مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

19-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋانىڭ يېڭى دۇ‌نيا ھە‌ققىدىكى ۋە‌دىسىگە ئىشە‌نچىمىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز؟‏

يە‌ھۋانىڭ يېڭى دۇ‌نيا ھە‌ققىدىكى ۋە‌دىسىگە ئىشە‌نچىمىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز؟‏

‏«[يە‌ھۋا] بىر نېمە دېسە،‏ ئۇ‌نى قىلماي قويماس».‏‏—‏سانلار 23:‏19‏.‏

54-‏ناخشا ئىماندا چىڭ تۇ‌رايلى!‏

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ يېڭى دۇ‌نيانى ساقلاۋاتقىنىمىزدا چوقۇ‌م نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

 يە‌ھۋانىڭ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئورنىغا،‏ ئادىل يېڭى دۇ‌نيانى ئالماشتۇ‌رىدىغانلىقى ھە‌ققىدە بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مىننە‌تدارمىز (‏2-‏پېتر.‏ 3:‏13‏)‏.‏ گە‌رچە ۋە‌دە قىلىنغان يېڭى دۇ‌نيانىڭ قاچان رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلمىسە‌كمۇ،‏ بۇ دۇ‌نيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى كۆرگىنىمىزدە،‏ ئاشۇ كۈننىڭ پات-‏يېقىندا كېلىدىغانلىقىنى بىلە‌لە‌يمىز.‏—‏مە‌تتا 24:‏32–‏34،‏ 36؛‏ ئە‌لچى.‏ 1:‏7‏.‏

2 شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىر ۋاقىتتا،‏ مە‌يلى قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت ھە‌قىقە‌تتە بولايلى،‏ ھە‌ممىمىز بۇ ۋە‌دىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشىمىز كېرە‌ك.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ كۈچلۈك ئىمان-‏ئېتىقادمۇ ئاجىزلاپ كېتىدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئىشە‌نچنىڭ ئاجىزلىقىنى بىزنى ‏«ئاسانلا چىرمىۋالىدىغان گۇ‌ناھ» دە‌پ ئاتىغان (‏ئىبرانىي.‏ 12:‏1‏)‏.‏ ئېتىقادىمىزنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭى دۇ‌نيانىڭ پات-‏يېقىندا رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دە‌لىللە‌ر ھە‌ققىدە قايتا-‏قايتا چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏—‏ئىبرانىي.‏ 12:‏1‏.‏

3.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 بۇ ماقالىدە،‏ يە‌ھۋانىڭ يېڭى دۇ‌نيا ھە‌ققىدە بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىدىغان ئۈچ ئۇ‌سۇ‌ل ئۈستىدە توختىلىمىز.‏ (‏1)‏ تۆلە‌م ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش.‏ (‏2)‏ يە‌ھۋانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش.‏ (‏3)‏ روھىي ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌ر بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌شقا ۋاقىت چىقىرىش.‏ ئاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋانىڭ ھاباققۇ‌ققا قىلغان سۆزى بۈگۈنكى كۈندە ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئالدى بىلە‌ن،‏ ھازىر دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن بولغان بە‌زى ۋە‌زىيە‌تلە‌ر ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرە‌يلى،‏ شۇ‌لار كېلە‌چە‌كتىكى يېڭى دۇ‌نيا توغرىسىدىكى ۋە‌دىگە كۈچلۈك ئىشە‌نچ قىلىشىمىزنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏

كۈچلۈك ئىشە‌نچ بولۇ‌شىنى تە‌لە‌پ قىلىدىغان ۋە‌زىيە‌تلە‌ر

4.‏ قانداق قارارلارنى چىقىرىش كۈچلۈك ئىشە‌نچنىڭ بولۇ‌شىنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ؟‏

4 ھە‌ر كۈنى بىز كۈچلۈك ئىشە‌نچنى تە‌لە‌پ قىلىدىغان تۈرلۈك قارارلارنى چىقىرىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كىملە‌ر بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش،‏ كۆڭۈل ئېچىش،‏ بىلىم ئېلىش،‏ نىكاھ ۋە پە‌رزە‌نتلىك بولۇ‌ش ۋە ئىش ئورنىنى تاللاش قاتارلىق تۈرلۈك ساھە‌دە قارارلارنى چىقىرىمىز.‏ ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن:‏ «قارارىم،‏ بۇ دۇ‌نيا تۈزۈلمىسى ۋاقىتلىق ئىكە‌نلىكىگە ۋە پات-‏ئارىدا ئۇ‌نىڭ ئورنىنى خۇ‌دانىڭ يېڭى دۇ‌نياسى ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىمنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏ ياكى قارارىم،‏ ئۆلۈم بىلە‌ن ھە‌ممە نە‌رسە ئاخىرلىشىدۇ،‏ دە‌پ ياشايدىغان كىشىلە‌رنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىغانمۇ؟‏» (‏مە‌تتا 6:‏19،‏ 20؛‏ لۇ‌قا 12:‏16–‏21‏)‏ ئە‌گە‌ر يېڭى دۇ‌نيانىڭ پات-‏يېقىندا كېلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتسە‌ك،‏ ئە‌ڭ ياخشى قارارلارنى چىقىرىمىز.‏

5،‏ 6.‏ سىناقلارغا بە‌رداشلىق بە‌رگىنىمىزدە،‏ نېمە ئۈچۈن كۈچلۈك ئىمانغا مۇ‌ھتاج بولىمىز؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

5 بىز يە‌نە كۈچلۈك ئىمان-‏ئېتىقادنى تە‌لە‌پ قىلىدىغان سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ بە‌لكىم،‏ بىز زىيانكە‌شلىككە،‏ سوزۇ‌لما خاراكتېرلىك كېسە‌للىكلە‌رگە ياكى چۈشكۈنلۈككە چۈشۈرىدىغان باشقا ئىشلارغا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ دە‌سلە‌پتە،‏ سىناققا بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يدىغاندە‌ك ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر ۋاقىت ئۇ‌زۇ‌نغا سوزۇ‌لۇ‌پ كە‌تسە،‏ بە‌رداشلىق بېرىش ۋە يە‌ھۋاغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىشە‌نچكە مۇ‌ھتاج بولىمىز.‏—‏رىملىقلار 12:‏12؛‏ 1-‏پېتر.‏ 1:‏6،‏ 7‏.‏

6 ئۇ‌زۇ‌نغا سوزۇ‌لغان سىناقتا،‏ يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دە قىلغان يېڭى دۇ‌نياسى ھە‌رگىز كە‌لمە‌يدىغاندە‌ك ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئۇ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ شۇ‌نداق بولۇ‌شى ناتايىن!‏ بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏ قىشنىڭ قاتتىق سوغىقى بولۇ‌ۋاتقاندا،‏ بە‌لكىم ياز پە‌سلى ھېچقاچان كە‌لمە‌يدىغاندە‌ك ھېس قىلىمىز.‏ ئە‌مما،‏ ياز پە‌سلى كېلىدۇ.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ قاتتىق ئۈمىدسىزلە‌نگىنىمىزدە،‏ يېڭى دۇ‌نيا ھە‌رگىز كە‌لمە‌يدىغاندە‌ك ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر ئىمانىمىز كۈچلۈك بولسا،‏ خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىلىرىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 94:‏3،‏ 14،‏ 15؛‏ ئىبرانىي.‏ 6:‏17–‏19‏)‏.‏ بىز شۇ‌نداق كۈچلۈك ئىشە‌نچ بىلە‌ن،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى ھاياتىمىزدا داۋاملىق بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويالايمىز.‏

7.‏ قانداق گۇ‌مانىي كۆز قاراشتىن ئۆزىمىزنى قە‌تئىي ساقلىشىمىز لازىم؟‏

7 ۋە‌ز خىزمىتىدىمۇ كۈچلۈك ئىشە‌نچكە مۇ‌ھتاج بولىمىز.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر خۇ‌دانىڭ يېڭى دۇ‌نياسى توغرىسىدىكى «خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر»نى ئە‌مە‌لگە ئاشمايدىغان خام خىيالدە‌ك ھېس قىلىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏14؛‏ ھە‌زە‌ك.‏ 33:‏32‏)‏.‏ بىز كىشىلە‌رنىڭ شۇ‌نداق كۆز قارىشىنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چراشتىن ۋە يە‌ھۋانىڭ ئۆگە‌تكە‌نلىرىدىن گۇ‌مان قىلىشتىن قە‌تئىي ساقلىنىش ئۈچۈن،‏ چوقۇ‌م ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى داۋاملىق كۈچە‌يتىشىمىز لازىم.‏ مۇ‌نداق قىلىشنىڭ ئۈچ ئۇ‌سۇ‌لنى كۆرۈپ باقايلى.‏

تۆلە‌م ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش

8،‏ 9.‏ تۆلە‌م ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى قانداق كۈچلە‌ندۈرە‌لە‌يدۇ؟‏

8 ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىشنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ تۆلە‌م ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش.‏ تۆلە‌م بىزنى خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىلىرىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ قانچىلىك قۇ‌ربان بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئە‌ستايىدىل ئويلانغىنىمىزدا،‏ ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ گۈزە‌ل بىر دۇ‌نيادا مە‌ڭگۈ ھاياتلىق ۋە‌دىسىنىڭ چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىمىز.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دېيە‌لە‌يمىز؟‏

9 ئۇ‌نداقتا،‏ تۆلە‌م نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ ئە‌ڭ يېقىن سىردىشى بولغان سۆيۈملۈك تۇ‌نجى ئوغلىنى ئاسماندىن مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان سۈپىتىدە تۇ‌غۇ‌لۇ‌شقا ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغىنىدا،‏ ھە‌ر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ن.‏ كېيىن،‏ ئۇ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىپ،‏ ۋە‌ھشىيلىك بىلە‌ن ئۆلتۈرۈلگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ئىنتايىن زور بە‌دە‌ل تۆلىگە‌ن!‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋانىڭ مە‌قسىتى گۈزە‌ل بىر دۇ‌نيادا بىزنى پە‌قە‌ت قىسقا ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش بولسا،‏ ئۇ سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ شۇ‌نچە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىپ،‏ ئۆلۈپ كېتىشىگە يول قويمىغان بولاتتى (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16؛‏ 1-‏پېتر.‏ 1:‏18،‏ 19‏)‏.‏ يە‌ھۋا شۇ‌نچە ئېغىر بە‌دە‌ل تۆلىگە‌ن ئىكە‌ن،‏ چوقۇ‌م بىزنى يېڭى دۇ‌نيادا مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرىدۇ.‏

يە‌ھۋانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش

10.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 3:‏20-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۋا نېمە ئىش قىلىشقا قادىر؟‏

10 ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىشنىڭ ئىككىنچى ئۇ‌سۇ‌لى —‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش.‏ ئۇ‌نىڭ پۈتۈن ۋە‌دىلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش كۈچ-‏قۇ‌درىتى بار.‏ بە‌لكىم،‏ يېڭى دۇ‌نيادا مە‌ڭگۈ ياشاش ئىنسانلار ئۈچۈن ئە‌مە‌لگە ئاشمايدىغان ۋە‌دىدە‌ك بىلىنىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋا ھە‌ر دائىم ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كە‌لمە‌يدىغان ئىشلارنى ۋە‌دە قىلىدۇ ۋە شۇ ۋە‌دىلىرىنى چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ (‏ئايۇ‌پ 42:‏2؛‏ ماركۇ‌س 10:‏27‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئاجايىپ ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق ۋە‌دىلە‌رنى بە‌رگە‌ندە،‏ بۇ‌نىڭدىن ھە‌رگىز ھە‌يران قالمايمىز‏.‏—‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 3:‏20-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

11.‏ خۇ‌دانىڭ ئاجايىپ ۋە‌دىلىرىدىن بىرىنى مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏ (‏«‏ بە‌زى ئاجايىپ ۋە‌دىلە‌ر ئە‌مە‌لگە ئاشتى‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏

11 قارىماققا مۇ‌مكىن بولمايدىغان بە‌زى ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق،‏ يە‌ھۋا ئۆتمۈشتە ئۆز خە‌لقىگە ۋە‌دە بە‌رگە‌ن.‏ شۇ ئىشلار ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ ئىبراھىم بىلە‌ن سارانىڭ قېرىغاندا بىر ئوغۇ‌للۇ‌ق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏يارىت.‏ 17:‏15–‏17‏)‏.‏ ئۇ يە‌نە ئىبراھىمغا قانان زېمىننى ئۇ‌نىڭ ئە‌ۋلادلىرىغا بېرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان.‏ ئىبراھىمنىڭ ئە‌ۋلادلىرى،‏ يە‌نى ئىسرائىللار،‏ مىسىردا ئۇ‌زۇ‌ن يىللار قۇ‌ل بولغاندا،‏ بۇ ۋە‌دىلە‌ر ھە‌رگىز ئە‌مە‌لگە ئاشمايدىغاندە‌ك كۆرۈنگە‌ن.‏ كېيىن،‏ بىرىنچى ئە‌سىردە يە‌ھۋا ياشىنىپ قالغان ئېلىزابېتنىڭ بالىلىق بولىدىغانلىقىنى خە‌ۋە‌ر قىلغان.‏ ئۇ ئۆز ئوغلىنى مە‌ريە‌م ئىسىملىك توي قىلمىغان قىزنىڭ تۇ‌غىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا نە‌چچە مىڭ يىل بۇ‌رۇ‌ن ئېرە‌م بېغىدا ۋە‌دە قىلغان يە‌نە بىر بېشارە‌ت ئە‌مە‌لگە ئاشقان.‏—‏يارىت.‏ 3:‏15‏.‏

12.‏ يە‌شۇ‌ئا 23:‏14 ۋە يە‌شايا 55:‏10،‏ 11-‏ئايە‌تلە‌ر‏،‏ بىزنى خۇ‌دانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى ھە‌ققىدە نېمىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

12 يە‌ھۋانىڭ بارلىق ۋە‌دىلىرى ۋە ئاشۇ ۋە‌دىلە‌رنى قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلانغىنىمىزدا،‏ ئۇ‌نىڭ ئاجايىپ كۈچ-‏قۇ‌درىتى بارلىقىنى چۈشىنىمىز ۋە يېڭى دۇ‌نيا توغرۇ‌لۇ‌ق بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىگە بولغان ئىشە‌نچىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ ‏(‏يە‌شۇ‌ئا 23:‏14؛‏ يە‌شايا 55:‏10،‏ 11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ باشقىلارنىڭ ۋە‌دە قىلىنغان يېڭى دۇ‌نيا بىر چۈش ياكى ئە‌پسانىۋى-‏رىۋايە‌ت ئە‌مە‌سلىكىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ياردە‌م بېرىشكە ئۆزىمىزنى ياخشىراق تە‌ييارلىيالايمىز.‏ يە‌ھۋا ئۆزى يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى يە‌ر ھە‌ققىدە شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بۇ سۆزلە‌ر ئىشە‌نچىلىك ۋە ھە‌قتۇ‌ر».‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 21:‏1،‏ 5‏.‏

روھىي ئىش-‏پائالىيە‌ت بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌ڭ

جامائە‌ت ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرى

بۇ روھىي ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌رنىڭ ھە‌ر بىرى ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى قانداق كۈچە‌يتىدۇ؟‏ (‏13-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

13.‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرى ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

13 ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىشنىڭ ئۈچىنچى ئۇ‌سۇ‌لى —‏ روھىي ئىشلار بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌شقا ۋاقىت چىقىرىش.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ جامائە‌ت ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىدىن قانداق پايدىلىق نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ھە‌ر خىل شە‌كىلدىكى تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت بىلە‌ن نە‌چچە ئون يىل مە‌شغۇ‌ل بولغان ئاننا ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرى ئىمان-‏ئېتىقادىمنى كۈچلۈك ساقلاشقا ياردە‌م بېرىدۇ،‏ ھە‌تتا نۇ‌تۇ‌ق ئېيتقۇ‌چىنىڭ تە‌لىم بېرىش قابىلىيىتى چە‌كلىك بولسۇ‌ن،‏ ياكى يېڭى بىر نە‌رسىنى سۆزلىمىگە‌ن بولسۇ‌ن،‏ مە‌ن دائىم مېنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تنى ياخشىراق چۈشىنىشكە يېتە‌كلە‌يدىغان ۋە ئىمان-‏ئېتىقادىمنى كۈچە‌يتىدىغان بە‌زى نە‌رسىنى ئاڭلايمە‌ن b‏».‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ يىغىلىشلاردا قېرىنداشلارنىڭ بە‌رگە‌ن جاۋابلىرىنى ئاڭلىغاندا،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز.‏—‏رىملىقلار 1:‏11،‏ 12؛‏ 10:‏17‏.‏

ۋە‌ز خىزمىتى

بۇ روھىي ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌رنىڭ ھە‌ر بىرى ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى قانداق كۈچە‌يتىدۇ؟‏ (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

14.‏ ۋە‌ز خىزمىتى ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى قانداق كۈچە‌يتىدۇ؟‏

14 ۋە‌ز خـىزمـىتـىگە قاتـناشـقـانـدىمـۇ،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىمىز (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏23‏)‏.‏ يە‌ھۋاغا 70 يىلدىن كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلغان باربارا ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ھە‌ر دائىم ۋە‌ز خىزمىتىنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادنى كۈچە‌يتىدىغانلىقىنى بايقىدىم.‏ باشقىلارغا يە‌ھۋانىڭ ئاجايىپ ۋە‌دىلىرى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك ئېيتقانسېرى،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىم تېخىمۇ كۈچلۈك،‏ مۇ‌ستە‌ھكە‌م بولدى».‏

شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆگىنىشى

بۇ روھىي ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌رنىڭ ھە‌ر بىرى ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى قانداق كۈچە‌يتىدۇ؟‏ (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

15.‏ شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆگىنىشى ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى قانداق كۈچە‌يتىدۇ؟‏ (‏رە‌سىملە‌رگە ھە‌م قاراڭ)‏

15 ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىشنىڭ يە‌نە بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆگىنىشى.‏ ۋاقىت جە‌دۋىلى تۈزۈپ،‏ شە‌خسىي ئۆگىنىش قىلىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگە‌ن سۇ‌زان ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌كشە‌نبە كۈنى كېلىدىغان ھە‌پتىسى تە‌تقىق قىلىنىدىغان ‹كۈزىتىش مۇ‌نارى› قامالىسىنى ئۆگىنىمە‌ن.‏ دۈشە‌نبە ۋە سە‌يشە‌نبە كۈنى ھە‌پتە ئوتتۇ‌رىسىدىكى يىغىلىشقا تە‌ييارلىق قىلىمە‌ن.‏ قالغان كۈنلە‌ردە شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆگۈنۈشۈمنى داۋاملاشتۇ‌رىمە‌ن».‏ سۇ‌زان شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆگىنىشنى پىلان بويىچە داۋاملاشتۇ‌رغاچ،‏ ئىمان-‏ئېتىقادى ئۈزلۈكسىز كۈچلە‌نگە‌ن.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ مە‌ركىزىي باش ئىدارىسىدە نە‌چچە ئون يىل خىزمە‌ت قىلغان ئىرېن ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى كۈچە‌يتىدىغانلىقىنى ئېيتقان:‏ «يە‌ھۋانىڭ بېشارە‌تلە‌رنى ئە‌ڭ ئىنچىكە تە‌پسىلاتلىرىغىچە ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رغانلىقىدىن ھە‌يران قالىمە‌ن c‏».‏

ئۇ ئە‌مە‌لگە ئاشماي قالمايدۇ

16.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ئېيتقان سۆزلىرى بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق؟‏ (‏ئىبرانىيلار 10:‏36،‏ 37‏)‏

16 يە‌ھۋانىڭ بە‌زى خىزمە‌تچىلىرى بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى ئۇ‌زۇ‌ندىن بۇ‌يان كۈتىۋاتىدۇ.‏ ئىنسان نۇ‌قتىئىنە‌زىرى بىلە‌ن قارىغاندا،‏ خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىسىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشى كېچىكتۈرۈلگە‌ندە‌ك كۆرۈنىدۇ.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنىڭ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئۇ ھاباققۇ‌ق پە‌يغە‌مبە‌رگە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «چۈنكى،‏ بۇ ۋە‌ھىينىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشى ئۈچۈن بە‌لگىلە‌نگە‌ن ۋاقتى بار،‏ ئە‌مە‌لگە ئېشىش ۋاقتى تېز كە‌لمە‌كتە ۋە يالغان بولۇ‌پ چىقمايدۇ.‏ ھە‌تتا،‏ كېچىكىپ كە‌تكە‌ندە‌ك كۆرۈنسىمۇ،‏ تە‌قە‌ززالىق بىلە‌ن ئۇ‌نى كۈتكىن،‏ چۈنكى ئۇ مۇ‌تلە‌ق ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ،‏ كېچىپ قالمايدۇ!‏» (‏ھاباق.‏ 2:‏3‏)‏ خۇ‌دانىڭ بۇ سۆزلىرى پە‌قە‌ت ھاباققۇ‌ق پە‌يغە‌مبە‌رگە تە‌سە‌للى بە‌رگە‌نمۇ؟‏ ياكى ئۇ‌نىڭ سۆزلىرى بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن ھە‌م پايدىلىقمۇ؟‏ يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىسى بىلە‌ن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س شۇ سۆزلە‌ر ئارقىلىق يېڭى دۇ‌نيانى تە‌شنالىق بىلە‌ن كۈتۈۋاتقان بارلىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بە‌رگە‌ن ‏(‏ئىبرانىيلار 10:‏36،‏ 37-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنە‌لە‌يمىزكى،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ۋە‌دىسى ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغان ۋاقىت كېچىكىپ كە‌تكە‌ندە‌ك كۆرۈنسىمۇ،‏ «ئۇ مۇ‌تلە‌ق ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ.‏ ئۇ كېچىپ قالمايدۇ!‏»‏

17.‏ بىر قېرىنداش يە‌ھۋانىڭ ھاباققۇ‌ققا بە‌رگە‌ن نە‌سىھىتىگە قانداق قۇ‌لاق سالغان؟‏

17 يە‌ھۋانىڭ كۆپلىگە‌ن خىزمە‌تچىلىرى نۇ‌رغۇ‌ن يىللاردىن بۇ‌يان،‏ «ئۇ‌نى كۈتكىن» دېگە‌ن نە‌سىھە‌ت سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ لۇ‌ئىز ئىسىملىك قېرىنداش 1939-‏يىلىدىن باشلاپ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئۇ ۋاقىتتا تولۇ‌ق ئوتتۇ‌را مە‌كتە‌پنى پۈتتۈرۈشتىن ئاۋۋال ئارماگېدون كېلىدۇ،‏ دە‌پ ئويلىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نداق بولمىدى.‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىللاردىن بۇ‌يان،‏ مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شىنى كۈتكە‌ن كىشىلە‌ر ھە‌ققىدىكى ئۈزۈندىلە‌رنى ئوقۇ‌شنىڭ پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى بايقىدىم.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ نۇ‌ھ،‏ ئىبراھىم،‏ يۈسۈپ ۋە باشقىلارنىڭ يە‌ھۋا ۋە‌دە قىلغان بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت كۈتكە‌نلىكىنى ئوقۇ‌ش ماڭا ياردە‌م بە‌ردى.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىپ كېتىۋاتىمە‌نكى،‏ ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لىدىغان ۋە‌دىلە‌ر مە‌ن ۋە باشقىلارنىڭ يېڭى دۇ‌نيانىڭ ئىنتايىن يېقىن كېلىپ قالغانلىقىغا ئىشىنىشىمىزگە ياردە‌م بە‌رمە‌كتە».‏ يە‌ھۋاغا ئۇ‌زۇ‌ندىن بۇ‌يان خىزمە‌ت قىلىۋاتقان باشقا نۇ‌رغۇ‌نلىغان گۇ‌ۋاھچىلارمۇ بۇ سۆزلە‌رگە قوشۇ‌لىدۇ.‏

18.‏ كائىناتتىكى مە‌ۋجۇ‌داتلارنى كۈزىتىش كە‌لگۈسى يېڭى دۇ‌نياغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يدۇ؟‏

18 شۇ‌نداق،‏ يېڭى دۇ‌نيا تېخى كە‌لمىدى!‏ ئە‌مما،‏ كۆزىڭىز كۆرگە‌ن بە‌زى نە‌رسىلە‌ر،‏ يە‌نى يۇ‌لتۇ‌زلار،‏ دە‌ل-‏دە‌رە‌خلە‌ر،‏ ھايۋاناتلار ۋە سىزگە ئوخشاش ئىنسانلار ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ گە‌رچە ئىلگىرى ئۇ‌لار مە‌ۋجۇ‌ت ئە‌مە‌س بولسىمۇ،‏ ھازىر ئۇ‌لارنىڭ مە‌ۋجۇ‌تلىقىدىن ھېچكىم ئە‌سلا گۇ‌مانلانمايدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لارنى يە‌ھۋا ياراتقان (‏يارىت.‏ 1:‏1،‏ 26،‏ 27‏)‏.‏ خۇ‌دايىمىز يېڭى بىر دۇ‌نيانى بە‌رپا قىلىشنى ئىرادە قىلغان ۋە ئۇ چوقۇ‌م بۇ ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ.‏ يېڭى دۇ‌نيادا كىشىلە‌ر ساغلام تە‌ن بىلە‌ن مە‌ڭگۈ ھاياتتىن ھۇ‌زۇ‌ر ئالىدۇ.‏ خۇ‌دا بە‌لگۈلىگە‌ن ۋاقىت-‏سائە‌ت كە‌لگە‌ندە،‏ خۇ‌ددى كائىناتتىكى ھە‌ممە نە‌رسە كۆز ئالدىمىزدا ھە‌قىقىي بولغاندە‌ك،‏ يېڭى دۇ‌نيامۇ ھە‌قىقىي بولىدۇ.‏—‏يە‌شايا 65:‏17؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 21:‏3،‏ 4‏.‏

19.‏ ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يسىز؟‏

19 ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن قولىڭىزدىن كە‌لگە‌ن ئىشلارنىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىڭ.‏ ھە‌ر دائىم تۆلە‌مگە بولغان مىننە‌تدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ قۇ‌درىتى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ ھە‌ر كۈنى روھىي ئىشلار بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌ڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ «ئىمان ۋە سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن ۋە‌دىلە‌رگە ۋارىس» بولىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا بولالايسىز.‏—‏ئىبرانىي.‏ 6:‏11،‏ 12؛‏ رىملىقلار 5:‏5‏.‏

55-‏ناخشا سادىقلار كۆرە‌ر مە‌ڭگۈلۈك ھاياتنى

a مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى يېڭى دۇ‌نيا توغرىسىدىكى ۋە‌دىگە،‏ بۈگۈنكى كۈندە نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئىشە‌نمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نى پە‌قە‌ت ئە‌مە‌لگە ئاشمايدىغان چۈش ياكى ئە‌پسانە-‏رىۋايە‌ت دە‌پ ئويلايدۇ.‏ بىراق،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ بارلىق ۋە‌دىلىرىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچلۈك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇ‌نى داۋاملىق تۈردە كۈچە‌يتىشىمىز زۆرۈر.‏ بۇ ماقالىدە ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرىمىز.‏

b بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

c مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌ر ھە‌ققىدىكى نۇ‌رغۇ‌ن ماقالىلە‌رنى «كۈزىتىش مۇ‌نارى ماتېرىياللار كۆرسە‌تكۈچى»دىكى «‏بېشارە‌ت‏» دېگە‌ن ماۋزۇ ئاستىدىن تېپىشقا بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2008-‏يىل،‏ 1-‏يانۋار سانىدىن «‏يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ بېشارە‌تلىرى قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ؟‏‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏