تەرجىمىھال
يەھۋاغا خىزمەت قىلىپ خۇشال ئۆتكەن ھاياتىم
مەن 1958-يىلى، 18 ياشتا ئىدىم. كانادادىكى بەيتەلدە خىزمەت قىلىشقا چاقىرىلدىم. تۇنجى قىلغان ئىشىم باسماخانا بىناسىنى سۈپۈرۈپ تازىلاش بولدى. بەيتەلدە كۈنلىرىم خۇشال-خۇرام ئۆتەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، مەن بېسىلىپ چىققان ژۇرناللارنى كېسىدىغان ماشىنىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەندىم. بەيتەلدە بولغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال ئىدىم.
كېيىنكى يىلى، كانادادىكى بەيتەلدە بىر ئېلان بولدى. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بەيتەل يېڭى باسما ماشىنىسىنى ئىشقا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، پىدائىي ياردەمچىلەرگە مۇھتاج بولغان. مەن بېرىشنى خالايدىغانلار تىزىملىكىگە ئىسىمىمنى يازدۇرۇپ قويدۇم ۋە تاللانغانلىقىمنى بىلگەندە بەكمۇ ھاياجانلاندىم. كانادا بەيتەلدىن يەنە دېنىس لىچ، بىل ماكلېلان ۋە كېن نوردىنلارمۇ تاللانغان ئىدى. بىزنىڭ ئۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى.
ئاپامغا تېلېفون قىلىپ: «ئاپا، ساڭا ئېيتىدىغان خەۋەر بار. مەن جەنۇبىي ئافرىقىغا بارماقچى»،— دېدىم. ئاپام ئېغىر بېسىق، ئېتىقادى كۈچلۈك ۋە روھىي جەھەتتە يېتىلگەن ئايال ئىدى. ئۇ كۆپ سۆزلىمىدى، بىراق ئۇنىڭ مېنى قوللايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئاپام ياكى دادام، ھېچبىرى قارارىمغا قارشى تۇرمايتتى. بىراق، مەن يىراققا كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى.
جەنۇبىي ئافرىقىغا ماڭدىم!
بىز ئاۋۋال برۇكلىندىكى بەيتەلگە باردۇق. شۇ يەردە تۆتىمىز ئۈچ ئاي باسما ماشىنىسىنى ئىشلىتىشنى ئۆگەندۇق. كېيىن، بىز يۈك كېمىسىدە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كاپىتوۋىن دېگەن شەھىرىگە باردۇق. ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن ئىدىم. بىز كەچتە كاپىتوۋىندىن پويىزغا ئولتۇرۇپ، جوھاننىس بورگقا سەپەرگە چىقتۇق. بۇ سەپەر ئۇزاق بولغاچ، بىرىنچى قېتىم يېرىم چۆللۈك رايوندىكى كىچىك شەھەر بازىرى كارۇدا توختىغان ئىدى. ئۇ يەر توپا-چاڭ ۋە بەك ئىسسىق جاي ئىدى. بىز تۆتىمىز دېرىزىدىن قاراپ: «بۇ قانداق جايدۇ؟»— دەپ ھەيران قالدۇق ۋە «يېڭى ۋەزىپىمىز قانداق بولاركىن؟»— دەپ ئەنسىرىدۇق. بىر قانچە يىلدىن كېيىن، شۇ رايونغا قايتا باردۇق. شۇ گۈزەل شەھەر بازارلىرىنى ۋە خەلقلىرىنىڭ تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.
مەن بىر قانچە يىل، «كۈزىتىش مۇنارى» ۋە «ئويغىنىش!» ژۇرناللىرىنى بېسىش ئۈچۈن، ھەرىپلەرنى تىزىپ تەييارلايدىغان ئاجايىپ ۋە مۇرەككەپ باسما ماشىنىسىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەندىم. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بەيتەلدە، پەقەت شۇ يەردىكىلا ئەمەس، ئافرىقىنىڭ باشقا دۆلەتلىرىدىكى كۆپلىگەن تىللاردىكى ژۇرناللارمۇ بېسىپ چىقىرىلاتتى. يېڭى ئايلانما باسما ماشىنىسىنىڭ شۇنچە كۆپ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى، بىزنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى.
كېيىنرەك مەن باسماخانا، يۈك توشۇش ۋە تەرجىمە ئىشلىرى قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان
بۆلۈمدە ئىشلىدىم. مەن بەك ئالدىراش بولسىمۇ، ئەمما ھاياتىم قانائەتلىنەرلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتتى.تويۇم ۋە يېڭى ۋەزىپە
1968-يىلى، مەن بەيتەلگە يېقىن تۇرىدىغان لاۋرا بوۋېنغا ئۆيلەندىم. ئۇ پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ، يەنە تەرجىمە بۆلۈمىگە خەت ئۇرۇشقىمۇ ياردەم بېرەتتى. شۇ زامانلاردا يېڭىدىن توي قىلغانلار بەيتەلدە خىزمەت قىلالمايتتى. شۇڭا، بىزنى مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى قىلىپ تەيىنلىدى. مەن ئازراق غەم قىلدىم. سەۋەبى، مەن بەيتەلدە ئون يىل خىزمەت قىلغاندا، يەيدىغان تاماق، ياتىدىغان جايدىن ھېچبىر غېمىم يوق ئىدى. مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان پۇل تۇرمۇشىمىزغا يېتەمدۇ، دەپ ئويلىدىم. ئەگەر بىز تەلەپ قىلىنغان سائەت، قايتا يولۇقۇش ۋە ماتېرىياللارنى تارقاتساق، ھەر ئايدا ھەربىرىمىزگە 35 دوللار بېرەتتى. شۇ پۇللارنى ئۆي ئىجارىسى، يېمەك-ئىچمەك، قاتناش، دوختۇرغا كۆرۈنۈش ۋە باشقا چىقىملارغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك ئىدى.
بىز ھىندى ئوكيان بويىدىكى دۇربان دېگەن شەھەردىكى كىچىك توپقا ئەۋەتىلدۇق. ئۇ يەردە ياشايدىغانلار، 1875-يىللار ئەتراپىدا شېكەر ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇتلاردا توختام بىلەن ئىشلەشكە كەلگەن ھىندىستانلىقلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىدى. ئۇلار ھازىر باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، ئەمما كارىغا ئوخشاش مىللىي يېمەك-ئىچمىكى ۋە باشقا مەدەنىيەت، ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالغان. ئۇلار ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىگەچ، بۇ بىز ئۈچۈن قولايلىق بولدى.
مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ھەر ئاي 150 سائەت ۋەز قىلاتتى. شۇڭا، لاۋرا ئىككىمىز بىرىنچى كۈنى 6 سائەت خىزمەت قىلىشنى پىلانلىدۇق. ھاۋا بەك ئىسسىق ۋە نەم ئىدى. قايتا يولۇقۇش ۋە مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىمىز يوق بولغاچ، ئۆيمۇ-ئۆي 6 سائەت ۋەز قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. ۋەز خىزمەتنى باشلىۋەتتۇق، بىراز ۋاقىت ۋەز قىلغاندىن كېيىن، سائەتكە قارىسام پەقەت 40 مىنۇتلا ئۆتۈپتۇ. «قانداقمۇ 150 سائەت ۋەز قىلارمىزكىن؟»— دەپ ئويلىدىم.
ئۇزۇن ئۆتمەي، بىز ئۆزۈمىزنى بىر تەرتىپكە سالدۇق. ھەر كۈنى بىز ساندىۋىچلارنى تەييارلاپ، چايدانلىرىمىزغا ئىسسىق شورپا ياكى قەھۋە ئالاتتۇق. دەم ئېلىشقا توغرا كەلگەندە، كىچىك ۋولكېسۋاگېن ماشىنىمىزنى دەرەخنىڭ سايىسىدا توختىتاتتۇق. ھەيران بولغان ئوماق ھىندى بالىلار قېشىمىزغا كېلىپ، بىزگە قاراپ تۇراتتى. بىرقانچە كۈن دەسلەپكى ئىككى-ئۈچ سائەتنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قالغان ۋاقىتنىڭ تېزلا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدۇق.
شۇ رايوندىكى مېھماندوست كىشىلەرگە مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق ئىش بولغان! بىز ھىندىلارنىڭ باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مېھرىبان ۋە خۇدادىن ئەيمىنىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە قۇلاق سالدى. ئۇلار يەھۋا خۇدا، ئەيسا مەسىھ، مۇقەددەس كىتاب، كېلەچەكتىكى تىنچ يېڭى دۇنيا ۋە ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ئۈمىد ھەققىدە ئۆگىنىشنى ياخشى كۆردى. بىر يىلدىن كېيىن، بىز 20 كىشى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەندۇق. ھەر كۈنى بىر ئائىلە بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزەتتۇق. بىر ۋاخ تامىقىمىز ئۇلار بىلەن بولاتتى. بىز بەك خۇشال ئىدۇق.
بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي، بىزگە يەنە بىر ۋەزىپە تاپشۇرۇلدى. ھىندى ئوكياننىڭ گۈزەل قىرغاقلىرىنى بويلاپ جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ تەيىنلەندىم. ھەر ھەپتە بىز جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، قېرىنداشلارغا ئىلھام بەرگەندە، بىر ئائىلىدە مېھمان بولاتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ۋە ئۆي ھايۋانلىرى بىلەن ئويناتتۇق. ئىككى يىل ۋاقتىمىز ئاجايىپ تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. ئاندىن تۇيۇقسىز بىر كۈنى ماڭا بەيتەلدىن تېلېفون قىلىپ، شۇنداق دېدى: «بىز سىلەرنىڭ بەيتەلگە قايتىپ كېلىشىڭلارنى خالايمىز». مەن جاۋابەن: «بىز بۇ يەردە ھەقىقەتەن خۇشال-خورام خىزمەت قىلىۋاتىمىز»،— دېدىم. ئەلۋەتتە بىزنى قەيەرگە ئەۋەتسە، شۇ يەرگە بېرىشكە تەييار ئىدۇق.
بەيتەلگە قايتتۇق
مېنى بەيتەلدە خىزمەتكە بۆلۈمىگە تەيىنلىدى. بۇ بۆلۈمدە روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن تەجرىبىلىك بۇرادەرلەر بىلەن ئىشلەش ئىمتىيازىغا ئىگە بولدۇم. شۇ زامانلاردا جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىدىغان ئاقساقال زىيارىتىدىن كېيىن، زىيارەت قىلغان جامائەت توغرۇلۇق بەيتەلگە خەت ئەۋەتەتتى. خىزمەت بۆلۈمى شۇ خەتكە ئاساسلىنىپ، شۇ جامائەتكە تەسەللى بېرىدىغان ياكى كۆرسەتمە بېرىدىغان بىر خەتنى
ئەۋەتەتتى. كاتىپلارنىڭ ئىشلىرى بەك ئېغىر ئىدى. ئۇلار زىيارەتچى ئاقساقاللارنىڭ خەتلىرىنى كوسو، زۇلۇ ۋە باشقا تىللاردىن ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلاتتى. كېيىن، بەيتەلنىڭ خەتلىرىنى ئافرىقا تىللىرىغا تەرجىمە قىلاتتى. مەن ئاشۇ جاپالىق ئىشلەيدىغان تەرجىمانلارغا بەك مىننەتدارمەن. ئۇلار مېنىڭ قارا تەنلىك ئافرىقىلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى چۈشىنىشىمگە ياردەم بەرگەن.شۇ چاغدا جەنۇبىي ئافرىقىلىقلار، يەنى ئاق ۋە قارا تەنلىكلەرنى ئايرىپ باشقۇرىدىغان تۈزۈم ئاستىدا ئىدى. ھەر بىر ئىرىقتىكى كىشىلەر ئۆزلىرىگە بەلگىلەنگەن رايوندا ياشايتتى، شۇڭا ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئارىلاشمايتتى. قارا تەنلىك ئافرىقىلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۆز تىللىرىدا سۆزلەيتتى، ئۆز تىللىرىدا ۋەز قىلىپ، ئۆز تىلىدىكى جامائەتكە قاتنىشاتتى.
مەن پەقەت ئىنگلىزچە سۆزلەيدىغان رايونلاردا خىزمەت قىلغاچ، قارا تەنلىك ئافرىقىلىقلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرۇلۇق كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيتتىم. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە دىنىي ئېتىقادلىرى سەۋەبلىك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئۇلارنىڭ قانچىلىك جاسارەتلىك ئىكەنلىكىگە ھەيران قالاتتىم. ئۇلار مۇقەددەس كىتابقا زىت ئۆرپ-ئادەتلەرنى تاشلىغان، ھەتتا ئائىلىسى ۋە مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، جىنكەشلىك بىلەن باغلىنىشلىق ئۆرپ-ئادەتلەردىن ۋاز كەچكەن. يېزا-قىشلاقلاردا نۇرغۇن ئادەملەر بەك نامرات ۋە ساۋاتسىز بولسىمۇ، ئۇلار مۇقەددەس كىتابقا ھۆرمەت كۆرسىتىدۇ.
مەن ئىبادەت قىلىش ئەركىنلىكى ۋە بىتەرەپلىكنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي ئىشلارنى قىلىش ئىمتىيازىغا ئىگە بولدۇم. ياش گۇۋاھچى بالىلارنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى كۆرۈش، ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇلار دۇئالارغا قاتنىشىش ۋە دۆلەت شېئىرلىرىنى ئېيتىشنى رەت قىلغاچ، مەكتەپلەردىن ھەيدىلەتتى.
قېرىنداشلىرىمىز سۋازىلاند دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك بىر ئافرىقا دۆلىتىدە باشقا بىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. پادىشاھ سوبۇزا II ئۆلگەندە، بارلىق پۇقرالار ماتەم مۇراسىمىغا قاتنىشىش تەلەپ قىلىنغان. ئەرلەر چاچلىرىنى قىردۇرۋېتىپ، ئاياللار قىسقا كېسىۋېتىشى كېرەك ئىدى. نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئەجدادلىرىغا چوقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۆرپ-ئادەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلغىنى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئۇلارنىڭ يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكى بىزنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى. بىز ئافرىقىلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ساداقەتمەنلىكى ۋە سەۋر-تاقىتى ھەققىدە ئاڭلىغاندا، ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيدى.
باسمىخانىغا قايتىپ كەلدىم
1981-يىلى مېنى باسمىخانىغا قايتىپ، كومپيۇتېرلاشقان باسما ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىشكە چاقىردى. بۇ ھاياجانلىق بىر پەيت بولغان! باسما ئۇسۇللىرى كۆپ ئۆزگەرگەن ئىدى. بىر يەرلىك ۋاكالىتەن ساتقۇچى بەيتەلگە يېڭى بىر باسما ماشىنىسىنى سىناپ كۆرۈشكە بەرگەن. نەتىجىدە، بىز توققۇز ئايلانما باسما ماشىنىسىنىڭ ئورنىغا، بەش يېڭى ئەۋلاد باسما ماشىنىسىنى ئالماشتۇردۇق. يەنە بىر ئايلانما رېزىنكا باسما ماشىنىسىنى قوراشتۇردۇق. بۇ باسما ئىشلىرىمىزنى ئىلگىرىكىدىن كۆپ تېزلەتتى!
كومپيۇتېرلىشىشقا ئەگىشىپ، بەت ياساپ باسمىغا تەييارلاش ئۇسۇللىرىنى، يەنى كۆپ تىللىق ئېلېكترونلۇق نەشىر سىستېمىسىنى (MEPS) ئىجاد قىلدۇق. كانادا بەيتەلدىن تۆتىمىز جەنۇبىي ئافرىقىغا باسما خىزمىتى ئۈچۈن كەلگەندىن ھازىرغىچە باسما ئىشلىرى كۆپ تەرەققىي قىلدى (يەشايا 60:17). تۆتىمىز ياراتقۇچى يەھۋانى بەك ياخشى كۆرىدىغان پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى قېرىنداشلارغا ئۆيلەندۇق. ئىلىككىمىز بەيتەلدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز. كېن ۋە دېنىسمۇ بىزگە يېقىن جايدا بالا-چاقلىرىنى چوڭ قىلىۋاتىدۇ!
بەيتەلدە قىلىدىغان ئىشلار، يەنى نەشىر ماتېرىياللىرىمىزنى كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىش، بېسىپ چىقىرىش ۋە باشقا بەيتەللەرگە ئەۋەتىش ئىشلىرى كۆپەيدى. يېڭى بىر بەيتەلگە ئېھتىياجىمىز چۈشتى. بۇرادەرلەر جوھاننىس بورگنىڭ غەرىبىدە بىر چىرايلىق يەرگە بەيتەلنى سېلىپ، 1987-يىلى خۇداغا بېغىشلىدى. شۇ يېڭى بەيتەلنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە نۇرغۇن يىللار جەنۇبىي ئافرىقا بەيتەل كومىتېتىدا خىزمەت قىلىش ماڭا زور خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى!
يېڭى ۋەزىپىمىز!
2001-يىلى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئا.ق.ش. بەيتەل كومىتېتىغا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىندىم. مەن بۇنىڭغا ھەيران قالدىم. گەرچە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى خىزمىتىمىز ۋە دوستلىرىمىزدىن ئايرىلىپ كۆڭلۈمىز يېرىم بولسىمۇ، ئا.ق.ش بەيتەل ئائىلىسىدە يېڭى ھاياتىمىزنى باشلىغىنىمىز ئۈچۈن ھاياجانغا چۆمدۇق.
بىراق، لاۋرانىڭ ياشانغان ئانىسىدىن ئايرىلىپ، يىراق نيۇ-يوركقا كېتىشتىن ئەنسىرىدۇق. ئەمما، لاۋرانىڭ ئۈچ سىڭلىسى ئاپىسىغا جىسمانىي، ھېس-تۇيغۇ ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە قوشۇلدى. ئۇلار: «بىز تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلالمايمىز، بىراق ئانىمىزنىڭ ئېھتىياجلىرىغا كۆڭۈل بۆلسەك، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنى قىلىشىڭلارغا ياردەم بېرەلەيمىز»،— دېگەن. ئۇلارغا چىن قەلبىمىزدىن مىننەتدار بولدۇق.
خۇددى لاۋرانىڭ قېرىنداشلىرىدەك، مېنىڭمۇ كانادانىڭ تورونتودا ياشايدىغان ئاكام ۋە ئايالى، تۇل قالغان ئانامغا غەمخورلۇق قىلدى. شۇ چاغدا ئانام ئۇلار بىلەن يىگىرمە يىلچە بىللە تۇرغان ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى ۋە غەمخورلۇقى ئۈچۈن بەك مىننەتدارمىز. بىز نيۇ-يوركقا كېلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئانام ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن، تۇرمۇشىدا بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق قىلىشقا تەييار تۇرغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بولغانلىقى نەقەدەر زور بىر بەرىكەت، ھە!
بىر قانچە يىللار ئامېرىكىدىكى بەيتەلدە، نەشىر ماتېرىياللارنى بېسىپ چىقىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتنى قىلدىم. باسما ئىشلىرى زامانىۋىيلاشقان ۋە ئاددىيلاشقان ئىدى. يېقىنقى يىللاردا مەن سېتىۋېلىش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتىمەن. 20 يىلچە بۇنداق چوڭ بەيتەلدە ئىشلەش كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ھازىر بۇ يەردە، 5000غا يېقىن بەيتەل ئەزاسى ۋە 2000چە پىدائىي ياردەم بەرگۈچىلەر بار.
60 يىل ئىلگىرى، مەن بۇ يەردە بولۇشۇمنى خىيال قىلىپمۇ باقمىغان. شۇنچە يىللار لاۋرا مېنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. ھاياتىم ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئۆتتى. دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى بەيتەللەرنى زىيارەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىمىزنى ۋە بىز بىلەن بىللە خىزمەت قىلغانلارنى قەدىرلەيمىز. مەن 80 ياشتىن ئاشتىم. ھازىر نۇرغۇن ياش، ئىقتىدارلىق بۇرادەرلەر خىزمەتكە تەيىنلىنىپ، مېنىڭ خىزمەت يۈكۈم ئازلىدى.
زەبۇر يازغۇچىسى مۇنداق دېگەن: «خۇداسى يەھۋا بولغان خەلق نەقەدەر بەختلىك-ھە!» (زەبۇر 33:12). بۇ سۆزلەر ھەقىقەتتۇر! مەن يەھۋانىڭ بەختلىك خەلقى بىلەن شاد-خۇراملىقتىن بەھرىمەن بولغىنىمغا ھەقىقەتەن بەك مىننەتدارمەن!