مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

33-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە نە‌زە‌ر سالىدۇ

يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە نە‌زە‌ر سالىدۇ

‏«مانا،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆزى ئۆزىدىن قورققانلارغا.‏.‏.‏ تىكىلگە‌ندۇ‌ر».‏—‏زە‌بۇ‌ر 33:‏18‏.‏

22-‏ناخشا يە‌ھۋا مېنىڭ پادىچىمدۇ‌ر

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا يە‌ھۋادىن ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشنى سورىغان؟‏

 ئۆلۈپ كېتىشتىن ئاۋۋالقى كېچىسى،‏ ئە‌يسا ئاسماندىكى ئاتىسىغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى قوغداشنى تىلىگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 17:‏15،‏ 20‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋا ھە‌ردائىم ئۆز خە‌لقىگە نە‌زە‌ر سېلىپ،‏ ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان ۋە قوغدىغان.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ شە‌يتاننىڭ دە‌ھشە‌تلىك قارشىلىقىغا دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىنى بىلە‌تتى.‏ ئۇ ئۇ‌لارنىڭ ئىبلىسنىڭ ۋە‌ھشىي ھۇ‌جۇ‌ملىرىغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج بولغانلىقىنىمۇ بىلە‌تتى.‏

2.‏ زە‌بۇ‌ر 33:‏18–‏20-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ نېمە ئۈچۈن قارشىلىقلاردىن قورقماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

2 شە‌يتاننىڭ قول ئاستىدىكى بۇ دۇ‌نيا بۈگۈنكى كۈندە ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە كۈچلۈك بېسىم قىلىۋاتىدۇ.‏ بىز كىشىنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرىدىغان،‏ ھە‌تتا يە‌ھۋاغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى سىنايدىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتىمىز.‏ بىراق،‏ بۇ ماقالىدە قورقۇ‌شىمىزنىڭ ھاجىتى يوقلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ يە‌ھۋا بىزگە نە‌زە‌ر سېلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ بىز دۇ‌چ كېلىۋاتقان قارشىلىقلارنى كۆرىدۇ ۋە ئۇ‌لارغا تاقابىل تۇ‌رۇ‌شىمىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىشكە ھە‌ر ۋاقىت تە‌ييار.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ كۆزى ئۇ‌نىڭدىن قورقىدىغانلارغا تىكىلگە‌نلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئىككى مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏—‏زە‌بۇ‌ر 33:‏18–‏20-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

ئۆزىڭىزنى يالغۇ‌ز ھېس قىلغاندا

3.‏ قاچان ئۆزىمىزنى يالغۇ‌ز ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

3 گە‌رچە جامائە‌تتە نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بولسىمۇ،‏ بە‌زىدە ئۆزىمىزنى يالغۇ‌ز ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ياشلار مە‌كتە‌پتىكى ساۋاقداشلىرى ئالدىدا ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ندە ياكى يېڭى جامائە‌تكە كۆچۈپ بارغاندا،‏ شۇ‌نداق يالغۇ‌زلۇ‌ق ھېس قىلىدۇ.‏ ئارىمىزدىكى بە‌زىلىرىمىزنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇ‌پ،‏ سە‌لبىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار بىلە‌ن بىزلا كۈرە‌ش قىلىۋاتىمىز دە‌پ ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ باشقىلارنىڭ بىزنى چۈشە‌نمە‌سلىكىدىن ئە‌نسىرە‌پ،‏ ئۇ‌لارغا ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىز ھە‌ققىدە ئېيتىپ بە‌رمە‌سلىكىمىز مۇ‌مكىن.‏ بە‌زى چاغلاردا،‏ ئۇ‌لار ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھېچكىم يوق دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ يالغۇ‌زلۇ‌ق ھېس قىلىشنىڭ سە‌ۋە‌بى قانداق بولۇ‌شتىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بۇ بىزنى ياردە‌مسىز ھېس قىلدۇ‌رۇ‌پ،‏ غە‌م-‏تە‌شۋىشكە چۈشۈرىدۇ.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئۆزىمىزنى يالغۇ‌ز ھېس قىلىشىمىزنى ھە‌رگىز خالىمايدۇ.‏ بۇ‌نى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

4.‏ نېمە ئۈچۈن ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌ر «مە‌نلا يالغۇ‌ز قالدىم» دېگە‌ن؟‏

4 ساداقە‌تمە‌ن كىشى ئىلياسنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئىزابېل ئۇ‌نى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى قە‌سە‌م قىلغاچ،‏ ئىلياس ئۆز جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قىرىق كۈن قېچىپ يۈرگە‌ن ئىدى (‏1-‏پادىشاھ.‏ 19:‏1–‏9‏)‏.‏ ئاخىرىدا،‏ ئۇ بىر تاغ ئۆڭكۈرىدە يە‌ھۋاغا شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «يالغۇ‌ز مە‌نلا قالدىم» (‏1-‏پادىشاھ.‏ 19:‏10‏)‏.‏ ئۇ يە‌ردە باشقا پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رمۇ بار ئىدى.‏ ئوبادىيا يۈز پە‌يغە‌مبە‌رنى قانخور ئىزابېلنىڭ قولىدىن قۇ‌تقۇ‌زغان (‏1-‏پادىشاھ.‏ 18:‏7،‏ 13‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئىلياس ئۆزىنى نېمە ئۈچۈن يالغۇ‌ز ھېس قىلغان؟‏ ئاشۇ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لغان پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنى ئۆلدى دە‌پ ئويلىغانمۇ؟‏ كارمىل تېغىدا يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ ھە‌ق خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن،‏ ئۇ ھېچكىم ئۆزى بىلە‌ن بىرلىكتە يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلمايدۇ دە‌پ ئويلىغانمۇ؟‏ ھېچكىم دۈشمە‌نلىرىمنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشكە ھە‌رىكە‌ت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمە‌يدۇ ۋە ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادە‌م يوق دە‌پ ئويلىغانمۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئۈزۈندىلە‌ر ئىلياسنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى ھە‌ققىدە تولۇ‌ق چۈشە‌ندۈرمىگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ شۇ‌نى ئېنىق بىلىمىزكى،‏ يە‌ھۋا ئىلياسنىڭ نېمە ئۈچۈن يالغۇ‌زلۇ‌ق ھېس قىلغانلىقىنى ۋە ئۇ‌نىڭغا قانداق ياردە‌م بېرىشنى ئېنىق بىلگە‌ن.‏

يالغۇ‌زلۇ‌ق ھېس قىلغىنىمىزدا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىلياسقا قىلغان ياردىمىدىن قانداق تە‌سە‌للىگە ئىگە بولالايمىز؟‏ (‏5،‏ 6-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

5.‏ يە‌ھۋا ئىلياسنىڭ ئۆزىنىڭ يالغۇ‌ز ئە‌مە‌سلىكىگە قانداق ئىشە‌ندۈرگە‌ن؟‏

5 يە‌ھۋا ئىلياسقا بىرقانچە قېتىم ياردە‌م قىلغان.‏ ئۇ ئۇ‌نى ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئىپادىلە‌شكە دە‌ۋە‌ت قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئىككى قېتىم مۇ‌نداق سورىغان:‏ «ئە‌ي ئىلياس،‏ بۇ يە‌ردە نېمە قىلىپ يۈرۈيسە‌ن؟‏» (‏1-‏پادىشاھ.‏ 19:‏9،‏ 13‏)‏.‏ ھە‌ر قېتىم ئىلياس ئىچ باغرىنى تۆككە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالغان.‏ ئۇ ئىلياسنىڭ يېنىدا تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۆز كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى ئاشكارىلاپ،‏ ئۇ‌نىڭغا جاۋاب قايتۇ‌رغان.‏ ئۇ يە‌نە ئىلياسنى ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارنىڭ بارلىقىغا ئىشە‌ندۈرگە‌ن (‏1-‏پادىشاھ.‏ 19:‏11،‏ 12،‏ 18‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئىلياس ئىچ باغرىنى يە‌ھۋاغا تۆكۈپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن جاۋاب ئالغاندىن كېيىن ئۆزىنى يېنىك ھېس قىلغان.‏ يە‌ھۋا ئىلياسقا بىرقانچە مۇ‌ھىم ۋە‌زىپىنى تاپشۇ‌رغان.‏ ئۇ‌نىڭغا ھازائېلنى سۈرىيە پادىشاھى،‏ يە‌ھۇ‌نى ئىسرائىل پادىشاھى،‏ ئېلىشانى پە‌يغە‌مبە‌ر سۈپىتىدە مە‌سىھ قىلىشنى ئېيتقان (‏1-‏پادىشاھ.‏ 19:‏15،‏ 16‏)‏.‏ ئىلياسقا بۇ ۋە‌زىپىلە‌رنى تاپشۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ ئىجابىي ئىشلارغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا يە‌نە ئېلىشا پە‌يغە‌مبە‌رنى ياردە‌مچى قىلىپ بە‌رگە‌ن.‏ سىز ئۆزىڭىزنى يالغۇ‌ز ھېس قىلغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە قانداق ئېرىشە‌لە‌يسىز؟‏

6.‏ يالغۇ‌زلۇ‌ق ھېس قىلغان چاغدا نېمىلە‌ر توغرىسىدا دۇ‌ئا قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 62:‏8‏)‏

6 يە‌ھۋا سىزنى ئۆزىگە دۇ‌ئا قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ سىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ تۇ‌رىدۇ ۋە ھە‌رقاچان دۇ‌ئالىرىڭىزغا قۇ‌لاق سالىدىغانلىقىغا كاپالە‌ت بېرىدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏17‏)‏.‏ ئۇ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنىڭ دۇ‌ئالىرىغا قۇ‌لاق سالىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 15:‏8‏)‏.‏ يالغۇ‌زلۇ‌ق ھېس قىلغان چاغلىرىڭىزدا،‏ ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌رگە ئوخشاش ئىچ باغرىڭىزنى يە‌ھۋاغا تۆكۈپ بېرىڭ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 62:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌نىڭغا غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىڭىزنى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ.‏ ئۆزىڭىزنى يالغۇ‌ز ياكى بىئارام ھېس قىلغاندا،‏ نېمە قىلىشىڭىزنى بىلىش ئۈچۈن يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مە‌كتە‌پتە گۇ‌ۋاھلىق بە‌رگە‌ندە يالغۇ‌ز ياكى قورقۇ‌نچ ھېس قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋادىن كۆزقاراشلىرىڭىزنى ئىپادىلە‌ش ئۈچۈن جاسارە‌ت بېرىشنى ئۆتۈنۈڭ.‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭدىن ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى پە‌م-‏پاراسە‌ت بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرۈش ئۈچۈن دانالىق سورىسىڭىز بولىدۇ (‏لۇ‌قا 21:‏14،‏ 15‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئۆزىڭىزنى چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ندە‌ك ھېس قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋادىن ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگە‌ن قېرىنداشلارغا ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى ئېيتىپ بېرىشىڭىزگە ياردە‌م قىلىشنى ئۆتۈنۈڭ.‏ سىز بىلە‌ن مۇ‌ڭداشقان قېرىنداشنىڭ سىزنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م قىلىشنى سورىسىڭىز بولىدۇ.‏ يە‌نە يە‌ھۋاغا يۈرە‌ك سۆزلىرىڭىزنى ئېيتىپ،‏ ئۇ‌نىڭ سىزگە قانداق جاۋاب قايتۇ‌رغانلىقىغا دىققە‌ت قىلىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلىڭ.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ئۆزىڭىزنى ئۇ‌نچە بە‌ك يالغۇ‌ز ھېس قىلمايسىز.‏

كۆپرە‌ك ۋە‌ز قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدە‌پ،‏ ئۇ‌لارنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىۋاتامسىز؟‏ (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

7.‏ مارېسىئونىڭ مىسالىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

7 يە‌ھۋا ھە‌ممىمىزگە ئىنتايىن ئە‌ھمىيە‌تلىك خىزمە‌تنى تاپشۇ‌رغان.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىڭكى،‏ ئۇ جامائە‌تتە تاپشۇ‌رۇ‌لغان بارلىق ئىشلارنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىڭىزغا نە‌زە‌ر سالىدۇ ۋە ئۇ‌نى قە‌دىرلە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 110:‏3‏)‏.‏ ئۆزىڭىزنى يالغۇ‌ز ھېس قىلغاندا،‏ سىزگە تاپشۇ‌رۇ‌لغان خىزمە‌ت بىلە‌ن ئالدىراش بولۇ‌ش سىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ مارېسىئو b ئىسىملىك بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ مارېسىئو چۆمۈلدۈرۈلۈپ كۆپ ۋاقىت ئۆتمە‌ي،‏ يېقىن دوستلىرىنىڭ بىرى ئاستا-‏ئاستا ھە‌قىقە‌تتىن يىراقلىشىپ كە‌تكە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏«مە‌ن دوستىمنىڭ يە‌ھۋانى تاشلاپ كە‌تكە‌نلىكىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۆزۈمگە بولغان ئىشە‌نچىمنى يوقاتتىم.‏ مە‌ن ئۆزۈمنى بېغىشلىغاندا بە‌رگە‌ن ۋە‌دە‌مگە سادىق بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىلماي قالالايمە‌نمۇ دە‌پ ئە‌نسىرىدىم.‏ مە‌ن ئۆزۈمنى يالغۇ‌ز ھېس قىلدىم ۋە مېنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمنى ھېچكىم چۈشە‌نمە‌يدۇ دە‌پ ئويلىدىم».‏ مارېسىئوغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «كۆپرە‌ك ۋە‌ز خىزمە‌تكە قاتناشتىم.‏ بۇ ئۆزۈم ھە‌ققىدە ئويلاشنى توختىتىپ،‏ سە‌لبىي ئوي-‏پىكىرلە‌ر ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارنى يېڭىشىمغا ياردە‌م بە‌ردى.‏ ۋە‌ز خىزمە‌تتە باشقىلار بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلغاندا،‏ خۇ‌شاللىق تاپىمە‌ن ۋە ئۆزۈمنى ئىلگىرىكىدە‌ك يالغۇ‌ز ھېس قىلمايمە‌ن.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھازىر قېرىنداشلار بىلە‌ن بىرلىكتە ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلالمايمىز.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن بىللە خە‌ت يېزىش ۋە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق گۇ‌ۋاھلىق بېرىپ،‏ بىر-‏بىرىمىزگە ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرە‌لە‌يمىز».‏ مارېسىئوغا يە‌نە نېمە ياردە‌م قىلغان؟‏ ئۇ يە‌نە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «جامائە‌تتە بېرىلگە‌ن تاپشۇ‌رۇ‌قلارغا پۈتۈن كۈچۈم بىلە‌ن تە‌ييارلىق قىلىشقا تىرىشتىم.‏ بۇ تاپشۇ‌رۇ‌قلار يە‌ھۋا ۋە قېرىنداشلارنىڭ مېنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇ‌ردى».‏

ئېغىر سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىپ ئۈمىدسىزلە‌نگە‌ندە

8.‏ ئېغىر سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۆزىمىزنى قانداق ھېس قىلىمىز؟‏

8 بىز بۇ ئاخىرقى كۈنلە‌ردە سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1‏)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ بە‌زى سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن چاغدا ھە‌يران قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ تۇ‌يۇ‌قسىز تۈرلۈك سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا ياكى ئېغىر كېسە‌لگە دۇ‌چار بولۇ‌شىمىز،‏ يېقىنلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌نداق چاغلاردا،‏ يە‌نى ئارقا-‏ئارقىدىن بىرقانچە سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لسە‌ك،‏ ھە‌تتا بىرنە‌چچە سىناقلارغا بىرلا ۋاقىتتا دۇ‌چ كە‌لسە‌ك،‏ ئۆزىمىزنى ئۈمىدسىز ۋە چۈشكۈن ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ يە‌ھۋا بېشىمىزدىن ئۆتكۈزىۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇ‌رىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ ياردىمىدە ھە‌رقانداق سىناقلارغا ئىشە‌نچ بىلە‌ن تاقابىل تۇ‌رالايمىز.‏

9.‏ ئايۇ‌پ دۇ‌چ كە‌لگە‌ن بە‌زى سىناقلارنى تە‌سۋىرلە‌پ بېرىڭ.‏

9 يە‌ھۋانىڭ ساداقە‌تمە‌ن كىشى ئايۇ‌پقا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە بىرقانچە ئازابلىق سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن.‏ بىر كۈننىڭ ئىچىدە،‏ ئايۇ‌پ بارلىق مال-‏چارۋىلىرى،‏ خىزمە‌تكارلىرى ۋە تېخىمۇ قايغۇ‌لۇ‌ق يېرى،‏ ھە‌ممىلا سۆيۈملۈك بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى (‏ئايۇ‌پ 1:‏13–‏19‏)‏.‏ ئايۇ‌پ قايغۇ-‏ئە‌لە‌م چېكىۋاتقان شۇ پە‌يتلە‌ردە،‏ يە‌نە ئېغىر كېسە‌لگە دۇ‌چار بولغان (‏ئايۇ‌پ 2:‏7‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌ھۋالى ئىنتايىن يامان بولغاچ،‏ ئايۇ‌پ شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن بۇ جاندىن تويدۇ‌م،‏ داۋاملىق ياشاشنى خالىمايمە‌ن».‏—‏ئايۇ‌پ 7:‏16‏.‏

يە‌ھۋا ئۆزى ياراتقان مە‌ۋجۇ‌داتلاردىن قانداق خە‌ۋە‌ر ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ،‏ ئايۇ‌پنى ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ۋە ئۇ‌نىڭغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرمە‌كچى بولغان (‏10-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

10.‏ يە‌ھۋا ئايۇ‌پنىڭ سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ (‏رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

10 يە‌ھۋا ئايۇ‌پنىڭ قانداق ئىشلارنى باشتىن كە‌چۈرۈۋاتقانلىقىغا نە‌زە‌ر سالغان.‏ ئۇ ئايۇ‌پنى ياخشى كۆرگە‌چ،‏ سىناقلاردا ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن ئىدى.‏ يە‌ھۋا ئايۇ‌پقا سۆز قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا چە‌كسىز دانالىقى ۋە ياراتقان مە‌ۋجۇ‌داتلىرىغا بولغان غە‌مخورلۇ‌قىنى ئە‌سلىتىپ ئۆتكە‌ن.‏ ئۇ نۇ‌رغۇ‌نلىغان ھايۋاناتلارنىڭ كىشىنى ھە‌يران قالدۇ‌رىدىغان قابىلىيە‌تلىرىنى تىلغا ئالغان (‏ئايۇ‌پ 38:‏1،‏ 2؛‏ 39:‏9،‏ 13،‏ 19،‏ 27؛‏ 40:‏15؛‏ 41:‏1،‏ 2‏)‏.‏ يە‌ھۋا يە‌نە ساداقە‌تمە‌ن كىشى ئېلىخۇ‌نى ئىشلىتىپ،‏ ئايۇ‌پقا كۈچ-‏مە‌دە‌ت ۋە تە‌سە‌للى بە‌رگە‌ن.‏ ئېلىخۇ ئايۇ‌پنى،‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌رقاچان ئۆزىگە ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن ئىبادە‌ت قىلغان خىزمە‌تچىلە‌رنى مۇ‌كاپاتلايدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈردى.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا يە‌نە ئېلىخۇ ئارقىلىق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن ئايۇ‌پقا نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ پۈتكۈل كائىناتنىڭ ياراتقۇ‌چىسى يە‌ھۋانىڭ نە‌قە‌دە‌ر ئۇ‌لۇ‌غلۇ‌قىنى ئايۇ‌پقا ئە‌سلىتىش ئارقىلىق،‏ ئۇ‌نىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە قارىتىشنى توختىتىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏ئايۇ‌پ 37:‏14‏)‏.‏ يە‌ھۋا يە‌نە ئايۇ‌پقا،‏ گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن ئۈچ دوستى ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىش ۋە‌زىپىسىنى تاپشۇ‌رغان.‏ (‏ئايۇ‌پ 42:‏8–‏10‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە ئېغىر سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا بىزنى قانداق قوللاپ قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ؟‏

11.‏ سىناقلارنى باشتىن كە‌چۈرگىنىمىزدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

11 يە‌ھۋا بىزگە ئايۇ‌پقا ئوخشاش بىۋاسىتە سۆزلىمە‌يدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق بىزگە سۆز قىلىدۇ (‏رىملىقلار 15:‏4‏)‏.‏ ئۇ بىزگە كە‌لگۈسى ئۈمىدنى بېرىپ،‏ كۆڭلىمىزنى تە‌سە‌للى تاپقۇ‌زىدۇ.‏ سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ بىزگە تە‌سە‌للى بېرە‌لە‌يدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بىرقانچە ئوي-‏پىكىرلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا يە‌ھۋا بىزگە شۇ‌نداق كاپالە‌ت بە‌رگە‌نكى،‏ ھېچنە‌رسە،‏ ھە‌تتا ئېغىر سىناقلارمۇ،‏ بىزنى ئۇ‌نىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن ئايرىيالمايدۇ (‏رىملىقلار 8:‏38،‏ 39‏)‏.‏ ئۇ يە‌نە بىزنى دۇ‌ئادا چىن دىلىدىن ئۇ‌نىڭغا يالۋۇ‌رغانلارغا يېقىن ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 145:‏18‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا تايانساق،‏ ھە‌رقانداق سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى،‏ ھە‌تتا خۇ‌شاللىق تاپىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 10:‏13؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏2،‏ 12‏)‏.‏ خۇ‌دا سۆزى بىزگە،‏ كېلە‌چە‌كتە ئۇ‌نىڭ ئاتا قىلىدىغان بە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغاندا،‏ ھازىرقى سىناقلىرىمىزنىڭ ۋاقىتلىق ئىكە‌نلىكىنى ئە‌سكە‌رتىدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏16–‏18‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزگە بارلىق سىناقلىرىمىزنىڭ يىلتىزى بولغان ئىبلىس شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭغا ئە‌گە‌شكە‌ن رە‌زىل كىشىلە‌رنى چوقۇ‌م يوق قىلىدىغىنى ۋە‌دە قىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏10‏)‏.‏ بۈگۈنكى سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشكە ياردە‌م بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئۈزۈندىلە‌رنى يادقا ئېلىۋالدىڭىزمۇ؟‏

12.‏ يە‌ھۋا بىزنى نېمە ئىش قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ ۋە شۇ‌نداق قىلساق،‏ ئۇ‌نىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

12 يە‌ھۋا بىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە ۋە ئوقۇ‌غانلىرىمىز ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۆگە‌نگە‌نلىرىمىزنى ھاياتىمىزدا ئە‌مە‌لىي قوللانساق،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ ۋە ئاسماندىكى ئاتىمىزغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز.‏ نە‌تىجىدە،‏ سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لىگۈدە‌ك كۈچىمىز بولىدۇ.‏ يە‌ھۋا يە‌نە ئۆز سۆزىگە تايانغانلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى بېرىدۇ.‏ بۇ روھ بىزنىڭ ھە‌رقانداق سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىز ئۈچۈن ئادە‌تتىن تاشقىرى كۈچىنى ئاتا قىلىدۇ.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏7–‏10‏.‏

13.‏ سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل تە‌مىنلىگە‌ن ئوزۇ‌قلۇ‌قلار سىناقلاردا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

13 يە‌ھۋانىڭ قولى بىلە‌ن پاراسە‌تلىك قۇ‌ل تە‌ييارلىغان كۆپلىگە‌ن ماقالىلە‌ر،‏ فىلىملە‌ر،‏ مۇ‌زىكىلار ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىشكە ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ يە‌ھۋا دە‌ل ۋاقتىدا تە‌مىنلە‌پ بېرىۋاتقان روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلاردىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئامېرىكىدىكى بىر قېرىنداش روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌ق ئۈچۈن ئۆز مىننە‌تدارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغان قىرىق يىل جە‌ريانىدا،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىم قايتا-‏قايتا سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لدى».‏ ئۇ ئېغىر سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ئىدى.‏ ھاراق ئىچىۋالغان شوپۇ‌ر قاتناش ۋە‌قە‌سى تۇ‌غدۇ‌رۇ‌پ،‏ بوۋىسى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن،‏ ئاتا-‏ئانىسى ئېغىر كېسە‌ل بولغان.‏ ئۇ ئۆزى ئىككى قېتىم راك كېسىلى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭ شۇ‌نداق ئېغىر سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا ماڭا ھە‌ردائىم كۆڭۈل بۆلۈپ كە‌لدى.‏ ئۇ سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل ئارقىلىق تە‌مىنلىگە‌ن روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلار،‏ مېنىڭ سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمگە ياردە‌م بە‌ردى.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ مە‌نمۇ ئۆزۈمنى ئايۇ‌پقا ئوخشاش ھېس قىلىمە‌ن».‏—‏ئايۇ‌پ 27:‏5‏.‏

جامائە‌تتە باشقىلارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏ (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

14.‏ سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگىنىمىزدە،‏ يە‌ھۋا ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى ئىشلىتىپ،‏ بىزنى قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ؟‏ (‏1-‏سالونىكالىقلار 4:‏9‏)‏

14 يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى قىيىن كۈنلە‌ردە بىر-‏بىرىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش ۋە تە‌سە‌للى بېرىشكە ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 1:‏3،‏ 4؛‏ 1-‏سالونىكالىقلار 4:‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ قېرىنداشلىرىمىز ئېلىخۇ‌نى ئۈلگە قىلىپ،‏ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگىنىمىزدە،‏ ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىشكە ھە‌رقاچان تە‌ييار تۇ‌رىدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 14:‏22‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دىئاننىڭ يولدىشى ئېغىر كېسە‌لگە دۇ‌چار بولغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ جامائىتىدىكىلە‌ر ئۇ‌نى قانداق ئىلھاملاندۇ‌رغانلىقى ۋە داۋاملىق يە‌ھۋاغا يېقىن ياشىشىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بېشىمىزغا ھە‌قىقە‌تە‌ن ئېغىر كۈن كە‌لگە‌ن ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئاشۇ قىيىن ئايلاردا،‏ يە‌ھۋانىڭ كۈچلۈك ۋە مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك قولىنى ھېس قىلدۇ‌ق.‏ جامائىتىمىز بىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن ئىشلارنى قىلدى.‏ قېرىنداشلار بىزنى يوقلاپ تۇ‌ردى،‏ تېلېفون قىلدى،‏ قۇ‌چاقلاپ تە‌سە‌للى بە‌ردى.‏ مە‌ن ماشىنا ھە‌يدىمىگە‌چ،‏ ئۇ‌لار مېنىڭ يىغىلىشلارغا بارالىشىمغا ۋە ئىمكانىيىتىم بولغاندا ۋە‌ز خىزمە‌تكە چىقالىشىمغا كاپالە‌تلىك قىلدى.‏ قېرىنداشلارنىڭ كۆرسە‌تكە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى شۇ ئېغىر كۈنلە‌ردە بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بە‌ردى».‏ بۇ‌نداق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان روھىي ئائىلىنىڭ ئە‌زاسى بولۇ‌ش ھە‌قىقە‌تە‌ن كىشىنى ئىنتايىن خۇ‌شال قىلىدۇ!‏

يە‌ھۋانىڭ غە‌مخورلۇ‌قى ئۈچۈن مىننە‌تدار بولۇ‌ڭ

15.‏ نېمە ئۈچۈن قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇ‌رالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز؟‏

15 ھە‌ممىمىز مۇ‌نداق ياكى ئۇ‌نداق سىناققا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ بىراق،‏ ئۆگىنىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ بىز سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ھە‌رگىزمۇ يالغۇ‌ز ئە‌مە‌س.‏ خۇ‌ددى كۆيۈمچان ئاتىغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا ھە‌ردائىم بىزگە نە‌زە‌ر سالىدۇ ۋە يېنىمىزدا تۇ‌رۇ‌پ،‏ ياردە‌م سوراپ قىلغان دۇ‌ئالىرىمىزغا قۇ‌لاق سېلىشقا ۋە بىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌شكە ھە‌رقاچان تە‌ييار تۇ‌رىدۇ (‏يە‌شايا 43:‏2‏)‏.‏ قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇ‌رالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.‏ چۈنكى،‏ ئۇ بە‌رداشلىق بېرە‌لىشىمىز ئۈچۈن،‏ بىز مۇ‌ھتاج بولىدىغان بارلىق نە‌رسىلە‌رنى سېخىيلىق بىلە‌ن تە‌مىنلە‌پ بېرىۋاتىدۇ.‏ ئۇ بىزگە دۇ‌ئا قىلىش سوۋغىسىنى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى،‏ مول روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلارنى ۋە مۇ‌ھتاجلىقتا قالغان چاغلاردا ياردە‌م قولىنى سۇ‌نىدىغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان قېرىنداشلارنى بە‌رگە‌ن.‏

16.‏ مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك خۇ‌دايىمىزنىڭ قانىتى ئاستىدا ياشاش ئۈچۈن،‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

16 بىزگە نە‌زە‌ر سېلىپ،‏ غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغان ئاسماندىكى ئاتىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مىننە‌تدارمىز!‏ «يۈرىكىمىز شادلىققا تولار!‏» (‏زە‌بۇ‌ر 33:‏21‏)‏.‏ يە‌ھۋا تە‌مىنلە‌پ بېرىۋاتقان بارلىق نە‌رسىلە‌ردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق،‏ ئۇ‌نىڭ مېھىر-‏شە‌پقە‌ت بىلە‌ن كۆرسە‌تكە‌ن غە‌مخورلۇ‌قىغا مىننە‌تدار ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ بىز يە‌نە خۇ‌دانىڭ قانىتى ئاستىدا ياشاش ئۈچۈن ئۆز مە‌سئۇ‌لىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن يە‌ھۋاغا ئىتائە‌ت قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ كۆزىدە توغرا بولغان ئىشلارنى قىلىشىمىز لازىم.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ كۆزلىرى مە‌ڭگۈ بىزدە بولىدۇ.‏—‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏12‏.‏

51-‏ناخشا يېپىش چىڭ يە‌ھۋاغا!‏

a بۈگۈنكى كۈندە دۇ‌چ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج.‏ بۇ ماقالە يە‌ھۋانىڭ ئۆز خە‌لقىگە نە‌زە‌ر سېلىپ،‏ ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە بىزنى دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ ھە‌ربىرىمىز دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قىيىنچىلىقلارغا نە‌زە‌ر سېلىپ،‏ ئاشۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن كېرە‌كلىك ياردە‌م بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ.‏

b بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏