تەتقىق قىلىپ ئوقۇش پىلانى
خۇدانى خۇرسەن قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەر دانا قارارلارنى چىقىرىدۇ
يارىتىلىش 25:29–34-نى ئوقۇپ، كىمنىڭ دانا قارار چىقارغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ، ئەساۋمۇ ياكى ياقۇپمۇ؟
ئالدى-كەينىدىكى ئايەتلەرنى تەتقىق قىلىپ كۆرۈڭ. بۇ ۋەقەنىڭ ئالدىدا نېمە ئىش يۈز بەرگەن؟ (يارىت. 25:20–28) كېيىن نېمە ئىش بولغان؟—يارىت. 27:1–46.
تەپسىلاتلارنى تەتقىق قىلىپ كۆرۈڭ. شۇ زاماندا تۇنجى ئوغۇلنىڭ قانداق ھوقۇقلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى بولغان؟—يارىت. 18:18، 19؛ كم10 5/1 13.
-
مەسىھنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولۇش ئۈچۈن تۇنجى ئوغۇل بولۇش زۆرۈرمۇ؟ (كم17.12 14، 15)
ئۆگەنگەنلىرىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ، شۇلارنى ھاياتىڭىزدا ئەمەلىي قوللىنىڭ. نېمىشقا ياقۇپ ئەساۋغا قارىغاندا تۇنجى ئوغۇل بولۇش شان-شەرىپىنى قەدىرلىگەن؟ (ئىبرانىي. 12:16، 17؛ كم03 10/15 28، 29) يەھۋا ئۇلارغا قانداق قارىغان ۋە نېمە ئۈچۈن شۇنداق؟ (مالاك. 1:2، 3) ئەساۋ ياخشىراق قارار چىقىرىش ئۈچۈن نېمە قىلسا بولاتتى؟
-
ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «ھەر ھەپتە قىلىدىغان ئىشلىرىمنى پىلانلىغاندا، ئۆزۈمنىڭ روھىي ئىش-پائالىيەتلەرنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىمنى قانداق كۆرسىتەلەيمەن؟ ھەر ھەپتە ئائىلىۋى ئىبادەتنى ئۆتكۈزىمەنمۇ؟