سىز بىلەمسىز؟
نېمە ئۈچۈن داۋۇت پادىشاھنىڭ قوشۇنىدا چەتئەللىكلەر خىزمەت قىلغان؟
داۋۇتنىڭ قوشۇنىدا ئاممونلۇق زەلەك، خىتلىق ئۇرىيا ۋە موئابلىق ئىتماغا ئوخشاش چەتئەللىكلەر بولغان a (1-تارىخ. 11:39، 41، 46). بۇنىڭدىن باشقا، داۋۇتنىڭ قوشۇنىدا كىرېتلەر، پىلېتلەر ۋە گاتلىقلارمۇ خىزمەت قىلغان (2-سام. 15:18). كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەر، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى بولغان بولۇشى مۇمكىن (ھەزەك. 25:16). گاتلىقلار بولسا، فىلىستىننىڭ گات شەھىرىدە ياشىغان خەلق.—يەشۇئا 13:2، 3؛ 1-سام. 6:17، 18.
داۋۇت نېمە ئۈچۈن چەتئەللىكلەرنىڭ ئۆز قوشۇنىدا خىزمەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان؟ چۈنكى، داۋۇت ئۇلارنىڭ ئۆزىگە، تېخىمۇ مۇھىمى يەھۋاغا سادىق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنگەن. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابنىڭ بىر لۇغىتىدە، كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەر توغرۇلۇق مۇنداق يېزىلغان: «داۋۇتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەڭ قىيىن ۋەزىيەتلەرگە چۈشۈپ قالغاندا، ئۇلار ئۇنىڭغا سادىق بولغان». ئۇلار سادىقلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ ئىسرائىللار داۋۇتنى رەت قىلىپ، شىبا ئىسىملىك بىر يارامسىز كىشىنىڭ ئىسىيانىغا قوشۇلغاندا، كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەر داۋۇت تەرەپتە تۇرۇپ، شىبانىڭ ئىسىيانىنى باستۇرۇشقا ياردەم بەرگەن (2-سام. 20:1، 2، 7). باشقا بىر ۋەزىيەتتە، داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى ئادونىيا پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالماقچى بولغان. ئەمما، كىرېتلەر ۋە پىلېتلەر داۋۇتقا سادىق بولۇپ، يەھۋا تاللىغان سۇلايماننىڭ تەختتە ئولتۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن.—1-پادىشاھ. 1:24–27، 38، 39.
داۋۇتقا دائىم سادىق بولغان يەنە بىر چەتئەللىك، گاتلىق ئىتتاي ئىدى. داۋۇتنىڭ ئوغلى ئابشالوم خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئاتىسىنىڭ تەختىنى تارتىۋالماقچى بولغاندا، ئىتتاي بىلەن ئۇنىڭ 600 ئەسكىرى داۋۇتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. داۋۇت ئىتتايغا چەتئەللىك بولغاچقا، بۇ ئۇرۇشقا قاتناشمىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن، «ئىتتاي پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: »مەن مەڭگۈ ھايات يەھۋانىڭ ئالدىدا، سىلى خۇجايىنىم پادىشاھ ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، پادىشاھىم قەيەرگە بارسا، ھاياتلىق ياكى ماماتلىق بولسۇن، قوللىرى بولغان مەن شۇ يەردە بولىمەن«،— دېدى.—2-سام. 15:6، 18–21.
كىرېتلەر، پىلېتلەر ۋە گاتلىقلار چەتئەللىكلەر بولسىمۇ، ئۇلار يەھۋانىڭ ھەقىقىي تىرىك خۇدا ئىكەنلىكىنى ۋە داۋۇتنىڭ خۇدا تەرىپىدىن مەسىھ قىلىنغان پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. داۋۇت شۇنداق سادىق كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىدىن چوقۇم مىننەتدار بولغان!
a تەكرار قانۇن 23:3–6 ئايەتلەردە، ھېچبىر ئاممونلۇق ياكى موئابلىق يەھۋانىڭ خەلقىنىڭ بىر ئەزاسى بولالمىغان. بىراق، قارىماققا بۇ قانۇن چەتئەللىكلەرنىڭ پۈتۈنلەي قانۇنلۇق ھالدا ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ پۇقراسى بولۇشىغا يول قويغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىسرائىللار بىلەن ئالاقىدە بولۇشى ياكى ئارىلىشىپ ياشىشىنى چەكلىمىگەن. «مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىش» دېگەن كىتابتىن «ئاممونلار» دېگەن سۆزلۈك ئاستىدىكى «ئىسرائىللار بىلەن نىكاھلىنىش» دېگەن ماۋزۇنى كۆرۈڭ.