28-تەتقىق ماقالىسى
رىقابەتچىلىكتىن ساقلىنىپ، تىنچ-ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرەيلى
«شەخسىيەتچىلىك قىلمايلى. بىر-بىرىمىزنى رىقابەتچىلىككە ئۈندىمەيلى ۋە بىر-بىرىمىزگە ھەسەت قىلمايلى».—گالاتىيا. 5:26.
53-ناخشا ئىناقلىقتا خىزمەت قىلىش
بۇ ماقالىدە a
1. رىقابەتچىلىك روھى ئادەملەرگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
بۈگۈنكى كۈندە، بۇ دۇنيادا نۇرغۇن ئادەملەر رىقابەتچىلىك روھى تەرىپىدىن شەخسىيەتچىلىككە دەۋەت قىلىنغان. مەسىلەن، بىر سودىگەر باشقا سودىگەرلەردىن كۆپرەك مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى خالىغاچ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشكە ھەرىكەت قىلىدۇ. تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە، تەنھەرىكەتچى ئۆزىنىڭ غەلىبە قازىنىشى ئۈچۈن باشقىلارنى قەستەن يارىلاندۇرۇشى مۇمكىن. بىر ئوقۇغۇچى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىش ئۈچۈن، ئىمتىھاندا ئالدامچىلىق قىلىشى مۇمكىن. بىز خۇدا خىزمەتچىلىرى سۈپىتىدە، شۇنداق ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمىز. ئۇلار تەننىڭ ئىشلىرىدۇر (گالاتىيا. 5:19—21). ئەمما، ھەتتا بەزى يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ، ئۆزلىرى بايقىماي جامائەتتە رىقابەتچىلىك روھىنى كۈچەيتىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ بەك مۇھىم بىر سوئال. سەۋەبى، رىقابەتچىلىك روھى قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ئىناقلىققا تەسىر قىلالايدۇ.
2. بۇ ماقالىدە، نېمىلەرنى قاراشتۇرىمىز؟
2 بۇ ماقالىدە، بىز قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بەسلىشىش روھىنى كۈچەيتىدىغان ناچار مىجەز-خۇلۇقلار ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز. يەنە مۇقەددەس كىتابتىكى ساداقەتمەن ئەر ۋە ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈمىز. ئۇلار رىقابەتچىلىككە بېرىلمىگەن. ئاۋۋال بىز ئۆز نىيەتلىرىمىزنى قانداق تەكشۈرەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.
نىيىتىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ
3. بىز ئۆز-ئۆزۈمىزدىن قايسى سوئاللارنى سوراپ كۆرۈشىمىز كېرەك؟
3 ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۆز نىيەتلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ تۇرساق ياخشى. ئۆز-ئۆزۈمىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرەيلى: ئۆز قەدىر-قىممىتىمنى ھېس قىلىش ئۈچۈن، ئۆزۈمنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرىمەنمۇ؟ جامائەتتە تىرىشىپ خىزمەت قىلىشىم، ئۆزۈمنى ئەڭ ياخشى كۆرسىتىش ياكى باشقىلارغا قارىغاندا ياخشىراق بولۇشنى خالىغىنىم ئۈچۈنمۇ؟ ۋە ياكى، يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ نېمە ئۈچۈن مۇشۇ سوئاللار توغرۇلۇق ئويلاش مۇھىم؟ مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ، قاراپ باقايلى.
4. گالاتىيالىقلار 6:3، 4-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغاندەك، نېمە ئۈچۈن ئۆزۈمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن چوقۇم يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك؟
4 مۇقەددەس كىتاب، ئۆزۈمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن يىراق تۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ (گالاتىيالىقلار 6:3، 4-نى ئوقۇڭ). نېمە ئۈچۈن؟ بىر سەۋەبى، ئەگەر بىز بىر ئىشنى قېرىنداشلىرىمىزدىن ياخشىراق قىلىۋاتىمەن، دەپ ئويلىساق، تەكەببۇر بولۇپ كېتىشىمىز مۇمكىن. يە بولمىسا، باشقىلارنى ئۆزۈمىزدىن ياخشىراق، دەپ ئويلىساق، بىز يەنە ئۈمىدسىزلىنىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا، مەيلى ئۇنداق ياكى بۇنداق ئويلايلى، بۇ دانالىق ئەمەس (رىملىقلار 12:3). گرېتسىيىدە ياشايدىغان قېرىندىشىمىز كاترىنا b مۇنداق دەيدۇ: «مەن دائىم كۆرۈنۈشى چىرايلىق، ۋەز خىزمەتتە ئۈنۈملۈكرەك ۋە باشقىلارنى دوست تۇتۇشقا ماھىر قېرىنداشلار بىلەن ئۆزۈمنى سېلىشتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن ئىدىم. نەتىجىدە، ئۆزۈمنى ئەرزىمەس ھېس قىلاتتىم». بىز بىر نەرسىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك: بىز چىرايلىق، قابىلىيەتلىك ياكى ئاتاقلىق بولغىنىمىز ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىنچە ياراتقۇچىمىزنى سۆيۈشكە تەييار بولۇپ، ئوغلىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالغىنىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان.—يۇھاننا 6:44؛ 1-كورىنت. 1:26—31.
5. بۇرادەر خيۇننىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
5 ئۆزۈمىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرسەك بولىدۇ: باشقىلار مېنى تىنچلىقپەرۋەر، دەپ قارامدۇ ياكى دائىم باشقىلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ يۈرىدىغان ئادەم، دەپ قارامدۇ؟ كورېيىدە ياشايدىغان بۇرادەر خيۇننىڭ مىسالىنى كۆرەيلى. ئىلگىرى، ئۇ بەزى ئىمتىيازلارغا ئىگە بولغان بۇرادەرلەرنى ئۆزىنىڭ رىقابەتچىلىرى، دەپ قارىغان. «مەن شۇ بۇرادەرلەرنى تەنقىد قىلغان ۋە دائىم ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قوشۇلمايتتىم. نەتىجىدە، شۇ كۆزقارىشىم، جامائەتنىڭ بۆلۈنۈشىگە سەۋەب بولغان ئىدى»،— دەپ ئېتىراپ قىلغان، ئۇ. بەزى دوستلىرى ئۇنىڭغا ئۆز كەمچىلىكىنى تونۇپ يېتىشى ئۈچۈن ياردەم بەرگەن. ئۇ كېرەكلىك ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىپ، جامائەتتە ياخشى بىر ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۆزۈمىزدە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەس، رىقابەتچىلىك روھىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلساق، ئۇنى دەرھال ئۆزگەرتىشىمىز لازىم.
شەخسىيەتچىلىك ۋە ھەسەتخورلۇق روھىغا قارشى تۇرۇڭ
6. گالاتىيالىقلار 5:26-ئايەتتە، رىقابەتلىشىش روھىنى كۈچەيتىدىغان قانداق يېقىمسىز مىجەز-خۇلۇقلار تىلغا ئېلىنغان؟
6 گالاتىيالىقلار 5:26-نى ئوقۇڭ. قانداق يېقىمسىز مىجەز-خۇلۇقلار رىقابەتلىشىش روھىنى كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ بىرى شەخسىيەتچىلىك. شەخسىيەتچى ئادەم تەكەببۇر ۋە پەقەتلا ئۆزىنى ئويلايدىغان كىشىدۇر. يەنە بىر ناچار ئىللەت ھەسەتخورلۇق. ھەسەتخور كىشى پەقەتلا باشقىلاردا بار بولغان نەرسىنىڭ ئۆزىدە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ قالماي، يەنە باشقىلاردا شۇ نەرسىنىڭ بولماسلىقىنى ھەم خالايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەسەتخورلۇق ئۆچمەنلىكنىڭ بىر تۈرى. شۇڭا، بىز بالايىئاپەتكە ئوخشاش بۇنداق ناچار ئىللەتلەردىن يىراق تۇرۇشنى خالايمىز.
7. شەخسىيەتچىلىك ۋە ھەسەتخورلۇق قانداق زىيان ئېلىپ كېلىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
7 شەخسىيەتچىلىك ۋە ھەسەتخورلۇق — بۇ ناچار ئىللەتلەر زىيانلىق قۇرۇتلارغا ئوخشايدۇ. ئۆي قانچىلىك چىرايلىق سېلىنغان بولسىمۇ، قۇرۇتلار ئۆينىڭ تۈۋرۈكلىرىنى يەپ كەتسە، شۇ ئۆي ئاخىر بىر كۈنى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋاغا بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان بىرى شەخسىيەتچىلىك ۋە ھەسەتخورلۇققا يول قويسا، ئۇ ھالاك بولىدۇ (پەند. نە 16:18). ئۇ خۇداغا خىزمەت قىلىشنى توختىتىدۇ، ئۆزىگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇنداقتا، شەخسىيەتچىلىك ۋە ھەسەتخورلۇققا قانداق قارشى تۇرالايمىز؟
8. بىز شەخسىيەتچىلىككە قانداق قارشى تۇرالايمىز؟
8 شەخسىيەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، بىز پاۋلۇسنىڭ فىلىپىلىكلەرگە بەرگەن مۇنۇ نەسىھەت سۆزىنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك: «ھېچقانداق ئىشنى رىقابەتلىشىش ۋە شەخسىيەتچىلىكتىن قىلماڭلار. ئەكسىنچە، كەمتەرلىك بىلەن باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى كۆرۈڭلار» (فىلىپى. 2:3). ئەگەر بىز باشقىلارنى ئۆزۈمىزدىن يۇقىرى كۆرسەك، بىزدىن ياخشىراق قابىلىيەت ۋە تالانتقا ئىگە بولغانلار بىلەن رىقابەتلەشمەيمىز. ئەكسىنچە، ئۇلار بولۇپمۇ شۇ قابىلىيەتلىرىنى ئىشلىتىپ، ياراتقۇچىمىز يەھۋانى مەدھىيىلەپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلسا، ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولىمىز. شۇنىڭدەك، ئەگەر شۇ قابىلىيەتلىك قېرىنداشلار پاۋلۇسنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالسا، ئۇلارمۇ ياخشى پەزىلەتلىرىمىزنى كۆرەلەيدۇ. شۇ چاغدىلا، جامائەتتە تىنچ-ئىناقلىق ۋە بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرەلەيمىز.
9. ھەسەتخورلۇق خاھىشىمىزنى قانداق كونترول قىلالايمىز؟
9 كىچـىك-پېئىللىـقنى يېتىلـدۈرۈش ۋە ئىمكانىيىتىمىزنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق، ھەسەتخورلۇق خاھىشىنى كونترول قىلالايمىز. ئەگەر كەمتەر بولساق، تالانتىمىزنى يـاكـى بـاشـقـىـلاردىـن كـۆپـرەك ئـىـش قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنمايمىز. ئەكسىنچە، ئۆزۈمىزدىن قابىلىيەتلىك بولغانلاردىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزغا دىققەت قىلىمىز. مەسىلەن، جامائەتتە بىر بۇرادەر ياخشى نۇتۇقلارنى ئېيتىدۇ، دەيلى. بىز ئۇنىڭدىن نۇتۇقلارنى قانداق تەييارلايدىغانلىقىنى سورىساق بولىدۇ. ئەگەر بىر قېرىندىشىمىز ياخشى ئاشپەز بولسا، ئۇنىڭدىن تەملىك تاماقلارنى ئېتىشنى ئۆگىنىۋالساق بولىدۇ. ياكى بولمىسا، بىر ياش قېرىنداشقا دوستلارنى تېپىش قىيىن بولسا، ئۇ باشقىلار بىلەن ئوڭايلا دوست بولالايدىغانلاردىن ياردەم سورىسا بولىدۇ. شۇنداق قىلساق، ئۆزۈمىزنى ھەسەتخورلۇقتىن ساقلاپ، ماھارىتىمىزنى ئاشۇرالايمىز.
مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈلگىلەردىن ساۋاق ئېلىش
10. گىدېئون قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟
10 ماناسسە قەبىلىسىدىن بولغان گىدېئون بىلەن ئەفرائىم قەبىلىسىدىن بولغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرەيلى. گىدېئون ۋە ئۇنىڭ 300 ئەسكىرى، يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن جەڭدە غەلىبە قازانغان ئىدى. ئۇلار شۇ جەڭدىن كېيىن، ئىنتايىن پەخىرلەنسە بولاتتى. ئەفرائىملىقلار گىدېئون بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنى ماختاشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ بىلەن تاكاللىشىپ ئاچچىقلانغان. سەۋەبى، گىدېئون باشتىن باشلاپ، ئەفرائىم قەبىلىسىدىكىلەرنى خۇدانىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭگە چاقىرمىغان ئىدى. گىدېئون خۇدانىڭ ئىسىمىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ خەلقىنى قوغدىغان ئىدى. ئەمما، ئەفرائىملىقلار ھەددىدىن زىيادە ئۆز قەبىلىسىنىڭ نام-ئابرويىنى قوغداشنى ئويلىغاچ، ئەڭ مۇھىم نەرسىنى ئۇنتۇغان.—ھاكىم. 8:1.
11. گىدېئون ئەفرائىملىقلارغا قانداق جاۋاب قايتۇرغان؟
11 گىدېئون كەمتەرلىك بىلەن ئەفرائىملىقلارغا شۇنداق دېگەن: « سىلەرنىڭ قىلغانلىرىڭلارغا قارىغاندا مېنىڭ قىلغىنىم نېمە ئىدى؟» شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يەھۋانىڭ ئۇلارنى بەرىكەتلىگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ئاچچىقى بېسىلغان (ھاكىم. 8:2، 3). گىدېئون مەغرۇرلۇقنى چەتكە قويۇپ، خۇدا خەلقى ئارىسىدا تىنچلىقنى ساقلاش ھەققىدە كۆپرەك ئويلىغان.
12. ئەفرائىملىقلار ۋە گىدېئوننىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
12 مۇشۇ مىسالدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ بىز ئەفرائىملىقلارغا ئوخشاش ئۆز نام-ئابرويىمىزنى قوغداشنى ئەمەس، بەلكى يەھۋانىڭ شان-شەرىپىنى قوغداشنى كۆپرەك ئويلىشىمىز لازىم. بولۇپمۇ، بىز ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللار گىدېئوننىڭ مىسالىدىن بىر نەرسىنى ئۆگىنەلەيمىز. ئەگەر بىرسى ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە نارازىلىقىنى بىلدۈرسە، ئۆزىمىزنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ۋەزىيەتكە قاراشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى ماختىساق بولىدۇ. بولۇپمۇ، شۇ كىشىنىڭ خاتا قىلغانلىقى ئېنىق بولغاندا، بىزدىن كەمتەر بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بىراق، ئۆزۈمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا قارىغاندا، ئېتىقادداشلار ئارىسىدىكى ئىناقلىقنى ساقلاش بەكرەك مۇھىم.
13. ھاننا قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ۋە ئۇ ئۇنى قانداق يەڭگەن؟
13 ھاننانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ ئەلقانا ئىسىملىك بىر لاۋىينىڭ ئايالى ئىدى. يولدىشى ئۇنى بەك ياخشى كۆرگەن. ئەمما، ئۇنىڭ پىنىننا ئىسىملىك يەنە بىر ئايالى بار ئىدى. ئەلقانا پىنىنناغا قارىغاندا ھاننانى بەكرەك ياخشى كۆرەتتى. پىنىننانىڭ پەرزەنتلىرى بار، ئەمما ھاننا بولسا تۇغماس ئىدى. مۇشۇ سەۋەب، پىنىننا ھاننانى مازاق قىلىپ، ئۇنى قاتتىق ئازابلاپ، خاپا قىلاتتى. ھاننانىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ، «كۆز يېشى قىلىپ، گېلىدىن غىزامۇ ئۆتمەيتتى» (1-سام. 1:2، 6، 7). بىراق، ھاننانىڭ پىنىننادىن ئۆچ ئالغانلىقى توغرۇلۇق مۇقەددەس كىتابتا ھېچنەرسە تاپالمايمىز. ئەكسىنچە، ئۇ يەھۋاغا ئىچ-باغرىنى تۆكۈپ، ئۇنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغان. پىنىننانىڭ ھانناغا بولغان مۇئامىلىسى ئۆزگەردىمۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا، بۇ توغرۇلۇق ھېچنەرسە ئېيتىلمىغان. بىراق، بىز شۇنى بىلىمىزكى، ھاننا كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشىپ، «ئىلگىرىكىدەك غەمكىن كۆرۈنمىدى».—1-سام. 1:10، 18.
14. ھاننانىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
14 ھاننانىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ ئەگەر بىرى سىز بىلەن رىقابەتلىشىشكە ئۇرۇنسا، سىز شۇ ۋەزىيەتنى كونترول قىلالايدىغانلىقىڭىز ئېسىڭىزدە بولسۇن. ئاشۇ رىقابەتكە قاتناشماڭ. يامانلىققا يامانلىق قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، شۇ كىشى بىلەن تىنچلىقنى ساقلاشقا ھەرىكەت قىلىڭ (رىملىقلار 12:17—21). ھەتتا، ئۇ ئۆزگۈرۈشنى خالىمىسىمۇ، سىز تىنچلىقنى ۋە خۇشال-خۇراملىقنى ساقلاپ قالالايسىز.
15. ئاپوللوس ۋە پاۋلۇسنىڭ قانداق ئوخشاشلىقلىرى بار ئىدى؟
15 ھازىر بولسا ئاپوللوس ۋە ئەلچى پاۋلۇستىن قانداق ساۋاق ئالالايدىغانلىقىمىزنى كۆرەيلى. ھەر ئىككىلىسى مۇقەددەس كىتابنى ياخشى بىلگەن ۋە ياخشى تەلىم بەرگۈچىلەر ئىدى. ھەر ئىككىلىسى نۇرغۇن شاگىرتلارنى تەييارلىغان. ئەمما، ئۇلار بىر-بىرىنى رىقابەتچى، دەپ قارىمىغان.
16. ئاپاللوس قانداق ئادەم بولغان؟
16 ئاپوللوس بىرىنچى ئەسىردىكى تەلىم-تەربىيە مەركىزى بولغان ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئىدى. ئۇ ناھايىتى ياخشى ناتىق بولۇپ، مۇقەددەس يازمىلارنى ياخشى بىلەتتى (ئەلچى. 18:24). ئاپوللوس كورىنت شەھىرىدە بولغاندا، جامائەتتىكى بەزىلەر پاۋلۇس ۋە باشقا بۇرادەرلەرگە قارىغاندا، ئۇنى بەكرەك ياخشى كۆرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن (1-كورىنت. 1:12، 13). ئاپاللوس جامائەتنى شۇنداق بۆلۈنۈشكە دەۋەت قىلغانمۇ؟ ياق، ئۇنداق قىلمىغان. ئەمەلىيەتتە، ئۇ كورىنت شەھىرىدىن كەتكەندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇنى شۇ شەھەرگە قايتىپ كېلىشكە چاقىرغان (1-كورىنت. 16:12). ئەگەر ئاپوللوس جامائەتتە بۆلۈنۈش پەيدا قىلماقچى بولغان بولسا، پاۋلۇس ھەرگىزمۇ ئۇنى كورىنتقا قايتىپ بېرىشقا چاقىرمايتتى. ئېنىقكى، ئاپوللوس ئۆز قابىلىيەتلىرىنى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ۋە قېرىنداشلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن. ئېنىقكى، ئۇ كەمتەر ئادەم بولغان. مەسىلەن، ئاكۋىلا بىلەن پرىسكىلا ئۇنىڭغا خۇدانىڭ يولى ھەققىدە توغرا چۈشەندۈرۈپ بەرگەندە، ئۇنىڭ خاپا بولغانلىقى توغرۇلۇق مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلمىغان.—ئەلچى. 18:24—28.
17. پاۋلۇس تىنچ-ئىناقلىقنى قانداق ئىلگىرى سۈرگەن؟
17 ئەلچى پاۋلۇس، ئاپوللوسنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولغان. بىراق، ئۇ باشقىلارنىڭ پاۋلۇسقا قارىغاندا ئاپوللوس ياخشىراق، دەپ ئويلىشىدىن ئەنسىرىمىگەن. پاۋلۇسنىڭ كورىنت جامائىتىگە بەرگەن نەسىھەتلىرىدىن، ئۇنىڭ كەمتەر، كىچىك پېئىل ۋە غەرەز ئۇقىدىغان ئادەم بولغانلىقى كۆرۈنىدۇ. باشقىلارنىڭ «مەن پاۋلۇسنىڭ شاگىرتى»، دەپ ئېيتقانلىرىغا ئۇ خۇشال بولمىغان. ئەكسىنچە، ئۇ پۈتۈن دىققىتىنى يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھكە قاراتقان.—1-كورىنت. 3:3—6.
18. 1-كورىنتلىقلار 4:6، 7-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاپوللوس ۋە پاۋلۇسنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
18 ئاپوللوس ۋە پاۋلۇسنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ بەلكىم، بىز تىرىشىپ خۇداغا خىزمەت قىلىپ، كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بەرگەندىمىز. بىراق، بۇنىڭ ھەممىسى يەھۋا خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن بولغانلىقىنى چۈشىنىمىز. ئاپوللوس ۋە پاۋلۇسنىڭ مىسالىدىن يەنە بىر نەرسىنى ئۆگىنەلەيمىز: جامائەتتە قانچە كۆپ ۋەزىپىمىز بولغانسېرى، تىنچ-ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش پۇرسىتىمىز شۇنچە كۆپ بولىدۇ. جامائەتتىكى مەسئۇلىيەتلىك بۇرادەرلەر خۇدانىڭ سۆزىگە ئاساسلىنىپ نەسىھەتلەرنى بەرسە ۋە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزلىرىگە ئەمەس، ئەيسا مەسىھكە ئاغدۇرسا، ئۇلار جامائەتتە تىنچلىق ۋە بىرلىكنى ساقلاپ قالىدۇ. شۇنداق بۇرادەرلەرنىڭ بار بولغىنىغا، بىز بەك مىننەتدار!—1-كورىنتلىقلار 4:6، 7-نى ئوقۇڭ.
19. ھەربىرىمىز نېمە قىلالايمىز؟ (« رىقابەتلىشىش روھىدىن يىراق تۇرۇڭ»، دېگەن رامكىغا قاراڭ)
19 ھەممىمىز دېگۈدەك خۇدادىن كەلگەن قابىلىيەتلەرگە ئىگە. بىز ئاشۇ سوۋغاتنى بىر-بىرىمىزگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتەلەيمىز (1-پېتر. 4:10). بەلكىم، «مەن بەك كىچىككىنە ئىشنى قىلدىم»، دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. بىراق، بۇ كىچىككىنە ئىشلىرىمىز خۇددى چوڭ بىر ئۆينى سېلىشقا ئىشلىتىدىغان ئۇششاق خىش-تاشلارغا ئوخشايدۇ. بىز قەلبىمىزدىكى رىقابەتلىشىش روھىنى پۈتۈنلەي يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلىشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا، ھەممىمىز جامائەتتە تىنچ-ئىناقلىق ۋە بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىشقا قەتئىي بەل باغلايلى.—ئەفەس. 4:3.
1-ناخشا يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى
a خۇددى بىر كىچىك يېرىق سېغىز ساپال قاچىنى ئاجىز قىلىپ قويغاندەك، رىقابەتچىلىك روھى جامائەتنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئەگەر جامائەت كۈچلۈك ۋە ئىناق بولمىسا، خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان تىنچ جاي بولمايدۇ. ھازىر بىز نېمە ئۈچۈن رىقابەتچىلىك روھىدىن يىراق تۇرىشىمىز كېرەك ۋە جامائەتتە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز، دېگەنلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.