42-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋاغا سادىق بولغانلار بەختلىكتۇر
«نەقەدەر بەختلىكتۇر ساداقەتمەن كىشىلەر، يەھۋانىڭ قانۇنىنى تۇتۇپ ياشايدىغانلار».—زەبۇر 119:1.
18-ناخشا خۇدانىڭ چىن مۇھەببىتى
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) بەزى ھۆكۈمەتلەر يەھۋانىڭ خەلقىگە قارشى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ، بىراق ئۇنىڭ خەلقى قانداق ئىنكاس قايتۇرىۋاتىدۇ؟ (2) نېمە ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىمىزغا قارىماي، خۇشال بولالايمىز؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە ئىزاھات بېرىڭ.)
ھازىر دۇنيادىكى 30دىن كۆپرەك دۆلەتتە بىزنىڭ پائالىيىتىمىز چەكلەنگەن ياكى مەنئىي قىلىنغان. ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ بەزىلىرىدە ھۆكۈمەتلەر قېرىنداشلىرىمىزنى تۈرمىگە تاشلىغان. ئۇلار نېمە ئىشنى خاتا قىلغان؟ يەھۋانىڭ نەزەرىدە ئۇلار ھېچنېمىنى خاتا قىلمىغان. ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى بولسا، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش، تەتقىق قىلىش، ئىمان-ئېتىقادى ھەققىدە باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش ۋە قېرىنداشلار بىلەن جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش. ئۇلار يەنە سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشمايدۇ. كۈچلۈك قارشىلىقلارغا قارىماي، خۇدانىڭ بۇ خىزمەتچىلىرى يەھۋاغا سادىق قالغان. ئۇلار ئۆز ساداقەتمەنلىكىنى b ساقلاپ قالغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال.
2 بەلكىم، سىز بۇ جاسارەتلىك گۇۋاھچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىغا دىققەت قىلغانسىز. ئۇلار ئىنتايىن خۇشال، چۈنكى ئۇلار يەھۋاغا سادىق قالغاندا، ياراتقۇچىسىنىڭ ئۇلاردىن مەمنۇن بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ (1-تارىخ. 29:17). ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېگەن: «ھەققانىيلىقنى ئىزدىگىنى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار بەختلىكتۇر. . . . خۇشال بولۇپ، شاد-خۇراملىققا چۆمۈڭلار، چۈنكى ئاسماندا زور مۇكاپاتلار كۈتىۋاتىدۇ».—مەتتا 5:10–12.
بىز ئۈچۈن بىر ئۈلگە
3. ئەلچىلەر 4:19، 20-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ئەسىردىكى ئەلچىلەر زىيانكەشلىككە قانداق ئىنكاس قايتۇرغان ۋە نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغان؟
3 بۈگۈنكى كۈندە قېرىنداشلىرىمىز بىرىنچى ئەسىردىكى ئەيسانىڭ ئەلچىلىرىگە ئوخشاش، ۋەز قىلغىنى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا. يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسى ئەلچىلەرنى قايتا-قايتا ئەيسانىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئېلىپ سۆزلەشنى توختىتىشقا بۇيرىغان (ئەلچىلەر 4:18؛ 5:27، 28، 40). ئەلچىلەر قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ (ئەلچىلەر 4:19، 20-نى ئوقۇڭ). ئۇلار تېخىمۇ ئالىي ھوقۇقدارنىڭ ئۆزلىرىگە ئەيسا مەسىھ ھەققىدە كىشىلەرگە تەلتۆكۈس گۇۋاھلىق بېرىشنى بۇيرۇغانلىقىنى بىلەتتى (ئەلچىلەر 10:42). شۇڭا، پېترۇس بىلەن يۇھاننا بارلىق ئەلچىلەرگە ۋاكالىتەن جاسارەت بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ سوتچىلارغا ئەمەس، خۇداغا بويسۇنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ئاشۇ ھوقۇقدار كىشىلەرگە مۇنداق سوئالنى قويغان: «سىلەر بۇيرۇقىڭلارنى خۇدانىڭ بۇيرۇقىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ دېمەكچىمۇسىلەر؟»
4. ئەلچىلەر 5:27–29-ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەندەك، ئەلچىلەر ھەقىقىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن قانداق ئۈلگە قالدۇرغان، بىز ئۇلارنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
4 ئەلچىلەر ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا بويسۇنۇشتا بارلىق مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن ئاجايىپ ئۈلگە قالدۇرغان (ئەلچىلەر 5:27–29-نى ئوقۇڭ). ئۇلار ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىغىنى ئۈچۈن تاياق يېگەندىن كېيىن، خۇشال-خۇرام يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي سوتىدىن چىقىپ كەتكەن ھەمدە ۋەز قىلىشنى توختاتماي داۋاملاشتۇرغان. چۈنكى، ئۇلار ئەيسانىڭ ئىسىمى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۈمىدسىزلىنىشنىڭ ئورنىغا، خۇشاللىققا ۋە جاسارەتكە تولغانىدى.—ئەلچىلەر 5:40–42.
5. قايسى سوئاللارغا جاۋاب تېپىشىمىز كېرەك؟
5 ئەلچىلەرنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىسى بەزى سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا بويسۇنۇش قارارى مۇقەددەس كىتابتىكى ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇڭلار دېگەن بۇيرۇق بىلەن ماس كېلەمدۇ؟ (رىملىقلار 13:1). ئەلچى پاۋلۇس ئېيتقاندەك، ھۆكۈمەت ۋە ھوقۇقدارلارغا بويسۇنۇش بىلەن بىرلىكتە ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران خۇداغا ساداقەتمەنلىكىمىزنى قانداق ساقلىيالايمىز؟—تىتۇس 3:1.
ھۆكۈمران ھۆكۈمەتلەر
6. (1) رىملىقلار 13:1-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرگە بىزنىڭ نېمە قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار؟ (2) ئەيسانىڭ سۆزلىرىدىن بۇ دۇنيادىكى ھەممە ھۆكۈمرانلار ھەققىدە نېمىنى بىلىمىز؟
6 رىملىقلار 13:1-نى ئوقۇڭ. بۇ ئايەتتە تىلغا ئالغان ھۆكۈمەتلەر باشقىلارنى باشقۇرىدىغان كۈچى ۋە ھوقۇقى بار ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى چوقۇم بۇ ھوقۇقدارلارغا بويسۇنۇشى كېرەك. ئۇلار جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغدايدۇ، قانۇننى ئىجرا قىلىدۇ، ھەتتا بەزىدە يەھۋانىڭ خەلقىنى قوغدايدۇ (ۋەھىيلەر 12:16). شۇڭا، يەھۋا بىزگە ئۇلار تەلەپ قىلغان باج، سېلىق، قورقۇنچ ۋە ھۆرمەت بېرىشنى بۇيرۇغان (رىملىقلار 13:7). ئەمما، بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەرگە ھوقۇقنى يەھۋا خۇدا ئۆزى بەرگەن. بۇنى ئەيسانىڭ سوراق قىلغاندا، رىم ۋالىيسى پونتىي پىلاتۇسقا ئېيتقان سۆزلىرىدىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. پىلاتۇس ئەيسانىڭ جېنىنى ئامان قالدۇرۇش ياكى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا شۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىزگە يۇقىرىدىن بېرىلمىگەن بولسا، مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھېچقانداق ھوقۇقىڭىز بولمايتتى» (يۇھاننا 19:11). خۇددى پىلاتۇسقا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندىكى بارلىق ھوقۇقدارلار ۋە سىياسىيونلارنىڭ ھوقۇقى چەكلىك.
7. قانداق ۋەزىيەتلەردە، ئىنسانىي ھۆكۈمرانلارغا بويسۇنماسلىقىمىز كېرەك ۋە ئۇلار چوقۇم نېمىنى بىلىشى كېرەك؟
7 بۇ دۇنيادىكى قانۇنلار خۇدانىڭ قانۇنىغا زىت كەلمىسە، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئىنسان ھۆكۈمەتلىرىگە بويسۇنىدۇ. ئەمما، خۇدا چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلسا ياكى خۇدا قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىشنى چەكلىسە، بىز ئۇلارغا بويسۇنمايمىز. مەسىلەن، ئۇلار ياشلاردىن قولىغا قورال ئېلىپ، دۆلەت ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلىشى c، ياكى بولمىسا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەشىرى ماتېرىياللىرىمىزنى، ۋەز ئېيتىشىمىزنى، ئىبادەت يىغىلىشىمىزنى چەكلىشى مۇمكىن. ھۆكۈمرانلار ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، مەسىھنىڭ شاگىرتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغاندا، ئۇلار چوقۇم خۇداغا جاۋاب بېرىدۇ. يەھۋا ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىدۇ.—ۋەز 5:8.
8. يەھۋا خۇدا بىلەن ئىنسانىي ھوقۇقدارلار ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟
8 ھۆكۈمرانلارنىڭ ھوقۇقى بارلىقى راست. ئۇلار جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ ھۆكۈمرانلارنىڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ يۇقىرى ھوقۇققا ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. پەقەت بىرلا مۇكەممەل، ئەڭ ئالىي ھوقۇققا ئىگە بولغۇچى بار، ئۇ ياراتقۇچى يەھۋادۇر. مۇقەددەس كىتابتا تۆت قېتىم يەھۋا خۇدا «ئەڭ ئالىي بولغۇچى» دېگەن نام-ئۇنۋان بىلەن تىلغا ئېلىنغان.—دانىيال 7:18، 22، 25، 27.
«ئەڭ ئالىي بولغۇچى»
9. دانىيال پەيغەمبەر قانداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەن؟
9 دانىيال پەيغەمبەر كۆرگەن كۆرۈنۈشلەر يەھۋانىڭ باشقا بارلىق ھۆكۈمرانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن. دانىيال ئالدى بىلەن ئۆتمۈشتە ۋە ھازىر ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن دۇنيا كۈچلىرىگە سىمۋول قىلىنغان چوڭ ھايۋاننى كۆرگەن. ئۇلار بابىلون، مىدىيا بىلەن پارس، گرېتسىيە، رىم ۋە ھازىرقى دۇنيا كۈچى بولغان ئانگلو-ئامېرىكا (دانىيال 7:1–3، 17). كېيىن، دانىيال يەھۋانىڭ ئاسماندىكى تەختتە ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن (دانىيال 7:9، 10). ئاشۇ سادىق پەيغەمبەرنىڭ كۆرگەنلىرى بۈگۈنكى كۈندىكى ھوقۇقدارلار ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇشى كېرەك.
10. دانىيال 7:13، 14، 27-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يەھۋا يەر يۈزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى كىمگە بېرىدۇ ۋە بۇ ئۇنىڭ قانداق خۇدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ؟
10 دانىيال 7:13، 14، 27-نى ئوقۇڭ. خۇدا ئاشۇ بارلىق ئىنسانىي ھۆكۈمرانلاردىن ھوقۇقلىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنى شۇنىڭغا تېخىمۇ لايىق ۋە كۈچلۈك شەخسلەرگە بېرىدۇ. ئىنسان ئوغلىغا ئوخشاش بىرىگە، يەنى ئەيسا مەسىھ ۋە ئەڭ ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەسلىرى، يەنى 144000 تاللانغانلارغا بىرلىكتە مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى بېرىدۇ (دانىيال 7:18). ئېنىقكى، «ئەڭ ئالىي بولغۇچى» يەھۋانىڭ شۇنداق قىلىش ھوقۇقى بار.
11. دانىيال پەيغەمبەر يەھۋانىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە قانداق سۆزلەرنى يازغان؟
11 دانىيال شۇ كۆرۈنۈش جەريانىدا، كۆرگەن ۋەقە ئۇنىڭ سەل ئىلگىرى بايان قىلغان ئىشلىرى بىلەن ماسلىشىدۇ. دانىيال شۇنداق دېگەن: ئاسمانلاردىكى خۇدا «پادىشاھلارنى يىقىتىدۇ ۋە پادىشاھلارنى تىكلەيدۇ». ئۇ يەنە شۇنداق يازغان: «ئەڭ ئۇلۇغ بولغۇچى ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقلىرى ئۈستىدىكى ھۆكۈمراندۇر. ئۇ پادىشاھلىقنى كىمگە بېرىشنى خالىسا، شۇنىڭغا بېرىدۇ» (دانىيال 2:19–21؛ 4:17). يەھۋا ئىلگىرى پادىشاھلارنى تەختتىن چۈشۈرۈپ، پادىشاھلارنى تەختكە چىقارغانمۇ؟ ھەئە، شۇنداق قىلغان!
12. قەدىمقى زاماندا يەھۋانىڭ پادىشاھلارنى تەختتىن چۈشۈرگەنلىكىنىڭ بىرقانچە مىسالىنى ئېيتىپ بېرىڭ. (رەسىمگە قاراڭ.)
12 يەھۋا ئۆزىنىڭ بارلىق ھۆكۈمران ھوقۇقدارلاردىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن. بۇنىڭ ئۈچ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. مىسىرلىق فىرئەۋن يەھۋانىڭ خەلقىنى قۇل قىلغان ۋە ئۇلارنى ئازاد قىلىشنى قايتا-قايتا رەت قىلغان. بىراق، خۇدا خەلقىنى ئازاد قىلىپ فىرئەۋننى قىزىل دېڭىزدا سۇغا غەرق قىلغان (چىقىش 14:26–28؛ زەبۇر 136:15). بابىلون پادىشاھى بەلشازار بىر زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ، ئاسمانلارنىڭ خۇداسىغا قارشى چىقىپ، يەھۋانى ئەمەس، ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان ئىلاھلارنى مەدھىيىلىگەن (دانىيال 5:22، 23). بىراق، خۇدا ئاشۇ ھاكاۋۇر ئادەمنى ئەدەبلىگەن. شۇ كۈنى كېچىسى بەلشازار ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مېدىيالىقلار بىلەن پارسلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان (دانىيال 5:28، 30، 31). پەلەستىننىڭ پادىشاھى ھىرود ئاگرىپپا بىرىنچى، ئەلچى ياقۇپنى ئۆلتۈرگەن ۋە پېترۇسنى تۈرمىگە تاشلاتقۇزغان ھەمدە ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان. بىراق، يەھۋا ھىرودنىڭ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنى ئۇرغان ۋە ئۇ ئۆلگەن.—ئەلچىلەر 12:1–5، 21–23.
13. يەھۋانىڭ بارچە ئىتتىپاقلاشقان ھۆكۈمرانلارنى قانداق يوق قىلغانلىقى ھەققىدە بىر مىسالنى ئېيتىپ بېرىڭ؟
13 يەھۋا يەنە بارلىق ئىتتىپاقلاشقان ھۆكۈمرانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ ئىسرائىللار ئۈچۈن جەڭ قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاق تۈزگەن قانانلىق 31 پادىشاھنى يوق قىلىپ، ۋەدە قىلغان زېمىننىڭ كۆپ قىسىمىنى ئىگەللىشىگە ياردەم بەرگەن (يەشۇئا 11:4–6، 20؛ 12:1، 7، 24). يەھۋا يەنە ئىسرائىل خەلقىگە قارشى ئۇرۇشقا چىققان پادىشاھ بېن-ھاداد ۋە باشقا سۇرىيىلىك 32 ھۆكۈمراننى ھالاك قىلغان.—1-پادىشاھ. 20:1، 26–29.
14، 15. (1) پادىشاھ نېبۇقادنىسار ۋە دارىئوس يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ھوقۇقى ھەققىدە نېمە دېگەن؟ (2) زەبۇر يازغۇچىسى يەھۋا ۋە ئۇنىڭ مىللىتى ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
14 يەھۋا ئۆزىنىڭ بارلىق ئىتتىپاق تۈزگەن ھۆكۈمرانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىغان! بابىلون پادىشاھى نېبۇقادنىسار يەھۋانى كەمتەرلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە سەلتەنىتىنىڭ شان-شەرىپى بىلەن ماختانغان. نەتىجىدە، يەھۋا ئۇنى ئۇرۇپ، ساراڭ قىلىپ قويغان. قايتا ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، نېبۇقادنىسار ئەڭ ئالىي بولغۇچى يەھۋانى ماختاپ، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ يەنە: «ھېچكىم ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ»،— دېگەن (دانىيال 4:30، 33–35). دانىيالنىڭ خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكى سىنالغان ۋە يەھۋا ئۇنى شىر ئۆڭكۈرىدىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن، پادىشاھ دارىئوس شۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرگەن: «ئادەملەر دانىيالنىڭ خۇداسى ئالدىدا قورقۇپ تىترىسۇن. چۈنكى، ئۇ تىرىك خۇدادۇر ۋە مەڭگۈ بار بولغۇچىدۇر. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەسلا يوقالمايدۇ ۋە ھۆكۈمرانلىقى مەڭگۈلۈكتۇر».—دانىيال 6:7–10، 19–22، 26، 27.
15 زەبۇر يازغۇچىسى كۆزەتكەنلىرى ھەققىدە مۇنداق يازغان: «يەھۋا مىللەتلەرنىڭ مەسلىھەتلىرىنى بۇزار، خەلقلەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە پۈككەن نىيەتلىرىنى يوق قىلار». ئۇ يەنە مۇنداق قوشۇپ قويغان: «نەقەدەر بەختلىكتۇر خۇداسى يەھۋا بولغان مىللەت، ئۇنىڭ مۈلكى بولۇشقا تاللانغان خەلق» (زەبۇر 33: 10، 12). بۇ ھەقىقەتەن يەھۋاغا سادىق قېلىشىمىزنىڭ ئىنتايىن ياخشى سەۋەبىدۇر!
ئەڭ ئاخىرقى جەڭ
16. «دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت» مەزگىلىدە، يەھۋانىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز؟ (رەسىمگە قاراڭ.)
16 بىز يەھۋانىڭ ئۆتمۈشتە نېمىلەرنى قىلغانلىرىنى ئوقۇدۇق. ئۇنداقتا، ئۇ يەنە يېقىن كەلگۈسىدە نېمە قىلماقچى؟ بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئالدىمىزدىكى «دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت» مەزگىلىدە، يەھۋا ئۆز سادىق خىزمەتچىلىرىنى قۇتقۇزىدۇ (مەتتا 24:21؛ دانىيال 12:1). ماگوگ زېمىنىدىن بولغان گوگ دەپ ئاتالغان مىللەتلەر ئىتتىپاقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۋانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىگە رەھىمسىزلارچە ھۇجۇم قىلغاندا، يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنى قوغدايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان 193 دۆلەت ئاشۇ ئىتتىپاققا قوشۇلغان ھالەتتىمۇ، ئەڭ ئالىي بولغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئەرشتىكى قوشۇنلىرىغا قارشى جەڭ قىلالمايدۇ! يەھۋا ۋەدە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ كۆز ئالدىدا مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلايمەن، مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىمەن ۋە ئۇلارغا ئۆزۈمنى تونۇتىمەن، شۇ چاغدا ئۇلار مېنىڭ يەھۋا ئىكەنىمنى بىلىشىدۇ».—ھەزەكىيال 38:14–16، 23؛ زەبۇر 46:10.
17. يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ۋە يەھۋاغا سادىق قالغانلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە مۇقەددەس كىتابتا نېمە بېشارەت قىلىنغان؟
17 گوگنىڭ ھۇجۇمى ئەڭ ئاخىرى جەڭگە، يەنى ئارماگېدون ئۇرۇشىغا يول ئاچىدۇ. شۇ چاغدا، يەھۋا يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل پادىشاھلارنى گۇمران قىلىدۇ (ۋەھىي. 16:14، 16؛ 19:19–21). ئەكسىنچە، «ئادىل كىشىلەر يەر يۈزىگە ماكانلىشىدۇ، ساداقەتمەنلىكنى ساقلىغۇچىلار ئۇ يەردە ياشايدۇ».—پەند. نە 2:21.
چوقۇم يەھۋاغا سادىق قېلىشىمىز كېرەك
18. نۇرغۇنلىغان ھەقىقىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى نېمە قىلىشنى قەتئىي قارار قىلغان، نېمە ئۈچۈن؟ (دانىيال 3:28)
18 ئەسىرلەردىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان ھەقىقىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى يەھۋانى چىن قەلبىدىن سۆيۈپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار ئۆز ئەركىنلىكىنى، ھەتتا ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان. ئۇلار ئۆتمۈشتە ئەڭ ئالىي بولغۇچى يەھۋاغا سادىق قېلىشنى قەتئىي قارار قىلغان ئۈچ ئىبرانىي يىگىتكە ئوخشايدۇ. ئۇلار سادىق قالغىنى ئۈچۈن ئوت كۆيۈپ تۇرغان ئوچاققا تاشلانغان ئىدى. ئەمما، يەھۋا ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالغان.—دانىيال 3:28-نى ئوقۇڭ.
19. يەھۋا ئۆز خەلقىنى نېمىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە ھازىر بىز چوقۇم نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
19 زەبۇر يازغۇچىسى داۋۇت خۇداغا سادىق بولۇپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا مۇنداق يازغان: «يەھۋا ئۆزى خەلقلەرنى ھۆكۈم قىلار. ئەي يەھۋا، ھەققانىيلىقىم ۋە سادىقلىقىمغا مۇۋاپىق ماڭا ھۆكۈم قىلغىن» (زەبۇر 7:8). داۋۇت پادىشاھ يەنە مۇنداق يازغان: «ساداقىتىم ۋە ھەققانىيلىقىم مېنى قوغدىغاي» (زەبۇر 25:21). يەھۋاغا سادىق قېلىش، يەنى مەيلى قانداق ئىشلارغا دۇچ كېلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلاش ياشاشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىدۇر! شۇنداق قىلغىنىمىزدا، بىزمۇ زەبۇر يازغۇچىسىغا ئوخشاش ھېس-تۇيغۇغا چۆمىمىز: «نەقەدەر بەختلىكتۇر ساداقەتمەن كىشىلەر، يەھۋانىڭ قانۇنىنى تۇتۇپ ياشايدىغانلار».—زەبۇر 119:1.
32-ناخشا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى!
a مۇقەددەس كىتاب مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆزى ئۈستىدىكى ھوقۇقدارلارغا، يەنى بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەرگە بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەمما، بەزى ھۆكۈمەتلەر يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئوچۇق ئاشكارە قارشى تۇرىدۇ. ئۇنداقتا، قانداق قىلىپ ھۆكۈمران ئىنسانلارغا بويسۇنالايمىز ۋە داۋاملىق يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلىيالايمىز؟
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكنى ساقلاش، ھەتتا ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلگەندىمۇ، ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان ۋاپادارلىقنى كۆرسىتىدۇ.
c بۇ سان ژۇرنالدىكى «قەدىمدە ئىسرائىللار ئۇرۇشلارغا قاتناشقان — بىز نېمە ئۈچۈن قاتناشمايمىز» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.