏قۇ‌درىتى بارلىقىنى بىلىمىز.‏ خۇ‌دانىڭ تىرىلدۈرۈش ۋە‌دىسىگە ئىشىنە‌لىشىمىزنىڭ يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ باقايلى.‏ يە‌ھۋا ئاللىقاچان كىشىلە‌رنى تىرىلدۈرگە‌ن.‏ قە‌دىمقى زاماندا،‏ ئۇ بىرقانچە ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرىگە ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرۈش كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا ئە‌يسامۇ بار.‏ ھازىر يۇ‌ھاننا كىتابىنىڭ 11-‏بابىدا يېزىلغان ئە‌يسانىڭ ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرگە‌نلىكى توغرىسىدىكى بىر ۋە‌قە‌نى كۆرۈپ باقايلى.‏

ئە‌يسانىڭ يېقىن دوستى ئۆلۈپ كە‌تتى

10.‏ ئە‌يسا ئىئوردان دە‌رياسىدىن ئۆتۈپ،‏ بە‌يتانىيانىڭ قارشى تە‌رىپىدىكى رايونلاردا ۋە‌ز قىلىپ يۈرگە‌ندە،‏ نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌ن ۋە ئۇ نېمە قىلدى؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 11:‏1–‏3‏)‏

10 يۇ‌ھاننا 11:‏1–‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ مىلادى 32-‏يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا،‏ بە‌يتانىيادا نېمە ئىش يۈز بە‌رگىنىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ مۇ‌شۇ يېزىدا ئە‌يسانىڭ يېقىن دوستلىرى لازار ۋە ئۇ‌نىڭ قېرىنداشلىرى مە‌ريە‌م ۋە مارتا ياشايتتى (‏لۇ‌قا 10:‏38–‏42‏)‏.‏ كېيىن،‏ لازار كېسە‌ل بولۇ‌پ قېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ قېرىنداشلىرى كۆپ غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلغان.‏ ئۇ‌لار بە‌يتانىيادىن ئىككى كۈن پىيادە يول يۈرۈپ،‏ يېتىپ بېرىشقا بولىدىغان ئىئوردان دە‌رياسىنىڭ قارشى تە‌رىپىدە بولغان ئە‌يسا مە‌سىھكە بىر خە‌ۋە‌رچى ئە‌ۋە‌تكە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 10:‏40‏)‏.‏ ئە‌پسۇ‌سلىنارلىقى،‏ خە‌ۋە‌رچى ئە‌يسانىڭ قېشىغا يېتىپ بارغاندا،‏ لازار ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ئىدى.‏ گە‌رچە ئە‌يسا دوستىنىڭ ئە‌مدىلا جان ئۈزگە‌نلىكىنى بىلسىمۇ،‏ ئۇ يە‌نە ئاشۇ يە‌ردە ئىككى كۈن تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئاندىن بە‌يتانىياغا بارغان.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا بە‌يتانىياغا يېتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ لازارنىڭ ئۆلگىنىگە تۆت كۈن بولغان ئىدى.‏ ئە‌يسا دوستلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ۋە خۇ‌دانى ئۇ‌لۇ‌غلايدىغان ئىشنى قىلماقچى بولغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 11:‏4،‏ 6،‏ 11،‏ 17‏.‏

11.‏ بۇ ئۈزۈندىدىن دوستلۇ‌ق ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

11 بۇ ئۈزۈندىلە‌ردىن دوستلۇ‌ق ھە‌ققىدە بىر نە‌رسىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ ئويلاپ كۆرۈڭ،‏ مە‌ريە‌م بىلە‌ن مارتا،‏ ئە‌يساغا خە‌ۋە‌رچى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭدىن بە‌يتانىياغا كېلىشنى ئۆتۈنمىگە‌ن،‏ ئۇ‌لار پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭ قە‌دىردان دوستىنىڭ كېسە‌ل بولۇ‌پ قالغانلىقىنى ئېيتقان (‏يۇ‌ھاننا 11:‏3‏)‏.‏ لازار ئۆلگە‌ندە،‏ ئە‌يسا ھە‌تتا يىراق جايدا تۇ‌رۇ‌پمۇ ئۇ‌نى تىرىلدۈرە‌لە‌يتتى.‏ ئە‌مما ئە‌يسا بە‌يتانىياغا بېرىپ،‏ دوستلىرى مە‌ريە‌م ۋە مارتا بىلە‌ن بىللە بولۇ‌شنى قارار قىلغان.‏ سىز سورىمىسىڭىزمۇ،‏ ياردە‌م قولىنى سىزگە سۇ‌نۇ‌شقا تە‌ييار تۇ‌رىدىغان دوستىڭىز بارمۇ؟‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بېشىڭىزغا ئېغىر كۈنلە‌ر كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ ياردىمىگە تايىنالايسىز (‏پە‌ند.‏ نە 17:‏17‏)‏.‏ ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ باشقىلار بىلە‌ن شۇ‌نداق دوستلۇ‌ق ئورنىتايلى!‏ ھازىر،‏ يە‌نە داۋاملىق نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

12.‏ ئە‌يسا مارتاغا نېمىنى ۋە‌دە قىلغان ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىسى قۇ‌رۇ‌ق گە‌پ ئە‌مە‌س؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 11:‏23–‏26‏)‏

12 يۇ‌ھاننا 11:‏23–‏26-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ مارتا ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ بە‌يتانىياغا يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىپ،‏ دە‌رھال ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن كۆرۈشۈشكە يۈگۈرگە‌ن ۋە كۆرۈشكە‌ندە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بۇ يە‌ردە بولغان بولسىڭىز،‏ قېرىندىشىم ئۆلمە‌س ئىدى» (‏يۇ‌ھاننا 11:‏21‏)‏.‏ شۇ‌نداق،‏ ئۇ لازارنى ساقايتقان بولاتتى.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ تېخىمۇ مۇ‌ھىم ئىشنى قىلىشنى ئويلىغان.‏ ئۇ مارتاغا ۋە‌دە بېرىپ:‏ «قېرىندىشىڭىز تىرىلىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئۇ يە‌نە مارتاغا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىگە ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقىنىڭ يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بىنى ئېيتىپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «تىرىلىش ۋە ھايات مە‌ن ئۆزۈمدۇ‌رمە‌ن».‏ ئە‌يساغا ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرۈش كۈچىنى خۇ‌دانىڭ ئۆزى بە‌رگە‌ن.‏ ئىلگىرى ئۇ بىر كىچىك قىز ئۆلۈپ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ ئۇ‌نى تىرىلدۈرگە‌ن،‏ يە‌نە بىر ياش يىگىتنى شۇ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن كۈنى تىرىلدۈرگە‌ن (‏لۇ‌قا 7:‏11–‏15؛‏ 8:‏49–‏55‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ھازىر ئۆلۈپ كە‌تكىنىگە تۆت كۈن بولۇ‌پ،‏ تېنى چىرىشكە باشلىغان لازارنى تىرىلدۈرە‌لە‌مدۇ؟‏

‏«‏لازار،‏ تاشقىرىغا چىق!‏»‏

ئە‌يسا مە‌سىھ قايغۇ‌رۇ‌ۋاتقان دوستلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپ ھېسداشلىق قىلغان (‏13،‏ 14-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

13.‏ يۇ‌ھاننا 11:‏32–‏35-‏ئايە‌تلە‌ردىكى ئۈزۈندىلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ مە‌ريە‌م ۋە باشقىلارنىڭ يىغا-‏زارلىرىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

13 يۇ‌ھاننا 11:‏32–‏35-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئۇ‌نىڭدىن كېيىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ.‏ لازارنىڭ يە‌نە بىر قېرىندىشى مە‌ريە‌م ئە‌يسا بىلە‌ن كۆرۈشكىلى چىققان.‏ ئۇ ھە‌دىسى ئېيتقان سۆزلە‌رنى قايتا تە‌كرارلىغان:‏ «ھە‌زرىتىم،‏ ئە‌گە‌ر بۇ يە‌ردە بولغان بولسىڭىز،‏ قېرىندىشىم ئۆلمە‌س ئىدى».‏ مە‌ريە‌م ۋە باشقىلار قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چېكىۋاتاتتى.‏ ئۇ‌لارنىڭ يىغا-‏زارلىرىنى كۆرگە‌ن ۋە ئاڭلىغان ئە‌يسانىڭ كۆڭلى بە‌ك يېرىم بولغان.‏ دوستلىرىغا چىن كۆڭلىدىن ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ،‏ كۆز-‏يېشى قىلغان.‏ ئۇ يېقىن كىشىدىن ئايرىلىشنىڭ قانچىلىك ئازابلىق ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىدۇ.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئە‌يسانىڭ ئۇ‌لارنىڭ كۆز-‏يېشى قىلىشىغا سە‌ۋە‌ب بولغان بارلىق نە‌رسىلە‌رنى يوق قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكى كۈچلۈك ئىدى.‏

14.‏ ئە‌يسانىڭ مە‌ريە‌منىڭ يىغىسىغا قايتۇ‌رغان ئىنكاسىدىن يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

14 ئە‌يسانىڭ مە‌ريە‌منىڭ يىغىسىغا قايتۇ‌رغان ئىنكاسى،‏ بىزگە يە‌ھۋانىڭ كۆيۈمچان خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى ئۆگىتىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دېيە‌لە‌يمىز؟‏ ئالدىنقى ماقالىدە ئۆگىنىپ ئۆتكىنىمىزدە‌ك،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز ئاتىسىنىڭ ئوي-‏پىكىرى،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 12:‏45‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسانىڭ قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چە‌ككە‌ن دوستلىرىغا شۇ‌نداق ھېسداشلىق كۆرسە‌تكە‌نلىكىنى ئوقۇ‌غىنىمىزدا،‏ يە‌ھۋانىڭمۇ بىزنىڭ قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت ياشلىرىمىزنى كۆرگە‌ندە،‏ بىزگە ئىچ ئاغرىتىدىغانلىقىنى بىلىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 56:‏8‏)‏.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ بۇ سىزنى رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك خۇ‌دايىمىزغا يېقىنلىشىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ!‏

ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆزىنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈش قۇ‌درىتى بارلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏15،‏ 16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

15.‏ يۇ‌ھاننا 11:‏41–‏44-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ قە‌برىدە لازارغا نېمە ئىش بولغان؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

15 يۇ‌ھاننا 11:‏41–‏44-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌يسا لازارنىڭ قە‌برىسىگە يېتىپ كېلىپ،‏ قە‌برىنىڭ ئېغىزىنى يېپىپ قويغان تاشنى ئېلىۋېتىشنى بۇ‌يرىغان.‏ مارتا ئۇ‌نىڭغا قارشى تۇ‌رۇ‌پ جە‌سە‌تنىڭ چىرىپ،‏ سېسىپ كە‌تكە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا جاۋاب بېرىپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌نىدى:‏ «ئە‌گە‌ر ماڭا ئىشە‌نسىڭىز،‏ خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لۇ‌غلىقىنى كۆرىسىڭىز،‏ دېمىگە‌نمىدىم؟‏» (‏يۇ‌ھاننا 11:‏39،‏ 40‏)‏.‏ ئاندىن ئە‌يسا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئاسمانغا قاراپ،‏ دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ھازىر يۈز بېرىدىغان مۆجىزە ئۈچۈن بارچە شان-‏شە‌رە‌پنى يە‌ھۋاغا بە‌رمە‌كچى بولغان.‏ ئاندىن ئۇ:‏ «لازار،‏ تاشقىرىغا چىق!‏»—‏ دە‌پ توۋلىغانىدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ لازار قە‌برىدىن چىققان.‏ ئە‌يسا كىشىلە‌ر ھە‌رگىزمۇ مۇ‌مكىن بولمايدۇ دە‌پ ئويلىغان ئىشنى قىلغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 11:‏17‏.‏

16.‏ يۇ‌ھاننا 11-‏بابتىكى ئۈزۈندىلە‌ر،‏ تىرىلىش ئۈمىدىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قانداق كۈچە‌يتىدۇ؟‏

16 يۇ‌ھاننا 11-‏بابتىكى ئاشۇ ئۈزۈندە،‏ تىرىلىش ئۈمىدىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىدۇ.‏ قانداق؟‏ ئە‌يسانىڭ مارتاغا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىنى ئە‌سلە‌پ كۆرۈڭ:‏ « قېرىندىشىڭىز تىرىلىدۇ» (‏يۇ‌ھاننا 11:‏23‏)‏.‏ ئاتىسىغا ئوخشاش،‏ ئە‌يسانىڭمۇ بۇ ۋە‌دىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئارزۇ-‏ئىستىكى ۋە كۈچ-‏قۇ‌درىتى بار.‏ ئۇ تۆككە‌ن كۆز-‏ياشلار،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆلۈمنى ۋە ئۆلۈم كە‌لتۈرۈپ چىقىرىدىغان قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تلە‌رنى يوق قىلىشقا چىن قە‌لبىدىن تە‌شنا ئىكە‌نلىكىنى ئاشكارىلىغان.‏ لازار قە‌برىدىن مېڭىپ چىققان پە‌يتتە،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۆزىنىڭ ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرۈش كۈچ-‏قۇ‌درىتىنىڭ بارلىقىنى يە‌نە بىر قېتىم ئىسپاتلىغان.‏ ئۇ‌نىڭ يە‌نە مارتانى ئە‌سكە‌رتىپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌نلىكىنى ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ «ئە‌گە‌ر ماڭا ئىشە‌نسىڭىز،‏ خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لۇ‌غلىقىنى كۆرىسىڭىز،‏ دېمىگە‌نمىدىم؟‏» (‏يۇ‌ھاننا 11:‏40‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىزنىڭ خۇ‌دانىڭ تىرىلدۈرۈلۈش توغرىسىدىكى ۋە‌دىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە يېتە‌رلىك سە‌ۋە‌بلىرىمىز بار.‏ بۇ ئۈمىدكە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتىش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلالايمىز؟‏

تىرىلىش ئۈمىدىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز؟‏

17.‏ تىرىلدۈرۈلۈش ھە‌ققىدىكى ئۈزۈندىلە‌رنى ئوقۇ‌غاندا،‏ نېمىنى ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

17 ئىلگىرى يۈز بە‌رگە‌ن تىرىلدۈرۈلۈشلە‌ر ھە‌ققىدىكى ئۈزۈندىلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ ۋە ئۇ‌لار ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا يە‌ر يۈزىدە قايتا ھاياتلىققا تىرىلدۈرۈلگە‌ن كىشىلە‌ر ھە‌ققىدە سە‌ككىز ئۈزۈندە يېزىلغان c‏.‏ شۇ ئۈزۈندىلە‌رنى بىر-‏بىرلە‌پ ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىڭىزدا،‏ تىرىلدۈرۈلگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ ئە‌رلە‌ر،‏ ئاياللار ۋە بالىلار ئىكە‌نلىكىنى ئېسىڭىزدە تۇ‌تۇ‌ڭ.‏ نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىڭىز ھە‌ققىدە ئىزدىنىڭ.‏ ھە‌ر بىر مىسال خۇ‌دانىڭ تىرىلدۈرۈش ئارزۇ-‏ئىستىكى ۋە كۈچ-‏قۇ‌درىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ھە‌ممىدىن مۇ‌ھىمى،‏ ئە‌يسانىڭ ئۆزى تىرىلدۈرۈلگە‌نلىكى ھە‌ققىدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم تىرىلدۈرۈش ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ ئۇ‌نىڭ تىرىلدۈرۈلگە‌نلىكىگە شاھىت بولغان يۈزلىگە‌ن گۇ‌ۋاھچىلار بولغان ۋە بۇ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنىڭ كۈچلۈك ئۇ‌ل ئاساسىدۇ‌ر.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏3–‏6،‏ 20–‏22‏.‏

18.‏ تىرىلىش ئۈمىدى ھە‌ققىدىكى مە‌دھىيە ناخشىلىرىدىن قانداق ياخشى پايدىلىنالايمىز؟‏ (‏ئىزاھاتقا ھە‌م قاراڭ)‏

18 تىرىلىش ئۈمىدى تىلغا ئېلىنغان مە‌دھىيە ناخشىلىرىدىن ياخشىراق پايدىلىنىڭ d (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏19‏)‏.‏ بۇ ناخشىلار ئاشۇ قىممە‌تلىك ئۈمىدىمىزنىڭ خام-‏خىيال ئە‌مە‌سلىكىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ ۋە شۇ ئۈمىدكە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىدۇ.‏ ئائىلىڭىزدىكىلە‌ر بىلە‌ن ئائىلىۋى ئىبادە‌ت قىلغاندا،‏ ئاشۇ ناخشىلارنى تىڭشاڭ.‏ ئېيتىشنى مە‌شىق قىلىڭ ۋە ناخشا لىرىكىلىرىنىڭ مە‌نىسى ئۈستىدە مۇ‌لاھىزە قىلىڭ.‏ ناخشىنىڭ مە‌زمۇ‌نىنى مېڭىڭىزگە ۋە قە‌لبىڭىزگە مە‌ھكە‌م خاتىرىلىۋېلىڭ.‏ ئە‌گە‌ر ھاياتىڭىزغا خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر يە‌تكۈزىدىغان سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لسىڭىز ياكى يېقىن كىشىلىرىڭىز ئۆلۈپ كە‌تسە،‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى سىزنىڭ ئاشۇ ناخشىلارنى ئە‌سلە‌پ،‏ ئۇ‌لاردىن تە‌سە‌للى ۋە كۈچ-‏مە‌دە‌تكە ئېرىشىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

19.‏ تىرىلىش ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلساق بولىدۇ؟‏ (‏«‏ سىز ئۇ‌لاردىن قانداق سوئاللارنى سورىماقچى؟‏‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏

19 تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىش ئىقتىدارىڭىزنى ئىشلىتىڭ.‏ يە‌ھۋا بىزگە ئۆزىمىزنى يېڭى دۇ‌نيادا تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىش ئىقتىدارىنى بە‌رگە‌ن.‏ بىر قېرىنداش چۈشە‌ندۈرۈپ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئۆزۈمنى يېڭى دۇ‌نيادا تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىشقا شۇ‌نچە كۆپ ۋاقىت سە‌رپ قىلدىمكى،‏ ھە‌تتا جە‌ننە‌تتە ئېچىلغان ئە‌تىر گۈللە‌رنى پۇ‌رىيالايدىغان بولدۇ‌م».‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ساداقە‌تمە‌ن ئە‌ر-‏ئاياللار بىلە‌ن كۆرۈشكە‌نلىكىڭىزنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ كىم بىلە‌ن كۆرۈشۈشكە تە‌قە‌ززا بولۇ‌ۋاتىسىز؟‏ ئۇ كىشىدىن قانداق سوئاللارنى سورىماقچى؟‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرىڭىز بىلە‌ن قايتا جە‌م بولغانلىقىڭىزنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ.‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن جە‌م بولغاندىكى ھە‌ر بىر تە‌پسىلاتلارنى،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تۇ‌نجى قىلىدىغان سۆزلە‌رنى،‏ قۇ‌چاقلىشىپ كۆز ياشلارنى قىلىدىغان چاغلارنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈڭ.‏

20.‏ بىز نېمىنى قە‌تئىي قارار قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

20 بىز يە‌ھۋانىڭ تىرىلدۈرۈش ۋە‌دىسىگە ئىنتايىن مىننە‌تدارمىز!‏ بۇ ۋە‌دىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز،‏ چۈنكى يە‌ھۋانىڭ ئۆز ۋە‌دىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئارزۇ-‏ئىستىكى ۋە كۈچ-‏قۇ‌درىتى بار.‏ بۇ قىممە‌تلىك ئۈمىدكە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى داۋاملىق كۈچە‌يتىشنى قە‌تئىي قارار قىلايلى.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق ھە‌ممىمىز يېقىنلىرىمىزنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان خۇ‌دايىمىزغا تېخىمۇ يېقىنلىشالايمىز.‏

24-‏ناخشا كۆزۈڭ بولسۇ‌ن مۇ‌كاپاتتا!‏

a ئە‌گە‌ر يېقىن كىشىڭىز ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن بولسا،‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ قايتا تىرىلىش ۋە‌دىسى سىزگە كۆپ تە‌سە‌للى بېرىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بۇ ۋە‌دىگە ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى باشقىلارغا قانداق چۈشە‌ندۈرە‌لە‌يسىز؟‏ تىرىلىش ئۈمىدىگە بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۈچلە‌ندۈرە‌لە‌يسىز؟‏ بۇ ماقالىنىڭ مە‌قسىتى ھە‌ممىمىزنىڭ تىرىلىش ئۈمىدىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشكە ياردە‌م بېرىش.‏

b ‏2016-‏يىل،‏ نويابىر ئېيىنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا،‏ «‏ئۇ‌چقاندە‌ك كېلە‌ر چاپسان‏» ناملىق مۇ‌زىكىلىق فىلىم كۆرسىتىلگە‌ن.‏

c بۇ ۋە‌قە‌لە‌ر مۇ‌نۇ ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغان:‏ 1-‏پادىشاھلار 17:‏17–‏24؛‏ 2-‏پادىشاھلار 4:‏32–‏37؛‏ 13:‏20،‏ 21؛‏ لۇ‌قا 7:‏11–‏15؛‏ 8:‏41–‏56؛‏ يۇ‌ھاننا 11:‏38–‏44؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 9:‏36–‏42 ۋە 20:‏7–‏12‏.‏

d ‏«يە‌ھۋانى ناخشا ئېيتايلى!‏» كىتابىدىن مۇ‌نۇ ناخشىلارنى كۆرۈڭ:‏ «‏سادىقلار كۆرە‌ر مە‌ڭگۈ ھاياتنى‏» (‏55-‏ناخشا)‏،‏ «‏كۆزۈڭ بولسۇ‌ن مۇ‌كاپاتتا!‏‏» (‏24-‏ناخشا)‏،‏ ۋە «‏ۋە‌دە قىلىنغان مە‌ڭگۈ ھاياتلىق‏» (‏12-‏ناخشا)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ jw.org تور بېكىتىدىن «‏ئۇ‌چقاندە‌ك كېلە‌ر چاپسان‏» ناملىق ناخشىغا قاراڭ.‏