44-تەتقىق ماقالىسى
ئۈمىدىڭىز كۈچلۈك بولسۇن!
«يەھۋاغا ئۈمىد باغلىغىن».—زەبۇر 27:14.
24-ناخشا كۆزۈڭ بولسۇن مۇكاپاتتا!
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋا بىزگە قانداق ئۈمىد بەرگەن؟
يەھۋا بىزگە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى بەرگەن. بۇ ئاجايىپ ئۈمىد! بەزىلەرنىڭ ئاسماندا ئۆلمەس روھى شەخسلەر سۈپىتىدە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار (1-كورىنت. 15:50، 53). ئەمما، كۆپچىلىك ئىنسانلارنىڭ يەر يۈزىدە مەڭگۈ ساغلام ۋە بەختلىك ھايات كەچۈرۈش ئۈمىدى بار (ۋەھىي. 21:3، 4). مەيلى ئاسماندا ياكى يەر يۈزىدە ياشاش ئۈمىدىمىز بار بولسۇن، بۇ ئۈمىد بىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر.
2. ئۈمىدىمىز نېمىگە ئاساسلانغان ۋە نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېيەلەيمىز؟
2 مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، «ئۈمىد»، ياخشى ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى كۈتۈشنى بىلدۈرىدۇ. بىز ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، چۈنكى بۇ ئۈمىدنى بىزگە يەھۋا بەرگەن (رىملىقلار 15:13). بىز يەھۋانىڭ نېمىنى ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ دائىم ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز (سانلار 23:19). شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يەھۋانىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارزۇ-ئىستىكى ۋە كۈچ-قۇدرىتى بار. ئۈمىدىمىز قۇرۇق خام-خىيالغا ياكى ئارزۇ-ئارمانلارغا ئەمەس، بەلكى ئىشەنچىلىك دەلىل-ئىسپات ۋە رېئاللىققا ئاساسلانغان.
3. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟ (زەبۇر 27:14)
3 ئاسماندىكى ئاتىمىز بىزنى سۆيىدۇ ۋە بىزنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىمىزنى خالايدۇ (زەبۇر 27:14-نى ئوقۇڭ). يەھۋاغا بولغان ئۈمىدىمىز كۈچلۈك بولسا، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيمىز ۋە كەلگۈسىگە جاسارەت ۋە خۇشاللىق بىلەن يۈزلىنەلەيمىز. ئۈمىدىمىز بىزنى قانداق قوغدايدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۈمىدىمىزنىڭ خۇددى لەڭگەر ۋە دۇبۇلغىغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئاندىن ئۈمىدىمىزنى قانداق كۈچەيتەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
ئۈمىدىمىز خۇددى بىر لەڭگەرگە ئوخشاش
4. نېمە ئۈچۈن ئۈمىدىمىز لەڭگەرگە ئوخشىتىلغان؟ (ئىبرانىيلار 6:19)
4 ئەلچى پاۋلۇس ئىبرانىيلار يازغان خېتىدە ئۈمىدىمىزنى لەڭگەرگە ئوخشاتقان (ئىبرانىيلار 6:19-نى ئوقۇڭ). ئۇ پات-پات دېڭىزدا سەپەر قىلغانىدى، شۇڭا بىر كېمىنى جايدا تۇرغۇزۇش ئۈچۈن لەڭگەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرگەن. بىر قېتىم ئۇ كېمىدە سەپەر قىلغاندا، شىددەتلىك بوران-چاپقۇنغا ئۇچرىغان. بۇ بوران-چاپقۇن پەيتىدە، ئۇ كېمىچىلەرنىڭ كېمىنىڭ خەتەرلىك تاشلارغا سوقۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سۇغا لەڭگەرنى تاشلىغانلىقىنى كۆرگەن (ئەلچى. 27:29، 39–41). لەڭگەر كېمىنى مۇقىملاشتۇرغاندەك، ئۈمىدىمىز سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، يەھۋادىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن بىزنى مۇستەھكەملەيدۇ. كۈچلۈك ئۈمىدىمىز بوران-چاپقۇنلۇق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى، پات-ئارىدا تىنچ-ئامان زاماننىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. شۇنى ئۇنتۇماڭكى، ئەيسا چوقۇم زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىمىز ھەققىدە بىزنى ئاگاھلاندۇرغان (يۇھاننا 15:20). شۇڭا، ۋەدە قىلىنغان كېلەچىكىمىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانساق، ھەقىقەت يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
5. ئەيسا ئۆلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۈمىد ئۇنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىشىغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
5 ئۈمىد ئەيسانىڭ ھەتتا ئازاب-ئوقۇبەتلىك ئۆلۈمگە دۇچ كەلگەندىمۇ ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى. مىلادى 33-يىل، 50-كۈن بايرىمىدا، ئەلچى پېترۇس زەبۇر كىتابىدىن ئەيسانىڭ تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلاپ، ئۆز ئىشەنچىسىنى كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدىكى بىر بېشارەتنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مەن ئۈمىد ئىچىدە ياشايمەن؛ چۈنكى سەن تېنىمنى ئۆلۈكلەر دىيارىدا تاشلاپ قويمايسەن ۋە سادىق قولۇڭنىڭ چىرىشىگە يول قويمايسەن. ... ھۇزۇرۇڭدا مېنى شاد-خۇراملىققا چۆمدۈرىسەن» (ئەلچى. 2:25–28؛ زەبۇر 16:8–11). گەرچە ئەيسا ئۆلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۆزىنى خۇدانىڭ تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا ۋە ئاسماندا ئاتىسى بىلەن خۇشال-خۇرام قايتا جەم بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى.—ئىبرانىيلار 12:2، 3.
6. بىر بۇرادەر ئۈمىد ھەققىدە نېمە دېگەن؟
6 ئۈمىدىمىز نۇرغۇن قېرىندىشىمىزنىڭ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىگە ياردەم بېرىپ كەلگەن. ئەنگلىيىدە ياشىغان سادىق قېرىندىشىمىز لېئونارد چىننىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇ ئەسكەرلىككە قاتنىشىشنى رەت قىلغىنى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان. ئىككى ئاي يالغۇز ئايرىم كامېرغا سولاپ قويۇلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، بىر مەزگىل جاپالىق ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان. ئۇ مۇنداق يازغان: «مېنىڭ كەچۈرمىشلىرىم سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن ئۈمىدكە قانچىلىك ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشىمگە ياردەم بەردى. بىزدە ئەيسا مەسىھ، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىلىرى بار ۋە مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئاجايىپ گۈزەل ۋەدىلەرمۇ بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىمىز ئۈچۈن بىزگە زور ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ ۋە بەرداشلىق بېرىشىمىز ئۈچۈن بىزنى كۈچلەندۈرىدۇ». ئۈمىد لېئونارد ئۈچۈن لەڭگەر بولغاندەك، بىز ئۈچۈنمۇ لەڭگەر بولالايدۇ.
7. دۇچ كەلگەن سىناقلار ئۈمىدىمىزنى قانداق كۈچلەندۈرىدۇ؟ (رىملىقلار 5:3–5؛ ياقۇپ 1:12)
7 بىز سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەندە ۋە يەھۋانىڭ بىزگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى باشتىن ئۆتكۈزگەندە، ئۇنىڭ بىزدىن رازى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز. بۇ ئۈمىدىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ (رىملىقلار 5:3–5؛ ياقۇپ 1:12-نى ئوقۇڭ). شۇنداق قىلىپ، ئۈمىدىمىز ھەقىقەتنى ئەمدىلا تونۇغان ۋاقىتقا قارىغاندا، تېخىمۇ كۈچلۈكرەك بولىدۇ. شەيتان سىناقلاردا بىزنىڭ تىز پۈكۈشىمىزنى خالايدۇ. بىراق، يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن ھەرقانداق سىناقلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بەرداشلىق بېرەلەيمىز.
ئۈمىدىمىز دۇبۇلغىغا ئوخشاش
8. مۇقەددەس كىتابتا نېمە ئۈچۈن ئۈمىد دۇبۇلغىغا سېلىشتۇرۇلغان؟ (1-سالونىكالىقلار 5:8)
8 مۇقەددەس كىتابتا ئۈمىدىمىز يەنە دۇبۇلغا بىلەن سېلىشتۇرۇلغان (1-سالونىكالىقلار 5:8-نى ئوقۇڭ). جەڭچى جەڭدە دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىدىن بېشىنى قوغداش ئۈچۈن دۇبۇلغىنى كىيىشى كېرەك. بىزمۇ شەيتان بىلەن بولغان روھىي جەڭدە، ئۇنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۆزىمىزنى قوغدىشىمىز لازىم. ئۇ زېھىنىمىزنى زەھەرلەش ئۈچۈن ھەرتۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، بىزگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىدۇ. خۇددى دۇبۇلغا ئەسكەرنىڭ بېشىنى قوغدىغىنىغا ئوخشاش، ئۈمىدىمىز زېھىنىمىزنى قوغدايدۇ. شۇ ئارقىلىق بىز يەھۋاغا سادىق قالالايمىز.
9. ئۈمىدى بولمىغان ئىنسانلار قانداق ھايات كەچۈرىدۇ؟
9 مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئۈمىدىمىز دانالىق ۋە پەم-پاراسەت بىلەن ھەرىكەت قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئەگەر ئۈمىدىمىز ئاجىزلاپ كەتسە، زېھىنىمىزنى تەننىڭ ھەۋەسلىرى چىرمىۋېلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئۈمىدىمىزنى يوقۇتۇپ قويۇشىمىز مۇمكىن. قەدىمقى كورىنت شەھىرىدە ياشىغان بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى. ئۇلار خۇدانىڭ مۇھىم بىر ۋەدىسى، يەنى تىرىلىش ئۈمىدىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان (1-كورىنت. 15:12). پاۋلۇس تىرىلىشكە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى يازغان (1-كورىنت. 15:32). بۈگۈنكى كۈندە خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئۈمىد باغلىمىغان نۇرغۇن كىشىلەر ۋاقىتلىق ھۇزۇر-ھالاۋەت ئۈچۈن، ھازىرنىڭ ئۆزىدە قولىدىن كەلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ. بىراق، بىز ئۇلارغا ئوخشىمايمىز. چۈنكى، بىز خۇدا ۋەدە قىلغان كېلەچەككە ئىشىنىمىز. ئۈمىدىمىز خۇددى دۇبۇلغىغا ئوخشاش، ئوي-پىكىرىمىزنى زەھەرلىك ئارزۇ-ھەۋەسلەردىن قوغداپ، پەقەت ئۆزىمىزنىلا ئويلايدىغان شەخسىيەتچىلىكتىن يىراق تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. شۇندىلا، يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز زىيانغا ئۇچرىمايدۇ.—1-كورىنتلىقلار 15:33، 34.
10. ئۈمىد بىزنى يالغان ئوي-پىكىرلەردىن قانداق قوغدايدۇ؟
10 ئۈمىد دۇبۇلغىمىز يەھۋانى ھېچقاچان خۇرسەن قىلالمايمەن دەپ ئويلاشتىن ھىمايە قىلىدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر شۇنداق ئويلايدۇ: «مەن ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بولالمايمەن. چۈنكى، ھەرگىزمۇ خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىگە لايىق بولالمايمەن». ئېسىڭىزدا بولسا، ئايۇپنىڭ ساختا تەسەللى بېرىدىغان دوستى ئېلىفاز ئايۇپقا شۇنىڭغا ئوخشاش ئوي-پىكىرنى ئېيتقان. ئېلىفاز مۇنداق دېگەن: «ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىنسان قانداقمۇ پاك بولالىسۇن؟». كېيىن، ئۇ يەنە خۇدا توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «قارا! ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەسلىرىگە ئىشەنمەيدۇ، ھەتتا ئاسمانلارمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە پاك ئەمەس» (ئايۇپ 15:14، 15). ئۇلار كىشنى يىرگەندۈرىدىغان يالغانچىلىقلار! ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇنداق ئوي-پىكىرلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان — شەيتان. ئۇ ئەگەر شۇنداق ئوي-خىيالدا بولسىڭىز، ئۈمىدىڭىزنى يوقىتىشقا باشلايدىغانلىقىڭىزنى بىلىدۇ. شۇڭا، شۇنىڭدەك يالغانچىلىقلارنى رەت قىلىپ، يەھۋانىڭ ۋەدىلىرىگە دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ. ياراتقۇچىنىڭ مەڭگۈ ياشىشىڭىزنى خالايدىغانلىقىدىن ۋە ئاشۇ ھاياتقا ئېرىشىشىڭىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىدىن ھەرگىزمۇ گۇمانلانماڭ.—1-تىموتىي 2:3، 4.
ئۈمىدىڭىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىڭ
11. ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتۈۋاتقىنىمىزدا، نېمە ئۈچۈن سەۋرچان بولۇشىمىز كېرەك؟
11 ئۈمىدىمىزنى مۇستەھكەملەش ھەمىشە ئاسان ئەمەس. خۇدانىڭ ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى كۈتۈۋاتقىنىمىزدا، سەۋر-تاقەت قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن. بىراق، يەھۋا مەڭگۈ بار بولغۇچىدۇر، بىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئۇزۇن تۇيۇلغان ۋاقىت، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكمۇ قىسقا (2-پېتر. 3:8، 9). يەھۋا ۋەدىلىرىنى ئەڭ ياخشى يول بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، بىراق، ئۇ بىز كۈتكەن ۋاقىتتا يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن. خۇدا ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈۋاتقىنىمىزدا، ئۈمىدىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟—ياقۇپ 5:7، 8.
12. ئىبرانىيلار 11:1، 6-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۈمىدىمىز بىلەن ئىشەنچىمىزنىڭ قانداق باغلىنىشى بار؟
12 ئۈمىدىمىزنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن يەھۋاغا يېقىن تۇرۇشىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇ ئۈمىدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر. ئۈمىدكە ئېرىشىش ئۈچۈن يەھۋانىڭ بار ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنى ئىزدەيدىغانلارنى «مۇكاپاتلايدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك» (ئىبرانىيلار 11:1، 6-نى ئوقۇڭ). بىز يەھۋانىڭ ھەقىقەتەن بارلىقىغا ئىشەنگەنسېرى، ئۇنىڭ ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈمىدىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ بىرقانچە يوللىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
13. خۇداغا قانداق يېقىنلىشالايمىز؟
13 يەھۋاغا دۇئا قىلىڭ ۋە ئۇنىڭ سۆزىنى ئوقۇڭ. گەرچە بىز يەھۋانى كۆرەلمىسەكمۇ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشالايمىز. دۇئا ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەلەيمىز ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىمىزنى تىڭشايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز (يەرەم. 29:11، 12). بىز ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇش ۋە ئوقۇغانلىرىمىز ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالالايمىز. ئۆتمۈشتە يەھۋانىڭ ئۆزىگە سادىق بولغان كىشىلەرگە قانداق غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئۈمىدىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. خۇدا سۆزىدە «يېزىلغان بارچە نەرسىلەر بىزنىڭ تەلىم ئېلىشىمىز ئۈچۈن يېزىلغان. شۇڭا، سەۋر-تاقەت ۋە مۇقەددەس يازمىلاردىن ئالغان تەسەللىي ئارقىلىق ئۈمىدكە ئىگە بولالايمىز ».—رىملىقلار 15:4.
14. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ باشقىلارغا قىلغان ئىشلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك؟
14 يەھۋانىڭ ئۆز ۋەدىسىنى قانداق ئورۇندىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىڭ. مەسىلەن، خۇدانىڭ ئىبراھىم ۋە سارا ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقى ھەققىدە ئويلاڭ. ئۇلار بالىلىق بولالمايدىغان ياشقا يېتىپ قالغان. شۇنداقتىمۇ، خۇدا ئۇلارنىڭ بالىلىق بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (يارىت. 18:10). ئىبراھىم بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ئۆزىنىڭ نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ئاتىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن» (رىملىقلار 4:18). گەرچە ئىنسانلارنىڭ نەزەرىدە، ئۇ قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولسىمۇ، بىراق ئىبراھىم يەھۋانىڭ ئۆز ۋەدىسىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئاشۇ ساداقەتمەن كىشىنىڭ ئۈمىدى يەردە قالمىغان (رىملىقلار 4:19–21). بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار بىزگە يەھۋاغا ئىشىنىشنى ئۆگىتىدۇ. قارىماققا، يەھۋانىڭ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشمايدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇ چوقۇم ئۆز سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
15. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ سىز ئۈچۈن قىلغانلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىشىڭىز كېرەك؟
15 يەھۋانىڭ سىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىرىنى ئويلاڭ. ئۇ ئاللىقاچان ئەمەلگە ئاشۇرغان ۋەدىلەرنىڭ سىزگە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. مەسىلەن، ئەيسا ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا كېرەكلىك بولغان زۆرۈر نەرسىلەرنى تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (مەتتا 6:32، 33). ئۇ يەنە يەھۋادىن دۇئا قىلىپ سورىسىڭىز، خۇدا ئۆز مۇقەددەس روھىنى سىزگە ئەۋەتىدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەرگەن (لۇقا 11:13). يەھۋا ئاشۇ ۋەدىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. بەلكىم، ئۇ شەخسەن سىز ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرغان ۋەدىلەرنى ئەسلىشىڭىز مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇ سىزنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقى، سىزگە تەسەللى بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن ياشىشىڭىز ئۈچۈن كېرەكلىك ھەرقانداق نەرسىنى تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ (مەتتا 6:14؛ 24:45؛ 2-كورىنت. 1:3). ئەگەر يەھۋانىڭ ئاللىقاچان سىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرسىڭىز، كېلەچەكتە ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىڭىزمۇ كۈچىيىدۇ.
ئۈمىدىڭىزنىڭ بولغىنى ئۈچۈن خۇشال بولۇڭ
16. نېمە ئۈچۈن ئۈمىد قىممەتلىك سوۋغات؟
16 مەڭگۈلۈك ھايات ئۈمىدىمىز خۇدادىن كەلگەن قىممەتلىك سوۋغاتتۇر. كېلەچەككە بولغان بۇ گۈزەل ئۈمىد ئەمەلگە ئاشىدىغان كۈننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىۋاتىمىز ۋە بىر كۈنى ئاشۇ كۈن چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. خۇددى كېمە لەڭگىرىگە ئوخشاش، ئۈمىدىمىز سىناقلار، زىيانكەشلىكلەر ۋە ھەتتا ئۆلۈمگە دۇچ كەلگەندە بەرداشلىق بېرىپ، يەھۋادىن يىراقلاپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن بىزنى مۇستەھكەملەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈمىد دۇبۇلغا كەبى، زېھىنىمىزنى قوغدايدۇ. شۇ ئارقىلىق خاتا ئوي-پىكىرلەرنى رەت قىلىپ، توغرا ئىشنى قىلىشتا چىڭ تۇرالايمىز. مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ئۈمىدىمىز بىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر ئۈمىدىمىزنى كۈچلەندۈرسەك، بۇنىڭ كۆپ پايدىسىنى كۆرىمىز.
17. نېمە ئۈچۈن ئۈمىدىمىز بىزنى خۇشاللىققا يېتەكلەيدۇ؟
17 ئەلچى پاۋلۇس رىملىقلارغا يازغان خېتىدە: «ئۈمىدىڭلار بولغىنى ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار»،— دېگەن (رىملىقلار 12:12). پاۋلۇس خۇشال بولالىغان، چۈنكى ئۇ ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ قالسا، ئاسماندا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. بىزمۇ ئۈمىدىمىزنىڭ بولغىنى ئۈچۈن خۇشال بولالايمىز، چۈنكى يەھۋا ئۆز ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. زەبۇر يازغۇچىسى يازغاندەك: «خۇداسى يەھۋاغا ئۈمىد باغلىغان كىشى نەقەدەر بەختلىكتۇر! ... ئۇ ئەبەدىي ۋاپاداردۇر».—زەبۇر 146:5، 6.
55-ناخشا سادىقلار كۆرەر مەڭگۈلۈك ھاياتنى
a يەھۋا بىزگە كەلگۈسى ئۈچۈن ئاجايىپ ئۈمىدنى بەرگەن. شۇ ئۈمىد بىزگە ئىلھام-مەدەت بېرىدۇ ۋە دىققىتىمىزنى ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا قاراتماسلىققا ياردەم بېرىدۇ. مەيلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەيلى، ئۈمىد داۋاملىق يەھۋاغا سادىق قېلىشىمىزغا كۈچ بېرىدۇ. ئۈمىد يەنە زېھىنىمىزنى قوغداپ، بىزنى خاتا ئوي-خىيالدا بولۇشتىن ساقلايدۇ. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۈمىدىمىزنى كۈچلۈك ساقلىشىمىز كېرەك. بۇ ماۋزۇ ھەققىدە ھازىر بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىمىز.
b سۈرەتتە: دۇبۇلغا جەڭچىنىڭ بېشىنى قوغدىغاندەك ۋە لەڭگەر كېمىنى مۇقىملاشتۇرغاندەك، ئۈمىدىمىز ئوي-پىكىرىمىزنى قوغداپ، سىناقلاردا ئىمانىمىزنى مۇستەھكەملەيدۇ. بىر قېرىنداش ئىشەنچ بىلەن يەھۋاغا دۇئا قىلىدۇ. بىر بۇرادەر يەھۋانىڭ ئىبراھىمغا بەرگەن ۋەدىسىنى قانداق ئورۇنلىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىدۇ. باشقا بىر بۇرادەر ئۆزى ئېرىشكەن بەرىكەتلەر ھەققىدە ئويلىنىدۇ.