مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

1921 —‏ يۈز يىل بۇ‌رۇ‌ن

1921 —‏ يۈز يىل بۇ‌رۇ‌ن

كۈزىتىش مۇ‌نارى ژۇ‌رنىلى،‏ 1921-‏يىلى،‏ 1-‏يانۋار سانىدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قىزغىن تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلار مۇ‌نداق بىر سوئالنى ئوتتۇ‌رىغا قويغان.‏ «بۇ يىل بىزنى قانداق ئىشلار كۈتۈۋاتىدۇ؟‏» بۇ سوئالنىڭ جاۋابى،‏ يە‌شايا 61:‏1،‏ 2-‏ئايە‌تلە‌ردە تىلغا ئېلىنغاندە‌ك،‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاش ئىدى.‏ «يە‌ھۋا مېنى ياۋاشلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈشكە مە‌سىھ قىلدى.‏ .‏ .‏ پە‌رۋە‌ردىگارنىڭ شاپائە‌ت كۆرسىتىدىغان يىلىنى،‏ خۇ‌دايىمىزنىڭ قىساس ئالدىغان كۈنىنى ئېلان قىلىش،‏ .‏ .‏ .‏ ئۈچۈن ئە‌ۋە‌تتى»‏

جە‌سۇ‌ر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار

مۆمىنلە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈپ،‏ رە‌زىللىك قىلغۇ‌چىلارغا بولسا،‏ خۇ‌دانىڭ قىساس كۈنى ھە‌ققىدە جاكارلىشى ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلار جە‌سۇ‌ر بولۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى.‏

كانادادا ياشىغان بۇ‌رادە‌ر خوسكىن قارشىلىقلارغا قارىماي،‏ جە‌سۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن گۇ‌ۋاھلىق بە‌رگە‌ن.‏ 1921-‏يىلى باھاردا،‏ ئۇ بىر چىركاۋنىڭ روھانىيسى بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىپ قالغان.‏ بۇ‌رادە‌ر خوسكىن سۆھبە‌ت باشلاپ:‏ «بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە خۇ‌شال-‏خۇ‌رام سۆھبە‌ت ئۆتكۈزۈشىمىز كېرە‌ك.‏ ھە‌تتا بە‌زى نە‌رسىلە‌ردە ئوي-‏پىكىرىمىز بىر يە‌ردىن چىقمىسىمۇ،‏ بىز يە‌نىلا سۆھبىتىمىزنى تىنچ دوستانە ئاخىرلاشتۇ‌رالايمىز»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئىشلار ئۇ‌نداق بولمىغانىدى.‏ خوسكىن ئە‌سلە‌پ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز پاراڭلىشىپ بىر قانچە مىنۇ‌ت ئۆتۈپ،‏ شۇ روھانىي ئىشىكنى قاتتىق يېپىۋە‌تتى.‏ مە‌ن ئىشىكنىڭ ئە‌ينە‌كلىرى پارچە-‏پارچە بولۇ‌پ كېتىدىغان بولدى دە‌پ ئويلىدىم».‏

چىركاۋنىڭ روھانىيسى:‏ «سە‌ن بېرىپ،‏ خۇ‌دانى تونۇ‌مايدىغانلار بىلە‌ن پاراڭلاش!‏»—‏ دە‌پ ۋاقىرىغان.‏ بۇ‌رادە‌ر خوسكىن ئارتۇ‌ق گە‌پ-‏سۆز قىلماي كېتىپ قالغان.‏ ئۇ ئۆز-‏ئۆزىگە:‏ «مە‌ن دە‌ل خۇ‌دانى تونۇ‌مايدىغان بىرى بىلە‌ن پاراڭلىشىپ قاپتىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏

ئە‌تىسى چىركاۋدا،‏ روھانىي كىشىلە‌رگە ئۇ ھە‌ققىدە يالغان سۆزلە‌رنى ئېيتىپ،‏ شۇ‌نداق دېگە‌ن ئىكە‌ن:‏ «بۇ كىشى كىچىك شە‌ھىرىمىزدىكى ئۇ‌چىغا چىققان يالغانچى،‏ ئۇ ئۆلتۈرۈلىشى كېرە‌ك».‏ بىراق،‏ بۇ بۇ‌رادىرىمىزنى توختىتىپ قويمىغان.‏ ئۇ داۋاملىق ۋە‌ز قىلىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن سۆھبە‌تلە‌شكە‌ن.‏ ئۇ يە‌نە:‏ «مە‌ن ئۇ يە‌ردە ۋە‌ز قىلىپ،‏ كۆپ خۇ‌شاللىق تاپتىم.‏ ھە‌تتا بە‌زى ئادە‌ملە‌ر:‏ «مە‌ن بىلىمە‌ن،‏ خۇ‌دا سېنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ساڭا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏»—‏ دە‌پ ئېھتىياجلىق نە‌رسىلە‌رنى ماڭا بە‌رگە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ

شە‌خسىي ۋە ئائىلىۋى تە‌تقىق

قىزىقىش كۆرسە‌تكە‌ن كىشىلە‌رنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلار «ئالتۇ‌ن دە‌ۋىر»‏ a ژۇ‌رنىلىدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق دە‌رسلىرىنى نە‌شىر قىلغان.‏ شۇ يە‌ردە ياشلار ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك سوئاللار بولغان.‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلاردىن ئاشۇ سوئاللارنى سورىغان ۋە ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن جاۋابلارنى تېپىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بە‌زى سوئاللار،‏ مە‌سىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قانچە كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟‏ دېگە‌ندە‌ك ئاددىي نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌تسە،‏ يە‌نە ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىسى سۈپىتىدە قانداق زىيانكە‌شلىكلە‌رگە دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏ دېگە‌ندە‌ك سوئاللار بىلە‌ن،‏ ياشلارنى جە‌سۇ‌ر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار بولۇ‌شقا تە‌ييارلىغان.‏

ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئاشۇ «ئالتۇ‌ن دە‌ۋىر» ژۇ‌رنىلىدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدىكى بە‌زى سوئاللار ۋە جاۋابلار بېرىلگە‌ن ئىدى‏.‏ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى تە‌تقىق قىلىش» ناملىق كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمىدىن تېپىشقا بولاتتى.‏ مىڭلارچە ئوقۇ‌رمە‌نلە‌ر شۇ سە‌ھىپىلە‌رنىڭ پايدىسىنى كۆرگە‌ن.‏ بىراق،‏ «ئالتۇ‌ن دە‌ۋىر» ژۇ‌رنىلىنىڭ 1921-‏يىلى،‏ 21-‏دېكابىر سانىدا،‏ ئە‌مدى بۇ ئىككى سە‌ھىپىنىڭ نە‌شىر قىلىنمايدىغانلىقى ئېلان قىلغان.‏ نېمە ئۈچۈن تۇ‌يۇ‌قسىز شۇ‌نداق ئۆزگۈرۈش بولغان؟‏

يېڭى كىتاب!‏

خۇ‌دانىڭ چىلتارى ناملىق كىتاب

ئوقۇ‌شقا بە‌لگىلە‌نگە‌ن مە‌زمۇ‌نلار كۆرسىتىلگە‌ن كارتا

سوئال-‏جاۋاب كارتىسى

يېتە‌كچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان قېرىنداشلار،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن،‏ ھە‌ر قېتىم بىر ماۋزۇ ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىپ يە‌تكە‌ن.‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ 1921-‏يىل،‏ نويابىردا،‏ «خۇ‌دانىڭ چىلتارى» ناملىق كىتاب نە‌شىردىن چىققان.‏ قىزىققۇ‌چىلار مۇ‌شۇ كىتابنى قوبۇ‌ل قىلغان ھە‌مدە «چىلتار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق دە‌رسلىكى»گە قاتناشقان.‏ خۇ‌دانىڭ ئىنسانلارغا مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرۈشنى ئىرادە قىلغانلىقىنى،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ چۈشىنىشىگە بۇ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىدىغان دە‌رسلىك ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بۇ دە‌رسلىكنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولغان؟‏

ئاشۇ كىتابنى ئالغان كىشىگە،‏ شۇ بابتىكى قايسى بە‌تنى ئوقۇ‌شى كېرە‌كلىكى كۆرسىتىلگە‌ن كىچىك بىر كارتا ھە‌م ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن.‏ كېيىنكى ھە‌پتىسى،‏ شۇ ئوقۇ‌غان مە‌زمۇ‌نغا ئاساسلانغان بىرقانچە سوئاللار يېزىلغان باشقا بىر كارتا ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن.‏ كارتىنىڭ ئاخىرىدا كېيىنكى ھە‌پتىسى ئوقۇ‌شقا بە‌لگىلە‌نگە‌ن مە‌زمۇ‌ن كۆرسىتىلگە‌ن.‏

يېقىن ئە‌تراپتىكى جامائە‌ت 12 ھە‌پتە،‏ ھە‌ر ھە‌پتىسى يېڭى بىر كارتىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقى ئۆتكۈزىدىغان كىشىگە پوچتا ئارقىلىق ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ شۇ كارتىلارنى جامائە‌تتىكى ياشانغانلار ياكى ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز ئېيتىشقا كۈچى يە‌تمە‌يدىغانلار ئە‌ۋە‌تكە‌نىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئامېرىكا،‏ پېنسىلۋانىيە شتاتى،‏ مىلۋالې شە‌ھىرىدىن ئاننا گاردنېر ئە‌سلە‌پ:‏ ««خۇ‌دانىڭ چىلتارى» ناملىق كىتاب نە‌شىردىن چىققاندا،‏ پالە‌چ سىڭلىم سالنىڭ كۆپرە‌ك ۋە‌ز قىلالىشىغا پۇ‌رسە‌ت پە‌يدا بولدى»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئۇ ھە‌ر ھە‌پتە سوئاللار يېزىلغان كارتىلارنى ئە‌ۋە‌تە‌تتى.‏ شۇ دە‌رسلىك تاماملانغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىشىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ جامائە‌تتىن بىر كىشى ئۇ‌نى يوقلاپ باراتتى.‏

سال گاردنېر چاقلىق ئورۇ‌ندۇ‌قتا

بىزنى كۈتۈپ تۇ‌رغان ئىشلار

بۇ‌رادە‌ر رۇ‌تېرفورد جامائە‌تلە‌رگە شۇ‌نداق خە‌ت يېزىپ ئە‌ۋە‌تكە‌ن ئىدى:‏ «بۇ يىل پادىشاھلىق ھە‌ققىدە گۇ‌ۋاھلىق بېرىش ئىشى ھە‌رقانداق بىر يىلغا قارىغاندا شۇ‌نچە كە‌ڭ كۆلە‌ملىك ۋە نە‌تىجىلىك بولدى.‏ بىراق،‏ ئالدىمىزدا بىزنى نۇ‌رغۇ‌ن ئىشلار كۈتۈپ تۇ‌رىدۇ.‏ باشقىلارنىمۇ بۇ ئاجايىپ شان-‏شە‌رە‌پلىك خىزمە‌تكە قاتنىشىشقا ئۈندە‌يلى!‏» ناھايىتى ئېنىقكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلار بۇ چاقىرىققا قۇ‌لاق سالغان.‏ 1922-‏يىلى،‏ ئۇ‌لار ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپرە‌ك پادىشاھلىق خۇ‌ش-‏خە‌ۋىرى ھە‌ققىدە جاسارە‌ت بىلە‌ن ۋە‌ز قىلغان.‏

a ‏«ئالتۇ‌ن دە‌ۋىر» ژۇ‌رنىلىنىڭ ئىسمى،‏ 1937-‏يىلى «تە‌سە‌للى» ۋە 1946-‏يىلى «ئويغىنىش!‏» دە‌پ ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏