ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرگەندە
-
«ئېرىم قايتا-قايتا زىنا قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم».
-
«ئۆزۈمنى خورلانغاندەك، جەلپ قىلارلىق ئەمەس ۋە يارامسىز ھېس قىلدىم».
-
«ھېچكىم بىلەن بۇ توغرىسىدا پاراڭلىشالمىدىم. دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ يۈردۈم».
-
«يەھۋا ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقاندەك ھېس قىلدىم».
بۇ سۆزلەر، ئەگەر ئېرى شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرسە، ئايالىنىڭ قانچىلىك ئازابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەر بۇنى مەخپىي قىلسا، بەلكىم نەچچە ئاي، ھەتتا نەچچە يىل داۋام قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. مۇنداق ئەھۋالدا، ئايالىنىڭ ئېرىگە يەنە ئىشىنىشى تەس بولىدۇ. بىر ئايال مۇنداق دەيدۇ: «ئېرىمنى ناتونۇش كىشىدەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئۇ كىم؟ ئۇ يەنە مەندىن قانداق باشقا نەرسىلەرنى يوشۇرۇپ يۈرگەندۇ؟»
بۇ ماقالە، ئېرى شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى a كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن بىر ئايالغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە يېزىلغان. مۇھاكىمە قىلىنىدىغان نۇرغۇن پرىنسىپلار كۆڭلى ئازار يېگەن ئايالغا تەسەللى بېرىپ، يەھۋانىڭ ئۇنى سۆيىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا كۆڭلى خاتىرجەملىكى بېرىپ، ياراتقۇچىسىغا يېقىن ياشاشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ b.
كۆڭلى ئاغرىغان جۈپتى نېمە قىلسا بولىدۇ؟
گەرچە ئېرىڭىزنىڭ قىلىۋاتقان بارچە ئىشلىرىنى كونترول قىلالمىسىڭىزمۇ، ئەمما ئۆز ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭىزنى يەڭگىلىتىش ۋە كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بەزى قەدەملەرنى تاشلىيالايسىز. تۆۋەندە شۇلارنى كۆرۈپ باقايلى.
ئۆز-ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەشتىن ساقلىنىڭ. ئايال ئېرىنىڭ شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرگىنىنى، ئۆزىنىڭ خاتالىقى دەپ قارىشى مۇمكىن. دانىللى c مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆزۈمنى غەزەپلىنىش بىلەن ئۆز نىكاھىمنى ۋەيران قىلىدىغان بەختسىز ئايالدەك ھېس قىلدىم». ئالىس ئۆزىنى مەلۇم بىر تەرەپتىن كەمچىلىكى باردەك ھېس قىلغان. ئۇ شۇنداق ئويلىغان: «نېمە ئۈچۈن ئېرىم ماڭا ئەمەس، باشقا ئاياللارغا قاراشنى ياخشى كۆرىدۇ؟»
ئەگەر سىزمۇ شۇنداق ھېس قىلسىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن يەھۋا سىزنى جاۋابكار دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماڭ. ياقۇپ 1:14-ئايەت مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرسە، ئۇ ئازدۇرۇلۇپ، سىناققا دۇچ كېلىدۇ» (رىملىقلار 14:12؛ فىلىپى. 2:12). يەھۋا سىزنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭغا بولغان ساداقەتمەنلىكىڭىزنى قەدىرلەيدۇ.—2-تارىخ. 16:9.
ئاياللار يەنە شۇنىمۇ چۈشىنىشى كېرەككى، ئېرىنىڭ شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشى ھەرگىزمۇ ئايالنىڭ مەلۇم كەمچىلىكى بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇ جەھەتتىن تەتقىقات
ئېلىپ بارىدىغان مۇتەخەسسىسلەر شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەر ھەقىقىي بولمىغان جىنسىي ئوي-خىياللارنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ۋە بۇنداق بىنورمال شەھۋانىي ھەۋەسلەرنى ھېچقانداق ئايال قاندۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.ھەددىدىن زىيادە ئەنسىرەشتىن ساقلىنىڭ. كاترىننىڭ دېيىشىچە، ئېرىنىڭ شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشى ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى نابۇت قىلغان. فرانسىس مۇنداق دەيدۇ: «ئېرىمنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلمىسەم، ھەر ۋاقىت ئەنسىرەيمەن. كۈن بويى غەم-تەشۋىشتە، جىددىيلىشىپ يۈرىمەن». بەزى ئاياللار ئۆز ئېرىنىڭ شۇنداق يامان ئادىتىنى بىلگەن باشقا قېرىنداشلارنىڭ يېنىدا بولغاندا، ئۆزىنى خىجالەتتە قالغاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. يەنە بەزىلىرى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ دەپ ئويلىغاچقا، ئۆزىنى ئىنتايىن يالغۇز ۋە بىچارە ھېس قىلىدۇ.
بۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇش نورمال ئەھۋال. بۇ سەلبىي ئىشلار توغرۇلۇق ھەر ۋاقىت ئويلاش سىزنى تېخىمۇ بىئارام قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا، دىققىتىڭىزنى يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە قارىتىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، كۆڭلىڭىز خاتىرجەم بولىدۇ.—زەبۇر 62:2؛ ئەفەس. 6:10.
مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى قايغۇ-ھەسرەت چەككەن ئاياللارنىڭ يەھۋاغا دۇئا قىلغاندىن كېيىن، كۆڭلىنىڭ تەسەللى تاپقانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇ ئۈزۈندىلەرنى ئوقۇش ۋە ئۇلار توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىش سىزگە كۆپ ياردەم بېرەلەيدۇ. گەرچە خۇدا ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگەن. مەسىلەن، ئاننا ئۆز قىيىنچىلىقى تۈپەيلى كۆڭلى يېرىم بولغان چاغدا، يەھۋانىڭ ئالدىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلغان ۋە كۆڭلى خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن. ئۇ كېلەچەكتە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەن، شۇنداقتىمۇ كۆڭلى خاتىرجەم بولغان.—1-سام. 1:10، 12، 18؛ 2-كورىنت. 1:3، 4.
جامائەت ئاقساقاللىرىدىن ياردەم سورىسىڭىز بولىدۇ. ئۇلار «شامالدىن دالدىلىنىدىغان جايغا ئوخشاش، بوران-چاپقۇنلۇق يامغۇردىن ساقلىنىدىغان پاناھگاھقا ئوخشاش» (يەشايا 32:2). بەلكىم، ئۇلار سىزگە مەسلىھەت بېرىپ، كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىدىغان ۋە سىزگە تەسەللى بېرەلەيدىغان باشقا ئايال قېرىنداش بىلەن مۇڭدىشىپ كۆرۈشنى ئېيتىدۇ.—پەند. نە 17:17.
ئېرىڭىزگە ياردەم بېرەلەمسىز؟
ئېرىڭىزنىڭ شەھۋانىي نەرسىلەرنى كۆرۈش ئادىتىنى تاشلىشىغا ياردەم بېرەلەمسىز؟ بەلكىم، ياردەم بېرەلەيسىز. قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغاندا ياكى كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلغاندا، مۇقەددەس كىتاب: «بىردىن ئىككىسى ياخشىدۇر»،— دەيدۇ (ۋەز 4:9–12). تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈش خۇمارىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئەر-ئايال بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، دائىم نەتىجىسى ياخشى بولغان ۋە ئۇلار نىكاھىدا بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قايتا تۇرغۇزغان.
ئەلۋەتتە، شۇنداق يامان ئادەتنى تاشلاشتا غەلىبە قازىنىش-قازىنالماسلىق، كۆپىنچە جۈپتىڭىزنىڭ ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىقىغا باغلىق. ئۇ يەھۋادىن كۈچ-مەدەت سوراپ، ئاقساقاللاردىن ياردەم سورىدىمۇ؟ (2-كورىنت. 4:7؛ ياقۇپ 5:14، 15) ئۇ ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېھتىيات قىلامدۇ؟ مەسىلەن، تېلېفون ياكى كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەندە، ئۆزىگە چەك قويۇپ، ئېزىقتۇرۇلۇشى مۇمكىن ۋەزىيەتلەردىن ساقلىنىشقا تىرىشامدۇ؟ (پەند. نە 27:12) ئۇ ياردىمىڭىزنى قوبۇل قىلىشنى ۋە سىزگە پۈتۈنلەي سەمىمىي بولۇشنى خالامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئېرىڭىزگە ياردەم بېرەلىشىڭىز مۇمكىن.
قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟ مەسىلەن، فېلىسىيانىڭ ئېرى ئىتان بالىلىق چېغىدىن باشلاپلا شەھۋانىي نەرسىلەرنى كۆرۈشكە خۇمار بولۇپ قالغان. ئىتان يەنىلا شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشكە مايىل بولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. فېلىسىيا ئۇنىڭغا ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئېيتىش ئۈچۈن ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئىتان مۇنداق دەيدۇ: «ئايالىم بىلەن ئۆز قىيىنچىلىقىم ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا پاراڭلىشىمەن. ئۇ دائىم مېنىڭ چەك-چېگرا سىزىپ، ئۇنى كونترول قىلىپ تۇرۇشىمغا ياردەم بېرىدۇ. يەنە ئىنتېرنېت قوللانغاندا چەكلىمە بەلگىلەش ئۈچۈن ماڭا ياردەم بېرىدۇ». ئەلۋەتتە، ئىتاننىڭ شەھۋانىي نەرسىلەرنى كۆرۈشكە قىزىقىشى فېلىسىيانى ئازابلايدۇ. بىراق، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاچچىقلىنىش ۋە ئازابلىنىش ھېس-تۇيغۇلىرىم ئۇنىڭ بۇ يامان ئادەتتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. بىز بىرلىكتە ئۇنىڭ ۋەزىيىتىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، ئىتان ئازابلىرىمنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييار بولدى».
شۇنداق سەمىمىي سۆھبەتلەردە بولۇش پەقەتلا ئەر كىشىنىڭ شەھۋانىي نەرسىلەرنى كۆرۈش ئادىتىدىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بېرىپلا قالماي، ھەم ئايال كىشىنىڭ ئېرىگە قايتا ئىشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. خۇلاسە قىلساق، ئەر ئۆزىنىڭ خاھىشلىرى، كۈندىلىك ئىش-پائالىيەتلىرى ۋە قەيەردە يۈرگەنلىكى ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولغاندىلا، ئۇنىڭغا ئىشىنىش ئاسانراق بولىدۇ.
سىزمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا ئېرىڭىزگە ياردەم بېرەلەيمەن دەپ ئويلامسىز؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇ ماقالىنى ئېرىڭىز بىلەن بىرلىكتە ئوقۇپ، چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈڭلار. ئۇنىڭ مەقسىتى — شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشتىن قۇتۇلۇش ۋە سىزنىڭ ئىشەنچىڭىزگە لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بولۇشى كېرەك. ئۇ غەم-ئەندىشىڭىزگە نارازى بولۇشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزغا قانداق تەسىر قىلغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىشى كېرەك. مەقسىتىڭىز، ئۇنىڭ شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىش ۋە ئىشەنچىڭىزگە قايتا ئېرىشىشىگە پۇرسەت بېرىش. نېمە ئۈچۈن ئادەملەر شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشكە قىزىقىدىغانلىقىنى ۋە شۇنداق خاھىشنى تاشلاش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىڭلار كېرەك d.
ۋەز 7:8؛ 1-كورىنت. 13:4.
ئەگەر سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، ئاراڭلاردا زىددىيەت پەيدا بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىسىڭىز، ھەر ئىككىڭلار ئىشىنىدىغان ئاقساقالنى سۆھبىتىڭلاردا بىللە بولۇشقا تەكلىپ قىلىڭلار. شۇنى ئەستىن چىقارماڭكى، ئېرىڭىز شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشنى تاشلىغان تەغدىردىمۇ، ئۇنىڭغا قايتا ئىشىنىشىڭىز ئۈچۈن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ئەمما، ھەرگىز ۋاز كەچمەڭ. مۇناسىۋىتىڭىز ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىڭ. سەۋرچان بولۇڭ ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، نىكاھىڭىز قايتىدىن مۇستەھكەم بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىڭ.—ئېرىڭىز يامان ئادىتىنى قايتىلىسا
ئەگەر ئېرىڭىز مەلۇم بىر ۋاقىتتىن كېيىن يامان ئادىتىنى تەكرارلىسا، بۇ ئۈمىد يوقلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ كېسىپ شۇنداق ئېيتىشقا بولمايدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئېرىڭىز شۇ يامان ئارزۇ-ھەۋەسكە خۇمار بولغان بولسا، ئۆمۈر بويى ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ يامان ئادىتىنى تاشلاپ، ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىنمۇ قايتا تەكرارلىنىشى مۇمكىن. كېلەچەكتە قايتا تەكرارلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنى قوغداش توغرۇلۇق ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇش پىلانىنى تۈزۈشى كېرەك. ھەتتا ئۆزىنى غەلىبە قىلغاندەك ھېس قىلغاندىن كېيىنمۇ، قەتئىي ھوشىيار تۇرۇشى لازىم (پەند. نە 28:14؛ مەتتا 5:29؛ 1-كورىنت. 10:12). ئۇ چوقۇم ئەقىل يۈرگۈزۈپ، داۋاملىق كۆز قارىشىنى يېڭىلىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى ۋە شۇنىڭ بىلەن باغلىنىشلىق ھەرقانداق ئىش-ھەرىكەتنى، مەسىلەن قولدا زىنا قىلىشنى (ئانانىزىم) ئۆچ كۆرۈشنى ئۆگىنىشى كېرەك (ئەفەس. 4:23؛ زەبۇر 97:10؛ رىملىقلار 12:9). ئۇ مۇشۇ تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشنى خالامدۇ؟ ئەگەر خالىسا، بەلكىم ئاخىرى بۇ ئادىتىنى پۈتۈنلەي تاشلىيالايدۇ e.
ئەگەر جۈپتىڭىز شۇ يامان ئادىتىنى تاشلاش ئۈچۈن تىرىشىشنى خالىمىسىچۇ؟ چۈشىنىشكە بولىدۇكى، ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىنىشىڭىز، ئاچچىقلىنىپ، ئۆزىڭىزگە خىيانەت قىلغاندەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداق چاغلاردا، غەم-ئەندىشىڭىزنى يەھۋاغا تاشلاڭ (1-پېتر. 5:7). تەتقىق قىلىش، دۇئا قىلىش ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق، داۋاملىق يەھۋاغا يېقىنلىشىڭ. شۇنداق قىلغىنىڭىزدا، ئۇنىڭمۇ سىزگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايسىز. يەشايا 57:15-ئايەتتىكى سۆزلەرنى، ئۆزىڭىز ھاياتىڭىزدا ھېس قىلىپ يېتىسىز. ئۇ ئېزىلگەن ۋە روھىي چۈشكۈنلەر بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ روھىنى كۆتۈرىدۇ. كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە، ئەڭ ياخشى مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇشقا تىرىشىڭ. ئاقساقاللاردىن ياردەم سوراڭ. ئېرىڭىزنىڭ ھامان بىر كۈنى ناچار ئادىتىنى تاشلاپ، ھەقىقىي توۋا قىلىشىدىن ئۈمىد ئۈزمەڭ.—رىملىقلار 2:4؛ 2-پېتر. 3:9.
a چۈشىنىشكە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن، بۇ ماقالىدە ئەر كىشىنى شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرىدىغان كىشى دەپ تىلغا ئالىمىز. ئەمما، ماقالىدە مۇھاكىمە قىلىنىدىغان نۇرغۇنلىغان پرىنسىپلار ئايالى شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرىدىغان ئەر ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.
b شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈش مۇقەددەس كىتاب بويىچە ئاجرىشىشقا سەۋەب بولالمايدۇ.—مەتتا 19:9.
c بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
d jw.org تور بېكىتىمىزدىكى ماتېرىياللار ياردەم بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، jw.org تور بېكىتىدە «شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەر نىكاھقا زىيانلىق»، «كۈزىتىش مۇنارى» 2014-يىل، 1-ئاپرېل سانى «ئېزىقتۇرۇلۇشقا قارشى تۇرالايسىز!» ناملىق ماقالىنىڭ 10–12-بەتلىرىگە قاراڭ ۋە 2013-يىل، 1-ئاۋغۇست سانى، «شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەر زىيانلىق ياكى زىيانسىز؟» ناملىق ماقالىنىڭ 3–7-بەتلىرىگە قاراڭ.
e شەھۋانىي نەرسىلەرنى كۆرۈش خۇمارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچ، بەزى ئەر-ئاياللار ئاقساقاللارنىڭ ياردىمىدىن باشقا، يەنە دوختۇردىن ياردەم سوراشنى قارار قىلىدۇ.