مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

34-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«ھە‌قىقە‌ت يولىدا» مېڭىڭلار

‏«ھە‌قىقە‌ت يولىدا» مېڭىڭلار

‏«ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭى[ڭلار]».‏—‏3-‏يۇ‌ھاننا 4‏.‏

28-‏ناخشا يېڭى ناخشا

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغانلىقىمىز ھە‌ققىدە پاراڭلىشىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

 شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ «سىز ھە‌قىقە‌تنى قانداق تونۇ‌دىڭىز؟‏» دېگە‌ن سوئالغا نۇ‌رغۇ‌ن قېتىم جاۋاب بە‌ردىڭىز.‏ چۈنكى،‏ بۇ قېرىنداشلار تونۇ‌شقان ۋاقىتتا بىرىنچى بولۇ‌پ سورايدىغان سوئاللاردىن بىرى.‏ بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شنى تاللىغانلىقىنى ئاڭلاشنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ ھە‌قىقە‌تنى نېمە ئۈچۈن ياخشى كۆرگە‌نلىكىمىزنى ئېيتىپ بېرىشنى ياخشى كۆرۈمىز (‏رىملىقلار 1:‏11‏)‏.‏ شۇ‌نداق سۆھبە‌تلە‌ر ھە‌قىقە‌تنىڭ نە‌قە‌دە‌ر مۇ‌ھىملىقىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.‏ بىزنىڭ يە‌نە «ھە‌قىقە‌ت يولىدا» مېڭىش ئىرادىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ،‏ يە‌نى يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىپ،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز.‏—‏3-‏يۇ‌ھاننا 4‏.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

2 بۇ ماقالىدە،‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌قىقە‌تنى سۆيىدىغانلىقىمىزنىڭ بە‌زى سە‌ۋە‌بلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئاندىن كېيىن،‏ بۇ قىممە‌تلىك سوۋغاتنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى داۋاملىق كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈمىز.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ بۇ‌لارنى كۆرۈپ چىقىش يە‌ھۋانىڭ بىزنى ھە‌قىقە‌تكە جە‌لپ قىلغانلىقىغا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇ‌رىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 6:‏44‏)‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ باشقىلارغا ھە‌قىقە‌ت توغرىسىدا ئېيتىش ئارزۇ-‏ئىستىكىمىزنىمۇ كۈچە‌يتىدۇ.‏

ھە‌قىقە‌تنى نېمە ئۈچۈن سۆيىمىز؟‏

3.‏ ھە‌قىقە‌تنى ياخشى كۆرۈشىمىزدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌ب نېمە؟‏

3 ھە‌قىقە‌تنى سۆيۈشىمىز ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن سە‌ۋە‌بلە‌ر بار.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ھە‌قىقە‌تنىڭ مە‌نبە‌سى بولغان يە‌ھۋا خۇ‌دانى سۆيىمىز.‏ ئۇ‌نىڭ سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق،‏ بىز ئۇ‌نىڭ ئاسمان-‏زېمىننىڭ ھە‌ممىگە قادىر ياراتقۇ‌چىسى ئىكە‌نلىكىنىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ئاسماندىكى ئاتىمىز ئىكە‌نلىكىنى ۋە بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇ‌ق (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏7‏)‏.‏ بىز بىلىمىزكى،‏ خۇ‌دايىمىز «مېھرىبان ۋە رە‌ھىمدىل،‏ ئاسانلىقچە غە‌زە‌پلە‌نمە‌يدىغان،‏ سادىق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە ھە‌قىقىتى مول خۇ‌دادۇ‌ر» (‏چىق.‏ 34:‏6‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئادالە‌تنى سۆيىدۇ (‏يە‌شايا 61:‏8‏)‏.‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولىدۇ،‏ شۇ‌ڭلاشقا ئۇ بارلىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى يوق قىلىدىغان ۋاقىت-‏سائە‌تنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتىۋاتىدۇ (‏يە‌رە‌م.‏ 29:‏11‏)‏.‏ بىزمۇ ئاشۇ ۋاقىتنى تۆت كۆزۈمىز بىلە‌ن كۈتىۋاتىمىز!‏ بۇ يە‌ھۋانى شۇ‌نچە ياخشى كۆرۈشىمىزنىڭ يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بى!‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى نېمىگە ئوخشاش؟‏ لە‌ڭگە‌ر

لە‌ڭگە‌ر كېمىنى مۇ‌قىم قىلغاندە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان ئۈمىدىمىز سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگىنىمىزدە بىزنى كۈچلە‌ندۈرە‌لە‌يدۇ.‏ ھە‌قىقە‌ت بىزنى كە‌لگۈسىگە بولغان ئۈمىدىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق باشقىلارغا ئېيتىشقا ئۈندە‌يدۇ (‏4–‏7-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

4،‏ 5.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۈمىدىمىزنى لە‌ڭگە‌ر بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان؟‏

4 ھە‌قىقە‌تنى سۆيىشىمىزنىڭ يە‌نە باشقا بىر سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏ ھە‌قىقە‌تنىڭ بىز ئۈچۈن پايدىسى كۆپ.‏ بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ھە‌قىقە‌ت كە‌لگۈسىگە بولغان ئۈمىدىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ بۇ ئۈمىدنىڭ قانچىلىك مۇ‌ھىملىقىنى چۈشە‌ندۈرۈش ئۈچۈن ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «بۇ ئۈمىد ھاياتىمىز ئۈچۈن خۇ‌ددى كېمە لە‌ڭگىرىدە‌ك ئىشە‌نچىلىك ۋە مۇ‌ستە‌ھكە‌مدۇ‌ر» (‏ئىبرانىي.‏ 6:‏19‏)‏.‏ لە‌ڭگە‌ر كېمىنى دېڭىز دولقۇ‌نلىرىدا مۇ‌قىم تۇ‌تقانغا ئوخشاش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان ئۈمىدىمىز ھاياتتىكى تۈرلۈك سىناقلاردا بىزنىڭ مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

5 بۇ ئايە‌تتە پاۋلۇ‌س مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ ئۈمىدى ھە‌ققىدە سۆز قىلغان ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزى يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگىمۇ ماس كېلىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16‏)‏.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىق ئۈمىدى ھە‌ققىدە ئۆگىنىش ھاياتىمىزنى تېخىمۇ ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە قىلىدۇ.‏

6،‏ 7.‏ ئېۋون كە‌لگۈسى توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنىشنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرگە‌ن؟‏

6 ئېۋون ئىسىملىك بىر قېرىنداشنىڭ كە‌چۈرمىشىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئائىلىسىدە چوڭ بولمىغاچ،‏ كىچىك ۋاقتىدا ئۆلۈمدىن بە‌ك قورققان.‏ ئۇ ئوقۇ‌غان بىر جۈملە،‏ يە‌نى «ھامان بىر كۈنى ھە‌ممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز» دېگە‌ن سۆزلە‌ر،‏ ئۇ‌نىڭ ئوي-‏خىيالىدىن كە‌تمە‌يتتى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاشۇ سۆزلە‌ر كېچە-‏كۈندۈز ئوي-‏خىيالىمدىن كە‌تمە‌يتتى.‏ كېچىلىرى ئويغىنىپ،‏ كېلە‌چىكىم ھە‌ققىدە ئويلىناتتىم.‏ نېمە ئۈچۈن بىز قىسقىلا ۋاقىت ياشاپ،‏ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە ئويلايتتىم.‏ مە‌ن نېمە ئۈچۈن دۇ‌نياغا كە‌لگە‌نلىكىمىزنى چۈشە‌نمە‌يتتىم،‏ بىراق ئۆلۈپ كېتىشنى خالىمايتتىم».‏

7 ئېۋون كېيىنرە‌ك يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن كۆرۈشكە‌ن.‏ ئۇ شۇ چاغدا تېخى ئۆسمۈر ئىدى.‏ ئۇ ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنىشنىڭ پايدىسى ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن يە‌ر-‏يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بارلىقىغا ئىشىنىشكە باشلىدىم.‏ يە‌نە كېلە‌چىكىم ۋە ئۆلۈمدىن قورقۇ‌پ،‏ كېچىدە ئويغىنىپ كە‌تمە‌يمە‌ن».‏ تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرسىڭىز،‏ ھە‌قىقە‌ت ئېۋون ئۈچۈن ئىنتايىن قىممە‌تلىك بولغان.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ كە‌لگۈسىگە بولغان ئۈمىدى ھە‌ققىدە باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىشتىن تولىمۇ خۇ‌شاللىق تاپىدۇ.‏—‏1-‏تىموت.‏ 4:‏16‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى نېمىگە ئوخشاش؟‏ خە‌زىنە

ھازىر ۋە كە‌لگۈسىدە،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا،‏ يە‌ھۋاغا مە‌ڭگۈ خىزمە‌ت قىلىش شان-‏شە‌رىپىگە ئېرىشىش بىر خە‌زىنىگە ئوخشايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ھە‌رقانداق قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىشكە ئە‌رزىيدۇ (‏8–‏11-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

8،‏ 9.‏ (‏1)‏ ئە‌يسانىڭ تە‌مسىلىدە بىر كىشى قىممە‌تلىك خە‌زىنىنى تاپقاندا،‏ نېمە ئىشلارنى قىلغان؟‏ (‏2)‏ ھە‌قىقە‌ت سىز ئۈچۈن قانچىلىك قىممە‌تلىك؟‏

8 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌ت يە‌نە خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ ئە‌يسا شۇ پادىشاھلىق توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى يوشۇ‌رۇ‌ن بىر خە‌زىنىگە سېلىشتۇ‌رغان.‏ مە‌تتا 13:‏44-‏ئايە‌تتە ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئاسمان پادىشاھلىقى ئېتىزدا يوشۇ‌رۇ‌لغان بىر خە‌زىنىگە ئوخشايدۇ.‏ بىر ئادە‌م ئۇ‌نى تېپىۋالدى ۋە قايتا كۆمۈپ قويدى؛‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام قايتىپ،‏ بارچە مال-‏مۈلۈكىنى ساتتى ۋە ئاشۇ ئېتىزنى سېتىۋالدى.‏» دىققە‌ت قىلسىڭىز،‏ شۇ كىشى خە‌زىنىنى ئىزدىمىگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئۇ ئۇ‌نى تاپقاندا،‏ شۇ‌نىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ قۇ‌ربانلىقلارنى بە‌رگە‌ن،‏ يە‌نى ئۆزىنىڭ بارچە مال-‏مۈلكىنى ساتقان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ ئۇ بۇ خە‌زىنىنىڭ نە‌قە‌دە‌ر قىممە‌تلىك ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏

9 ھە‌قىقە‌ت ھە‌رقانداق نە‌رسىدىن ۋاز كېچىشكە ئە‌رزىيدۇ دە‌پ قارىغان ئىدى.‏ ئۇ سىز ئۈچۈنمۇ شۇ‌نداق قە‌دىر-‏قىممە‌تلىكمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە!‏ بىلىمىزكى،‏ بۇ دۇ‌نيا بىزگە بېرىدىغان ھە‌رقانداق نە‌رسە،‏ ھازىر يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىپ ئېرىشكە‌ن خۇ‌شاللىقىمىزنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئە‌رزىمە‌يدۇ.‏ چۈنكى،‏ بىزنىڭ خۇ‌دا پادىشاھلىقنىڭ باشقۇ‌رۇ‌شى ئاستىدىكى كە‌لگۈسى يېڭى دۇ‌نيادا مە‌ڭگۈلۈك ھايات كە‌چۈرۈش ئۈمىدىمىز بار.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌ش شان-‏شە‌رىپىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھە‌رقانداق قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىشىمىزگە ئە‌رزىيدۇ.‏ بىزنىڭ ئە‌ڭ زور خۇ‌شاللىقىمىز ياراتقۇ‌چىمىزنى تولۇ‌ق رازى قىلىشتۇ‌ر.‏—‏كولوسى.‏ 1:‏10‏.‏

10،‏ 11.‏ مايكىلنى ھاياتىدا شۇ‌نچە چوڭ ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىشقا نېمە دە‌ۋە‌ت قىلغان؟‏

10 نۇ‌رغۇ‌نلىرىمىز يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ قۇ‌ربانلىقلارنى بە‌ردۇ‌ق.‏ بە‌زىلە‌ر بۇ دۇ‌نيادىكى ھە‌ممە ئادە‌م ھە‌ۋە‌س قىلىدىغان كە‌سىپلە‌ردىن ۋاز كە‌چتى.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر كۆپرە‌ك پۇ‌ل تېپىپ،‏ بايلىق توپلاشنى رە‌ت قىلدى.‏ باشقىلار يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆگە‌نگە‌ندىن كېيىن ھاياتىنى پۈتۈنلە‌ي ئۆزگە‌رتتى.‏ مايكىل ئىسىملىك بىر بۇ‌رادە‌رمۇ شۇ‌نداق قىلغان.‏ ئۇ ھە‌قىقە‌تتە چوڭ بولمىغان.‏ ياش ۋاقتىدا ئۇ‌رۇ‌شۇ‌ش ماھارىتىنى ئۆگە‌نگە‌نىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئۆزۈمنى جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن كۈچلە‌ندۈرۈشنى ئىنتايىن مۇ‌ھىم دە‌پ ئويلىغان.‏ بە‌زىدە ئۆزۈمنى ھېچكىمگە يېڭىلمە‌يدىغاندە‌ك ھېس قىلاتتىم».‏ ئە‌مما،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ زوراۋانلىققا قانداق كۆزقاراشتا ئىكە‌نلىكىنى بىلدى (‏زە‌بۇ‌ر 11:‏5‏)‏.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگە‌ن ئە‌ر-‏ئايال ھېچقاچان ماڭا ئۇ‌رۇ‌شۇ‌ش ماھارىتىدىن ۋاز كېچىشىم كېرە‌كلىكىنى ئېيتمىدى،‏ ئە‌كسىچە داۋاملىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌تتى».‏

11 مايكىل يە‌ھۋا توغرىسىدا قانچە كۆپ ئۆگە‌نگە‌نسېرى،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى شۇ‌نچە كۈچە‌يگە‌ن.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىدىن بە‌كمۇ تە‌سىرلە‌نگە‌ن.‏ ۋاقتى كە‌لگە‌ندە مايكىل ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن قارار چىقىرىشى كېرە‌كلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏ «مە‌ن ئە‌ركىن مۇ‌شتلىشىش كە‌سىپىدىن ۋاز كېچىشىم كېرە‌كلىكىنى بىلدىم،‏ بۇ مە‌ن ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن بىر ئىش بولدى.‏ ئە‌مما،‏ مە‌ن شۇ‌نداق قىلسام،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغانلىقىمنى بىلە‌تتىم.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ھە‌رقانداق قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىشكە ئە‌رزىيدىغانلىقىغا ئىشىنە‌تتىم».‏ مايكىل ئۆزى تاپقان ھە‌قىقە‌تنىڭ نە‌قە‌دە‌ر قىممە‌تلىك ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ھە‌قىقە‌تنى قە‌دىرلە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان مىننە‌تدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھاياتىدا زور ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلغان.‏—‏ياقۇ‌پ 1:‏25‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى نېمىگە ئوخشاش؟‏ چىراق

كۈچلۈك چىراق نۇ‌رى بىزنىڭ قاراڭغۇ‌لۇ‌قتا يول تېپىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئوخشاشلا،‏ شە‌يتاننىڭ بۇ قاراڭغۇ دۇ‌نياسىدا،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى بىزگە قانداق يول تېپىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ (‏12،‏ 13-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

12،‏ 13.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى مايلىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

12 ھە‌قىقە‌تنىڭ قە‌دىر-‏قىممىتىنى تە‌كىتلە‌ش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقە‌تنى قاراڭغۇ‌لۇ‌قنى يورۇ‌تىدىغان چىراق بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏105؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 5:‏8‏)‏.‏ ئە‌زە‌ربە‌يجاندا پە‌رقلىق دىندىكى ئائىلىدە چوڭ بولغان مايلى خۇ‌دا سۆزىدىن ئۆگە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌تكە چوڭقۇ‌ر مىننە‌تدارلىقىنى بىلدۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ دادىسى مۇ‌سۇ‌لمان،‏ ئانىسى يە‌ھۇ‌دىي بولغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ھېچقاچان خۇ‌دانىڭ مە‌ۋجۇ‌تلىقىدىن گۇ‌مانلانمىغان،‏ شۇ‌نداقتىمۇ مېنى قايمۇ‌قتۇ‌رىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن سوئاللار بار ئىدى.‏ مە‌ن ئۆز-‏ئۆزۈمدىن شۇ‌نداق سورايتتىم:‏ خۇ‌دا ئىنسانلارنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟‏ نېمە ئۈچۈن بىر ئادە‌م پۈتۈن ھاياتىدا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىپ،‏ ئۆلگە‌ندىن كېيىن يە‌نە دوزاخ ئوتىدا قىينىلىدۇ؟‏ يە‌نە ئادە‌ملە‌ر يۈز بە‌رگە‌ن ئىشلارنىڭ ھە‌ممىسىنى خۇ‌دا ئالدىن پېشانىسىگە يېزىپ قويغان دېگە‌چكە،‏ مە‌ن خۇ‌دا ئىنسانلارنى كونترول قىلىپ،‏ كېيىن ئۆزى ئۇ‌لارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌ككىنىنى كۆرۈپ ھۇ‌زۇ‌رلىنامدۇ؟‏—‏ دە‌پ ئويلايتتىم».‏

13 مايلى ئۆزىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب تېپىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏ ئۇ ۋاقتى كە‌لگە‌ندە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى باشلاپ،‏ ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قايىل قىلارلىق ھە‌قىقىتى ھاياتقا بولغان كۆزقارىشىمنى پۈتۈنلە‌ي ئۆزگە‌رتتى.‏ خۇ‌دا سۆزى ئارقىلىق تاپقان ئىشە‌نچىلىك جاۋابلار كۆڭلۈمنى تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىككە ئېرىشتۈردى».‏ مايلىغا ئوخشاش،‏ ھە‌ممىمىز قاراڭغۇ‌لۇ‌قتىن بىزنى ئۆز پارلاق يورۇ‌قلۇ‌قىغا چىقارغان ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌يمىز.‏—‏1-‏پېترۇ‌س 2:‏9‏.‏

14.‏ ھە‌قىقە‌تكە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز؟‏ (‏«‏ قوشۇ‌مچە سېلىشتۇ‌رۇ‌ش‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ.‏)‏

14 بۇ ھە‌قىقە‌تنى قە‌دىرلىگە‌نلە‌رنىڭ پە‌قە‌ت بىرقانچە مىسالى.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ سىزمۇ نۇ‌رغۇ‌ن شۇ‌نداق كىشىلە‌رنى بىلىسىز.‏ ھە‌قىقە‌تنى سۆيۈشنىڭ يە‌نە باشقا سە‌ۋە‌بلىرىنى تېپىش ئۈچۈن شە‌خسىي ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.‏ ھە‌قىقە‌تكە بولغان سۆيگۈمىزنى كۆرسىتىشنىڭ باشقىمۇ يوللىرىنىمۇ تاپالايمىز.‏

ھە‌قىقە‌تنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز

15.‏ ھە‌قىقە‌تنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ بىر يولى قايسى؟‏

15 بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە ئۇ‌نىڭغا ئاساسلانغان نە‌شرىي ماتېرىياللارنى دائىم تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ھە‌قىقە‌تنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ مە‌يلى قانچە ئۇ‌زاق ۋاقىتتىن بېرى ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىۋاتقان بولۇ‌شىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بىز دائىم ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلىنىڭ ئە‌ڭ بىرىنچى سانىدا مۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «ھە‌قىقە‌ت خۇ‌ددى دالادا ياۋايى ئوت-‏چۆپلە‌ر ئارىسىدا ئۆسكە‌ن ئاددىي بىر گۈلگە ئوخشاش،‏ ياۋايى ئوت-‏چۆپلە‌ر بۈك-‏باراقسان ئۆسۈپ،‏ گۈلنى قورشىۋالغان ۋە پۈتۈنلە‌ي دېگىدە‌ك بوغۇ‌پ قويغان.‏ .‏ .‏ .‏ بۇ گۈلنى تېپىشنى خالىسىڭىز،‏ توختىماي تىرىشىپ ئىزدىنىڭ.‏ پە‌قە‌ت بىر تال ھە‌قىقە‌ت گۈلىنى تېپىپ،‏ قانائە‌ت قىلماڭ.‏ .‏.‏.‏ داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى تېپىشقا تىرىشىڭ».‏ تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش جاپالىق ئىش،‏ ئە‌مما تىرىشىشقا ئە‌رزىيدۇ.‏

16.‏ سىز قايسى ئۇ‌سۇ‌لدا ئۆگىنىشنىڭ پايدىسىنى كۆردىڭىز؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏4–‏6‏)‏

16 ھە‌ممىمىزلا ئوقۇ‌شنى ۋە ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرمە‌يمىز.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا ھە‌قىقە‌تنى تېخىمۇ چوڭقۇ‌ر چۈشىنىش ئۈچۈن بىزنى توختىماي ئىزدە‌شكە ياكى داۋاملىق ئىزدىنىشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏4–‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز بۇ‌نداق تىرىشچانلىق كۆرسە‌تسە‌ك،‏ ھە‌ردائىم پايدىسىنى كۆرىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌ش ھە‌ققىدە،‏ كورىي بىر قېتىمدا پە‌قە‌ت بىر ئايە‌تكە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئۇ چۈشە‌ندۈرۈپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن ھە‌ربىر ئىزاھاتنى ئوقۇ‌يمە‌ن،‏ ھە‌ربىر باغلىنىشلىق ئايە‌تلە‌رگە قارايمە‌ن ۋە قوشۇ‌مچە ئىزدىنىمە‌ن.‏ .‏.‏.‏ بۇ ئۇ‌سۇ‌ل نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنىشىمگە ياردە‌م بە‌ردى!‏» مە‌يلى شۇ ئۇ‌سۇ‌لنى ياكى باشقا ئۇ‌سۇ‌لنى قوللىنايلى،‏ خۇ‌دا سۆزىنى تە‌تقىق قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە كۈچ سە‌رپ قىلساق،‏ ئۆزىمىزنىڭ ھە‌قىقە‌تكە بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 1:‏1–‏3‏.‏

17.‏ ھە‌قىقە‌تكە ماس ياشاش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏ياقۇ‌پ 1:‏25‏)‏

17 ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنىپ قويساقلا كۇ‌پايە قىلمايدىغانلىقىنى بىلىمىز.‏ تولۇ‌ق پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن چوقۇ‌م ھە‌قىقە‌تكە ماس ياشىشىمىز،‏ يە‌نى ئۆگە‌نگە‌نلىرىمىزنى ھاياتىمىزدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلغاندىلا،‏ ھە‌قىقە‌ت بىزگە ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلىدۇ ‏(‏ياقۇ‌پ 1:‏25-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھە‌قىقە‌تكە ماس ياشاۋاتقانلىقىمىزنى قانداق جە‌زملە‌شتۈرە‌لە‌يمىز؟‏ بىر بۇ‌رادە‌ر ئۆگە‌نگە‌نلىرىمىزنى ھاياتىمىزدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىۋاتقانلىقىمىزنى ۋە يە‌نە قايسى جە‌ھە‌تتىن تېخىمۇ ياخشىراق قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۆز-‏ئۆزىمىزنى تە‌كشۈرۈپ كۆرۈشنى تە‌ۋسىيە قىلىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «قايسى دە‌رىجىدە ئىلگىرىلىگە‌ن بولۇ‌شىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئە‌ينى تە‌رتىپ بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلە‌يلى».‏—‏فىلىپى.‏ 3:‏16‏.‏

18.‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن تىرىشىمىز؟‏

18 «ھە‌قىقە‌ت يولىدا» مېڭىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن تىرىشىشنىڭ پايدىسى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ بىز ئۆز تۇ‌رمۇ‌شىمىزنى ياخشىلاپلا قالماي،‏ يە‌ھۋا ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىمىز (‏پە‌ند.‏ نە 27:‏11؛‏ 3-‏يۇ‌ھاننا 4‏)‏.‏ بۇ ھە‌قىقە‌تنى سۆيۈپ،‏ ھە‌قىقە‌تكە ماس ياشىشىمىزنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بلىرىدۇ‌ر!‏

24-‏ناخشا كۆزۈڭ بولسۇ‌ن مۇ‌كاپاتتا!‏

a بىز دائىم ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى ۋە ھايات كە‌چۈرۈش تە‌رزىمىزنى «ھە‌قىقە‌ت» دە‌پ ئاتايمىز.‏ مە‌يلى يېڭىلا ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌غان بولايلى ياكى ئۆمۈر بويى ھە‌قىقە‌تتە ياشاۋاتقان بولايلى،‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌قىقە‌تنى سۆيىدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشنىڭ بىز ئۈچۈن پايدىسى كۆپ.‏ چوڭقۇ‌ر تە‌پە‌ككۈر قىلساق،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئىرادىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏