33-تەتقىق ماقالىسى
دانىيالنىڭ ئۈلگىسىدىن ئۆگىنىڭ
«سەن ناھايىتى ئەزىز ئادەم».—دانىيال 9:23.
137-ناخشا جاسارەت بەرگىن
بۇ ماقالىدە a
1. دانىيالنىڭ قايسى تەرەپلىرى بابىلونلۇقلارنى ھەيران قالدۇرغان؟
بابىلونلىقلار دانىيال پەيغەمبەرنى ئۆز يۇرتىدىن ئەسىرلىككە ئېلىپ كەتكەندە، ئۇ ياش يىگىت ئىدى. بىراق، دانىيال ئۆزىنى ئەسىرگە ئالغانلارنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرغان. ئۇلار دانىيالنىڭ ھېچ بىر كەمچىلىكى يوق، كېلىشكەن يىگىت ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ يۈز ئابرويلۇق ئائىلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرگەن (1-سام. 16:7). شۇڭا، بابىلونلۇقلار ئۇنى تەربىيىلەپ، مۇھىم خىزمەت ئورنىغا قويماقچى بولغان.—دانىيال 1:3، 4، 6.
2. يەھۋا نېمە ئۈچۈن دانىيالنى ياخشى كۆرگەن؟ (ھەزەكىيال 14:14)
2 يەھۋا دانىيالنى پادىشاھ سارىيىدىكى ئالاھىدە ئىمتىيازى سەۋەبلىك ئەمەس، ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى سەۋەبلىك ياخشى كۆرگەن. ئەمەلىيەتتە، يەھۋا ئۇنى نۇھ، ئايۇپلار بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئالغاندا، دانىيال 20 ياشتا بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئاشۇ كىشىلەر نەچچە ئون يىل خۇدا بىلەن يۈرۈپ، ياخشى نام-ئاتاق قازانغان ئىدى (يارىت. 5:32؛ 6:9، 10؛ ئايۇپ 42:16، 17؛ ھەزەكىيال 14:14-نى ئوقۇڭ). دانىيال ئۆمۈر بويى يەھۋانىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن.—دانىيال 10:11، 19.
3. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 بۇ ماقالىدە، يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا دانىيالنى قەدىر-قىممەتلىك قىلغان ئىككى پەزىلەتنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئاۋۋال، ئۇنىڭ ھەر بىر پەزىلەتنى قايسى ۋەزىيەتلەردە كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. كېيىن، دانىيالنىڭ بۇ پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىگە نېمە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئۆگىنىمىز. بۇ ماقالە ياشلارنى كۆزدە تۇتۇپ يېزىلغان بولسىمۇ، ھەممىمىز دانىيالنىڭ ئۈلگىسىدىن ئۆگىنەلەيمىز.
دانىيالنىڭ جاسارىتىنى ئۈلگە قىلىڭ
4. دانىيال جاسارىتىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
4 جاسارەتلىك كىشىلەر قورقۇنچنى ھېس قىلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار قورقۇنچنىڭ ئۆزلىرىنى توغرا ئىش قىلىشتىن توسۇشىغا يول بەرمەيدۇ. دانىيال ناھايىتى جاسارەتلىك يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى ۋەزىيەتتە كۆرسەتكەن جاسارىتى توغرىسىدا كۆرۈپ باقايلى. بىرىنچىسى، بابىلونلۇقلار يېرۇسالىمنى ۋەيران قىلىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەنى كۆرەيلى. بابىلون پادىشاھى نېبۇقادنىسار غايەت زور بىر ھەيكەل ھەققىدە كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئاجايىپ بىر چۈشنى كۆرگەن. ئەگەر ئۆزىنىڭ نېمە چۈش كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدىغان ۋە ئۇنى چۈشەندۈرىدىغان ھېچكىم چىقمىسا، پادىشاھ بارلىق دانىشمەنلەرنى ۋە دانىيالنىمۇ ئۆلتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان (دانىيال 2:3–5). دانىيال دەرھال بىر ئىش قىلىش كېرەك ئىدى. ئۇنداق بولمىسا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلتۈرۈلەتتى. «دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىردى ۋە چۈشىنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىشى ئۈچۈن پادىشاھتىن ۋاقىت بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى» (دانىيال 2:16). بۇ ۋەزىيەتتە، دانىيال جاسارەتلىك بولۇپ، كۈچلۈك ئېتىقادىنى كۆرسىتىشى كېرەك ئىدى. مۇقەددەس كىتابنىڭ ھېچبىر يېرىدە ئىلگىرى دانىيالنىڭ چۈش ئۆرۈگەنلىكى توغرىسىدا ئۈزۈندىلەر يوق. ئۇ بابىلونچە شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو دەپ ئاتالغان دوستلىرىدىن، «ئاسماندىكى خۇدادىن رەھىم-شەپقەت قىلىپ، بۇ سىرنى ئاشكارىلىشىنى» سوراشنى ئۆتۈنگەن (دانىيال 2:18). يەھۋا ئۇلارنىڭ دۇئالىرىغا جاۋاب قايتۇرغان. خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن نېبۇقادنىسارنىڭ چۈشىنى ئۆرۈپ بەرگەن. شۇنداق قىلىپ، دانىيال ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ئامان قالغان ئىدى.
5. دانىيالنىڭ جاسارىتى يەنە قانداق سىناققا دۇچ كەلگەن؟
5 دانىيال غايەت زور ھەيكەل توغرىسىدىكى چۈشنى چۈشەندۈرۈپ، كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، ئۇنىڭ جاسارىتى يەنە بىر قېتىم سىناققا دۇچ كەلگەن ئىدى. نېبۇقادنىسار كۆڭلىنى بىئارام قىلىدىغان يەنە بىر چۈشنى كۆرگەن. بۇ چۈشتە غايەت يوغان دەرەخ بار ئىدى. دانىيال جاسارەت بىلەن پادىشاھقا چۈشنىڭ مەنىسىنى، جۈملىدىن پادىشاھنىڭ ساراڭ بولۇپ قالىدىغانلىقى ۋە بىر مەزگىل تەختتىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (دانىيال 4:25). پادىشاھ شۇلارنى ئاڭلىغاندا، دانىيالنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى دەپ قاراپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما، دانىيال جاسارەت بىلەن، يەنىلا شۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن.
6. دانىيالنىڭ جاسارەتلىك بولۇشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
6 دانىيالغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ناھايىتى ئېنىقكى، دانىيال ياش ۋاقتىدا ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈلگىسىدىن ئۆگەنگەن. ئۇلارنىڭ يەھۋانىڭ ئىسرائىل ئاتا-ئانىلارغا بەرگەن كۆرسەتمىلەرگە بويسۇنغانلىقى ۋە بالىسىغا خۇدانىڭ قانۇنىنى ئۆگەتكەنلىكى شەك-شۈبھىسىزدۇر (تەكرار. قا 6:6–9). دانىيال ئون پەرمانغا ئوخشاش تەۋراتتىكى ئاساسىي قانۇننى ئەمەس، بەلكى بىر ئىسرائىلنىڭ نېمىنى يېيىشكە بولىدىغانلىقى ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى نۇرغۇن تەپسىلاتلارنىمۇ بىلگەن b (لاۋى. 11:4–8؛ دانىيال 1:8، 11–13). دانىيال يەنە خۇدا خەلقىنىڭ تارىخىنى ئۆگەنگەن ۋە ئۇلار يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ياشىمىغاندا، نېمە بولغانلىقىنى بىلگەن (دانىيال 9:10، 11). دانىيالنىڭ ھاياتىدىكى كەچۈرمىشلەر ئۇنى يەھۋاغا ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك پەرىشتىلىرىنىڭ ئۆزىنى قوللىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن.—دانىيال 2:19–24؛ 10:12، 18، 19.
7. دانىيالنىڭ جاسارەتلىك بولۇشىغا يەنە نېمە ياردەم بەرگەن؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
7 دانىيال باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىنى، مەسىلەن يەرەمىيانىڭ بېشارەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن. شۇنداق ئۆگىنىش نەتىجىسىدە، ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ بابىلوندىكى سۈرگۈنلىكىنىڭ پات يېقىندا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلگەن. (دانىيال 9:2). مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈش، شەك-شۈبھىسىزكى دانىيالنىڭ يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتكەن (رىملىقلار 8:31، 32، 37–39-نى سېلىشتۇرۇڭ). ئەڭ مۇھىمى، دانىيال ئاسماندىكى ئاتىسىغا دائىم دۇئا قىلغان ئىدى (دانىيال 6:10). ئۇ ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن يەھۋاغا توۋا قىلغان ۋە ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتقان. دانىيال يەنە خۇدادىن ياردەم سورىغان (دانىيال 9:4، 5، 19). دانىيال خۇددى بىزگە ئوخشاش ئىنسان، شۇڭا ئۇ جاسارەتلىك بولۇپ تۇغۇلمىغان، ئەكسىنچە ئۇ تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش، دۇئا قىلىش ۋە يەھۋاغا ئىشەنچ باغلاش ئارقىلىق جاسارەتنى يېتىلدۈرگەن.
8. بىز جاسارەتنى قانداق يېتىلدۈرەلەيمىز؟
8 جاسارەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ئاتا-ئانىمىز بىزنى جاسارەتلىك بولۇشقا ئۈندىشى مۇمكىن، بىراق، ئۇلار بۇ پەزىلەتنى بىزگە مىراس قالدۇرالمايدۇ. جاسارەتلىك بولۇش خۇددى يېڭى بىر ھۈنەرنى ئۆگەنگەنگە ئوخشايدۇ. ھۈنەرنى ئىگىلەشنىڭ بىر ئۇسۇلى — ئۇستامنىڭ ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن كۈزىتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىنى دوراش. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ باشقىلارنىڭ بۇ پەزىلەتنى قانداق كۆرسىتىدىغانلىقىنى دىققەت بىلەن كۈزىتىپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىسىنى دوراپ، جاسارەتلىك بولۇشىنى ئۆگىنىمىز. ئۇنداقتا، دانىيالنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟ بىزمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ سۆزىنى پىششىق بىلىشىمىز كېرەك. يەھۋا بىلەن دائىم ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋانىڭ ھەردائىم بىز بىلەن بىللە بولۇپ، بىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلساق، ئىمان-ئېتىقادىمىز سىنالغاندا جاسارەتلىك بولىمىز.
9. جاسارەتلىك بولۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
9 جاسارەتلىك بولۇشنىڭ بىز ئۈچۈن پايدىسى بار. بېننىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ گېرمانىيەدىكى بىر مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇ يەردە ھەممە ئادەم تەدرىجىي تەرەققىياتقا ئىشىنەتتى ۋە مۇقەددەس كىتابتىكى يارىتىلىش توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەپسانىۋى-رىۋايەت دەپ قاراتتى. بىر كۈنى، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن يارىتىلىشقا ئىشىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بولدى. ئۇ جاسارەت بىلەن ئۆز ئىشەنچىسىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەردى. نەتىجىسى قانداق بولغان؟ بېن مۇنداق دەيدۇ: «ئوقۇتقۇچۇم مېنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىدى. ئۇ مەن قوللانغان ماتېرىيالنى كۆپەيتىپ، سىنىپتىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا تارقىتىپ بەردى». بېننىڭ ساۋاقداشلىرى قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ بېن مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېيتقانلىرىمغا قۇلاق سالدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ماڭا ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى». خۇددى بېننىڭ مىسالىدا كۆرگىنىمىزدەك، جاسارەتلىك كىشىلەر دائىم باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇلار يەنە سەمىمىي كىشىلەرنى يەھۋاغا جەلپ قىلىشى مۇمكىن. دەرۋەقە، جاسارەتنى يېتىلدۈرۈشىمىزنىڭ كۆپ ياخشى سەۋەبلىرى بار.
دانىيالنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى ئۈلگە قىلىڭ
10. ساداقەتمەنلىك دېگەن نېمە؟
10 مۇقەددەس كىتابتا «ساداقەت» ۋە «سادىق مۇھەببەت» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىبرانىيچە سۆز، دائىم يەھۋانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىگە كۆرسەتكەن سۆيگۈسى تەسۋىرلەنگەندە ئىشلىتىلگەن. ئوخشاش سۆزلەر يەنە خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە كۆرسەتكەن سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشتىمۇ ئىشلىتىلگەن (2-سام. 9:6، 7). ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ساداقەتمەنلىكىمىز كۈچىيىدۇ. ھازىر دانىيالنىڭ ساداقەتمەنلىكى قانداق كۈچەيگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.
11. دانىيال ياشىنىپ قالغاندا، ئۇنىڭ ساداقەتمەنلىكى قانداق سىنالغان؟
11 دانىيالنىڭ ھاياتىدا نۇرغۇن ۋەزىيەتلەردە، ئۇنىڭ يەھۋاغا بولغان ساداقىتى سىنالغان. بىراق، ئۇ 90 ياشلارغا كىرگەندە، ئەڭ چوڭ بىر سىناققا دۇچ كەلگەن. شۇ ۋاقىتتا مىدىيا ۋە پارس بابىلوننى ئىشغال قىلىپ، پادىشاھ دارىئوس ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى. پادىشاھ ئوردىسىدىكى ئەمەلدارلار دانىيالنى ياقتۇرمىغان ۋە ئۇ ئىبادەت قىلىدىغان خۇدانى ھۆرمەت قىلمىغان. شۇڭا، ئۇلار دانىيالنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار دانىيالنىڭ ئۆز خۇداسىغا ياكى پادىشاھقا سادىق بولىدىغانلىقىنى سىنايدىغان بىر پەرماننى چىقارغۇزغان. دانىيال پادىشاھقا بولغان سادىقلىقىنى ئىسپاتلاش ۋە باشقىلارغا ئوخشاش جازادىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن، يەھۋاغا 30 كۈن دۇئا قىلىشنى توختىتىشى كېرەك ئىدى. ئۇ يەھۋاغا سادىق بولۇشنى تاللىغان. نەتىجىدە، ئۇ شىرلارنىڭ ئۆڭكۈرىگە تاشلانغان. ئەمما، يەھۋا دانىيالنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى مۇكاپاتلاپ، ئۇنى شىرلارنىڭ ئېغىزىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان (دانىيال 6:12–15، 20–22). دانىيالغا ئوخشاش، بىز يەھۋاغا ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
12. دانىيال يەھۋاغا بولغان كۈچلۈك ساداقەتمەنلىكنى قانداق يېتىلدۈرگەن؟
12 يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، يەھۋاغا سادىق قېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. دانىيال يەھۋاغا سادىق قالغان، چۈنكى ئۇ ئاسماندىكى ئاتىسىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن ئىدى. ناھايىتى ئېنىقكى، دانىيال ئاشۇ سۆيگۈ-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن يەھۋانىڭ پەزىلەتلىرى ۋە ئۇنىڭ شۇ پەزىلەتلەرنى قانداق كۆرسىتىپ كەلگەنلىكى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانغان (دانىيال 9:4) دانىيال يەنە يەھۋانىڭ ئۆزىگە ۋە خەلقىگە قىلغان بارلىق ياخشى ئىشلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلانغان.—دانىيال 2:20–23؛ 9:15، 16.
13. (1) ياش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ساداقەتمەنلىكى قانداق سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ؟ مىسال كەلتۇرۇڭ. (رەسىمگە ھەم قاراڭ) (2) ئىزاھاتتىكى فىلىمدە كۆرسىتىلگەندەك، كىشىلەر ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشىنى يەھۋا گۇۋاھچىلارنىڭ قوللايدىغان-قوللىمايدىغانلىقى سورىغاندا، قانداق جاۋاب بېرەلەيسىز؟
13 خۇددى دانىيالنىڭ ۋەزىيىتىگە ئوخشاش، ياشلىرىمىزنىڭ ئەتراپىدا يەھۋانى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان كىشىلەر بار. بۇنداق كىشىلەر خۇدانى سۆيىدىغان كىشىلەرنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. بەزىلەر ھەتتا ياشلىرىمىزنى بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇلارنىڭ يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى بۇزماقچى بولىدۇ. مەسىلەن، ئاۋسترالىيىدە ياشىغان گرائېم ئىسىملىك بىر ياشقا نېمە بولغانلىقىغا دىققەت قىلىپ باقايلى. ئۇ مەكتەپتە قىيىن بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن. ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن بىر ساۋاقدىشى ئۆزىنىڭ ئوخشاش جىنىسلىقلار بىلەن مۇھەببەتلىشىدىغانلىقىنى ئېيتسا، ئۇلارنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى سورىغان. ئوقۇتقۇچى ساۋاقداشلار: سىنىپتا كىم بۇنداق تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىسا، بىر تەرەپكە ئۆتۈڭلار، قوللىمايدىغانلار باشقا تەرەپكە ئۆتۈڭلار»،— دېگەن. گرائېم مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىلەن باشقا يەنە بىر گۇۋاھچى بىر تەرەپكە ئۆتتۇق. باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ باشقا تەرەپتە ئۆتتى». ۋەزىيەت تېخىمۇ قىيىنلىشىپ، گرائېمنىڭ يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى سىناققا دۇچ كەلگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇزۇن بىر سائەتلىك دەرسنىڭ قالغان قىسىمىدا، باشقا ئوقۇغۇچىلار، ھەتتا ئوقۇتقۇچى بىزنى ھاقارەتلىدى. تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلاپ، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئېتىقادىمنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشتىم. ئەمما، ئۇلار ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى». بۇ ساداقەتمەنلىك سىنىقى گرائېمغا قانداق تەسىر قىلدى؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇنداق ھاقارەتلىك گەپ-سۆزلەر بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچراشنى ياقتۇرمىدىم. ئەمما، يەھۋاغا سادىق قېلىپ، ئۆز ئىمان-ئېتىقادىمنى قوغداپ قالغىنىم ئۈچۈن چەكسىز خۇشال بولدۇم» c.
14. يەھۋاغا بولغان كۈچلۈك ساداقەتنى يېتىلدۈرۈشنىڭ بىر يولى قايسى؟
14 ئەگەر دانىيالغا ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋاغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرسەك، ئۇنىڭغا بولغان كۈچلۈك ساداقەتمەنلىكنى يېتىلدۈرەلەيمىز. بىز يەھۋانىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە ئۆگىنىش ئارقىلىق شۇنداق سۆيگۈ-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرىمىز. مەسىلەن، ئۇ ياراتقان نەرسىلەرنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنەلەيمىز (رىملىقلار 1:20). ئەگەر يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ھۆرمەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقچى بولسىڭىز، «ئاجايىپ ياراتمىلار» ناملىق ماقالىلەرنى ياكى فىلىملەرنى كۆرۈڭ. يەنە «ھاياتلىق يارىتىلغانمۇ؟» ۋە «مەۋجۇداتنىڭ مەنبەسى — بەش مۇھىم سوئال» دېگەن كىتابچىلاردىن بەزى ماقالىلەرنى تاپالايسىز. ئەستېر ئىسىملىك دانىيەدە ياشايدىغان ياش قېرىنداش بۇ نەشىرى ماتېرىياللار ھەققىدە نېمىلەرنى دېگەنلىكىگە دىققەت قىلايلى. «كىتابچىلاردىكى چۈشەندۈرۈش ئاجايىپ ئەقىلگە ئۇيغۇن. بۇ سىزگە نېمىگە ئىشىنىشنى ئېيتمايدۇ، پەقەت ئەمەلىي پاكىتلارنى ئاددىي يوللار بىلەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاخىرىدا، قارارنى ئۆزىڭىز چىقىرىسىز». سەل ئاۋۋال تىلغا ئالغان بېن مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ماتېرىياللار ماڭا خۇدانىڭ ھاياتلىقنى ياراتقانلىقىنى ئىسپاتلىشىمغا ياردەم بېرىپ، ئىمان-ئېتىقادىمنى كۈچەيتتى». مۇشۇ ماتېرىياللارنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، سىزمۇ مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەرگە قوشۇلىشىڭىز مۇمكىن: «يەھۋا خۇدايىمىز، سەن شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق ۋە كۈچ-قۇدرەتكە لايىقدۇرسەن. چۈنكى، ھەممە نەرسىلەرنى سەن ياراتتىڭ، ھەممە نەرسە سېنىڭ خاھىشىڭ بىلەن ۋۇجۇدقا كەلدى ۋە يارىتىلدى».—ۋەھىي. 4:11. d
15. يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىمىزنى كۈچەيتىشنىڭ يەنە بىر يولى قايسى؟
15 يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈشنىڭ يەنە بىر يولى — ئەيسا مەسىھنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش. گېرمانىيەدە ياشايدىغان سامىرا ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىز دەل شۇنداق قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەھۋانى تېخىمۇ ياخشى تونۇدۇم». ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا، يەھۋانىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشنى قىيىن كۆرگەن. ئەمما، ئۇ ئەيسانىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشەنگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەزرىتى ئەيسانى ياخشى كۆرەتتىم، چۈنكى ئۇ ناھايىتى دوستانە ۋە بالىلارنى ياخشى كۆرەتتى». ئۇ ئەيسا ھەققىدە قانچە كۆپ ئۆگەنگەنسېرى، يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كۈچەيگەن. نېمە ئۈچۈن؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاستا-ئاستا ئەيسانىڭ ئۆز ئاتىسىنى مۇكەممەل ئۈلگە قىلغانلىقىنى چۈشەندىم، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئوخشاشلىق تەرەپلىرى بولغان ئىدى. مەن دەل بۇنىڭ يەھۋانىڭ نېمە ئۈچۈن ئەيسانى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ يەھۋانى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ھېس قىلدىم» (يۇھاننا 14:9). ئەگەر يەھۋا بىلەن بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت رىشتىڭىزنى كۈچەيتىشنى خالىسىڭىز، ئۇنداقتا ئەيسا ھەققىدە ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، يەھۋاغا بولغان سۆيگىڭىز ۋە ساداقىتىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
16. نېمە ئۈچۈن بىز سادىق قېلىشىمىز كېرەك؟ (زەبۇر 18:25؛ مىكاھ 6:8)
16 سادىق كىشىلەر دائىم بۇزۇلماس دوستلۇق ئورنىتالايدۇ (رۇت 1:14–17). بۇنىڭدىن باشقا، باشقا ئەگەر يەھۋاغا سادىق بولساق، كۆڭلىمىز خاتىرجەم بولۇپ، قانائەت تاپقاندەك ھېس قىلىمىز. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، يەھۋا ئۆزىگە سادىق كىشىلەرگە سادىق بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ (زەبۇر 18:25؛ مىكاھ 6:8وقۇڭ). ئويلاپ كۆرۈڭ، ھەممىگە قادىر ياراتقۇچى بىزنى ھەر دائىم سۆيىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ! ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوست بولساق، مەيلى سىناق، مەيلى قارشىلىق، ھەتتا ئۆلۈم بىزنى ئۇنىڭدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ (دانىيال 12:13؛ لۇقا 20:37، 38؛ رىملىقلار 8:38، 39). دانىيالنى ئۈلگە قىلىش ۋە دائىم يەھۋاغا سادىق قېلىش نېمە دېگەن مۇھىم!
دانىيالدىن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ
17، 18. دانىيالدىن يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
17 بۇ ماقالىدە، دانىيالنىڭ پەزىلەتلىرىدىن ئىككىسىنى كۆرۈپ چىقتۇق. بىراق، ئۇنىڭدىن ئۆگىنىدىغان يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر بار. مەسىلەن، يەھۋا دانىيالغا بىر قاتار غايىبانە كۆرۈنۈشلەرنى ۋە چۈشلەرنى كۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭغا بېشارەتلىك سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىنى بەرگەن. شۇ بېشارەتلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى ئاللىقاچان ئەمەلگە ئېشىپ بولدى، يەنە بەزىلىرى يەر يۈزىدىكى ھەر بىر ئىنسانغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كەلگۈسىدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.
18 كېيىنكى ماقالىدە، دانىيال يېزىپ قالدۇرغان بېشارەتلەردىن ئىككىسىنى كۆرىمىز. ئۇلارنى چۈشىنىش مەيلى ياش ياكى قېرىلار بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئاقىلانە قارار چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. بۇ بېشارەتلەر جاسارىتىمىزنى ۋە ساداقەتمەنلىكىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئالدىمىزدا دۇچ كېلىدىغان سىناقلارغا تەييار بولالايمىز.
54-ناخشا ئىماندا چىڭ تۇرايلى!
a بۈگۈنكى كۈندە يەھۋانىڭ ياش خىزمەتچىلىرى جاسارىتى ۋە يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى سىنايدىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. تەڭتۇشلىرى ئۇلارنى خۇداغا خىزمەت قىلغىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ياشىغىنى ئۈچۈن زاڭلىق قىلىشى مۇمكىن. دانىيال پەيغەمبەرنى ئۈلگە قىلىپ، يەھۋاغا جاسارەت ۋە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغانلارنىڭ ھەقىقىي دانا كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b دانىيالنىڭ بابىلونلىقلارنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىنى ناپاك دەپ قارىشىنىڭ بەلكىم ئۈچ سەۋەبى بولغان. بىرىنچىسى، ئۇلارغا بېرىلگەن گۆش قانۇندا مەنئىي قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ گۆشى بولۇشى مۇمكىن (تەكرار. قا 14:7، 8). ئىككىنچىسى، ھايۋانلار بۇغۇزلانغاندا، قېنى تولۇق چىقىرىلمىغان بولۇشى مۇمكىن (لاۋى. 17:10–12). ئۈچىنچىسى، شۇ تاماقنى يېيىش يالغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارالغان بولۇشى مۇمكىن.—لاۋىيلار 7:15؛ 1 ۋە 1-كورىنتلىقلار 10:18، 21، 22-نى سېلىشتۇرۇڭ.
c «ھەققانىيلىق تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىدۇ» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.
d يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، «يەھۋاغا يېقىنلىشىڭ» ناملىق كىتابنى تەتقىق قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭدا يەھۋانىڭ پەزىلەتلىرى تەپسىلىيرەك مۇلاھىزە قىلىنغان.