30-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋانىڭ ئائىلىسىدىكى ئورنىڭىزنى قەدىرلەڭ
«سەن ئۇنى پەرىشتىلەردىن ئازراقلا تۆۋەن قىلدىڭ، ئۇنىڭغا ئۇلۇغلۇق ۋە شان-شۆھرەت تاجىنى كىيدۈردۈڭ».—زەبۇر 8:5.
43-ناخشا ھوشيار تۇر، چىڭ تۇر ۋە قەيسەر بول!
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋانىڭ ياراتقانلىرى ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا، ئوي-خىيالىمىزغا قانداق سوئاللار كېلىدۇ؟
يەھۋا ياراتقان چەكسىز ئالەم ئۈستىدە ئويلانغىنىمىزدا، ئۆزۈمىزنى داۋۇتقا ئوخشاش ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. ئۇ دۇئادا مۇنداق دېگەن: «مەن بارماقلىرىڭ ئىجاد قىلغان ئاسمانلارغا قاراپ، ئۆزۈڭ ياراتقان ئاي ۋە يۇلتۇزلارغا نەزەر سېلىپ: «ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىنسان نېمە ئىدى، سەن ئۇنى ياد ئەتكۈدەك؟ ئىنسان ئوغلى نېمە ئىدى، شۇنچە غەمخورلۇق قىلغۇدەك؟»،— دەيمەن» (زەبۇر 8:3، 4). ئۇنىڭغا ئوخشاش بىزمۇ ئۆزۈمىزنى كائىنات بىلەن سېلىشتۇرساق، قانچىلىك كىچىك ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىمىز. شۇنداقتىمۇ يەھۋا بىزنى ئەستە ساقلايدۇ. ھازىر، يەھۋانىڭ ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانىغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، ئۇلارنى ئۆز ئائىلە ئەزاسى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
2. يەھۋا يەر يۈزىدىكى بىرىنچى پەرزەنتلىرى ئۈچۈن نېمىنى مەقسەت قىلغان؟
2 ئادەم بىلەن ھاۋا يەھۋانىڭ يەر يۈزىدىكى تۇنجى پەرزەنتلىرى ۋە يەھۋا ئۇلارنىڭ ئاسماندىكى مېھىر-مۇھەببەتلىك ئاتىسى بولغان. خۇدا ئۇلاردىن ئىشچان بولۇشنى كۈتكەن ۋە مۇنداق دېگەن: «سىلەر پەرزەنتلىك بولۇپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى تولدۇرۇپ، ئۇنى بويسۇندۇرۇڭلار» (يارىت. 1:8). ئۇلار بالىلىق بولۇپ، يەر يۈزىگە ياخشى غەمخورلۇق قىلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا يەھۋانىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلغان مەقسەتلىرىگە ماس ئىتائەتچان بولسا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى مەڭگۈگە خۇدانىڭ ئائىلە ئەزالىرى بولۇپ قالالايتتى.
3. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئائىلىسىدە ئادەم ۋە ھاۋا شان-شەرەپلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان، دەپ ئېيتالايمىز؟
3 يەھۋانىڭ ئائىلىسىدە ئادەم ھەم ھاۋانىڭ شان-شەرەپلىك ئورنى بولغان. زەبۇر 8:5-ئايەتتە، داۋۇت يەھۋانىڭ ئىنساننى يارىتىشى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «سەن ئۇنى پەرىشتىلەردىن ئازراقلا تۆۋەن قىلدىڭ، ئۇنىڭغا ئۇلۇغلۇق ۋە شان-شۆھرەت تاجىنى كىيدۈردۈڭ». راست، ئىنسانلارغا پەرىشتىلەرگە ئوخشاش كۈچ-قۇدرەت، ئەقىل-پاراسەت ۋە قابىلىيەتلەر بېرىلمىگەن (زەبۇر ). ئەمما، ئىنسانلار كۈچلۈك روھىي جانلىقلاردىن «ئازراقلا» تۆۋەن تۇرغان. تەسەۋۋۇر قىلىڭ، يەھۋا تۇنجى ئاتا-ئانىمىزنى قانداق گۈزەل ھاياتقا ئىگە قىلغان-ھە! 103:20
4. ئادەم ۋە ھاۋانىڭ ئورنىغا نېمە بولغان ۋە بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
4 بەكمۇ ئەپسۇس، خۇدانىڭ ئائىلىسىدە ئادەم ۋە ھاۋا ئۆز ئورنىدىن مەھرۇم بولغان. شۇڭا، ئۇلار ئۆز ئەۋلادلىرىنى يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلغان. ئەمما، ياراتقۇچىنىڭ مەقسىتى ئۆزگەرگىنى يوق. ئۇ ئىتائەتچان ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈ ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇشىنى خالايدۇ. ئاۋۋال، يەھۋانىڭ بىزنى قانداق شان-شەرەپكە ئىگە قىلغانلىقىنى، كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشنى خالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھازىر نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئاخىرىدا، ياراتقۇچىنىڭ يەردىكى پەرزەنتلىرى مەڭگۈ بەرىكەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
يەھۋاغا ئىنسانلارنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرگەن
يەھۋا بىزنى قايسى يوللار بىلەن شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرگەن؟ (5—11-ئابزاسلارغا قاراڭ) b
5. خۇدانىڭ بىزنى ئۆز ئوبرازىدا ياراتقانلىقى ئۈچۈن، مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
5 ئۇ ئىنسانلارنى ئۆز ئوبرازىدا ياراتقان (يارىت. 1:26، 27). بىز خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغاچ، مېھىر-مۇھەببەت، ھېسداشلىق، ۋاپادارلىق ۋە ھەققانىيلىققا ئوخشاش ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى كۆرسىتەلەيمىز (زەبۇر 86:15؛ 145:17). بىز بۇ ئېسىل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرسەك، يەھۋانى ئۇلۇغلايمىز ۋە ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (1-پېتر. 1:14—16). ئاسماندىكى ئاتىمىزنى خۇرسەن قىلىشقا تىرىشساق، شاد-خۇراملىققا ئېرىشىپ، كۆڭلىمىز قانائەت تاپىدۇ. خۇدا بىزنى ئۆز ئوبرازىدا يارىتىپ، ئۇ خالىغاندەك ئادەم بولۇش قابىلىيىتىنى بەرگەن. شۇڭا، بىز ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولالايمىز.
6. يەھۋا يەر يۈزىنى ياراتقاندا، ئىنسانلارنى قانداق شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرگەن؟
6 يەھۋا بىز ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ماكاننى ھازىرلىغان. تۇنجى ئىنساننى يارىتىشتىن بۇرۇن، ياراتقۇچى ئىنسانلار ئۈچۈن يەر يۈزىنى تەييارلىغان (ئايۇپ 38:4—6؛ يەر. 10:12). ئۇ خۇشال بولۇشىمىز ئۈچۈن سېخىيلىق ۋە مېھرىبانلىق بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ياراتقان ئىدى (زەبۇر 104:14، 15، 24). يەھۋا ياراتقانلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ، «بۇلارنىڭ ياخشىلىقىنى كۆردى» (يارىت. 1:10، 12، 31). ئۇ ئىنسانلارنى ياراتمىلارنى باشقۇرۇشقا قويۇپ، ئۇلارنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرگەن (زەبۇر 8:6). خۇدا بىزنىڭ ئۆزى ياراتقان گۈزەل ياراتمىلىرىدىن خەۋەر ئېلىپ، مەڭگۈ خۇشاللىق تېپىشىمىزنى مەقسەت قىلغان. سىز يەھۋانىڭ شۇ گۈزەل ۋەدىلىرى ئۈچۈن ھەردائىم مىننەتدارلىق بىلدۈرەمسىز؟
7. يەشۇئا 24:15-ئايەت، ئادەمنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
7 ئۇ بىزگە تاللاش ئەركىنلىكىنى سوۋغات قىلغان. بىز قانداق ھايات كەچۈرۈشنى ئۆزۈمىز تاللىيالايمىز (يەشۇئا 24:15-نى ئوقۇڭ). مېھىر-شەپقەتلىك خۇدايىمىز ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى تاللىساق، بەكمۇ خۇشال بولىدۇ (زەبۇر 84:11؛ پەند نە. 27:11). بىز نۇرغۇن ئىشلاردا تاللاش ئەركىنلىكىمىزنى توغرا ئىشلىتەلەيمىز. تۆۋەندە ئەيسا قالدۇرغان ئۈلگىلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
8. ئەيسا ئۆزىنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىنى قانداق ئىشلەتكەن؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
8 ئەيسانىڭ ئۈلگىسىگە ئەگەشسەك، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزۈمىزنىڭكىدىن يۇقىرى قويۇشنى تاللايمىز. بىر قېتىم ئەيسا ئەلچىلىرى بىلەن بەكمۇ چارچاپ كېتىپ، تىنچ بىر جايدا ئازراق ئارام ئېلىشنى خالىغان. ئەمما، ئۇلار ئۈمىد قىلغاندەك بولمىغانىدى. بىر توپ كىشىلەر ئۇلارنى تېپىۋالغان ۋە ئەيسادىن تەلىم ئېلىشقا تەشنا بولغان. ئەمما، ئەيسا مەسىھ ئۇلارغا ئاچچىقلانمىغان، ئەكسىچە ئۇ كىشىلەرگە ئىچ ئاغرىتىپ، «ئۇلارغا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىشكە باشلىدى» (ماركۇس 6:30—34). ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ۋاقتىمىزنى، كۈچىمىزنى سەرپ قىلساق، ئاسماندىكى ئاتىمىزغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمىز (مەتتا 5:14—16). يەنە ئۆزۈمىزنىڭ يەھۋانىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى بولۇشنى خالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز.
9. ئاتا-ئانىلار نېمىنى ئەستە تۇتۇشى كېرەك؟
9 يەھۋا ئىنسانلارغا پەرزەنتلىك بولۇش قابىلىيىتىنى بېرىپ، ئۇلارغا خۇدانى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى تاپشۇرغان. ئەگەر ئاتا-ئانا بولسىڭىز، بۇ سوۋغات ئۈچۈن سىز مىننەتدارمۇ؟ گەرچە يەھۋا پەرىشتىلەرنى كۆپرەك بەرىكەتكە ئېرىشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىمتىيازنى ئۇلارغا بەرمىگەن. شۇنى ئەستە تۇتقان ھالدا، پەرزەنتلەرنى ئۆستۈرۈۋاتقان ئاتا-ئانىلار بۇ پۇرسەتنى قەدىرلىشى كېرەك. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار، سىلەرگە تاپشۇرۇلغان مۇقەددەس ۋەزىپىنى قەدىرلەپ، بالىلارنى يەھۋا بۇيرىغاندەك تەربىيەلەڭلار ھەم نەسىھەت بېرىڭلار (ئەفەس. 6:4؛ تەكرار .قا 6:5—7؛ زەبۇر 127:3). ئاتا-ئانىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يەھۋا ئۆز تەشكىلاتى ئارقىلىق مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان فىلىم، مۇزىكا ۋە توردىكى ماقالىلەرنى تەمىنلەپ بەرگەن. شەك-شۈبھىسىزكى، يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ كىچىكلەرنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ (لۇقا 18:15—17). ئاتا-ئانىلار ياراتقۇچىغا تايىنىپ، سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىنى قولىدىن كېلىشىچە ياخشى تەربىيىلىسە، يەھۋا خۇشال بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ خۇدانىڭ ئائىلىسىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسى بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ!
10، 11. تۆلەم قۇربانلىقى ئارقىلىق يەھۋا بىزگە قانداق مۇمكىنچىلىكىنى بەرگەن؟
10 يەھۋا ئۆزىنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنى بەرگەچ، بىز قايتا ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولالايمىز. تۆتىنچى ئابزاستا تىلغا ئالغاندەك، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا يەھۋانىڭ ئائىلىسىدىن مەھرۇم بولغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ شۇ ئورنىدىن مەھرۇم قالغان (رىملىقلار 5:12). ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانا قەستەن يەھۋاغا ئىتائەتسىزلىك قىلغاچ، ئۇلار شۇ ئائىلىنىڭ ئەزاسى بولۇش شان-شەرىپىدىن ئايرىلغان. ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىچۇ؟ يەھۋا ئىنسانلارنى سۆيىدۇ. شۇڭا، ئۇ سۆيۈملۈك، يالغۇز ئوغلى ئەيسانى قۇربانلىققا بېرىش ئارقىلىق، ئادەم-ئاتىنىڭ ئىتائەتچان پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى يارىتىپ بەرگەن (يۇھاننا 3:16؛ رىملىقلار 5:19). ئەيسانىڭ قۇربانلىقى نەتىجىسىدە، يەھۋا 144000 ساداقەتمەن ئىنسانلارنى ئۆز ئوغۇللىرى سۈپىتىدە بېقىۋالغان.—رىملىقلار 8:15—17؛ ۋەھىي. 14:1.
11 ئۇنىڭدىن باشقا، تىلغا ئېلىنمىغان مىليونلىغان ساداقەتمەن كىشىلەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئىتائەتچانلىق بىلەن ئورۇنلاۋاتىدۇ. ئۇلارمۇ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق ئاخىرلاشقاندا، ئەڭ ئاخىرقى سىناقتىن ئۆتسە، خۇدانىڭ ئائىلىسىنىڭ ھەقىقىي ئەزالىرى بولۇش ئۈمىدىگە ئىگە (زەبۇر 25:14؛ رىملىقلار 8:20، 21). ئۇلار شۇ ئۈمىدكە مەھكەم باغلىنىپ، ھەتتا ھازىر ياراتقۇچىسى يەھۋانى ئاتا دەپ چاقىرىدۇ (مەتتا 6:9). كەلگۈسىدە ئۆلۈمدىن تىرىلگەنلەرگىمۇ يەھۋانى تونۇش پۇرسىتى بېرىلىدۇ. شۇلار ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنسا، ئاخىرىدا ئۇلارمۇ ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بولالايدۇ.
12. ھازىر قايسى سوئالنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
12 بىز كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىنسانلارنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۇرۇش ئۈچۈن، يەھۋا ئاللىقاچان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان. ئۇ مەسىھ قىلىنغانلارنى ئۆز ئوغلى سۈپىتىدە بېقىۋالغان ۋە زور بىر توپ خالايىقنى يېڭى دۇنيادا ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇش ئۈمىدىگە ئىگە قىلغان (ۋەھىي. 7:9). يەھۋانىڭ ئائىلىسىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسى بولۇشنى خالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھازىر نېمە قىلالايمىز؟
يەھۋا ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولۇشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىڭ
13. يەھۋانىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن بىز نېمە قىلالايمىز؟ (ماركۇس 12:30)
13 پۈتۈن يۈرىكىڭىز بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى كۆرسىتىڭ (ماركۇس ئوقۇڭ). خۇدا مېھىر-شەپقەت كۆرستىپ، بىزگە نۇرغۇن سوۋغاتلارنى بەرگەن. بەلكىم، شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ كاتتىسى — يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش قابىلىيىتى. بىز ئۇنىڭ ئەمىرلىرىگە بويسۇنۇش ئارقىلىق يەھۋاغا بولغان سۆيگىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز ( 12:30-نى 1-يۇھاننا 5:3). يەھۋا بويسۇنۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدىغان ئەمرلەردىن بىرى — ئەيسا بۇيرۇغان شاگىرتلارنى تەييارلاپ، ئۇلارنى چۆمۈلدۈرۈش بۇيرۇقى (مەتتا 28:19). ئۇ يەنە بىر-بىرىمىزنى سۆيۈشنى ئەمىر قىلغان (يۇھاننا 13:35). يەھۋا ئۆزىگە ئىتائەتچان بولغانلارنى، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ دۇنيا يۈزلۈك چوڭ ئائىلىسىگە خۇشال-خۇراملىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.—زەبۇر 15:1، 2.
14. باشقىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ (مەتتا 9:36—38؛ رىملىقلار 12:10)
14 باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭ. مېھىر-مۇھەببەت يەھۋانىڭ ئەڭ مۇھىم پەزىلىتى (1-يۇھاننا 4:9، 10). بىز يەھۋانى تونۇماستىن بۇرۇن، ئۇ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن (1-يۇھاننا 4:9، 10). بىز باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەك، ئۇنى ئۈلگە قىلغان بولىمىز (ئەفەس. 5:1). باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى — ھازىر ۋاقىتنىڭ بارىدا، ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا ياردەم بېرىش (مەتتا 9:36—38-نى ئوقۇڭ). شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا خۇدانىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش ئۈمىدىگە ئېرىشىش پۇرسىتىنى بېرىمىز. بىرى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتسە، بىز چوقۇم داۋاملىق ئۇنىڭغا مېھىر-مۇھەببىتىمىز ۋە ھۆرمىتىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك (1-يۇھاننا 4:20، 21). ئۇنى قانداق قىلالايمىز؟ ئۇ كىشىنىڭ نىيەتلىرىدىن گۇمانلانماي، ئۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، ئۇ مەلۇم بىر ئىشنى قىلغاندا، نېمە سەۋەبتىن قىلغانلىقىنى چۈشەنمىسەك، ئۇ شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. ئەكسىنچە، ئۇلارنى ئۆزۈمىزدىن يۇقىرى كۆرۈپ، ئۇلارغا ھۆرمەت كۆرسىتەلەيمىز.—رىملىقلار 12:10-نى ئوقۇڭ؛ فىلىپى. 2:3.
15. كىملەرگە رەھىمدىللىق ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك؟
15 ئىنسانلارغا رەھىمدىللىق ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىڭ. ئەگەر يەھۋانىڭ مەڭگۈ ئاتىمىز بولۇشىنى خالىساق، بىز چوقۇم ئۇنىڭ سۆزلىرى بويىچە ياشىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، ئەيسا بىزگە ھەممە ئىنسانلارغا، ھەتتا دۈشمەنلىرىمىزگە رەھىمدىللىق ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگەتكەن (لۇقا 6:32—36). بەزىدە شۇنداق قىلىش بىز ئۈچۈن ئاسان ئەمەس. شۇنداق بولسا، بىز چوقۇم ئەيساغا ئوخشاش ئويلاش ۋە ھەرىكەت قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يەھۋاغا بويسۇنساق ۋە ئەيسانى ئۈلگە قىلساق، ئاسماندىكى ئاتىمىزغا مەڭگۈ ئۇنىڭ ئائىلىسىدە بولۇشنى خالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.
16. يەھۋانىڭ ئائىلىسىنىڭ نام-ئابرويىنى قانداق قوغدالايمىز؟
16 يەھۋانىڭ ئائىلىسىنىڭ نام-ئابرويىنى قوغداڭ. ئادەتتە ئائىلىدە كىچىك بالا ئۆز ئاكىسىنى دورايدۇ. ئەگەر ئاكىسى مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا ماس ھايات كەچۈرسە، ئۇ ئىنىسى ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە بولىدۇ. ئەگەر ئاكىسى يامان ئىشلارنى قىلسا، ئىنىسىمۇ ئاكىسىنىڭ يامان ئۈلگىسىگە ئەگىشىشى مۇمكىن. خۇددى شۇنىڭدەك، يەھۋانىڭ ئائىلىسىدىمۇ، ئەگەر بىر سادىق ئېتىقادچى كېيىنرەك ھەقىقەتتىن چەتنىگەن ئوي-پىكىردە بولسا، ئەخلاقسىز ياكى ئىككى يۈزلۈك ھايات كەچۈرۈشنى تاللىسا، باشقىلارمۇ ئازدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىغا ئەگىشىشى مۇمكىن. شۇنداق قىلغانلار يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئابرويىغا داغ تەككۈزىدۇ (1-سالونىكا. 4:3—8). بىز چوقۇم يامان ئۈلگىلەرگە ئەگىشىشتىن يىراق تۇرۇپ، ھېچنەرسىنىڭ ئاسماندىكى مېھىر-مۇھەببەتلىك ئاتىمىزدىن بىزنى يىراقلاشتۇرۇشىغا يول بەرمەسلىكىمىز كېرەك.
17. قانداق ئوي-پىكىرلەردىن قېچىشىمىز كېرەك؟ نېمە ئۈچۈن؟
17 ماددىي نەرسىلەرگە ئەمەس، بەلكى يەھۋاغا تايىنىڭ. ئەگەر بىز خۇدا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى قوغلىشىپ ياشاشقا تىرىشساق، يەھۋا بىزنى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە ئۆي-ماكان بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (زەبۇر 55:22؛ مەتتا 6:33). بىز شۇ ۋەدىگە ئىشەنسەك، بۇ دۇنيانىڭ ماددىي نەرسىلىرى بىزنى قوغدايدۇ ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەن ئوي-پىكىردە بولمايمىز. بىز شۇنى بىلىمىزكى، يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش، ھەقىقىي كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشىشىمىزنىڭ بىردىن-بىر يولى (فىلىپى. 4:6، 7). ھەتتا نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا مۇمكىنچىلىكىمىز بولسىمۇ، بىز چوقۇم شۇ نەرسىلەرنى قوللىنىش ئۈچۈن ھەقىقەتەن ۋاقتىم ياكى كۈچۈم بارمۇ؟ دەپ ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز كېرەك. بىز بەلكىم مال-دۇنياغا ئۇنداق باغلىنىپ قالمىغاندىمىز؟ ئەمما، چوقۇم شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، يەھۋا بىزدىن ئۆز ئائىلىسىدە تىرىشچان بولۇشىمىزنى كۈتىدۇ. بۇ دېگەنلىك، دىققىتىمىزنى چاچىدىغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، ئەيساغا ئەگەشىشتىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلغان يىگىتكە ئوخشاپ قېلىشنى خالىمايمىز. ئۇ يەھۋاغا خىزمەت قىلىپ، ئۇنىڭ بېقىۋالغان ئوغۇللىرىدىن بىرى بولۇش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان.—ماركۇس 10:17—22.
يەھۋانىڭ پەرزەنتلىرى مەڭگۈ بەھرىمەن بولىدىغان بەرىكەتلەر
18. ئىتائەتچان ئىنسانلار قانداق شان-شەرەپ ۋە بەرىكەتلەردىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولالايدۇ؟
18 ئىتائەتچان ئىنسانلار يەھۋانى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتەك، ئەڭ كاتتا شان-شەرەپلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ! يەر يۈزىدە ياشاش ئۈمىدى بار كىشىلەرمۇ، يەھۋا بىز ئۈچۈن مۇكەممەل ياراتقان گۈزەل ماكاندىن خەۋەر ئېلىپ، مەڭگۈ خۇشاللىق تاپىدۇ. پات-يېقىندا، خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا يەر شارى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە جانلىقلار يېڭىلىنىدۇ. ئەيسا، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلى پەيدا بولغان قىيىنچىلىقلارنى يوق قىلىدۇ. يەھۋا مىليونلىغان ئىنسانلارنى تىرىلدۈرۈپ، جەننەتكە ئايلاندۇرىدىغان يەر يۈزىدە، مۇكەممەل تەن-سالامەتلىك بىلەن مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتىنى بېرىدۇ (لۇقا 23:42، 43). يەھۋاغا ئىبادەت قىلغان ئىنسانلار مۇكەممەل بولۇپ، ھەممىسى داۋۇت يازغاندەك شان-شۆھرەتكە ئىگە بولىدۇ.—زەبۇر 8:5.
19. نېمىنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك؟
19 ئەگەر زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئارىسىدا بولسىڭىز، ئاجايىپ ئۈمىدىڭىز بار. خۇدا سىزنى سۆيىدۇ ۋە ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشىڭىزنى خالايدۇ. شۇڭا، قولۇڭىزدىن كەلگىنىچە ئۇنى خۇرسەن قىلىڭ. خۇدانىڭ ۋەدىلىرىنى كېچە-كۈندۈز ئوي-خىيالىڭىز ۋە قەلبىڭىزدە ساقلاپ ھايات كەچۈرۈڭ. ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىڭىزغا ئىبادەت قىلىش ئىمتىيازىنى ۋە ئۇنى مەڭگۈ مەدھىيىلەش شان-شەرىپىنى قەدىرلەڭ!
50-ناخشا خۇدانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۈلگىسى
a ئائىلىنىڭ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن ھەر بىر ئەزاسى ئۆز ۋەزىپىسىنى بىلىشى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى كېرەك. ئائىلىدە دادا بولغۇچى سۆيگۈ مۇھەببىتى بىلەن باشچىلىق قىلىشى، ئانا ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى، پەرزەنتلىرى بولسا، ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنۇشى كېرەك. يەھۋانىڭ ئائىلىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. خۇدانىڭ بىز ئۈچۈن بىر مەقسىتى بار. ئەگەر بىز ئۇنىڭ مەقسەتلىرىگە ماس ئىش قىلساق، يەھۋاغا مەڭگۈ ئىبادەت قىلغۇچىلار قاتارىدا ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تەۋە بولىمىز.
b سۈرەتتە: خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان بىر جۈپ ئەر-ئايال بىر-بىرىگە ۋە پەرزەنتلىرىگە مېھىر-مۇھەببەت ۋە ھېسداشلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئۇلار يەھۋانى سۆيىدۇ ۋە بالىلىق بولۇش سوۋغىتىنى قەدىرلەيدۇ. شۇڭا، ئۇلار بالىلىرىنى يەھۋانى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا ئۆگىتىدۇ. ئاتا-ئانا بىر فىلىمنى بالىلىرىغا كۆرسىتىپ، يەھۋانىڭ نېمە ئۈچۈن ئەيسانى تۆلەم سۈپىتىدە بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە بالىلىرىغا يەر يۈزىنىڭ جەننەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ۋە ھايۋانلارغا مەڭگۈ غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىمىزنى ئۆگىتىۋاتىدۇ.