مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

16-‏تە‌تقىق ماقالىسى

44-‏ناخشا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ھوسۇ‌ل يىغىش

ۋە‌ز خىزمە‌تتە خۇ‌شاللىق تېپىڭ

ۋە‌ز خىزمە‌تتە خۇ‌شاللىق تېپىڭ

‏«خۇ‌شاللىق بىلە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىڭلار»‏‏.‏—‏زە‌بۇ‌ر 100:‏2‏.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

بۇ ماقالىدە،‏ ۋە‌ز خىزمىتىمىزدە كۆپرە‌ك خۇ‌شاللىق تېپىشىمىزنىڭ بىرقانچە يوللىرى ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

1.‏ بە‌زىلە‌ر ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىگە قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

 خۇ‌دانىڭ خە‌لقى سۈپىتىدە،‏ بىز ئاسماندىكى ئاتىمىز يە‌ھۋانى سۆيىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئۇ توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىپ،‏ ئۇ‌نى تونۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىشنى خالايمىز.‏ نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلىرىمىز ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىدىن ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىق تاپىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بە‌زىلە‌ر ۋە‌ز قىلىشتا قىينىلىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ بە‌زى قېرىنداشلار ئىنتايىن تارتىنچاق ياكى قايىل قىلارلىق سۆزلىيە‌لمە‌يمە‌ن دە‌پ ئە‌نسىرە‌يدۇ.‏ ناتونۇ‌ش كىشىلە‌رنىڭ ئىشىكىنى چېكىشتىن قورقىدۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلىرى باشقىلارنىڭ ئاچچىقلىنىشىدىن قورقۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ باشقىلىرى بولسا ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن تالاش-‏تارتىش قېلىشتىن ساقلىنىشنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانى سۆيسىمۇ،‏ ناتونۇ‌ش كىشىلە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىشتىن راھە‌تسىز ھېس قىلىدۇ.‏ مە‌يلى قانداقلا بولسۇ‌ن،‏ ئۇ‌لار ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇ‌ھىملىقىنى بىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار دائىم ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ چوقۇ‌م بە‌ك خۇ‌شال بولىدۇ!‏

ۋە‌ز قىلىش ئىشىدىن قانداق خۇ‌شاللىق تاپىسىز؟‏ (‏1-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


2.‏ ئە‌گە‌ر ۋە‌ز قىلىشتىن خۇ‌شاللىق تاپالمىسىڭىز،‏ نېمە ئۈچۈن ئۈمىدسىزلە‌نمە‌سلىك كېرە‌ك؟‏

2 بە‌زىدە سىزمۇ ۋە‌ز خىزمىتىدىن خۇ‌شاللىق تېپىشنى قىيىن ھېس قىلامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ ھە‌رگىز ئۈمىدسىزلە‌نمە‌ڭ.‏ بە‌لكىم سىز ئۆزىڭىزگە ئانچە ئىشىنە‌لمە‌يدىغانسىز.‏ بۇ سىزنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە تارتىشنى ۋە تالاش-‏تارتىش قىلىشنى خالىمايدىغان كە‌متە‌ر ئادە‌ملىكىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن ھېچكىم باشقىلارنىڭ ئاچچىقىنى كە‌لتۈرۈشنى خالىمايدۇ.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلماقچى بولغاندا،‏ تېخىمۇ شۇ‌نداق.‏ ئاسماندىكى ئاتىڭىز سىز دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قىيىنچىلىقلارنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ ۋە سىزگە ياردە‌م بېرىشنى خالايدۇ (‏يە‌شايا 41:‏13‏)‏.‏ بۇ ماقالىدە،‏ شۇ‌نداق سە‌لبىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارنى يېڭىشىڭىزغا ھە‌مدە ۋە‌ز خىزمە‌تتە كۆپرە‌ك خۇ‌شاللىق تېپىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدىغان بە‌ش تە‌ۋسىيىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

خۇ‌دانىڭ سۆزى سىزگە كۈچ بە‌رسۇ‌ن

3.‏ يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ باشقىلارغا ۋە‌ز قىلىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

3 قە‌دىمقى زامانلاردىن بۇ‌يان،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزلىرىدىن كە‌لگە‌ن كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە تايىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭ خىزمە‌تچىلىرى كۆپلىگە‌ن مۈشكۈل ۋە‌زىپىلە‌رنى ئورۇ‌نلىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌رنى ئالساق،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا ۋە‌ز قىلىش ۋە‌زىپىسىنى تاپشۇ‌رغاندا،‏ ئۇ ئىككىلىنىپ قالغان.‏ يە‌رە‌مىيا شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌ي ئالىي ھۆكۈمران يە‌ھۋا!‏ مە‌ن،‏ تېخى ياش.‏ قانداق سۆزلە‌شنى بىلمە‌يمە‌ن» (‏يە‌رە‌م.‏ 1:‏6‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ جاسارە‌تلىك بولۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ خۇ‌دانىڭ ئېيقتان سۆزلىرى ئۇ‌نىڭغا جاسارە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ يە‌رە‌مىيا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۇ‌نىڭ سۆزى خۇ‌ددى ئوتتە‌ك قە‌لبىمدە يالقۇ‌نلاپ كۆيۈۋاتىدۇ،‏ سۆڭە‌كلىرىمنىڭ ئىچىگە قاپسىلىپ قالدى،‏ ئۇ‌نى سۆزلىمە‌ي ئىچىمدە ساقلاپ چارچاپ كە‌تتىم» (‏يە‌رە‌م.‏ 20:‏8،‏ 9‏)‏.‏ گە‌رچە يە‌رە‌مىيا ۋە‌ز قىلىدىغان كىشىلە‌ر بوينى قاتتىق،‏ جاھىل بولسىمۇ،‏ ئە‌مما خۇ‌دانىڭ يە‌رە‌مىياغا ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن بە‌رگە‌ن خە‌ۋىرى ئۇ‌نىڭغا ئاشۇ ۋە‌زىپىنى تاماملاش ئۈچۈن كۈچ بە‌رگە‌ن.‏

4.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئوقۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭ ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش بىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ (‏كولوسىلىقلار 1:‏9،‏ 10‏)‏

4 ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىمۇ خۇ‌دانىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزىگە كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت ئالغان.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س كولوسى شە‌ھىرىدىكى جامائە‌تكە خە‌ت يازغاندا،‏ توغرا بىلىمگە ئېرىشىش قېرىنداشلارنى داۋاملىق «ھە‌ر ياخشى ئىشتا مېۋە» بېرىشكە،‏ يە‌نى «يە‌ھۋاغا لايىق» ياشاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ‏(‏كولوسىلىقلار 1:‏9،‏ 10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئاشۇ ياخشى ئىش خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ بىز خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئوقۇ‌غاندا ۋە ئۇ‌نىڭ ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغىنىمىزدا،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ ۋە پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى ۋە‌ز قىلىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇ‌ر چۈشىنىپ يېتىمىز.‏

5.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭ ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

5 خۇ‌دانىڭ سۆزىدىن ئە‌ڭ ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نى ئالدىراپ-‏تېنە‌پ ئوقۇ‌پلا قويماي،‏ ئوقۇ‌غانلىرىمىز ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ،‏ تە‌تقىق قىلىشقا ۋاقىت چىقىرىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر چۈشىنىش قىيىن مە‌زمۇ‌نغا كە‌لسىڭىز،‏ ئۇ‌نى ئاتلاپ ئۆتۈپ كە‌تمە‌ڭ.‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى ماتېرىياللار كۆرسە‌تكۈچى» ياكى «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يول كۆرسە‌تكۈچى» دېگە‌ن ئىزدىنىش قوراللىرىنى ئىشلىتىپ،‏ ئاشۇ ئايە‌ت ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌رراق ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.‏ ئە‌گە‌ر كۆپرە‌ك ۋاقىت چىقىرىپ،‏ تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نسىڭىز،‏ خۇ‌دا سۆزىنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە بولغان ئىشە‌نچىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏21‏)‏.‏ ئىمانىڭىز قانچە كۈچە‌يگە‌نسېرى،‏ ئۆگە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌تنى باشقىلارغا ئېيتىشتىن تاپىدىغان خۇ‌شاللىقىڭىز شۇ‌نچە كۆپ بولىدۇ.‏

ۋە‌ز خىزمىتىگە ياخشى تە‌ييارلىق قىلىڭ

6.‏ نېمە ئۈچۈن ۋە‌ز خىزمىتىگە تە‌ييارلىق قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

6 ۋە‌ز خىزمىتىگە ياخشى تە‌ييارلىق قىلسىڭىز،‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى باشقىلارغا ئېيتقاندا،‏ ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ئە‌ركىن-‏ئازادە ھېس قىلالايسىز.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىنى ۋە‌ز خىزمە‌تكە ئە‌ۋە‌تىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئۇ‌لارنىڭ تە‌ييارلىق قىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏لۇ‌قا 10:‏1–‏11‏)‏.‏ شاگىرتلار ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ كۆرسە‌تمىسى بويىچە ئىش قىلغاچقا،‏ ئۇ‌لار ئۆز خىزمىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن،‏ ئىنتايىن خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولغان.‏—‏لۇ‌قا 10:‏17‏.‏

7.‏ ۋە‌ز خىزمىتىگە قانداق تە‌ييارلىق قىلالايمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

7 بىز ۋە‌ز خىزمىتىگە قانداق تە‌ييارلىق قىلالايمىز؟‏ بىز قانداق قىلىپ ھە‌قىقە‌تنى ئۆز سۆزىمىز بىلە‌ن ئېنىق ئىپادىلە‌پ بېرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ كۆرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌نە بىز ياشاۋاتقان رايوندىكى كىشىلە‌رنىڭ سۆزىمىزگە قانداق ئىنكاسلارنى قايتۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىنلىكى ۋە ئۇ‌لارغا قانداق جاۋاب قايتۇ‌رساق بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرسە‌ك بولىدۇ.‏ ئاندىن بىز باشقىلار بىلە‌ن پاراڭلاشقاندا،‏ ئۆزىمىزنى ئە‌ركىن-‏ئازادە تۇ‌تۇ‌ش،‏ كۈلۈمسىرە‌ش ۋە دوستانە بولۇ‌شنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالماسلىقىمىز لازىم.‏

تە‌ييارلىق قىلىشقا ۋاقىت چىقىرىش (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


8.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س نېمە ئۈچۈن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى لايدىن ياسالغان ساپال قاچىلارغا ئوخشاتقان؟‏

8 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «بىز ئۇ‌شبۇ خە‌زىنىنى لايدىن ياسالغان ساپال قاچىلاردا ساقلاپ يۈرىمىز»،‏—‏ دېگىنىدە،‏ ئۇ بىر ئوخشىتىش ئارقىلىق ۋە‌ز خىزمە‌تتىكى رولىمىزنى تە‌سۋىرلىگە‌ن (‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏7‏)‏.‏ بۇ خە‌زىنە نېمە؟‏ خە‌زىنە بولسا ھاياتنى قۇ‌تقۇ‌زىدىغان پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى يە‌تكۈزۈش ئىشى (‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏1‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ لايدىن ياسالغان ساپال قاچا نېمە؟‏ ساپال قاچا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزگە‌ن خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ زامانىدا سودىگە‌رلە‌ر يېمە‌كلىك،‏ ھاراق-‏شاراب ۋە پۇ‌للار قاتارلىق قىممە‌تلىك نە‌رسىلە‌رنى ساپال قاچىلارغا سېلىپ توشۇ‌غانىدى.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىشتە‌ك قىممە‌تلىك بىر ۋە‌زىپىنى بىزگە تاپشۇ‌رغان.‏ ئۇ‌نىڭ ياردىمىدە،‏ بىز بۇ خە‌ۋە‌رنى ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن جاكارلاشتا مۇ‌ھتاج بولىدىغان كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏

جاسارە‌ت بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىڭ

9.‏ ئىنساندىن قورقۇ‌ش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىنى قانداق يېڭە‌لە‌يمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

9 بە‌زى ۋاقىتلاردا،‏ بىز ئىنسانلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇ‌چراشتىن قورقۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نداق قورقۇ‌نچنى قانداق يېڭە‌لە‌يمىز؟‏ ئە‌لچىلە‌رگە ۋە‌ز ئېيتماسلىقنى بۇ‌يرىغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌داغا قانداق دۇ‌ئا قىلغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ‌لار قورقۇ‌پ ۋە‌ز ئېيتىشنى توختىتىشنىڭ ئورنىغا،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ «سۆزلىرىڭنى يۈرە‌كلىك يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن خىزمە‌تچىلىرىڭگە جاسارە‌ت بە‌رگىن» دە‌پ ئۆتۈنگە‌ن.‏ يە‌ھۋا دە‌رھال ئۇ‌لارنىڭ دۇ‌ئاسىغا جاۋاب بە‌رگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 4:‏18،‏ 29،‏ 31‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بە‌زىدە ئىنساندىن قورقۇ‌پ،‏ ۋە‌ز قىلىشتىن ئە‌نسىرىسە‌ك،‏ بىزمۇ يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ سىزمۇ يە‌ھۋادىن ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى كۈچە‌يتىشنى ئۆتۈنۈپ سوراڭ.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ئىنساندىن قورقۇ‌ش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىنى يېڭىپ،‏ جاسارە‌ت بىلە‌ن ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتالايسىز.‏

جاسارە‌ت تىلە‌پ دۇ‌ئا قىلىش (‏9-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


10.‏ يە‌ھۋا بىزگە ئۆزى ھە‌ققىدە گۇ‌ۋاھلىق بېرىشكە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏يە‌شايا 43:‏10–‏12‏)‏

10 يە‌ھۋا بىزنى ئۆزىنىڭ گۇ‌ۋاھچىلىرى بولۇ‌شقا تە‌يىنلىگە‌ن ۋە بىزگە جاسارە‌ت بېرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان ‏(‏يە‌شايا 43:‏10–‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا بىزگە قايسى تۆت ئۇ‌سۇ‌ل بىلە‌ن ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ بىرىنچى،‏ بىز خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزگە‌ندە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ بىز بىلە‌ن بىللە بولىدۇ (‏مە‌تتا 28:‏18–‏20‏)‏.‏ ئىككىنچى،‏ يە‌ھۋا پە‌رىشتىلە‌رنى ئىشلىتىپ بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 14:‏6‏)‏.‏ ئۈچىنچى،‏ يە‌ھۋا بىز ئۆگە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌تنى ئېسىمىزگە ئېلىشقا ياردە‌م بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى بېرىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 14:‏25،‏ 26‏)‏.‏ تۆتىنچى،‏ يە‌ھۋا بىز بىلە‌ن بىرلىكتە مۈرىنى-‏مۈرىگە تىرە‌پ خىزمە‌ت قىلىدىغان ئىمانداشلارنى بە‌رگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌زىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشى بىلە‌ن،‏ بىز جۈرئە‌تلىك ھالدا ۋە‌ز خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇ‌رالايمىز.‏

باشقىلارنىڭ ئە‌ھۋالىنى نە‌زە‌رگە ئېلىڭ ۋە ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاڭ

11.‏ ۋە‌ز قىلغاندا،‏ تېخىمۇ كۆپ ئادە‌ملە‌رنى قانداق ئۇ‌چرىتالايسىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

11 كىشىلە‌ر ئاندا-‏ساندا ئىشىكىنى ئاچقاندا،‏ روھىڭىز چۈشۈپ ئۈمىدسىزلىنە‌مسىز؟‏ ئۆزىڭىزدىن شۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ مۇ‌شۇ ۋاقىتتا بۇ مە‌ھە‌للىدىكى كىشىلە‌ر قە‌يە‌ردە بولىدۇ؟‏ (‏ئە‌لچى.‏ 16:‏13‏)‏ ئۇ‌لار ئىشقا ياكى بازارغا كە‌تكە‌ن بولسا،‏ تېخىمۇ كۆپ ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىش ئۈچۈن كوچىدا ۋە‌ز قىلالامسىز؟‏ جوشۇ‌ئا ئىسىملىك بىر بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن سودا سارايلاردا ياكى ماشىنا توختىتىش مە‌يدانلىرىدا ۋە‌ز ئېيتىشنىڭ ماڭا كۆپ كىشىلە‌ر بىلە‌ن پاراڭلىشىش پۇ‌رسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بايقىدىم».‏ ئۇ ۋە ئايالى برىدگېيت،‏ يە‌نە تاڭ سە‌ھە‌ردە ۋە كە‌چقۇ‌رۇ‌ن،‏ شۇ‌نىڭدە‌ك يە‌كشە‌نبە چۈشتىن كېيىن ۋە‌ز قىلغاندا ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆپرە‌ك ئۆيدە بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏15،‏ 16‏.‏

ۋە‌ز قىلىش ۋاقتىڭىزنى ۋە جاينى ئۆزگە‌رتىڭ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


12.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقى ياكى نېمىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى قانداق چۈشىنە‌لە‌يسىز؟‏

12 ئە‌گە‌ر ئادە‌ملە‌ر بىز يە‌تكۈزگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە ئانچە قىزىقىش كۆرسە‌تمىسە،‏ ئۇ‌لارنىڭ نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقى ياكى نېمىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ.‏ جوشۇ‌ئا ۋە برىدگېيت كىشىلە‌ر بىلە‌ن پاراڭلاشقاندا،‏ ۋاراقچىنىڭ ماۋزۇ‌سىدىكى سوئالنى ئىشلىتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا بولغان كۆزقارىشىڭىز قانداق؟‏» دېگە‌ن ۋاراقچىنى ئىشلىتىپ مۇ‌نداق دە‌پ سورايدۇ:‏ «بە‌زى ئادە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن كىتاب دە‌پ قارىسا،‏ يە‌نە بە‌زىلىرى ئۇ‌نداق ئە‌مە‌س،‏ دە‌پ قارايدۇ.‏ سىز قانداق قارايسىز؟‏» ئۇ‌لار شۇ‌نداق قىلغاندا،‏ ھە‌مىشە سۆھبە‌ت داۋام قىلغان.‏

13.‏ ئادە‌ملە‌ر بىز ئېيتىۋاتقان خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە قۇ‌لاق سالمىسا،‏ نېمە ئۈچۈن بە‌رىبىر مە‌قسىتىمىزگە يېتە‌لە‌يمىز دە‌پ ئېيتىشقا بولىدۇ؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏11‏)‏

13 ئادە‌ملە‌ر بىز ئېيتىۋاتقان خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە قۇ‌لاق سالمىغان ھالە‌تتىمۇ،‏ بىز بە‌رىبىر مە‌قسىتىمىزگە يېتىمىز.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ ئوغلى بۇ‌يرىغان ئىشنى قىلىۋاتىمىز،‏ يە‌نى گۇ‌ۋاھلىق بېرىۋاتىمىز (‏ئە‌لچى.‏ 10:‏42‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز ۋە‌ز قىلغاندا،‏ سۆزلىشىدىغان ئادە‌منى تاپالمىساق ياكى بىرلىرى سۆزلىرىمىزنى ئاڭلاشنى رە‌ت قىلسا،‏ بىز يە‌نىلا خۇ‌شال بولالايمىز.‏ چۈنكى،‏ بىز ئاسماندىكى ئاتىمىزنى خۇ‌شال قىلىدىغان ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىمىز.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

14.‏ ئە‌گە‌ر قېرىنداشلار ھە‌قىقە‌تكە قىزىقىش كۆرسە‌تكە‌ن بىرىنى تاپسا،‏ نېمە ئۈچۈن بىزمۇ خۇ‌شال بولالايمىز؟‏

14 ئە‌گە‌ر قېرىنداشلار ھە‌قىقە‌تكە قىزىقىش كۆرسە‌تكە‌ن بىرىنى تاپسا،‏ بىزمۇ خۇ‌شال بولالايمىز.‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلىدا يۈتۈپ كە‌تكە‌ن بالىنى ئىزدە‌ش ھە‌ققىدە بىر مىسال كە‌لتۈرۈلگە‌ن.‏ بىز ۋە‌ز ئېيتىشقا چىققاندا،‏ بىر يوقاپ كە‌تكە‌ن بالىنى ئىزدە‌ۋاتقان بىر توپ كىشىلە‌رگە ئوخشاش بولىمىز.‏ كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌ر بالىنى ئىزدە‌يدۇ،‏ ئۇ‌لار بىر جايدىن كېيىن يە‌نە بىر جاينى ئىزدە‌پ چىقىدۇ.‏ بالا تېپىلغاندا،‏ بالىنى تاپقان ئادە‌ملا ئە‌مە‌س،‏ ھە‌ممىسى خۇ‌شال بولىدۇ.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ گۇ‌ۋاھلىق بېرىپ شاگىرت يېتىشتۈرۈش ئىشى بىر توپ كىشىلە‌رنىڭ تىرىشچانلىقى بىلە‌ن بولىدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا ھە‌ممە ئادە‌م قاتنىشىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌ڭا،‏ جامائە‌تتىكى ھە‌ربىر كىشى بىز ۋە‌ز قىلىدىغان رايوندا ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر يە‌تكۈزۈشكە ياردە‌م بېرىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر يېڭى بىر كىشى جامائە‌ت يىغىلىشىغا قاتنىشىشنى باشلىسا،‏ ھە‌ممىسى تە‌ڭ خۇ‌شال بولىدۇ.‏

دىققىتىڭىزنى يە‌ھۋانى ۋە ئىنسانلارنى سۆيۈشكە قارىتىڭ

15.‏ مە‌تتا 22:‏37–‏39-‏ئايە‌تلە‌رنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىش ۋە‌ز خىزمىتىدە قىزغىنلىقىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇ‌رۇ‌شقا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏ ھە‌م قاراڭ)‏

15 ئە‌گە‌ر دىققىتىمىزنى يە‌ھۋانى ۋە ئىنسانلارنى سۆيۈشكە قاراتساق،‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە قىزغىنلىقىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇ‌رالايمىز ‏(‏مە‌تتا 22:‏37–‏39-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا چىن قە‌لبىمىزدىن خىزمە‌ت قىلغىنىمىزنى ۋە كىشىلە‌رنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ قانچىلىك خۇ‌شال بولىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭ.‏ يە‌نە بىر ئادە‌م ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلسا،‏ ئۇ‌نىڭ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇ‌رسىتى بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏—‏يۇ‌ھاننا 6:‏40؛‏ 1-‏تىموت.‏ 4:‏16‏.‏

دىققىتىڭىزنى يە‌ھۋا ۋە ئىنسانلارغا بولغان مۇ‌ھە‌ببە‌تكە قارىتىش ۋە‌ز خىزمىتىدە خۇ‌شاللىقىڭىزنى تېخىمۇ ئاشۇ‌رىدۇ (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


16.‏ ئۆيدىن چىقالماي قالساق،‏ قانداق قىلىپ ۋە‌ز خىزمىتىدىن خۇ‌شاللىق تاپالايمىز؟‏ مىساللارنى كە‌لتۈرۈڭ.‏

16 مە‌لۇ‌م سە‌ۋە‌بلە‌ر تۈپە‌يلى،‏ سىز ئۆيدىن چىقالماي قالامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋاغا ۋە ئىنسانلارغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلالىشىڭىز مۇ‌مكىنلىكى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ سامۇ‌ئىل بىلە‌ن دانىئا ئىسىملىك قېرىنداشلار تاجىسىمان 19 تارقىلىشچان ۋىرۇ‌سى مە‌زگىلىدە ئۆيىگە سولىنىپ قالغان.‏ ئاشۇ قىيىن ۋاقىتلاردا،‏ ئۇ‌لار دائىم تېلېفون قىلىش ۋە خە‌ت يېزىش ئارقىلىق ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتناشقان.‏ ھە‌مدە Zoom ئارقىلىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزگە‌ن.‏ سامۇ‌ئىل راك كېسىلى سە‌ۋە‌بلىك دوختۇ‌رخانىغا داۋالىنىشقا بارغاندا،‏ ئۇ ئۆزى ئۇ‌چراتقان كىشىلە‌رگە گۇ‌ۋاھلىق بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قىيىنچىلىقلار بىزنى ھېسسىي ۋە جىسمانىي جە‌ھە‌تلە‌ردىن چارچىتىپ،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى تە‌ۋرىتىپ قويۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشتىن خۇ‌شاللىق تېپىشىمىز كېرە‌ك».‏ بۇ قىيىن مە‌زگىلدە،‏ دانىئا يىقىلىپ چۈشۈپ،‏ ئۈچ ئاي كارىۋاتتا ئورۇ‌ن تۇ‌تۇ‌پ يېتىپ قالغان.‏ ئاندىن ئالتە ئاي چاقلىق ئورۇ‌ندۇ‌قتا ئولتۇ‌رغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشتىم.‏ مېنى يوقلاپ كە‌لگە‌ن تىببىي خادىملارغا گۇ‌ۋاھلىق بە‌ردىم.‏ ئۆيۈمىزگە نە‌رسە-‏كېرە‌كلە‌رنى ئە‌كېلىدىغان توشۇ‌غۇ‌چىلار بىلە‌ن پاراڭلاشتىم.‏ مە‌ن يە‌نە بىر داۋالاش ئۈسكۈنلىرىنى ساتىدىغان شىركە‌تنىڭ ۋە‌كىلى بىلە‌ن تېلېفوندا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە سۆھبە‌تلە‌رنى ئۆتكۈزدۈم».‏ گە‌رچە سامۇ‌ئىل بىلە‌ن دانىئانىڭ ئە‌ھۋالى ئاسان بولمىسىمۇ،‏ ئۇ‌لار پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسە‌تكە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭدىن خۇ‌شاللىق تاپقان.‏

17.‏ بۇ ماقالىدە كۆرۈپ چىققان تە‌ۋسىيە‌لە‌ردىن ئە‌ڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

17 بىز مۇ‌شۇ ماقالىدە ئوتتۇ‌رىغا قويۇ‌لغان تە‌ۋسىيە‌لە‌رنى بىرلىكتە ئىشلە‌تسە‌ك،‏ شۇ‌ندىلا ئە‌ڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز بىر تاماقنى ئە‌تكە‌ندە،‏ كېرە‌كلىك كۆكتاتلار ۋە تېتىتقۇ‌لارنى تە‌ييارلاپ قويساق،‏ ئۇ‌لارنى بىرلە‌شتۈرۈپ ئىشلە‌تكە‌ندە،‏ مە‌ززىلىك بىر تاماقنى ئېتە‌لە‌يمىز.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ بۇ ماقالىدە ئۆگىنىپ ئۆتكە‌ن بە‌ش تە‌ۋسىيىنى ئە‌مە‌لىي قوللانساق،‏ سە‌لبىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارنى يېڭىپ،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تتە تېخىمۇ كۆپ خۇ‌شاللىق تاپالايمىز.‏

تۆۋە‌ندىكى تە‌ۋسىيە‌لە‌رنى ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىش ۋە‌ز خىزمە‌تتە كۆپرە‌ك خۇ‌شاللىق تېپىشىڭىزغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

  • تە‌ييارلىق قىلىشقا ۋاقىت چىقىرىش

  • جاسارە‌ت تىلە‌پ دۇ‌ئا قىلىش

  • دىققىتىڭىزنى يە‌ھۋا ۋە ئىنسانلارغا بولغان مۇ‌ھە‌ببە‌تكە قارىتىش

1-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى