41-تەتقىق ماقالىسى
بىز «رەھىمدىل خۇداغا» خىزمەت قىلىمىز
«يەھۋا ھەممىسىگە ياخشىلىق قىلار، ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى بارچە مەۋجۇداتلاردا نامايان بولار».—زەبۇر 145:9.
38-ناخشا يۈكۈڭنى يەھۋاغا تاشلا
بۇ ماقالىدە a
1. سىز رەھىمدىل ئادەمنى قانداق تەسۋىرلەيسىز ۋە قايسى ھېكايە بىزگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەن كىشى ھەققىدە ئۆگىتىدۇ؟
رەھىم-شەپقەتلىك بىر كىشى ھەققىدە ئويلانغىنىڭىزدا، بەلكىم مېھىرىبان، خۇشخۇي، ھېسداشلىق كۆرسىتىدىغان، سېخىي بىرى كۆز ئالدىڭىزغا كېلىدۇ. ئەيسانىڭ قوشنىدارچىلىق كۆرسەتكەن سامارىيەلىك توغرىسىدىكى ھېكايە ئېسىڭىزگە كېلىشى مۇمكىن. ئاشۇ باشقا مىللەتتىن بولغان كىشى قاراقچىلار ئۇرۇپ-سوقۇپ تاشلىۋەتكەن بىر يەھۇدىيغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن. ئۇ سامارىيەلىك يارىلانغان يەھۇدىيغا ئىچى ئاغرىتىپ، مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان (لۇقا 10:29—37). بۇ تەمسىل يەھۋانىڭ گۈزەل-پەزىلەتلىرىدىن بىرى بولغان رەھىمدىللىكنى بىزگە تەكىتلەيدۇ. بۇ پەزىلەت يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنىڭ بىر دەلىل-ئىسپاتى، ئۇ ھەر كۈنى تۈرلۈك يوللار بىلەن بىزگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ.
2. رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشنىڭ قانداق باشقا يولى بار؟
2 رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشنىڭ يەنە باشقا يولى بار. بىر كىشى جازالاشقا لايىق بولسىمۇ، رەھىم-شەپقەتلىك كىشى ئۇنى جازالىماسلىقنى قارار قىلىشى مۇمكىن. يەھۋا دەل شۇنداق قىلىدۇ، بىزگە ھازىرغىچە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىۋاتىدۇ. زەبۇر يازغۇچىسى: «بىزگە گۇناھلىرىمىزغا قاراپ مۇئامىلە قىلمايدۇ»،— دەپ يازغانىدى (زەبۇر 103:10). بىراق، يەنە بەزى ۋەزىيەتلەردە، يەھۋا خاتالىقلىرىمىزنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئەدەپلەپ جازالىشى مۇمكىن.
3. قايسى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟
3 بۇ ماقالىدە، بىز تۆۋەندىكى ئۈچ سوئالغا جاۋاب تاپىمىز. نېمە ئۈچۈن يەھۋا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ؟ ئەدەپلەپ جازالاش بىلەن رەھىم-شەپقەت ئارىسىدا قانداق باغلىنىش بار؟ بىزنىڭ رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ مۇشۇ سوئاللارغا مۇقەددەس كىتابنىڭ قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
نېمە ئۈچۈن يەھۋا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ
4. يەھۋا نېمە ئۈچۈن رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ؟
4 يەھۋا رەھىمدىل بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس، يەھۋانى ئىنتايىن رەھىم-شەپقەتلىك خۇدا دەپ يازغان. خۇدا ئۆزىنىڭ نامۇكەممەل مەسىھ قىلىنغان خىزمەتچىلىرىگە ئاسماندا مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى بەرگەچكە، مۇشۇ يەردە پاۋلۇس ئۇنى رەھىم-شەپقەتلىك دەپ تىلغا ئالغان (ئەفەس. 2:4–7). ئەمما، يەھۋا پەقەتلا مەسىھ قىلىنغان خىزمەتچىلىرىگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتمەيدۇ. زەبۇر يازغۇچىسى داۋۇت: «يەھۋا ھەممىسىگە ياخشىلىق قىلار، ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى بارچە مەۋجۇداتلاردا نامايان بولار»،— دېگەن (زەبۇر 145:9). يەھۋا خۇدا ئىنسانلارنى ياخشى كۆرگەچ، ئۇ رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشكە ئاساسى بولسىلا، رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ.
5. يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقىتىدىن ئەيسا نېمىنى ئۆگەنگەن؟
5 يەھۋانىڭ رەھىمدىل بولۇشنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئەيسا ھەرقانداق بىر كىشىدىن ياخشىراق بىلگەن. ئەيسا يەر يۈزىگە كېلىشتىن بۇرۇن، ئاسماندا ئاتىسى بىلەن نۇرغۇن يىللار بىللە بولغان (پەند نە. 8:30، 31). نۇرغۇن ۋەزىيەتلەردە، ئاتىسىنىڭ گۇناھكار ئىنسانلارغا قانداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرگەن (زەبۇر 78:37—42). ئۇ تەلىم بەرگەندە، ھەمىشە ئاتىسىنىڭ بۇ گۈزەل پەزىلىتى ھەققىدە سۆزلىگەن.
6. ئەيسا ئۆز ئاتىسىنىڭ رەھىم-شەپقەتلىك خۇدا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە قانداق تەمسىل ئارقىلىق ياردەم بەرگەن؟
6 ئالدىنقى ماقالىدە ئۆگەنگىنىمىزدەك، ئەيسا ئاداشقان ئوغۇل ھەققىدىكى تەمسىلنى ئىشلىتىپ، يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىزگە چۈشەندۈرگەن. ئاشۇ ئوغۇل ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، «ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ، مال-دۇنياسىنى بۇزۇپ-چېچىپ تۈگىتىپتۇ» (لۇقا 15:13). كېيىنرەك، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەخلاقسىز ھايات كەچۈرگىنىگە توۋا قىلىپ، ئۆزىنى كەمتەر تۇتۇپ، ئۆيىگە قايتىپ بارغان. ئاتىسى قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ ياش يىگىت ئويلىمىغان ئىش يۈز بەرگەن. ئۇ ھەققىدە، ئەيسا: «ئاتا ئوغلىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى باغرىغا بېسىپ سۆيۈپ كېتىپتۇ»،— دېگەن. ئاتا ئوغلىنىڭ خاتالىقىنى يۈزىگە سېلىپ ئەيىبلىمىگەن. ئەكسىنچە، ئۇ ئوغلىغا رەھىمدىللىك كۆرسىتىپ، ئۇنى كەچۈرۈپ، ئۆز ئائىلىسىگە قايتا قوبۇل قىلغان. ئاداشقان ئوغۇل ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ توۋا قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئاتىسى ئۇنى كەچۈرگەن. ئەيسانىڭ بۇ تەمسىلىدە، رەھىم-شەپقەتلىك ئاتا بولسا يەھۋانى كۆرسىتىدۇ. ئەيسا شۇنداق تەسىرلىك ھېكايە ئارقىلىق، ئۆز ئاتىسىنىڭ چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان گۇناھكارلارنى كەچۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.—لۇقا 15:17—24.
7. يەھۋانىڭ دانالىقى بىلەن ئۇنىڭ رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشى ئارىسىدا قانداق باغلىنىش بار؟
7 يەھۋا چەكسىز دانالىقى تۈپەيلى رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ. مۇقەددەس كىتاب، ئاسماندىن كەلگەن دانالىق بولسا رەھىمدىللىك ۋە ياخشى مېۋىلەرگە تولغان دەيدۇ (ياقۇپ 3:17). يەھۋا كۆيۈمچان ئاتا سۈپىتىدە ئۆز پەرزەنتلىرىگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشنىڭ قانداق پايدىسى بارلىقىنى ياخشى بىلىدۇ (زەبۇر 103:13؛ يەشايا 49:15). يەھۋا ئۆز خەلقىنىڭ نامۇكەممەل بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەچ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۈمىدى بار. دېمەك، يەھۋانىڭ چەكسىز دانالىقى ئۇنى دائىم رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشكە ئاساس بولسىلا، شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاچان رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشنى يەھۋا ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. ئەمما، ئۇ ھەرگىزمۇ يامانلىقلارغا كۆز يۇممايدۇ.
8. بەزىدە جامائەتتە توۋا قىلمىغانلارغا قانداق چارە-تەدبىر كۆرۈلىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟
8 يەھۋانىڭ بىر خىزمەتچىسى قەستەن ئەخلاقسىز ھايات كەچۈرۈش يولىنى تاللىدى دەيلى. شۇنداق ۋەزىيەتتە، بىز چوقۇم نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟ ئەلچى پاۋلۇس نەسىھەت بېرىپ، شۇنداق كىشى بىلەن ئارىلاشماڭلار دېگەن (1-كورىنت. 5:11). ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، توۋا قىلىشنى خالىمىغانلار جامائەتتىن چىقىرىلىدۇ. شۇ چارە-تەدبىرنىڭ مەقسىتى ساداقەتمەن قېرىنداشلارنى قوغداش ۋە يەھۋانىڭ مۇقەددەس ئۆلچەملىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش. بىراق، بەزىلەر بەلكىم بىرى جامائەتتىن چىقىرىلغاندا، يەھۋا ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتمىدى دەپ ئويلايدۇ. شۇنداق ئوي-پىكىردە بولۇش توغرىمۇ؟ ھازىر مۇشۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپايلى.
ئەدەپلەپ جازالاش رەھىم-شەپقەتنىڭ ئىپادىسىمۇ؟
9، 10. ئىبرانىيلار 12:5، 6-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نېمە ئۈچۈن جامائەتتىن چىقىرىش چارە-تەدبىرنى رەھىم-شەپقەتنىڭ ئىپادىسى دەپ ئېيتالايمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
9 جامائەت يىغىلىشدا بىز تونۇيدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان بىرى ئەمدى يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس، دەپ ئېلان قىلىنغاندا، كۆڭلۈمىز بەك يېرىم بولىدۇ. بەلكىم، شۇ يېقىن كىشىنىڭ جامائەتتىن چىقىرىلىشى ھەقىقەتەن زۆرۈرمۇ دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. جامائەتتىن چىقىرىش چارە-تەدبىرى ھەقىقەتەن رەھىم-شەپقەتنىڭ ئىپادىسىمۇ؟ ھەئە، شۇنداق. زۆرۈر تېپىلغاندا بىرىنى جامائەتتىن چىقىرىش دانالىق، رەھىم-شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر (پەند نە. 13:24). بۇ چارە-تەدبىر گۇناھكار كىشىنىڭ توۋا قىلىپ، يامان يولىنى تاشلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئىلگىرى ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن نۇرغۇن قېرىنداشلار، ئاقساقاللار ئىشلەتكەن شۇ چارە-تەدبىرنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. شۇ سەۋەب، ئۇلار ئۆز ئەقلىنى تېپىپ، يامان يوللىرىنى تاشلاپ، يەھۋانىڭ قوينىغا قايتىپ كەلگەن.—ئىبرانىيلار 12:5، 6-نى ئوقۇڭ.
10 بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. پادىچى ئۆز پادىلىرى ئارىسىدا بىر قوينىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئۇنىڭ ئاغرىقىنى ساقايتىش ئۈچۈن، ئۇنى باشقا قويلاردىن ئايرىپ، يالغۇز سولاپ قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، قويلار ئادەتتە توپ بولۇپ ياشايدىغان ھايۋان. ئۇلارنى پادىدىن ئايرىم سولاپ قويسا، راھەتسىزلىنىپ توختىماي مەرەيدۇ. پادىچى قوينى ساقايتىشى ئۈچۈن ئايرىم سولاپ قويسا، ئۇنى رەھىم-شەپقەتسىز، تاش يۈرەك دېيىشكە بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق. پادىچى ئەگەر ئاغرىق قوي باشقا قويلار بىلەن بىللە ئوتلاپ يۈرسە، باشقا قويلارنىڭمۇ ئاغرىقنى يۇقتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. دېمەك، ئۇ بىر قوينى ئايرىم سولاپ قويۇش ئارقىلىق پادىدىكى باشقا قويلارنى قوغدايدۇ.—لاۋىيلار 13:3، 4-نى سېلىشتۇرۇڭ.
11. (1) جامائەتتىن چىقىرىلغانلارنى قايسى جەھەتتىن ئاغرىق قويغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ؟ (2) جامائەتتىن چىقىرىلغان كىشى نېمە قىلالايدۇ ۋە قانداق ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ؟
11 بىرى جامائەتتىن چىقىرىلغاندا، بىز ئۇنى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان مىسالىدىكى ئاغرىق قويغا ئوخشاتساق بولىدۇ. ئۇ روھىي جەھەتتىن كېسەل بولغان (ياقۇپ 5:14). بەزى جىسمانىي ئاغرىقلارغا ئوخشاش روھىي ئاغرىقمۇ يۇقۇملۇق بولىدۇ. شۇڭا، بەزى ۋەزىيەتلەردە جامائەتتە روھىي ئاغرىق بولغان بىرىنى جامائەتتىن ئايرىۋېتىش زۆرۈر بولىدۇ. جامائەتتىن چىقىرىپ ئەدەپلەپ تۈزىتىش — يەھۋانىڭ قويلار كەبى سادىق خىزمەتچىلىرىگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنىڭ ئىپادىسى ۋە بۇ گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىپ، ئۇنى توۋا قىلىشقا يېتەكلىشى مۇمكىن. كىشى جامائەتتىن چىقىرىلغان بولسىمۇ، يىغىلىشلارغا قاتنىشىپ، روھىي ئوزۇقلارنى ئېلىپ، ئىمان ئېتىقادىنى كۈچەيتەلەيدۇ. ئۇ نەشىرى ماتېرىياللارنى ئوقۇپ تەتقىق قىلالايدۇ ۋە JW تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى كۆرەلەيدۇ. ئاقساقاللار ئۇنىڭ روھىي جەھەتتىن ئىلگىرىلىشىگە دىققەت قىلىپ، بەلكىم بەزىدە ئۇنىڭغا بەزى مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ روھىي ساغلاملىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. شۇ ئارقىلىق، ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە جامائەتكە قايتىپ كېلەلەيدۇ b.
12. ئاقساقاللار گۇناھىغا توۋا قىلمىغان كىشىگە مېھرىبانلىق ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟
12 ئەڭ مۇھىمى شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، پەقەتلا گۇناھىغا توۋا قىلمىغانلار جامائەتتىن چىقىرىلىدۇ. ئاقساقاللار بىرىنىڭ جامائەتتىن چىقىرىلىشىنى قارار قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئېغىر مەسىلىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىشى كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. يەھۋا مەلۇم دەرىجىدە ئەدەپلەپ جازالايدۇ، ئۇ ئاقساقاللارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشنى خالايدۇ (يەرەم. 30:11). ئاقساقاللار قېرىنداشلارنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىشنى خالىمايدۇ. بىراق، بەزىدە مېھرىبانلىق ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشنىڭ يولى — گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشىنى بىر مەزگىل جامائەتتىن چىقىرىۋېتىش.
13. نېمە ئۈچۈن كورىنت شەھەردىكى بىر ئېتىقادچىنى جامائەتتىن چىقىرىش كېرەك بولغان؟
13 بىرىنچى ئەسىردە، ئەلچى پاۋلۇسنىڭ گۇناھىغا توۋا قىلمىغان گۇناھكارغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. كورىنت شەھىرىدىكى بىر ئېتىقادچى ئۆز ئاتىسىنىڭ ئايالى بىلەن ئەخلاقسىز تۇرمۇش كەچۈرگەن. بۇ نېمە دېگەن يىرگىنچلىك! بۇنداق گۇناھ ھەققىدە يەھۋا ئۆتمۈشتە ئىسرائىللىقلارغا شۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر كىشى ئاتىسىنىڭ ئايالى بىلەن ياتسا، ئۆز ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ. ئۇلار ئىككىلىسى ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلسۇن» (لاۋى. 20:11). ئەلۋەتتە، پاۋلۇس ئۇ كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلمىغان. بىراق، ئۇ بۇرۇن جامائەتتىكىلەرگە شۇ كىشىنى جامائەتتىن چىقىرىۋېتىشنى ئېيتقان. ئاشۇ كىشىنىڭ ئەخلاقسىز يۈرۈش-تۇرۇشى جامائەتتىكى باشقىلارغا تەسىر قىلغان، ھەتتا بەزىلىرى ئۇنى ئېغىر گۇناھ دەپ قارىمىغان.—1-كورىنت. 5:1، 2، 13.
14. كورىنت شەھىرىدىكى جامائەتتىن چىقىرىلغان كىشىگە پاۋلۇس قانداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەن ۋە نېمە ئۈچۈن؟ (2-كورىنتلىقلار 2:5—8، 11)
14 كېيىنرەك، پاۋلۇس شۇ كىشىنىڭ كۆپ ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلغانلىقىنى بىلگەن. ئۇ گۇناھى ئۈچۈن چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان! گەرچە ئۇ كىشى جامائەتنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرگەن بولسىمۇ، پاۋلۇس شۇ ئىشلارنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇۋېتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئاقساقاللارغا ئېيتقان. ئۇ ئاقساقاللارغا: «ئەمدى ئۇنى چىن دىلدىن كەچۈرۈڭلار ۋە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىڭلار»،— دېگەن. ئۇ يەنە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: «بولمىسا، ئۇ غەم-قايغۇلاردىن باش كۆتۈرەلمەي قالىدۇ»،— دېگەنىدى. پاۋلۇس توۋا قىلغان شۇ كىشىگە ھېسداشلىق قىلىپ ئىچى ئاغرىتقان ۋە شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا ھەددىدىن زىيادە قايغۇرۇپ-ھەسرەت چېكىپ، كەچۈرۈم سوراشنى توختىتىپ قويۇشىنى خالىمىغان.—2-كورىنتلىقلار 2:5—8، 11-نى ئوقۇڭ.
15. ئاقساقاللار كەسكىن بولۇش بىلەن رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىش ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى قانداق ساقلىيالايدۇ؟
15 يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، ئاقساقاللارمۇ رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشنى خالايدۇ. ئەگەر زۆرۈر بولسا، ئۇلار كەسكىنلىك بىلەن ئەدەپلەپ تۈزەتسىمۇ، بىراق رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشكە ھەقىقىي ئاساس بولسا، شۇنداق قىلىشقا ئىلاجىنىڭ بارىچە تىرىشىدۇ. ئەگەر ئاقساقاللار خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىشىنى ھېچقانداق ئەدەپلەپ تۈزەتمىسە، ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتمىگەن بولىدۇ، ئەكسىنچە ئۇنىڭ خاتالىقلىرىغا كۆز يۇمغان بولىدۇ. ئۇنداقتا، پەقەتلا ئاقساقاللار رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشى كېرەكمۇ؟
ھەممىمىزنىڭ رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشىگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
16. پەندى-نەسىھەت 21:13-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، يەھۋا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتمىگەن كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟
16 بارلىق خۇدا خىزمەتچىلىرى يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ بىر سەۋەبى، يەھۋا باشقىلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتمىگەن كىشىنىڭ دۇئالىرىغا قۇلاق سالمايدۇ (پەندى-نەسىھەت 21:13-ئوقۇڭ). شۇڭا، ئېھتىياتچان بولۇپ، تاش يۈرەك بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىمىز. بىر قېرىنداشنىڭ دەرد-پەريادلىرىغا قۇلاق يوپۇرۇۋېلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ نالە-پەريادلىرىغا قۇلاق سېلىشقا ھەر دائىم تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز مۇقەددەس كىتابتىكى مۇنۇ مەسلىھەتكە قۇلاق سېلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك: «رەھىم-شەپقەت كۆرسەتمىگەنلەر ئۈستىدىن چىقىرىلىدىغان ھۆكۈم رەھىم-شەپقەتسىز بولىدۇ» (ياقۇپ 2:13). ئەگەر بىز كەمتەر بولۇپ، ئۆزۈمىزنىڭ رەھىم-شەپقەتكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى ئەستە تۇتساق، باشقىلارغىمۇ رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمىز. بىز بولۇپمۇ جامائەتتىن چىقىرىلغان كىشى جامائەتكە قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشنى خالايمىز.
17. پادىشاھ داۋۇت رەھىم-شەپقىتىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
17 مۇقەددەس كىتابتىكى مىساللار رەھىم-شەپقەتسىز بولۇشتىن يىراق تۇرۇپ، رەھىمدىل بولۇشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، پادىشاھ داۋۇتنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ دائىم چىن قەلبىدىن رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەن. گەرچە سائۇل داۋۇتنى ئۆلتۈرۈشنى خالىغان بولسىمۇ، داۋۇت ھەرگىزمۇ سائۇلغا ئاداۋەت ساقلاپ، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن زىيانكەشلىك قىلمىغان، ئەكسىچە ئۇ خۇدا ئۆزى مەسىھ قىلغان پادىشاھقا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەن.—1-سام. 24:9–12، 18، 19.
18، 19. داۋۇت قايـسى ئىكـكى ۋەزىيـەتتە ئۆزىنىڭ رەھىم-شەپقەتسىز بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن؟
18 بىراق، داۋۇت ھەردائىم رەھىمدىل بولمىغان. مەسىلەن، مىجەز-خۇلقى قوپال كىشى نابال داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە تاماق بېرىشنى رەت قىلىپ، يامان گەپ سۆزلەرنى قىلغاندا، ئۇ قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، نابال ۋە ئۇنىڭ ئائىلە جەمەتىنى قىرىپ تاشلاشنى قارار قىلغان. ئەمما، نابالنىڭ سەۋرچان، مېھرىبان ئايالى ئابىگائىل دەرھال داۋۇتقا يېمەكلىكلەرنى يەتكۈزۈپ بەرگەن، شۇ ئارقىلىق داۋۇتنى بېھۇدە قان تۆكۈشتىن ساقلاپ قالغان.—1-سام. 25:9–22، 32–35.
19 يەنە بىر ۋەزىيەتتە، ناتان پەيغەمبەر داۋۇتقا بىر باي كىشىنىڭ كەمبەغەل قوشنىسىنىڭ ئەڭ ئامراق قوزىسىنى بۇلىۋالغانلىقى ھەققىدە ئېيتىپ بەرگەن. داۋۇت ئۇنى ئاڭلاپ، قاتتىق غەزەپلىنىپ شۇنداق دېگەن: «ھايات يەھۋا ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، بۇنداق ئىشنى قىلغان ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر» (2-سام. 12:1—6). داۋۇت تەۋرات قانۇنىنى ياخشى بىلەتتى. ئەگەر ئوغرى بىر قوينى ئوغرىلىسا، قانۇن بويىچە ئۇنىڭ ئورنىغا تۆت قوي تۆلەپ بېرىشى كېرەك ئىدى (چىق. 22:1). بىراق، داۋۇتنىڭ شۇنداق ئۆلۈم ھۆكۈمىنى ئېلان قىلىشى، ئۇنىڭ رەھىم-شەپقەتسىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ناتاننىڭ بۇ مىسالنى ئېيتىپ بېرىشى، داۋۇتنىڭ شۇ قوينى بۇلىۋالغان كىشىدىنمۇ بەتتەر ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىدى. داۋۇت ناتان ئېيتقان مىسالدىكى قوينى بۇلىۋالغان كىشىگە رەھىمدىل بولمىغان. بىراق، يەھۋا ئۆزىنىڭ داۋۇتقا ئىنتايىن كۆپ رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.—2-سام. 12:7–13.
20. داۋۇتنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
20 داۋۇت قاتتىق غەزەپلەنگەندە، نابال ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان. كېيىنرەك، ئۇ ناتان پەيغەمبەرنىڭ مىسالىدىكى كىشىنى ئۆلۈمگە لايىق دېگەن. بىراق، داۋۇت ئادەتتە شۇنچە رەھىمدىل كىشى بولغان بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇ شۇ بۇلاڭچىلىق قىلغان كىشىگە شۇنچە رەھىم-شەپقەتسىزلىك بىلەن ھۆكۈم قىلغان. شۇ چاغدا، ئۇ ۋىجدان ئازابى تارتىۋاتقان ئىدى. قەلبىنى تاشتەك قىلىپ، ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرىشى روھىي ساغلام ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى جىددىي ئاگاھلاندۇرغان: «باشقىلارنى ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىڭلار، سىلەرمۇ ھۆكۈمگە ئۇچرىمايسىلەر» (مەتتا 7:1، 2). شۇڭا، قەلبىمىزنىڭ تاشتەك قېتىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇپ، خۇدادەك رەھىمدىل بولۇشقا تىرىشايلى.
21، 22. بىزنىڭ رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشىمىزنىڭ قانداق ئەمەلىي يوللىرى بار؟
21 رەھىم-شەپقەتلىك كىشى پەقەت ئىچى ئاغرىتىش ھېس-تۇيغۇسىدا بولۇپلا بولماي، باشقىلارغا ئەمەلىي ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، ھەممىمىز ئائىلىمىزدە، جامائەتتە ۋە مەھەللىمىزدە كىملەرنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجى بارلىقىغا دىققەتلىك بولايلى. جەزمەن رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشنىڭ نۇرغۇن پۇرسەتلىرىنى تاپالايمىز! مەسىلەن، كىم تەسەللىگە مۇھتاج؟ كىملەر ئەمەلىي ياردەم بېرىشىمىزگە، يەنى يېمەك-ئىچمەك يەتكۈزۈپ بېرىشىمىز ياكى باشقا ئىشلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشقا مۇھتاج؟ جامائەتكە قايتىپ كەلگەن قېرىنداش تەسەللى ۋە ئىلھام بېرىدىغان بىر دوستقا مۇھتاجمۇ؟ كۆڭۈلگە تەسەللى بېرىدىغان خۇش خەۋەرنى كىمگە ئېيتالايمىز؟ بۇ، بىز ئۇچراتقان ھەر بىر كىشىگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى يوللىرىدىن بىرىدۇر.—ئايۇپ 29:12، 13؛ رىملىقلار 10:14، 15؛ ياقۇپ 1:27.
22 كىملەرنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلساق، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشنىڭ پۇرسەتلىرىنى تاپالايمىز. باشقىلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتسەك، ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلالايمىز. چۈنكى، ئۇ رەھىمدىل خۇدادۇر!
13-ناخشا شۈكۈر دۇئاسى
a رەھىم-شەپقەت — يەھۋانىڭ ئەڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىدىن بىرى. ھەممىمىز بۇ پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن يەھۋا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەدەپلەپ-تۈزىتىشىنى مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئىپادىسى دەپ ئېيتالايمىز؟ ۋە بۇ گۈزەل پەزىلەتنى بىز قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ بۇ ماقالىدە، مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.
b جامائەتكە قايتىپ كەلگەن بىرى يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قانداق ياخشىلىيالايدىغانلىقى ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە بىلىش ئۈچۈن، بۇ ژۇرنالدىكى «قايتا يەھۋا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭىزنى تىكلەڭ» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
c سۈرەتتە: ئاتا ئۆگىزىدە تۇرۇپ، ئاداشقان ئوغۇلنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە دەرھال ئۇنى باغرىغا بېسىشقا ئالدىغا چىقتى.
d سۈرەتتە: داۋۇت ۋىجدان ئازابى تارتقاچقا، بېسىم ھېس قىلغان. شۇ سەۋەب، ناتان پەيغەمبەر باي كىشى قىلغان ئىشلار ھەققىدە ئېيتىپ بەرگەندە، داۋۇت ئاڭلاپلا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ئۇ كىشىنى ئۆلۈمگە لايىق دېگەن.