مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

42-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ھە‌قىقە‌تنى چىڭ تۇ‌تۇ‌ڭلار

ھە‌قىقە‌تنى چىڭ تۇ‌تۇ‌ڭلار

‏«ھە‌ممە نە‌رسىنى تە‌كشۈرۈپ كۆرۈپ،‏ ياخشىسىغا چىڭ يېپىشىڭلار».‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏21‏.‏

54-‏ناخشا ئىماندا چىڭ تۇ‌رايلى!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمە ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر قايمۇ‌قۇ‌پ كە‌تكە‌ن؟‏

 بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنى خرىستىئان دە‌پ ئاتايدىغان نە‌چچە ئون مىڭلىغان دىنىي مە‌زھە‌پلە‌ر بار.‏ ئۇ‌لار ھە‌ممىسى،‏ بىز خۇ‌دا قوبۇ‌ل قىلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ئىبادە‌ت قىلىۋاتىمىز دە‌يدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر قايمۇ‌قۇ‌پ كە‌تكە‌ن!‏ ئۇ‌لار،‏ خۇ‌دا ھە‌ممە دىنلارنى قوبۇ‌ل قىلامدۇ ياكى پە‌قە‌ت بىر توغرا دىن بارمۇ؟‏ دە‌پ سورىشىدۇ.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى سۈپىتىدە،‏ بىز ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىدىغانلىقىمىزغا ۋە يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىمىز ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنىڭ بىردىن-‏بىر يولى ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنىمىزمۇ؟‏ بۇ‌نىڭغا ئۆزۈمىزنى قايىل قىلالايمىزمۇ؟‏ ھازىر قايىل قىلارلىق دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى كۆرۈپ باقايلى.‏

2.‏ 1-‏سالونىكالىقلار 1:‏5-‏ئايىتىگە ئاساسلانغاندا،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھە‌قىقە‌تنى تاپقانلىقىغا تولۇ‌ق ئىشە‌نگە‌ن؟‏

2 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۆزىنىڭ ھە‌قىقە‌تنى تاپقانلىقىغا تولۇ‌ق ئىشە‌نگە‌ن ‏(‏1-‏سالونىكىلىقلار 1:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئىشە‌نچىسى پە‌قە‌ت ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا ئاساسلانمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ پاۋلۇ‌س ئە‌ستايىدىللىق بىلە‌ن خۇ‌دانىڭ سۆزىنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نگە‌ن.‏ ئۇ پۈتكۈل يازمىلارنىڭ خۇ‌دا تە‌رىپىدىن روھلاندۇ‌رۇ‌لغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏16‏)‏.‏ ئۇ نېمىنى ئۆگە‌نگە‌ن؟‏ پاۋلۇ‌س ئە‌يسانىڭ ۋە‌دە قىلىنغان مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىنى رە‌ت قىلغىلى بولمايدىغان دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى تاپقان.‏ يە‌ھۇ‌دىي دىننىي يېتە‌كچىلە‌ر بولسا،‏ ئاشۇ دە‌لىل-‏ئىسپاتلارغا پە‌رۋا قىلمىغان.‏ شۇ ساختا دىننىي يېتە‌كچىلە‌ر ئۆزلىرىنىڭ خۇ‌دا توغرىسىدا ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئۇ‌لار خۇ‌دا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلغان (‏تىتۇ‌س 1:‏16‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارغا ئوخشىمىغان.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ قايسى قىسىمىغا ئىشىنىشى ياكى قايسى قىسىمىغا ئىشە‌نمە‌سلىكنى قارار قىلمىغان.‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە پۈتۈنلە‌ي ماس ياشاپ،‏ تە‌لىم بېرىشكە تە‌ييار بولغان.‏—‏ئە‌لچى.‏ 20:‏27‏.‏

3.‏ ھە‌قىقە‌تنى تاپقانلىقىمىزغا ئىشە‌نچ قىلىشىمىز ئۈچۈن بارلىق سوئاللارغا جاۋاب تېپىشىمىز كېرە‌كمۇ؟‏ (‏«‏ يە‌ھۋانىڭ سان-‏ساناقسىز ئىشلىرى ۋە ئوي-‏پىكىرلىرى‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏

3 بە‌زىلە‌ر شۇ‌نداق دە‌پ قارايدۇ‌كى،‏ ھە‌قىقىي دىن چوقۇ‌م ھە‌رقانداق سوئاللارغا،‏ بولۇ‌پمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا جاۋاب بە‌رمىگە‌ن سوئاللارغىمۇ جاۋاب بېرە‌لىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق دە‌پ قاراش ئە‌قىلگە ئۇ‌يغۇ‌نمۇ؟‏ پاۋلۇ‌سنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ قېرىنداشلارنى ھە‌ممە نە‌رسىنى تە‌كشۈرۈپ كۆرۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان،‏ بىراق ئۆزى نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى چۈشە‌نمە‌يدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏21‏)‏.‏ ئۇ،‏ بىلىمىمىز چە‌كلىك ۋە بىز مېتال ئە‌ينە‌ك ئارقىلىق سۇ‌س كۆرىمىز،‏ دېگە‌ن سۆزلە‌رنىمۇ يازغان (‏1-‏كورىنت.‏ 13:‏9،‏ 12‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ پاۋلۇ‌س ھە‌ممىلا نە‌رسىنى چۈشە‌نمىگە‌ن،‏ بىزمۇ چۈشە‌نمە‌يمىز.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق ئاساسىي ھە‌قىقە‌تلە‌رنى چۈشىنىپ يېتە‌لىگە‌ن.‏ ئۇ ئۆزىنى قايىل قىلىدىغان يېتە‌رلىك دە‌لىل-‏ئىسپاتلارغا ئىگە بولغاچ،‏ ھە‌قىقە‌تنى تاپقانلىقىغا قە‌تئىي ئىشە‌نگە‌ن.‏

4.‏ ئۆزۈمىزنىڭ ھە‌قىقە‌تنى تاپقانلىقىغا ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز ۋە ھە‌قىقىي ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

4 ئۆزۈمىزنىڭ ھە‌قىقە‌تنى تاپقانلىقىغا ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشنىڭ بىر يولى —‏ ئە‌يسانىڭ قالدۇ‌رغان توغرا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈلگىسى بىلە‌ن بۈگۈنكى كۈندىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ قىلغان ئىبادىتىنى سېلىشتۇ‌رۇ‌ش.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز ھە‌قىقىي ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى (‏1)‏ بۇ‌تپە‌رە‌سلىكنى رە‌ت قىلىدىغانلىقى،‏ (‏2)‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقى،‏ (‏3)‏ ھە‌قىقە‌تنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە (‏4)‏ بىر-‏بىرىگە ھە‌قىقىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدىغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

بۇ‌تپە‌رە‌سلىكنى رە‌ت قىلىمىز

5.‏ ئە‌يسا قانداق ئىبادە‌ت قىلغان؟‏ ئۇ‌نىڭدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆگە‌تكە‌نلىرىنى ھاياتىمىزدا قانداق قوللىنالايمىز؟‏

5 ئە‌يسا ئاسماندا ۋە يە‌ردە بولغاندا،‏ پۈتۈن قە‌لبى بىلە‌ن يە‌ھۋانى سۆيگە‌چكە،‏ پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭغىلا ئىبادە‌ت قىلغان (‏لۇ‌قا 4:‏8‏)‏.‏ ئۇ ئۆز شاگىرتلىرىغىمۇ شۇ‌نداق قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ مە‌يلى ئە‌يسا ياكى ئۇ‌نىڭ سادىق ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولسۇ‌ن،‏ ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن بۇ‌تلارنى ئىشلە‌تمىگە‌ن.‏ خۇ‌دا روھتۇ‌ر.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھېچكىم ئۇ‌نى تە‌سۋىرلە‌يدىغان نە‌رسىنى ياسىيالمايدۇ (‏يە‌شايا 46:‏5‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئە‌ۋلىيا-‏ئە‌نبىيالارنىڭ سۈرە‌تلىرىنى ياساپ،‏ ئۇ‌لارغا دۇ‌ئا قىلىشقا بولامدۇ؟‏ خۇ‌دا چۈشە‌رگە‌ن ئون پە‌رماننىڭ ئىككىنچىسىدە شۇ‌نداق دېيىلگە‌ن ئىدى:‏ «ئۆزۈڭ ئۈچۈن يۇ‌قىرىدا ئاسماندا،‏ تۆۋە‌ندە يە‌ردە ۋە يە‌ر ئاستىدىكى ياكى سۇ‌دىكى ھېچقانداق بىر نە‌رسىنىڭ شە‌كلىدە ئويما بۇ‌ت ياكى سۈرە‌تلە‌رنى ياسىما.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئالدىدا سە‌جدە قىلما» (‏چىق.‏ 20:‏4،‏ 5‏)‏.‏ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالايدىغانلار مۇ‌شۇ سۆزلە‌ردىن چوقۇ‌م بۇ‌تپە‌رە‌سلىكتىن يىراق تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى ئېنىق كۆرە‌لە‌يدۇ.‏

6.‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئىبادە‌ت قىلىدۇ؟‏

6 تارىخشۇ‌ناسلار ئە‌يسانىڭ ئە‌لچىلىرى ھايات ۋاقتىدا،‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىنىڭ پە‌قە‌ت بىرلا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغانلىقىنى دە‌لىللىگە‌ن.‏ بىر كىتابتا،‏ ئە‌يسانىڭ دە‌سلە‌پكى ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىبادە‌تتە بۇ‌تلارنى ئىشلىتىشنى ئۆچ كۆرگە‌ن،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى قالدۇ‌رغان ئۈلگىگە ئە‌گىشىدۇ.‏ بىز ئە‌ۋلىيا-‏ئە‌نبىيالار ياكى پە‌رىشتىلە‌رنىڭ شە‌كلىدە ياسالغان بۇ‌تلارغا دۇ‌ئا قىلمايمىز،‏ ھە‌تتا ئە‌يساغىمۇ دۇ‌ئا قىلمايمىز.‏ دۆلە‌ت بايراقلىرىغىمۇ چوقۇ‌نمايمىز.‏ مە‌يلى باشقىلار بىزنى نېمە قىلىشقا قىستىسا-‏قىستىسۇ‌ن،‏ ئە‌يسانىڭ:‏ «خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋاغا سە‌جدە قىلغىن ۋە پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلغىن!‏»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرىگە قە‌تئىي بويسۇ‌نىمىز.‏—‏مە‌تتا 4:‏10‏.‏

7.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى قايسى جە‌ھە‌تلە‌ردە باشقا دىندىكىلە‌ردىن پە‌رقلىنىدۇ ؟‏

7 بۈگۈنكى كۈندە،‏ ئادە‌ملە‌ر چېركاۋلاردىكى روھانىيلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ.‏ كىشىلە‌ر ئۇ‌لارغا شۇ‌نچىلىك ھە‌ۋە‌س قىلىدۇ‌كى،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارغا چوقۇ‌نۇ‌شقا ھە‌م تە‌ييار.‏ ئۇ‌لار چېركاۋلارغا بېرىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ كىتابلىرىنى سېتىۋالىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ تە‌شكىلاتلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن ئىئانىلە‌رنى بېرىشىدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر ھە‌تتا شۇ دىنىي ئۇ‌ستازلارنىڭ ئېيتقان ھە‌ر بىر سۆزگە ئىشىنىدۇ.‏ كىشىلە‌ر ئۇ‌لارنى كۆرگە‌ندە،‏ خۇ‌ددى مە‌سىھ ئە‌يسانى كۆرگە‌ندە‌ك خۇ‌شال بولۇ‌شۇ‌پ كېتىدۇ.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار ئىنسانلارغا چوقۇ‌نمايدۇ.‏ گە‌رچە بىز يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان كىشىلە‌رنى ھۆرمە‌تلىسە‌كمۇ،‏ ئە‌مما ئە‌يسانىڭ:‏ «ھە‌ممىڭلار بىر-‏بىرىڭلارغا قېرىنداش»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرىنى ئېنىق بىلىمىز (‏مە‌تتا 23:‏8—‏10‏)‏.‏ مە‌يلى دىنىي ئۇ‌ستازلار ياكى سىياسىي ھۆكۈمرانلار بولسۇ‌ن،‏ بىز ئۇ‌لارغا چوقۇ‌نمايمىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ دىنىي ياكى سىياسىي مە‌قسە‌تلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىمە‌يمىز.‏ ئە‌كسىنچە،‏ بىز بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلايمىز ۋە بۇ دۇ‌نياغا مە‌نسۇ‌پ ئە‌مە‌س.‏ بىز مۇ‌شۇ جە‌ھە‌تلە‌ردە،‏ ئۆزلىرىنى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى دە‌پ ئاتىۋالغان نۇ‌رغۇ‌ن دىنىي مە‌زھە‌پتىكىلە‌ردىن پە‌رقلىنىمىز.‏—‏يۇ‌ھاننا 18:‏36‏.‏

بىز يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى ھۆرمە‌تلە‌يمىز

ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى باشقىلارغا يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىشتىن پە‌خىرلىنىدۇ (‏8—‏10-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ c

8.‏ خۇ‌دانىڭ ئۆز ئىسىمىنى ئۇ‌لۇ‌غلاشنى ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ شۇ ئىسىمنى بىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

8 بىر قېتىم ئە‌يسا مە‌سىھ:‏ «ئاتا ئىسىمىڭنى ئۇ‌لۇ‌غلىغىن»،‏—‏ دە‌پ دۇ‌ئا قىلغان.‏ يە‌ھۋا شۇ دۇ‌ئاغا ئاسماندىن گۈلدۈرلىگە‌ن ئاۋاز بىلە‌ن جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۆز ئىسىمىنى ئۇ‌لۇ‌غلايدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان (‏يۇ‌ھاننا 12:‏28‏)‏.‏ ئە‌يسا ۋە‌ز خىزمىتىدە ئاتىسىنىڭ ئىسىمىنى دائىم ئۇ‌لۇ‌غلىغانىدى (‏يۇ‌ھاننا 17:‏26‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ئىشلىتىشتىن ۋە شۇ ئىسىمنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشتىن پە‌خىرلىنىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئۇ‌لار ئۈچۈن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ!‏

9.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئېتىقادچىلار خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

9 بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى جامائىتى قۇ‌رۇ‌لۇ‌پ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ خۇ‌دا ئۆز ئىسىمى بىلە‌ن ئاتىلىدىغان خە‌لقنى يىغىش ئۈچۈن باشقا خە‌لقلە‌رگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 15:‏14‏)‏.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ئىشلە‌تكە‌نلىكى ۋە ئۇ‌نى باشقىلارغا بىلدۈرگە‌نلىكى ئۈچۈن پە‌خىرلە‌نگە‌نىدى.‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌لچىلىرى ۋە شاگىرتلىرى ۋە‌ز خىزمە‌تتە ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى يازغاندا،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ئىشلە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلىپ ئۇ‌لار ئىنسانلارغا خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى بىلدۈرىدىغان بىردىن-‏بىر خە‌لق ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسە‌تكە‌ن.‏—‏ئە‌لچى.‏ 2:‏14،‏ 21‏.‏

10.‏ بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى خۇ‌دانىڭ خاس ئىسىمىنى ئۇ‌لۇ‌غلاۋاتقان بىردىن-‏بىر خە‌لق ئىكە‌نلىكىنىڭ قانداق ئىسپاتلىرى بار؟‏

10 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بۈگۈنكى كۈندە خۇ‌دانىڭ خاس ئىسىمىنى ئۇ‌لۇ‌غلاۋاتقان بىردىن-‏بىر خە‌لق ئىكە‌نلىكىنىڭ ئىسپاتلىرى بار.‏ نۇ‌رغۇ‌ن دىنىي ئۇ‌ستازلار ئۆز ھوقۇ‌قىدىن پايدىلىنىپ،‏ خۇ‌دانىڭ خاس ئىسىمىنى يۇ‌شۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قولىدىن كە‌لگە‌ن ھە‌ممە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تە‌رجىمىلىرىدىن شۇ ئىسىمنى چىقىرىپ تاشلىغان ۋە بە‌زى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئۆز چىركاۋلىرىدا بۇ ئىسىمنى قوللىنىشنى چە‌كلىگە‌ن b‏.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ھۆرمە‌تلە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈۋاتقان كىشىلە‌ر ئىكە‌نلىكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.‏ بىز خۇ‌دانىڭ خاس ئىسىمىنى كىشىلە‌رگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھە‌رقانداق باشقا دىنلارغا قارىغاندا كۆپ تىرىشىۋاتىمىز.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى دېگە‌ن نامىمىزغا ماس ياشاش ئۈچۈن قولىمىزدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىۋاتىمىز (‏يە‌شايا 43:‏10—‏12‏)‏.‏ بىز باشقا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌رجىمانلىرى چىقىرىپ تاشلىغان خۇ‌دانىڭ يە‌ھۋا دېگە‌ن ئىسىمىنى ئۆز ئورنىغا قويۇ‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسىنى نە‌شىردىن چىقىرىپ،‏ 240 مىليون پارچىدىن كۆپرە‌ك تارقاتتۇ‌ق.‏ يە‌نە بىز خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ئىشلىتىپ،‏ مىڭدىن ئارتۇ‌ق تىللاردا مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا ئاساسلانغان نە‌شىر ماتېرىياللىرىمىزنى نە‌شىردىن چىقىرىۋاتىمىز.‏

بىز ھە‌قىقە‌تنى سۆيىمىز

11.‏ ئە‌يسانىڭ دە‌سلە‌پكى ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ھە‌قىقە‌تكە بولغان سۆيگۈسىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

11 ئە‌يسا مە‌سىھ بولسا خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسى ھە‌ققىدىكى ھە‌قىقە‌تنى سۆيگە‌ن.‏ ئۇ ھايات كە‌چۈرۈش تە‌رزى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھە‌قىقە‌تكە ئىشە‌نگە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن ۋە باشقىلارغىمۇ شۇ ھە‌قىقە‌ت توغرىسىدا ئۆگە‌تكە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 18:‏37‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرىمۇ چىن قە‌لبىدىن ھە‌قىقە‌تنى سۆيگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 4:‏23،‏ 24‏)‏.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌سمۇ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ماڭغان يولنى،‏ ھە‌قىقە‌ت يولى دە‌پ ئاتىغان (‏2-‏پېتر.‏ 2:‏2‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ دە‌سلە‌پكى ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ھە‌قىقە‌تنى چىن قە‌لبىدىن سۆيگە‌چ،‏ ھە‌قىقە‌تكە قارشى دىنىي ئوي-‏پىكىرلە‌رنى،‏ ئە‌نئە‌نىۋى ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌رنى ۋە شە‌خسىي كۆزقاراشلارنى رە‌ت قىلغان (‏كولوسى.‏ 2:‏8‏)‏.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ بۈگۈنكى كۈندە ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ تە‌لىملىرى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى ھە‌قىقە‌تكە ئاساسلانغان ۋە ئۇ‌لار شۇ‌نىڭغا ماس ھايات كە‌چۈرىدۇ.‏—‏3-‏يۇ‌ھاننا 3،‏ 4.‏

12.‏ بىزگە يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان قېرىنداشلار چۈشە‌نچىمىزنى ئۆزگە‌رتىش كېرە‌كلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ندە،‏ نېمە قىلىدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌لار شۇ‌نداق قىلىدۇ؟‏

12 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى دائىم،‏ بىز ھە‌قىقە‌تنى تولۇ‌ق چۈشىنىمىز،‏—‏ دە‌پ جاكارلىمايدۇ.‏ ئۇ‌لار بە‌زىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايە‌تلە‌رنى چۈشە‌ندۈرۈشتە ياكى جامائە‌تنى تە‌شكىللە‌شتە خاتالىشىدۇ.‏ بۇ بىزنى ھە‌يران قالدۇ‌رماسلىقى كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا شۇ‌نداق يېزىلغانكى،‏ خۇ‌دا خە‌لقى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ ھە‌قىقە‌تنى تېخىمۇ ئېنىقراق چۈشىنىدىغان بولىدۇ (‏كولوسى.‏ 1:‏9،‏ 10‏)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌قىقە‌تنى ئاستا-‏ئاستا ئېچىپ بېرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز چوقۇ‌م سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن ھە‌قىقە‌ت نۇ‌رىنىڭ يورۇ‌تۇ‌شىنى كۈتىشىمىز كېرە‌ك (‏پە‌ند نە.‏ 4:‏18‏)‏.‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش چۈشە‌نچىلىرىمىز ۋە بە‌زى ئىشلارنى قىلىشتا ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ندە،‏ دە‌رھاللا ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىدۇ.‏ ئۆزىنى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى دە‌پ ئاتايدىغان نۇ‌رغۇ‌نلىغان مە‌زھە‌پلە‌ر،‏ بۇ دۇ‌نيا كىشىلىرىنى ۋە ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى خۇ‌شال قىلىش ئۈچۈن ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى خۇ‌داغا يېقىنلىشىش ۋە ئە‌يسا قالدۇ‌رغان ئۈلگىگە ئە‌گىشىپ،‏ توغرا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىدۇ (‏ياقۇ‌پ 4:‏4‏)‏.‏ بىزنىڭ ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىشىمىز،‏ بۇ دۇ‌نيادا كىشىلە‌رنىڭ كۆزقاراشلىرى ئۆزگە‌رگە‌نلىكى سە‌ۋە‌بلىك ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ياخشىراق چۈشە‌نگە‌نلىكىمىز ئۈچۈندۇ‌ر.‏ بىز ھە‌قىقە‌تنى چىن قە‌لبىمىزدىن سۆيىمىز!‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 2:‏3،‏ 4‏.‏

بىر-‏بىرىمىزگە ھە‌قىقىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىمىز

13.‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنە‌رلىك ئە‌ڭ ئېسىل-‏پە‌زىلىتى قايسى ۋە بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئۇ‌نى قانداق كۆرسىتىۋاتىدۇ؟‏

13 بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى كۆپلىگە‌ن ئېسىل-‏پە‌زىلە‌تلە‌رنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌لارنىڭ ئارىسىدىكى ئە‌ڭ كۆزگە كۆرۈنە‌رلىك بولغىنى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بولغان.‏ ئە‌يسا شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌گە‌ر ئاراڭلاردا سۆيگۈ بولسا،‏ بۇ‌نىڭدىن ھە‌ممىسى سىلە‌رنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكە‌نلىكىڭلارنى بىلىدۇ» (‏يۇ‌ھاننا 13:‏34،‏ 35‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئارىسىدا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە تىنچ-‏ئىتتىپاقلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ.‏ بىز باشقا بارلىق دىنلاردىن پە‌رقلىنىمىز.‏ چۈنكى،‏ گە‌رچە بىز ئوخشىمايدىغان مىللە‌ت،‏ ئىرق ۋە مە‌دە‌نىيە‌ت ئارقا كۆرۈنىشىگە ئىگە بولساقمۇ،‏ ئارىمىزدا بۇ‌زۇ‌لماس،‏ مۇ‌ستە‌ھكە‌م قېرىنداشچىلىق رىشتىسى بار.‏ بۇ ھە‌قىقىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى يىغىلىشلىرىمىزدا،‏ چوڭ يىغىلىشلىرىمىزدا ۋە رايونلۇ‌ق چوڭ يىغىلىشلىرىمىزدا كۆرە‌لە‌يمىز.‏ بۇ دە‌لىل-‏ئىسپاتلار،‏ يە‌ھۋا قوبۇ‌ل قىلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا توغرا ئىبادە‌ت قىلىۋاتقانلىقىمىزغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىدۇ.‏

14.‏ كولوسىلىقلار3:‏12—‏14-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ ئارىمىزدا چوڭقۇ‌ر مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بارلىقىنى كۆرسىتىشنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم يولى قايسى؟‏

14 مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار،‏ بىر-‏بىرىڭلارغا سە‌مىمىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىڭلار دە‌يدۇ.‏ بۇ بىزنى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏8‏)‏.‏ شۇ‌نداق سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىشنىڭ بىردىن-‏بىر يولى —‏ ئۆزئارا كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌پ،‏ بىر-‏بىرىمىزنىڭ كە‌مچىلىكلىرىگە قارىماي،‏ بە‌لكى ياخشى تە‌رە‌پلىرىگە قاراش.‏ بىز يە‌نە جامائە‌تتىكى بارلىق قېرىنداشلارغا،‏ ھە‌تتا كۆڭلىمىزنى رە‌نجىتكە‌نلە‌رگىمۇ سېخىيلىق ۋە مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتىشنىڭ پۇ‌رسە‌تلىرىنى ئىزدە‌يمىز ‏(‏كولوسىلىقلار 3:‏12—‏14-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئارىمىزدا شۇ‌نداق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسى بولسا،‏ ئۆزۈمىزنىڭ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏

ئېتىقادىمىز بىر

15.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىبادە‌ت قىلىشتا قالدۇ‌رغان ئۈلگىلە‌رگە ئە‌گىشىشنىڭ يە‌نە قانداق يوللىرى بار؟‏

15 بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشتا باشقا ئۈلگىلە‌رنىمۇ قالدۇ‌رغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بۈگۈنكى كۈندە تە‌شكىلاتىمىز شۇ ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش تە‌شكىللە‌نگە‌ن.‏ ئارىمىزدا خۇ‌ددى شۇ چاغدىكىگە ئوخشاش زىيارە‌ت قىلغۇ‌چى ئاقساقاللار،‏ ئاقساقاللار ۋە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر بار (‏فىلىپى.‏ 1:‏1؛‏ تىتۇ‌س 1:‏5‏)‏.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌ت،‏ نىكاھ ۋە قان توغرىسىدىكى بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا ئە‌مە‌ل قىلىشتا،‏ يە‌نە گۇ‌ناھىغا توۋا قىلمىغانلارنى جامائە‌تتىن چىقىرىپ جامائە‌تنى قوغداشتا،‏ بىرىنچى ئە‌سىردىن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قالدۇ‌رغان ئۈلگىلە‌رگە ئە‌گىشىمىز.‏—‏ئە‌لچى.‏ 15:‏28،‏ 29؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 5:‏11–‏13؛‏ 6:‏9،‏ 10؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏4‏.‏

16.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏4—‏6-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ردىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

16 ئە‌يسا،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئۆزلىرىنى ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرى دە‌پ جاكارلىسىمۇ،‏ بىراق ئۇ‌نىڭ تە‌لىملىرىگە ئە‌گە‌شمە‌يدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏مە‌تتا 7:‏21–‏23‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار يە‌نە ئاخىرقى كۈنلە‌ردە نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشتە ئىخلاسمە‌ن بولۇ‌پ كۆرۈنىدىغانلىقىنى ئالدىن-‏ئالا ئېيتقان (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1،‏ 5‏)‏.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دانىڭ پە‌قە‌ت بىرلا ئېتىقادنى،‏ يە‌نى دىننى قوبۇ‌ل قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏—‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏4-‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

17.‏ بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىۋاتىدۇ ۋە خۇ‌داغا توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا ئىبادە‌ت قىلىۋاتىدۇ؟‏

17 بۇ ماقالىدە،‏ ئە‌يسانىڭ توغرا ئىبادە‌ت قىلىش ھە‌ققىدە ئۆگە‌تكە‌ن تە‌لىملىرىنى ۋە بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئېتىقادچىلار ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسىگە ئە‌گە‌شكە‌نلىكىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق ۋە يە‌نە بە‌زى دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى كۆرۈپ چىقتۇ‌ق.‏ خۇ‌لاسىلىسە‌ك،‏ بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر خۇ‌داغا توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا ئىبادە‌ت قىلىۋاتىدۇ؟‏ بۇ‌نىڭ جاۋابى پە‌قە‌تلا بىر —‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى.‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى قاتارىدا بولۇ‌ش،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسى ھە‌ققىدە ھە‌قىقە‌تنى بىلىش بىز ئۈچۈن نە‌قە‌دە‌ر چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ،‏ ھە!‏ كېلىڭلار،‏ ئۆزۈمىزنىڭ داۋاملىق ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىمىزغا كۆز يە‌تكۈزۈپ،‏ ھە‌قىقە‌تنى چىڭ تۇ‌تايلى!‏

152-‏ناخشا كۈچىمىز،‏ ئۈمىدىمىز ۋە يار-‏يۆلىگىمىز

a يە‌ھۋاغا توغرا ئىبادە‌ت قىلىشتا ئە‌يسانىڭ قالدۇ‌رغان ئۈلگىسىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئاشۇ ئۈلگىگە ئە‌گە‌شكە‌نمۇ؟‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ توغرا ئىبادە‌ت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ قانداق دە‌لىل-‏ئىسپاتى بار؟‏ بۇ ماقالىدە،‏ مۇ‌شۇ سوئاللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b مە‌سىلە‌ن،‏ 2008-‏يىلى،‏ رىم پاپىسى بېنېدىكت ئون ئالتە (‏XVI)‏ كاتولىك چىركاۋلىرىدىكى ئىبادە‌تتە،‏ مە‌دھىيە ناخشىلىرىدا ياكى دۇ‌ئالاردا خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ئىشلە‌تمە‌سلىكنى ياكى تىلغىمۇ ئالماسلىقنى ئېيتقان.‏

c سۈرە‌تتە:‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسىنى 200-‏دىن ئارتۇ‌ق تىلدا نە‌شىر قىلىپ تارقاتقان.‏ شۇ‌ڭا،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر خۇ‌دانىڭ ئىسىمى ئىشلىتىلگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇ‌يالايدۇ.‏