قەدىمدە ئىسرائىللار ئۇرۇشلارغا قاتناشقان — بىز نېمە ئۈچۈن قاتناشمايمىز؟
«ئەگەر ئاراڭلاردا بىرى فرانسىيە ياكى ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى رەت قىلسا، ھەممىڭلار ئۆلىسىلەر!». ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىست ئوفېتسىرى بىر توپ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىغا شۇنداق ۋاقىرىغانىدى. گەرچە ئەتراپىدا تولۇق قوراللانغان ناتسىست ئەسكەرلىرى بولسىمۇ، ئارىمىزدىن ھېچكىم يەھۋانىڭ قانۇنىنى بۇزمىدى. بۇ ھەقىقەتەن ئاجايىپ جاسارەت! بۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئۇرۇشلارغا بولغان كۆزقارىشىنى ياخشى چۈشەندۈرىدىغان مىسال. بىز بۇ دۇنيانىڭ ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىمىز. ھەتتا ئۆلۈم تەھدىتىگە دۇچ كەلسەكمۇ، ھەرقانداق ئۇرۇشلارغا قاتناشماي، بىتەرەپلىكنى ساقلاپ قالىمىز.
لېكىن، ئۆزىنى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى دەپ ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسىلا بۇ كۆزقاراشنى قوبۇل قىلمايدۇ. كۆپلىگەن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۆز دۆلىتىمىزنى قوغداش كېرەك دەپ قارايدۇ. ئۇلار مۇنداق سورىشى مۇمكىن: «خۇدانىڭ خەلقى بولغان قەدىمقى ئىسرائىللار ئۇرۇشلارغا قاتناشقان. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇرۇشلارغا قاتناشماسلىقى كېرەك؟» سىز بۇنىڭغا جاۋاب بېرەتتىڭىز؟ بەلكىم، قەدىمقى ئىسرائىل خەلقى بىلەن ھازىرقى خۇدا خەلقىنىڭ ۋەزىيىتىدە چوڭ پەرق بار دەپ چۈشەندۈرىسىز. ھازىر بەش پەرقنى كۆرۈپ باقايلى.
1. خۇدانىڭ خەلقى بىر مىللەت
ئۆتمۈشتە، يەھۋا بىر مىللەتنى ئۆزىنىڭ خەلقى بولۇشقا تاللىغانىدى. ئۇ ئىسرائىللارنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مۈلكى دەپ ئاتىغان (چق 19:5). خۇدا يەنە ئۇلارغا ئالاھىدە بىر زېمىننى بەرگەن. شۇڭا، خۇدا ئىسرائىللارغا باشقا خەلقلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى بۇيرۇغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىگە ئوخشاش يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ياكى ئۇلارنى ئۆلتۈرمىگەن a.
بۈگۈن كۈندە، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغانلار «ھەر مىللەتلەردىن، قەبىلىلەردىن، خەلقلەردىن ۋە تىللاردىن» كېلىپ چىققان (ۋەھىي. 7:9). ئەگەر خۇدا خەلقى ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغان بولسا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ھەتتا ئۆلتۈرۈشى مۇمكىن ئىدى.
2. يەھۋا ئىسرائىللارنى ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇغان
ئۆتمۈشتە، يەھۋا ئۆزى ئىسرائىللارنىڭ قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشى كېرەكلىكىنى قارار قىلاتتى. مەسىلەن، قانانلىقلار جىنلارغا چوقۇنۇش، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە بالىلارنى قۇربانلىق قىلىش بىلەن ھەممىگە تونۇلغان ئىدى. ئۇلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن، خۇدا ئىسرائىللارنى ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇغان. يەھۋا يەنە ئىسرائىللارنى ۋەدە قىلىنغان زېمىندا ئاشۇنداق يامانلىق قىلغانلارنى يوق قىلىشقا بۇيرۇغان. شۇنداق قىلغاندىلا، ئىسرائىللارمۇ بۇ يامان ئىشلاردىن يىراق تۇراتتى (لاۋى. 18:24، 25). ئىسرائىللار ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا ماكانلاشقاندىن كېيىن، خۇدا بەزىدە ئىسرائىللارنى زالىم دۈشمەنلەردىن قوغداش ئۈچۈن جەڭ قىلىشقا رۇخسەت بەرگەن (2-سام. 5:17–25). لېكىن، يەھۋا ھېچقاچان ئىسرائىللارنىڭ ئۇرۇش قىلىشنى ئۆزلىرى قارار قىلىشىغا رۇخسەت بەرمىگەن. ئۇلار ئۆزلىرى قارار چىقىرىپ، ئۇرۇشقا بارغاندا، دائىم ئېچىنارلىق ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان.—سانلار 14:41–45؛ 2-تارىخنامە 35:20–24.
بۈگۈن كۈندە، يەھۋا ئىنسانلارنى ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇمايدۇ. ئىنسانلار خۇدانىڭ ئىرادىسى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز نىيەت-مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشىدۇ. ئۇلار كۆپرەك زېمىنغا، پۇلغا ئىگە بولۇش ياكى سىياسىي كۆزقاراشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئەمما، بەزىلەر دىنىي ئېتىقادىنى قوغداش ياكى خۇدانىڭ دۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئاللانىڭ نامىدىن ئۇرۇش قىلىمىز دېسىچۇ؟ يەھۋا ھەقىقىي خىزمەتچىلىرىنى قوغداپ، ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىنى كېلەچەكتە بولىدىغان ئارماگېدون ئۇرۇشىدا يوق قىلىدۇ (ۋەھىي. 16:14، 16). بۇ ئۇرۇشقا ئىنسانلار ئەمەس، بەلكى خۇدا ياراتقان روھىي شەخسلەر قاتنىشىدۇ.—ۋەھىيلەر 19:11–15.
3. ئىسرائىللار يەھۋاغا ئىشەنگەنلەرنى ئۆلتۈرمىگەن
ئۆتمۈشتە، ئىسرائىل ئەسكەرلىرى خۇداغا ئىشىنىدىغانلارغا ھەردائىم رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىدى. ئەمما، ئۇلار پەقەت يەھۋا ئۆزى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلارنى ئۆلتۈرگەن. ئىككى مىسالغا دىققەت قىلىڭ. گەرچە خۇدا ئېرىخا شەھىرىنى ۋەيران قىلىشنى بۇيرىغان بولسىمۇ، يەشۇئا 2:9–16؛ 6:16، 17). كېيىن، گىبېئونلۇقلار خۇدانى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەچ، پۈتۈن گىبېئون شەھىرى ئامان قالغان ئىدى.—يەشۇئا 9:3–9، 17–19.
راھاب ۋە ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى يەھۋاغا ئىشەنچ قىلغىنى ئۈچۈن، ئىسرائىللار ئۇلارنى ئامان قالدۇرغان (بۈگۈن كۈندە، ئۇرۇش قىلىۋاتقان دۆلەتلەر خۇداغا ئىشىنىدىغانلارنىمۇ ئۆلتۈرىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا، ئۇرۇش-توقۇنۇشلاردا بىگۇناھ پۇقرالار ئۆلۈپ كېتىدۇ.
4. ئىسرائىللار خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۇرۇش قىلىشى كېرەك
ئۆتمۈشتە، يەھۋا ئىسرائىل ئەسكەرلىرىدىن ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلغان. مەسىلەن، خۇدا بەزىدە ئۇلارنى دۈشمەنلىرى بىلەن تىنچلىق ئورنىتىشقا بۇيرۇغان (تەكرار. قا 20:10). يەھۋا يەنە ئىسرائىل قوشۇنلىرىدىن ئۆزلىرىنى ۋە قارارگاھىنى پاكىز تۇتۇشنى ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلغان (تەكرار. قا 23:9–14). ئەتراپتىكى باشقا خەلقلەرنىڭ ئەسكەرلىرى دائىم ئۆزلىرى بېسىۋالغان زېمىنلاردىكى ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلغانىدى. بىراق، يەھۋا ئىسرائىللارنىڭ بۇنداق قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. ئەمەلىيەتتە، ئىسرائىللار بىر شەھەرنى ئىگەللەپ، بىر ئاي ئۆتمىگىچە، ئەسىرگە ئېلىنغان ئايال بىلەن توي قىلالمايتتى.—تەكرار قانۇن 21:10–13.
بۈگۈن كۈندە، كۆپىنچە دۆلەتلەر بەزى قائىدىلەر بويىچە ئۇرۇش قىلىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان. ئەمما، ئۇلار ئاشۇ ئاددىي پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن تۈزگەن قائىدە-قانۇنلارغا ھەردائىم ئەمەل قىلمايدۇ.
5. خۇدا ئۆز خەلقى ئۈچۈن جەڭ قىلغان
ئۆتمۈشتە، يەھۋا ئىسرائىللار ئۈچۈن جەڭ قىلغان ۋە مۆجىزە ئارقىلىق دائىم ئۇلارنىڭ ئۇرۇشلاردا غەلبە قىلىشىغا ياردەم بەرگەنىدى. مەسىلەن، خۇدا ئىسرائىللارنىڭ ئېرىخا شەھىرىنى ئىگەللىشىگە قانداق ياردەم قىلغان؟ يەھۋا خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە، ئىسرائىللار جەڭگىۋارلىق بىلەن قاتتىق توۋلىغاندا، ئېرىخا شەھىرىنىڭ سېپىل تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋە شەھەرنى ئاسانلا بېسىۋالغان (يەشۇئا 6:20). ئۇلار ئامورىيلار بىلەن جەڭ قىلغاندا، ئۇلارنى قانداق يەڭگەن؟ «يەھۋا ئاسماندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يوغان مۆلدۈرلەرنى ياغدۇردى. ... مۆلدۈر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئىسرائىللار قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگەنلەرنىڭكدىن كۆپرەك ئىدى».—يەشۇئا 10:6–11.
بۈگۈن كۈندە، يەھۋا ھېچقانداق بىر خەلق ئۈچۈن جەڭ قىلمايدۇ. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھى بولغان ئەيسا «بۇ دۇنيادىن ئەمەس» (يۇھاننا 18:36). ئەكسىنچە، شەيتان بارلىق ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەر ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى رەھىمسىز ئۇرۇشلار ئۇنىڭ رەزىل مىجەز-خۇلقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.—لۇقا 4:5، 6؛ 1-يۇھاننا 5:19.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى تىنچلىقپەرۋەر كىشىلەر
كۆرگىنىمىزدەك، بىزنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىمىز قەدىمقى ئىسرائىللارغا ئوخشىمايدۇ. بىراق، بۇ پەرقلەر ئۇرۇشقا قاتناشمايدىغانلىقىمىزنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبلىرى ئەمەس. باشقىمۇ سەۋەبلىرى بار. مەسىلەن، خۇدا ئاخىرقى زاماندا ئۆزىگە پاك ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى جەڭ قىلىشنى ئۆگەنمەيدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت بەرگەن (يەشايا 2:2–4). ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا مەسىھ ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ بۇ دۇنيادىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان؛ ئۇلار دۇنيادىكى ئۇرۇش-توقۇنۇشلاردا بىتەرەپلىكنى ساقلايدۇ.—يۇھاننا 15:19.
مەسىھ ئەيسا يەنە ئەگەشكۈچىلىرىنى باشقا ئىشلارنىمۇ قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئۇ ئۇلارغا ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش ۋە ئۇرۇش-جېدەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مىجەز-خۇلقتىن يىراق تۇرۇشنى بۇيرىغان (مەتتا 5:21، 22). ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە «تىنچلىقپەرۋەر» بولۇپ، دۈشمەنلىرىنى سۆيۈشنى ئۆگەتكەن.—مەتتا 5:9، 44.
بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ بەلكىم، بىز ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى خالىمايمىز. بىراق، جامائەتتە بىرىنى دۈشمىنىمىزدەك ھېس قىلىمىزمۇ؟ شۇنداق ھېس-تۇيغۇنى قەلبىمىزدىن يۇلۇپ تاشلاش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشايلى.—ياقۇپ 4:1، 11.
بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇش-توقۇنۇشلارغا ئارىلىشىشنىڭ ئورنىغا، ئۆز-ئارا ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ، مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتەيلى (يۇھاننا 13:34، 35). يەھۋانىڭ ئۇرۇشلارنى مەڭگۈگە يوق قىلىدىغان كۈنىنى تۆت كۆزۈمىز بىلەن كۈتۈپ، بىتەرەپلىكنى ساقلاشقا بەل باغلايلى.—زەبۇر 46:9.
a بەزىدە، ئىسرائىل قەبىلىلىرى بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. لېكىن، يەھۋا شۇنداق ئىچكى ئۇرۇشلارنى ئۆچ كۆرگەنىدى (1-پادىشاھ. 12:24). شۇنداقتىمۇ، ئايرىم ۋەزىيەتلەردە خۇدا شۇنداق ئۇرۇش-جېدەللەرگە رۇخسەت قىلغان، چۈنكى بەزى قەبىلىلەر يەھۋادىن يۈز ئۆرگەن ياكى ئېغىر گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەنىدى.—ھاكىملار 20:3–35؛ 2-تارىخنامە 13:3–18؛ 25:14–22؛ 28:1–8.