مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

17-‏تە‌تقىق ماقالىسى

كۈتۈلمىگە‌ن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا سىزگە يار-‏يۆلە‌ك بولىدۇ

كۈتۈلمىگە‌ن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا سىزگە يار-‏يۆلە‌ك بولىدۇ

‏«ئادىل كىشى دۇ‌چ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلار كۆپ بولار،‏ بىراق يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىدىن ئۇ‌نى قۇ‌تقۇ‌زار»‏‏.‏—‏زە‌بۇ‌ر 34:‏19‏.‏

38-‏ناخشا يۈكۈڭنى يە‌ھۋاغا تاشلا!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ بىز نېمىگە ئىشىنىمىز؟‏

 يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى سۈپىتىدە،‏ ئۇ بىزنى سۆيىدىغانلىقىنى ۋە ئە‌ڭ ياخشى تۇ‌رمۇ‌شتىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌شىمىزنى خالايدىغانلىقىنى بىلىمىز (‏رىملىقلار 8:‏35–‏39‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىمىزكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى ئە‌مە‌لىي قوللانساق،‏ بۇ ھە‌ر دائىم بىز ئۈچۈن پايدىلىق (‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كۈتۈلمىگە‌ن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

2.‏ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن ۋە شۇ قىيىنچىلىقلار سە‌ۋە‌بلىك،‏ قانداق سوئاللار ئوي-‏خىيالىمىزغا كېلىدۇ؟‏

2 يە‌ھۋانىڭ ھە‌ر بىر خىزمە‌تچىلىرى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئائىلىمىزدىكى بىرى مە‌لۇ‌م ئىشتا بىزنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرىدۇ.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدىغان ئېغىر كېسىلىمىز بار.‏ تە‌بىئىي ئاپە‌ت تۈپە‌يلى زىيانغا ئۇ‌چرايمىز ياكى ئىمان-‏ئېتىقادىمىز سە‌ۋە‌بلىك،‏ زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كېلىمىز.‏ شۇ‌نداق سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگىنىمىزدە،‏ بە‌لكىم مۇ‌نداق سوئاللارنى سورايمىز:‏ «نېمە ئۈچۈن بۇ ئىش مېنىڭ بېشىمغا كېلىدۇ؟‏ بىرە‌ر ئىشنى خاتا قىلدىممۇ؟‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ مېنى بە‌رىكە‌تلىمە‌يدىغانلىقىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏» ئە‌گە‌ر ئوي-‏خىيالىڭىزدا شۇ‌نداق سوئاللار پە‌يدا بولسا،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئۈمىدسىزلە‌نمە‌ڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ نۇ‌رغۇ‌ن سادىق خىزمە‌تچىلىرىمۇ مۇ‌شۇ‌نىڭغا ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏—‏زە‌بۇ‌ر 22:‏1،‏ 2؛‏ ھاباق.‏ 1:‏2،‏ 3‏.‏

3.‏ زە‌بۇ‌ر 34:‏19-‏ئايە‌تتىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

3 زە‌بۇ‌ر 34:‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بۇ ئايە‌تتىكى ئىككى مۇ‌ھىم نۇ‌قتىغا دىققە‌ت قىلىڭ:‏ (‏1)‏ ئادىل كىشى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ (‏2)‏ يە‌ھۋا بىزنى سىناقلاردىن قۇ‌تقۇ‌زىدۇ.‏ قانداق؟‏ بۇ‌نىڭ بىر يولى،‏ يە‌ھۋا بۇ دۇ‌نيادىكى ھاياتىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا توغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ياراتقۇ‌چىمىز ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىپ،‏ خۇ‌شاللىققا ئېرىشىدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە ۋە‌دە بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ ھازىر قىيىنچىلىقلاردىن خالى تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشىمىزگە كاپالە‌ت بە‌رمە‌يدۇ (‏يە‌شايا 66:‏14‏)‏.‏ ئۇ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى كېلە‌چە‌ككە،‏ يە‌نى مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرىدىغان ۋاقىتقا قارىتىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏16–‏18‏)‏.‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە بولسا،‏ ھە‌ر كۈنى دىققىتىمىزنى ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشقا قارىتىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏يە‌رە‌م.‏ يىغ 3:‏22–‏24‏.‏

4.‏ بۇ ماقالىدە،‏ نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە بىلىمىز؟‏

4 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب زامانىدىكى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى يە‌ھۋاغا سادىق خىزمە‌ت قىلغۇ‌چىلارنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ باقايلى.‏ ھازىر كۆرۈدىغىنىمىزدە‌ك،‏ كۈتمىگە‌ن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋاغا تايانساق،‏ ئۇ ھە‌مىشە بىزنى قوغدايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 55:‏22‏)‏.‏ مۇ‌شۇ ئۈلگىلە‌ر ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلغاندا،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن شۇ‌نداق سوراپ بېقىڭ:‏ «مە‌ن مۇ‌شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان بولاتتىم؟‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈلگىسى يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمنى قانداق كۈچە‌يتىدۇ؟‏ ئۆز ھاياتىمدا ئۆگە‌نگە‌نلىرىمنى قانداق ئە‌مە‌لىي ئىشلىتە‌لە‌يمە‌ن؟‏».‏

قە‌دىمقى زاماندا

يە‌ھۋا خۇ‌دا 20 يىل يالغانچى تۇ‌ققىنى لابانغا ئىشلە‌پ بە‌رگە‌ن ياقۇ‌پنى بە‌رىكە‌تلىگە‌ن (‏5-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

5.‏ ياقۇ‌پ لابان سە‌ۋە‌بلىك قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

5 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋانىڭ قە‌دىمقى زاماندىكى خىزمە‌تچىلىرىنىڭ كۈتمىگە‌ن سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌نلىكى يېزىلغان.‏ ياقۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ دادىسى ئۇ‌نى ئىشە‌نچىلىك دە‌پ قارىغان لاباننىڭ قىزلىرىدىن بىرى بىلە‌ن توي قىلىشقا بۇ‌يرىغان ۋە يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا مول بە‌رىكە‌تلە‌رنى ياغدۇ‌رىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرگە‌ن (‏يارىت.‏ 28:‏1–‏4‏)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ياقۇ‌پ توغرا ئىش قىلغان.‏ ئۇ قانان زېمىنىدىن ئايرىلىپ،‏ لاباننىڭ ئۆيىگە بارغان.‏ لاباننىڭ لېياھ ۋە راھىلە ئىسىملىك قىزلىرى بار ئىدى.‏ ياقۇ‌پ لاباننىڭ كىچىك قىزى راھىلە‌نى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن توي قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن دادىسى لابانغا يە‌تتە يىل ئىشلە‌پ بېرىشكە قوشۇ‌لغان (‏يارىت.‏ 29:‏18‏)‏.‏ بىراق،‏ ئىشلار ياقۇ‌پ ئۈمىد قىلغاندە‌ك بولمىغان.‏ لابان ئۇ‌نى ئالداپ،‏ چوڭ قىزى لېياھ بىلە‌ن تويىنى قىلىپ قويغان.‏ لابان ياقۇ‌پنىڭ بىر ھە‌پتىدىن كېيىن راھىلە بىلە‌ن توي قىلىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلغان.‏ ئە‌مما،‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ياقۇ‌پ يە‌نە يە‌تتە يىل ئۇ‌نىڭغا ئىشلە‌پ بېرىشى كېرە‌ك ئىدى (‏يارىت.‏ 29:‏25–‏27‏)‏.‏ لابان يە‌نە ياقۇ‌پ بىلە‌ن تۈزگە‌ن سودا كېلىشىملىرىدە ئادىل بولمىغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ياقۇ‌پ جە‌مئىي 20 يىل لابانغا ئىشلە‌پ بە‌رگە‌ن!‏—‏يارىت.‏ 31:‏41،‏ 42‏.‏

6.‏ ياقۇ‌پ يە‌نە قانداق قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ن؟‏

6 ياقۇ‌پ باشقا قىيىنچىلىقلارغىمۇ بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ چوڭ ئائىلىسى بولغان.‏ ئە‌مما،‏ ئوغۇ‌للىرى بىر-‏بىرى بىلە‌ن ئىناق ئۆتمىگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ھە‌تتا ئۆز ئىنىسى يۈسۈپنى قۇ‌للۇ‌ققا سېتىۋە‌تكە‌ن.‏ ياقۇ‌پنىڭ ئىككى ئوغلى شىمون بىلە‌ن لاۋىي بۇ ئائىلىنىڭ نامىغا ۋە يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىغا داغ كە‌لتۈرگە‌ن.‏ ياقۇ‌پنىڭ ياخشى كۆرگە‌ن ئايالى راھىلە ئىككىنچى بالىسىنى تۇ‌غقاندا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ قاتتىق ئاچارچىلىق سە‌ۋە‌بىدىن،‏ ياقۇ‌پ قېرىغان ۋاقتىدا مىسىر زېمىنىغا كۆچۈشكە مە‌جبۇ‌ر بولغان.‏—‏يارىت.‏ 34:‏30؛‏ 35:‏16–‏19؛‏ 37:‏28؛‏ 45:‏9–‏11،‏ 28‏.‏

7.‏ يە‌ھۋا ياقۇ‌پقا ئۆزىنىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

7 مۇ‌شۇ ھە‌ر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىماي،‏ ياقۇ‌پ يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىسىگە بولغان ئىشە‌نچىسىنى يوقاتمىغان.‏ ۋاقتى كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ياقۇ‌پقا ئۆز رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ لاباننىڭ ئالدامچىلىقىغا قارىماي،‏ يە‌ھۋا ياقۇ‌پنى بە‌رىكە‌تلىگە‌ن.‏ ياقۇ‌پ يۈسۈپ بىلە‌ن قايتا كۆرۈشكە‌ندە،‏ خۇ‌داغا قانچىلىك مىننە‌تدار بولغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ ياقۇ‌پنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان يېقىن دوستلىقى ئۇ‌نىڭ سىناقلارغا ئوڭۇ‌شلۇ‌ق تاقابىل تۇ‌رۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏يارىت.‏ 30:‏43؛‏ 32:‏9،‏ 10؛‏ 46:‏28–‏30‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىزمۇ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوستلىقىمىزنى ساقلىساق،‏ كۈتۈلمىگە‌ن سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئاشۇ قىيىنچىلىقلارغا ئوڭۇ‌شلۇ‌ق تاقابىل تۇ‌رالايمىز.‏

8.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ نېمە قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكى بولغان؟‏

8 داۋۇ‌ت پادىشاھ ئۆزى ئۈمىد قىلغاندە‌ك يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلالمىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ داۋۇ‌ت خۇ‌دا ئۈچۈن ئىبادە‌تخانا سېلىشنى بە‌كمۇ ئارزۇ قىلغان.‏ ئۇ بۇ ئارزۇ-‏ئىستىكىنى ناتان پە‌يغە‌مبە‌رگە ئېيتقان.‏ ناتان پە‌يغە‌مبە‌ر ئۇ‌نىڭغا جاۋابە‌ن مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «كۆڭلىڭىزدە نېمە ئويلىغان بولسىڭىز،‏ ئۇ‌نى قىلىڭ.‏ چۈنكى،‏ ھە‌ق خۇ‌دا سىز بىلە‌ن بىللە» (‏1-‏تارىخ.‏ 17:‏1،‏ 2‏)‏.‏ مۇ‌شۇ سۆزلە‌رنىڭ داۋۇ‌تقا قانچىلىك ئىلھام بە‌رگە‌نلىكىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىش قىيىن ئە‌مە‌س.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ دە‌رھال شۇ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشىنى پىلانلاشقا باشلىغان.‏

9.‏ داۋۇ‌ت كىشىنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرىدىغان خە‌ۋە‌رگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏

9 لېكىن ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌يلا،‏ يە‌ھۋانىڭ پە‌يغە‌مبىرى كىشىنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرىدىغان خە‌ۋە‌ر بىلە‌ن قايتىپ كە‌لگە‌ن.‏ ئاشۇ كۈنى كېچىسى،‏ يە‌ھۋا ناتانغا بۇ ئىبادە‌تخانىنى داۋۇ‌ت ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌نىڭ ئوغۇ‌للىرىدىن بىرى سالىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏1-‏تارىخ.‏ 17:‏3،‏ 4،‏ 11،‏ 12‏)‏.‏ داۋۇ‌ت مۇ‌شۇ خە‌ۋە‌رنى ئاڭلىغاندا،‏ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ ئۇ ئۆز مە‌قسە‌تلىرىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن.‏ ئۇ دىققىتىنى ئۆز ئوغلى سۇ‌لايماننىڭ شۇ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شنى قىلىشىغا كېرە‌كلىك پۇ‌للار ۋە قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ماتېرىياللىرىنى توپلاشقا قاراتقان.‏—‏1-‏تارىخ.‏ 29:‏1–‏5‏.‏

10.‏ يە‌ھۋا داۋۇ‌تنى قانداق بە‌رىكە‌تلىگە‌ن؟‏

10 يە‌ھۋا داۋۇ‌تنىڭ ئىبادە‌تخانىنى سالىدىغان كىشى ئە‌مە‌سلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن،‏ دە‌رھال ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئە‌ھدە تۈزگە‌ن.‏ يە‌ھۋا پادىشاھ داۋۇ‌تقا ئۇ‌نىڭ ئە‌ۋلادلىرى ئارىسىدىن بىرى مە‌ڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە‌دە بە‌رگە‌ن (‏2-‏سام.‏ 7:‏16‏)‏.‏ يېڭى دۇ‌نيادا 1000 يىللىق ھۆكۈمرانلىق مە‌زگىلىدە،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھلىق قىلىدىغان ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئۆزىنىڭ بىر ئە‌ۋلادى بولغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ چوقۇ‌م بە‌ك خۇ‌شال بولىدۇ.‏ مۇ‌شۇ ئۈزۈندە،‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن قىلىشنى ئارزۇ قىلغان بارلىق ئىشلارنى قىلالمىساقمۇ،‏ خۇ‌دايىمىزنىڭ بىزگە ئۆزىمىز خىيالىمىزغا كە‌لتۈرۈپ باقمىغان باشقا ئاجايىپ بە‌رىكە‌تلە‌رنى بېرىدىغانلىقىنى كۆرە‌لىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

11.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۆزلىرى كۈتكە‌ن پادىشاھلىق كە‌لمىگە‌ن بولسىمۇ،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشكە‌ن؟‏ (‏ئە‌لچىلە‌ر 6:‏7‏)‏

11 بىرىنـچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى كۈتۈلمىگە‌ن بە‌زى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلغان،‏ ئە‌مما قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمىگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 1:‏6،‏ 7‏)‏.‏ ئۇ‌لار نېمە ئىش قىلغان؟‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتى بىلە‌ن ئالدىراش يۈرگە‌ن.‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ تارقىلىشىغا ئە‌گىشىپ،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىنى يە‌ھۋانىڭ قانداق بە‌رىكە‌تلىگە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن‏.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 6:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

12.‏ ئاچارچىلىق ئاپىتى مە‌زگىلىدە،‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى نېمە قىلغان؟‏

12 بىر ۋاقىتقا كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ر يۈزىدە ئاچارچىلىق كە‌ڭ تارقالغان (‏ئە‌لچى.‏ 11:‏28‏)‏.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىمۇ شۇ ئاچارچىلىقنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىغان.‏ ئاچارچىلىق سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئۇ‌لار قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌نلىكىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالامسىز؟‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئائىلىنىڭ بېشى بولغان ئە‌رلە‌ر ئۆز ئائىلىسىنى قانداق تە‌مىنلە‌ش توغرۇ‌لۇ‌ق غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلغان.‏ كۆپرە‌ك ۋە‌ز ئېيتىشنى پىلانلىغان ياشلار قانداق قىلغاندۇ؟‏ ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ،‏ ۋە‌ز قىلىشنى پىلانلاۋاتقان ياشلار ئاچارچىلىق ئاپىتىنىڭ تە‌سىرىگە تېخىمۇ ئۇ‌چراپ،‏ پىلانلىرىنى كېچىكتۈرۈپ ئاچارچىلىق تۈگىگە‌ندىن كېيىن بېرىشنى ئويلاشقان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ۋە‌زىيىتىنىڭ قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى شۇ ۋە‌زىيە‌تكە ئۆگە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌لار قولدىن كېلىشىچە ۋە‌ز قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان ۋە خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئۆز مال-‏مۈلۈكلىرىنى يە‌ھۇ‌دىيە‌دىكى قېرىنداشلىرى بىلە‌ن ئورتاق ئىشلە‌تكە‌ن.‏—‏ئە‌لچى.‏ 11:‏29،‏ 30‏.‏

13.‏ ئاچارچىلىق مە‌زگىلىدە،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشكە‌ن؟‏

13 شۇ ئاچارچىلىق مە‌زگىلدە،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشكە‌ن؟‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ ئۆزلىرىگە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن (‏مە‌تتا 6:‏31–‏33‏)‏.‏ ئۇ‌لار چوقۇ‌م ياردە‌مگە كە‌لگە‌ن قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان.‏ ئىئانە بە‌رگە‌نلە‌ر ياكى ياردە‌م بېرىش خىزمىتىگە باشقىچە يوللار بىلە‌ن قاتناشقانلار بېرىشتىن زور خۇ‌شاللىق تاپقان (‏ئە‌لچى.‏ 20:‏35‏)‏.‏ ئۇ‌لار ئاشۇ ئۆزگە‌رگە‌ن ۋە‌زىيە‌تكە ئۆگە‌نگە‌ن ۋە يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى بە‌رىكە‌تلىگە‌ن.‏

14.‏ بارنابا بىلە‌ن ئە‌لچى پاۋلۇ‌سقا نېمە ئىش بولغان ۋە نە‌تىجىدە نېمە بولدى؟‏ (‏ئە‌لچىلە‌ر 14:‏21،‏ 22‏)‏

14 بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئېتىقادچىلار دائىم زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغان.‏ بارنابا ۋە ئە‌لچى پاۋلۇ‌س لىسترا رايونىدا ۋە‌ز قىلىۋاتقاندا،‏ نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ دە‌سلە‌پتە،‏ ئۇ‌لارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلار ئۇ‌لارنى قىزغىن قارشى ئالغان.‏ ئە‌مما،‏ كېيىنرە‌ك قارشى چىققۇ‌چىلار كۆپچىلىكنى قايىل قىلغاچ،‏ بە‌زىلە‌ر پاۋلۇ‌سنى چالما-‏كېسە‌ك قىلىپ ئۆلتۈرمە‌كچى بولۇ‌شقان (‏ئە‌لچى.‏ 14:‏19‏)‏.‏ لېكىن،‏ بارنابا بىلە‌ن پاۋلۇ‌س باشقا جايلاردا ۋە‌ز قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏ بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولغان؟‏ ئۇ‌لار «كۆپلىگە‌ن شاگىرتلارنى تە‌ييارلىغان».‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌لارنىڭ سۆزلىرى ۋە ئۈلگىلىرى باشقا ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى كۈچە‌يتكە‌ن ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 14:‏21،‏ 22-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بارنابا بىلە‌ن پاۋلۇ‌س زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغان بولسىمۇ،‏ بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ي ۋە‌ز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇ‌رغاچ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر بە‌رىكە‌تكە ئېرىشكە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا بىزگە تاپشۇ‌رغان خىزمە‌تنى قىلىشتىن ۋاز كە‌چمىسە‌ك،‏ ئۇ بىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏

بۈگۈنكى كۈندە

15.‏ بۇ‌رادە‌ر ماكمىللاننىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

15 1914-‏يىلدىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى بە‌زى ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۈتكە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ شۇ ۋاقىتتا كۆپلىگە‌ن باشقا كىشىلە‌رگە ئوخشاش،‏ بۇ‌رادە‌ر ماكمىللان پات يېقىندا ئاسمانغا چىقىپ كېتىمە‌ن دە‌پ ئويلىغان.‏ 1914-‏يىل سېنتە‌بىردە،‏ ئۇ سۆزلىگە‌ن نۇ‌تۇ‌قىدا:‏ «بۇ بە‌لكىم مە‌ن ئېيتقان ئە‌ڭ ئاخىرقى نۇ‌تۇ‌ق»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ئە‌ڭ ئاخىرقى نۇ‌تىقى بولمىغان.‏ كېيىنرە‌ك،‏ بۇ‌رادە‌ر ماكمىللان مۇ‌نداق يازغان:‏ «بە‌لكىم،‏ بە‌زىلىرىمىز دە‌رھاللا ئاسمانغا چىقىپ كېتىمىز دە‌پ ئويلاپ،‏ بە‌ك ئالدىراپ كە‌تكە‌ن بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌سلىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز —‏ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش بىلە‌ن ئالدىراش بولۇ‌ش».‏ بۇ‌رادە‌ر ماكمىللان ۋە‌ز خىزمىتى بىلە‌ن ئالدىراش ئۆتكە‌ن.‏ ئۇ خىزمە‌تتە ئىنتايىن قىزغىن بولغان.‏ بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلىغىنى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ئىمتىيازىغا ئىگە بولغان.‏ ئۇ ياشىنىپ قالغان چاغلاردىمۇ،‏ سادىقلىق بىلە‌ن جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتناشقان.‏ بۇ‌رادە‌ر ماكمىللان ئۈمىد قىلغان مۇ‌كاپاتنى كۈتۈۋاتقاندا،‏ ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك ئىشلە‌تكە‌ن.‏ ئۇ بۇ‌نىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرگە‌ن؟‏ 1966-‏يىلى،‏ ۋاپات بولۇ‌شتىن ئىلگىرى ئۇ مۇ‌نداق يازغان:‏ «مېنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىم ھېچقاچان ئاجىزلاپ قالمىغان».‏ ئۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن بىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە!‏ بولۇ‌پمۇ،‏ كۈتمىگە‌ن سىناقلارغا بە‌رداشلىق بە‌رگىنىمىزدە،‏ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلالايمىز.‏—‏ئىبرانىي.‏ 13:‏7‏.‏

16.‏ بۇ‌رادە‌ر خېربېرت جېننېڭىس ۋە ئۇ‌نىڭ ئايالى كۈتمىگە‌ن قانداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏ (‏ياقۇ‌پ 4:‏14‏)‏

16 يە‌ھۋانىڭ نۇ‌رغۇ‌ن خىزمە‌تچىلىرى تە‌ن-‏سالامە‌تلىكى تە‌رە‌پتىن كۈتۈلمىگە‌ن قىيىنچىلىقلار بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بۇ‌رادە‌ر خېربېرت جېننېڭىس b تە‌رجىمىھالىدا،‏ ئايالى ئىككىسىنىڭ گانادىكى مىسسىئونېرلىق خىزمىتىنى قانداق قىلغانلىقى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ‌نىڭغا ئېغىر دە‌رىجىدە كە‌يپىياتى تۇ‌راقسىز بولۇ‌ش دە‌پ دىئاگنوز قويۇ‌لغان.‏ بۇ‌رادە‌ر جېننېڭىس ياقۇ‌پ 4:‏14-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رنى تىلغا ئېلىپ:‏ «ئە‌تە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلمە‌يسىلە‌ر،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏»—‏ دېگە‌ن ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ يە‌نە مۇ‌نداق يازغان:‏ «بىز رېئاللىققا يۈزلىنىپ،‏ داۋالىنىش ئۈچۈن گانادىكى نۇ‌رغۇ‌ن دوستلىرىمىزدىن ئايرىلىپ،‏ يۇ‌رتىمىزغا قايتىشنى قارار قىلدۇ‌ق».‏ يە‌ھۋا بۇ‌رادە‌ر جېننېڭىس ۋە ئايالىنىڭ دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قىيىنچىلىقلىرىغا باش ئە‌گمە‌ي،‏ داۋاملىق ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏

17.‏ بۇ‌رادە‌ر جېننېڭىسنىڭ ئۈلگىسى باشقىلارغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

17 بۇ‌رادە‌ر جېننېڭىسنىڭ تە‌رجىمىھالىدا يېزىلغان سە‌مىمىي سۆزلە‌ر باشقىلارغا كۈچلۈك تە‌سىر قىلغان.‏ بىر قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «مە‌ن بۇ ماقالىنى ئوقۇ‌غىنىمدا،‏ چوڭقۇ‌ر تە‌سىرلە‌ندىم.‏ بۇ‌رادە‌ر جېننېڭىسنىڭ ئۆز كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن تاپشۇ‌رۇ‌لغان ۋە‌زىپىدىن قانداق ۋاز كە‌چكە‌نلىكىنى ئوقۇ‌ش،‏ مېنىڭ ئۆز ۋە‌زىيىتىمگە قانداق تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمغا ياردە‌م بە‌ردى».‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌نە بىر بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق يازغان:‏ «مە‌ن جامائە‌تتە ئاقساقال سۈپىتىدە ئون يىل خىزمە‌ت قىلغاندىن كېيىن،‏ نېرۋا كېسە‌للىكى سە‌ۋە‌بىدىن شان-‏شە‌رە‌پلىك خىزمە‌تتىن ۋاز كېچىشكە مە‌جبۇ‌ر بولدۇ‌م.‏ ئۆزۈمنى مە‌غلۇ‌پ بولغاندە‌ك ھېس قىلىپ،‏ باشقىلارنىڭ تە‌رجىمىھاللىرىنى ئوقۇ‌ش مېنى ھە‌مىشە چۈشكۈنلە‌شتۈرە‌تتى.‏ بىراق،‏ بۇ‌رادە‌ر جېننېڭىسنىڭ جاسارىتى ماڭا ئىلھام بە‌ردى».‏ بۇ كۈتۈلمىگە‌ن قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ندە،‏ باشقىلارغىمۇ ئىلھام بېرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.‏ ھە‌تتا ھاياتىمىزدا،‏ خىيال قىلىپ باقمىغان ئىشلار يۈز بە‌رگە‌ن ھالە‌تتىمۇ،‏ بىز يە‌نىلا ئىشە‌نچ ۋە سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن باشقىلارغا ئۈلگە بولالايمىز.‏—‏1-‏پېتر.‏ 5:‏9‏.‏

ئە‌گە‌ر يە‌ھۋاغا تايانساق،‏ ھاياتىمىزدىكى كۈتۈلمىگە‌ن قىيىنچىلىقلار ئە‌مە‌لىيە‌تتە بىزنى ئۇ‌نىڭغا يېقىنلاشتۇ‌رالايدۇ (‏18-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

18.‏ رە‌سىمدە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ندە‌ك،‏ نىگېرىيىدىكى تۇ‌ل ئايالنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

18 19-COVID ۋىرۇ‌سىغا ئوخشاش يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للە‌ر نۇ‌رغۇ‌نلىغان يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ تۇ‌رمۇ‌شىغا تە‌سىر قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ نىگېرىيىدە ياشايدىغان بىر تۇ‌ل ئايالنىڭ ئىنتايىن ئازغىنە يېمە‌ك-‏ئىچمىكى ۋە پۇ‌لى بار ئىدى.‏ بىر كۈنى ئە‌تىگە‌ندە،‏ قىزى ئۇ‌نىڭدىن ئە‌ڭ ئاخىرقى بىر ئىستاكان گۈرۈچنى پىشۇ‌رۇ‌پ يە‌پ بولغاندىن كېيىن،‏ ئە‌مدى نېمە يە‌يدىغانلىقىنى سورىغان.‏ ئۇ قېرىنداش قىزىغا ئۆزلىرىنىڭ پۇ‌لى ياكى يېمە‌ك-‏ئىچمىكى قالمىغانلىقىنى،‏ ئە‌مما ئۆزلىرىنىڭ سە‌رە‌فاتلىق تۇ‌ل ئايالنى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئە‌ڭ ئاخىرقى تامىقىنى تە‌ييارلاپ،‏ يە‌ھۋاغا پۈتۈنلە‌ي ئىشە‌نچ قىلىشى كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان (‏1-‏پادىشاھ.‏ 17:‏8–‏16‏)‏.‏ ئۇ‌لار چۈشلۈك تاماققا نېمە يېيىش ھە‌ققىدە ئويلىنىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ قېرىنداشلار ئۇ‌لارغا كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌رنى ئېلىپ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا يېمە‌ك-‏ئىچمە‌كلە‌ر بولۇ‌پ،‏ ئىككى ھە‌پتىدىن كۆپرە‌ك جان ساقلاشقا يېتە‌تتى.‏ قېرىنداش قىزىغا قىلغان سۆزلىرىنى يە‌ھۋانىڭ ئاڭلاپ تۇ‌رغانلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏ دە‌رۋە‌قە،‏ يە‌ھۋاغا تايانغىنىمىزدا،‏ ھاياتىمىزدىكى كۈتۈلمىگە‌ن قىيىنچىلىقلار بىزنى ئۇ‌نىڭغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇ‌رالايدۇ.‏—‏1-‏پېتر.‏ 5:‏6،‏ 7‏.‏

19.‏ ئالېكسېي يېرشوۋ قانداق زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغان؟‏

19 يېقىنقى يىللاردا،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان قېرىنداشلىرىمىز كۈتمىگە‌ن زىيانكە‌شلىكلە‌رگە دۇ‌چ كە‌لدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ روسىيىدە ياشايدىغان ئالېكسېي يېرشوۋ بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ 1994-‏يىلى يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى روسىيىدە خېلى ئە‌ركىن خىزمە‌ت قىلىۋاتقان چاغلاردا سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن.‏ يېقىنقى يىللاردا روسىيىدە ۋە‌زىيە‌ت ئۆزگە‌ردى.‏ 2020-‏يىلى بۇ‌رادە‌ر يېرشوۋنىڭ ئۆيىگە ساقچىلار كىرىپ،‏ ئۆيىنى ئاختۇ‌ردى ۋە نۇ‌رغۇ‌ن مال-‏مۈلۈكلىرىنى مۇ‌سادىرە قىلدى.‏ بىرقانچە ئايدىن كېيىن،‏ ھۆكۈمە‌ت ئۇ‌نى جىنايە‌تچى دە‌پ قاراپ،‏ سوتقا چاقىردى.‏ ئىشلارنى قىيىنلاشتۇ‌رغىنى،‏ ئە‌يىبلە‌شلە‌ر سۈرە‌تكە ئېلىۋېلىنغان كۆرۈنۈشلە‌رگە ئىدى.‏ ئۆزىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشقا قىزىقىدىغاندە‌ك كۆرسە‌تكە‌ن بىر كىشى بىر يىلدىن كۆپرە‌ك ۋاقىت يۇ‌شۇ‌رۇ‌ن فىلىملە‌ر ئېلىۋالغان.‏ بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌ك رە‌زىل قىلمىش!‏

20.‏ بۇ‌رادە‌ر يېرشوۋ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى قانداق كۈچە‌يتكە‌ن؟‏

20 بۇ‌رادە‌ر يېرشوۋ چە‌ككە‌ن جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌تلە‌ردىن بىرە‌ر ياخشى نە‌تىجە چىققانمۇ؟‏ ھە‌ئە!‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق رىشتىسى تېخىمۇ كۈچە‌يگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئايالىم بىلە‌ن بىرگە دائىم دۇ‌ئا قىلىمىز.‏ بۇ ۋە‌زىيە‌تتە يە‌ھۋانىڭ ياردىمىسىز بە‌رداشلىق بېرە‌لمە‌يدىغانلىقىمنى تونۇ‌پ يە‌تتىم.‏ شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆگىنىشى ئۈمىدسىزلىكنى يېڭىشىمغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مە‌ن ئۆتمۈشتىكى سادىق خىزمە‌تچىلە‌رنىڭ ئۈلگىسى ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىمە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ،‏ يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ باغلاشنىڭ نە‌قە‌دە‌ر مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى تە‌كىتلە‌يدىغان نۇ‌رغۇ‌ن ۋە‌قە‌لە‌ر بار».‏

21.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏

21 بۇ ماقالىدە،‏ بىز نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏ بىز بۇ دۇ‌نيادا كۈتمىگە‌ن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزىمىز.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە تايانغان خىزمە‌تچىلىرىگە ھە‌ر دائىم ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ماقالىنىڭ ئاساسىي ئايىتىدە دېيىلگە‌ندە‌ك:‏ «ئادىل كىشى دۇ‌چ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلار كۆپ بولار،‏ بىراق يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىدىن ئۇ‌نى قۇ‌تقۇ‌زار» (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏19‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ دىققىتىمىزنى داۋاملىق چېكىۋاتقان جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌تلە‌رگە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋانىڭ بىزنى قوغدايدىغان كۈچىگە قارىتايلى.‏ شۇ‌ندىلا،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سقا ئوخشاش،‏ بىزمۇ:‏ «ماڭا كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بە‌رگۈچىنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ھە‌رقانداق ئىشنى قىلالايمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتالايمىز.‏—‏فىلىپى.‏ 4:‏13‏.‏

23-‏ناخشا يە‌ھۋا بىزنىڭ كۈچىمىز

a گە‌رچە ھازىر كۈتۈلمىگە‌ن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لسە‌كمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆزىنىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏ يە‌ھۋا قە‌دىمدە ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە قانداق ياردە‌م قىلغان؟‏ ئۇ بۈگۈن بىزگە قانداق ياردە‌م قىلىۋاتىدۇ؟‏ قە‌دىمقى زاماندىكى ۋە ھازىرقى مىساللار توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلانغاندا،‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌نىڭغا تايانساق،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭمۇ مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىمىز.‏