31-تەتقىق ماقالىسى
دۇئا قىلىش شان-شەرىپىنى قەدىرلەڭ
«دۇئايىم ھۇزۇرۇڭدا تەييارلانغان خۇشپۇراق ئىسرىقتەك ... بولسۇن». —زەبۇر 141:2.
51-ناخشا يېپىش چىڭ يەھۋاغا!
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋاغا دۇئا قىلىش پۇرسىتىگە قانداق قارىشىمىز كېرەك؟
بىز دۇئادا ئاسمان-زېمىننىڭ ياراتقۇچىسىغا يېقىنلىشىشتەك ئالاھىدە ئىمتىيازىغا ئېرىشتۇق. ئويلاپ بېقىڭ: ھەر ۋاقىت ۋە ھەر قانداق تىلدا يەھۋا خۇداغا ئىچ باغرىمىزنى تۆكەلەيمىز، مەلۇم بىر ۋاقىت بەلگىلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىز ئۇنىڭغا دوختۇرخانا كارۋىتىدا يېتىپ ياكى تۈرمىدە ئولتۇرۇپ دۇئا قىلايلى، مېھىر-شەپقەتلىك ئاتىمىزنىڭ سۆزلىرىمىزگە قۇلاق سالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىز بۇ ئىمتىياز ئۈچۈن ھەقىقەتەن بەك مىننەتدارمىز!
2. داۋۇت پادىشاھ دۇئا قىلىش شان-شەرىپىنى قەدىرلىگەنلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
2 پادىشاھ داۋۇت دۇئا قىلىش شان-شەرىپىنى قەدىرلىگەن ئىدى. ئۇ يەھۋاغا: «دۇئايىم ھۇزۇرۇڭدا تەييارلانغان خۇشپۇراق ئىسرىقتەك . . . بولسۇن»،— دېگەن (زەبۇر 141:1، 2). داۋۇتنىڭ زامانىدا، روھانىيلار ئىبادەتخانىدا ھەقىقىي ئىبادەتتە ئىشلەتكەن مۇقەددەس ئىسرىق ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەييارلانغان (چىق. 30:34، 35). داۋۇتنىڭ خۇشپۇراق ئىسرىقنى تىلغا ئېلىشى ئۇنىڭ ئاسماندىكى ئاتىسىغا نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئەستايىدىل ئويلىنىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، بىزمۇ بۇنداق قىلىشنى چىن دىلىمىزدىن ئارزۇ قىلىمىز. دۇئالىرىمىزنىڭ يەھۋانى خۇشال قىلىشنى خالايمىز.
3. يەھۋاغا دۇئا قىلغىنىمىزدا، ئۆزىمىزنى قانداق تۇتۇشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
3 يەھۋاغا دۇئا قىلغىنىمىزدا، بەكلا يېقىن تونۇشلارغا سۆزلىگەندەك سۆزلەشتىن ساقلىنىپ، چوڭقۇر ھۆرمەت-ئېھتىرام كۆرسىتىشىمىز لازىم. يەشايا، ھەزەكىيال، دانىيال پەيغەمبەر ۋە ئەلچى يۇھاننا كۆرگەن ئاجايىپ كۆرۈنۈشلەر ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. ئاشۇ كۆرۈنۈشلەر بىر-بىرىدىن پەرقلىق، ئەمما ئۇلارنىڭ بەزى ئوخشاش تەرىپى بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۋانى ئۇلۇغ پادىشاھ دەپ تەسۋىرلەيدۇ. يەشايا: «كۆكتە يۈكسەك تەختتە ئولتۇرغان يەھۋانى كۆردۈم»،— دەيدۇ (يەشايا 6:1–3). ھەزەكىيال ھەسەن-ھۈسەننىڭ كۆرۈنىشىدەك چاقناپ تۇرغان يورۇقلۇق قاپلاپ تۇرغان كۆكتىكى جەڭ ھارۋىسىدا ئولتۇرغان يەھۋانى كۆرگەن (ھەزەك. 1:26–28). دانىيال قاردەك ئاپئاق كىيىم كىيگەن، ئەزەلدىن بار بولغۇچىنىڭ تەختىدىن ئوت چىقىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن (دانىيال 7:9، 10). ئەلچى يۇھاننا زۇمرەتنى ئەسلىتىدىغان بىر ھەسەن-ھۈسەنگە ئوخشاش نەرسە قاپلىغان تەختتە ئولتۇرغان يەھۋانى كۆرگەن (ۋەھىي. 4:2–4). يەھۋانىڭ تەڭداشسىز ئۇلۇغلىقى ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا، دۇئادا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشنىڭ ئاجايىپ بىر شان-شەرەپ ئىكەنلىكىنى ۋە ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز. ئەمما، نېمە توغرۇلۇق دۇئا قىلىشىمىز كېرەك؟
«شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار»
4. مەتتا 6:9، 10-ئايەتلەردىكى ئەيسانىڭ دۇئاسىدىكى باشلىنىش سۆزلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟
4 مەتتا 6:9، 10-نى ئوقۇڭ. تاغدىكى ۋەز نەسىھىتىدە، ئەيسا شاگىرتلىرىغا خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئۇسۇلدا دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن ئىدى. ئۇ: «شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر مۇنداق دۇئا قىلىڭلار» دېگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن يەھۋانىڭ ئىرادىسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلارنى، يەنى خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ مۇقەددەس قىلىنىشى؛ ئۇنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىنى يوق قىلىدىغان پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشى، شۇنىڭدەك كېلەچەكتە يەر يۈزى ۋە ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان بەرىكەتلىرىنى تىلغا ئالغان. بىزمۇ شۇلارنى دۇئالىرىمىزدا تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ بىز ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىمىز.
5. دۇئالىرىمىزدا شەخسىي ئىشلارنى تىلغا ئالساق، يەھۋا قۇلاق سالامدۇ؟
5 دۇئانىڭ كېيىنكى قىسىمىدا، ئەيسا شەخسىي ئىشلار توغرىسىدا دۇئا قىلىشنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى. شۇڭا، بىز يەھۋادىن شۇ كۈنلۈك يېمەك-ئىچمەكلىرىمىزنى بېرىشنى، گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىشنى، ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلاشنى ۋە رەزىل بولغۇچىدىن قۇتقۇزۇشنى تىلەپ دۇئا قىلساق بولىدۇ (مەتتا 6:11–13). يەھۋادىن بۇلارنى تىلىگىنىمىزدە، بىز ئۇنىڭغا مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلىمىز ۋە ئۇنى خۇرسەن قىلىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.
6. بولۇپمۇ ئۈلگىلىك دۇئادا تىلغا ئېلىنغان ئىشلار ئۈچۈنلا دۇئا قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
6 ئەيسا ئۈلگىلىك دۇئاسىدا ئېيتقان سۆزلەرنى شاگىرتلىرىنىڭ سۆز-سۆزمۇ يادقا ئېلىۋېلىپ، ئوخشاش دۇئانى قىلىشىنى خالىمىغان. ئەيسا قىلغان باشقا دۇئالىرىدا، ئۆزى كۆڭۈل بۆلگەن پەرقلىق مۇھىم ئىشلارنى تىلغا ئالغان ئىدى (مەتتا 26:39، 42؛ يۇھاننا 17:1–26). خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزنى غەم-ئەندىشىگە سالىدىغان ھەرقانداق ئىشلار ھەققىدە دۇئا قىلساق بولىدۇ. مەلۇم بىر قارارنى قىلماقچى بولغاندا، چوڭقۇرراق چۈشىنىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت بېرىشنى سورىساق بولىدۇ (زەبۇر 119:33، 34). قىيىن ۋەزىپىنى ئورۇنداشنى باشلىماقچى بولغاندا، قانداق قىلىشنى بىلىش ئۈچۈن، ياردەم سوراپ دۇئا قىلساق بولىدۇ (پەند. نە 2:6). ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن، بالىلار ئاتا-ئانىلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلسا بولىدۇ. ھەممىمىز بىز بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىۋاتقانلار ۋە ئۆزىمىز ۋەز قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلساق بولىدۇ ۋە چوقۇم شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، پەقەت ياردەم سوراپلا يەھۋاغا دۇئا قىلماسلىقىمىز لازىم.
7. نېمە ئۈچۈن دۇئالىرىمىزدا يەھۋانى مەدھىيىلىشىمىز كېرەك؟
7 دۇئالىرىمىزدا يەھۋانى مەدھىيىلەشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ھېچكىم خۇدايىمىزدىنمۇ كۆپرەك مەدھىيىلەشكە لايىق ئەمەس. ئۇ «مېھرىبان ۋە ئەپۇچان». ئۇ يەنە شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل، ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدىغان سادىق سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولغان ۋە ساداقەتمەن تەڭرىدۇر (زەبۇر 86:5، 15). ئەلۋەتتە، ياراتقۇچىمىز يەھۋانىڭ ئۆزىنى ۋە قىلغان ئىشلىرىنى مەدھىيىلەشكە سان-ساناقسىز سەۋەبلەر بار.
8. بىز يەنە نېمىلەر ئۈچۈن يەھۋاغا مىننەتدارلىق بىلدۈرەلەيمىز؟ (زەبۇر 104:12–15، 24)
8 دۇئالىرىمىزدا يەھۋانى مەدھىيىلەشتىن باشقا، ئۇ تەمىنلىگەن ئاجايىپ نەرسىلەر ئۈچۈن ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرەلەيمىز. مەسىلەن، بىز رەڭمۇ-رەڭ گۈل-گىياھلار ۋە دەل-دەرەخلەر، تۈرلۈك-تۈمەن مەززىلىك مېۋە-چېۋە ۋە يېمەكلىكلەر، قەدىردان دوستلىرىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتساق بولىدۇ. كۆيۈمچان ئاتىمىز بىزگە شاد-خۇرام ياشىشىمىز ئۈچۈن بۇلارنى ۋە بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى بېرىدۇ (زەبۇر 104:12–15، 24-نى ئوقۇڭ). تېخىمۇ مۇھىمى، بىز يەھۋا تەمىنلەپ بېرىدىغان روھىي ئوزۇقلۇقلار ۋە گۈزەل كېلەچەككە بولغان ئۈمىدىمىز ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمىز.
9. يەھۋاغا رەھمەت ئېيتىشنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (1-سالونىكالىقلار 5:17، 18)
9 يەھۋانىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا رەھمەت ئېيتىشنى ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىمىز. ئەستە ساقلىشىڭىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ سىز دۇئا قىلغان ھەرتۈرلۈك ئىشلارنى ئېنىق تىزىملاپ يېزىپ قويۇڭ. كېيىنرەك، تىزىملاپ قويغانلىرىڭىزغا قاراپ، يەھۋانىڭ دۇئالىرىڭىزغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى دائىم كۆرۈپ تۇرالايسىز. ئاندىن، ئۇنىڭ بەرگەن ياردىمى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىپ، دۇئا قىلىڭ (1-سالونىكالىقلار 5:17، 18-نى ئوقۇڭ). ئويلاپ كۆرۈڭ: باشقىلار بىزگە رەھمەت ئېيتسا، خۇشال بولىمىز ۋە ئۇلارنىڭ بىزدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. خۇددى شۇنىڭدەك، يەھۋا دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بەرگىنى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشنى ئەستىن چىقارمىساق، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىمىز (كولوسى. 3:15). بىراق، خۇدايىمىزغا تەشەككۈر ئېيتىشنىڭ يەنە باشقا بىر مۇھىم سەۋەبى بار.
سۆيۈملۈك ئوغلى ئۈچۈن يەھۋاغا تەشەككۈر ئېيتىڭ
10. 1-پېترۇس 2:21-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ئەيسانى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن يەھۋاغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىزگە قانداق سەۋەبلەر بار؟
10 1-پېترۇس 2:21-نى ئوقۇڭ. بىز يەھۋانىڭ ئۆز سۆيۈملۈك ئوغلىنى بىزگە تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتكەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتىشىمىز كېرەك. بىز ئەيسانىڭ ھاياتى ھەققىدە ئوقۇش ئارقىلىق ياراتقۇچىمىز يەھۋا ۋە ئۇنى قانداق خۇرسەن قىلىش توغرىسىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىمىز. ئەگەر بىز ئەيسا مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشەنسەك، يەھۋا خۇدا بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورنىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن تىنچ-ئىناق مۇناسىۋەتتە بولالايمىز.—رىملىقلار 5:1.
11. نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ ئىسىمى بىلەن يەھۋاغا دۇئا قىلىمىز؟
11 بىز ئوغلى ئارقىلىق يەھۋاغا دۇئا قىلالىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مىننەتدارمىز. يەھۋا خۇدا دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئەيسانى قوللىنىدۇ. ياراتقۇچىمىز بىزنىڭ ئەيسانىڭ ئىسىمى بىلەن قىلىنغان دۇئالارنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىدۇ. بۇنى ئەيسا مۇنداق چۈشەندۈرگەن ئىدى: «مېنىڭ ئىسىمىم بىلەن نېمىنى تىلىسەڭلار، مەن شۇنى قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئاتا ئوغلى ئارقىلىق ئۇلۇغلانسۇن».—يۇھاننا 14:13، 14.
12. ئوغلى ئۈچۈن يەھۋاغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز ئۈچۈن قانداق باشقا بىر سەۋەب بار؟
12 يەھۋا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئاساسىدا كەچۈرىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا، ئەيسا مەسىھ «ئاسمانلاردىكى ئۇلۇغ زاتنىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرىدىغان بىر باش روھانىيىمىز» دەپ تەسۋىرلەنگەن (ئىبرانىي. 8:1). ئەيسا مەسىھ ئەرشتىكى ئاتىمىزنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ ياردەمچىمىزدۇر (1-يۇھاننا 2:1). بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى چۈشىنىدىغان ۋە بىزگە ھېسداشلىق قىلىپ، بىز ئۈچۈن يالۋۇرىدىغان باش روھانىينى ئەۋەتكىنى ئۈچۈن يەھۋاغا چەكسىز مىننەتدارمىز! (رىملىقلار 8:34؛ ئىبرانىي. 4:15) بىز نامۇكەممەل ئىنسانلار، ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى بولمىغان بولسا، دۇئالىرىمىزدا يەھۋاغا يېقىنلىشالمىغان بولاتتۇق. شەك-شۈبھىسىزكى، خۇدايىمىز يەھۋانىڭ ئۆز سۆيۈملۈك ئوغلىنى قىممەتلىك سوۋغات سۈپىتىدە بىزگە ھەدىيە قىلغانلىقىغا ھەرقانچە قىلساقمۇ ئۆز مىننەتدارلىقىمىزنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئىپادىلەشكە ئاجىز كېلىمىز!
ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ
13. ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئاۋۋالقى كېچىسى، ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
13 ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئاۋۋالقى كېچىسى، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى ئۈچۈن ئۇزۇن دۇئا قىلىپ، ئاتىسىدىن «شەيتاندىن ساقلىغىن» دەپ تىلىگەن ئىدى (يۇھاننا 17:15). بۇ ئەيسانىڭ ئۇلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ! ئۇ ئۆزى ئېغىر سىناقنى باشتىن كەچۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەلچىلىرىگە كۆڭۈل بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن غەم يېگەن ئىدى.
14. قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
14 بىز ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجى توغرۇلۇق ئويلىمايمىز. ئەكسىچە، دائىم قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز. شۇنداق قىلغىنىمىزدا، ئەيسانىڭ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار دېگەن بۇيرۇغىغا بويسۇنىمىز ۋە يەھۋاغا قېرىنداشلىرىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن سۆيىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (يۇھاننا 13:34). قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىش ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق ئەمەس. چۈنكى، مۇقەددەس كىتاب بىزگە مۇنداق دەيدۇ: «ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر».—ياقۇپ 5:16.
15. قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىش نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟
15 قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئۇلار نۇرغۇنلىغان ئېغىر سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. بىز يەھۋادىن ئۇلارنىڭ كېسەل، تەبىئىي ئاپەت، ئىچكى ئۇرۇش، زىيانكەشلىك ياكى باشقا قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىگە ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنىمىز. بىز يەنە ئاشۇ ياردەمگە مۇھتاج بولۇۋاتقان قېرىنداشلارغا پىداكارلىق بىلەن ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقانلار ئۈچۈن دۇئا قىلساق بولىدۇ. بەلكىم، سىز ئۆزىڭىز مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلارنى تونۇشىڭىز مۇمكىن. دۇئالىرىڭىزدا شۇلارنىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلار ئۈچۈن يەھۋاغا ئىلتىجا قىلىڭ. بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلىشى ئۈچۈن، يەھۋادىن ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈنسەك، قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ھەقىقىي سۆيگۈ-مۇھەببەتنى نامايان قىلىمىز.
16. نېمىشقا ئارىمىزدىكى يېتەكچىلىك قىلىدىغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىشىمىز كېرەك؟
16 جامائەتتە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قېرىنداشلار ئۈچۈن دۇئا قىلساق، ئۇلار بەك مىننەتدار بولىدۇ ۋە دۇئالىرىمىز ئۇلار ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس ئۆزى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ دۇئا قىلىشىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلگەچ، ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن، ئېغىزىمنى ئاچقىنىمدا، نېمە دېيىش كېرەكلىكى ماڭا بىلدۈرۈلسۇن ۋە خۇش خەۋەرنىڭ مۇقەددەس سىرىنى يۈرەكلىك بىلەن ۋەز قىلالاي» (ئەفەس. 6:19). بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاش، ئارىمىزدا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان نۇرغۇن تىرىشچان قېرىنداشلىرىمىز بار. بىز دۇئادا يەھۋادىن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى بەرىكەتلەشنى سوراش ئارقىلىق، ئۇلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتىمىز.
باشقىلارغا ۋاكالىتەن دۇئا قىلىش
17، 18. قاچان باشقىلارغا ۋاكالىتەن دۇئا قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىشىمىز مۇمكىن ۋە نېمىلەرنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك؟
17 بەزى ۋاقىتلاردا، بىز باشقىلارغا ۋاكالىتەن دۇئا قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىمىز. مەسىلەن، بىر ئايال قېرىنداش ئۆزى بىلەن بىللە مۇقەددەس كىتاب تەتقىقىنى ئۆتكۈزۈشكە بارغان قېرىنداشتىن دۇئا قىلىشنى سورىسا بولىدۇ. بۇ بىللە بارغان قېرىنداش مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىۋاتقان كىشىنى ياخشى تونۇمىغاچقا، بەلكىم تەتقىق ئۆگىنىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش دۇئاسىنى قىلىشنى خالىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭ ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تىلغا ئېلىپ، دۇئا قىلىشى ئاسانراق بولىدۇ.
18 بىر بۇرادەر ۋەز خىزمەت يىغىلىشىدا ياكى جامائەت ئىبادەت يىغىلىشىدا دۇئا قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىشى مۇمكىن. بۇ شان-شەرەپكە ئېرىشكەن بۇرادەرلەر يىغىلىشنىڭ مەقسىتىنى ئەستە ساقلىشى كېرەك. دۇئا قىلىش جامائەتكە نەسىھەت بېرىش ياكى ئېلان قىلىش ئەمەس. كۆپىنچە جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلىرىدا، ناخشا ۋە دۇئا ئۈچۈن جەمئىي بەش مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىلغان. شۇڭا، بولۇپمۇ يىغىلىشتا باشلىنىش دۇئاسىنى قىلغان بۇرادەر بەك كۆپ سۆزلەرنى قىلماسلىقى كېرەك.—مەتتا 6:7.
ھاياتىڭىزدا دۇئا قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇڭ
19. يەھۋانىڭ سوت كۈنىگە تەييار بولۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
19 يەھۋانىڭ سوت كۈنى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانىكەن، ھاياتىمىزدا دۇئا قىلىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. بۇ توغرۇلۇق ئەيسا مەسىھ مۇنداق دېگەن: «ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرۇڭلار، يۈز بېرىدىغان بۇ بارلىق ۋەقەلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ،ئىنسان ئوغلى ئالدىدا تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن ھەر دائىم دۇئا قىلىڭلار» (لۇقا 21:36). شۇنداق، ئەگەر ھەر دائىم دۇئا قىلساق، ئىمان-ئېتىقادىمىز كۈچىيىدۇ ۋە خۇدانىڭ سوت كۈنى كەلگەندە، سەگەك ۋە تەييار بولۇپ تۇرىمىز!
20. دۇئالىرىمىز قانداق قىلىپ خۇشپۇراق ئىسرىقتەك بولالايدۇ؟
20 بىز نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ چىقتۇق؟ بىز دۇئا قىلىش ئىمتىيازىمىزنى ئىنتايىن قەدىرلەيمىز. دۇئالىرىمىزنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى يەھۋانىڭ ئىرادىسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولۇشى كېرەك. بىز يەنە خۇدانىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشىمىز لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىمىزنىڭ جىسمانىي ئېھتىياجلىرىمىز ۋە ئىمان-ئېتىقادىمىزنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلساق بولىدۇ. دۇئايىمىزدا نېمىلەرنى دېيىش توغرۇلۇق ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىغىنىمىزدا، بۇ ئاجايىپ ئىمتىيازنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. شۇندىلا، دۇئادا قىلغان سۆزلىرىمىز، يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان خۇشپۇراق ئىسرىقتەك بولىدۇ.—پەند. نە 15:8.
22-ناخشا يەھۋا مېنىڭ پادىچىمدۇر
a دۇئادا ئۆزىگە يېقىنلىشىش شان-شەرىپىنى بەرگەن ياراتقۇچىمىز يەھۋاغا چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارمىز. دۇئالىرىمىزنىڭ ئۇنى خۇشال قىلىدىغان خۇشپۇراق ئىسرىققا ئوخشاش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھازىر نېمىلەر ھەققىدە دۇئا قىلساق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، باشقىلارغا ۋەكىللىك قىلىپ، دۇئا قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغاندا، ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتىلارنىمۇ مۇھاكىمە قىلىمىز.
b سۈرەتتە: بىر ئەر ئايالى بىلەن بىللە بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى بىخەتەرلىكى، ياشانغان ئاتا-ئانىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە مۇقەددەس كىتاب ئۆگەنگۈچىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى توغرۇلۇق دۇئا قىلىدۇ.
c سۈرەتتە: بىر ياش بۇرادەر ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى، گۈزەل يەر يۈزى ماكانىمىز ۋە ئوزۇقلۇق-تۈلۈكلەر ئۈچۈن يەھۋاغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ.
d سۈرەتتە: بىر قېرىنداش يەھۋانىڭ ئۆز مۇقەددەس روھى بىلەن يېتەكچى كېڭەشنى بەرىكەتلەپ، ئاپەتلەرگە ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىشىنى تىلەيدۇ.