32-تەتقىق ماقالىسى
ياراتقۇچىغا بولغان ئېتىقادىڭىزنى كۈچەيتىڭ
«ئېتىقاد … كۆزگە كۆرۈنمەس نەرسىلەرنىڭ ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلىرىغا قايىل بولۇشتۇر».—ئىبرانىيلار 11:1.
15-ناخشا مەۋجۇداتلار نامايان قىلار يەھۋانىڭ شان-شەرىپىنى
بۇ ماقالىدە a
1. ياراتقۇچى ھەققىدە قانداق تەلىملەرگە ئىگە بولدىڭىز؟
سىز يەھۋا گۇۋاھچىسىنىڭ ئائىلىسىدە چوڭ بولغان بولسىڭىز، بەلكىم كىچىكىڭىزدىن يەھۋا ھەققىدە ئۆگەندىڭىز. يەھۋا ياراتقۇچى، ئۇنىڭ ئاجايىپ ئېسىل پەزىلەتلىرى بار ۋە ئۇ يەر يۈزىنى جەننەتكە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ، دېگەن تەلىملەرنى ياخشى بىلىسىز.—يارىت. 1:1؛ ئەلچى. 17:24—27.
2. ياراتقۇچىغا ئىشىنىدىغانلارغا قارىتا بەزى ئادەملەر قانداق كۆزقاراشتا؟
2 شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا، ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلەرنى ياراتقانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ئەكسىنچە، ئۇلار ھاياتلىق تاسادىپىي ۋە كېيىن ئاددىي جانلىق شەكلىدىن ئاستا-ئاستا مۇرەككەپ بولغان ھاياتلىق شەكلىگە تەرەققىي قىلغان دەپ ئىشىنىدۇ. شۇلارنىڭ بەزىلىرى ئالىي مەلۇماتلىق كىشىلەر. ئۇلار شۇنداق دېيىشىدۇ: ئىلىم-پەن مۇقەددەس كىتابنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىدى ۋە ياراتقۇچىغا پەقەت ئاجىز، پەرۋاسىز ۋە نادان ئادەملەر ئىشىنىدۇ.
3. ئۆز ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
3 بەزى ئالىي مەلۇماتلىق كىشىلەرنىڭ كۆزقارىشى يەھۋانىڭ مېھىر-شەپقەتلىك ياراتقۇچىمىز ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى تەۋرىتەمدۇ؟ بۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىمىز بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. ياراتقۇچىغا ئىشىنىشىمىز شۇ تەلىملەرنى ئاڭلىغانلىقىمىز ئۈچۈنمۇ ياكى دەلىل-ئىسپاتلارنى ئىزدەپ، ئۆزۈمىزنى قايىل قىلغانلىقىمىز ئۈچۈنمۇ؟ (1-كورىنت. 3:12_15). قانچە ئۇزۇن يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغان بولايلى، ھەممىمىز داۋاملىق ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. خۇدانىڭ سۆزىگە قارشى چىققۇچىلارنىڭ قۇرۇق پەلسەپە ۋە يالغان سەپ-سەپتىلىرى بىزنى ئازدۇرالمايدۇ (كولوسى. 2:8؛ ئىبرانىي. 11:6). بۇ ماقالىدە، (1) نېمە ئۈچۈن كۆپ ئادەملەر ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمەيدۇ؟ (2) ياراتقۇچىڭىز يەھۋاغا بولغان ئىمانىڭىزنى قانداق كۈچەيتەلەيسىز؟ ۋە (3) ئېتىقادىڭىزنىڭ داۋاملىق مۇستەھكەم بولۇشى ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ دېگەنلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز. بۇ بىزگە ياردەم بېرىدۇ.
نېمە ئۈچۈن كۆپ ئادەملەر ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمەيدۇ
4. ئىبرانىيلار 11:1-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقاد نېمىگە ئاساسلىنىدۇ؟
4 بەزى ئادەملەر شۇنداق ئويلايدۇكى، ئىمان-ئېتىقاد بۇ دەلىل-ئىسپاتسىز قارغۇلارچە ئىشىنىش. ئەمما، مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقاد قارغۇلارچە ئىشىنىش ئەمەس (ئىبرانىيلار 11:1-نى ئوقۇڭ). دىققەت قىلسىڭىز، يەھۋانى، ئەيسا مەسىھنى ۋە ئاسماندىكى پادىشاھلىقنى كۆرەلمىسەكمۇ، ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىمىز قايىل قىلارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسلانغان (ئىبرانىي. 11:3). بىر بىئوخىمىيە تەتقىقاتى قىلىدىغان يەھۋا گۇۋاھچىسى شۇنداق دەيدۇ: «يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئېتىقادى ئاساسسىز ئەمەس. ئۇلار ئىلىم-پەندە دەلىللەنگەن ئىسپاتلارغا پەرۋاسىزلىق قىلمايدۇ».
5. نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئادەملەر ياراتقۇچى يوق، ھايات ئۆزلىكىدىن باشلانغان، دېگەن كۆزقاراشقا دەپ ئىشىنىدۇ؟
5 بەزىلەر ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قايىل قىلارلىق ئىسپاتلار بولسا، نېمە ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ئادەملەر خۇدا ھېچقانداق ھاياتلىقنى ياراتمىغان؟— دەيدۇ. شۇنداق ئادەملەر ھېچقاچان ئۆزى ئۈچۈن دەلىللەرنى ئىزدەپ كۆرمىگەن. ھازىر يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغان روبېرت شۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرى مەكتەپتە يارىتىلىش ھەققىدە ھېچقاچان ئاڭلىمىغاچ، يارىتىلىش تەلىماتىنى خاتا دەپ ئويلىغان ئېدىم. بىر يەھۋا گۇۋاھچىسى بىلەن سۆھبەتلىشىپ قالدىم. ماڭا خۇدانىڭ ھەممە نەرسىنى ياراتقانلىقى ھەققىدە مەنتىقىگە ئۇيغۇن ۋە قايىل قىلارلىق ئىسپاتلارنى مۇقەددەس كىتابتىن كۆرسەتتى b» (« ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن مەسلىھەت» دېگەن رامكىغا قاراڭ).
6. نېمە ئۈچۈن بەزىلەر ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشەنمەيدۇ؟
6 بەزىلەر ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمەيدۇ. سەۋەبى، ئۇلار: «مەن ئۇنى كۆرمىسەم، ئۇنىڭغا قانداق ئىشىنەلەيمەن»،— دەيدۇ. بىراق، ئەمەلىيەتتە ئۇلار كۆرمەيدىغان نەرسىگە ئىشىنىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار شامالنى كۆرمەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىسپاتى بار. مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئالغان، ئېتىقاد «كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ» ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلىرىغا قايىل بولۇشتۇر (ئىبرانىي. 11:1). ئۆزۈمىزنى قايىل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىشقا ۋاقىت چىقىرىش كېرەك. نۇرغۇنلىغان ئادەملەر شۇنداق قىلىشنى خالىمايدۇ. بىر كىشى دەلىل-ئىسپاتلارنى ئىزدىمىسە، بەلكىم خۇدا يوق، دەپ خۇلاسە قىلىدۇ.
7. خۇدانىڭ كائىناتنى ياراتقانلىقىنى بارلىق بىلىم ئىگىلىرى رەت قىلامدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
7 دەلىل-ئىسپاتلار ھەققىدە ئىزدەنگەندىن كېيىن، بەزى ئالىملار كائىناتنى خۇدانىڭ ياراتقانلىقىغا ئىشەنگەن c. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان روبېرتقا ئوخشاش، بەزىلەر ياراتقۇچى يوق دەپ ئويلىغان. سەۋەبى، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا يارىتىلىش ھەققىدە ھېچقانداق تەلىم بەرمىگەن. خۇددى ئاشۇ ئالىملارغا ئوخشاش يۇقىرى بىلىمگە ئىگە بولساقمۇ، ھەممىمىز چوقۇم خۇداغا بولغان ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. ھېچكىم بىز ئۈچۈن بۇنى قىلالمايدۇ.
ياراتقۇچىغا بولغان ئېتىقادىڭىزنى كۈچەيتىڭ
8، 9. (1) ھازىر بىز نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟ (2) مەۋجۇداتلار ھەققىدە بىلىم ئېلىش سىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
8 ياراتقۇچىغا بولغان ئېتىقادىڭىزنى قانداق كۈچەيتەلەيسىز؟ تۆت ئۇسۇلىنى كۆرۈپ چىقايلى.
9 مەۋجۇداتلار ھەققىدە بىلىۋېلىڭ. ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۈزىتىش ئارقىلىق، ياراتقۇچىغا بولغان ئېتىقادىڭىزنى كۈچەيتەلەيسىز (زەبۇر 19:1؛ يەشايا 40:26). ئۇلار ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئالغانسېرى، يەھۋانىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بىزنىڭ نەشرى ماتېرىياللىرىمىزدا يارىتىلىش ھەققىدىكى تۈرلۈك تەپسىلاتلارنى چۈشەندۈرىدىغان ماقالىلەر بار. گەرچە بۇ ماقالىلەرنى چۈشىنىش قىيىن بولسىمۇ، تاشلاپ ئۆتۈپ كەتمەڭ. چۈشۈنەلىشىڭىزچە ئوقۇشقا تىرىشىڭ. يېقىنقى بىرقانچە يىللاردا، رايونلۇق چوڭ يىغىلىشلاردا يارىتىلىش ھەققىدە كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان فىلىملەر كۆرسىتىلگەن. jw.org تور بېكىتىدىن شۇ فىلىملەرنى كۆرەلەيسىز.
10. ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر مىسالنى كۆرسىتىڭ (رىملىقلار 1:20).
10 ئەتراپىڭىزدىكى نەرسىلەر ھەققىدە ئۆگەنگەندە، ياراتقۇچى توغرىسىدا بىزگە نېمىلەرنى ئاشكارە قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ (رىملىقلار 1:20-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، قۇياش يەر يۈزىدىكى جانلىقلار ئۈچۈن كېرەكلىك ئىسسىقلىق ۋە نۇرلارنى تارقىتىدۇ. بىراق، قۇياش بەزى زىيانلىق نۇرلارنى چاچىدۇ. بىز ئىنسانلار شۇ زىيانلىق نۇرلاردىن قوغدىنىشىمىز كېرەك ھەم قوغدىلىپ كېلىۋاتىمىز. ئاتموسفېرادا ماكانىمىز يەر شارىنى قوغدايدىغان بىر گاز قەۋىتى بار. ئۇ زىيانلىق نۇرلارنى سۈزۈپ قالالايدۇ. زىيانلىق نۇر كۈچەيگەنسېرى ياكى ئوزون گازىمۇ كۆپىيىدۇ. بارلىق ئىشلارنىڭ ئارقىسىدا مېھرىبان، دانا ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەمسىز؟
11. ياراتقۇچىغا بولغان ئېتىقادىڭىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قەيەردىن دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپالايسىز؟ (« تۆۋەندىكىلەر ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدىغان نەشرى ماتېرىياللار» دېگەن رامكىغا قاراڭ)
11«كۈزىتىش مۇنارى ماتېرىياللىرى كۆرسەتكۈچى» ۋە jw.org تور بېكىتىدىن ئىزدىنىش ئارقىلىق، يارىتىلىشقا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىدىغان نۇرغۇن دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپالايسىز. بەلكىم، سىز ماقالىلەرنى ئوقۇش ياكى «ئاجايىپ ياراتمىلار» دېگەن بىر قاتار فىلىملەرنى كۆرۈش بىلەن باشلىيالايسىز. ھايۋاناتلار ۋە باشقا ياراتمىلار ھەققىدە قىسقا ۋە ئاجايىپ دەلىل-ئىسپاتلار كۆرسىتىلگەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ تەبىئەتتە بايقىغان شۇ نەرسىلەرنى قانداق ئۆرنەك قىلغانلىقى ھەققىدە مىساللار بار.
12. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغاندا، قايسى بەزى نەرسىلەرگە دىققەت قارىتىشىمىز كېرەك؟
12 مۇقەددەس يازمىلارنى تەتقىق قىلىڭ. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان بىئوخىمىيە ئالىمى ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى دەسلەپتە رەت قىلغان بولسىمۇ، كېيىن ۋاقىت ئۆتۈپ ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىمان-ئېتىقادىم پەقەتلا ئىلىم-پەن تەتقىقاتىمغا ئاساسلانغان ئەمەس، بەلكى يەنە مۇقەددەس كىتابنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشقا ھەم ئاساسلانغان». بەلكىم، سىزنىڭ مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە ئاللىقاچان توغرا بىلىمىڭىز بار. شۇنداقتىمۇ ياراتقۇچىغا بولغان ئىمان ئېتىقادىڭىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ سۆزىنى تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىز زۆرۈر (يەشۇئا 1:8؛ زەبۇر 119:97). مۇقەددەس كىتابتا تەپسىلىي تەسۋىرلەنگەن تارىخىي ۋەقەلەرگە دىققەت قىلىڭ. ئۇنىڭدىكى بېشارەتلەر ۋە شۇ بېشارەتلەرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشقانلىقى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈڭ. شۇنداق قىلىش كۆيۈمچان، دانا ياراتقۇچىمىزنىڭ بىزنى ياراتقانلىقىغا ۋە بىزگە مۇقەددەس كىتابنى ئەۋەتكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى كۈچەيتىدۇ.—2-تىموت. 3:14؛ 2-پېتر. 1:21.
13. مۇقەددەس كىتابتىن دانا مەسلىھەتلەرنى تېپىشقا بولىدىغانلىقىنى قايسى مىساللار كۆرسىتىدۇ؟
13 خۇدانىڭ سۆزىنى تەتقىق قىلغاندا، ئۇنىڭدىكى مەسلىھەتلەرنىڭ قانداق ياردىمى بارلىقىغا دىققەت قىلىڭ. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتاب ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى پۇلپەرەسلىكنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ۋە نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كەلتۈرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان (1-تىموت. 6:9، 10؛ پەند. نە 28:20؛ مەتتا 6:24). ئاشۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن پايدىسى بارمۇ؟ بىر كىتابتا بۈگۈنكى كۈندىكى كىشىلەرنى شۇنداق تەسۋىرلەنگەن: «ئادەتتە پۇلپەرەس ئادەملەرنىڭ خۇشاللىقنى يوقىتىدىغان ۋە ئۈمىدسىزلىنىدىغان ۋاقىتلىرى كۆپ بولغان. شۇنداقلا كۆپرەك پۇل تېپىشنى خالىغان كىشىلەرنىڭمۇ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقى ناچارلىشىپ كەتكەن». دېمەك، مۇقەددەس كىتابنىڭ پۇلغا ئامراق بولۇشتىن ساقلىنىش ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى نەقەدەر پايدىلىق. مۇقەددەس كىتابتىن سىزگە ياردەم بەرگەن يەنە قايسى نەسىھەتلەرنى ئەسكە ئالالايسىز؟ مۇقەددەس كىتابتىكى مەسلىھەتلەرنى قەدىرلىگەنسېرى، كۆيۈمچان ياراتقۇچىمىز بەرگەن مەڭگۈلۈك دانالىققا تېخىمۇ كۆپرەك تايىنىدىغان بولىمىز (ياقۇپ 1:5). نەتىجىدە، شاد-خۇرام، تىنچ-ئامان تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز.—يەشايا 48:17، 18.
14. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلسىڭىز، يەھۋا ھەققىدە نېمىنى بىلەلەيسىز؟
14 يەھۋانى ياخشىراق تونۇش مەقسىتىدە مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىڭ (يۇھاننا 17:3). مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغىنىڭىزدا، يەھۋانىڭ خاسلىقى بىلەن ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە بىلەلەيسىز. ئەتراپىڭىزدىكى ياراتمىلار ھەققىدە بىلىم ئالغاندا، ئاشۇ ئوخشاش پەزىلەتلەرنى كۆرەلەيسىز. يەھۋانىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە بىلگەنسېرى، ئۇنىڭ ھەقىقىي مەۋجۇت شەخس ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلەيسىز (چىق. 34:6، 7؛ زەبۇر 145:8، 9). يەھۋا ھەققىدە كۆپرەك تونۇشۇشقا ئىگە بولسىڭىز، ئىمان-ئېتىقادىڭىز كۈچىيىپ، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىز ئاشىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلىقىڭىز مۇستەھكەملىنىدۇ.
15. باشقىلارغا ئۆز ئىمان-ئېتىقادىڭىز ھەققىدە ئېيتىشنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
15 خۇداغا بولغان ئىمان-ئېتىقادىڭىز ھەققىدە باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، سىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادىڭىز كۈچىيىدۇ. بىراق، ئەگەر سىزگە گۇۋاھلىق بەرگەن بىرى خۇدانىڭ مەۋجۇتلىقى ھەققىدە بىر سوئال قويسا، ئەگەر ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلمىسىڭىز، نېمە قىلىشىڭىز بولىدۇ؟ بىزنىڭ نەشرى ماتېرىياللىرىمىزدىن مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان جاۋابنى تېپىشقا تىرىشىڭ. كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن شۇ ھەققىدە سۆھبەتلىشىڭ (1-پېتر. 3:15). سىز يەنە تەجرىبىسى مول بىر گۇۋاھچىدىن ياردەم سورىسىڭىز بولىدۇ. سىزگە سوئال قويغان كىشى مۇقەددەس كىتابتىن بەرگەن جاۋابىڭىزنى قوبۇل قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، قىلغان ئىزدىنىشلىرىڭىزنىڭ پايدىسى بار. سىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادىڭىز مۇستەھكەملىنىدۇ. نەتىجىدە، خۇدا يوق دەيدىغانلارنىڭ قارىماققا دانا، مەنتىقىگە ئۇيغۇندەك كۆرۈنگەن يالغان ئوي-پىكىرلىرى ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ.
ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى داۋاملىق كۈچلۈك ساقلاڭ!
16. ئەگەر داۋاملىق ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىپ، ئۇنى مۇستەھكەم ساقلىمىساق، بىزگە نېمە ئىش بولۇشى مۇمكىن؟
16 مەيلى قانچە ئۇزۇن ۋاقىت يەھۋاغا خىزمەت قىلغان بولايلى، بىز چوقۇم ئۇنىڭغا بولغان ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىشىمىز ۋە داۋاملىق مۇستەھكەم ساقلىشىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن ئىمان-ئېتىقادىمىز ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ؟ ئېسىڭىزدە بولسا، ئېتىقاد كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان نەرسىلەر ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسلانغان. بىز بىر نەرسىنى كۆرمىسەك، بەلكىم ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىمىز. شۇڭا، پاۋلۇس ئېتىقاد ئاجىز بولسا، گۇناھنىڭ بىزنى ئاسانلا چىرمىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان (ئىبرانىي. 12:1). ئۇنداقتا، مۇشۇ تۇزاققا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن، نېمە قىلالايمىز؟—2-سالونىكا. 1:3.
17. ئىمان-ئېتىقادىمىزنى داۋاملىق ساقلىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
17 ئاۋۋال، يەھۋادىن مۇقەددەس روھنى سوراڭ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئىشەنچ ياكى ئېتىقاد مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىلىرىدىن بىرى (گالاتىيا. 5:22، 23). مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمىسىز ياراتقۇچىمىزغا بولغان ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنى مۇستەھكەم ساقلاش مۇمكىن ئەمەس. داۋاملىق يەھۋادىن مۇقەددەس روھنى سورىساق، ئۇ بىزگە بېرىدۇ (لۇقا 11:13). بىز ھەتتا ئىشەنچ ۋە ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتكىن، دەپ دۇئا قىلالايمىز.—لۇقا 17:5.
18. زەبۇر 1:2، 3-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بىز بۈگۈنكى كۈندە قانداق ھەدىيىگە ئىگە بولدۇق؟
18 خۇدا سۆزىنى ئوقۇشنى ۋە شەخسىي تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ (زەبۇر 1:2، 3-نى ئوقۇڭ). مۇشۇ زەبۇر يېزىلغاندا، تەۋرات قانۇنىنىڭ تولۇق نۇسخىسى ساناقلىق ئادەملەرنىڭ قولىدا بار ئىدى. بىراق، پادىشاھ ۋە روھانىيلار يازمىلارنى ئوقۇيالايتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر يەتتە يىلدا تەۋرات قانۇنىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ، ئەرلەر، ئاياللار، بالىلار ۋە ئىسرائىلدا ياشايدىغان چەت ئەللىكلەرنى تىڭشاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى (تەكرار. قا 31:10_12). ئەيسانىڭ زامانىدا، ئورام يازمىلار پەقەت ئازغىنە ئادەملەرنىڭ قولىدا ياكى يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىدا بار ئىدى. ئەمما، بىزنىڭ كۈنىمىزدە كۆپچىلىك ئىنسانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ئىمكانىيىتى بار. بۇ ئاجايىپ بىر ھەدىيە! شۇ سوۋغاتقا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز.
19. ئىمان-ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەم ساقلىشىمىز ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز زۆرۈر؟
19 دائىم خۇدا سۆزىنى قولدىن چۈشەرمەي ئوقۇش ئارقىلىق، ئاشۇ سوۋغاتقا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. خۇدا سۆزىنى پەقەت ۋاقتىمىز چىققاندىلا ئوقۇپ قويماي، بەلكى ئوقۇش ۋە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن پىلان تۈزۈشىمىز كېرەك. ئۈزۈلدۈرمەي تەتقىق قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئىمان ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەم ساقلالايمىز.
20. نېمە قىلىشقا قارارىمىز قەتئىي بولۇشىمىز كېرەك؟
20 بۇ دۇنيانىڭ ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلىرىگە قارىغاندا، بىزنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرىمىز، خۇدا سۆزىگە بولغان تەۋرەنمەس ئىمان-ئېتىقادىمىز بار (مەتتا 11:25، 26). ئاشۇ مۇقەددەس يازمىلارنى تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە، بىز نېمە ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ ئەھۋالى كۈندىن كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ ۋە يەھۋا كەلگۈسىدە نېمە قىلماقچى دېگەنلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيمىز. ئەمما، ئىمان-ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قەتئىي بولايلى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ، ياراتقۇچىغا ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرەيلى (1-تىموت. 2:3، 4). يەر يۈزىدىكى بارلىق جان ئىگىلىرى بىرلىكتە: «پەرۋەردىگارىمىز ۋە خۇدايىمىز! شان-شەرەپ، ھۆرمەت ۋە قۇدرەتكە لايىقسەن. چۈنكى، ھەممىنى سەن ياراتتىڭ»، دەپ توۋلايدىغان ۋاقىتنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەيلى.—ۋەھىي. 4:11.
138-ناخشا يەھۋا — سېنىڭ ئىسىمىڭ
a مۇقەددەس يازمىلار يەھۋا خۇدانىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتىدۇ. بىراق، نۇرغۇن ئادەملەر بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار ھاياتلىق ئۆزلىكىدىن پەيدا بولغان دېگەن كۆزقاراشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئەگەر خۇداغا ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابىغا بولغان ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تىرىشساق، ئۇلارنىڭ شۇنداق كۆزقاراشلىرى ئىمان-ئېتىقادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ. بۇ ماقالىدە، ئىمان-ئېتىقادىمىزنى قانداق مۇستەھكەملىيەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەكتەپلەردە، ئوقۇتقۇچىلار خۇدانىڭ ھەممە نەرسىنى ياراتقانلىقى ھەققىدە ھەتتا مۇمكىنچىلىكنىڭ بارلىقىنىمۇ تىلغا ئالمايدۇ. بەزى مائارىپچىلار شۇنداق قىلىش ياكى ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىق بولىدۇ،— دېيىشىدۇ.
c «كۈزىتىش مۇنارى ماتېرىياللىرى كۆرسەتكۈچى»دىن بەزى مۇتەخەسسىسلەر ياكى تەتقىقاتچىلارنىڭ يارىتىش تەلىماتىغا ئىشىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى تاپالايسىز. «ئىلىم-پەن» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدىكى «تەتقىقاتچىلار يارىتىلىشقا ئىشىنىدۇ» دېگەن كىچىك ماۋزۇغا قاراڭ. شۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى jw.org تور بېكىتىدىن كۆرەلەيسىز (كۇتۇپخانا > فىلىملەر > سۆھبەتلەر ۋە ۋەقەلەر > ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى كۆزقاراشلار).