26-تەتقىق ماقالىسى
شاگىرت تەييارلاش ئىشىغا ياردەم بېرەلەمسىز؟
«خۇدا … سىلەردە ئارزۇ-ئىستەكنى كۈچەيتىپ، كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ».—فىلىپى. 2:13.
44-ناخشا خۇشاللىق بىلەن ھوسۇل يىغىمىز
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋا سىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغان؟
سىز ھەقىقەتنى قانداق تونۇغان؟ دەسلەپتە، بەلكىم ئاتا-ئانىڭىز، خىزمەتدىشىڭىز، سىنىپدىشىڭىزدىن ياكى بولمىسا ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلغان گۇۋاھچىلاردىن خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغانسىز (ماركۇس 13:10). كېيىن، بىرى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ، سىز بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان. تەتقىق قىلىش جەريانىدا، سىز يەھۋانى ياخشى كۆرۈشكە باشلىدىڭىز ۋە ئۇنىڭمۇ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدىڭىز. يەھۋا سىزنى ھەقىقەتكە جەلپ قىلدى ۋە ھازىر سىزنىڭ ئەيسانىڭ شاگىرتى سۈپىتىدە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىڭىز بار (يۇھاننا 6:44). يەھۋا بىرسىنى دەۋەت قىلىپ، سىزگە ھەقىقەتنى ئۆگەتكەن ۋە سىزنى ئۆز خىزمەتچىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بەكمۇ مىننەتدار بولدىڭىز.
2. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 ھەقىقەتنى بىلدۇق، ئەمدى باشقىلارنىڭمۇ ھاياتلىق يولىدا مېڭىشىغا ياردەم بېرىش ئىمتىيازىمىز بار. بەلكىم، بىز ئۈچۈن ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلىش ئاسان، ئەمما مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلاش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش قىيىن. سىزمۇ شۇنداق ھېس قىلامسىز؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، مۇشۇ ماقالىدە، سىزگە ياردەم بېرىدىغان مەسلىھەتلەر بار. ھازىر بولسا، نېمە بىزنى شاگىرت تەييارلاشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە مۇقەددەس كىتاب تەتقىقى ئۆتكۈزۈشكە بىزنى ئىككىلەندۈرىدىغان قىيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ئاۋۋال، نېمە ئۈچۈن بىز پەقەت خۇش خەۋەرنى ئېيتقۇچىلارلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۆگەتكۈچىلەر ھەم بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرەيلى.
ئەيسا بىزگە ۋەز ئېيتىشنى ۋە تەلىم بېرىشنى بۇيرىغان
3. نېمە ئۈچۈن ۋەز قىلىمىز؟
3 ئەيسا يەر يۈزىدە بولغاندا، ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە ئىككى تۈرلۈك ۋەزىپىنى تاپشۇرغان. بىرىنچى، ئۇ شاگىرتلىرىغا پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشنى ئېيتقان ۋە ئۇنى قانداق قىلالايدىغانلىقىنى ئۆز ئۈلگىسى بىلەن كۆرسەتكەن (مەتتا 10:7؛ لۇقا 8:1). ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا، خۇدا پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى تىڭشايدىغان ھەم تىڭشىمايدىغان ئادەملەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى (لۇقا 9:2—5). ئۇ خۇش خەۋەرنىڭ بارلىق مىللەتلەرگە ئاڭلىتىلىشى ھەققىدە ئېيتىپ، ۋەز خىزمىتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغان (مەتتا 24:14؛ ئەلچى. 1:8). ئادەملەر ۋەز خىزمەتكە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر، شاگىرتلار خۇدا پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ نېمىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەز قىلىشقا بۇيرۇلغان.
4. مەتتا 28:18—20-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بىز پادىشاھلىق ھەققىدە ۋەز قىلىشتىن باشقا، يەنە نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
4 ئىككىنچى، ئەيسا شاگىرتلىرىغا، ئۆزى بۇيرىغان بارلىق ئىشلارغا ئەمەل قىلىشنى شاگىرت بولۇشنى خالايدىغانلارغا ئۆگىتىشنى ئېيتقان. بەزىلەر ئېيتقاندەك، ۋەز قىلىش ۋە باشقىلارنى ئۆگىتىش ئىشىنى، ئەيسا پەقەت بىرىنچى ئەسىردىكى شاگىرتلىرىغا تاپشۇرغانمۇ؟ ياق. ئەيسا بىزنىڭ كۈنلىرىمىزگىچە، يەنى زاماننىڭ ئاخىرىغىچە بۇ مۇھىم خىزمەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان (مەتتا 28:18—20-نى ئوقۇڭ). بەلكىم، ئەيسا 500-دىن كۆپرەك شاگىرتلارغا كۆرۈنگەندە، ئاشۇ بۇيرۇقنى بەرگەن (1-كورىنت. 15:6). ئەيسا بارلىق شاگىرتلىرىدىن باشقىلارنىڭ ياراتقۇچى يەھۋا ھەققىدە ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ بۇنى بىر ۋەھىي ئارقىلىق يۇھانناغا ئېنىق كۆرسەتكەن.—ۋەھىي.22:17.
5. 1-كورىنتلىقلار 3:6—9-ئايەتلەردە، پاۋلۇس ۋەز خىزمەت بىلەن تەلىم بېرىشنىڭ ئارىسىدىكى باغلىنىشنى نېمە بىلەن سېلىشتۇرغان؟
5 ئەلچى پاۋلۇس شاگىرت تەييارلاش ئىشىنى دېھقانچىلىق ئىشى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بىز پەقەت ئۇرۇقنى چېچىپلا قويماي، تېخىمۇ كۆپرەك ئىش قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. پاۋلۇس مۇنداق يازغان: «مەن تېرىدىم، ئاپوللوس سۇغاردى، … سىلەر بولساڭلار خۇداغا مەنسۇپ ئەجىر قىلىنىۋاتقان ئېتىزلار» (1-كورىنتلىقلار 3:6—9-نى ئوقۇڭ). دېمەك، بىز خۇداغا مەنسۇپ ئېتىزىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار سۈپىتىدە، پەقەت ئۇرۇقنى چېچىپلا قويماي، ئۇنىڭغا يەنە سۇ قۇيىمىز ۋە داۋاملىق تېرىغان ئۇرۇقنىڭ قانداق ئۆسۈۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرىمىز (يۇھاننا 4:35). يەنە شۇنىمۇ ئېنىق بىلىمىزكى، خۇدا ئۆزى ئۇرۇقنى ئۆستۈرگۈچىدۇر.
6. بىز باشقىلارغا ئۆگەتكەندە، چوقۇم ئۇلارنىڭ نېمە قىلىشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك؟
6 بىز مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشقا مايىل كىشىلەرنى ئىزدەيمىز (ئەلچى. 13:48). شۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتنى (1) چۈشىنىشىگە، (2) قوبۇل قىلىشىغا ھەم (3) ھاياتىدا ئەمەلىي قوللىنىشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك (يۇھاننا 17:3؛ كولوسى. 2:6، 7؛ 1-سالونىكا. 2:13). جامائەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى ھەقىقەتنى يېڭىدىن تونۇغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە قارشى ئېلىش ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتەلەيدۇ (يۇھاننا 13:35). ئادەملەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان كۆزقاراشلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن (2-كورىنت. 10:4، 5). ھەر بىر كىشىنىڭ مۇشۇ قەدەملەرنى بېسىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، نەچچە ئايلاپ ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇندىلا، ئۇ ئاخىرى چۆمۈلدۈرۈلۈشكە لايەقەتلىك بولالايدۇ. بىراق، شۇنداق ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىش بەك مۇھىم.
مېھىر-مۇھەببەت بىزنى شاگىرت تەييارلاشقا دەۋەت قىلىدۇ
7. نېمە بىزنى ۋەز قىلىش ۋە شاگىرت تەييارلاش ئىشىغا دەۋەت قىلىدۇ؟
7 نېمە ئۈچۈن ۋەز قىلىپ، شاگىرت تەييارلاش ئىشى بىلەن بەنت بولىمىز؟ بىرىنچى، بىز يەھۋانى سۆيىمىز. ۋەز قىلىش ۋە شاگىرت تەييارلاش بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، قولۇڭىزدىن كەلگىنىچە خۇداغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى كۆرسىتەلەيسىز (1-يۇھاننا 5:3). ئويلاپ بېقىڭ: يەھۋاغا بولغان مۇھەببىتىڭىز، ئاللىقاچان سىزنى ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلىشقا دەۋەت قىلغان. شۇ بۇيرۇققا بويسۇنۇش ئاسان بولغانمۇ؟ بەلكىم، ئاسانغا چۈشمىگەن. تۇنجى ئىشىكنى قاققىنىڭىزدا، سىز جىددىيلەشكەنمۇ؟ شەك-شۈبھىسىزكى شۇنداق بولغان. بىراق، سىز بۇ خىزمەتنى ئەيسانىڭ تاپشۇرغانلىقىنى بىلگەچ، شۇ بۇيرۇققا بويسۇنغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ۋەز خىزمەتكە قاتنىشىش ياكى ۋەز قىلىش سىز ئۈچۈن ئاسانراق بولغان. ئۇنداقتا، ھازىر مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشى باشلاشنى ئويلىسىڭىزچۇ، جىددىيلىشىپ كېتەمسىز؟ بەلكىم. ئەمما، يەھۋا خۇدادىن ياردەم سوراڭ. ئۇ سىزگە جاسارەت بېرىپ، شاگىرت تەييارلاش ئارزۇ-ئىستىكىڭىزنىڭ كۈچىيىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
8. ماركۇس 6:34-ئايەتتە يېزىلغاندەك، نېمە يەنە بىزنى باشقىلارغا ئۆگىتىشكە ئۈندىيەلەيدۇ؟
8 ئىككىنـچى، قوشنىلىرىمىزغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت ئۇلارغا ھەقىقەتنى ئۆگىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن ئەتىدىن كەچكىچە ۋەز قىلىپ چارچاپ كەتكەن ۋە ئارام ئالىدىغان بىر جاينى تېپىشقا مۇھتاج بولۇپ تۇرغاندا، بىر توپ كىشىلەر ئۇلارنى ئىزدەپ كەلگەن. ئەيسا ئۇلارغا ئىچى ئاغرىتىپ، كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىشكە باشلىغان (ماركۇس 6:34-نى ئوقۇڭ). نېمە ئۈچۈن ئۇ ھېرىپ چارچىسىمۇ خىزمەت قىلغان؟ سەۋەبى، ئەيسا شۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەن. ئۇلارنىڭ شۇنچە كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چېكىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۈمىدكە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى خالىغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چېكىۋاتىدۇ ۋە ئۈمىدكە مۇھتاج. قارىماققا، ئۇلار خۇشال-خۇرام كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئۇلار پادىچىسى يوق پادىغا ئوخشايدۇ. ئەلچى پاۋلۇس شۇنداق كىشىلەرنى خۇداسىز ۋە ئۈمىدسىز، دەپ تەسۋىرلىگەن (ئەفەس. 2:12). ئۇلار ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان يولدا كېتىۋاتىدۇ (مەتتا 7:13). بىز ياشاۋاتقان رايوندىكى ئادەملەرنىڭ ھەق خۇدانى تونۇشقا قانچىلىك مۇھتاجلىقىنى ئويلىساق، مېھىر-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت بىزنى ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئۈندەيدۇ. ئۇلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى — مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈش.
9. فىلىپىلىكلەر 2:13-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، يەھۋا سىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
9 مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، كۆپ ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلگەچ، ئۆگىنىش باشلاشتىن ئىككىلىنىپ قالىدىغانسىز. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى يەھۋاغا ئېيتىپ بېرىڭ. ئۆگىنىشنى خالايدىغانلارنى تېپىش ۋە تەتقىق ئۆگىنىشى باشلاش ئارزۇيىڭىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ياردەم سوراڭ (فىلىپىلىكلەر 2:13-نى ئوقۇڭ). ئەلچى يۇھاننا، خۇدانىڭ ئۆز ئىرادىسىگە ماس كېلىدىغان دۇئالارغا قۇلاق سالىدىغانلىقىنى ئېيتقان (1-يۇھاننا 5:14، 15). شۇڭا، سىز باشقىلارغا ھەقىقەتنى ئۆگىتىش ئارزۇ-ئىستىكىڭىزنى كۈچەيتىشكە، يەھۋانىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىڭ.
باشقا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش
10، 11. نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىككىلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن؟
10 باشقىلارغا ئۆگىتىشنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى بىلىمىز. بىراق، شۇنداق قىلىش ئاسانغا چۈشمەسلىكى مۇمكىن. ھازىر قانداق بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمىز ۋە ئۇلارنى قانداق يېڭەلەيدىغانلىقىمىز ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى.
11 ئۆزۈمىز خالىغاندەك كۆپرەك قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، بەزى قېرىنداشلار ياشىنىپ قالغان ۋە سالامەتلىكى ناچار. سىزمۇ شۇنداق ئەھۋالدىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، بىز ۋابا (تاجىسىمان ۋىرۇس) كېسىلىدىن چىقارغان ساۋاقلاردىن بىرىنى كۆرۈپ باقايلى. بىز شۇنى بايقىدۇق، تېلېفون بىلەن ئۈنۈملۈك مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزەلەيمىز. دېمەك، ئۆيىمىزدە ئولتۇرۇپ، ئۆگىنىش باشلاش ياكى ئۆتكۈزۈش ئاسانراق بولىدۇ. يەنە بىر ئەۋزەللىكى بار. بەزىلەر مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى خالايدۇ، بىراق قېرىنداشلار ئادەتتە ۋەز قىلغاندا، شۇ ئۆگىنىشنى خالىغۇچىلارنىڭ ۋاقتى بولماي قالىدۇ. مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئەتىگەن ياكى كەچقۇرۇن ۋاقتى بولۇشى مۇمكىن. شۇ ۋاقىتلاردا ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزۈشكە ۋاقىت چىقىرالامسىز؟ ئەيسا كېچىدە نىكودىمۇسقا تەلىم بەرگەن، شۇ ۋاقىت ئۇنىڭ ئۈچۈن قولاي بولغان.—يۇھاننا 3:1، 2.
12. ياخشى بىر ئۆگەتكۈچى بولۇشىمىزغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا قايسى ئامىللار ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12 مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. باشقىلار بىلەن ئۆگىنىش ئۆتكۈزەلىشىم ئۈچۈن، ئاۋۋال كۆپرەك بىلىم ئېلىپ، ماھارىتىمنى ئاشۇرۇشۇم كېرەك، دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى تۇرغۇزۇشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدىغان ئۈچ ئامىلنى كۆرۈپ باقايلى. بىرىنچى، يەھۋا سىزنى باشقىلارغا ئۆگىتەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ (2-كورىنت. 3:5). ئىككىنچى، ئاسماندا ۋە يەردە بارلىق ھوقۇققا ئىگە بولغان ئەيسا سىزگە ئۆگىتىشنى بۇيرۇق قىلغان (مەتتا 28:18). ئۈچىنچى، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنالايسىز. ئەيسا نېمە دېيىشنى ئاتىسىدىن ئۆگەنگەن، سىزمۇ شۇنداق قىلالايسىز (يۇھاننا 8:28؛ 12:49). سىز ۋەز خىزمەت توپىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئاقساقالدىن، تەجرىبىسى مول پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ياكى ۋەز ئېيتقۇچىدىن ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ياردەم سوراڭ. ياخشى ئۆگەتكۈچى بولۇشنىڭ بىر يولى — باشقا ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە قاتنىشىش.
13. نېمە ئۈچۈن يېڭى ئۇسۇلغا ئادەتلىنىشكە تەييار بولۇشىمىز كېرەك؟
13 يېڭى ئۇسۇللارنى ۋە قوراللارنى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ھازىر ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئاساسلىقى «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» دېگەن كىتابنى قوللىنىمىز. بۇ كىتاب تەييارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ بىز ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن تەتقىق ئۆگىنىشلىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئابزاسلار ئازراق، ئەمما ئۆگەنگۈچىلەر بىلەن كۆپرەك سۆھبەتلىشىشكە مۇمكىنچىلىك بار. بىز ئۆگەتكەندە، فىلىملەر ۋە «JW Library®» پروگراممىسىغا ئوخشاش پايدىلىنىش قوراللىرىنى ئىشلىتىمىز. ئەگەر شۇ قوراللارنى ئىشلىتىشتە قىينالسىڭىز، ياردەم بېرەلەيدىغان قېرىنداشلاردىن سوراڭ. دەسلەپتە يېڭى ئۇسۇلغا ئادەتلىنىش ئاسانغا توختىمايدۇ. ئەمما، مۇنداق سۆز بار، «سەۋەب قىلساڭ، سېۋەتتە سۇ توختايدۇ». شۇڭا، يەھۋانىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن يېڭى ئۇسۇلغا ئادەتلىنىشنىڭ ئاسان، ھەتتا مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز. بىر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ئېيتقاندەك، «بۇ ئۇسۇلدا تەتقىق ئۆتكۈزۈش ئۆگەنگۈچى ھەم ئۆگەتكۈچىگە زور خۇشاللىق بېغىشلايدۇ».
14. ۋەز قىلىش قىيىن رايونلاردا خىزمەت قىلغاندا، نېمىنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك ۋە 1-كورىنتلىقلار 3:6، 7-ئايەتلەر، بىزگە قانداق تەسەللى بېرىدۇ؟
14 بەلكىم، مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلاش قىيىن رايوندا ياشايمىز. قارىماققا، ئادەملەر ئېيتىۋاتقان خەۋىرىمىزگە پەرقلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ ياكى قارشى چىقىدۇ. شۇنداق رايونلاردا ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھازىر تېز ئۆزگۈرۈۋاتقان دۇنيادا ئادەملەرنىڭ ۋەزىيىتىمۇ ئۆزگۈرۈۋاتىدۇ. ئىلگىرى قىزىقىش كۆرسەتمىگەن بىرى، ھازىر ئۆزىنىڭ روھىي ئېھتىياجى بارلىقىنى چۈشەنگەن بولۇشى مۇمكىن (مەتتا 5:3). ئىلگىرى دائىم بىزنى رەت قىلغانلار، كېيىن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىغان. بىز يەنە يەھۋا مول ھوسۇلنىڭ ئېگىسى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز (مەتتا 9:38). ئۇ بىزنىڭ داۋاملىق ئۇرۇق چېچىپ، ئۇنى سۇغۇرۇپ تۇرۇشىمىزنى خالايدۇ. ئەمما، ئۇ ئۆزى ئۇنى ئۆستۈرۈشكە مەسئۇل (1-كورىنت. 3:6، 7). ھەتتا، ھازىر مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى خالايدىغان بىرىنى تاپالمىغان بولساقمۇ، يەھۋا نەتىجىسىنى ئەمەس، چىقارغان تىرىشچانلىقىمىزنى مۇكاپاتلايدۇ. بۇنى ئەستە ساقلاش بىزگە كۆپ تەسەللى بىرىدۇ b.
شاگىرت تەييارلاش ئىشىدىكى خۇشاللىقتىن بەھرىمان بولۇڭ
15. بىرى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى قوبۇل قىلىپ، ئۆگەنگەنلىرى بويىچە ئىش قىلىشقا باشلىسا، يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟
15 بىر كىشى مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى قوبۇل قىلىپ، باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشسا، يەھۋا بەكمۇ خۇشال بولىدۇ (پەند. نە 23:15، 16). خۇدا بۈگۈنكى كۈندە ئۆز خەلقىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىپ، باشقىلارغا ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە، ئۇنىڭ كۆڭلى بەكمۇ سۆيىنىدۇ. مەسىلەن، 2020-يىلى، دۇنيادا تارقالغان ۋاباغا قارىماستىن، ئۇنىڭ خەلقى 7705765 كىشى بىلەن ئۆگىنىش ئۆتكۈزدى، 241994 كىشى يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى. يېڭى شاگىرتلار ھەم تېخىمۇ كۆپ شاگىرتلارنى تەييارلاش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ (لۇقا 6:40). بىز شاگىرت تەييارلاش ئىشىغا قاتناشقاندا، يەھۋانىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
16. قانداق مەقسەت قويالايمىز؟
16 شاگىرت تەييارلاش ئاسان ئىش ئەمەس. ئەمما، خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن، ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇشنى خالىغۇچىلارغا ئاسماندىكى ئاتىمىزنى سۆيۈشنى ئۆگىتىشتە ئۆز ھەسسىمىزنى قوشالايمىز. ھېچ بولمىغاندا، بىر كىشى بىلەن تەتقىق ئۆگىنىشى باشلاش ئۈچۈن مەقسەت قويالايمىزمۇ؟ بىز ھەر بىر ئۇچراتقان ئادەمنى تەتقىق ئۆگىنىشىگە تەكلىپ قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىسەك، نەتىجىسى بىزنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يەھۋا تىرىشچانلىقىمىزنى بەرىكەتلەيدۇ.
17. ئەگەر بىرى بىلەن ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزسەك، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىمىز؟
17 كىشىلەرگە ۋەز قىلىپ، ھەقىقەتنى ئۆگىتىش بىز ئۈچۈن چوڭ شان-شەرەپ! بۇ بىزنى ھەقىقىي شاد-خۇراملىققا ئېرىشتۈرىدۇ. تېسالونىكىدىكى كىشىلەرنىڭ شاگىرت بولۇشىغا ياردەم بەرگەن ئەلچى پاۋلۇس ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: «ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھازىر بولۇش پەيتىدە، بىزنىڭ ئۈمىدىمىز، خۇشاللىقىمىز ۋە پەخىرلىنىدىغان تاجىمىز كىم؟ سىلەر ئەمەسمۇ؟ سىلەر ھەقىقەتەن بىزنىڭ شان-شەرىپىمىز ۋە خۇشاللىقىمىز» (1-سالونىكا. 2:19، 20؛ ئەلچى. 17:1—4). قېرىندىشىمىز ستېفانى بىلەن يولدىشى كۆپ ئادەملەرنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بەرگەن. ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «ئادەملەرنىڭ يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلىشىغا ياردەم بېرىشتىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىنارلىق ئىش يوقتۇر!»
142-ناخشا ھەرخىل ئىنسانلارغا ۋەز قىلىمىز
a يەھۋا بىزگە ئادەملەرگە ۋەز قىلىشنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا ئەيسانىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىش ئىمتىيازىنىمۇ بەرگەن. نېمە بىزنى شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ؟ ۋەز قىلىش ۋە شاگىرت تەييارلاش ئىشىدا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىمىز؟ ئاشۇ قىيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭەلەيمىز؟ ھازىر مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.
b شاگىرت تەييارلاش ئىشىدا قانداق مۇھىم رولىڭىز بارلىقىنى ئەسكە سېلىش ئۈچۈن، «كۈزىتىش مۇنارى» 2021-يىل، مارت ئېيىدىكى «بىز ھەممىمىز ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرەلەيمىز»، دېگەن ماقالىسىگە قاراڭ.
c سۈرەتتە: مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغان بىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە قاراڭ: دەسلەپتە بىر كىشى يەھۋانى تونۇمىغان، قارىماققا ھاياتى مەنىسىز. كېيىن گۇۋاھچىلىرى ۋەز خىزمەتتە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇ ئۆگىنىشنى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ ئۆگىنىشى ئۇنى ئۆزىنى بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە يېتەكلىگەن. ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، ئۇمۇ باشقىلارغا ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇشقا ياردەم بەرگەن. ئاخىرىدا ئۇلار ھەممىسى جەننەتتە شاد-خۇرام ياشايدۇ.