مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى

تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى

يە‌ھۋانىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى توغرىسىدا كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىش

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غاندا،‏ ئوقۇ‌ۋاتقان مە‌زمۇ‌ننى ياخشىراق چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ ھە‌رخىل تە‌تقىق قىلىش قوراللىرىنى قوللىنالايمىز.‏ بىراق،‏ تە‌تقىق قىلىشتىكى مە‌قسىتىمىز پە‌قە‌تلا بىلىمىمىزنى ئاشۇ‌رۇ‌ش ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋانى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۈچە‌يتىش بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غاندا،‏ «بۇ ئۈزۈندە يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟‏» دېگە‌ن سوئال ھە‌ققىدە ئويلانساق بولىدۇ.‏

مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى،‏ دانالىقى،‏ ئادىللىقى ۋە كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى قانداق نامايان قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىۋېلىش ئۈچۈن ئىزدە‌نسە‌ك بولىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋانىڭ باشقىمۇ نۇ‌رغۇ‌ن ئاجايىپ پە‌زىلە‌تلىرى بار.‏ ئۇ‌لار توغرۇ‌لۇ‌ق مە‌لۇ‌ماتنى قە‌يە‌ردىن تېپىشقا بولىدۇ؟‏

‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى ماتېرىياللىرى كۆرسە‌تكۈچى» دىن (‏باشقا تىلدا)‏ «‏يە‌ھۋا‏» دېگە‌ن ماۋزۇ‌نىڭ ئىچىدە «‏ئېسىل پە‌زىلە‌تلە‌ر‏» دېگە‌ن يە‌ردە،‏ يە‌ھۋانىڭ 50تىن كۆپرە‌ك پە‌زىلە‌تلىرى كە‌لتۈرۈلگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئوقۇ‌ۋاتقان ۋە‌قە‌گە ماس كېلىدىغان پە‌زىلە‌تنى تېپىپ،‏ تە‌تقىق قىلىپ كۆرۈڭ.‏