36-تەتقىق ماقالىسى
كۆتۈرۈش زۆرۈر بولغانلىرىنى ئېلىپ، قالغانلىرىنى تاشلىۋېتىڭ
«بىزنى ئېغىرلاشتۇرىدىغان ھەر خىل يۈكلەرنى … تاشلايلى، ئالدىمىزدىكى مۇسابىقىنى چىدام-غەيرەت بىلەن يۈگۈرەيلى».—ئىبرانىي. 12:1
38-ناخشا يۈكۈڭنى يەھۋاغا تاشلا!
بۇ ماقالىدە a
1. ئىبرانىيلار 12:1-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ئاخىرقى پەللىگە يېتىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
مۇقەددەس كىتاب مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھاياتىنى بىر مۇسابىقە بىلەن سېلىشتۇرغان. ئەڭ ئاخىرقى پەللىنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ ئۆتكەنلەر مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ (2-تىموت. 4:7، 8). ھاياتلىق مۇسابىقىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان ئەلچى پاۋلۇس، بۇ مۇسابىقىسىدە غەلىبە قازىنىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ بىزنى ئۈندەپ مۇنداق دېگەن: «بىزنى ئېغىرلاشتۇرىدىغان ھەر خىل يۈكلەرنى … تاشلايلى، ئالدىمىزدىكى مۇسابىقىنى چىدام-غەيرەت بىلەن يۈگۈرەيلى».—ئىبرانىيلار 12:1-نى ئوقۇڭ.
2. «ھەر خىل يۈكلەرنى» تاشلاش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
2 ئەلچى پاۋلۇس «ھەر خىل يۈكلەرنى» تاشلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقاندا، مەسىھ ئەگەشكۈچىسى ھېچقانداق يۈكنى كۆتەرمەسلىكى كېرەك دېمەكچى بولغانمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق. ئۇ ھەر خىل زۆرۈر بولمىغان يۈكتىن تاشلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بۇنداق يۈك قەدىمىمىزنى ئاستىلىتىپ قويالايدۇ ۋە بىزنى ھاردۇرۇپ قويالايدۇ. چىدام-غەيرەت كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېغىرلاشتۇرىدىغان ۋە زۆرۈر بولمىغان يۈكنى دەرھال ئېنىقلاپ، ئۇنى تاشلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆتۈرۈشىمىز زۆرۈر بولغان يۈكلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويماسلىقىمىز لازىم. بولمىسا، لاياقەتسىز بولۇپ مۇسابىقىدىن چۈشۈپ قالىمىز (2-تىموت. 2:5). ئۇنداقتا، قايسى يۈكلەرنى كۆتۈرۈشىمىز لازىم؟
3. (1) گالاتىيالىقلار 6:5-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، چوقۇم نېمىنى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك؟ (2) بۇ ماقالىدە، نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟
3 گالاتىيالىقلار 6:5-نى ئوقۇڭ. ئەلچى پاۋلۇس چوقۇم ئۆزىمىز كۆتۈرۈش كېرەك نەرسىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېگەن: «ھەر كىم ئۆزىنىڭ يۈكىنى ئۆزى كۆتۈرىدۇ». دېمەك، ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدىكى جاۋابكارلىقنى، يەنى ئۆزىمىز ئېلىپ يۈرۈشىمىز كېرەك مەسئۇلىيىتىمىزنى تىلغا ئالغان. بۇ ماقالىدە، ‹ئۆزىمىزنىڭ يۈكى› نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قانداق ئېلىپ يۈرەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېھتىمال ئۆزىمىز كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتقان، ئەمما زۆرۈر بولىمىغان يۈكلەرنى ئېنىقلاپ، ئۇلارنى قانداق تاشلاشقا بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز. ئۆز يۈكىمىزنى كۆتۈرۈپ، زۆرۈر بولمىغان يۈكنى تاشلىساق، ھاياتلىق مۇسابىقىمىزنى ئوڭۇشلۇق يۈگۈرۈپ تاماملىيالايمىز.
كۆتۈرۈشىمىز زۆرۈر بولغان يۈكلەر
4. نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى يەھۋاغا بېغىشلاش قەسىمى ئېغىر يۈك ئەمەس؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
4 ئۆزىمىزنى بېغىشلاش قەسىمى. بىز ھاياتىمىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغاندا، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن قەسەم قىلدۇق. بۇ قەسىمىمىزنى ھەرگىزمۇ بۇزماسلىقىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنى بېغىشلىغاندا بەرگەن قەسىمىمىزگە ئەمەل قىلىش — چوڭ بىر مەسئۇلىيەت، ئەمما بۇ ئېغىر يۈك ئەمەس. يەھۋا ئەسلىدە بىزنى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ياراتقان (ۋەھىي. 4:11). ئۇ قەلبىمىزگە روھىي ئېھتىياجنى قويۇپ، بىزنى ئۆز ئوبرازىدا ياراتقان. نەتىجىدە، بىز ئۇنىڭغا يېقىنلىشالايمىز ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاپ خۇشاللىق تاپالايمىز (زەبۇر 40:8). تېخىمۇ مۇھىمى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاپ، ئۇنىڭ ئوغلىغا ئەگەشكىنىمىزدە، ‹جېنىمىز ئارام تاپىدۇ›.—مەتتا 11:28–30.
5. بېغىشلاش قەسىمىڭىزنى ئورۇنلاشقا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (1-يۇھاننا 5:3)
5 بۇ يۈكنى قانداق كۆتۈرەلەيسىز؟ بۇنىڭغا ئىككى نەرسە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئالدى بىلەن، يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى داۋاملىق كۈچەيتىڭ. بۇنى قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن قىلىپ كېلىۋاتقان بارچە ياخشى ئىشلىرى ۋە كېلەچەكتە تەييارلاپ قويغان بەرىكەتلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ. خۇداغا بولغان مۇھەببىتىڭىز قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى، ئۇنىڭغا شۇنچە ئاسانراق بويسۇنىسىز (1-يۇھاننا 5:3-نى ئوقۇڭ). ئىككىنچىدىن، ئەيسانى ئۈلگە قىلىڭ. ئۇ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىغان. چۈنكى، ئۇ دۇئا قىلىپ، يەھۋادىن ياردەم سورىغان ۋە دىققىتىنى كېلەچەكتىكى مۇكاپىتىغا قاراتقان (ئىبرانىي. 5:7؛ 12:2). ئەيساغا ئوخشاش، يەھۋادىن كۈچ-قۇۋۋەت سوراڭ ۋە مەڭگۈلۈك ھايات ئۈمىدىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ. خۇداغا بولغان مۇھەببىتىڭىز كۈچىيىپ، ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۈلگە قىلغىنىڭىزدا، ئۆزىڭىزنى بېغىشلانغاندا بەرگەن قەسىمىڭىزنى ئورۇندىيالايسىز.
6. نېمە ئۈچۈن ئائىلە ئەزالىرى ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
6 ئائىلىدىكى مەجبۇرىيەتلەر. ھاياتلىق مۇسابىقىمىزدە، چوقۇم يەھۋا خۇدانى ۋە ئەيسا مەسىھنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىنمۇ بەكرەك سۆيۈشىمىز كېرەك (مەتتا 10:37). ئەمما، بۇ ئائىلىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزگە سەل قارىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى، سەل قارىساق، يەھۋانى ۋە ئەيسا مەسىھنى خۇرسەن قىلالمايمىز. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئائىلىدىكى رولىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك (1-تىموت. 5:4، 8). شۇنداق قىلساق، تېخىمۇ خۇشال بولىمىز. يەھۋا ئائىلىنى شۇنداق ياراتقانكى، ئەر-ئايال بىر-بىرىگە سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلسا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تەربىيىلىسە، بالىلار ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنسا، ئائىلە بەختلىك بولىدۇ.—ئەفەس. 5:33؛ 6:1، 4.
7. ئائىلىڭىزدىكى رولىڭىزنى قانداق ئادا قىلالايسىز؟
7 بۇ يۈكنى قانداق كۆتۈرەلەيسىز؟ ئائىلىدىكى رولىڭىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزغا، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيىتىڭىز ياكى مۇتەخەسسىسلەر دەپ ئاتالغانلارنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەس، مۇقەددەس كىتابتىكى دانا مەسلىھەتلەرگە تايىنىڭ (پەند. نە 24:3، 4). مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەشرىي ماتېرىياللاردىن ياخشى پايدىلىنىڭ. ئۇ يەردە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان پرىنسىپلارنى تۇرمۇشىمىزدا ئەمەلىي ئىشلىتىش توغرىسىدا قوللىنىشچان نەسىھەتلەر بار. مەسىلەن، «ئائىلىلەر ئۈچۈن ياردەم» ناملىق بىر قاتار ماقالىلەردە، ئەر-خوتۇنلار، ئاتا-ئانىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر بۈگۈنكى كۈندە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە مەزمۇنلار بار. b ھەتتا باشقا ئائىلىدىكى باشقا ئەزالار خالىمىسا ھەم، سىزنىڭ مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغانلارنى ئەمەلىي ئىشلىتىش قارارىڭىز قەتئىي بولسۇن. شۇنداق قىلسىڭىز، ئائىلىڭىز بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ ۋە يەھۋانىڭ بەرىكىتىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر.—1-پېتر. 3:1، 2.
8. چىقارغان قارارلىرىمىز بىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
8 قارارلىرىمىز ئۈچۈن جاۋابكار بولۇش. يەھۋا بىزگە تاللاش ئەركىنلىكىنى سوۋغات قىلغان. ئۇ بىزنىڭ ياخشى قارارلارنى چىقىرىپ، خۇشال بولۇشىمىزنى خالايدۇ. ئەمما، يامان قارارلارنى چىقارساق، ئۇ بىزنى يامان ئاقىۋەتلەردىن قوغدىمايدۇ (گالاتىيا. 6:7، 8). شۇ سەۋەبتىن، ناتوغرا تاللىشىمىز، ئويلانماي قىلغان گەپ-سۆزلىرىمىز ۋە ئالدىراقسانلىق بىلەن قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىز جاۋابكار بولۇشىمىز كېرەك. قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلىرىمىز تۈپەيلى، ئۆزىمىزنى گۇناھكار ھېس قىلىپ، ۋىجدان ئازابى تارتىشىمىز مۇمكىن. بىراق، چىقارغان قارارلىرىمىزغا جاۋابكار بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىش بىزنى گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ، خاتالىقلىرىمىزنى تۈزىتىشكە ۋە ئوخشاش خاتالىقنى قايتا تەكرارلىماسلىققا ئۈندەيدۇ. مۇشۇ ئىش-ھەرىكەتلەر ھايات مۇسابىقىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
9. خاتا قارار چىقارغان بولسىڭىز، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
9 بۇ يۈكنى قانداق كۆتۈرەلەيسىز؟ ئەگەر بىر خاتا قارار چىقارغان ھەمدە ئۇنى بىكار قىلالمايدىغان بولىسىڭىز، رېئاللىقنى قوبۇل قىلىڭ. ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلىڭ. ئۆزىڭىزنى ئاقلاش ئۈچۈن ۋە ئۆتكۈزگەن خاتالىقىڭىز ئۈچۈن باشقىلارنى ئەيىبلەشكە ۋاقتىڭىزنى ۋە كۈچىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ. ئەكسىچە، خاتالىقىڭىزنى بوينىڭىزغا ئېلىڭ ۋە ھازىر قولۇڭىزدىن كېلىشىچە ياخشىراق قىلىشقا ھەرىكەت قىلىڭ. ئەگەر ئۆتكۈزگەن خاتالىقىڭىز سەۋەبلىك، ئۆزىڭىزنى گۇناھكار ھېس قىلسىڭىز، كەمتەرلىك بىلەن يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا خاتالىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلىپ، كەچۈرۈم سوراڭ (زەبۇر 25:11؛ 51:3، 4). خاتالىقىڭىز تۈپەيلى، كۆڭلى رەنجىگەن كىشىلەردىن كەچۈرۈم سوراڭ. زۆرۈر بولسا، ئاقساقاللاردىن ياردەم سوراڭ (ياقۇپ 5:14، 15). ئۆز خاتالىقىڭىزدىن ساۋاق ئېلىپ، ئۇنى تەكرارلاشتىن ساقلىنىڭ. بۇلارنى قىلغىنىڭىزدا، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭكى، يەھۋانىڭ چوقۇم سىزگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ ۋە بارچە ئېھتىياجىڭىزنى تەمىنلەپ بېرىدۇ.—زەبۇر 103:8–13.
چوقۇم تاشلىۋېتىشىمىز زۆرۈر بولغان يۈكلەر
10. نېمە ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئارزۇ-ئۈمىد خۇددى ئېغىر يۈككە ئوخشاش؟ (گالاتىيالىقلار 6:4)
10 ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئارزۇ-ئۈمىد. ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئارزۇ-ئۈمىد بىلەن ئۆز ئۈستىمىزگە ئېغىر يۈكنى ئارتىۋالىمىز (گالاتىيالىقلار 6:4-نى ئوقۇڭ). ئەگەر دائىم ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرساق، ھەسەتخورلۇق پەيدا بولۇپ، باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىپ كېتىشىمىز مۇمكىن (گالاتىيا. 5:26). «ئەمەلگە ئېشىشى كېچىپ كەتكەن ئۈمىد يۈرەكنى ئېزەر»، دېمەك، ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئارزۇ-ئۈمىد بىلەن ياشىساق، بۇ بىزنى نەقەدەر ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ-ھە! (پەند. نە 13:12) بۇ كۈچ-قۇۋۋەتىمىزنى قۇرۇتۇپ، ھايات مۇسابىقىسىدە قەدەملىرىمىزنى ئاستىلىتىدۇ.—پەند. نە 24:10.
11. ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئارزۇ-ئۈمىدلەردىن ساقلىنىشقا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
11 بۇ يۈكنى قانداق تاشلىيالايسىز؟ ئۆزىڭىزدىن يەھۋا تەلەپ قىلغاندىن كۆپرەك نەرسىنى تەلەپ قىلماڭ. ئۇ ھەرگىزمۇ سىزدىن قولۇڭىزدىن كەلمەيدىغان نەرسىنى كۈتمەيدۇ (2-كورىنت. 8:12). شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، ئۇ سىز قىلغان ئىشلارنى باشقىلار قىلغان ئىشلار بىلەن سېلىشتۇرمايدۇ (مەتتا 25:20–23). ئۇ سىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن قىلغان خىزمىتىڭىزنى، سىزنىڭ ساداقەتمەنلىكىڭىزنى ۋە سىزنىڭ چىدام-غەيرىتىڭىزنى قەدىرلەيدۇ. يېشىڭىز، سالامەتلىكىڭىز ۋە ھازىرقى ئەھۋالىڭىز تۈپەيلى، بەزى ئىشنى قىلالمىسىڭىز، رېئاللىقنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭ. خۇددى بارزىلايغا ئوخشاش، يېشىڭىز ياكى سالامەتلىكىڭىز بېرىلگەن ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا يول قويمىسا، رازىمەنلىك بىلەن شۇ ئىمتىيازدىن ۋاز كېچىڭ (2-سام. 19:35، 36). مۇساغا ئوخشاش، ياردەمنى قوبۇل قىلىڭ ۋە مۇۋاپىق پەيتتە ۋەزىپىنى باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىڭ (چىق. 18:21، 22). شۇنداق كىچىك پېئىللىق كۆرسەتسىڭىز، بۇ سىزنى ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئارزۇ-ئۈمىدكە باغلىنىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ ۋە ھاياتلىق مۇسابىقىسىدە ھېرىپ-چارچاپ كېتىشتىن قوغداپ قالىدۇ.
12. باشقىلار چىقارغان ناتوغرا قارارى ئۈچۈن بىز جاۋابكارمۇ؟ چۈشەندۈرۈڭ.
12 باشقىلار چىقارغان خاتا قارار ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىبكار ھېس قىلىش. بىز باشقىلار ئۈچۈن قارار چىقىرالمايمىز. شۇنىڭدەك، دائىم ئۇلارنى چىقارغان خاتا قارارلىرىنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ساقلاپ قالالمايمىز. مەسىلەن، بالىلار يەھۋاغا خىزمەت قىلماسلىقنى قارار قىلىشى مۇمكىن. بۇ قارار ئاتا-ئانىلارنى ئېغىر قايغۇ-ھەسرەتكە سالىدۇ. بىراق، بالىسىنىڭ چىقارغان قارارى ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىبلىگەن ئاتا-ئانىلار ئۆز ئۈستىگە ئېغىر يۈكنى ئارتىۋالىدۇ. يەھۋا ئۇلارنىڭ بۇ ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈشىنى خالىمايدۇ.—رىملىقلار 14:12.
13. بالىسى چىقارغان خاتا قارارغا، ئاتا-ئانا قانداق كۆز قاراشتا بولۇشى كېرەك؟
13 بۇ ئېغىر يۈكنى قانداق تاشلىيالايسىز؟ يەھۋانىڭ ھەممىمىزگە تاللاش ئەركىنلىكى بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىڭ. ئۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز تاللىشىغا يول قويىدۇ. ھەتتا، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىش ئەركىنلىكىنى بەرگەن. يەھۋا سىلەرنىڭ نامۇكەممەل ئاتا-ئانا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىدۇ. ئۇ قولۇڭىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىزنى خالايدۇ. بالىڭىزنىڭ قارارى ئۇنىڭ جاۋابكارلىقى، ھەرگىزمۇ سىزنىڭ جاۋابكارلىقىڭىز ئەمەس (پەند. نە 20:11). شۇنداقتىمۇ، ئاتا-ئانا سۈپىتىدە غەم-ئەندىشە قىلىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداق بولسا، ئۆز ھېس-تۇيغىڭىزنى يەھۋاغا ئېيتىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراڭ. ئۇ سىزنىڭ ئۆتمۈشكە قايتالمايدىغانلىقىڭىزنى ۋە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ بالىڭىزنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن سىزنىڭ جاۋابكار بولۇشىنى خالىمايدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بالىڭىز يەھۋاغا قايتىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، ياراتقۇچىمىز جەزمەن ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.—لۇقا 15:18–20.
14. نېمە ئۈچۈن ھەردائىم ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلىش چوقۇم تاشلاش زۆرۈر بولغان يۈك؟
14 ھەردائىم ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلىش. گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندا، ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلىش تەبىئىي ئىش. بىراق، يەھۋا ھەردائىم ئۆزىمىزنى گۇناھكار ھېس قىلىشىمىزنى خالىمايدۇ. بۇ ئېغىر يۈكنى چوقۇم تاشلىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنى ھەردائىم گۇناھكار ھېس قىلىۋاتقانلىقىمىزنى قانداق بىلەلەيمىز؟ ئەگەر گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ، توۋا قىلساق ۋە ئۇلارنى قايتىلىماسلىق ئۈچۈن ھەرىكەت قىلساق، يەھۋانىڭ بىزنى كەچۈرگەنلىكىگە ئىشەنسەك بولىدۇ (ئەلچى. 3:19). بۇ قەدەملەرنى قىلغاندىن كېيىن، يەھۋا بىزنىڭ داۋاملىق گۇناھكار ھېس قىلىشىمىزنى خالىمايدۇ. چۈنكى، ئۇ بۇنىڭ بىز ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ (زەبۇر 31:10). ئەگەر ھەددىدىن زىيادە قايغۇ-ھەسرەت چەكسەك، ھاياتلىق مۇسابىقىسىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ۋاز كېچىشىمىز مۇمكىن .—2-كورىنت. 2:7.
15. ھەردائىم ئۆزىڭىزنى گۇناھكار ھېس قىلسىڭىز، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟ (1-يۇھاننا 3:19، 20) (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
15 بۇ يۈكنى قانداق تاشلىيالايسىز؟ دائىم ئۆزىڭىزنى گۇناھكار ھېس قىلسىڭىز، يەھۋانىڭ ھەققانىي كىشىلەرنى «چىن دىلدىن كەچۈرۈم» قىلىدىغان خۇدا ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماڭ (زەبۇر 130:4). ئۇ چىن قەلبىدىن توۋا قىلغانلارنى كەچۈرگەندە، «ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئەسلا يادقا» ئالمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (يەرەم. 31:34). دېمەك، يەھۋا كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىزنى قايتا ئېسىگە ئالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆز گۇناھلىرىڭىز سەۋەبلىك، ھازىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىڭىز، ھەرگىزمۇ يەھۋا مېنى كەچۈرمىدى دەپ خاتا خۇلاسە چىقارماڭ. ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلار سەۋەبلىك، جامائەتتىكى بەزى مەسئۇلىيەتلەرنى ئورۇنلاشتىن مەھرۇم قالسىڭىز، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ. يەھۋا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭىز توغرۇلۇق دائىم ئويلىمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، سىزمۇ ئويلىماسلىقىڭىز كېرەك.—1-يۇھاننا 3:19، 20-نى ئوقۇڭ.
غەلىبە قىلىش ئۈچۈن يۈگۈرۈڭ
16. مۇسابىقىدە يۈگۈرگۈچىلەر سۈپىتىدە نېمىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك؟
16 ھاياتلىق مۇسابىقىسىدە چوقۇم غەلىبە قىلىش ئۈچۈن يۈگۈرىشىمىز كېرەك (1-كورىنت. 9:24). ئەگەر كۆتۈرۈپ يۈرۈش ياكى تاشلاش زۆرۈر بولغان يۈكلەر ئارىسىدىكى پەرقنى چۈشەنسەك، غەلىبە قازىنالايمىز. بۇ ماقالىدە، چوقۇم كۆتۈرۈپ يۈرۈش ياكى تاشلاش زۆرۈر بولغان يۈكلەردىن بىر قانچىسىنى كۆرۈپ چىقتۇق. بىراق، تىلغا ئېلىشقا بولىدىغان باشقا يۈكلەر ھەم بار. ئەيسا مۇنداق دېگەن: «ئۆزۈڭلارنى زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىش ۋە تۇرمۇشنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن ئېغىرلاشتۇرماڭلار» (لۇقا 21:34). ھاياتلىق مۇسابىقىسىدە يۈگۈرۈۋاتقاندا، ئۇشبۇ ۋە باشقا ئايەتلەر قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر ئۆزگەرتىشلەرنى كۆرۈپ يېتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.
17. نېمە ئۈچۈن ھاياتلىق مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنەلەيمىز؟
17 بىـز ھاياتلىـق مۇسابىقىسىدە غەلىبـە قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنەلەيمىز. چۈنكى، يەھۋا بىزگە كېرەكلىك كۈچ-قۇۋۋەتنى بېرىدۇ (يەشايا 40:29–31). شۇڭا، قەدەملىرىڭىزنى ئاستىلاتماڭ. كېلەچەكتە ئېرىشىدىغان مۇكاپات ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈگۈرگەن ئەلچى پاۋلۇسنى ئۈلگە قىلىڭ (فىلىپى. 3:13، 14). ھېچكىم بۇ مۇسابىقىنى سىز ئۈچۈن يۈگۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، ئەمما، يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن غەلىبە قازىنالايسىز. يەھۋا سىزنىڭ زۆرۈر بولغان يۈكلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشىڭىزگە ۋە زۆرۈر بولمىغان يۈكلەرنى تاشلىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ (زەبۇر 68:19). يەھۋا يېنىڭىزدا بولغاچ، چىدام-غەيرەت بىلەن مۇسابىقىنى ئاخىرغىچە يۈگۈرۈپ تاماملىيالايسىز ۋە غەلىبىگە ئېرىشەلەيسىز!
45-ناخشا ئالغا باس!
a بۇ ماقالە ھاياتلىق سەپىرىمىزدە مۇسابىقىنى ئاخىرغىچە يۈگۈرەشكە ياردەم بېرىدۇ. يۈگۈرگۈچى سۈپىتىدە چوقۇم بەزى يۈكلەرنى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. مەسىلەن، ئۆزىمىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغاندا قىلغان قەسەم، ئائىلىدىكى مەجبۇرىيەتلەر، قارارلىرىمىز ئۈچۈن جاۋابكار بولۇش. ئەمما، بىزنى ئېغىرلاشتۇرىدىغان ياكى ئاستىلىتىدىغان زۆرۈر بولمىغان يۈكلەرنى تاشلىشىمىز كېرەك. ئۇ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ بۇ ماقالە مۇشۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ.
b بۇ بىر قاتار ماقالىلەرنى jw.org. تور بېكىتىدىكى «ئائىلىلەر ئۈچۈن ياردەم» دېگەن سەھىپىدىن تاپالايسىز. مەسىلەن، بەزى ماقالىلەر: ئەر-ئاياللار ئۈچۈن، «قانداق ھۆرمەت كۆرسىتىش؟» ۋە «قانداق مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش»؛ ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن، «بالىڭىزغا تېلېفون ئىشلەتكەندە ئېھتىياتچان بولۇشنى ئۆگىتىڭ» ۋە «بالىلار بىلەن قانداق سۆھبەتلىشىش»؛ بالىلار ئۈچۈن، «تەڭتۇشلارنىڭ بېسىمىغا قارشى تۇرۇش» ۋە «يالغۇزلۇقنى يېڭىش».