35-تەتقىق ماقالىسى
داۋاملىق سەۋر-تاقەت قىلىڭ
«سەۋر-تاقەتكە ئوخشاش پەزىلەتلەر بىلەن كىيىنىڭلار».—كولوسى. 3:12.
35-ناخشا رەھمەت خۇدا سەۋرچانلىقىڭغا
بۇ ماقالىدە a
1. نېمە ئۈچۈن سەۋر-تاقەتلىك كىشىلەرنى ياقتۇرىمىز؟
ھەممىمىز سەۋرچان كىشىلەرنى ياقتۇرىمىز. زېرىكمەي، تېرىكمەي بىر نەرسىنى كۈتىدىغانلارنى ھۆرمەتلەيمىز. خاتالىق ئۆتكۈزسەك، بىرسى بىزگە سەۋرچانلىق كۆرسەتسە، مىننەتدار بولىمىز. مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرىنى ئۆگىنىش، قوبۇل قىلىش ياكى ھاياتىمىزدا ئەمەلىي قوللىنىشتا قىينالغىنىمىزدا، بىز بىلەن تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزگەن قېرىنداشنىڭ بىزگە سەۋرچانلىق كۆرسەتكىنىدىن مىننەتدارمىز. ھەممىدىن مۇھىمى، يەھۋا خۇدانىڭ بىزگە سەۋرچان بولغانلىقىدىن ئىنتايىن مىننەتدارمىز!—رىملىقلار 2:4.
2. قانداق ئەھۋاللاردا سەۋرچان بولۇش قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
2 گەرچە سەۋرچان كىشىلەرنى ياقتۇرساقمۇ، ئەمما ئۆزىمىز سەۋرچان بولماي قېلىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، يوللار توسۇلۇپ قالغان چاغلاردا، بولۇپمۇ بىر يەرگە ئالدىراپ ماڭغان بولساق، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىش قىيىن بولىدۇ. باشقىلار بىزنى تېرىكتۈرگەندە، ئاچچىقىمىزنى باسالماي قالىمىز. بەزىدە يەھۋانىڭ ۋەدە قىلغان يېڭى دۇنياسىنى كۈتۈشنى قىيىن ھېس قىلىمىز. ئۇنداقتا، تېخىمۇ سەۋرچان بولۇشنى خالامسىز؟ بۇ ماقالىدە، سەۋرچان بولۇش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ شۇنچە مۇھىملىقى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز. يەنە تېخىمۇ سەۋرچان بولۇشنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرەلەيدىغان بەزى مەسلىھەتلەرنى ئۆگىنىمىز.
سەۋرچان بولۇش دېگەن نېمە؟
3. باشقىلار سەۋرچان كىشىنى تېرىكتۈرگەندە، ئۇ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟
3 سەۋرچانلىقنى كۆرسىتىشنىڭ تۆت ئۇسۇلىنى كۆرۈپ چىقايلى. بىرىنچى، سەۋرچان كىشى ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ. باشقىلار ئۇنى تېرىكتۈرگەندە ياكى بېسىمغا ئۇچرىغاندا، ئۇ باشقىلارغا ئاچچىقلىنىشتىن ۋە قوپال مۇئامىلە قىلىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ. «ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغان» دېگەن سۆز-ئىبارە، مۇقەددەس كىتابتا بىرىنچى قېتىم يەھۋا ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ئايەتتە، يەھۋا «مېھرىبان ۋە رەھىمدىل، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغان، سادىق مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ھەقىقىتى مول خۇدادۇر» دەپ تىلغا ئېلىنغان.—چىق. 34:6.
4. كۈتۈشكە توغرا كەلگەندە، سەۋرچان ئادەم قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟
4 ئىككىنچى، سەۋرچان كىشى سۈكۈت قىلىپ، ساقلاپ تۇرالايدۇ. ئەگەر بىرەر ئىش ئۆزى مۆلچەرلىگەندىن ئۇزۇنراق ۋاقىت داۋام قىلسا، ئۇنداق كىشى تېرىكىشتىن ياكى ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ (مەتتا 18:26، 27). بىز سۈكۈت قىلىپ ساقلاش زۆرۈر بولىدىغان نۇرغۇن ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كېلىمىز. مەسىلەن، بىرى سۆز قىلىۋاتقاندا، سەۋرچانلىق بىلەن قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتمەسلىكىمىز كېرەك (ئايۇپ 36:2). ئۇنىڭدىن باشقا، بىز مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ ھەقىقەتنى چۈشىنىشىگە ۋە ناچار ئادىتىنى تاشلىشىغا ياردەم بېرىشتە، سەۋرچان بولۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
5. سەۋرچان بولۇشنىڭ يەنە قانداق ئۇسۇلى بار؟
5 ئۈچىنچى، سەۋرچان كىشى بىر نەرسىگە ئالدىراپ، تاقەتسىزلەنمەيدۇ. ئەلۋەتتە، بەزى ۋەزىيەتلەردە تېز ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىراق، سەۋرچان كىشى مۇھىم بىر ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا ئالدىراپ، ئويلانمايلا ھەرىكەت قىلمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇ يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ، نېمە ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى پىلانلايدۇ. ئاندىن كېيىن، ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلاش ئۈچۈن ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ.
6. سىناقلارغا ياكى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، سەۋرچان كىشى قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟
6 تۆتىنچى، سەۋرچان كىشى سىناقلاردا چىدامچانلىق كۆرسىتىپ، ئاغرىنىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ. ئەلۋەتتە، سىناقلارغا دۇچ كەلگىنىمىزدە، يېقىن دوستىمىزغا ئىچ باغرىمىزنى تۆكۈپ، ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى ئېيتىش خاتا ئەمەس. بىراق، سەۋرچان كىشى چىدامچان بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملىق بەرداشلىق بېرىشكە تىرىشىدۇ (كولوسى. 1:11). دېمەك، يەھۋانىڭ خەلقى تۆت جەھەتتىن سەۋرچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ تۆۋەندە بىرقانچە سەۋەبلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
سەۋرچانلىق نېمە ئۈچۈن بەك مۇھىم؟
7. ياقۇپ 5:7، 8-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نېمە ئۈچۈن سەۋرچانلىق بەك مۇھىم؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
7 قۇتقۇزۇلۇشىمىز ئۈچۈن سەۋرچان بولۇشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. خۇددى خۇدانىڭ ئۆتمۈشتىكى سادىق خىزمەتكارلىرىگە ئوخشاش، بىزمۇ ئۇنىڭ ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتىشىمىز كېرەك (ئىبرانىي. 6:11، 12). مۇقەددەس كىتاب بىزنى بىر دېھقان بىلەن سېلىشتۇرغان (ياقۇپ 5:7، 8-نى ئوقۇڭ). دېھقان ئۇرۇق چېچىش ۋە زىرائەتلەرنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن ئەجىر-مېھنەت قىلسىمۇ، ئۇ زىرائەتلەرنىڭ قاچان ئۆسۈپ، مېۋە بېرىشىنى ئېنىق بىلمەيدۇ. بىراق، دېھقان ئاخىرى بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ھوسۇل يىغىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، سەۋرچانلىق بىلەن كۈتىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ «ھەزرىتىمىزنىڭ قايسى كۈنى كېلىشىنى» بىلمىسەكمۇ، بىراق خۇدا خىزمەتچىلىرى قىلىشى كېرەك ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز (مەتتا 24:42). بىز سەۋرچانلىق بىلەن كۈتكىنىمىزدە، يەھۋانىڭ چوقۇم ئۆزى بەلگۈلىگەن ۋاقىت-سائەتتە ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئەگەر سەۋر-تاقەت قىلالمىساق، زېرىكىپ، ھەقىقەتتىن يىراقلىشىشقا باشلىشىمىز مۇمكىن. بەلكىم، بىز يەنە ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىزنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلارنى قوغلىشىشقا باشلايمىز. بىراق، سەۋر-تاقەت قىلساق، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرەلەيمىز ۋە قۇتقۇزۇلۇپ قالالايمىز.—مىكاھ 7:7؛ مەتتا 24:13.
8. باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا، سەۋرچانلىق بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (كولوسىلىقلار 3:12، 13)
8 سەۋرچانلىق باشقىلار بىلەن تېخىمۇ ياخشىراق مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەندە، ئۇلارنى دىققەت بىلەن تىڭشاشقا ياردەم بېرىدۇ (ياقۇپ 1:19). يەنە تىنچلىق ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ بىزنى تېزلا ھەرىكەت قىلىشتىن ۋە بېسىمغا ئۇچرىغاندا يامان گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلايدۇ. ئەگەر سەۋر-تاقەتلىك بولساق، بىرسى كۆڭلىمىزنى رەنجىتسە، دەرھاللا ئاچچىقلىنىشقا ئالدىرىمايمىز. ئەكسىچە، «بىر-بىرىڭلارغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، بىر-بىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىڭلار»،— دېگەن نەسىھەتكە قۇلاق سالىمىز.—كولوسىلىقلار 3:12، 13-نى ئوقۇڭ.
9. قارار چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە، سەۋرچانلىق بىزگە ياردەم بېرىدۇ؟ (پەندى-نەسىھەت 21:5)
9 سەۋرچانلىق ياخشىراق قارار چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ھېس-تۇيغۇغا تايىنىپ، ئالدىراقسانلىق بىلەن ئىش قىلىشنىڭ ئورنىغا، قانداق تاللاشلارنى قىلىشقا بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنى باھالاپ كۆرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە ۋاقىت چىقىرىمىز (پەندى-نەسىھەت 21:5-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، ئىش ئىزدەۋاتقان بولساق، بۇ ئىش يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشىمىزغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرسىمۇ، بەلكىم شۇ تۇنجى ئىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشنى خالىشىمىز مۇمكىن. بىراق، سەۋرچان بولساق، ئىش ئورنى، ئىش ۋاقتى ئائىلىمىزگە ۋە بىزنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقىرىمىز. سەۋر-تاقەتلىك بولۇش بىزنى خاتا قارارنى چىقىرىپ قويۇشتىن ساقلىيالايدۇ.
تېخىمۇ سەۋرچان بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
10. سەۋر-تاقەتنى يېتىلدۈرۈپ، داۋاملىق سەۋرچانلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن مەسىھ ئەگەشكۈچىسى نېمە قىلالايدۇ؟
10 كۆپرەك سەۋرچان بولۇش ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ. سەۋرچانلىق — روھنىڭ مېۋىسىدىن بىرى (گالاتىيا. 5:22، 23). شۇڭا، مۇقەددەس روھ ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، يەھۋادىن روھنىڭ مېۋىسىنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىشنى سورىيالايمىز. ئەگەر سەۋر-تاقىتىمىزنى سىنايدىغان ۋەزىيەتكە يولۇقساق، سەۋرچان بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان مۇقەددەس روھنى ‹داۋاملىق سورايمىز› (لۇقا 11:9، 13). بىز يەنە يەھۋادىن مەلۇم ئىشلارغا ئۇنىڭغا ئوخشاش كۆز قاراش بىلەن قاراشقا ياردەم بېرىشنى سورىيالايمىز. دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە سەۋرچان بولۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. سەۋرچان بولۇش ئۈچۈن كۆپرەك دۇئا قىلساق، يەھۋا بۇ پەزىلەتنىڭ قەلبىمىزدە يىلتىز تارتىپ، تېخىمۇ سەۋر-تاقەتلىك بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
11، 12. يەھۋا سەۋرچانلىقىنى قانداق كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ؟
11 مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈلگىلەر توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈڭ. مۇقەددەس كىتابتا سەۋرچانلىق كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن مىساللىرى بار. بۇ ئۈزۈندىلەر توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق سەۋرچانلىق كۆرسىتىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىۋالالايمىز. بۇ مىساللاردىن بەزىلىرىنى كۆرۈپ چىقىشتىن ئاۋۋال، سەۋرچانلىقنىڭ ئەڭ ئېسىل ئۈلگىسى بولغان ياراتقۇچى يەھۋا ھەققىدە كۆرۈپ باقايلى.
12 ئېرەم بېغىدا، شەيتان ھاۋا-ئانىنى يەھۋانىڭ ئادىل، رەھىم-شەپقەتلىك ھۆكۈمران ئىكەنلىكىدىن گۇمانلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئىسىمىغا تۆھمەت قىلغان. يەھۋا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەكلىكىنى بىلگەچ، بۇ تۆھمەتخورنى دەرھال يوقىتىشنىڭ ئورنىغا، سەۋرچانلىق كۆرسىتىپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان. ئۇ كۈتۈۋاتقان ۋاقىتتا، ئۆز ئىسىمىغا داغ كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، تۆھمەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن پۇرسەت بېرىۋاتىدۇ (2-پېتر. 3:9، 15). ئۇ سەۋرچان بولغاچقا، مىليونلىغان ئىنسانلار ئۇنى تونۇيالىدى. ئەگەر دىققىتىمىزنى يەھۋانىڭ سەۋرچانلىقى قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىغا قاراتساق، ئۇ بۇ رەزىل دۇنيانى يوق قىلىدىغان ۋاقىت-سائەتنى كۈتۈش تېخىمۇ ئاسانراق بولىدۇ.
13. ئەيسا مەسىھ قانداق قىلىپ ئاتىسىنىڭ سەۋرچانلىقىنى مۇكەممەل ئۈلگە قىلغان؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
13 ئەيسا مەسىھمۇ سەۋرچان بولۇشتا ئۆز ئاتىسىنى مۇكەممەل ئۈلگە قىلغان ۋە يەر يۈزىدە بولغاندا، بۇ پەزىلەتنى نامايان قىلغان. بولۇپمۇ، ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر بىلەن بولغاندا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەردائىم سەۋرچان بولۇش ئاسانغا چۈشمىگەن بولۇشى مۇمكىن (يۇھاننا 8:25–27). بىراق، ئەيسا مەسىھ ئاتىسىنى ئۈلگە قىلىپ، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمىگەن ئىدى. ئۇ ھاقارەتلەنگەندە ياكى ئەيىبلەنگەندە ئاچچىقلانمىغان (1-پېتر. 2:23). ئەيسا سىناقلارغا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرىپ، ئاغرىنمىغان. شۇڭا، مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ھەيران قالارلىق ئەمەس: «ئۆز-ئۆزىگە زىيان يەتكۈزگەن گۇناھكارلارنىڭ شۇنچە ھاقارەتلىك سۆزلىرىگە سەۋر-تاقەت قىلغۇچىنى ئويلاپ كۆرۈڭلار»! (ئىبرانىي. 12:2، 3). يەھۋانىڭ ياردىمىدە، بىزمۇ ئۇچرىغان ھەرقانداق سىناقلارغا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيمىز.
14. ئىبراھىمنىڭ سەۋرچانلىقىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (ئىبرانىيلار 6:15) (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
14 شەيتاننىڭ بۇ دۇنياسىنىڭ ئاخىرلىشىشى ھەققىدىكى ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈۋاتقان بولساقچۇ؟ بەلكىم، ئاشۇ كۈننى كۆرۈشكە ئۆمرۈمىز يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلىمىز. شۇ كۈننى داۋاملىق سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشىمىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ ئىبراھىمنىڭ ئۈلگىسىگە قاراپ باقايلى. ئىبراھىم 75 ياشقا كىرگەندە، تېخى بالىسى يوق ئىدى. بىراق، يەھۋا ئۇنىڭغا شۇنداق ۋەدە بەرگەن. «سېنى چوڭ بىر مىللەت قىلىمەن» (يارىت. 12:1–4). ئىبراھىم بۇ ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆردىمۇ؟ پۈتۈنلەي كۆرمىدى. ئىبراھىم ئەفرات دەرياسىدىن ئۆتۈپ، 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئوغلى ئىسھاقنىڭ مۆجىزىلىك يول بىلەن تۇغۇلغانلىقىنى كۆرگەن. يەنە 60 يىلدىن كېيىن، نەۋرىلىرى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ تۇغۇلغان (ئىبرانىيلار 6:15-نى ئوقۇڭ). ئەمما، ئىبراھىم ئەۋلاتلىرىنىڭ چوڭ بىر مىللەت بولۇپ، ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى كۆرمىگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ، بۇ ساداقەتمەن كىشى ئۆز ياراتقۇچىسى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتتە بولغان ئىدى (ياقۇپ 2:23). ئىبراھىم كېلەچەكتە تىرىلگەندىن كېيىن، ئۆز ئېتىقادى ۋە سەۋرچانلىقى بارلىق مىللەتلەرنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى بىلگەندە، تولىمۇ خۇشال بولىدۇ (يارىت. 22:18). بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ بەلكىم، بىز يەھۋانىڭ ھەممە ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى شەخسەن كۆرەلمەيمىز. بىراق، ئىبراھىمغا ئوخشاش سەۋرچان بولساق، يەھۋانىڭ بىزنى ھازىر ۋە كەلگۈسى ۋەدە قىلىنغان يېڭى دۇنيادا تېخىمۇ كۆپرەك مۇكاپاتلايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەلەيمىز.—ماركۇس 10:29، 30.
15. شەخسىي تەتقىق ئۆتكۈزگەندە، نېمىلەرنى ئۆگىنىشنى پىلانلىساق بولىدۇ؟
15 مۇقەددەس كىتابتا سەۋرچان بولغان باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مىساللىرى بار (ياقۇپ 5:10). پىلان تۈزۈپ، شۇ مىساللارنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ b. مەسىلەن، داۋۇت ياش ۋاقتىدا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولۇشقا تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن، بىرقانچە يىللار كۈتۈشكە توغرا كەلگەن. شىمون بىلەن ئاننا ۋەدە قىلىنغان مەسىھنى كۈتۈۋاتقاندا، يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىبادەت قىلغان (لۇقا 2:25، 36–38). مۇشۇ مىساللارنى تەتقىق قىلغاندا، تۆۋەندىكىدەك سوئاللار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ: ‹بۇ كىشىنىڭ سەۋرچانلىقنى كۆرسىتىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇ سەۋرچان بولۇشنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرگەن؟ مەن ئۇنى قانداق ئۈلگە قىلالايمەن؟› ئۇنىڭدىن باشقا، سەۋرچانلىق كۆرسەتمىگەن كىشىلەردىن ئۆزىڭىزگە ساۋاق ئالالايدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ (1-سام. 13:8–14) ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «بۇ كىشى نېمە ئۈچۈن سەۋرچان بولالمىغان؟ ئۇ قانداق ئاقىۋەتكە قالغان؟».
16. سەۋرچان بولۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
16 سەۋرچان بولۇشنىڭ پايدىسى ھەققىدە ئويلاڭ. سەۋرچان بولساق، كۆڭلىمىز تېخىمۇ خۇشال-خۇرام ۋە تىنچ-خاتىرجەم بولىدۇ. شۇڭا، سەۋرچانلىق روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق. بىز باشقىلارغا سەۋرچان بولساق، ئۇلار بىلەن تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىمىز. جامائىتىمىز تېخىمۇ ئىناق-ئىتتىپاق بولىدۇ. ئەگەر بىرى بىزنى تېرىكتۈرگەندە، ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمىساق، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز (زەبۇر 37:8؛ پەند. نە 14:29). ھەممىدىن مۇھىمى، سەۋرچان بولساق، ئاسماندىكى ئاتىمىزنى ئۈلگە قىلىمىز ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنراق بولىمىز.
17. نېمە قىلىشقا قەتئىي بەل باغلىشىمىز كېرەك؟
17 سەۋرچانلىق ھەقىقەتەن كىشىنى جەلپ قىلدىغان ئېسىل پەزىلەت بولۇپ، ھەممىمىز ئۈچۈن پايدىلىق! گەرچە سەۋرچان بولۇش دائىم ئاسانغا توختىمىسىمۇ، يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن بۇ پەزىلەتنى داۋاملىق يېتىلدۈرەلەيمىز. يېڭى دۇنيانى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈۋاتقىنىمىزدا، «يەھۋانىڭ كۆزى ئۆزىدىن قورققانلارغا، سادىق سۆيگۈسىگە ئۈمىد باغلىغانلارغا» تىكىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز (زەبۇر 33:18). شۇڭا، ھەممىمىز داۋاملىق سەۋر-تاقەتنى كىيىشكە قەتئىي بەل باغلايلى.
6-ناخشا خۇدا خىزمەتچىسىنىڭ دۇئاسى
a بۈگۈنكى كۈندە شەيتاننىڭ بۇ دۇنياسىدا سەۋر-تاقەتلىك كىشىلەر ئاز. بىراق، مۇقەددەس كىتاب بىزنى سەۋر-تاقەتنى كىيىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ھازىر بۇ پەزىلەتنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىملىقى ۋە تېخىمۇ سەۋرچان بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b مۇقەددەس كىتابتىكى سەۋرچان بولغانلار توغرىسىدىكى ئۈزۈندىلەرنى تېپىش ئۈچۈن، «كۈزىتىش مۇنارى ماتېرىياللار كۆرسەتكۈچى» دىكى «سەۋر-تاقەت» دېگەن ماۋزۇغا قاراڭ.