مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

41-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ھە‌قىقىي بە‌ختلىك بولالايسىلە‌ر

ھە‌قىقىي بە‌ختلىك بولالايسىلە‌ر

‏«يە‌ھۋادىن قورققان،‏ ئۇ‌نىڭ يولىدا يۈرگە‌ن كىشى بە‌ختلىكتۇ‌ر»‏‏.‏‏—‏زە‌بۇ‌ر 128:‏1‏.‏

14-‏ناخشا خۇ‌دا ھە‌ممىنى يېڭىلار

بۇ ماقالىدە a

1.‏ روھىي ئېھتىياجىمىز نېمە ۋە بۇ‌نىڭ بە‌ختلىك بولۇ‌ش بىلە‌ن قانداق مۇ‌ناسىۋىتى بار؟‏

 ھە‌قىقىي بە‌خت پە‌قە‌ت مۇ‌نداقلا پە‌يدا بولۇ‌پ،‏ تېزلا يوق بۇ‌لۇ‌پ كېتىدىغان ھېس-‏تۇ‌يغۇ ئە‌مە‌س.‏ ئۇ بىر ئۆمۈر داۋام قىلىدۇ.‏ ئە‌يسا بۇ‌نى تاغدىكى ۋە‌ز-‏نە‌سىھىتىدە مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرگە‌ن:‏ «روھىي جە‌ھە‌تتە ئۆزىنىڭ خۇ‌داغا مۇ‌ھتاجلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌نلە‌ر نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىك!‏» (‏مە‌تتا 5:‏3‏)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا خۇ‌دانى تونۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكى بىلە‌ن يارىتىلغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ دېمە‌ك،‏ بىزنىڭ روھىي ئېھتىياجىمىز بار.‏ يە‌ھۋا «شاد-‏خۇ‌رام خۇ‌دا» بولغاچقا،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىدىغانلارمۇ ئوخشاشلا شاد-‏خۇ‌رام ياشىيالايدۇ.‏—‏1-‏تىموت.‏ 1:‏11‏.‏

‏«ھە‌ققانىيلىقنى ئىزدىگىنى ئۈچۈن زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغانلار بە‌ختلىكتۇ‌ر».‏—‏مە‌تتا 5:‏10‏.‏ (‏2،‏ 3-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ d

2،‏ 3.‏ (‏1)‏ ئە‌يسانىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌نە كىملە‌ر بە‌ختلىك بولالايدۇ؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 بە‌ختلىك بولۇ‌شىمىز ئۈچۈن ھە‌ممە نە‌رسىمىز تە‌لتۆكۈس،‏ ھېچقانداق قىيىنچىلىقىمىز يوق بولۇ‌شى شە‌رتمۇ؟‏ ياق.‏ تاغدىكى ۋە‌ز-‏نە‌سىھىتىدە ئە‌يسا ھە‌يران قالارلىق بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى ئېيتقان.‏ «غە‌م-‏قايغۇ‌غا پاتقانلار»،‏ يە‌نى ئۆز گۇ‌ناھلىرى ياكى ھاياتىدىكى قىيىنچىلىقلىرى سە‌ۋە‌بلىك ئېزىلگە‌نلە‌ر خۇ‌شال بولالايدۇ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌ققانىيلىقنى ئىزدىگىنى ئۈچۈن زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغانلار ياكى مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغىنى ئۈچۈن ھاقارە‌ت قىلىنغانلار ھە‌ققىدە مۇ‌شۇ گە‌پلە‌رنى قىلغان (‏مە‌تتا 5:‏4،‏ 10،‏ 11‏)‏.‏ بىراق،‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە قانداقمۇ ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىق تېپىش مۇ‌مكىن بولسۇ‌ن؟‏

3 ئە‌يسا بىزگە بە‌خت-‏سائادە‌تنىڭ ھاياتىمىزدا ھە‌ممە نە‌رسە تە‌ل بولۇ‌شتىن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى روھىي ئېھتىياجىمىزنى قاندۇ‌رۇ‌ش بىلە‌ن خۇ‌داغا يېقىنلىشىشتىن كېلىدىغانلىقىنى ئۆگە‌تكە‌ن ئىدى.‏ ئۇ‌نىڭ نە‌سىھە‌ت سۆزىگە قانداق قۇ‌لاق سالالايمىز؟‏ بۇ ماقالىدە،‏ ھە‌قىقىي بە‌خت-‏سائادە‌تكە يېتە‌كلە‌يدىغان ئۈچ مۇ‌ھىم قە‌دە‌م ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلار بىلە‌ن ئوزۇ‌قلىنىڭ

4.‏ ھە‌قىقىي شاد-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشىشنىڭ بىرىنچى قە‌دىمى نېمە؟‏

4 1-‏قە‌دە‌م.‏ ھە‌قىقىي شاد-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇ‌م روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلار بىلە‌ن ئوزۇ‌قلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئىنسانلار ۋە ھايۋاناتلار ھايات قېلىشى ئۈچۈن جىسمانىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلارغا مۇ‌ھتاج.‏ بىراق،‏ پە‌قە‌ت ئىنسانلار روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌ق بىلە‌ن ئوزۇ‌قلىنالايدۇ ۋە بىز بۇ‌نىڭغا ئېھتىياجلىق.‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئىنسان يالغۇ‌ز نان بىلە‌نلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋانىڭ ئېغىزىدىن چىققان ھە‌ر بىر سۆز بىلە‌ن ياشايدۇ» (‏مە‌تتا 4:‏4‏)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ بىز چوقۇ‌م ھە‌ر كۈنى خۇ‌دانىڭ قىممە‌تلىك سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بە‌زى روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلارنى ئېلىشىمىز كېرە‌ك.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى شۇ‌نداق يازغان:‏ «يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىدىن سۆيىنىپ،‏ كېچە-‏كۈندۈز ئۇ‌نى ئوقۇ‌غانلار بە‌ختلىكتۇ‌ر».‏—‏زە‌بۇ‌ر 1:‏1–‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

5،‏ 6.‏ (‏1)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ (‏2)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش بىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

5 يە‌ھۋا مېھرىبانلىق بىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق بىزگە بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرۈش توغرىسىدا مۇ‌ھىم مە‌لۇ‌ماتلارنى بە‌رگە‌ن.‏ بىز ئۇ‌نىڭ ھاياتىمىز ئۈچۈن نېمىنى مە‌قسە‌ت قىلغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.‏ ئۇ‌نىڭغا قانداق يېقىنلىشالايدىغانلىقىمىز ۋە ئۇ گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرۈم قىلىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئۆگىنىمىز.‏ ھە‌مدە ئۇ‌نىڭ كە‌لگۈسىمىز ئۈچۈن قىلغان ۋە‌دىسى،‏ يە‌نى ئاجايىپ ئۈمىدىمىز ھە‌ققىدە ئۆگىنىمىز (‏يە‌رە‌م.‏ 29:‏11‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش ئارقىلىق ئۆگە‌نگە‌ن بۇ ھە‌قىقە‌تلە‌ر قە‌لبىمىزنى شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمدۈرىدۇ.‏

6 بىلگىنىمىزدە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئە‌مە‌لىي نە‌سىھە‌تلە‌ر بىلە‌نمۇ تولغان.‏ ئاشۇ نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىگە ئە‌مە‌ل قىلساق،‏ بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرە‌لە‌يمىز.‏ تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىپ،‏ ئۈمىدسىزلە‌نگە‌ن ۋاقىتلاردا كۆپرە‌ك يە‌ھۋانىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇ‌شقا ۋە ئوقۇ‌غانلىرىڭىز ئۈستىدىن چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقىرىڭ.‏ «خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئە‌مە‌ل قىلغانلار بە‌ختلىكتۇ‌ر».‏—‏لۇ‌قا 11:‏28‏.‏

7.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئوقۇ‌شقا ۋاقىت سە‌رپ قىلغان ۋاقتىڭىزدىن قانداق قىلغاندا ئە‌ڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايسىز؟‏

7 خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئوقۇ‌غىنىڭىزدا،‏ ئوقۇ‌غانلىرىڭىزدىن ھۇ‌زۇ‌ر ئېلىشقا ۋاقىت چىقىرىڭ.‏ مىسال قىلايلى.‏ مۇ‌نداق بىر ئىشنى باشتىن كە‌چۈرگە‌نمۇ‌سىز؟‏ بىرى سىزگە ئە‌ڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماقىڭىزنى ئېتىپ بە‌ردى.‏ سىز بە‌ك ئالدىراش ياكى ئوي-‏پىكىرىڭىز بىر يە‌ردە بولمىغاچ،‏ تاماقنىڭ تە‌مىنى ھە‌قىقىي تېتىماستىن،‏ ئالدىراپلا يە‌ۋە‌تتىڭىز.‏ تاماقىڭىزنى يە‌پ بولغاندىن كېيىن،‏ ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك تېز تاماقنى يېۋە‌تكە‌نلىكىڭىزنى ھېس قىلدىڭىز ھە‌مدە ئاستا-‏ئاستا چايناپ،‏ تاماقتىن ھۇ‌زۇ‌ر ئالسام بوپتىكە‌ن دە‌پ ئويلاپ قالدىڭىز.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غاندا،‏ بە‌زىدە تېزلا ئوقۇ‌پ،‏ ئوقۇ‌غانلىرىڭىزنى چۈشە‌نمە‌يسىز ۋە ئۇ‌نىڭدىن ھۇ‌زۇ‌ر ئالالمايسىز.‏ خۇ‌دا سۆزىنى ئوقۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ھۇ‌زۇ‌ر ئېلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىڭ،‏ يە‌نى ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌رنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈپ،‏ بولۇ‌نغان گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ ۋە ئوقۇ‌غانلىرىڭىز ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ مۇ‌شۇ‌لارنى قىلغىنىڭىزدا،‏ خۇ‌شاللىقىڭىزغا خۇ‌شاللىق قوشۇ‌لىدۇ.‏

8.‏ «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» ئۆز ۋە‌زىپىسىنى قانداق ئورۇ‌نلاۋاتىدۇ؟‏ (‏ئىزاھاتقا قاراڭ.‏)‏

8 ئە‌يسا ئۆز ۋاقتىدا روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلارنى تە‌مىنلە‌شكە «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل»نى تە‌يىنلىگە‌ن.‏ بىز روھىي جە‌ھە‌تتىن ناھايىتى ياخشى ئۇ‌زۇ‌قلىنىپ كېلىۋاتىمىز b (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ سادىق قۇ‌ل تە‌مىنلىگە‌ن بارلىق روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلار مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا ئاساسلانغان (‏1-‏سالونىكا.‏ 2:‏13‏)‏.‏ ئاشۇ روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى خۇ‌دانىڭ كۆزقارىشىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ۋە «ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رناللىرى ھە‌مدە jw.org تور بېكىتىدىكى ماقالىلە‌رنى ئوقۇ‌يمىز.‏ ھە‌پتە ئارىلىقىدىكى ۋە ھە‌پتە ئاخىرىدىكى جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا تە‌ييارلىق قىلىمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌گە‌ر JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە پروگراممىسى بولسا،‏ شۇ ئايلىق پروگراممىنى كۆرىمىز.‏ يېتە‌رلىك روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلارنى ئېلىش بىزنىڭ ھە‌قىقىي بە‌ختكە ئېرىشىشىمىزنىڭ ئىككىنچى قە‌دىمىنى بىلىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ياشاڭ

9.‏ بىزنى ھە‌قىقىي خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىققا يېتە‌كلە‌يدىغان ئىككىنچى قە‌دە‌م نېمە؟‏

9 2-‏قـە‌دە‌م.‏ ھە‌قىـقىي شـاد-‏خۇ‌راملىقـقا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ياشىشىمىز كېرە‌ك.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى شۇ‌نداق يازغان:‏ «يە‌ھۋادىن قورققان،‏ ئۇ‌نىڭ يولىدا يۈرگە‌ن كىشى بە‌ختلىكتۇ‌ر» (‏زە‌بۇ‌ر 128:‏1‏)‏.‏ يە‌ھۋادىن قورقۇ‌ش دېگە‌نلىك،‏ ئۇ‌نى ئىنتايىن ھۆرمە‌تلە‌ش ۋە ئۇ ئۆچ كۆرىدىغان ھە‌رقانداق ئىشنى قىلىشتىن خالى بولۇ‌ش دېمە‌كتۇ‌ر (‏پە‌ند.‏ نە 16:‏6‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ندە‌ك،‏ خۇ‌دا توغرا-‏خاتا ئۈچۈن بە‌لگىلىگە‌ن ئۆلچە‌ملە‌رگە بويسۇ‌نۇ‌پ ياشاش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز (‏2-‏كورىنت.‏ 7:‏1‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا ياخشى كۆرگە‌ن ئىشلارنى قىلىپ،‏ ئۆچ كۆرگە‌ن ئىشلارنى رە‌ت قىلساق،‏ تېخىمۇ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرىمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏27؛‏ 97:‏10؛‏ رىملىقلار 12:‏9‏.‏

10.‏ رىملىقلار 12:‏2-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ بىزنىڭ قانداق مە‌سئۇ‌لىيىتىمىز بار؟‏

10 رىملىقلار 12:‏2-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بىر كىشى يە‌ھۋانىڭ نېمە توغرا ۋە نېمە خاتا ئىكە‌نلىكىنى قارار قىلىش ھوقۇ‌قى بارلىقىنى بىلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ چوقۇ‌م خۇ‌دانىڭ ئۆزى ئۈچۈن بە‌لگۈلىگە‌ن ئۆلچە‌ملىرىنى قوبۇ‌ل قىلىشى كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر ئادە‌م ھۆكۈمە‌تنىڭ تاش يولدا مېڭىش سۈرە‌ت چە‌كلىمىسىنى بە‌لگىلە‌ش ھوقۇ‌قىنى بىلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ بۇ چە‌كلىمىنى قوبۇ‌ل قىلىشنى خالىشى ناتايىن.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ بە‌لگىلە‌نگە‌ن سۈرە‌تتىن تېز ھە‌يدىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ بىز ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىز ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ئە‌مە‌ل قىلىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ھايات كە‌چۈرۈش يولى ئىكە‌نلىكىگە ھە‌قىقىي ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏28‏)‏.‏ داۋۇ‌ت شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سە‌ن ماڭا ھاياتلىق يولىنى كۆرسىتىسە‌ن،‏ شاد-‏خۇ‌راملىققا تولۇ‌پ تاشقان ھۇ‌زۇ‌رۇ‌ڭ؛‏ ئوڭ قول تە‌رىپىڭدە مە‌ڭگۈلۈك بە‌خت-‏سائادە‌ت باردۇ‌ر».‏—‏زە‌بۇ‌ر 16:‏11‏.‏

11،‏ 12.‏ (‏1)‏ بىز ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇ‌چرىغاندا ياكى ئۈمىدسىزلە‌نگە‌ندە چوقۇ‌م نېمىدىن پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏8-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىغاندا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

11 بىز ئاۋارىچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە ياكى ئۈمىدسىزلە‌نگە‌ندە قىيىنچىلىقلىرىمىز ىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدىغان بە‌زى ئىشلارنى قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىمىز.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ‌نى چۈشىنىشكە بولىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بىز يە‌ھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشنى قىلىپ قويۇ‌شتىن قە‌تئىي پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏10–‏12،‏ 15–‏17‏.‏

12 فىلىپىلىكلە‌ر يازغان خېتىدە ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئېتىقادچى قېرىنداشلارنى داۋاملىق ھە‌ققانىي،‏ پاك،‏ سۆيۈندۈرىدىغان،‏ ئە‌خلاق-‏پە‌زىلە‌تلىك ئىشلار توغرىسىدا داۋاملىق ئويلىنىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان ‏(‏فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ گە‌رچە پاۋلۇ‌س كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار ھە‌ققىدە ئېنىق بىر نە‌رسىلە‌رنى يازمىغان بولسىمۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌نىڭ يازغانلىرى ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىشىمىزغا تە‌سىر قىلىشى كېرە‌ك.‏ مۇ‌نداق سىناپ بېقىڭ.‏ ئە‌گە‌ر ئايە‌تتە نە‌رسىلە‌ر ياكى ئىش دېگە‌ن سۆز ئۇ‌چرىسا،‏ ئورنىغا ناخشىلار،‏ فىلىملە‌ر،‏ رومانلار ياكى ئېلېكترونلۇ‌ق ئويۇ‌نلار دېگە‌ن سۆزنى قويۇ‌ڭ.‏ مۇ‌نداق قىلىش خۇ‌دانىڭ نە‌زە‌رىدە قايسىنىڭ قوبۇ‌ل قىلىنىدىغانلىقى ياكى قوبۇ‌ل قىلىنمايدىغانلىقىنى پە‌رقلە‌ندۈرۈشىڭىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ بىز ھاياتىمىزنى يە‌ھۋانىڭ يۇ‌قىرى ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملىرىگە ماسلاشتۇ‌رۇ‌شنى خالايمىز.‏ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏1–‏3‏)‏.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىمىزدا،‏ پاك ۋىجدان بىلە‌ن ھە‌قىقىي شاد-‏خۇ‌راملىققا يېتە‌كلە‌يدىغان كېيىنكى قە‌دە‌منى باسالايمىز.‏—‏ئە‌لچى.‏ 23:‏1‏.‏

يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ڭ

13.‏ ھە‌قىقىي شاد-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشىشنىڭ ئۈچىنچى قە‌دىمى نېمە؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 4:‏23،‏ 24‏)‏

13 3-‏قە‌دە‌م.‏ ھاياتىڭىزدا يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغانلىقىڭىزغا كاپالە‌تلىك قىلىڭ.‏ يە‌ھۋا بىزنى ياراتقاچقا،‏ چوقۇ‌م ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشىمىز لازىم (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏11؛‏ 14:‏6،‏ 7‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ «روھ ۋە ھە‌قىقە‌ت بىلە‌ن»،‏ خۇ‌دا قوبۇ‌ل قىلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شىمىز زۆرۈر (‏يۇ‌ھاننا 4:‏23،‏ 24‏)‏.‏ بىز ئىبادىتىمىزگە خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ يېتە‌كچىلىك قىلىشىنى خالايمىز.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ئىبادىتىمىز ئۇ‌نىڭ سۆزىدىكى ھە‌قىقە‌تلە‌ر بىلە‌ن ماسلىشىدۇ.‏ ھە‌تتا ئىش-‏پائالىيە‌تلىرىمىز چە‌كلە‌نگە‌ن ياكى مە‌نئىي قىلىنغان دۆلە‌تلە‌ردە ياشىساقمۇ،‏ ئىبادىتىمىز چوقۇ‌م بىرىنچى ئورۇ‌ندا بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ھازىر،‏ 100دىن ئارتۇ‌ق قېرىنداشلىرىمىز پە‌قە‌ت يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ c‏.‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدىمۇ،‏ ئۇ‌لار خۇ‌شاللىق بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىش،‏ تە‌تقىق قىلىش ۋە باشقىلارغا خۇ‌دايىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە سۆزلە‌ش ئۈچۈن قولدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتىدۇ.‏ بىز ھاقارە‌تلە‌نگە‌ن ياكى زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغان ئە‌ھۋالدىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ بىز بىلە‌ن بىللە ئىكە‌نلىكىنى ۋە بىزنى مۇ‌كاپاتلايدىغانلىقىنى بىلىپ،‏ خۇ‌شال بولالايمىز.‏—‏ياقۇ‌پ 1:‏12؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 4:‏14‏.‏

ھە‌قىقىي بولغان ۋە‌قە

14.‏ تاجىكىستاندىكى بىر ياش بۇ‌رادە‌رگە نېمە بولغان ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

14 بە‌زى قېرىنداشلىرىمىز ئىنتايىن قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌رنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار ھە‌قىقىي شاد-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لار بىز يۇ‌قىرىدا مۇ‌ھاكىمە قىلغان ئۈچ قە‌دە‌منى باسقان.‏ تاجىكىستان دىكى 19 ياشلىق جوۋىدون باباجونوۋ ھە‌ربىي مە‌جبۇ‌رىيە‌ت ئۆتە‌شنى رە‌ت قىلغاندا،‏ نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ 2019-‏يىلى 10-‏ئاينىڭ 4-‏كۈنى،‏ ئۇ ئۆيىدىن تۇ‌تۇ‌پ كېتىلگە‌ن ۋە بىر نە‌چچە ئاي تۈرمىگە تاشلىنىپ،‏ جىنايە‌تچىگە ئوخشاش مۇ‌ئامىلىگە ئۇ‌چرىغان.‏ بۇ ئادالە‌تسىزلىك بىرقانچە دۆلە‌تلە‌ردە خە‌ۋە‌ر قىلىنغان.‏ خە‌ۋە‌ردە ئېيتىلىشىچە،‏ ئۇ‌نى ھە‌ربىي مە‌جبۇ‌رىيە‌ت قە‌سىمى قىلىشقا ۋە فورما كىيىشكە قىستىغان ۋە ئۇ‌رغان.‏ كېيىن،‏ ئۇ سوت تە‌رىپىدىن گۇ‌ناھكار دە‌پ ئە‌يىبلىنىپ،‏ ئە‌مگە‌ك بىلە‌ن ئۆزگە‌رتىش لاگېرىغا ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن.‏ ئاخىرىدا،‏ دۆلە‌ت باشلىقى ئۇ‌نى كە‌چۈرۈم قىلىپ،‏ قويۇ‌پ بېرىشكە بۇ‌يرۇ‌غان.‏ ئاشۇ جاپالىق كۈنلە‌ردە،‏ جوۋىدون باشتىن-‏ئاخىر ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ۋە خۇ‌شاللىقىنى ساقلاپ قالغان ئىدى.‏ ئۇ نېمە قىلغان؟‏ ئۇ ھە‌مىشە ئۆزىنىڭ روھىي مۇ‌ھتاجلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە تىرىشقان.‏

جوۋىدون روھىي ئوزۇ‌قلانغان،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ياشىغان ۋە يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغان (‏15–‏17 ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

15.‏ جوۋىدون تۈرمىدىكى ۋاقتىدا،‏ روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلارغا قانداق ئېرىشكە‌ن؟‏

15 تۈرمىدىكى ۋاقتىدا،‏ جوۋىدون ھە‌تتا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ياكى ھېچقانداق نە‌شىرى ماتېرىياللىرىمىز بولمىغان ئە‌ھۋالدىمۇ،‏ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان‏.‏ ئۇ بۇ‌نى قانداق قىلالىغان؟‏ شۇ يە‌ردىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئۇ‌نىڭغا جىسمانىي يېمە‌كلىكلە‌رنى يە‌تكۈزۈپ بە‌رگە‌ن،‏ ھە‌مدە يېمە‌كلىك سالغان خالتىلارغا ھە‌ر كۈنلۈك ئايە‌تنىڭ مە‌زمۇ‌نىنى يېزىپ قويغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ ھە‌ر كۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر تە‌پە‌ككۈر يۈرگۈزە‌لىگە‌ن.‏ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن،‏ ئۇ تېخى ئېغىر سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لمىگە‌نلە‌رگە مۇ‌نداق تە‌كلىپ پىكىرنى بە‌رگە‌ن:‏ «ئە‌ركىنلىكىڭىزنى پۈتۈن كۈچىڭىز بىلە‌ن ئىشلىتىپ،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزى ۋە نە‌شىرى ماتېرىياللىرىمىزنى ئوقۇ‌ش ئارقىلىق يە‌ھۋا ھە‌ققىدىكى بىلىمىڭىزنى چوڭقۇ‌رلاشتۇ‌رۇ‌ڭ،‏ بۇ‌نداق قىلىش تولىمۇ زۆرۈر!‏»‏

16.‏ جوۋىدون ئوي-‏پىكىرلىرىنى نېمىگە قاراتقان؟‏

16 قېرىندىشىمىز يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ياشىغان‏.‏ ئۇ خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىماي ۋە يامان ئىشلارنى قىلماي،‏ ئە‌كسىچە ئۆز ئوي-‏پىكىرىنى يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ قە‌دىرلىگە‌ن نە‌رسىلە‌رگە قاراتقان.‏ جوۋىدون تە‌ڭرىنىڭ ياراتقانلىرىنىڭ گۈزە‌للىكىگە ھە‌يران بولغان.‏ ھە‌ر كۈنى ئە‌تىگە‌ندە قۇ‌شلار سايراپ،‏ ناخشىلارنى ئېيتقاندا،‏ ئۇ‌يقۇ‌سىدىن ئويغانغان ئىدى.‏ كېچىدە بولسا،‏ ئاي ۋە يۇ‌لتۇ‌زلارغا قارىغان.‏ ئۇ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋانىڭ بۇ سوۋغىلىرى مېنى خۇ‌شال قىلدى ۋە ئىلھاملاندۇ‌ردى».‏ بىز يە‌ھۋا تە‌مىنلىگە‌ن روھىي ۋە جىسمانىي ئوزۇ‌قلۇ‌ق ئۈچۈن مىننە‌تدار بولساق،‏ كۆڭلىمىز شاد-‏خۇ‌راملىققا تولىدۇ ۋە بۇ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

17.‏ جوۋىدونغا ئوخشاش ئە‌ھۋالغا چۈشكە‌ن كىشىگە،‏ 1-‏پېترۇ‌س 1:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

17 جوۋىدون يە‌نە يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغان‏.‏ ئۇ ھە‌ق خۇ‌داغا ئۆز سادىقلىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى بىلگە‌ن.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋاغا سە‌جدە قىلغىن ۋە يالغۇ‌ز ئۇ‌نىڭغىلا مۇ‌قە‌ددە‌س خىزمە‌ت قىلغىن» (‏لۇ‌قا 4:‏8‏)‏.‏ ھە‌ربىي باشلىقلار ۋە ئە‌سكە‌رلە‌ر جوۋىدوننى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شتىن ۋاز كە‌چتۈرمە‌كچى بولغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ ھە‌ر كۈنى كېچە-‏كۈندۈز داۋاملىق يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا سادىق قېلىشى ئۈچۈن ياردە‌م سورىغان.‏ ئادالە‌تسىز مۇ‌ئامىلىگە ئۇ‌چرىشىغا قارىماي،‏ جوۋىدون ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلاپ قالغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ھازىر ئۇ‌نىڭدا تۇ‌تقۇ‌ن قىلىنىش،‏ تاياق يېيىش ۋە تۈرمىگە تاشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆزىدە بولمىغان نە‌رسە بار،‏ يە‌نى سىناقتىن ئۆتكە‌ن كۈچلۈك ئىمان-‏ئېتىقادى بار.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھازىر ئۆزىنى ئىنتايىن بە‌ختلىك ھېس قىلالايدۇ.‏—‏1-‏پېترۇ‌س 1:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

18.‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىقىمىزنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟‏

18 يە‌ھۋا بىزنىڭ ھە‌قىقىي شاد-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر سىز ھە‌قىقىي بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشتۈرىدىغان ئۈچ قە‌دە‌منى باسسىڭىز،‏ قىيىن سىناقلارغا قارىماي،‏ خۇ‌شاللىقىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ سىزمۇ مۇ‌نداق دېيە‌لە‌يسىز:‏ «خۇ‌داسى يە‌ھۋا بولغان خە‌لق نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىكتۇ‌ر!‏».‏—‏زە‌بۇ‌ر 144:‏15‏.‏

6-‏ناخشا خۇ‌دا خىزمە‌تچىسىنىڭ دۇ‌ئاسى

a نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنىڭ ھە‌قىقىي بە‌ختنى تېپىشى قىيىن.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لار بايلىق،‏ نام-‏شۆھرە‌ت ۋە ھوقۇ‌ق قوغلىشىش ئارقىلىق،‏ خاتا ئۇ‌سۇ‌لدا بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشمە‌كچى بولىدۇ.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ كىشىلە‌رگە قانداق قىلىپ ھە‌قىقىي بە‌ختنى تېپىشنىڭ يولىنى ئېيتىپ بە‌رگە‌ن.‏ بىز بۇ ماقالىدە ھە‌قىقىي بە‌ختنى تېپىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغان ئۈچ قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b كۈزىتىش مۇ‌نارى،‏ 2014-‏يىل،‏ 15-‏ئاۋغۇ‌ست سانىدىكى «‏ئۆز ۋاقتىدا روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌ققا ئېرىشىۋاتامسىز؟‏‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

c كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن،‏ jw.org تور بېكىتىدىن «‏ئۇ‌لار ئېتىقادى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان‏» دېگە‌ن سە‌ھىپىنى كۆرۈڭ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ بۇ كۆرۈنۈشتە،‏ قولغا ئېلىنىپ سوتقا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان بۇ‌رادە‌رنى گۇ‌ۋاھچىلار قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ۋاتىدۇ.‏