مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

31-‏تە‌تقىق ماقالىسى

سىز يە‌ھۋانى كۈتۈشكە تە‌ييارمۇ؟‏

سىز يە‌ھۋانى كۈتۈشكە تە‌ييارمۇ؟‏

‏«سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتىمە‌ن».‏—‏مىكاھ 7:‏7‏.‏

24-‏ناخشا كۆزۈڭ بولسۇ‌ن مۇ‌كاپاتتا!‏

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ بۇ ماقالىدە،‏ نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

 سىز بىر پوسۇ‌لكىنى كۈتۈۋاتىسىز،‏ دە‌يلى.‏ ئۇ‌نىڭدا سىز ئېھتىياجلىق نە‌رسە بار.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ سىز كۈتكە‌ن ۋاقىتتا كە‌لمىسە،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىسىز؟‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 13:‏12-‏ئايە‌تتە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «ئە‌مە‌لگە ئېشىشى كېچىپ كە‌تكە‌ن ئۈمىد يۈرە‌كنى ئېزە‌ر».‏ پوسۇ‌لكىنىڭ سىز كۈتكە‌ن ۋاقىتتا كە‌لمىگە‌نلىكىنىڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بلىرىنى بىلگىنىڭىزدە،‏ ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىسىز؟‏ سىز شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت كۆرسىتىپ كۈتۈشكە تە‌ييار بولىسىز.‏

2 بۇ ماقالىدە،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتۈشىمىزگە ياردە‌م بېرىدىغان بە‌زى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز (‏مىكاھ 7:‏7‏)‏.‏ كېيىن،‏ قايسى ئىككى ساھە‌دە يە‌ھۋانى چوقۇ‌م سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتۈشىمىز كېرە‌كلىكىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئاخىرىدا،‏ يە‌ھۋانى كۈتۈشكە تە‌ييار بولغانلار قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى سە‌ۋرچان بولۇ‌شنى ئۆگىتىدۇ

3.‏ ياقۇ‌پ 5:‏7-‏ئايە‌تتە‏،‏ قانداق پرىنسىپ كۆرسىتىلگە‌ن؟‏

3 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بىزنى سە‌ۋرچانلىققا ئۈندە‌يدىغان بىر مىسال كە‌لتۈرۈلگە‌ن:‏ دېھقانلار مول ھوسۇ‌ل ئېلىش ئۈچۈن باھار ۋە كۈز يامغۇ‌رلىرىنى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتىدۇ (‏ياقۇ‌پ 5:‏7‏)‏.‏ بۇ مىسالدىن قانداق پرىنسىپنى بايقىدىڭىز؟‏ دانا كىشى ئىشلىرىدا ياخشى نە‌تىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ تىرىشچان ۋە سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏

4.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 4:‏18-‏ئايە‌تتە‏،‏ قانداق پرىنسىپ بار؟‏

4 پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 4:‏18-‏ئايە‌تتە مۇ‌نداق دە‌پ يېزىلغان:‏ «ھە‌ققانىيلارنىڭ يولى تاڭ نۇ‌رىغا ئوخشار،‏ كۈن چۈش بولغىچە بارغانسېرى تولۇ‌ق نۇ‌رلىنار».‏ بۇ ئايە‌ت،‏ خۇ‌دا ئۆز خە‌لقىنىڭ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئاستا-‏ئاستا چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.‏ بۇ پرىنسىپ،‏ يە‌نە بىر ئېتىقادچىنىڭ ھاياتىدا ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىپ،‏ يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشالايدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىز خۇ‌دا سۆزى ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىدىن كە‌لگە‌ن نە‌سىھە‌تلە‌رنى ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلىپ ھاياتىمىزدا قوللانساق،‏ ئاستا-‏ئاستا ئە‌يساغا ئوخشاش پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز.‏ بىزنىڭ خۇ‌دا ھە‌ققىدىكى بىلىملىرىمىزمۇ ئاشىدۇ.‏ بۇ‌نى ئە‌يسانىڭ قانداق مىسال بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرگە‌نلىكىگە قاراپ باقايلى.‏

خۇ‌ددى ئۆسۈملۈكنىڭ ئاستا-‏ئاستا ئۆسكىنىدە‌ك،‏ بىر كىشىنىڭ پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىمۇ ئاستا-‏ئاستا بولىدۇ (‏5-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

5.‏ ئاستا ئۆسۈش جە‌ريانىنى ئە‌يسا قانداق تە‌مسىل ئارقىلىق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

5 بىز يە‌تكۈزگە‌ن پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنىڭ،‏ سە‌مىمىي ئىنسانلارنىڭ قە‌لبىدە خۇ‌ددى كىچىك بىر ئۇ‌رۇ‌ققا ئوخشاش ئاستا-‏ئاستا ئۆسۈشىنى،‏ ئە‌يسا بىر تە‌مسىل ئارقىلىق چۈشە‌ندۈرگە‌ن:‏ «ئۇ‌رۇ‌ق بىخلاپ،‏ ئېگىز ئۆسىدۇ.‏ ئۇ كىشى ئۇ‌نىڭ قانداق ئۆسۈۋاتقانلىقىنى ئۆزى بىلمە‌يدۇ.‏ يە‌ر ئاستا-‏ئاستا ئۆز ھوسۇ‌لىنى بېرىشكە باشلايدۇ،‏ ئاۋۋال مايسا ئۆسىدۇ،‏ كېيىن باشاق چىقىدۇ،‏ ئاخىرىدا باشاق تولۇ‌ق دان تۇ‌تۇ‌پ پىشىدۇ» (‏ماركۇ‌س 4:‏27،‏ 28‏)‏.‏ بۇ تە‌مسىل ئارقىلىق ئە‌يسا نېمە دېمە‌كچى بولغانىدى؟‏ خۇ‌ددى ئۇ‌رۇ‌ق ئاستا-‏ئاستا ئۆسۈپ يېتىلگە‌ندە‌ك،‏ كىشىنىڭمۇ پادىشاھلىق توغرۇ‌لۇ‌ق خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىمۇ قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىنىڭ ئاستا-‏ئاستا بولىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشى يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنراق بولغانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭدا نۇ‌رغۇ‌نلىغان ياخشى ئۆزگۈرۈشلە‌رنى كۆرۈشكە باشلايمىز (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏22—‏24‏)‏.‏ بىراق،‏ كىچىككىنە ئۇ‌رۇ‌قنى ئۆستۈرگۈچى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆزى ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستىن چىقارمايلى.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 3:‏7‏.‏

6،‏ 7.‏ يە‌ھۋانىڭ يە‌ر شارىنى يارىتىشىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

6 يە‌ھۋا مە‌يلى قانداق ئىش قىلسۇ‌ن،‏ ئىشىنى تاماملاشقا قانچىلىك ۋاقىت كە‌تسۇ‌ن،‏ ئۇ‌نى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن تۈگىتىدۇ.‏ بۇ‌نداق قىلىشىنىڭ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ ئۆز ئىسىمىنى ئۇ‌لۇ‌غلاش ۋە باشقىلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇ‌ر.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ يە‌ر شارىنى ئىنسانلار ئۈچۈن قە‌دە‌ممۇ-‏قە‌دە‌م ياراتقانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

7 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ر شارىنى ياراتقاندا،‏ يە‌ھۋا «يە‌رنىڭ ئۆلچە‌ملىرىنى» بە‌لگىلە‌پ،‏ «ئۇ‌ل ئاساسىنى» ۋە «بۈرجە‌ك تېشىنى» قويغانلىقى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن (‏ئايۇ‌پ 38:‏5،‏ 6‏)‏.‏ ئۇ ھە‌تتا ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى تە‌كشۈرۈشكە ۋاقىت چىقارغان (‏يارىت.‏ 1:‏10،‏ 12‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ قە‌دە‌ممۇ-‏قە‌دە‌م يېڭى بىر نە‌رسىنى ياراتقانلىقىنى كۆرگە‌ن پە‌رىشتىلە‌رنىڭ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالامسىز؟‏ ئۇ‌لار چوقۇ‌م بە‌كمۇ ھاياجانغا تولغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ ئۇ‌لار ۋاقتى كە‌لگە‌ندە،‏ «خۇ‌شاللىققا چۆمۈپ» توۋلاشقا باشلىغان ئىدى (‏ئايۇ‌پ 38:‏7‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ يە‌ھۋا يارىتىش ئىشىنى تاماملاش ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن يىللارنى سە‌رپ قىلغان.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ياراتقان بارلىق مە‌ۋجۇ‌داتلارنى كۆرۈپ چىققاندا،‏ ئۇ ھە‌ممىسىنىڭ «ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى» كۆرگە‌نىدى.‏—‏يارىت.‏ 1:‏31‏.‏

8.‏ ھازىر نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

8 يۇ‌قىرىدىكى مىساللاردىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ خۇ‌دا سۆزى سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌شنىڭ قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى تە‌كىتلە‌يدۇ.‏ ھازىر بىز ئىككى ساھە‌دە يە‌ھۋانى كۈتۈشىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

يە‌ھۋانى كۈتۈش

9.‏ قايسى ۋە‌زىيە‌تتە يە‌ھۋانى كۈتىشىمىز كېرە‌ك بولىدۇ؟‏

9 دۇ‌ئالىرىمىزنىڭ جاۋابىنى كۈتىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىز سىناققا قارشى تۇ‌رغاندا ياكى ئاجىزلىقىمىزنى يېڭىش ئۈچۈن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ يە‌ھۋا بىز ئۈمىد قىلغان ياردە‌منى بە‌رمە‌يۋاتقاندە‌ك كۆرۈنۈشى مۇ‌مكىن.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا بارلىق دۇ‌ئالىرىمىزغا دە‌رھاللا جاۋاب بە‌رمە‌يدۇ؟‏

10.‏ يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىشىنى نېمە ئۈچۈن سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

10 يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزغا دىققە‌ت بىلە‌ن قۇ‌لاق سالىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر65:‏2‏)‏.‏ ئۇ چىن قە‌لبىمىزدىن چىققان دۇ‌ئالىرىمىزنى ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنىڭ دە‌لىلى سۈپىتىدە كۆرىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 11:‏6‏)‏.‏ دۇ‌ئالىرىمىزغا ماس،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشنى قە‌تئىي قارار قىلساق،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلى خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏22‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ بىز يامان ئادە‌تلىرىمىزنى تاشلاپ،‏ ئاجىزلىقلىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن دۇ‌ئالىرىمىزغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز ۋە سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك.‏ بە‌زى دۇ‌ئالىرىمىزغا دە‌رھاللا جاۋاب ئالالمايدىغانلىقىمىزنى،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا كۆرسىتىپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «داۋاملىق تىلە‌ڭلار ۋە سىلە‌رگە بېرىلىدۇ،‏ داۋاملىق ئىزدە‌ڭلار ۋە تاپىسىلە‌ر،‏ داۋاملىق ئىشىكنى قېقىڭلار ۋە سىلە‌ر ئېچىلىدۇ.‏ چۈنكى،‏ تىلىگە‌ن كىشى ئالىدۇ،‏ ئىزدىگە‌ن كىشى تاپىدۇ ۋە ئىشىكنى قاققان كىشىگە ئىشىك ئېچىلىدۇ» (‏مە‌تتا 7:‏7،‏ 8‏)‏.‏ بىز ئۇ‌نىڭ بۇ نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ دۇ‌ئا قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رساق،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ بىزنى تىڭشايدىغانلىقىغا ۋە دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلالايمىز.‏—‏كولوسى.‏ 4:‏2‏.‏

بىز يە‌ھۋانى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتكىنىمىزدە،‏ ئىشە‌نچ بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىمىز (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ b

11.‏ قارىماققا دۇ‌ئالىرىمىز جاۋابسىز قالغاندە‌ك كۆرۈنسە،‏ ئىبرانىيلار 4:‏16-‏ئايە‌ت قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

11 قارىماققا دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب كە‌لمىگە‌ندە‌ك كۆرۈنسىمۇ،‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزغا ۋاقىت-‏سائىتى كە‌لگە‌ندە جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ ‏(‏ئىبرانىيلار 4:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋابنى بىز ئۈمىد قىلغاندە‌ك دە‌رھاللا ئالالمىساق،‏ ھە‌رگىزمۇ يە‌ھۋانى ئە‌يىبلىمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ مۇ‌شۇ رە‌زىل دۇ‌نيانى يوق قىلىشىنى كۆرۈش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌زۇ‌ن يىللار دۇ‌ئا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ ئە‌يسا ھە‌تتا بىزگىمۇ شۇ‌نداق دۇ‌ئا قىلىشنى ئېيتقان (‏مە‌تتا 6:‏10‏)‏.‏ بۇ رە‌زىل زاماننىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى ئىنسانلار كۈتكە‌ن ۋاقىتتا كە‌لمىگە‌چ،‏ بە‌زىلە‌ر خۇ‌داغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا يول قويغان.‏ بۇ نېمە دېگە‌ن ئە‌خمە‌قلىق،‏ ھە!‏ (‏ھاب.‏ 2:‏3؛‏ مە‌تتا 24:‏44‏)‏ ئىمان-‏ئېتىقاد بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يە‌ھۋانى كۈتكىنىمىزدە،‏ ئۇ دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئاللىقاچان زاماننىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى ۋە سائىتىنى بە‌لگۈلە‌پ قويغان.‏ شۇ كۈن ئۆز ۋاقىت-‏سائىتىدە يېتىپ كېلىدۇ.‏ بۇ دە‌ل ھە‌ممىسى كۈتكە‌ن كۈن!‏—‏مە‌تتا 24:‏36؛‏ 2-‏پېتر.‏ 3:‏15‏.‏

يۈسۈپنىڭ مىسالىدىن سە‌ۋرچان بولۇ‌ش ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ (‏12—‏14-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

12.‏ بىز ئۈچۈن بولۇ‌پمۇ قانداق ۋە‌زىيە‌تتە سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتۈش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

12 ئادالە‌تنىڭ ئورنىتىلىشىنى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ دۇ‌نيادا ئادە‌ملە‌ر باشقىلارنى پە‌رقلىق جىنس،‏ ئىرق،‏ مىللە‌ت ياكى قە‌بىلىلە‌رگە بۆلۈپ،‏ ناچار مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ نۇ‌رغۇ‌ن خىزمە‌تچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا ماس ھايات كە‌چۈرگە‌چ،‏ ئادالە‌تسىزلىككە ئۇ‌چراۋاتىدۇ.‏ بىز شۇ‌نداق ناھە‌قچىلىككە ئۇ‌چرىغاندا،‏ ئە‌يسانىڭ مۇ‌نۇ سۆزىنى چوقۇ‌م ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ك:‏ «ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بە‌رگە‌نلە‌ر قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لىدۇ» (‏مە‌تتا 24:‏13‏)‏.‏ جامائە‌تتە بىرسىنىڭ ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگە‌نلىكىنى بىلسىڭىز،‏ نېمە قىلىشىڭىز لازىم؟‏ شۇ ئىشنى ئاقساقاللارغا ئېيتقاندىن كېيىن،‏ شۇ مە‌سىلىنى ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌دانىڭ قانۇ‌ن-‏پرىنسىپلىرىغا ئاساسە‌ن بىتە‌رە‌پ قىلىشىغا تاپشۇ‌رۇ‌پ،‏ سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتە‌مسىز؟‏ بىرسى ئېغىر گۇ‌ناھ قىلسا،‏ ئاقساقاللار نېمە قىلىدۇ؟‏

13.‏ جامائە‌تتە بىرسى ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغاندا،‏ يە‌ھۋا ئاقساقاللارنىڭ نېمە قىلىشىنى كۈتىدۇ؟‏

13 ئاقساقاللار جامائە‌تتە بىرىنىڭ ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغانلىقىدىن خە‌ۋە‌ردار بولغاندا،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ ئاشۇ ۋە‌زىيە‌تكە قانداق كۆزقاراشتا ئىكە‌نلىكىنى بىلىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت سوراپ دۇ‌ئا قىلىدۇ (‏ياقۇ‌پ 3:‏17‏)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ مە‌قسىتى،‏ مۇ‌مكىن بولسا گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن كىشىنىڭ شۇ خاتا يولدىن قايتىشىغا ياردە‌م بېرىش (‏ياقۇ‌پ 5:‏19،‏ 20‏)‏.‏ ئۇ‌لار يە‌نە جامائە‌تنى قوغداش ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىۋاتقانلارغا تە‌سە‌للى بېرىش ئۈچۈن قولىدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىشنى خالايدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 1:‏3،‏ 4‏)‏.‏ ئاقساقاللار بىرىنىڭ ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغانلىقىنى بىلسە،‏ ئاۋۋال بىر ئاز ۋاقىت چىقىرىپ،‏ ھە‌ممە مە‌لۇ‌ماتلارنى يىغىدۇ.‏ كېيىن،‏ گۇ‌ناھكارنىڭ ئۆزىنى مۇ‌ۋاپىق دە‌رىجىدە تۈزىتىشىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ ئاقساقاللار دۇ‌ئا قىلىپ،‏ مېھرىبانلىق بىلە‌ن خۇ‌دا سۆزىدىن نە‌سىھە‌تلە‌رنى بېرىدۇ (‏يە‌رە‌م.‏ 30:‏11‏)‏.‏ گە‌رچە ئاقساقاللار ئىشنى بىرتە‌رە‌پ قىلىشنى كېچىكتۈرمىسىمۇ،‏ ئۇ‌لار دە‌رھال قارار چىقىرىشقا ئالدىرىمايدۇ.‏ ئاقساقاللار يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە ئاساسە‌ن ئىش قىلغاندا،‏ جامائە‌تتىكىلە‌ر بۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ شۇ‌نداق يول بىلە‌ن مە‌سىلە بىرتە‌رە‌پ قىلىنسىمۇ،‏ بىگۇ‌ناھ كىشى بىراز ۋاقىت قىينىلىشى مۇ‌مكىن.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە بولسىڭىز،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

14.‏ ئېتىقادچىلار كۆڭلىڭىزگە قاتتىق ئازار بە‌رسە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قايسى مىسال تە‌سە‌للى تېپىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

14 بىر كىشى،‏ ھە‌تتا ئېتىقادچى قېرىنداش كۆڭلىڭىزگە قاتتىق ئازار بە‌رگە‌نمۇ؟‏ شۇ‌نداق مە‌سىلىنى يە‌ھۋانىڭ قولىغا تاپشۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتۈشكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ بىزگە ياردە‌م بېرىدىغان ئاجايىپ مىساللار بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ ئۆزىگە قىلغان گۇ‌ناھلىرى سە‌ۋە‌بلىك،‏ قە‌ھرى-‏غە‌زە‌بلىك ئادە‌م بولۇ‌پ كە‌تمىگە‌ن.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن پۈتۈن دىققىتىنى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا قاراتقان ۋە يە‌ھۋانىڭ مۇ‌كاپاتىغا ئېرىشكە‌ن (‏يارىت.‏ 39:‏21‏)‏.‏ ئاخىرىدا،‏ يۈسۈپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بە‌رگە‌نلە‌رنى كە‌چۈرە‌لىگە‌ن ۋە يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلىرىگە ئېرىشكە‌ن (‏يارىت.‏ 45:‏5‏)‏.‏ يۈسۈپكە ئوخشاش،‏ بىز يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىپ،‏ ناھە‌قچىلىكنى تۈزىتىشنى يە‌ھۋانىڭ قولىغا تاپشۇ‌رساق،‏ تە‌سە‌للى تاپالايمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر7:‏17؛‏ 73:‏28‏.‏

15.‏ بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ناھە‌قچىلىككە سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىپ،‏ كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىگە ئېرىشىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

15 ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز يۈسۈپكە ئوخشاش ناھە‌قچىلىككە دۇ‌چ كە‌لمىسە‌كمۇ،‏ ئە‌مما بە‌زىدە باشقىلارنىڭ يامان مۇ‌ئامىلىسى قە‌لبىمىزگە پىچاقتە‌ك سانجىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر بىر قېرىنداش ياكى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغان بىرى بىلە‌ن ئارىمىزدا كېلىشمە‌سلىك يۈز بە‌رسە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى ئە‌مە‌لىي قوللانساق،‏ بۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرىمىز (‏فىلىپى.‏ 2:‏3،‏ 4‏)‏.‏ بىر قېرىنداشنى مىسالنى كۆرۈپ باقايلى:‏ ئىش ئورنىدىكى خىزمە‌تدىشى قېرىندىشىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق سۆز-‏چۆچە‌كلە‌رنى تارقاتقانلىقىنى بايقىغاندا،‏ كۆڭلى قاتتىق ئاغرىغان.‏ ئە‌مما،‏ قېرىندىشىمىز بۇ‌نىڭغا دە‌رھاللا ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلانغان.‏ ئە‌يسا ھاقارە‌تكە ئۇ‌چرىغاندا تىل قايتۇ‌رمىغان (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏21،‏ 23‏)‏.‏ شۇ‌نى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌پ،‏ قېرىندىشىمىز بۇ مە‌سىلىگە ئانچە پە‌رۋا قىلماسلىقنى قارار قىلغان.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئۇ خىزمە‌تدىشىنىڭ ئېغىر كېسە‌ل بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىپ يۈرگە‌نلىكىنى ۋە شۇ چاغدا نۇ‌رغۇ‌ن غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرى بولغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ قېرىندىشىمىز خىزمە‌تدىشىنىڭ ئە‌تە‌ي شۇ‌نداق سۆزلە‌رنى قىلمىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ ئۇ يامان مۇ‌ئامىلىگە ئۇ‌چرىغاندا،‏ سە‌ۋرچانلىق كۆرسە‌تكە‌نلىكىدىن بە‌ك خۇ‌شال بولغان ۋە كۆڭلى خاتىرجە‌ملىك تاپقان.‏

16.‏ سىز ناھە‌قچىلىككە بە‌رداشلىق بېرىۋاتقان بولسىڭىز،‏ سىزگە نېمە تە‌سە‌للى بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏1-‏ېترۇ‌س 3:‏12‏)‏

16 ناھە‌قچىلىك ياكى باشقا سە‌ۋە‌بلە‌ر تۈپە‌يلى،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىۋاتقان بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلى سۇ‌نۇ‌قلارغا يېقىن ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ (‏زە‌بۇ‌ر34:‏18‏)‏.‏ يە‌ھۋا سە‌ۋرچانلىق كۆرسە‌تكىنىڭىز ۋە يۈكۈڭىزنى ئۇ‌نىڭغا تاشلىغانلىقىڭىز ئۈچۈن،‏ سىزنى ياخشى كۆرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر55:‏22‏)‏.‏ يە‌ھۋا پۈتكۈل جاھاننىڭ سوتچىسىدۇ‌ر.‏ ھېچنە‌رسە ئۇ‌نىڭ نە‌زىرىدىن چە‌تتە قالمايدۇ ‏(‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆزىڭىز ھە‌ل قىلالمايدىغان ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌رىكە‌ت قىلىشىنى كۈتۈشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ!‏

كۈتۈشكە تە‌ييار بولغانلار ئۈچۈن چە‌كسىز بە‌رىكە‌تلە‌ر

17.‏ يە‌شايا 30:‏18-‏ئايە‌تتە‏،‏ يە‌ھۋا بىزگە نېمىنى ۋە‌دە قىلىدۇ؟‏

17 پات-‏يېقىندا ئاسماندىكى ئاتىمىز بىزنى ئۆز پادىشاھلىقى ئارقىلىق مول بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرىدۇ.‏ يە‌شايا مۇ‌نداق بېشارە‌ت قىلغان:‏ «يە‌ھۋا سىلە‌رگە ئىلتىپات كۆرسىتىشنى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتۈۋاتىدۇ،‏ ئۇ سىلە‌رگە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇ‌رىدۇ.‏ چۈنكى يە‌ھۋا ئادالە‌تلىك خۇ‌دادۇ‌ر.‏ ئۇ‌نى ئىنتىزارلىق بىلە‌ن كۈتۈۋاتقانلارنىڭ ھە‌ممىسى بە‌ختلىكتۇ‌ر» (‏يە‌شايا 30:‏18‏)‏.‏ يە‌ھۋانى ئۈمىد بىلە‌ن كۈتۈۋاتقانلار ھازىر ۋە كېلە‌چە‌كتىمۇ چە‌كسىز بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىدۇ.‏

18.‏ بىزنى قانداق بە‌رىكە‌تلە‌ر كۈتۈۋاتىدۇ؟‏

18 خۇ‌دا خە‌لقى يېڭى دۇ‌نياغا قە‌دە‌م باسقاندا،‏ ئۇ‌لار يە‌نە بۈگۈنكى كۈندە دۇ‌چ كېلىۋاتقان غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌ر ۋە قىيىنچىلىقلارغا قايتا دۇ‌چ كە‌لمە‌يدۇ.‏ ناھە‌قچىلىك ئە‌مدى باشقا بولمايدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 21:‏4‏)‏.‏ يە‌ر يۈزىدە مولچىلىق بولغانلىقتىن،‏ نېمە يە‌يمىز دە‌پ ئە‌ندىشە قىلمايمىز (‏زە‌بۇ‌ر72:‏16؛‏ يە‌شايا 54:‏13‏)‏.‏ بىزنى ئاجايىپ بە‌رىكە‌تلە‌ر كۈتمە‌كتە!‏

19.‏ يە‌ھۋا ھازىر بىزنى نېمىگە تە‌ييارلاۋاتىدۇ؟‏

19 يە‌ھۋا ھازىر بىزنىڭ ھە‌رتۈرلۈك يامان ئادە‌تلە‌رنى تاشلاپ،‏ ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردە‌م بېرىش ئارقىلىق،‏ بىزنى يېڭى دۇ‌نيادا ياشاشقا تە‌ييارلاۋاتىدۇ.‏ سىز ھە‌رگىزمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ،‏ بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ڭ،‏ چۈنكى ئالدىمىزدا ئە‌ڭ گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك كۈتۈۋاتىدۇ!‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا ئۆز ئىرادىسىنى پۈتۈنلە‌ي ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رغىچە،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن داۋاملىق ئۇ‌نى كۈتە‌يلى!‏

54-‏ناخشا ئىماندا چىڭ تۇ‌رايلى!‏

a يە‌ھۋاغا ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت خىزمە‌ت قىلىۋاتقان بىرىنىڭ:‏ «بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ شۇ‌نچە ئۇ‌زۇ‌ن داۋام قېلىشىنى ھېچقاچان كۈتمىگە‌ن ئىدىم»،‏—‏ دېگە‌نلىكىنى ئاڭلىغانمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھە‌ممىمىز يە‌ھۋانىڭ تېزراق بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانى يوق قىلىشىنى كۆرۈشكە بە‌ك تە‌شنا.‏ ئە‌مما،‏ بىز چوقۇ‌م سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌شنى ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ھازىر يە‌ھۋانىڭ ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغان كۈنىنى كۈتۈشنى ئۆگىنىشكە ياردە‌م بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بىز يە‌نە قايسى ئىككى ساھە‌دە يە‌ھۋانى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتىشىمىز كېرە‌كلىكىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئاخىرىدا،‏ كۈتۈشكە تە‌ييار بولغانلار قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.‏

b سۈرە‌تتە:‏ بالىلىق چېغىدىن تارتىپ،‏ بىر قېرىنداش يە‌ھۋاغا داۋاملىق دۇ‌ئا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ كىچىك چېغىدا،‏ ئاتا-‏ئانىسى ئۇ‌نىڭغا قانداق دۇ‌ئا قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئۇ ئۆسمۈرلۈك چېغىدا،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان ۋە يە‌ھۋادىن دائىم ئۆز خىزمىتىنى بە‌رىكە‌تلىشىنى سورىغان.‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىللاردىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ يولدىشى ئاغرىپ قالغاندا،‏ بۇ سىناققا بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن يە‌ھۋادىن كۈچ سوراۋاتىدۇ.‏ ئۇ بۈگۈنكى كۈندە بىر تۇ‌ل ئايال ۋە دۇ‌ئا قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىۋاتىدۇ.‏ ھازىرغىچە ئاسماندىكى ئاتىسى ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئالىرىغا جاۋاب بېرىپ كە‌لگە‌چ،‏ ئۇ دۇ‌ئالىرىنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.‏