40-تەتقىق ماقالىسى
ھەقىقىي توۋا قىلىش دېگەن نېمە؟
«گۇناھكارلارنى توۋا قىلىشقا چاقىرغىلى كەلدىم».—لۇقا 5:32.
52-ناخشا قەلبىڭنى چىڭ قوغدا!
بۇ ماقالىدە a
1، 2. ئىككى پادىشاھنىڭ قانداق ئوخشىمايدىغان پەرقى بولغان ۋە قايسى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟
ھازىر قەدىمدە ياشىغان ئىككى پادىشاھلارنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ باقايلى. بىرى ئون قەبىلىلىك ئىسرائىل پادىشاھلىقىدا، يەنە بىرى ئىككى قەبىلىلىك يەھۇدا پادىشاھلىقىدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. گەرچە ئۇلار بىر دەۋىردە ياشىمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئوخشاشلىقى بولغان. بۇ ئىككى پادىشاھ يەھۋاغا قارشى ئىسىيان كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ خەلقىنى توغرا يولدىن چىقارغان. يالغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن. بىراق، ئىككىسى ئارىسىدا ئوخشىمايدىغان بىر پەرق بولغان. بىرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە يامان يولدىن قايتمىغان. ئەمما، يەنە بىرى بولسا، بارچە قىلغان يامانلىقلىرى ئۈچۈن توۋا قىلىپ كەچۈرۈمگە ئېرىشكەن. ئۇلار كىملەر؟
2 ئۇلار ئىسرائىل پادىشاھى ئاھاب ۋە يەھۇدا پادىشاھى ماناسسە. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق توۋا قىلىش ھەققىدە بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ (ئەلچى. 17:30؛ رىملىقلار 3:23). ئۇنداقتا، توۋا قىلىش دېگەن نېمە ۋە ئۇنى قانداق كۆرسىتىش كېرەك؟ بۇنى بىلىش بەك مۇھىم. چۈنكى، بىز گۇناھ ئۆتكۈزگەندە، يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىشنى خالايمىز. مۇشۇ ئىككى پادىشاھنىڭ قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ مىسالىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى ۋە ئەيسانىڭ توۋا قىلىش ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
پادىشاھ ئاھابنىڭ ھاياتى
3. ئاھاب قانداق پادىشاھ بولغان؟
3 ئاھاب ئون قەبىلىلىك ئىسرائىل پادىشاھلىقىنىڭ يەتتىنچى پادىشاھى بولغان. ئۇ شىمالدىكى باي بىر پادىشاھلىق، يەنى سىدون پادىشاھلىقىنىڭ مەلىكىسىگە ئۆيلەنگەن ئىدى. بەلكىم، ئۇنىڭ بۇ نىكاھى ئىسرائىل پادىشاھلىقىنى نۇرغۇن بايلىققا ئېرىشتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. بىراق، يەنە ئىسرائىل خەلقىنىڭ يەھۋاغا قارشى تېخىمۇ كۆپ گۇناھلارنى قىلىشىغا سەۋەب بولغان. ئىزابېل بائالغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇ ئاھابنىمۇ بائالغا ئىبادەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشقا كۆندۈرگەن. بائالغا ئىبادەت قىلغۇچىلار ئىبادەتخانىدا پاھىشىۋازلىق قىلغان ۋە ھەتتا بالىلارنىمۇ قۇربانلىققا كەلتۈرگەن. ئىزابېل خانىش بولغاندا، يەھۋانىڭ ھېچبىر پەيغەمبىرى بىخەتەر ياشىيالمىغان. ئۇ نۇرغۇنلىرىنى ئۆلتۈرگۈزگەن (1-پادىشاھ. 18:13). «يەھۋانىڭ نەزىردە ئومرىنىڭ ئوغلى ئاھابنىڭ قىلغان يامانلىقلىرى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ھەممە پادىشاھلاردىنمۇ ئېشىپ كەتتى» (1-پادىشاھ. 16:30). يەھۋا ئاھاب ۋە ئىزابېلنىڭ يىرگىنىچلىك ئىشلىرىغا كۆز يۇممىغان. ئۇ ئۇلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بەش قولدەك بىلىپ تۇرغان. شۇنداقتىمۇ، مېھىر-شەپقەتلىك يەھۋا ئۆز پەيغەمبىرى ئىلياسنى ئەۋەتىپ، غەزىپى تېخى كەلمەستە ئۆز خەلقىنى شۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرۇشقا ئەۋەتكەن. ئەمما، ئاھاب ۋە ئىزابېل ئاگاھلاندۇرۇشقا پەرۋا قىلمىغان.
4. يەھۋا ئاھابقا قانداق جازا ھۆكۈمىنى ئېلان قىلغان ۋە ئۇ قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
4 ئاخىرى يەھۋانىڭ سەۋر-تاقىتى تۈگىگەن. ئۇ ئىلياس پەيغەمبەرنى ئاھاب ۋە ئىزابېلغا جازا ھۆكۈمىنى، يەنى ئۇلارنىڭ ئائىلە-جەمەتىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشقا ئەۋەتكەن. ئىلياسنىڭ سۆزلىرى ئاھابقا بەك قاتتىق تەسىر قىلغان. ھەيران قالارلىق يېرى، شۇ ھاكاۋۇر ئادەم ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، كەمتەر بولغان.—1-پادىشاھ. 21:19–29.
پادىشاھ ئاھابنىڭ خۇدانىڭ پەيغەمبىرىنى زىندانغا تاشلاتقىنى، ئۇنىڭ ھەقىقىي توۋا قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. (5، 6-ئابزاسلارغا قاراڭ) b
5، 6. ئاھابنىڭ ھەقىقىي توۋا قىلمىغانلىقىنى نېمە كۆرسەتكەن؟
5 ئاھاب گەرچە شۇ ۋاقىتتا ئۆزىنى كەمتەر تۇتقان بولسىمۇ، كېيىنرەك ئىش-ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ ھەقىقىي توۋا قىلمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن، ئۇ يەنە ئۆز پادىشاھلىقىدا بائالغا ئىبادەت قىلىشنى يوق قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشمىغان. باشقا ئىشلىرىمۇ ئاھابنىڭ ھەقىقىي توۋا قىلمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
6 كېيىنرەك، ئاھاب يەھۇدانىڭ ياخشى پادىشاھى يەھوشافاتنى بىرلىشىپ، سۈرىيەلىكلەرگە قارشى جەڭ قىلىشقا چاقىرغاندا، يەھوشافات ئاۋۋال يەھۋانىڭ بىر پەيغەمبىرىدىن مەسلىھەت سوراپ كۆرۈشنى تەكلىپ قىلغان. دەسلەپتە ئاھاب تەكلىپنى رەت قىلىپ: «يەنە بىر كىشى بار، يەھۋانىڭ كۆزقارىشىنى ئۇنىڭدىن سوراپ كۆرسەك بولىدۇ؛ . . . بىراق مەن ئۇنىڭغا ئۆچ، چۈنكى ئۇ مەن توغرۇلۇق پەيغەمبەرلىك سۆزىنى يەتكۈزگەندە، ھېچقاچان ياخشى گەپ قىلمايدۇ، پەقەت يامان گەپ قىلىدۇ»،— دېگەن. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار ئاخىرىدا مىكايا پەيغەمبەردىن مەسلىھەت سورىغان. دەل ئاھاب ئېيتقاندەك، ئۇ پەيغەمبەر ئاھاب ھەققىدە يامان خەۋەرنى يەتكۈزگەن. رەزىل پادىشاھ ئاھاب توۋا قىلىپ، يەھۋادىن كەچۈرۈم سوراشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى زىندانغا تاشلاتقان (1-پادىشاھ. 22:7–9، 23، 27). گەرچە پادىشاھ، يەھۋانىڭ پەيغەمبىرىنى زىندانغا تاشلاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك سۆزلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ھېچقانداق توسالغۇلۇق قىلالمىغان. ئاھاب كېيىن جەڭدە ئۆلتۈرۈلگەن.—1-پادىشاھ. 22:34–38.
7. ئاھاب ئۆلگەندىن كېيىن، يەھۋا ئۇ ھەققىدە نېمە دېگەن؟
7 ئاھاب ئۆلگەندىن كېيىن، يەھۋا ئۇنىڭغا بولغان كۆزقارىشىنى ئىپادىلىگەن. يەھوشافات ئامان-ئېسەن جەڭدىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاھاب بىلەن بىرلەشكەنلىكىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن، يەھۋا ئۆز پەيغەمبىرى يەھۇنى ئەۋەتكەن. پەيغەمبەر شۇنداق دېگەن: «رەزىل كىشىگە ياردەم قىلىشىڭىز كېرەكمۇ؟ يەھۋانى ئۆچ كۆرگەنلەرنى ياخشى كۆرىشىڭىز كېرەكمۇ؟» (2-تارىخ. 19:1، 2). ئويلاپ كۆرەيلى: ئەگەر ئاھاب ھەقىقىي توۋا قىلغان بولسا، پەيغەمبەر ھەرگىزمۇ ئۇنى يەھۋانى ئۆچ كۆرىدىغان رەزىل كىشى دەپ تەسۋىرلىمەيتتى. ئېنىقكى، ئاھاب گەرچە مەلۇم دەرىجىدە پۇشايمان قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ھەرگىز چىن قەلبىدىن توۋا قىلمىغان.
8. ئاھابنىڭ مىسالىدىن توۋا قىلىش ھەققىدە نېمە ئۆگىنەلەيمىز؟
8 ئاھابنىڭ مىسالىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟ دەسلەپتە، ئۇ ئىلياستىن ئۆز ئائىلىسى ئۈستىدىن جازا ھۆكۈمى چىقىرىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ كەمتەر بولغان. بۇ ياخشى بىر باشلىنىش بولغان ئىدى. بىراق، كېيىنرەك ئىش-ھەرىكەتلىرىدە چىن يۈرىكىدىن توۋا قىلمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. دېمەك، توۋا قىلىش ئېغىزىدا پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇشلا ئەمەس، كۆپرەك ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر ھەقىقىي توۋا قىلىشنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان ماناسسەنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.
پادىشاھ ماناسسەنىڭ ھاياتى
9. ماناسسە ئۇ قانداق پادىشاھ بولغان؟
9 تەخمىنەن 200-يىلدىن كېيىن، يەھۇدا پادىشاھلىقىدا ماناسسە پادىشاھ بولغان. بەلكىم، ئۇ رەزىللىك قىلىشتا ئاھابتىنمۇ ئېشىپ چۈشكەن. ئۇ ھەققىدە مۇنۇ سۆزلەرنى ئوقۇيالايمىز: «يەھۋانىڭ نەزەرىدە يامان بولغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى» (2-تارىخ. 33:1–9). ماناسسە ساختا ئىلاھلار ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى ياساتقان. ئۇ ھەتتا كۆپىيىش ئىلاھىغا سىمۋول قىلىنغان بۇتلارنى ئويدۇرۇپ، يەھۋانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىغا قويغان. ئۇ سېھىرگەرلىك، پالچىلىق ۋە جادۇگەرلىك قىلغان. يەنە «نۇرغۇن بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ قېنىنى تۆككەن». ئەڭ يىرگىنچلىك بولغىنى، ئۇ ساختا ئىلاھلارغا ئاتاپ، ئۆز ئوغۇللىرىنى قۇربانلىق قىلىپ ئوتتا كۆيدۈرگەن.—2-پادىشاھ. 21:6، 7، 10، 11، 16.
10. يەھۋا پادىشاھ ماناسسەنى قانداق جازالىغان ۋە ئۇ قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
10 ماناسسە خۇددى ئاھابتەك، يەھۋانىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشنى جاھىللىق بىلەن رەت قىلغان. مۇقەددەس كىتاب، ئۇ ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ: «يەھۋا ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سەركەردىلىرىنى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ماناسسەنى تۇتۇپ، بوينىغا بويۇنتۇرۇق سېلىپ، مىس كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلونغا ئېلىپ باردى». ماناسسە قارماققا بابىلوندا زىنداندا بولغاندا، ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغان. ئۇ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى ئالدىدا ئۆزىنى كەمتەر تۇتقان. ھەتتا ئۆز خۇداسى يەھۋادىن رەھىم-شەپقەت تىلىگەن. دېمەك، ماناسسە دۇئا قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. شۇ رەزىل ئادەم ئۆزگىرىپ، يەھۋانى ئۆز خۇداسى سۈپىتىدە كۆرۈشكە باشلىغان ۋە داۋاملىق دۇئا قىلىشنى توختاتمىغان.—2-تارىخ. 33:10–13.
پادىشاھ ماناسسە بۇتلارغا چوقۇنۇشقا قارشى ھەرىكەت قىلغانلىقىدىن، ئۇنىڭ ھەقىقىي توۋا قىلغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ (11-ئابزاسقا قاراڭ) c
11. 2-تارىخنامە 33:15، 16-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ماناسسە ھەقىقىي توۋا قىلغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
11 ۋاقتى كەلگەندە، ماناسسەنىڭ دۇئالىرىغا يەھۋا جاۋاب بەرگەن. ئۇ ماناسسەنىڭ دۇئالىرىغا ماس قەلبىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەن. شۇڭا، يەھۋا ماناسسەنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇنى كەچۈرگەن ۋە پادىشاھلىق تەختىگە قايتا ئولتۇرغۇزغان. ماناسسە بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي توۋا قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ ئاھاب ھېچقاچان قىلمىغان ئىشنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشنى ئۆزگەرتكەن. ئۇ قىزغىنلىق بىلەن ساختا ئىبادەتكە قارشى كۈرەش قىلىپ، ھەقىقىي ئىبادەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان (2-تارىخنامە 33:15، 16 -نى ئوقۇڭ). ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ جاسارەت ۋە ئىمان-ئېتىقادنى تەلەپ قىلغان. سەۋەبى، ماناسسە ئۇزۇن يىللار ئۆز ئائىلىسى، قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقىگە يامان ئۈلگە بولغان. بىراق، ھازىر ياشانغاندا، ئۇ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىقى سەۋەبلىك پەيدا بولغان يامانلىقنى يوق قىلىشقا تىرىشقان. ماناسسەنىڭ نەۋرىسى يوشىيا ياخشى پادىشاھ بولغان. ئۇنىڭدىن كۆرۈۋالىمىزكى، ماناسسە ئۆز نەۋرىسىگە ياخشى تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن.—2-پادىشاھ. 22:1، 2.
12. ماناسسەنىڭ ئۈلگىسىدىن توۋا قىلىش ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
12 ماناسسەنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ئۇ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، كەمتەر بولۇپلا قالماي، باشقا ئىشلارنىمۇ قىلغان. ئۇ دۇئا قىلىپ، رەھىم-شەپقەت تىلىگەن. ئۆز ھاياتىدا ئۆزگىرىشلەرنى قىلغان. ئۇ ئىلگىرى ئۆزى قىلغان يامان ئىشلىرى سەۋەبلىك پەيدا بولغان قىيىنچىلىقلارنى يوق قىلىشقا تىرىشقان، يەنە ئۇ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشقا ھەرىكەت قىلغان ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلغان. ماناسسەنىڭ ئۈلگىسى ھەتتا قەبىھ گۇناھكارلارغا ھەم ئۈمىد بېرىدۇ. بىز بۇنىڭدىن يەھۋانىڭ «مېھىرىبان ۋە ئەپۇ قىلىشقا تەييار» خۇدا ئىكەنلىكىنىڭ كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتىنى كۆرۈمىز (زەبۇر 86:5). دېمەك، چىن يۈرەكتىن ھەقىقىي توۋا قىلغانلار كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ.
13. توۋا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان بىر مىسالنى ئېتىپ بېرىڭ.
13 ماناسسە ئۆز گۇناھلىرىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېغىزىدىلا ئېيتىپ قويماي، باشقا ئىشلارنىمۇ قىلغان. بۇ توۋا قىلىش ھەققىدە بىزگە مۇھىم ساۋاقنى ئۆگىتىدۇ. مۇنداق بىر مىسالنى ئويلاپ كۆرەيلى: سىز ناۋايخانىغا بېرىپ، نان سېتىۋالماقچى بولدىڭىز. بىراق، ساتقۇچى ناننىڭ ئورنىغا ئۇن بەردى دەيلى، سىز ئۇنىڭغا رازى بولامسىز؟ ئەلۋەتتە، ياق. ئەگەر ساتقۇچى ناننى ئۇندىن قىلىمىز دەپ چۈشەندۈرسە، ئۇنىڭغا رازى بولامسىز؟ ياق، يەنىلا رازى بولمايسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋا گۇناھكاردىن ھەقىقىي توۋا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. گۇناھكار ئۆز گۇناھى ئۈچۈن پۇشايمان قىلسا، بۇ ياخشى ئىش. شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇش توۋا قىلىشنىڭ بىر قىسىمى. ئۇنداقتا، يەنە نېمە ئىش قىلىش كېرەك؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى، ئەيسا ئېيتقان قەلبكە چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغان تەمسىلدىن تاپالايمىز.
ھەقىقىي توۋا قىلىش دېگەن نېمە؟
ئاداشقان ئوغۇل ئەقىلنى تاپقاندىن كېيىن، ئۇزۇن سەپەر قىلىپ، ئۆيىگە قايتىپ كەلدى (14، 15-ئابزاسلارغا قاراڭ) d
14. ئەيسانىڭ تەمسىلىدە، ئاداشقان ئوغۇل ئۆزىنىڭ توۋا قىلغانلىقىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
14 لۇقا 15:11—32-ئايەتلەردە، ئەيسا مەسىھ كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغان، ئاداشقان ئوغۇل توغرۇلۇق تەمسىلنى ئېيتىپ بەرگەن. بىر ياش يىگىت ئۆز ئاتىسىغا قارشى چىقىپ، ئۆيىنى تاشلاپ، يىراق بىر مەملىكەتكە كەتكەن. شۇ يەردە، ئۇ ئەخلاقسىز، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن. بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشۈپ، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، ئۇ چوڭقۇر ئويلانغان. ئاتىسىنىڭ قېشىدا بولغاندا ئۆزىنىڭ قانچىلىك راھەت تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى ئېسىگە ئالغان. ئەيسا شۇنداق دەيدۇ: «ئۇ يىگىت ئەقلىنى تېپىپ»، ئۆيگە قايتىپ ئاتىسىدىن كەچۈرۈم سوراشنى قارار قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنچە كۆپ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. شۇ ئوغۇل ئۈچۈن بۇ بەك مۇھىم ئىدى. بىراق، بۇ يېتەرلىك بولدىمۇ؟ ياق. ئۇ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك ئىدى.
15. ئەيسانىڭ تەمسىلدىكى ئاداشقان ئوغۇل ئۆزىنىڭ توۋا قىلغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
15 تەمسىلدە، ئاداشقان ئوغۇل ئۆزىنىڭ چىن قەلبىدىن توۋا قىلغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟ ئۇ ئۇزۇن يولنى بېسىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەن. ئاتىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ شۇنداق دېگەن: «ئاتا، مەن ئاسماندىكى خۇداغا ۋە سىزگە قارشى گۇناھ قىلدىم. ئەمدى سىزنىڭ ئوغلىڭىز ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن» (لۇقا 15:21). بۇ ياش يىگىتنىڭ خاتالىقلىرىنى ئىقرار قىلىپ توۋا قىلىشى، يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. يەنە ئۇ ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ ئاتىسىنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق ئاغرىتقانلىقىنىمۇ بىلگەن. ئۇ ئاتىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جاپالىق ئىشلەشكە تەييار بولغان. شۇڭا، ئۇ ھەتتا ئاتىسىغا مەدىكار سۈپىتىدە ئىشلەشكە رازى بولغان (لۇقا 15:19). بۇ تەمسىل تەسىرلىك بىر ھېكايىلا ئەمەس. جامائەتتە ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن بىرىنىڭ ئۆز گۇناھىغا ھەقىقىي توۋا قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بىلىشتە، بۇ تەمسىل ئاقساقاللارغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
16. نېمە ئۈچۈن گۇناھ ئۆتكۈزگەن بىرىنىڭ ھەقىقىي توۋا قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئاقساقاللارنىڭ بىلىشى ئاسانغا چۈشمەسلىكى مۇمكىن؟
16 ئاقساقاللارنىڭ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن بىرىنىڭ ھەقىقىي توۋا قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بىلىشى ئاسان ئەمەس. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئاقساقاللار ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا، كىشىنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھىغا قارىتا كۆزقارىشىنىڭ ئۆزگەرگەن-ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن، ئاقساقاللار ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قارايدۇ. بەزى ۋەزىيەتلەردە، بىر كىشى بەك ئېغىر گۇناھ قىلغاچ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە بارغان ئاقساقاللار ئۇ كىشىنىڭ ھەقىقىي توۋا قىلغانلىقىغا قايىل بولماسلىقى مۇمكىن.
17. (1) قايسى مىسال گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى ھەتتا پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئىپادىلىسىمۇ، ئۇنىڭ ھەقىقىي توۋا قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ؟ (2) 2-كورىنتلىقلار 7:11-ئايەتتە كۆرسىتىلگەندەك، گۇناھكار كىشى ھەقىقىي توۋا قىلغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىشى كېرەك؟
17 بىر مىسال ھەققىدە ئويلاپ كۆرەيلى. بىر بۇرادەر ئۇزۇن يىل جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغان. ئۇ ياردەم سوراشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئايالىدىن، دوستلىرىدىن ۋە ئاقساقاللاردىن يوشۇرۇپ كەلگەن. ئاخىرىدا قىلمىشلىرى پاش بولغان. ئاقساقاللار ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى ھەققىدە ئېيتقاندا، ئۇ ئۆز قىلغان ئىشلىرىنى بوينىغا ئېلىپ، ھەتتا قارىماققا قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. بۇ ئۇنىڭ توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق. ئاقساقاللار بۇ ئىشنى كۆرۈپ چىققاندا، پەقەت ئۇنىڭ پۇشايمان قىلغانلىقىغا ئەمەس، يەنە باشقا ئىشلارغىمۇ قاراپ چىقىشى كېرەك. ئۇ كىشى پەقەت بىرلا قېتىم ئەمەس، ئۇزۇن يىل شۇ گۇناھنى قايتا-قايتا تەكرارلىغان. ئۇ ئۆزى خالاپ گۇناھىنى ئىقرار قىلمىغان، ئەكسىنچە گۇناھى پاش بولغان. شۇڭا، ئاقساقاللار ئۇ گۇناھكار كىشىنىڭ ئوي-پىكىر، ھېس-تۇيغۇ، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ھەقىقىي ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىشى كېرەك (2-كورىنتلىقلا 7:11-نى ئوقۇڭ). گۇناھكار كىشىنىڭ ئۆزگۈرۈشى ئۈچۈن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ئېھتىمال، ئۇ بىر مەزگىل جامائەتتىن چىقىرىلىدۇ.—1-كورىنتلىقلار 5:11–13؛ 6:9، 10.
18. جامائەتتىن چىقىرىلغان كىشى ھەقىقىي توۋا قىلغانلىقىنى قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟ ئۇ ھەقىقىي توۋا قىلسا، نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟
18 جامائەتتىن چىقىرىلغان بىر كىشى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي توۋا قىلغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا داۋاملىق قاتنىشىشى ۋە ئاقساقاللارنىڭ مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىپ، دۇئا قىلىشنى ۋە مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. ئۇ ئىلگىرىكى گۇناھىنى قايتا تەكرارلاشقا يېتەكلەيدىغان ۋەزىيەتلەردىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشقا تىرىشىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ قايتا يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشسا، يەھۋانىڭ ئۇنى تامامەن كەچۈرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايدۇ ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ جامائەتكە قايتىپ كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئاقساقاللار بىر كىشىنىڭ ھەقىقىي توۋا قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغاندا، ھەر بىر ۋەزىيەتنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ھەر بىر ۋەزىيەتكە ئېھتىياتچانلىق بىلەن قاراپ چىقىدۇ. ئۇلار ئالدىراقسانلىق بىلەن ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىدۇ.
19. ھەقىقىي توۋا قىلىش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ (ھەزەكىيال 33:14—16)
19 بىز ئۆگەنگىنىمىزدەك، ئېغىر گۇناھىمىزغا پۇشايمان قىلغانلىقىمىزنى پەقەت سۆزىمىزدىلا ئەمەس، ئەمەلىي ئىش-ھەرىكىتىمىزدە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. توۋا قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، چوقۇم ئوي-پىكىر، ھېس-تۇيغۇ ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزدە ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بۇ يەنە كىشىنىڭ يامان يوللىرىدىن قايتىپ، يەھۋانىڭ ھەقىقەت يولىغا قايتىپ كېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (ھەزەكىيال 33:14—16-نى ئوقۇڭ). گۇناھكار كىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئىش، يەھۋا بىلەن بۇزۇلغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش.
گۇناھكارنىڭ توۋا قىلىشىغا ياردەم بېرىڭ
20، 21. بىز گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
20 ئەيسا مەسىھ ۋەز خىزمىتىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپىنى چۈشەندۈرۈپ شۇنداق دېگەن: «گۇناھكارلارنى توۋا قىلىشقا چاقىرغىلى كەلدىم» (لۇقا 5:32). بىزمۇ دەل شۇنداق قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، بىز دوستلىرىمىزنىڭ بىر ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆردۇق دەيلى. بىز چوقۇم نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟
21 ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى ئاقساقاللارغا ئېيتماي يوشۇرساق، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىمىز. بىز ئۇنى يوشۇرالمايمىز، چۈنكى يەھۋا ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ (پەند نە. 5:21، 22؛ 28:13). ئاقساقاللارنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشىنى خالايدىغانلىقىنى دوستىڭىزنىڭ ئېسىگە سېلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا ياردەم بېرەلەيسىز. ئەگەر دوستىڭىز ئۆز گۇناھىنى ئاقساقاللارغا ئىقرار قىلىشنى رەت قىلسا، چوقۇم ئۆزىڭىز بېرىپ، ئاقساقاللارغا يېتىشىڭىز كېرەك. شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا ھەقىقىي ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىسىز. بۇ بەك مۇھىم! چۈنكى، ئۇ ئاقساقاللارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، توۋا قىلمىسا، ئۇنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى بۇزۇلىدۇ.
22. كېيىنكى ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
22 ئەگەر بىر كىشى ئېغىر گۇناھ پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن چىقالمايۋاتقان بولسا، ئاقساقاللار ئۇنى جامائەتتىن چىقىرىشنى قارار قىلامدۇ؟ بۇ ئۇلارنىڭ رەھىم-شەپقەتسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەمدۇ؟ كېيىنكى ماقالىدە، يەھۋانىڭ گۇناھكارلارنى رەھىم-شەپقەت بىلەن ئەدەپلەپ، تۈزىتىش يوللىرىنى ۋە ئۇنىڭدىن بىز قانداق ئۈلگە ئالالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
42-ناخشا ئاجىزلارغا ياردەم بەر
a گۇناھىغا ھەقىقىي توۋا قىلىش، پەقەت ئېغىزىدا پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇش ئەمەس، بەلكى باشقا ئىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. بۇ ماقالىدىكى پادىشاھ ئاھاب، پادىشاھ ماناسسەنىڭ مىساللىرى ۋە ئەيسانىڭ ئاداشقان ئوغۇل توغرىسىدىكى تەمسىلى، ھەقىقىي توۋا قىلىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. يەنە بىز ئاقساقاللارنىڭ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن بىرىنىڭ ھەقىقىي توۋا قىلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، چوقۇم نېمىلەرگە قاراپ چىقىشى كېرەكلىكىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b سۈرەتتە: پادىشاھ ئاھاب غەزەپ بىلەن يەھۋانىڭ پەيغەمبىرى مىكايانى زىندانغا تاشلاشنى بۇيرۇق قىلىۋاتىدۇ.
c سۈرەتتە: پادىشاھ ماناسسە ئىبادەتخانىدا ئۆزى تىكلىگەن بۇتلارنى ۋەيران قىلىشنى قول ئاستىدىكىلەرگە بۇيرۇۋاتىدۇ.
d سۈرەتتە: ئۇزۇن سەپەر قىلىپ، ھېرىپ-چارچىغان ئاداشقان ئوغۇل، ئاخىرى ئۆيىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگىنىدە، ئۇنىڭ كۆڭلى ئۆز ئورنىغا چۈشتى.