43-تەتقىق ماقالىسى
بەل قويۇۋەتمەڭ!
«ياخشىلىق قىلىشتىن ۋاز كەچمەيلى».—گالاتىيا. 6:9.
44-ناخشا خۇشاللىق بىلەن ھوسـۇل يىغىـش
بۇ ماقالىدە a
1. نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغىنىمىزدىن خۇشال بولىمىز ۋە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز؟
بىز يەھۋانىڭ خەلقى! باشقىلارغا ۋەز قىلىش ۋە ئۇلارغا ھەقىقەتنى ئۆگىتىش ئارقىلىق يەھۋانىڭ گۇۋاھچىسى ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلايمىز. بىز يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغىنىمىز ئۈچۈن بەك خۇشالمىز ۋە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز. مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشقا مايىل بولغانلارنىڭ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇشىغا ياردەم بېرەلىگىنىمىزدە، شاد-خۇراملىققا چۆمىمىز (ئەلچى. 13:48). بىزمۇ خۇددى ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش خۇرسەن بولىمىز. شاگىرتلىرى قايتىپ كېلىپ، ۋەز خىزمەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئېيتقاندا، ئەيسا مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرىدە خۇشال-خۇراملىققا چۆمگەن.—لۇقا 10:1، 17، 21.
2. ۋەز خىزمەت بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
2 ۋەز خىزمىتى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. پاۋلۇس تىموتىينى ئىلھاملاندۇرۇپ، مۇنۇ سۆزلەرنى قىلغان: «ئۆزۈڭگە ھەمدە بەرگەن تەلىمىڭگە دىققەت قىلغىن. بۇنداق قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇر. چۈنكى، شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭنى ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارنى قۇتقۇزۇسەن» (1-تىموت. 4:16). دېمەك، ۋەز خىزمىتىمىز كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزالايدۇ. بىز ئۆز ئىش-ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى بىز خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پۇقرالىرى. بىز ھەردائىم ئىش-ھەرىكىتىمىزدە خۇداغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىشنى ۋە ئۆزۈمىز يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەرگە ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنى خالايمىز (فىلىپى. 1:27). ۋەز خىزمىتىگە چىقىشتىن ئاۋۋال ياخشى تەييارلىق قىلىش ۋە باشقىلارغا گۇۋاھلىق بېرىشتىن بۇرۇن، دۇئالىرىمىزدا يەھۋانىڭ بەرىكەتلىشىنى سوراش ئارقىلىق ئۆزۈمىزنىڭ تەلىملىرىگە دىققەت قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.
3. بەزىلەر پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىن؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
3 ھەتتا بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكمۇ، ياشاۋاتقان رايونىمىزدىكى كىشىلەر پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىگە قۇلاق سالماسلىقى مۇمكىن. گېئورگ لىندال ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ 1929-يىلدىن 1947-يىلغىچە، ئىسلاندىيىدە يالغۇز ۋەز خىزمىتىنى قىلغان. ئۇ ئون مىڭلارچە كىتاب-ژۇرناللارنى تارقاتقان. ئەمما، بىرمۇ كىشى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمىغان. ئۇ شۇنداق يازغان: «بەزىلەر قارىماققا ھەقىقەتكە قارشى چىقتى، بىراق كۆپىنچىلىرى ھەتتا قۇلاق سېلىپ بېقىشقىمۇ قىزىقمىغان». گەرچە گىلىئاد مەكتىپىنى تاماملىغان ۋەز ئېيتقۇچىلار ياردەمگە كەلگەن بولسىمۇ، شۇنىڭدىن 9 يىل ئۆتۈپ، بەزى ئىسلاندىيىلىكلەر يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن.
4. كىشىلەر ئېيتىۋاتقان خۇش خەۋىرىمىزگە قۇلاق سالمىسا، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇشىمىز مۇمكىن؟
4 باشقىلار ئېيتىۋاتقان خۇش خەۋىرىمىزگە قىزىقمىغاندا ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىمىز. شۇنداق ۋەزىيەتتە ئۆزۈمىزنى پاۋلۇسقا ئوخشاش ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. كۆپىنچە يەھۇدىيلار ئەيسانى مەسىھ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغاندا، پاۋلۇس شۇنداق سۆزلەرنى قىلغان: «كۆڭلۈمدە غەم-قايغۇلار كۆپ ۋە تۈگىمەس دەردىم بار» (رىملىقلار 9:1–3). بەلكىم، سىز بىرى بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈۋاتىسىز. شۇ ئۆگىنىۋاتقان كىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدىڭىز ۋە ئۇنىڭغا ياخشىراق تەلىم بېرىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىز. بىراق، ئۇ ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىي تۇرمۇشىدا قوللانماي، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقان ئۆگىنىشنى توختىتىشىڭىزغا توغرا كەلگەندۇ ياكى ھازىرغىچە ھېچبىر كىشىنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە شەخسەن ياردەم قىلىپ باقمىغانسىز. بۇ يەھۋانىڭ ۋەز خىزمىتىڭىزدىن خۇرسەن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتەمدۇ؟ ياق. ۋەز خىزمىتىمىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى نېمە كۆرسىتىدۇ؟ باشقىلارغا ۋەز ئېيتقاندا، چوقۇم نېمىگە تەييار بولۇشىمىز كېرەك؟ بۇ ماقالىدە، مۇشۇ ئىككى سولغا جاۋاب تاپىمىز.
ۋەز خىزمىتىمىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى نېمە كۆرسىتىدۇ؟
5. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىمىز ھەمىشە بىز ئۈمىد قىلغاندەك بولماسلىقى مۇمكىن؟
5 مۇقەددەس كىتاب، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلىغانلارنىڭ «قىلغان ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولار»،— دەيدۇ (زەبۇر 1:3). بىراق، بۇ ھەرگىزمۇ يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن قىلغان ھەر بىر ئىشىمىز، بىز ئۈمىد قىلغاندەك ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بىز ئۆزىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر نامۇكەممەل بولغانلىقى سەۋەبلىك، ھاياتىمىز «جاپا-مۇشەققەتكە تولغان» (ئايۇپ 14:1). بۇنىڭدىن باشقا، بەلكىم قارشى چىققۇچىلار بەزىدە ۋەز خىزمىتىمىزنى توختىتىپ قويۇشى مۇمكىن (1-كورىنت. 16:9؛ 1-سالونىكا. 2:18). ئۇنداقتا، يەھۋا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىمىزنى قانداق باھالايدۇ؟ مۇشۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى پرىنسىپلارنى كۆرۈپ باقايلى.
6. قىلغان خىزمىتىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان-بولمىغانلىقىنى، يەھۋا قانداق باھالايدۇ؟
6 يەھۋا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ۋە بەل قويۇۋەتمەي داۋاملىق تىرىشىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئېيتقان خەۋىرىمىزگە باشقىلارنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىدىن قەتئىي نەزەر قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىمىز، چۈنكى بىز يەھۋانى چىن قەلبىمىزدىن سۆيىمىز. شۇنداق قىلساق، يەھۋانىڭ نەزەرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىمىز. پاۋلۇس شۇنداق يازغان: «چۈنكى، خۇدا ئادالەتسىز ئەمەس، ئۇ سىلەرنىڭ ئۆتمۈشتە ۋە ھازىر مۇقەددەس كىشىلەرگە خىزمەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئىسىمى ئۈچۈن كۆرسەتكەن سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭلارنى ۋە قىلغان ئىشلىرىڭلارنى ئۇنتۇمايدۇ» (ئىبرانىي. 6:10). بىز ھەتتا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساقمۇ، بىر كىشى مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىپ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمىگەن بولسىمۇ، ياراتقۇچىمىز سىڭدۈرگەن ئەجىرىمىزنى ۋە كۆرسەتكەن سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئېسىدە ساقلايدۇ. سىڭدۈرگەن ئەجىر-مېھنىتىمىزنىڭ كۈتكەندەك نەتىجىسى بولمىسا، پاۋلۇسنىڭ مۇنۇ سۆزى بىزگە تەسەللى بېرىدۇ: «رەببىمىزنىڭ يولىدا قىلغان ئەجىر-مېھنىتىڭلار بېھۇدە كەتمەيدۇ».—1-كورىنت. 15:58.
7. پاۋلۇسنىڭ ئۆز ۋەز خىزمىتى ھەققىدە ئېيتقانلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
7 ئەلچى پاۋلۇس ماھىر بىر ۋەز ئېيتقۇچى بولغان. ئۇ نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە يېڭى جامائەتلەرنى قۇرغان. بىراق، بەزىلەر ئۇنى ياخشى تەلىم بەرگۈچى ئەمەس دەپ ئەيىبلىگەندە، ئۇ ئۆزى قانچىلىك ئادەمنىڭ ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. ئەكسىنچە، ئۇ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى پاۋلۇستىن يۇقىرى قويۇشقا تىرىشقاندا، ئۇلارغا ھەدىيە بېرىپ، شۇنداق سۆزلەرنى يازغان: «ئۇلاردىن كۆپرەك خىزمەت قىلدىم» (2-كورىنت. 11:23). خۇددى پاۋلۇستەك، چوقۇم شۇنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەككى، يەھۋا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى، بىز بەل قويۇۋەتمەي، داۋاملىق تىرىشىپ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك.
8. ۋەز خىزمىتىمىزدە، چوقۇم نېمىنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك؟
8 يەھۋا ۋەز خىزمىتىمىزدىن سۆيىنىدۇ. ئەيسا 70 شاگىرتىنى پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن، ئۇلار خۇشال-خۇرام قايتىپ كەلگەنىدى. ئۇلارنىڭ شۇنداق خۇشال بولۇشىغا نېمە سەۋەب بولغان؟ ئۇلار شۇنداق دېگەن: «سىزنىڭ ئىسىمىڭىزنى تىلغا ئالساق، ھەتتا جىنلارمۇ بىزگە بويسۇندى». بىراق، ئەيسا ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرىنى تۈزىتىپ شۇنداق دېگەن: «لېكىن، سىلەر جىنلارنىڭ بويسۇنغانلىقى بىلەن خۇشال بولۇپ كەتمەڭلار، بەلكى ئىسىمىڭلارنىڭ ئاسماندا يېزىلغانلىقى بىلەن خۇشال بولۇڭلار» (لۇقا 10:17—20). ئەيسا شاگىرتلىرىنىڭ ۋەز خىزمەتتە ھەر دائىم شۇنداق خۇشاللىق تاپالمايدىغانلىقىنى بىلگەن. ئەمەلىيەتتە، بىز دەسلەپتە خۇش خەۋەرگە قۇلاق سالغانلاردىن قانچىسى ئەيسانىڭ شاگىرتى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. شاگىرتلار شۇنى چۈشۈنۈپ يېتىشى كېرەك بولغان، يەنى ئۇلار يەتكۈزگەن خەۋەرگە كىشىلەرنىڭ قۇلاق سېلىشى خۇشاللىق تېپىشنىڭ يالغۇزلا يولى ئەمەس ئىدى. بەلكى، يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن، ئۇنىڭ ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلىش، ئۇلارغا زور خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيتتى.
9. گالاتىيالىقلار 6:7—9-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر ۋەز خىزمەتتە بەل قويۇۋەتمىسەك، نەتىجىدە نېمىگە ئېرىشىمىز؟
9 ئەگەر بىز ۋەز خىزمەتتە بەل قويۇۋەتمىسەك، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىمىز. چىن قەلبىمىزدىن، قىزغىنلىق بىلەن پادىشاھلىق ھەقىقەت ئۇرۇقىنى تېرىپ، پەرۋىش قىلغىنىمىزدا، يەھۋانىڭ روھىنىڭ ھاياتىمىزغا تەسىر قىلىشىغا يول قويۇپ، روھقا تېرىغان بولىمىز. بىر كىشىنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ، يېڭى شاگىرت بولۇشىغا ياردەم بەرگەن بولايلى-بولمايلى، داۋاملىق بەل قويۋەتمەي ياكى بوشاشماي ۋەز خىزمەتنى داۋاملاشتۇرساق، يەھۋا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ھوسۇلىنى يىغىمىز.—گالاتىيالىقلار 6:7—9-نى ئوقۇڭ.
باشقىلارغا ۋەز ئېيتقاندا، نېمىگە تەييار بولۇشىمىز كېرەك؟
10. ئادەملەرنىڭ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقى نېمىگە باغلىق؟
10 ئادەملەرنىڭ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقى ئۇلارنىڭ يۈرىكىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە باغلىق. ئەيسا بۇ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇرۇق چاچقۇچى ھەققىدىكى تەمسىلنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇرۇق چاچقۇچى ئوخشىمايدىغان ھەرخىل يەرگە ئۇرۇق چاچقان، پەقەت بىر يەر مول ھوسۇلنى بەرگەن (لۇقا 8:5—8). ئەيسا ئېيتقاندەك، ھەرخىل يەر خۇدانىڭ سۆزىگە ئوخشىمايدىغان ئىنكاسلارنى قايتۇرغان كىشىلەرنىڭ يۈرىكىگە تەمسىل قىلىنغان (لۇقا 8:11—15). خۇددى شۇ ئۇرۇق چاچقۇچىدەك، ئۆز خىزمىتىمىزنىڭ قانداق نەتىجە بېرىشىنى، بىز قارار قىلالمايمىز. سەۋەبى، ئۇ كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق. ئەلچى پاۋلۇس ئېيتقاندەك: ھەر بىر كىشى ئۆز ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىگە ئەمەس، بەلكى قىلغان ئەمگىكىگە قاراپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.—1-كورىنت. 3:8.
11. ئادەملەر نۇھنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغان بولسىمۇ، يەھۋا نېمە ئۈچۈن نۇھتىن خۇرسەن بولغان؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
11 قەدىمدىن بۇيان، يەھۋانىڭ نۇرغۇن خىزمەتچىلىرى قۇلاق سالمىغان كىشىلەرگە ۋەز قىلىپ كەلگەن. مەسىلەن، نۇھ تەخمىنەن 40 ياكى 50 يىلچە كىشىلەرنى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغان (2-پېتر. 2:5). شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۆزى يەتكۈزگەن خەۋەرگە باشقىلارنىڭ قۇلاق سېلىشىنى بەك ئارزۇ قىلغان. بىراق، يەھۋا كىشىلەرنى قۇلاق سالىدۇ، دەپ ئېيتمىغانىدى. ئەكسىنچە، ئۇ نۇھقا كېمە ياساشنى بۇيرۇپ، شۇنداق دېگەن: «سەن، ئوغۇللىرىڭ، ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭنىڭ ئاياللىرى بىرگە كېمىگە كىرىڭلار» (يارىت. 6:18). يەھۋا نۇھقا كېمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ھەققىدە ئېيتقاندا، نۇھ بەلكىم ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالىدىغانلارنىڭ كۆپ بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن، چۈنكى كېمىدە ئارتۇق ئورۇن يوق ئىدى (يارىت. 6:15). بىز بىلگەندەك، ئۇنىڭ سۆزىگە ئائىلىسىكىلەردىن باشقا ھېچكىم قۇلاق سالمىغان (يارىت. 7:7). نۇھنىڭ ۋەز خىزمىتىنى، يەھۋا نەتىجىسىز بولغان دەپ قارىغانمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق! ئۇنىڭ نەزەرىدە نۇھ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋەز ئېيتقۇچى بولغان. سەۋەبى، يەھۋانىڭ ئېيتقانلىرىنى نۇھ سادىقلىق بىلەن ئورۇنلىغانىدى.—يارىت. 6:22.
12. كىشىلەر يەرەمىيا يەتكۈزگەن خەۋەرگە قۇلاق سالمىغان، ھەتتا قارشى چىققان بولسىمۇ، ئۇ خۇشاللىق تېپىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟
12 يەنە شۇنىڭدەك، يەرەمىيا پەيغەمبەر يەتكۈزگەن خەۋىرىگە ئادەملەرنىڭ قۇلاق سالمىغانلىقى، ھەتتا قارشى چىقىشىغا قارىماي، تەخمىنەن 40 يىلدىن كۆپرەك ۋەز قىلغان. شۇ قارشى چىققۇچىلارنىڭ مەسخىرە قىلىپ كەمسىتىشى سەۋەبلىك، ئۇ ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەنكى، ھەتتا ئۆز ۋەزىپىسىدىن ۋاز كېچىشنى ئويلىغانىدى (يەرەم. 20:8، 9). بىراق، يەرەمىيا ھەرگىز بەل قويۇۋەتمىگەن! ئۇنىڭ سەلبىي ئوي-پىكىرلەرگە قارشى تۇرۇپ، ۋەز خىزمىتىدە خۇشاللىق تېپىشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ يەرەمىيا ئىككى مۇھىم نەرسىنى ئېسىدە چىڭ تۇتقان. بىرىنچىسى، ئۇ ئارزۇ-ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسى ھەققىدىكى خۇدانىڭ خەۋىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈۋاتىدۇ (يەرەم. 29:11). ئىككىنچىسى، يەھۋا بۇ خەۋەرنى ئۆز خەلقىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇنى تاللىدى (يەرەم. 15:16). بىزمۇ بۇ دۇنيا كىشىلىرىگە ئۈمىد بېرىدىغان خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتىمىز ۋە ئۇنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە يەھۋانىڭ ئىسىمىنى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈۋاتىمىز. بىز پۈتۈن دىققىتىمىزنى مۇشۇ ئىككى مۇھىم نەرسىگە قاراتساق، يەتكۈزۈۋاتقان خەۋىرىمىزگە باشقىلار قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشتىن قەتئىينەزەر، خۇشاللىق تاپالايمىز.
13. ماركۇس 4:26—29-ئايەتلەردىكى، ئەيسانىڭ تەمسىلىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
13 روھىي جەھەتتىن ئۆسۈش ئاستا-ئاستا بولىدۇ. ئەيسا بۇ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇخلاۋاتقان ئۇرۇق چاچقۇچى ھەققىدە تەمسىل ئېيتىپ بەرگەن (ماركۇس 4:26—29-نى ئوقۇڭ). ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇقلىرىنى چاچقاندىن كېيىن، ئاشۇ ئۇرۇقلار ئاستا-ئاستا ئۆسىدۇ. ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇنى تېزراق ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ھېچ قىلالمايدۇ. خۇددى شۇ ئۇرۇق چاچقۇچىغا ئوخشاش، سىزمۇ مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىنى كۆرۈشتىن ئىلگىرى، بىر مەزگىل كۈتۈشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. خۇددى بىر دېھقان ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆزى ئۈمىد قىلغاندەك تېز ئۆستۈرەلمىگەنگە ئوخشاش، مۇقەددەس كىتابنى بىز بىلەن ئۆگىنىۋاتقانلارمۇ، بىز ئۈمىد قىلىۋاتقاندەك روھىي جەھەتتىن تېز ئۆسمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىگە، سىز ئۈمىد قىلغاندىنمۇ كۆپرەك ۋاقىت كەتسە، ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەڭ ياكى ۋاز كەچمەڭ. خۇددى دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ئوخشاش، شاگىرتلارنى تەييارلاش ئىشىمۇ سەۋر-تاقەتنى تەلەپ قىلىدۇ.—ياقۇپ 5:7، 8.
14. كىشىلەر خۇش خەۋەرگە قۇلاق سېلىشتىن بۇرۇن، بىر مەزگىل كۈتۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى قايسى مىسال كۆرسىتىدۇ؟
14 بەزى رايونلاردا، بىر كىشىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىنى بىر قانچە يىللار كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. 1959-يىلى، كانادانىڭ كۋېبېك ئۆلكىسىدىكى كىچىك بىر شەھەر-بازىرىغا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشقا تەيىنلەنگەن گلادېس ۋە رۇبې ئالېن ئىسىملىك قېرىنداشلارنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. مەھەللىدىكىلەرنىڭ بېسىمى ۋە كاتولىك چىركاۋسىنىڭ تەسىرىدە، ئادەملەر پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىگە قۇلاق سېلىشنى خالىمىغانىدى. گلادېس ئەسلەپ شۇنداق دەيدۇ: «بىز ھەر كۈنى 8 سائەت ئىشىك قېقىپ، ئىككى يىلچە خۇش خەۋەر ئېيتقان بولساقمۇ، ھېچ بىر كىشى ئىشىكىنى ئاشمىغان. كىشىلەر ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ بىزنى كۆرگەندە، ئىشىكىنى ئاچماي ئارقىسىغا قايتىپ كېتەتتى. بىراق، بىز ۋاز كەچمىدۇق!». ۋاقىت ئۆتۈپ، ئادەملەرنىڭ كۆزقارىشى ئۆزگىرىپ، شۇ كىچىك شەھەردىكى ئادەملەر خۇش خەۋەرگە قۇلاق سېلىشقا باشلىغان. ھازىر شۇ يەردە ئۈچ جامائەت بار.—يەشايا 60:22.
15. 1-كورىنتلىقلار 3:6، 7-ئايەتلەردىن، شاگىرت تەييارلاش ئىشى ھەققىدە نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
15 شاگىرت تەييارلاش ئىشى جامائەتنىڭ ئىشىدۇر. بىر كىشىنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جامائەتتىكى ھەر بىر كىشى ئۆز ھەسسىسىنى قوشالايدۇ (1-كورىنتلىقلار 3:6، 7-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، بىر ۋەز ئېيتقۇچى قىزىقىش كۆرسەتكەن كىشىگە بىر ۋاراقچە ياكى ژۇرنالنى قالدۇرغان. كېيىن، ئۆزىنىڭ ۋاقتى چىقماي، ئۇ باشقا قېرىنداشلاردىن قىزىققۇچىنى قايتا يوقلاشقا بېرىپ-كېلىشنى سورىغان. شۇ بارغان قېرىنداش قىزىققۇچى بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى باشلىغان. كېيىن، ئۇ جامائەتتىكى خېلى كۆپ قېرىنداشلارنى ئۆگىنىشىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. ئۆگىنىشكە قاتناشقان ھەر بىرى تۈرلۈك يوللار بىلەن شۇ ئۆگەنگۈچىگە ئىلھام بەرگەن. ئاشۇ ئۆگىنىشكە قاتناشقان ھەر بىر قېرىنداش ھەقىقەت ئۇرۇقىنىڭ سۇغۇرلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. شۇ ئۇسۇلدا، بىر كىشى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندە، ئۇرۇق چاچقۇچى ۋە ھوسۇل يىققۇچىلار ئۆزلىرى سىڭدۈرگەن ئەجىر-مېھنەت ئۈچۈن خۇشال بولۇشىدۇ.—يۇھاننا 4:35—38.
16. ئەگەر تەن-سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولماي ياكى كۈچ ماغدۇرسىز بولسىڭىزمۇ، نېمە ئۈچۈن ۋەز خىزمەتتە خۇشاللىق تاپالايسىز؟
16 ئەگەر سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولماي ياكى دائىم كۈچ ماغدۇرسىز بولغاچ، ۋەز قىلىش ۋە تەلىم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدەك قىلالمىسىڭىزچۇ؟ روھىي مول ھوسۇل يىغىش ئىشىدا، سىز يەنىلا ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشالايسىز. پادىشاھ داۋۇتنىڭ مىسالىنى ئويلاپ كۆرەيلى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئامالەكلەرنىڭ قولىدىن ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇپ، بۇلاپ كېتىلگەن مال-مۈلۈكلەرنى قايتۇرۇپ كەلگەن. 200 كىشى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچ، جەڭگە بارماي كۆپچىلىكنىڭ قالغان نەرسە-كېرەكلىرىنى ساقلاپ تۇرغان. جەڭدە غەلبە قىلىپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، داۋۇت جەڭ ئولجىسىنى ھەممىسى بىلەن تەڭ بۆلۈشۈشنى بۇيرىغان (1-سام. 30:21–25). بۇ مىسال بىزگە دۇنيا يۈزلۈك شاگىرت تەييارلاش ئىشى ھەققىدە بەزى نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ. بىز ۋەز ئېيتىش ۋە تەلىم بېرىش خىزمىتىدە قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۆز ھەسسىمىزنى قوشساق، ھەر قېتىم يېڭى بىر كىشى يەھۋانى تونۇپ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندە، ھەممىمىز ئاشۇ خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز.
17. نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك؟
17 بىزنىڭ يەھۋاغا قىلغان خىزمىتىمىزدىن، ئۇ بەك سۆيىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا مىننەتدارمىز. يەھۋا شۇنى بىلىدۇكى، بىز باشقىلارنى يەتكۈزۈۋاتقان خەۋىرىمىزگە قۇلاق سېلىشقا ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا مەجبۇرلىيالمايمىز. بىراق، ئۇنىڭ خىزمىتىمىزنى قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقىنىمىزنى ۋە ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى، ئۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ ھەم بىزنى مۇكاپاتلايدۇ. ئۇ يەنە بىزگە، قانداق قىلىپ كەڭ كۆلەملىك شاگىرت تەييارلاش ئىشىدا خۇشاللىق تاپالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىتىدۇ (يۇھاننا 14:12). ئەگەر بەل قويۇۋەتمىسەك، خۇدانىڭ بىزدىن خۇرسەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز.
47-ناخشا خۇش خەۋەرنى جاكـارلا!
a ئادەملەر خۇش خەۋەرگە قىزىقىش كۆرسىتىپ، مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى باشلىسا، بىز خۇشال بولىمىز. ئەمما، شۇنداق قىلمىسا، ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىمىز. ئەگەر سىز بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىۋاتقان كىشى روھىي جەھەتتىن ئالغا ئىلگىرىلىمىسىچۇ ياكى ئەگەر سىز شەخسەن تېخىغىچە بىر كىشىنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بەرمىگەن بولسىڭىزچۇ؟ بۇ يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك كۈچ چىقارمىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرەمدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ۋەز خىزمىتىمىزدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمىز ۋە باشقىلار خۇش خەۋەرگە قۇلاق سالسۇن-سالمىسۇن، خۇشاللىقىمىزنى قانداق ساقلىيالايمىز دېگەنلەرنى، بۇ ماقالىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.