مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

32-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ياشلار،‏ چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىڭلار

ياشلار،‏ چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىڭلار

‏«ھە‌ممە نە‌رسىدە مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن ئۆسۈپ يېتىلە‌يلى».‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏15‏.‏

34-‏ناخشا ئىسىمىمىزغا ماس ياشايلى!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان ياشلار ئاللىقاچان نېمە ئىش قىلغان؟‏

 ھە‌ر يىلى مىڭلىغان ياشلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈۋاتىدۇ.‏ سىزمۇ شۇ‌لارنىڭ ئارىسىدىمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىز ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دا سىز ئۈچۈن ئىنتايىن خۇ‌شال (‏پە‌ند.‏ نە 27:‏11‏)‏.‏ ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقىڭىز ھە‌ققىدە بىراز ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ بە‌لكىم،‏ بىرقانچە يىل تىرىشىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش جە‌ريانىدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ خۇ‌دا سۆزى ئىكە‌نلىكىگە قايىل بولدىڭىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بۇ كىتابنىڭ مۇ‌ئە‌للىپىنى تونۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز ئاشتى.‏ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز بارغانسېرى چوڭقۇ‌رلۇ‌شۇ‌پ،‏ ھازىر بولسا ئۆزىڭىزنى ئۇ‌نىڭغا ئاتاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولدىڭىز.‏ كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىڭىزنى ھە‌قىقە‌تە‌ن ماختاشقا بولىدۇ!‏

2.‏ بۇ ماقالىدە نېمە ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

 2 شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌نگە قە‌دە‌ر ئېتىقادتا تۈرلۈك سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لدىڭىز.‏ بىراق،‏ يېشىڭىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئە‌گىشىپ،‏ يە‌نە يېڭى سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىسىز.‏ شە‌يتان ھە‌رتۈرلۈك يوللار بىلە‌ن سىزنى يە‌ھۋانى سۆيۈشنى ۋە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختىتىشقا ئۇ‌رۇ‌نىدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏14‏)‏.‏ بۇ‌نىڭغا ھە‌رگىز يول قويماڭ.‏ يە‌ھۋاغا سادىق قېلىپ،‏ ئۆزىڭىزنى ئۇ‌نىڭغا بېغىشلىغاندا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىڭىزنى ئورۇ‌نلىشىڭىز ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ سىز چوقۇ‌م داۋاملىق ئىمان-‏ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىش ئۈچۈن تىرىشىشىڭىز كېرە‌ك (‏ئىبرانىي.‏ 6:‏1‏)‏.‏ ئىمان-‏ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

ئىمان-‏ئېتىقادتا يېتىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

3.‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن بارلىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى چوقۇ‌م نېمە ئىش قىلىشى كېرە‌ك؟‏

3 سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن ھە‌ممىمىز ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ئە‌فە‌ستىكى ئېتىقادچىلارغا بە‌رگە‌ن نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سېلىشىمىز زۆرۈر.‏ ئۇ ئۇ‌لارنى پىشىپ يېتىلگە‌ن ئېتىقادچى بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏13‏)‏.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلە‌شكە ئۈندىگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشنى كىچىك بالىنىڭ جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغاندا،‏ نېمە دېمە‌كچى بولغانلىقىنى چۈشىنە‌لە‌يمىز.‏ يېڭى بوۋاق تۇ‌غۇ‌لغاندا،‏ ئاتا-‏ئانىسى ئۇ‌نى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭدىن پە‌خىرلىنىدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ مە‌ڭگۈ بوۋاق ھالىتىدە قالمايدۇ،‏ ۋاقتى كە‌لگە‌ندە ئۇ بالىلىقىنى تاشلىشى كېرە‌ك (‏1-‏كورىنت.‏ 13:‏11‏)‏.‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىمۇ دە‌ل مۇ‌شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن چوقۇ‌م داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان بە‌زى تە‌كلىپ پىكىرلە‌رنى بىرلىكتە مۇ‌ھاكىمە قىلىپ باقايلى.‏

4.‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏فىلىپىلىكلە‌ر 1:‏9‏)‏

4 يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى كۈچە‌يتىڭ.‏ سىز ئاللىقاچان يە‌ھۋانى ئىنتايىن ياخشى كۆرىسىز.‏ بىراق،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتە‌لە‌يسىز.‏ قانداق؟‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س شۇ‌نداق قىلىشنىڭ بىر يولىنى فىلىپىلىكلە‌ر 1:‏9-‏ئايە‌تتە ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏ كۆرسىتىپ ئۆتكە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س فىلىپىلىكلە‌رنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ «تېخىمۇ ئېشىشى» ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلغان ئىدى.‏ دېمە‌ك،‏ بىز يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز.‏ توغرا بىلىم ۋە دانالىقىمىزنى ئاشۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق ئۇ‌نى كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز.‏ بىز يە‌ھۋا ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلگە‌نسېرى،‏ ئۇ‌نى تېخىمۇ سۆيىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ پە‌زىلىتى ۋە ئىش قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنىمىز.‏ ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكىمىز ئاشقانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان ھە‌رقانداق ئىشنى قىلىشتىن يىراق تۇ‌رىمىز.‏ بىز ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىش ۋە ئۇ‌نىڭغا ماس ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا تىرىشىمىز.‏

5،‏ 6.‏ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

5 ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ سۈپە‌تلىرىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگە قىلغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ئە‌يسا ھە‌ققىدە ياخشىراق بىلىم ئالساق،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 1:‏3‏)‏.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌شنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لى —‏ تۆت خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر كىتابىنى تە‌تقىق قىلىش.‏ ئە‌گە‌ر ھە‌ر كۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنى تېخى كۈندىلىك ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رمىغان بولسىڭىز،‏ ئە‌يسا توغرىسىدىكى بايانلارنى ئوقۇ‌شتىن باشلىسىڭىز بولىدۇ.‏ ئە‌يسا ھە‌ققىدە ئوقۇ‌غىنىڭىزدا،‏ ئۇ‌نىڭ پە‌زىلە‌تلىرىگە ئالاھىدە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىش ئىنتايىن ئاسان ئىدى.‏ ئۇ مېھرىبانلىق بىلە‌ن كىچىك بالىلارنى قۇ‌چىقىغا ئالاتتى (‏ماركۇ‌س 10:‏13–‏16‏)‏.‏ ئۇ مېھرىبان ۋە دوستانە بولغاچ،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بىمالال ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى ۋە ئوي-‏پىكىرلىرىنى ئۇ‌نىڭغا ئېيتالىغان (‏مە‌تتا 16:‏22‏)‏.‏ ئە‌يسا مۇ‌شۇ تە‌رە‌پتە ئاسماندىكى ئاتىسىنى ئۈلگە قىلغان.‏ يە‌ھۋاغىمۇ يېقىنلىشىش ئىنتايىن ئاسان!‏ بىز دۇ‌ئا ئارقىلىق ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىپ،‏ ئۆزىمىزنىڭ ئوي-‏پىكىر ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى يە‌ھۋاغا يېتىپ بېرە‌لە‌يمىز.‏ بىز شۇ‌نىڭغا ئىشىنىمىزكى،‏ ئۇ بىزنى ئە‌يىبلىمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ بىزنى سۆيىدۇ ۋە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏—‏1-‏پېتر.‏ 5:‏7‏.‏

6 ئە‌يسا كىشىلە‌رگە ھېسداشلىق قىلغان.‏ ئە‌لچى مە‌تتا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «توپلاشقان ئادە‌ملە‌رنى كۆرۈپ،‏ ئۇ ئۇ‌لارغا ئىچى ئاغرىتتى،‏ چۈنكى ئۇ‌لار تاشلىۋېتىلگە‌ن پادىچىسى يوق قويلاردە‌ك تارقىلىپ كە‌تكە‌ن ۋە ئېزىلگە‌ن ئىدى» (‏مە‌تتا 9:‏36‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغانلىقىنى،‏ ئە‌يسا مۇ‌نۇ سۆزلە‌ر بىلە‌ن ئىپادىلىگە‌ن:‏ «ئاسماندىكى ئاتاممۇ بۇ كىچىكلە‌رنىڭ ھېچبىرىنىڭ ھالاك بولۇ‌شىنى خالىمايدۇ» (‏مە‌تتا 18:‏14‏)‏.‏ مۇ‌شۇ سۆزلە‌ر بىزنى ئىنتايىن خۇ‌شال قىلىدۇ!‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى بە‌كمۇ سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئە‌يسانى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇ‌غانسېرى،‏ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز كۈچىيىدۇ.‏

7.‏ پىشىپ يېتىلگە‌ن ئېتىقادچىلار بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش سىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

7 يە‌نە جامائە‌تتىكى پىشىپ يېتىلگە‌ن ئېتىقادچىلار بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌ش ئارقىلىق،‏ تېخىمۇ كۆيۈمچان ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈپ يېتىلگە‌ن خۇ‌دا خىزمە‌تچىسى بولۇ‌شنى ئۆگىنە‌لە‌يسىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ قانچىلىك خۇ‌شال ئىكە‌نلىكىگە دىققە‌ت قىلىڭ.‏ ئۇ‌لار ھېچقاچان يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش قارارىدىن پۇ‌شايمان قىلمايدۇ.‏ ئۇ‌لاردىن يە‌ھۋاغا قىلغان خىزمىتىدە باشتىن كە‌چۈرگە‌ن بە‌زى كە‌چۈرمىشلە‌رنى سۆزلە‌پ بېرىشنى سوراڭ.‏ مۇ‌ھىم قارارنى چىقارغىنىڭىزدا،‏ ئۇ‌لاردىن مە‌سلىھە‌ت سوراڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «دانا مە‌سلىھە‌تچىلە‌ر كۆپ بولسا،‏ مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تكە ئېرىشتۈرە‌ر»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 11:‏14‏.‏

تە‌درىجىي تە‌رە‌ققىيات نە‌زە‌رىيىسى توغرىسىدىكى دە‌رسكە قانداق تە‌ييارلىق قىلالايسىز؟‏ (‏8،‏ 9-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

8.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تە‌لىملىرىدىن گۇ‌مانلانسىڭىز،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

8 گۇ‌مانلىرىڭىزنى يېڭىڭ.‏  ئىككىنچى ئابزاستا تىلغا ئېلىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ شە‌يتان روھىي جە‌ھە‌تتىن ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ بۇ‌نداق قىلىش يوللىرىدىن بىرى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆگە‌نگە‌ن بە‌زى تە‌لىملە‌ر ھە‌ققىدە كاللىڭىزدا گۇ‌مان پە‌يدە قىلىش.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھازىر ياكى كېيىنرە‌ك بولسۇ‌ن،‏ ياراتقۇ‌چىغا ھۆرمە‌تسىزلىك قىلىدىغان تە‌درىجىي تە‌رە‌ققىيات نە‌زە‌رىيىسى بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىسىز.‏ كىچىك چاغلىرىڭىزدا،‏ بۇ ماۋزۇ ھە‌ققىدە ئويلىنىپ باقمىغان ياكى ئىنتايىن ئاز ئويلانغان بولۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ھازىر سە‌ل چوڭ بولغاندا،‏ بە‌لكىم مە‌كتە‌پتىكى مۇ‌شۇ ماۋزۇ ھە‌ققىدىكى دە‌رستە،‏ ئوقۇ‌تقۇ‌چىلىرىڭىزنىڭ ئېيتقان تە‌درىجىي تە‌رە‌ققىيات نە‌زە‌رىيىسىنى قوللايدىغان سۆزلىرى مە‌نتىقىگە ئۇ‌يغۇ‌ن ۋە ئىنتايىن قايىل قىلارلىق كۆرۈنۈشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار ياراتقۇ‌چىنىڭ مە‌ۋجۇ‌تلىقى ھە‌ققىدىكى دە‌لىل ئىسپاتلار ئۈستىدە ئە‌ستايىدىل ئويلىنىپ كۆرمىگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 18:‏17-‏ئايە‌تتىكى «سوتتا تۇ‌نجى بولۇ‌پ سۆزلىگە‌ن ھە‌قلىقتە‌ك كۆرۈنە‌ر،‏ كېيىن باشقىسى كېلىپ سوئال قويۇ‌پ تە‌كشۈرە‌ر» دېگە‌ن پرىنسىپنى ئە‌ستىن چىقارماڭ.‏ مە‌كتە‌پتە ئاڭلىغان كۆزقاراشلارنى قارغۇ‌لارچە قوبۇ‌ل قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ خۇ‌دا سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌ر ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ،‏ نە‌شىر ماتېرىياللىرىمىزنى ئوقۇ‌پ،‏ ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.‏ ئىلگىرى تە‌درىجىي تە‌رە‌ققىياتقا ئىشە‌نگە‌ن قېرىنداشلار بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىڭ.‏ ئۇ‌لاردىن نېمە ئۇ‌لارنى ياراتقۇ‌چىنىڭ بارلىقىغا قايىل قىلغانلىقىنى سوراڭ.‏ بۇ‌نداق ئە‌ھمىيە‌تلىك سۆھبە‌تلە‌رنى ئۆتكۈزۈش ياراتقۇ‌چىنىڭ مە‌ۋجۇ‌تلىقى ھە‌ققىدىكى دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى تېپىشىڭىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

9.‏ مېلىسسانىڭ مىسالىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

9 مېلىسسا ئىسىملىك بىر قېرىنداش،‏ ئۆزىنىڭ يارىتىلىش ھە‌ققىدە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشىنىڭ كۆپ پايدىسىنى كۆرگە‌نلىكىنى ئېيتقان b‏.‏ مە‌كتە‌پتە مۇ‌ئە‌للىملە‌ر تە‌درىجىي تە‌رە‌ققىيات نە‌زە‌رىيىسىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ندە،‏ قايىل قىلارلىق ھالدا چۈشە‌ندۈرە‌تتى.‏ «مە‌ن دە‌سلە‌پتە تە‌درىجىي تە‌رە‌ققىيات نە‌زە‌رىيىسى ھە‌ققىدە ئىزدىنىشتىن قورقتۇ‌م.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌نىڭ راست بولۇ‌شىدىن ئە‌نسىرە‌تتىم.‏ بىراق،‏ شۇ‌نداق چوڭقۇ‌ر ئويلاندىمكى،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا قارغۇ‌لارچە ئىبادە‌ت قىلىشىمىزنى خالىمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ چوڭقۇ‌ر ئىزدىنىپ كۆرۈشكە باشلىدىم.‏ مە‌ن «‏ياراتقۇ‌چى بارمۇ؟‏‏» دېگە‌ن كىتابنى،‏ «‏ھاياتلىق يارىتىلغانمۇ؟‏‏» ۋە «‏مە‌ۋجۇ‌داتنىڭ مە‌نبە‌سى.‏ بە‌ش مۇ‌ھىم سوئال‏» دېگە‌ن كىتابچىلارنى ئوقۇ‌پ چىقتىم.‏ مە‌ن دە‌ل بۇ‌نىڭغا ئېھتىياجلىق ئىدىم.‏ بە‌ك ئە‌پسۇ‌س،‏ نېمىشقا مە‌ن بالدۇ‌رراق باشلىمىغاندىمە‌ن».‏

10،‏ 11.‏ ئە‌خلاقىي جە‌ھە‌تتىن پاك بولۇ‌شىڭىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏1-‏سالونىكالىقلار 4:‏3،‏ 4‏)‏

10 خاتا ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى رە‌ت قىلىڭ.‏ ياشلىق دە‌ۋرىڭىزدە جىنسىي ئالاقە قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكىڭىز كۈچىيىپ،‏ بە‌زىدە باشقىلار سىزنى جىنسىي ئالاقىدە بولۇ‌شقا قايىل قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شە‌يتان سىزنىڭ دە‌ل شۇ‌نداق ئارزۇ-‏ئىستە‌ك بويىچە ئىش قىلىشىڭىزنى خالايدۇ.‏ ئە‌خلاقىي جە‌ھە‌تتىن پاك بولۇ‌شىڭىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ ‏(‏1-‏سالونىكالىقلار 4:‏3،‏ 4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شە‌خسىي دۇ‌ئالىرىڭىزدا يە‌ھۋاغا ئۆز ھېس تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى ئېيتىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن كۈچ سوراڭ (‏مە‌تتا 6:‏13‏)‏.‏ شۇ‌نى ئە‌ستە ساقلاڭكى،‏ يە‌ھۋا سىزنى ئە‌يىبلە‌شنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكىم سىزگە ياردە‌م بېرىشنى خالايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏13،‏ 14‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب سىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئىلگىرى تىلغا ئالغان مېلىسسا،‏ ئۆزىنىڭ ناپاك ئوي-‏خىياللارغا قانداق قارشى تۇ‌رغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دە‌يدۇ.‏ «ھە‌ر كۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ماڭا ناپاك ئويلار بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىشقا ياردە‌م بە‌ردى؛‏ ئۆزۈمنىڭ يە‌ھۋاغا تە‌ۋە بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ خىزمە‌تچىسى ئىكە‌نلىكىمنى ئە‌سكە‌رتىپ تۇ‌ردى».‏—‏زە‌بۇ‌ر 119:‏9‏.‏

11 ئۆز قىيىنچىلىقلىرىڭىزنى يالغۇ‌ز بىتە‌رە‌پ قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نماڭ.‏ ئاتا-‏ئانىڭىز بىلە‌ن قىيىنچىلىقىڭىز توغرىسىدا سۆھبە‌تلىشىڭ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن بۇ‌نداق شە‌خسىي ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشىش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ ئە‌مما،‏ بۇ‌نداق قىلىش ناھايىتى مۇ‌ھىم.‏ مېلىسسا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن جاسارە‌ت سوراپ،‏ دۇ‌ئا قىلدىم.‏ ئاندىن دادام بىلە‌ن ئۆز قىيىنچىلىقىم توغرىسىدا پاراڭلاشتىم.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ ئۆزۈمنى ئىنتايىن يە‌ڭگىللە‌پ قالغاندە‌ك ھېس قىلدىم.‏ يە‌ھۋانىڭ مە‌ندىن پە‌خىرلە‌نگە‌نلىكىنى بىلىمە‌ن».‏

12.‏ توغرا قارارلارنى چىقىرىشىڭىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

12 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلار بويىچە ياشاڭ.‏ يېشىڭىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئە‌گىشىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئىشلاردا ئۆزىڭىزنىڭ شە‌خسە‌ن قارار چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ سىزنىڭ تۇ‌رمۇ‌شتىكى تە‌جرىبىڭىز يە‌نىلا چە‌كلىك.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىڭىزغا تە‌سىر يە‌تكۈزىدىغان خاتالىقنى ئۆتكۈزۈپ قويۇ‌شتىن قانداق ساقلىنالايسىز؟‏ (‏پە‌ند.‏ نە 22:‏3‏)‏.‏ كارى ئىسىملىك بىر قېرىنداش،‏ ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ياخشىراق قارار چىقىرىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ ئۇ پىشىپ يېتىلگە‌ن ئېتىقادچىلارنىڭ ھە‌ربىر ۋە‌زىيە‌ت ئۈچۈن قانۇ‌ن-‏قائىدىلە‌رگە مۇ‌ھتاج بولمايدىغانلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن ئىدى.‏ ئۇ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن پە‌قە‌ت قانۇ‌ن-‏قائىدىلە‌رگە ئە‌گىشىش ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى خۇ‌دانىڭ شۇ ۋە‌زىيە‌تكە قانداق كۆز قاراشتا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىم كېرە‌ك ئىدى».‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غاندا،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «بۇ ئۈزۈندە،‏ ماڭا يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشى ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئېيتىپ بېرىدۇ؟‏ ئوقۇ‌غانلىرىمدىن توغرا ئىش قىلىشىمغا ياردە‌م بېرىدىغان قانداق پرىنسىپلارنى تاپالايمە‌ن؟‏ شۇ پرىنسىپلارنى ئە‌مە‌لىي قوللانسام،‏ قانداق پايدىسىنى كۆرىمە‌ن؟‏» (‏زە‌بۇ‌ر 19:‏7؛‏ يە‌شايا 48:‏17،‏ 18‏)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭدىكى پرىنسىپلار ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان قارارلارنى چىقىرىش سىز ئۈچۈن ئاسان بولىدۇ.‏ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلە‌ۋاتقاندا،‏ ھە‌ربىر ۋە‌زىيە‌ت ئۈچۈن قانۇ‌ن-‏قائىدىگە مۇ‌ھتاج ئە‌مە‌سلىكىڭىزنى كۆرۈپ يېتىسز.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋانىڭ شۇ ۋە‌زىيە‌تكە بولغان كۆز قارىشىنى چۈشىنىسىز.‏

ياش قېرىنداش قانداق دوستلارنى تاللىدى؟‏ (‏13-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

13.‏ ياخشى دوستلار سىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 13:‏20‏)‏

13 يە‌ھۋانى سۆيىدىغانلارنى دوست تۇ‌تۇ‌ڭ.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىپ كە‌تكە‌ندە‌ك،‏ دوستلىرىڭىز ئىمان-‏ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىڭىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 13:‏20-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ خۇ‌شاللىقىنى يۈتۈرۈپ قويغان سارا ئىسىملىك بىر قېرىنداشنىڭ قايتا خۇ‌شاللىققا ئېرىشىشىگە دوستلىرى ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «دە‌ل مۇ‌ھتاج بولغان ۋاقتىمدا،‏ ياخشى دوستلارنى تاپتىم.‏ بىر ياش قېرىنداش بىلە‌ن ھە‌ر ھە‌پتە جە‌م بولۇ‌پ،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى»نى ئۆگە‌ندۇ‌ق.‏ يە‌نە بىر دوستىم،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا قول كۆتۈرۈپ ئوي-‏پىكىرلە‌رنى بايان قىلىشىمغا ياردە‌م بە‌ردى.‏ دوستلىرىمنىڭ تە‌سىرىدە مە‌ن ئە‌ستايىدىل شە‌خسىي ئۆگىنىش ۋە دۇ‌ئا قىلىشقا باشلىدىم.‏ نە‌تىجىدە،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىم تېخىمۇ كۈچىيىپ،‏ قايتا خۇ‌شاللىقنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم».‏

14.‏ جۇ‌لىئېن ياخشى دوستلارنى تېپىش ئۈچۈن نېمە قىلدى؟‏

14 سىزگە ياخشى تە‌سىر كۆرسىتىدىغان كىشىلە‌ر بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ ھازىر ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتقان جۇ‌لىئېن مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ياشراق ۋاقتىمدا،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تكە بىللە چىققانلار بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق ئورناتتىم.‏ بۇ دوستلار ئىنتايىن قىزغىن ئىدى.‏ ئۇ‌لار ماڭا ۋە‌ز خىزمە‌تنىڭ نە‌قە‌دە‌ر خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈشۈمگە ياردە‌م بە‌ردى.‏ مە‌ن تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شقا باشلىدىم.‏ مېنىڭ كۆپرە‌ك ياخشى دوستلىرىمنىڭ بولمىغانلىقىنىڭ بىر سە‌ۋە‌بى —‏ پە‌قە‌ت ئۆزۈم بىلە‌ن تە‌ڭ ياشتىكىلە‌ر بىلە‌ن ئارىلاشقان ئىدىم.‏ كېيىن،‏ بە‌يتە‌لدىكىلە‌ر ئارىسىدىنمۇ ياخشى دوستلارنى تاپتىم.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈلگىلىرى قانداق ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىشىمغا ۋە يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىمغا ياردە‌م بە‌ردى».‏

15.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تىموتىينى قانداق ئاگاھلاندۇ‌رغان؟‏ (‏2-‏تىموتىي 2:‏20–‏22‏)‏

15 ئە‌گە‌ر جامائە‌تتىكى بىرى بىلە‌ن ئارىلىشىش سىزنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىڭىزغا يامان تە‌سىر يە‌تكۈزىدىغانلىقىنى ھېس قىلسىڭىز،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ پاۋلۇ‌س بىرىنچى ئە‌سىردىكى جامائە‌تتە،‏ بە‌زى كىشىلە‌رنىڭ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە خاس كۆز قاراش ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تتە بولمايۋاتقانلىقىنى بىلگە‌چكە،‏ تىموتىينى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌لاردىن يىراق تۇ‌رۇ‌شنى ئېيتقان ‏(‏2-‏تىموتىي 2:‏20–‏22-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ بىز يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى قە‌دىرلە‌يمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھېچ‌كىمنىڭ ئاسماندىكى ئاتىمىز بىلە‌ن ئورناتقان دوستلۇ‌ق رىشتىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رۇ‌شىغا يول قويمايمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 26:‏4‏.‏

روھىي جە‌ھە‌تتىن ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدىغان مە‌قسە‌تلە‌ر

16.‏ قانداق مە‌قسە‌تلە‌رنى قويسىڭىز بولىدۇ؟‏

16 پايدىلىق مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ڭ.‏ ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتىپ،‏ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگە‌ن ئېتىقادچى بولۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرىدىغان مە‌قسە‌تلە‌رنى تاللاڭ (‏ئە‌فە‌س.‏ 3:‏16‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆگىنىشى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌ش ئادىتىڭىزنى ياخشىلاشنى قارار قىلسىڭىز بولىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏2،‏ 3‏)‏.‏ دۇ‌ئالىرىڭىزنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ،‏ پات-‏پات چىن قە‌لبىڭىزدىن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلسىڭىز بولىدۇ.‏ ياكى بولمىسا،‏ كۆڭۈل ئېچىشنى تاللاش ۋە ۋاقتىڭىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇ‌شىڭىزغا توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏15،‏ 16‏)‏.‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلە‌ش ئۈچۈن كۆپ تىرىشىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسە،‏ ئىنتايىن خۇ‌شال بولىدۇ.‏

ياش قېرىنداش ئالدىغا قانداق مە‌قسە‌تنى قويدى؟‏ (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

17.‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشنىڭ ئۆزىڭىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

17 باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش ئىمان-‏ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىڭىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بە‌رمە‌ك ئالماقتىنمۇ زور بە‌ختتۇ‌ر» (‏ئە‌لچى.‏ 20:‏35‏)‏.‏ ياشلىقىڭىزدا،‏ ئۆز كۈچىڭىزنى ۋە ۋاقتىڭىزنى ئىشلىتىپ باشقىلارغا ياردە‌م بە‌رسىڭىز،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشىسىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ جامائە‌تتىكى تېنى ئاجىزلارغا ياردە‌م قىلىش ئۈچۈن مە‌قسە‌تلە‌رنى قويسىڭىز بولىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ۋە ئە‌قىللىق تېلېفون ياكى كومپيۇ‌تېرنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز.‏ ئە‌گە‌ر بىر بۇ‌رادە‌ر بولسىڭىز،‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌ش ئۈچۈن مە‌قسە‌ت قويۇ‌ڭ.‏ شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپرە‌ك قېرىنداشلارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز (‏فىلىپى.‏ 2:‏4‏)‏.‏ سىز يە‌نە كىشىلە‌رگە پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋە‌رىنى ۋە‌ز قىلىش ئارقىلىق ئۇ‌لارغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى كۆرسىتە‌لە‌يسىز (‏مە‌تتا 9:‏36،‏ 37‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌مكىنچىلىكىڭىز بولسا،‏ تولۇ‌ق ۋاقىت خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شقا تىرىشىڭ.‏

18.‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتى يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشىڭىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

18 تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىش روھىي جە‌ھە‌تتىن پىشىپ يېتىلىشىڭىزگە يول ئاچىدۇ.‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتى پادىشاھلىق ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلىرىنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌شىڭىزغا مۇ‌مكىنچىلىك يارىتىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلالايسىز ياكى ئىبادە‌ت يىغىلىش زاللىرىنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شىغا قاتنىشالايسىز.‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىدىغان كايتلىن ئىسىملىك ياش قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «روھىي جە‌ھە‌تتىن پىشىپ يېتىلگە‌ن قېرىنداشلار بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىش چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىمغا ياردە‌م بە‌ردى.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈلگىلىرى مېنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى چوڭقۇ‌رراق تە‌تقىق قىلىپ،‏ تە‌لىم بېرىش ماھارىتىمنى ئاشۇ‌رۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلدى».‏

19.‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌نسېرى،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىسىز؟‏

19 روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌نسېرى،‏ نۇ‌رغۇ‌ن بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىسىز.‏ ياشلىقىڭىزدىكى كۈچىڭىزنى پايدىسىز مە‌قسە‌تلە‌رگە ئىسراپ قىلمايسىز (‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏17‏)‏.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك يە‌نە يامان قارارلارنى چىقىرىپ،‏ ئاچچىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تنى كۆرمە‌يسىز.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىق ۋە مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تكە ئېرىشىسىز (‏پە‌ند.‏ نە 16:‏3‏)‏.‏ سىزنىڭ ياخشى ئۈلگىڭىز ياش ۋە ياشانغان قېرىنداشلارنى رىغبە‌تلە‌ندۈرىدۇ (‏1-‏تىموت.‏ 4:‏12‏)‏.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌شال قىلىش ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شتىن كېلىدىغان تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك ۋە قانائە‌تنى ھېس قىلىسىز.‏—‏پە‌ند.‏ نە 23:‏15،‏ 16‏.‏

11-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلىش

a ياشلار سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ بارلىق خىزمە‌تچىلىرى شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ ئاشۇ يېڭى ئېتىقادچىلار چوقۇ‌م داۋاملىق روھىي جە‌ھە‌تتىن ئىلگىرىلىشى كېرە‌ك.‏ جامائە‌تتىكى ھە‌ممىمىز،‏ بولۇ‌پمۇ يېقىندا سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن ياشلار،‏ داۋاملىق روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈپ،‏ ئىمان-‏ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشى ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

b بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏