مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى توردا لايىق ئىزدە‌شكە قانداق كۆزقاراشتا بولۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

يە‌ھۋا توي قىلغان ئىككى كىشىنىڭ خۇ‌شاللىق تېپىپ،‏ مە‌ڭگۈ بىر-‏بىرى بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شىنى بە‌ك خالايدۇ (‏مە‌تتا 19:‏4—‏6‏)‏.‏ توي قىلىشنى ئارزۇ قىلسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزگە لايىق كىشىنى قانداق تاپالايسىز؟‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا بە‌ختلىك ئائىلە قۇ‌رۇ‌شىمىز ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ياخشى بىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌گە‌ر ئۇ كۆرسە‌تكە‌ن پرىنسىپلارغا ئە‌مە‌ل قىلسىڭىز،‏ ھە‌قىقىي بە‌ختكە ئېرىشە‌لە‌يسىز.‏ ئاشۇ پرىنسىپلاردىن بە‌زىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

بىرىنچى،‏ قە‌لب ئۇ ھە‌ممىدىن ھىيلىگە‌ر ۋە ھېچنە‌رسىگە پە‌رۋا قىلمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆز-‏ئۆزىمىزنى چۈشىنىشىمىز كېرە‌ك (‏يە‌رە‌م.‏ 17:‏9‏)‏.‏ توي قىلىشنى خالىغان ئىككى كىشى كۆرۈشۈپ ئۇ‌چرىشىشقا باشلايدۇ.‏ ئۇ‌لار تېزلىكتە بىر-‏بىرىگە كۈچلۈك ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا باغلىنىدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ‌لارنىڭ توغرا قارارى چىقىرىشى ئاسانغا چۈشمە‌يدۇ.‏ ئادە‌ملە‌ر كۈچلۈك ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا ئاساسلىنىپ،‏ توي قىلىشنى قارار قىلسا،‏ نە‌تىجىدە بە‌لكىم ئۇ‌لار ئۈمىدسىزلىنىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 28:‏26‏)‏.‏ ئىككى كىشى بىر-‏بىرىنى ياخشىراق بىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئالدىراپ ئىچكى ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئىپادىلە‌پ ۋە‌دە بە‌رسە،‏ ئۇ ئە‌خمە‌قلىق بولىدۇ.‏

بىر ئايە‌تتە:‏ «پە‌م-‏پاراسە‌تلىك كىشى خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رنى كۆرۈپ،‏ ئۆزىنى ئېلىپ قاچار،‏نادان بولسا ئالدىغا بېرىپ،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكە‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏پە‌ند.‏ نە 22:‏3‏)‏.‏ لايىق تونۇ‌شتۇ‌رىدىغان توربە‌تنى ئىشلىتىش خە‌تە‌رلىك.‏ بە‌ك ئە‌پسۇ‌س،‏ بە‌زى كىشىلە‌ر توردا تونۇ‌مايدىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن پاراڭلىشىپ،‏ ئۇ‌چرىشىشقا باشلاپ،‏ كېيىنچە ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بايقىغان.‏ يە‌نە ساختىپە‌ز ئادە‌ملە‌ر يالغان سالاھىيە‌ت بىلە‌ن ساددا ئادە‌ملە‌رنى ئالداپ،‏ پۇ‌للىرىنى ئوغۇ‌رلىۋالىدۇ.‏ بە‌زىدە يالغانچىلىق قىلغۇ‌چىلار ئۆزلىرىنى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى دە‌پ تونۇ‌شتۇ‌رىدۇ.‏

يە‌نە بىر خە‌تە‌رنى كۆرۈپ باقايلى.‏ بە‌زى لايىق تونۇ‌شتۇ‌رىدىغان تور بە‌تلىرى كومپيۇ‌تېرلۇ‌ق ھېسابلاش ئۇ‌سۇ‌لى ئارقىلىق ئادە‌ملە‌ر ئۆز-‏ئارا ماس كېلىدۇ،‏ دە‌پ پە‌رە‌ز قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ شۇ‌نداق ئۇ‌سۇ‌لدا لايىق تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌شنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىسپات كۆرسىتە‌لمە‌يدۇ.‏ بۇ مۇ‌ھىم ئىشتا ئادە‌ملە‌ر ئىجاد قىلغان كومپيۇ‌تېرلۇ‌ق ھېسابلاش ئۇ‌سۇ‌لىغا ئىشىنىش دانالىق بولامدۇ؟‏ كومپيۇ‌تېرلۇ‌ق ھېسابلاش ئۇ‌سۇ‌لىنى قانداقمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ پرىنسىپلىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولسۇ‌ن.‏—‏پە‌ند.‏ نە 1:‏7؛‏ 3:‏5—‏7‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بىر پرىنسىپ بار:‏ «ئە‌خمە‌ق ئادە‌م ھە‌ممىلا سۆزگە ئىشىنىپ كېتە‌ر،‏ زېرە‌ك ئادە‌م ھە‌ر بىر قە‌دىمىنى ئويلىنىپ باسار» (‏پە‌ند.‏ نە 14:‏15‏)‏.‏ بىرسىنى ئۆزىڭىزنىڭ توي قىلىدىغان لايىقى،‏ دە‌پ قارار قىلىشتىن ئاۋۋال،‏ شۇ كىشى ھە‌ققىدە ياخشىراق بىلىشىڭىز كېرە‌ك.‏ بىراق،‏ توردا ئۇ‌چرىشىش ئارقىلىق بىر كىشىنى بىلىش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ سىز ھە‌تتا ئۇ‌چۇ‌رلارنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ توردا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن پاراڭلىشىشقا ۋاقىت سە‌رپ قىلسىڭىزمۇ،‏ شۇ كىشىنى ياخشى بىلىمە‌ن دە‌پ ئېيتالامسىز؟‏ ئاخىرى مېنى ھە‌قىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئادە‌منى تاپتىم دېگە‌نلە‌ر،‏ يۈزمۇ-‏يۈز ئۇ‌چراشقاندا بە‌كمۇ ھە‌يران قالغان.‏

زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «يالغانچىلار بىلە‌ن ئارىلاشمايمە‌ن،‏ ئىككى يۈزلۈكلە‌ردىن يىراق تۇ‌رىمە‌ن» (‏زە‌بۇ‌ر 26:‏4‏)‏.‏ توردا ئۇ‌چرىشىدىغانلار ئۆزلىرىنى ياخشى كۆرسىتىش ئۈچۈن،‏ يالغان ئۇ‌چۇ‌رلارنى بېرىشنى ئادە‌تتىكى بىر ئىش دە‌پ قارايدۇ.‏ ئۇ‌لار توردا ئۆزىنىڭ ھە‌قىقىي مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىنى يوشۇ‌رىدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر ئۆزىنى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى دە‌پ كۆرسىتىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لار ھە‌قىقە‌تە‌ن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن گۇ‌ۋاھچىلارمۇ؟‏ ئۇ‌لار روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن ئېتىقادچىلارمۇ؟‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتىمۇ؟‏ ئۇ‌لارنىڭ جامائە‌تتىكى نام-‏ئابرويى قانداق؟‏ ئۇ‌لار يامان ئۈلگە ياكى يامانلار بىلە‌ن باردى-‏كە‌لدى قىلغۇ‌چىلارمۇ؟‏ (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏33؛‏ 2-‏تىموت.‏ 2:‏20،‏ 21‏)‏.‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپى بويىچە قايتا توي قىلىشقا لايىقمۇ؟‏ سىز بۇ‌لارنى ئېنىق بىلىشىڭىز زۆرۈر.‏ بىراق،‏ شۇ كىشىنى تونۇ‌يدىغان باشقا گۇ‌ۋاھچىلار بىلە‌ن پاراڭلاشماي،‏ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش قىيىن (‏پە‌ند.‏ نە 15:‏22‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋانىڭ سادىق خىزمە‌تچىسى ئوخشاش ئېتىقادتا بولغان كىشى بىلە‌ن بىر بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌ق ئاستىغا كىرىشنى خىيالمۇ قىلمايدۇ.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 6:‏14؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 7:‏39‏.‏

توردا ئۇ‌چرىشىش خە‌تە‌رلىك.‏ ئە‌مما،‏ بىرسى بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌پ،‏ توي قىلىدىغان لايىقنى تېپىشنىڭ باشقىمۇ ياخشى يوللىرى بار.‏ توي قىلىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە لايىق كېلىدىغان كىشىنى قە‌يە‌ردە ئۇ‌چرىتالايسىز؟‏ ئاممىۋىي يىغىلىشلار تېخى چە‌كلە‌نمىگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ جامائە‌ت يىغىلىشلىرى،‏ چوڭ يىغىلىشلار ۋە باشقا يىغىلىپ جە‌م بولۇ‌شلاردا ئۆز-‏ئارا كۆرۈشۈپ،‏ بىر-‏بىرى بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌ش پۇ‌رسىتى بار ئىدى.‏

كۆپرە‌ك ۋاقىت ئۆتكۈزگە‌نسېرى،‏ بىر-‏بىرىڭلارنىڭ ئوخشاش مە‌قسە‌تكە ۋە كۆز-‏قاراشقا ئىگە ياكى ئە‌مە‌سلىكىنى كۆرە‌لە‌يسىز

تاجىسىمان ۋابا كېسىلى مە‌زگىلىدە،‏ ئاممىۋىي يىغىلىشنى ئۆتكۈزۈش مۇ‌مكىن بولمىغاندا،‏ بىز تور ۋاسىتىلىرى بىلە‌ن جامائە‌ت يىغىلىشلىرىمىزنى ئۆتكۈزدۇ‌ق.‏ شۇ يىغىلىشلاردا تېخى توي قىلمىغان گۇ‌ۋاھچىلار بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌شنىڭ پۇ‌رسە‌تلىرى بار.‏ بۇ يىغىلىشلاردا سىز ئۇ‌لارنىڭ ئېيتقان نۇ‌تۇ‌قلىرى ياكى بە‌رگە‌ن جاۋابلىرىدىن ئىمان-‏ئېتىقادىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرە‌لە‌يسىز (‏1-‏تىموت.‏ 6:‏11،‏ 12‏)‏.‏ يىغىلىشتىن كېيىن،‏ سىز ئايرىم بۆلۈملە‌ردە ئۆز ئارا پاراڭلىشالايسىز.‏ شۇ‌نداق توپ-‏توپ گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ سۆھبە‌ت يىغىلىشلىرى ئارقىلىق،‏ ئۆزىڭىز قىزىققان ئادە‌منىڭ باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلىدە بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،‏ شۇ كىشىنىڭ ھە‌قىقىي مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىنى كۆرۈپ يېتە‌لە‌يسىز (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏4‏)‏.‏ ۋاقىت-‏سائىتى كە‌لگە‌ندە،‏ سىلە‌رنىڭ ئوخشاش مە‌قسە‌ت ۋە كۆزقارىشىڭلار بارمۇ؟‏ بىر-‏بىرىڭلارغا لايىق كېلە‌مسىلە‌ر؟‏ شۇ‌نى ياخشىراق بىلە‌لە‌يسىز.‏

بويتاق كىشىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ پرىنسىپلىرىنى قوللىنىپ،‏ ئۆزىگە لايىق كىشىنى ئىزدىگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌تتىكى سۆزلە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزىدۇ:‏ «ياخشى خوتۇ‌ن ئالغان [ياخشى ئە‌رگە تە‌گكە‌ن] كىشى ياخشىلىق تاپقان بولار،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ مە‌رھە‌مىتىگە ئىگە بولار».‏—‏پە‌ند.‏ نە 18:‏22‏.‏