34-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋانىڭ ياخشىلىقىنى قانداق تېتىپ كۆرەلەيمىز؟
«يەھۋانىڭ ياخشىلىقىنى تېتىغىن ۋە كۆرگىن، ئۇنىڭدا پاناھ تاپقان كىشى بەختلىكتۇر».—زەبۇر 34:8.
19-ناخشا خۇدا ۋەدە قىلغان جەننەت
بۇ ماقالىدە a
1، 2. زەبۇر 34:8-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، يەھۋانىڭ ياخشىلىقىنى تېتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ھېچقاچان يەپ باقمىغان تاماقنى ئېلىپ كەلدى، دەيلى. شۇ تاماقنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قارايسىز، پۇرايسىز ياكى باشقىلارنىڭ شۇ تاماقنى ياقتۇرغان-ياقتۇرمىغانلىقىنى سورايسىز. ئەمما، سىزنىڭ شۇ تاماقنى ياقتۇرىدىغان-ياقتۇرمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى — ئۆزىڭىز تەمىنى تېتىپ كۆرۈش.
2 مۇقەددەس كىتاب ۋە نەشىر ماتېرىياللىرىمىزنى ئوقۇش، خۇدانىڭ بەرىكەتلىرىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق، يەھۋانىڭ ياخشىلىقى ھەققىدە ئۆگىنەلەيمىز. بىراق، ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى ھەقىقىي چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۆزىمىز ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى تېتىپ كۆرۈشىمىز كېرەك (زەبۇر 34:8-نى ئوقۇڭ). مۇنداق بىر ۋەزىيەتنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلى. بىز يەھۋاغا تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىشنى خالايمىز. ئەمما، شۇ كۆزلىگەن مەقسىتىمىزگە يېتىش ئۈچۈن ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بەلكىم، بىز خۇدا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويساق، خۇدا بىزگە زۆرۈر بولغان ئېھتىياجلىرىمىزنى تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە، ئەيسانىڭ قىلغان ۋەدىسىنى كۆپ قېتىم ئوقۇدۇق. ئەمما، ئاشۇ ۋەدىنىڭ ئۆز ھاياتىمىزدا ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى شەخسەن ئۆزۈمىز ھېس قىلمىدۇق (مەتتا 6:33). شۇنداقتىمۇ، ئەيسانىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنچ قىلغاچ، بىز تۇرمۇش خىراجەتلىرىنى ئازايتىپ، ئىش ۋاقتىمىزنى قىسقارتىپ، پۈتۈن دىققىتىمىزنى ۋەز خىزمەتكە قارىتىمىز. شۇنداق قىلساق، يەھۋانىڭ ئېھتىياجلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى شەخسەن تېتىپ كۆرىمىز.
3. زەبۇر 16:1، 2-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، كىملەر خۇدانىڭ بەرىكەتلىشىگە ئېرىشىدۇ؟
3 يەھۋا خۇدا ھەممە كىشىلەرگە، ھەتتا ئۇنى تونۇمايدىغانلارغىمۇ ياخشىلىق قىلىدۇ (زەبۇر 145:9؛ مەتتا 5:45). بىراق بولۇپمۇ، ئۇنى چىن قەلبىدىن سۆيگەن ۋە ئۇنىڭغا پۈتۈن قەلبى بىلەن خىزمەت قىلغانلارغا مول بەرىكەتلەرنى تۆكىدۇ (زەبۇر 16:1، 2-نى ئوقۇڭ). يەھۋانىڭ بىزگە قانداق ياخشىلىق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
4. يەھۋا ئۆزىگە يېقىنلىشىشقا باشلىغانلارغا ياخشىلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
4 ھەر قېتىم يەھۋا توغرۇلۇق ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتىمىزدا ئەمەلىي قوللانغاندا، ئۇنىڭ بىزگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇ ھەققىدە بىلىم ئېلىپ، ئۇنى سۆيۈشكە باشلىغاندا، ئۇ ياقتۇرمايدىغان ئىش-ھەرىكەتلەر ۋە ئوي-پىكىرلەرنى توختىتىمىز (كولوسى. 1:21). يەھۋاغا ئۆزۈمىزنى بېغىشلاپ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى تېخىمۇ تېتىپ كۆردۇق. مەسىلەن، پاك ۋىجدانغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورناتتۇق.—1-پېتر. 3:21.
5. ۋەز خىزمەتتە يەھۋانىڭ ياخشىلىقىنى قانداق تېتىپ كۆرەلەيمىز؟
5 بىز ۋەز خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولساق، يەھۋانىڭ ياخشىلىقىنى داۋاملىق تېتىپ كۆرىمىز. سىز تارتىنچاق ئادەممۇ؟ كۆپىنچە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى شۇنداق. بەلكىم، سىز يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشتىن ئىلگىرى تونۇمايدىغان بىرسىنىڭ ئىشىكىنى قېقىش ۋە ئۇلارغا ياقتۇرمايدىغان خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان. بىراق، شۇنىڭغا قارىماي ۋەز ئېيتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن، سىز ۋەز خىزمەتتە خۇشاللىق تېپىشنى ئۆگەندىڭىز. ئۇنىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن سىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىز. مەسىلەن، ۋەز خىزمەتتە بىرسى سىزگە قوپال مۇئامىلە قىلغاندا، ئۆزىڭىزنى تۇتۇلۇپ، تىنچلىقنى ساقلىشىڭىزغا ياردەم بەرگەن. ئۇ يەنە قىزىقىش كۆرسەتكەن ئۆي ئىگىسىگە ئوقۇپ بەرمەكچى بولغان ئايەتنى ئېسىمىزگە سالغان. سىز ۋەز قىلغان رايونلاردا، كىشىلەر خۇش خەۋەرگە قىزىقىش كۆرسەتمىگەندە، سىزنىڭ داۋاملىق ۋەز قىلىشىڭىزغا كۈچ بەرگەن.—يەرەم. 20:7—9.
6. يەھۋا بىزگە نېمە قىلىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۆز ياخشىلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟
6 يەھۋا بىزگە قانداق ۋەز قىلىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ (يۇھاننا 6:45). ھەپتە ئارلىقىدىكى يىغىلىشلاردا، بىز ياخشى تەييارلانغان سۆھبەت ئۈلگىلىرىنى ئاڭلايمىز ۋە ئۇلارنى ئەمەلىي قوللىنىشقا دەۋەت قىلىنىمىز. بىز دەسلەپتە يېڭى ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈشتىن ئەنسىرىشىمىز مۇمكىن. بىراق، بىز شۇنداق قىلغاندا، يېڭى ئۇسۇلنىڭ ۋەز قىلىۋاتقان رايونىمىزغا ناھايىتى ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىشىمىز مۇمكىن. بىز يەنە جامائەت يىغىلىشى ۋە چوڭ يىغىلىشلاردا ھېچقاچان سىناپ باقمىغان ئۇسۇلدا ۋەز قىلىشقا دەۋەت قىلىنىمىز. دېمەك، بۇ ئادەتلەنگەن ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىشنى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق، شۇنداق قىلساق، يەھۋا بىزنى بەرىكەتلەيدۇ. مەيلى قانداق ۋەزىيەتتە بولۇشىمىزغا قارىماي، يەھۋاغا ئەڭ ياخشىسىنى بېرىش ئۈچۈن يېڭى ئۇسۇللارنى ئىشلەتكەندە، قانداق بەزى بەرىكەتلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى. ھازىر يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قويغان مەقسەتلىرىمىزگە قانداق يېتەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
يەھۋاغا ئىشەنچ قىلغانلار بەرىكەتلىنىدۇ
7. ۋەز خىزمىتىمىزنى كەڭەيتىش ئۈچۈن تىرىشساق، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشەلەيمىز؟
7 بىز يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشالايمىز. كولۇمبىيەدە ئايالى بىلەن خىزمەت قىلىدىغان سامۇئىل b ئىسىملىك ئاقساقالنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇلار ئۆز جامائىتىدە خىزمەت قىلىپ خۇشاللىق تاپقان. ئەمما، ئۇلار ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ئېھتىياجلىق جامائەتلەرگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق كۆپرەك ۋەز قىلىشنى خالىغانىدى. ئۇلار شۇ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بەزى قۇربانلىقلارنى بېرىشىگە توغرا كەلگەن. سامۇئىل مۇنداق دەيدۇ: «بىز مەتتا 6:33-ئايەتتىكى نەسىھەت سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، زۆرۈر بولمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى توختاتتۇق. بىز ئۈچۈن ئۆيۈمىزنى تاشلاپ، باشقا جايغا كۆچۈش ئەڭ قىيىن بولغان ئىدى. چۈنكى، ئۆيىمىز بەكمۇ قولايلىق ۋە بانكا قەرزىمىز يوق ئىدى». ئۇلار يېڭى جايغا كۆچۈپ بارغاندا، تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن ئىلگىرىكىدەك كۆپ پۇل سەرپ قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. سامۇئىل يەنە: «يەھۋانىڭ بىزنى قانداق يېتەكلەيدىغانلىقىنى ۋە دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆردۇق. ئۇنىڭ بىزدىن رازى بولغانلىقىنى ۋە بىزنى سۆيىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. ئىلگىرى شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇپ باقمىغان ئىدۇق»،— دەيدۇ. سىزنىڭ يېڭى بىر رايوندا ۋەز قىلىش ئۈچۈن ئىمكانىيىتىڭىز بارمۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلسىڭىز، يەھۋانىڭ سىزگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىغا ۋە غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنەلەيسىز.—زەبۇر 18:25.
8. ئىۋان ۋە ۋىكتورىيەنىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
8 يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتىن خۇشاللىق تاپىمىز. قىرغىزسىتاندا پىدائىي ۋەز ئېيتىۋاتقان ئىۋان ۋە ۋىكتورىيەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى. ئۇلار ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرگەن، قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق ۋەزىپىلەرنى قىلىشقا تەييار بولغان. ئىۋان مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قىلاتتۇق. ھەتتا ھەر كۈنى كەچتە ھېرىپ چارچىساقمۇ، كۈچىمىزنى يەھۋانىڭ ئىشى ئۈچۈن چىقىرىۋاتقانلىقىمىزنى بىلگەچ، قەلبىمىز تىنچ-خاتىرجەملىك تولۇپ، قانائەت تاپتۇق. بىز يەنە يېڭى دوستلارنى تېپىپ، ئۇلار بىلەن ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ، خۇشاللىقىمىز ئۈستىگە خۇشاللىق قوشۇلدى».—ماركۇس 10:29، 30.
9. قىيىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن قېرىندىشىمىزنى يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشقا نېمە دەۋەت قىلغان ۋە نەتىجىسى قانداق بولغان؟
9 بىز قىيىن ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كەلسەكمۇ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتىن خۇشاللىق تاپىمىز. مەسىلەن، غەربىي ئافرىقىدا ياشايدىغان ياشىنىپ قالغان تۇل قېرىندىشىمىز مىراھ، ئىلگىرى دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ پېنسىيىگە چىققاندا پىدائىي ۋەز خىزمىتىنى باشلىغان. ئۇنىڭ ئېغىر رېماتىزم كېسىلى بولغاچقا، ھەر قېتىم ئۆيدىن-ئۆيگە ۋەز قىلغاندا، پەقەتلا بىر سائەت يول يۈرەلەيتتى. بىراق، ئاممىۋىي ئورۇنلاردا كۆپرەك ۋەز قىلالايتتى. ئۇنىڭ نۇرغۇن قايتا يولۇقۇشلىرى ۋە مۇقەددەس كىتاب ئۆگەنگۈچىلىرى بولغان. ئۇ بەزىلىرى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق ئالاقە قىلاتتى. ئۇنى يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشقا نېمە دەۋەت قىلغان؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ يەھۋا خۇداغا ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىم تولۇپ-تاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن يەھۋاغا ھەر دائىم دۇئا قىلىپ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۇنىڭغا كۆپرەك خىزمەت قىلالىشىمغا كۈچ بېرىشىنى سورايمەن».—مەتتا 22:36، 37.
10. 1-پېترۇس 5:10-ئايەتتە كۆرسىتىلگەندەك، يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلغانلار قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىدۇ؟
10 يەھۋادىن قوشۇمچە تەلىم-تەربىيىگە ئېرىشەلەيمىز. ماۋرىتيىچۇستا پىدائىي ۋەز خىزمەت قىلىدىغان كېننى شۇنداق تەلىم-تەربىيىگە ئېرىشكەن. ئۇ ھەقىقەتنى بىلگەندە ئالىي مەكتەپنى تاشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن ۋە تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى باشلىغان. ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «مەن يەشايا پەيغەمبەرنىڭ: «مانا مەن! ئەۋەت مېنى!»— دېگەن سۆزلىرى بويىچە ھايات كەچۈرۈشكە تىرىشتىم» (يەشايا 6:8). كېننى كۆپلىگەن قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان ۋە ئۆز ئانا تىلىدىكى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنىڭ تەرجىمە قىلىنىشىغا ياردەم بەرگەن. «ماڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىشىمغا ياردەم بېرىدىغان زۆرۈر ماھارەتلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تەربىيىلەشكە قاتناشتىم»، — دەيدۇ كېننى. ئۇ پەقەت ماھارەتلا ئەمەس، ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك نەرسىنى ئۆگەنگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈمنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ۋە يەھۋاغا سادىق قېلىش ئۈچۈن قانداق پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشۈم كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم» (1-پېترۇس 5:10-نى ئوقۇڭ). سىزمۇ يەھۋادىن قوشۇمچە تەلىم-تەربىيىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھاياتىڭىزدا زۆرۈر ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلالامسىز؟
11. جەنۇبىي كورىيىدىكى قېرىنداشلار يېڭى ئۇسۇلدا ۋەز خىزمەتكە قاتنىشىشقا قانداق كۈچ چىقارغان ۋە نەتىجىسى قانداق بولغان؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
11 ھەتتا تەجرىبىلىك گۇۋاھچىلار بولسىمۇ، يېڭى ئۇسۇلدا ۋەز قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قاتناشقاندا، كۆپ پايدىسىنى كۆرەلەيدۇ. جەنۇبىي كورىيىدىكى جامائەتتىكى ئاقساقاللار تاجسىمان ۋىرۇس (19-COVID) كېسىلى مەزگىلى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئىلگىرى سالامەتلىكى سەۋەبلىك ئۆيمۇ-ئۆي كۆپرەك ۋەز قىلالمىغان قېرىنداشلار ھازىر ۋىدىئولۇق ئۇلىنىش ئارقىلىق ۋەز قىلىۋاتىدۇ. 80 ياشتىن ئاشقان ئۈچ ئايال قېرىندىشىمىز كومپيۇتېرنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىنىپ، ھەر كۈنى يېڭى ئۇسۇلدا ۋەز قىلىشقا قاتناشقان» (زەبۇر 92:14، 15). سىزمۇ ۋەز خىزمىتىگە كۆپرەك قاتنىشىپ، يەھۋانىڭ ياخشىلىقىنى تېخىمۇ كۆپرەك تېتىپ كۆرۈشنى خالامسىز؟ ھازىر ئاشۇ مەقسەتكە يېتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدىغان بىر قانچە ئۇسۇلنى كۆرۈپ چىقىمىز.
كۆزلىگەن مەقسىتىڭىزگە يېتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
12. يەھۋا ئۇنىڭغا تايانغانلارغا قانداق ۋەدە بېرىدۇ؟
12 يەھۋاغا تايىنىشنى ئۆگۈنۈڭ. بىز يەھۋاغا تايىنىپ، قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلساق، بىزگە بەرىكەتلەرنى ياغدۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (مالاك. 3:10). كولۇمبىيەدىكى فابىئولا ئىسىملىك قېرىنداش يەھۋانىڭ ئۆز ۋەزىيىتىدە بۇ ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى خالىغان. بىراق، ئۇنىڭ يولدىشى ۋە ئۈچ پەرزەنتى ئۇنىڭ مائاشىغا قاراشلىق ئىدى. شۇڭا، ئۇ پېنسىيىگە چىقىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، يەھۋاغا داۋاملىق دۇئا قىلىپ، ياردەم سورىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئادەتتە پېنسىيىگە ئىلتىماس قىلىپ، ئۇزۇن ۋاقىت كۈتۈش كېرەك ئىدى. بىراق، مەن بىر ئايدىن كېيىنلا پېنسىيە پۇلىنى قولۇمغا ئالدىم. بۇ ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە بولغان». ئۇ ئىككى ئايدىن كېيىن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى باشلىغان. ھازىر ئۇ 70 ياشتىن ئاشقان. 20 يىلدىن كۆپرەك پىدائىي ۋەز خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇ مەزگىلدە، ئۇ 8 كىشىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بەرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە مەن ئۆزۈمنى ئاجىز ھېس قىلساممۇ، يەھۋا مېنىڭ پىدائىي ۋەز قىلىش ئۈچۈن تۈزگەن پىلانىمنى ئورۇنلاشقا ھەر كۈنى ياردەم بېرىدۇ».
13، 14. يەھۋاغا تايىنىپ، ئۇنىڭ بەرىكەتلىرىگە ئېرىشىشىمىزگە قايسى مىساللار ياردەم بېرەلەيدۇ؟
13 ئىلگىرى يەھۋاغا تايانغانلارنىڭ ئۈلگىسىدىن ئۆگۈنۈڭ. مۇقەددەس كىتابتا يەھۋاغا جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلغانلارنىڭ مىساللىرى نۇرغۇن. كۆپلىگەن ۋەزىيەتلەردە يەھۋاغا خىزمەت قىلغانلار ئۇنىڭ ئالاھىدە بەرىكەتلىرىگە ئېرىشىشتىن بۇرۇن، بىر قەدەمنى بېسىشى كېرەك بولغان. مەسىلەن، ئىبراھىم قەيەرگە بېرىشىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ كەتكەندىلا، يەھۋانىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشكەن (ئىبرانىي. 11:8). ياقۇپ بولسا، پەرىشتە بىلەن چېلىشقاندىن كېيىنلا ئالاھىدە بەرىكەتلەنگەن (يارىت. 32:24—30). ئىسرائىل خەلقى ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرىش ئالدىدا، روھانىيلار شىددەت بىلەن دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان ئىئوردان دەرياسىغا قەدەم قويغاندىن كېيىنلا، خەلق دەريانى كېسىپ ئۆتەلىگەن.—يەشۇ. 3:14—16.
14 يەھۋاغا تايىنىپ، ئۇنىڭ بەرىكەتلىرىگە ئېرىشكەن بۈگۈنكى كۈندىكى گۇۋاھچىلارنىڭ ئۈلگىلىرىدىن ھەم ئۆگىنەلەيمىز. مەسىلەن، قېرىنداشلىرىمىز پېيتون ۋە ئايالى دىئانا «ئۇلار تەييارلىق روھىنى كۆرسەتكەن» c ناملىق بىر قاتار ماقالىلەرنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرگەن. پېيتون مۇنداق دەيدۇ: «شۇ ماقالىلەرنى ئوقۇغاندا، بىز بىرسىنىڭ مەززىلىك تاماقنى يەۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇق. كۆپ ئوقۇغانسېرى، ئۆزۈمىزمۇ يەھۋانىڭ ياخشىلىقىنى تېتىش ۋە كۆرۈشكە ئىنتىزار بولدۇق». نەتىجىدە، پېيتون ۋە دىئانا ۋەز ئېيتقۇچىلارغا كۆپرەك ئېھتىياجلىق رايونغا كۆچۈپ بارغان. سىزمۇ شۇ بىر قاتار ماقالىلەرنى ئوقۇپ باققانمۇ؟ jw.org تور بېكىتىدىكى «يىراق رايوندا ۋەز قىلىش — ئاۋسترالىيە» ۋە «يىراق رايوندا ۋەز قىلىش — ئىرلاندىيە» ناملىق فىلىملەرنى كۆردىڭىزمۇ؟ بۇلار يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى تېپىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
15. يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلار بىلەن ئارىلىشىش بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
15 يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلار بىلەن ئارىلىشىڭ. ھېچقاچان تېتىپ باقمىغان تاماقنى باشقىلار بىلەن يېسەك، ئىشتىھايىمىز ئېچىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلار بىلەن ئارىلاشساق، ئۇنىڭغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە تىرىشىمىز. كېنت بىلەن ۋېرونىكا دەل شۇنداق ئىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. كېنت مۇنداق دەيدۇ: «دوستلىرىمىز ۋە ئائىلىمىز بىزنى يېڭى ۋەز قىلىش ئۇسۇلىنى سىناپ كۆرۈشكە دەۋەت قىلغان. بىز پادىشاھلىق خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلار بىلەن يېقىن ئارىلىشىپ، شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، يېڭى ئۇسۇلدا ۋەز قىلىشقا تىرىشىپ بېقىشقا بولغان ئىشەنچىمىز ئاشتى». كېنت ۋە ۋېرونىكا ھازىر سېربىيىدە مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
16. لۇقا 12:16—21-ئايەتلەردىكى ئەيسانىڭ تەمسىلىدە كۆرسىتىلگەندەك، نېمە ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى بېرىشكە تەييار تۇرۇشىمىز لازىم؟
16 يەھۋا ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى بېرىڭ. يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن بىزنى خۇشال قىلىدىغان ھەممە نەرسىلەردىن ۋاز كېچىش شەرت ئەمەس (ۋەز 5:19، 20). ئەگەر بىز قۇربانلىقلارنى بېرىشتىن ئۆزۈمىزنى قاچۇرۇپ، يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى ئارقىغا سۈرسەك، ئەيسانىڭ تەمسىلىدىكى بىر كىشىگە ئوخشاش خاتالىقنى ئۆتكۈزۈشىمىز مۇمكىن. شۇ كىشى راھەت-پاراغەت تۇرمۇشنى قوغلىشىپ، خۇداغا سەل قارىغان (لۇقا 12:16—21-نى ئوقۇڭ). فرانسىيىدە ياشايدىغان كرىستىئان ئىسىملىك بۇرادەر شۇنداق دەيدۇ: «مەن كۆپرەك ۋاقتىمنى ۋە كۈچىمنى يەھۋاغا ۋە ئائىلەمگە سەرپ قىلمىغان ئىدىم». ئۇ ئايالى بىلەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى باشلاشنى قارار قىلغان. شۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئۇلار ئۆز ئىش ئورنىنى تاشلىغان. جېنىنى بېقىش ئۈچۈن ئۆيلەرنى ۋە ئىشخانىلارنى تازلىغان ۋە بارىغا قانائەت قىلىشنى ئۆگەنگەن. ئۇلار ھاياتىدىكى بەزى قولاي شارائىتتىن ۋاز كېچىپ، پىدائىي ۋەز ئېيتىشنى باشلاپ خۇشاللىق تاپالىغانمۇ؟ كرىستىئان شۇنداق دەيدۇ: «بىز ھازىر ۋەز خىزمىتىمىزدىن قانائەت تاپتۇق. بىز بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگۈنۈۋاتقانلارنىڭ ۋە قايتا يولۇقۇشلارنىڭ يەھۋا ھەققىدە بىلىم ئالغانلىقىنى كۆرۈپ، قەلبىمىز خۇشاللىققا تولدى».
17. نېمە ئۈچۈن يېڭى ئۇسۇلدا ۋەز قىلىشنى سىناپ بېقىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
17 ۋەز خىزمەتنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىنى سىناپ كۆرۈشكە تەييار تۇرۇڭ (ئەلچى. 17:16، 17؛ 20:20، 21). ئامېرىكىدىكى شىرلى ئىسىملىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىغا تاجسىمان ۋىرۇس (19-COVID) مەزگىلىدە ۋەز قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەن. دەسلەپتە ئۇ تېلېفون ئارقىلىق گۇۋاھلىق بېرىشنى سىناپ بېقىشتىن ئىككىلىنىپ قالغان. ئەمما، رايونغا مەسئۇل ئاقساقالنىڭ زىيارەت مەزگىلىدە، ئۇ تېلېفون ئارقىلىق قانداق ۋەز قىلىشنى ئۆگەنگەن. كېيىن، ئۇ داۋاملىق شۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ گۇۋاھلىق بېرىشكە باشلىغان. «دەسلەپتە بەك قورققان ئىدىم. ھازىر شۇ ئۇسۇلدا ۋەز قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن. ئىلگىرىكىدەك ئۆيىمۇ-ئۆي ۋەز قىلغانغا قارىغاندا، ھازىر بىز كۆپرەك ئادەملەر بىلەن سۆھبەتلىشەلەيمىز»،— دەيدۇ شىرلى.
18. ۋەز خىزمىتىمىزنى كېڭەيتىشكە تىرىشقاندا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسەك، بىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
18 بىر مەقسەتنى قويۇپ، ئۇنىڭغا يېتىشكە تىرىشىڭ. بىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ياردەم ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز ۋە شۇ قىيىنچىلىقلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىمىز (پەند نە. 3:21). ياۋرۇپادىكى سىگان تىلىدىكى بىر توپتا پىدائىي ۋەز ئېيتىۋاتقان سونىيا مۇنداق دەيدۇ: «مەن مەقسەتلىرىمنى قەغەزگە يېزىشنى ياخشى كۆرىمەن ۋە ئۇلارنى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان جايغا قويۇپ قويىمەن. ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە ئوخشىمايدىغان يۆنىلىشكە باشلايدىغان يولنى سىزىپ قويىمەن. ھەر قېتىم قارار چىقارغاندا، مەن شۇ يول بەلگىلىرىگە قاراپ، قايسى يولدا مېڭىشنى قارار قىلسام، مەقسىتىمگە يېتىشكە ياردەم بېرەلەيدىغان ياكى بېرەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىمەن». سونىيا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاشقا تىرىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھەر قېتىم يېڭى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە، بۇ ماڭا تامدەك توساق بولامدۇ ياكى كۆۋرۈكتەك ياردەم بېرەلەمدۇ؟ بۇ بولسا ۋەزىيەتكە قانداق كۆزقاراشتا بولۇشۇمغا باغلىق».
19. يەھۋا ئېرىشتۈرگەن بەرىكەتلەرگە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
19 يەھۋا بىزنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن بەرىكەتلەيدۇ. ئۇنى مەدھىيىلەش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەممىنى قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بەرىكەتلىرىگە قانچىلىك مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز (ئىبرانىي. 13:15). ۋەز خىزمىتىمىزنى كېڭەيتىش ئۈچۈن يېڭى ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدەنسەك، يەھۋانىڭ تېخىمۇ كۆپ بەرىكەتلىرىگە ئېرىشىمىز. ھەر كۈنى يەھۋانىڭ ياخشىلىقىنى تېتىش ۋە كۆرۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيلى. شۇندىلا بىزمۇ ئەيساغا ئوخشاش مۇنۇ سۆزلەرنى قىلالايمىز: «مېنىڭ يېمەكلىكىم — مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئىشىنى تاماملاشتۇر».—يۇھاننا 4:34.
1-ناخشا يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى
a يەھۋا ياخشىلىقنىڭ مەنبىسى. ئۇ ھەرقانداق كىشىگە، ھەتتا يامان ئادەملەرگىمۇ ياخشى نەرسىلەرنى بېرىدۇ. ئۇ بولۇپمۇ، ئۇنىڭغا سادىق خىزمەت قىلغانلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى خالايدۇ. بۇ ماقالىدە، خۇدا بىزگە ئۆز ياخشىلىقىنى قانداق ئىپادىلەيدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭغا كۆپرەك خىزمەت قىلغانلار، ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى قانداق كۆرەلەيدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
c ئىلگىرى كۈزىتىش مۇنارى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ بىر قاتار ماقالىلەرنى، ھازىر jw.org تور بېكىتىدىن تاپالايسىز. بىز ھەققىدە > ۋەقەلەر > روھىي مەقسەتلەرگە ئىنتىلىش دېگەن يەرگە قاراڭ.