36-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋانىڭ خەلقى ھەققانىيلىقنى سۆيىدۇ
«ھەققانىيلىققا ئېچىرقىغان ۋە چاڭقىغان كىشىلەر بەختلىك، چۈنكى ئۇلار تويغۇزۇلىدۇ».—مەتتا 5:6.
46-ناخشا يەھۋا پادىشاھىمىز!
بۇ ماقالىدە a
1. يۈسۈپ قانداق سىناققا دۇچ كەلگەن ۋە ئۇ نېمە قىلدى؟
ياقۇپنىڭ ئوغلى يۈسۈپ قىيىن بىر سىناققا دۇچ كەلگەن. بىر ئايال ئۇنىڭغا: «مەن بىلەن ياتقىن»،— دېگەن. ئۇ خوجايىنى پوتىفارنىڭ ئايالى ئىدى. يۈسۈپ شۇ ئايالنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان. بۈگۈن بەزىلەر، «پوتىفار ئۆيدە يوق ئىدىغۇ، يۈسۈپ نېمە ئۈچۈن بۇ ئېزىقتۇرۇشنى رەت قىلدى؟»، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، يۈسۈپ شۇ ئائىلىدىكى قۇل ئىدى. ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلسا، ئۇ چوقۇم يۈسۈپنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتەتتى. شۇنداقتىمۇ، يۈسۈپ ئۇ ئايالنىڭ تەكرار-تەكرار قىلغان بېسىملىرىنى رەت قىلغان. نېمە ئۈچۈن؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن قانداقمۇ بۇنداق رەزىل ئىشنى قىلىپ، خۇداغا قارشى گۇناھ قىلىمەن؟»—يارىت. 39:7–12.
2. يۈسۈپ زىنا قىلىشنىڭ خۇداغا قارشى گۇناھ ئىكەنلىكىنى قانداق بىلگەن؟
2 يۈسۈپ زىنا قىلىشنىڭ خۇدانىڭ نەزىرىدە «ئېغىر گۇناھ» ئىكەنلىكىنى قانداق بىلگەن؟ «زىنا قىلمىغىن» دېگەن بۇيرۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋرات قانۇنىنى مۇسا پەيغەمبەر ئىككى يۈز يىلدىن كېيىن يازغان ئىدى (چىق. 20:14). شۇنداق بولسىمۇ، يۈسۈپ يەھۋانىڭ جىنسىي ئەخلاقسىزلىققا قانداق كۆزقاراشتا بولغانلىقىنى ئىنتايىن ياخشى بىلگەن. مەسىلەن، يۈسۈپ يەھۋانىڭ بىر ئەر بىلەن بىر ئايال ئوتتۇرىسىدا نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. يۈسۈپ بەلكىم، بۈيۈك مومىسى سارەنىڭ ئۆز ئېرىگە سادىق قېلىشىغا، يەھۋانىڭ ئىككى قېتىم ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ نومۇسىنى قوغدىغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئوخشاش ئۇسۇلدا، خۇدا ئىسھاقنىڭ ئايالى رەبەقانىمۇ قوغدىغان ئىدى (يارىت. 2:24؛ 12:14–20؛ 20:2–7؛ 26:6–11). يۈسۈپ ئاشۇ ئىش-ۋەقەلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىغاچ، ئۇ يەھۋانىڭ كۆزىدە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلگەن. يۈسۈپ يەھۋانى سۆيگەچكە، يەھۋانىڭ ھەققانىي ئۆلچىمىنىمۇ سۆيگەن ۋە ئۇنىڭغا ماس ياشاشنىمۇ قەتئىي قارار قىلغان.
3. بىز نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 سىز ھەقىقەتنى سۆيەمسىز؟ ئەلۋەتتە، شۇنداق قىلىسىز. بىراق، بىز ھەممىمىز نامۇكەممەل، ئەگەر دىققەت قىلمىساق، بۇ دۇنيانىڭ ھەققانىيلىققا بولغان كۆزقارىشى بىزگە ئاسانلا تەسىر قىلىدۇ (يەشايا 5:20؛ رىملىقلار 12:2). ھازىر ھەققانىيلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنى سۆيۈشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ئاندىن كېيىن، يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، قايسى ئۈچ قەدەمنى باسالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
ھەققانىيلىق دېگەن نېمە؟
4. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەققانىيلىق ھەققىدە قانداق خاتا كۆزقاراشقا ئىگە؟
4 كىشىلەر ھەققانىي ئادەم ھەققىدە ئويلىغاندا، دائىم تەكەببۇر، باشقىلارنى تەنقىد قىلىشقا ئامراق، ياكى ئۆزىنى باشقىلاردىن ياخشىراق دەپ قارايدىغان كىشىلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. بىراق، خۇدا شۇنداق مىجەز-خۇلقلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئەيسا يەر-يۈزىدە بولغاندا، ئۆز زامانىدىكى دىنىي يېتەكچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىيلىق ئۆلچەملىرىنى بەلگۈلىگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان (ۋەز 7:16؛ لۇقا 16:15). يەھۋا توغرا دېگەن ئىشنى قىلىدىغان ئادەم ھەرگىزمۇ ئۆزىنى باشقىلاردىن ياخشىراق دەپ ئويلىمايدۇ.
5. مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، ھەققانىيلىق دېگەن نېمە؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
5 ھەققانىيلىق گۈزەل بىر پەزىلەت. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ياراتقۇچى يەھۋانىڭ نەزەرىدە توغرا بولغان ئىشنى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا قوللىنىلغان ھەققانىيلىق دېگەن سۆز ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە، يەنى يەھۋا بېكىتكەن ئۆلچەملەرگە ماس ياشاشنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، يەھۋا سودىگەرلەرگە «توغرا بىر تارازا» ئىشلىتىشنى بۇيرىغان (تەكرار. قا 25:15). ئەسلى ئىبرانىي تىلىدىكى «توغرا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان، بۇ سۆزنى «ھەققانىي، ئادىل ياكى دۇرۇس» دەپمۇ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، خۇدانىڭ نەزەرىدە ھەققانىي بولۇشنى خالايدىغان مەسىھ ئەگەشكۈچىسى ئۆزىنىڭ بارلىق سودا-تىجارەت ئىشلىرىدا پۈتۈنلەي توغرا بولۇشى كېرەك. ھەققانىي كىشى يەنە ئادالەتنى سۆيىدۇ ۋە ناھەقچىلىكنى كۆرگەندە چىدىمايدۇ. ھەقىقىي ئادىل كىشى يەھۋانى پۈتۈنلەي خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ چىقارغان قارارلىرىغا يەھۋانىڭ قانداق كۆزقاراشتا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىدۇ.—كولوسى. 1:10.
6. نېمە ئۈچۈن يەھۋا بەلگىلىگەن ھەققانىيلىق ئۆلچەملىرىگە ئىشەنچ قىلالايمىز؟ (يەشايا 55:8، 9)
6 مۇقەددەس كىتاب يەھۋانى ھەققانىيلىقنىڭ مەنبەسى دەپ تەسۋىرلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ «ھەققانىيلىقنىڭ ماكانى»، دەپ ئاتالغان (يەرەم. 50:7). ياراتقۇچى بولۇش سۈپىتىدە، يەھۋا بىردىن-بىر نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە. بىز گۇناھكار ۋە نامۇكەممەل بولغاچقا، نېمە توغرا، نېمە خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيمىز. بىراق، يەھۋا مۇكەممەل، ئۇ نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ (پەند. نە 14:12؛ يەشايا 55:8، 9-نى ئوقۇڭ). شۇنداقتىمۇ، بىز خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغاچ، ئۇنىڭ ھەققانىيلىق ئۆلچەملىرىگە ماس ياشىيالايمىز (يارىت. 1:27). بىز شۇنداق ھايات كەچۈرۈشنى ياخشى كۆرىمىز. ئاسماندىكى ئاتىمىزغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز بىزنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئۇنى ئۈلگە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.—ئەفەس. 5:1.
7. نېمە ئۈچۈن بىز ئىشەنچىلىك ئۆلچەم قائىدىلەرگە مۇھتاج؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
7 بىز يەھۋانىڭ ھەققانىيلىق ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلساق، ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىمىز. بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، مۇنداق مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى. ئەگەر ھەربىر بانكا پۇلنىڭ قىممىتىنى ئۆزلىرى بېكىتسە ياكى ھەربىر قۇرۇلۇش شىركىتى ئۆز ئۆلچەملىرى بىلەن قۇرۇلۇش قىلسا، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. نەتىجىدە قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. دوختۇرلار ياكى سېسترالار ئېنىق بېكىتىلگەن داۋالاش ئۆلچەم-قائىدىلىرىگە بويسۇنمىسا، نەتىجىدە بېمار ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىزكى، ئىشەنچىلىك ئۆلچەم قائىدىلەرنىڭ قوغداش رولى بار. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ بەلگىلىگەن ھەق-ناھەق ئۆلچەملىرىمۇ بىزنى قوغدايدۇ.
8. ھەققانىيلىقنى سۆيگەنلەر قانداق بەرىكەتكە ئېرىشىدۇ؟
8 يەھۋا ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ياشاشقا تىرىشقانلارنى بەرىكەتلەيدۇ. ئۇ مۇنداق ۋەدە بېرىدۇ: «ھەققانىيلار يەر يۈزىگە ئىگە بولار، ئۇلار يەردە مەڭگۈ ياشار» (زەبۇر 37:29). ھەممە ئادەم يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىگە ماس ياشىغاندا، ئىنسانىيەتنىڭ قانداق ئىناق-ئىتتىپاق، تىنچ-خاتىرجەم، بەختلىك ياشايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ يەھۋا سىزنىڭ شۇنداق شاد-خۇرام ھايات كەچۈرۈشىڭىزنى خالايدۇ. شۇڭا، ھەربىرىمىزنىڭ ھەققانىيلىقنى سۆيۈشىگە يېتەرلىك سەۋەبلەر بار! ئۇنداقتا، ھەققانىيلىققا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى قانداق كۈچەيتەلەيمىز؟ ھازىر ئۈچ قەدەمنى مۇھاكىمە قىلىپ كۆرەيلى.
يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى كۈچەيتىڭ
9. ھەققانىيلىقنى سۆيۈشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
9 1-قەدەم: ئۆلچەملەرنى بەلگىلىگەن شەخسنى سۆيۈڭ. ھەققانىيلىقنى سۆيۈش ئۈچۈن، بىز ھەق-ناھەقلىق ئۆلچەملىرىنى بېكىتكەن شەخسكە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. يەھۋاغا بولغان سۆيگىمىز قانچە كۈچەيگەنسېرى، يەھۋانىڭ ھەققانىيلىق ئۆلچەملىرى بويىچە ياشاشقا تېخىمۇ تىرىشىمىز. مەسىلەن، ئەگەر ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا يەھۋانى سۆيگەن بولسا، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلمىغان بولاتتى.—يارىت. 3:1–6، 16–19.
10. ئىبراھىم يەھۋانىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى چۈشىنەلىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغان؟
10 بىز ئەلۋەتتە ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا ئۆتكۈزگەن ئوخشاش خاتالىقنى ئۆتكۈزۈشنى خالىمايمىز. ئەگەر يەھۋا ھەققىدە داۋاملىق بىلىم ئېلىپ، ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئوي-پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى چۈشىنىشكە تىرىشساق، شۇنداق ئاقىۋەتتىن ساقلىنالايمىز. شۇنداق قىلغىنىمىزدا، يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز چوقۇم كۈچىيىدۇ. ئىبراھىمنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ يەھۋانى چىن قەلبىدىن سۆيگەن ئىدى. ئىبراھىم ھەتتا يەھۋانىڭ چىقارغان قارارلارنى تولۇق چۈشەنمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلمىغان. ئەكسىچە، يەھۋا ھەققىدە تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنىشكە تىرىشقان. مەسىلەن، يەھۋانىڭ سودوم بىلەن گومورانى يوق قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلگەندە، ئىبراھىم دەسلەپتە «پۈتۈن زېمىننىڭ سوتچىسىنىڭ»، ھەققانىيلارنى رەزىللەر بىلەن قوشۇپ سۈپۈرۈپ تاشلىشىدىن قورققان ئىدى. ئىبراھىم بۇنى ئەقلىگە سىغمايدۇ دەپ قارىغاچقا، ئۇ كەمتەرلىك بىلەن يەھۋادىن قايتا-قايتا سوئاللارنى سورىغان. يەھۋا ئۇنىڭغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بەرگەن. ئاخىرىدا، ئىبراھىم يەھۋانىڭ ھەربىر ئىنساننىڭ يۈرىكىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ۋە بىگۇناھ كىشىنى گۇناھكار بىلەن قوشۇپ جازالىمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلىگەن.—يارىت. 18:20–32.
11. ئىبراھىم ئۆزىنىڭ يەھۋانى سۆيىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
11 يەھۋا بىلەن سودوم ۋە گومورا شەھەرلىرى ھەققىدە قىلغان سۆھبەت ئىبراھىمغا كۈچلۈك تەسىر قىلغان. شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇ ياراتقۇچىسىنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك ياخشى كۆرگەن ۋە ھۆرمەتلىگەن. بىرقانچە يىللاردىن كېيىن، ئىبراھىمنىڭ يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىسى ئېغىر سىناققا دۇچ كەلگەن. يەھۋا ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق، ئىبراھىم ھازىر خۇداسىنى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇغاچقا، بۇ قېتىم ئۇنىڭدىن ھېچقانداق سوئال سورىمىغان. ئىبراھىم پەقەت يەھۋا تەلەپ قىلغان ئىشنى قىلىشقا باشلىغان. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ قەلبى قانچىلىك ئازابلانغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ئىبراھىم چوقۇم يەھۋا توغرىسىدا ئۆگەنگەنلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانغان. ئۇ يەھۋانىڭ ھەرگىزمۇ ئادالەتسىزلىك ياكى رەھىم-شەپقەتسىزلىك قىلمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئەلچى پاۋلۇسنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئىبراھىم يەھۋانىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى ئىسھاقنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئويلانغان (ئىبرانىي. 11:17–19). ئاخىرىدا، يەھۋا ئىسھاقنى بىر مىللەتنىڭ ئاتىسى قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە بەرگەن. ئەمما، شۇ ۋاقىتتا ئىسھاقنىڭ تېخى بالىلىرى يوق ئىدى. ئىبراھىم يەھۋانى سۆيگەن، شۇڭا ئۇ ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. گەرچە قىيىن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسى، ئۇنى ئىتائەتچان بولۇشقا دەۋەت قىلغان.—يارىت. 22:1–12.
12. بىز ئىبراھىمنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ (زەبۇر 73:28)
12 ئىبراھىمنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ ئۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋا ھەققىدە داۋاملىق ئۆگىنىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغىنىمىزدا، يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ (زەبۇر 73:28-نى ئوقۇڭ). ۋىجدانىمىز تەربىيىلىنىپ، يەھۋانىڭ كۆزقارىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولىدۇ (ئىبرانىي. 5:14). نەتىجىدە، بىرەر كىشى بىزنى خاتا ئىش قىلىشقا ئازدۇرسا، بىز ئۇنى رەت قىلىمىز. بىز ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىشنى ئويلاشتىنمۇ يىرگىنىمىز. بىز ھەققانىيلىقنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى يەنە قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
13. ھەققانىيلىقنى ئىزدەش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ (پەندى-نەسىھەت 15:9)
13 2-قەدەم: ھەققانىيلىققا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەر كۈنى تىرىشىڭ. ئەگەر مۇسكۇللىرىمىزنى كۈچلەندۈرۈشنى خالىساق، ھەر كۈنى جاپالىق مەشىق قىلىشىمىز كېرەك. يەھۋانىڭ ھەققانىيلىق ئۆلچەملىرىگە بولغان سۆيگۈمىزنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بىز ئۈچۈن ئۇنداق قىلىش بەك قىيىن ئەمەس. يەھۋا غەرەز ئۇقىدىغان خۇدادۇر، ئۇ بىزدىن قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ (زەبۇر 103:14). مۇقەددەس كىتاب بىزگە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ھەققانىيلىقنى ئىزدىگەنلەرنى ياخشى كۆرەر» (پەندى-نەسىھەت 15:9-نى ئوقۇڭ). ئەگەر يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتا، بىر مەقسەتكە يېتىشكە تىرىشساق، ئاشۇ مەقسىتىمىزگە يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىمىز. ھەققانىي ئادەم بولۇش داۋاملىق بىزدىن كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ھەققانىي ئادەم بولۇپ يېتىلىشىمىزگە، يەھۋا سەۋرچانلىق بىلەن ياردەم بېرىدۇ.—زەبۇر 84:5، 7.
14. «ھەققانىيلىق ساۋۇتى» دېگەن نېمە ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇنى كىيىشىمىز مۇھىم؟
14 يەھۋا بىزگە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن، ھەققانىيلىقنىڭ يۈك ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىدۇ (1-يۇھاننا 5:3). ئەكسىچە، بىز ئۈچۈن ھەققانىيلىق ھىمايە، ھەر كۈنى ئۇنىڭغا مۇھتاج بولىمىز. ئەلچى پاۋلۇس تەسۋىرلىگەن جەڭ قوراللىرىنى ئەسلەپ كۆرۈڭ (ئەفەس. 6:14–18). قايسى قىسمى ئەسكەرنىڭ يۈرىكىنى قوغدىغان؟ بۇ كۆكسىگە تاقايدىغان «ھەققانىيلىق ساۋۇتى» بولۇپ، يەھۋانىڭ ھەققانىي ئۆلچەملىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. خۇددى ساۋۇت ئۇدۇل مەنىدىكى يۈرەكنى قوغدىغانغا ئوخشاش، يەھۋانىڭ ھەققانىيلىق ئۆلچەملىرى كۆچمە مەنىدىكى يۈرىكىڭىزنى، يەنى قەلبىڭىزدىكى ئوي-پىكىرىڭىزنى قوغدايدۇ. دېمەك، ئۈستىڭىزگە ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى كىيگەنلىكىڭىزگە كۆز يەتكۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم.—پەند. نە 4:23.
15. ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى ئۈستىڭىزگە قانداق كىيەلەيسىز؟
15 ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى ئۈستىڭىزگە قانداق كىيەلەيسىز؟ ھەر كۈنى تاللاشلارنى قىلغىنىڭىزدا، يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىنى ئويلاش ئارقىلىق شۇنداق قىلالايسىز. قانداق گەپلەرنى قىلىش، قايسى مۇزىكىنى ئاڭلاش، قانداق كۆڭۈل ئېچىش ياكى قانداق كىتابلارنى ئوقۇشنى قارار قىلغاندا، ئالدى بىلەن ئۆز-ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «ئۇ قەلبىمگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ بۇنىڭدىن يەھۋا خۇرسەن بولامدۇ؟ ئۇ يەھۋا ناھەق دەپ قارايدىغان ئىشلار، يەنى ئەخلاقسىزلىق، زوراۋانلىق، ئاچكۆزلۈك، شەخسىيەتچىلىكنى تەشۋىق قىلامدۇ؟» (فىلىپى. 4:8) ئەگەر چىقارغان قارارلىرىڭىز، يەھۋانىڭ ئىرادىسىگە ماس كەلسە، قەلبىڭىزنى يامان تەسىرلەردىن قوغداپ قالالايسىز.
16، 17. يەشايا 48:18-ئايەت بىزنى، يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىگە ماس مەڭگۈ ياشىيالايدىغانلىقىمىزغا قانداق ئىشەندۈرىدۇ؟
16 كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مەن يەھۋانىڭ ھەققانىيلىق ئۆلچەملىرىگە ماس ياشاشنى داۋاملاشتۇرالايمەنمۇ دەپ، غەم-ئەندىشە قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ يەھۋانىڭ يەشايا 48:18-ئايىتىدە قوللانغان بىر تەمسىلىنى كۆرۈپ باقايلى (ئوقۇڭ). يەھۋا ھەققانىيلىقىمىزنىڭ ئۆركەشلەپ تۇرغان «دېڭىز دولقۇنلىرىغا» ئوخشاش، بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئۆزىڭىزنى كەڭرى دېڭىز قىرغىقىدا تۇرۇپ، توختىماي قىرغاقلارغا ئۇرۇلۇۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرىغا قاراپ تۇرغان ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. شۇ دېڭىز دولقۇنلىرى بىر كۈنى توختاپ قالارمۇ، دەپ غەم قىلامسىز؟ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان دېڭىز ساھىلىدىكى دولقۇننىڭ ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقىنى بىلىسىز. ئۇلار چوقۇم داۋاملىق كېلىپ تۇرىدۇ.
17 ھەققانىيلىقىڭىز خۇددى ئاشۇ دېڭىز دولقۇنلىرىغا ئوخشاش بولالايدۇ! قانداق؟ سىز قارارلارنى چىقارغىنىڭىزدا، ئالدى بىلەن يەھۋانىڭ سىزدىن نېمە قىلىشىڭىزنى خالايدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. ئاندىن ھەرىكەت قىلىڭ. چىقىرىدىغان قارارىڭىز ھەرقانچە قىيىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مېھىر-شەپقەتلىك ئاسماندىكى ئاتىڭىز دائىم سىزگە كۈچ بېرىدۇ ۋە داۋاملىق ھەر كۈنى توغرا ئىش قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.—يەشايا 40:29–31.
18. نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشتىن يىراق تۇرىشىمىز كېرەك؟
18 3-قەدەم: ھۆكۈم قىلىشنى يەھۋانىڭ قولىغا تاپشۇرۇڭ. بىز يەھۋانىڭ ھەققانىي ئۆلچەملىرىگە ماس ياشاشقا تىرىشىۋاتقان بولساق، چوقۇم باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ، ئۆزىمىزنى ھەردائىم ئۇلاردىن ياخشىراق دەپ ئويلاشتىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك. باشقىلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقىمىز بار دەپ ئويلىماي، بەلكى يەھۋانىڭ «پۈتكۈل جاھاننىڭ ھاكىمى» ئىكەنلىكىنى ئەستە ساقلايمىز (يارىت. 18:25). يەھۋا بىزگە شۇنداق ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقىنى بەرمىگەن. ئەمەلىيەتتە، ئەيسا بىزگە بۇيرۇق بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «باشقىلارنى ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىڭلار، شۇندا سىلەرمۇ ھۆكۈمگە ئۇچرىمايسىلەر».—مەتتا 7:1 b.
19. يۈسۈپ يەھۋانىڭ ھۆكۈمىگە ئىشەنچ قىلىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
19 ھەققانىي كىشى يۈسۈپنىڭ مىسالىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ باقايلى. ئۇ باشقىلارنى ھەتتا ئۆزىگە يامان مۇئامىلە قىلغانلارنى ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلانغان. ئۇنىڭ ئۆز ئاكىلىرى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇنى قۇل ئورنىدا سېتىۋەتكەن ۋە دادىسىنى يۈسۈپنىڭ ئۆلگەنلىكىگە قايىل قىلغان. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، يۈسۈپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغان. شۇ چاغدا، ئۇ كۈچلۈك بىر ھۆكۈمران بولۇپ، ئاكىلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇلاردىن ئۆچ ئالالايتتى. يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى گەرچە ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىرىغا چىن كۆڭلىدىن پۇشايمان قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا يۈسۈپنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۆچ ئېلىشىدىن قورقاتتى. لېكىن، يۈسۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: «قورقماڭلار، مەن ھۆكۈم قىلىدىغان خۇدا ئەمەسقۇ؟» (يارىت. 37:18–20، 27، 28، 31–35؛ 50:15–21). يۈسۈپ كەمتەرلىك بىلەن، پەقەت يەھۋانىڭلا قېرىنداشلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
20، 21. ئۆزىمىزنى باشقىلارغا قارىغاندا، بەكرەك ھەققانىي دەپ ساناشتىن قانداق ساقلىنالايمىز؟
20 يۈسۈپكە ئوخشاش، بىزمۇ ھۆكۈم قىلىشنى يەھۋانىڭ قولىغا تاپشۇرىمىز. مەسىلەن، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى نېمە مەقسەتتە قىلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن پەرەز قىلمايمىز. بىز باشقىلارنىڭ قەلبىدە نېمە بارلىقىنى كۆرەلمەيمىز، پەقەت «ئىنساننىڭ نىيەتلىرىنى يەھۋا تەكشۈرەر» (پەند. نە 16:2). ئۇ مەدەنىيىتى ۋە كېلىپ چىقىشى پەرقلىق ئىنسانلارنى ياخشى كۆرىدۇ. يەھۋا بىزنى كىشىلەرگە كەڭ قورساق بولۇشىغا دەۋەت قىلىدۇ (2-كورىنت. 6:13). بىز بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ھۆكۈم قىلىشقا ئەمەس، چىن قەلبىمىزدىن سۆيۈشكە تىرىشىمىز.
21 ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنىلا ئەمەس، جامائەت سىرتىدىكى كىشىلەرنىمۇ ھۆكۈم قىلمايمىز (1-تىموت. 2:3، 4). «بۇ ئادەم ھەرگىزمۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايدۇ» دەپ، يەھۋا گۇۋاھچىسى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرامسىز؟ ياق، شۇنداق سۆزلەرنى قىلىش تەكەببۇرلۇق ۋە مەنمەنچىلىك بولىدۇ. يەھۋا يەنىلا «بارلىق ئىنسانلارنىڭ» توۋا قىلىشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت بېرىۋاتىدۇ (ئەلچى. 17:30). ھەردائىم شۇنى ئۇنتۇماڭكى، ئۆزىنى باشقىلاردىن بەكرەك ھەققانىي سانايدىغان كىشىلەر يەھۋانىڭ نەزەرىدە ھەققانىي ئەمەستۇر.
22. نېمە ئۈچۈن ھەققانىيلىقنى سۆيۈشنى قارار قىلدىڭىز؟
22 يەھۋانىڭ ھەققانىي ئۆلچەملىرىنى سۆيۈشتە، باشقىلارغا ئۈلگە بولايلى! شۇنداق قىلساق، كۆڭلىمىز خۇشال-خۇراملىققا تولۇپ، باشقىلارنىڭ بىزگە ۋە ياراتقۇچىمىزغا يېقىنلىشىشىغا ياردەم بېرەلەيمىز. داۋاملىق «ھەققانىيلىققا ئېچىرقىغان ۋە چاڭقىغان» كىشىلەردىن بولايلى (مەتتا 5:6). شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭكى، يەھۋا توغرا ئىش قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭىزغا نەزەر سالىدۇ ۋە دائىم ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىڭىزدىن خۇرسەن بولىدۇ. گەرچە بۇ دۇنيا بارغانسېرى ئادالەتسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، كۆڭلۈڭىزنى يېرىم قىلماڭ. شۇنى ئۇنتۇماڭكى، «يەھۋا ھەققانىيلارنى سۆيەر».—زەبۇر 146:8.
55-ناخشا سادىقلار كۆرەر مەڭگۈلۈك ھاياتنى
a بۇ رەزىل دۇنيادا ھەققانىي كىشىلەرنى تېپىش ئىنتايىن تەس. شۇنداقتىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان كىشىلەر ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىۋاتىدۇ. شەك-شۈبھىسىزكى، سىزمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدا. يەھۋا ھەققانىيلىقنى سۆيىدۇ. سىز يەھۋانى سۆيگەنلىكىڭىز ئۈچۈن، ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشنى تاللىدىڭىز. ھەققانىيلىقتىن ئىبارەت بۇ گۈزەل سۈپەتكە بولغان مۇھەببىتىمىزنى قانداق ئاشۇرالايمىز؟ بۇ ماقالىدە، ھەققانىيلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنى سۆيۈشنىڭ قانداق پايدىسى بارلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. بىز يەنە بۇ پەزىلەتنى تېخىمۇ سۆيۈش ئۈچۈن قانداق قەدەملەرنى باسالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b بەزىدە ئېغىر گۇناھ ۋە توۋا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئۈستىدە، جامائەت ئاقساقاللىرى ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك (1-كورىنت. 5:11؛ 6:5؛ ياقۇپ 5:14، 15). بىراق، ئۇلار ئۆزلىرى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە نېمە بارلىقىنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرى يەھۋا ئۈچۈن ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقىنى كەمتەرلىك بىلەن ئەستە ساقلايدۇ (2-تارىخ. 19:6-نى سېلىشتۇرۇڭ). ئۇلار ھۆكۈم چىقارغاندا، ئېھتىياتچانلىق بىلەن يەھۋانىڭ كۆزقارىشى، ئادىللىق ئۆلچەملىرى ۋە رەھىم-شەپقىتىگە ئاساسلىنىدۇ.