43-تەتقىق ماقالىسى
ھەقىقىي دانالىق توۋلىماقتا
«ھەقىقىي دانالىق توۋلىماقتا كوچىدا، ئاۋازىنى ياڭراتماقتا مەيدانلاردا».—پەند. نە 1:20.
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش
بۇ ماقالىدە a
1. بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر دانالىقنىڭ چاقىرىقىغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ؟ (پەندى-نەسىھەت 1:20، 21)
نۇرغۇن دۆلەتلەردە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ خۇشال-خۇرام نەشىر ماتېرىياللىرىمىزنى كوچىدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. سىزمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا ۋەز ئېيتىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ باققانمۇ؟ قاتنىشىپ باققان بولسىڭىز، شەك-شۈبھىسىزكى پەندى-نەسىھەت كىتابىدىكى دانالىق مەيدانلاردا كىشىلەرنى ئۆز مەسلىھىتىگە قۇلاق سېلىشقا چاقىرىدۇ دېگەن سۆزلەر ھەققىدە ئويلاندىڭىز (پەندى-نەسىھەت 1:20، 21-نى ئوقۇڭ). مۇقەددەس كىتاب ۋە نەشىرى ماتېرىياللىرىمىزدا «ھەقىقىي دانالىق» بار. بۇ يەھۋادىن كەلگەن دانالىق. كىشىلەر دەل بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق، چۈنكى دانالىق ئۇلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا يېتەكلەيدۇ. بەزى كىشىلەر قولىمىزدىن نەشىرى ماتېرىياللارنى ئالسا، خۇشال بولۇپ كېتىمىز. بىراق، ھەممىسى ئالمايدۇ. بەزىلەر مۇقەددەس كىتابتا نېمە دېيىلگەنلىكىنى بىلىشنى خالىمايدۇ. باشقىلىرى بىزنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن پايدىسى يوق دەپ ئويلايدۇ. يەنە بەزىلەر مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرى ھەققىدىكى تەلىملىرىنى تەنقىد قىلىپ، ئاشۇ ئۆلچەملەر بىلەن ياشىغانلارنى قوپال ۋە تەنقىد قىلىشقا ئامراق كىشىلەر دەپ ئەيىبلەيدۇ. بىراق، يەھۋا مېھرىبانلىق بىلەن داۋاملىق بارچە كىشىلەرگە ئۆز دانالىقىغا ئېرىشىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ. بۇنىڭ بىر قانچە يولىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
2. بۈگۈنكى كۈندە قەيەردىن ھەقىقىي دانالىققا ئېرىشەلەيمىز، بىراق كۆپىنچە ئادەملەر نېمە قىلىشنى تاللايدۇ؟
2 يەھۋانىڭ ھەقىقىي دانالىقنى ئاڭلىتىشىنىڭ بىر يولى — ئۆز سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب. ھەممىلا ئادەم دېگىدەك ئۇ كىتابنى ئوقالايدۇ. ئۇنداقتا، مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەشرى ماتېرىياللىرىمىزچۇ؟ يەھۋانىڭ بەرىكىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز. بىزنىڭ مىڭدىن ئارتۇق تىللاردا نەشىرى ماتېرىياللىرىمىز بار. ئاشۇ قۇلاق سالغانلار، يەنى ئۇلارنى ئوقۇپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىي قوللانغانلار پايدىسىنى كۆرىدۇ. بىراق، كۆپىنچە كىشىلەر ھەقىقىي دانالىقنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشقا سەل قارايدۇ. ئۇلار قارار چىقارغاندا، ئۆز ئەقلىگە تايىنىشنى ياكى باشقا ئىنسانلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىز مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغانلارغا ئەمەل قىلىشنى تاللىساق، ئۇلار ھەتتا بىزنى كۆزگە ئىلماسلىقى مۇمكىن. بۇ ماقالىدە، نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. بىراق، ئاۋۋال يەھۋانىڭ دانالىقىغا قانداق ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.
يەھۋا ھەققىدىكى بىلىم ئەقىل-ئىدراكقا ئېرىشتۈرىدۇ
3. ھەقىقىي دانالىق نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
3 دانالىق بىز بىلىدىغان بىلىم ئاساسىدا توغرا قارارلارنى چىقىرىش قابىلىيىتىدۇر. بىراق، ھەقىقىي دانالىق تېخىمۇ كۆپرەك نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋادىن قورقۇش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر، ئەڭ مۇقەددەس بولغۇچى ھەققىدىكى بىلىم ئەقىل-ئىدراكقا ئېرىشتۈرەر» (پەند. نە 9:10). شۇڭا، بىز مۇھىم قارارنى چىقارغاندا، چوقۇم ئەڭ مۇقەددەس بولغۇچى يەھۋانىڭ ئوي-پىكرىگە ئاساسلىنىپ، قارار چىقىرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتاب ۋە ئۇنىڭغا ئاساسلانغان نەشىر ماتېرىياللىرىمىزنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلساق، ھەقىقىي دانالىققا ئىگە بولغىنىمىزنى كۆرسىتىمىز.—پەندى-نەسىھەت 2:5–7.
4. نېمە ئۈچۈن پەقەت يەھۋا بىزگە ھەقىقىي دانالىقنى بېرەلەيدۇ؟
4 پەقەت يەھۋا بىزگە ھەقىقىي دانالىقنى بېرەلەيدۇ (رىملىقلار 16:27). نېمە ئۈچۈن ئۇ دانالىقنىڭ مەنبەسى؟ بىرىنچىدىن، يەھۋا ياراتقۇچىدۇر ۋە ئۇنىڭ ئۆزى ياراتقان نەرسىلەر ھەققىدە چوڭقۇر بىلىمى بار (زەبۇر 104:24). ئىككىنچىدىن، بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ دانالىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ (رىملىقلار 11:33). ئۈچىنچىدىن، يەھۋانىڭ دانا نەسىھىتى ھەمىشە نەسىھەتكە قۇلاق سالغانلار ئۈچۈن پايدىلىق (پەند. نە 2:10–12). ئەگەر ھەقىقىي دانالىققا ئېرىشمەكچى بولساق، چوقۇم بۇ ئاساسىي ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلىشىمىز ۋە قارار چىقارغاندا ياكى مەلۇم ئىشنى قىلغاندا، شۇ ھەقىقەتلەرنىڭ بىزنى يېتەكلىشىگە يول قويۇشىمىز كېرەك.
5. كىشىلەر پەقەت يەھۋادىن كېلىدىغان ھەقىقىي دانالىقنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغاندا، نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟
5 بىز ۋەز خىزمەتتە ئۇچراتقان نۇرغۇن كىشىلەر ئەتراپىمىزدىكى تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ لايىھىلەنگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بىراق، ئۇلار ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزىرىيىسىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. بىز ئۇچراتقان يەنە بەزىلەر خۇداغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما، ئۇلار مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆلچەم قائىدىلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى دەپ قاراپ، ئۆزى خالىغان يولدا مېڭىشنى تاللايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى؟ ئۇلار خۇداغا ئەمەس، ئۆز ئەقىل-پاراسىتىگە تايانغىنى ئۈچۈن بۇ دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بىر جايغا ئايلاندىمۇ؟ ئۇلار ھەقىقىي خۇشاللىق تاپتىمۇ ياكى كەلگۈسى ئۈچۈن ئىشەنچىلىك ئۈمىدكە ئېرىشتىمۇ؟ ئەتراپىمىزغا قارىساق، مۇنۇ سۆزلەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە قايىل بولىمىز: «يەھۋاغا قارشى تۇرالايدىغان ھېچقانداق دانالىق، ئەقىل-ئىدراك ۋە مەسلىھەت يوقتۇر» (پەند. نە 21:30). بۇ بىزنى داۋاملىق يەھۋادىن ھەقىقىي دانالىقنى سوراشقا دەۋەت قىلىدۇ. ناھايىتى ئەپسۇس، كۆپىنچە كىشىلەر شۇنداق قىلمايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟
كىشىلەر ھەقىقىي دانالىقنى رەت قىلىدۇ
6. پەندى-نەسىھەت 1:22–25-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، قانداق كىشىلەر دانالىقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماسلىققا سېلىۋالىدۇ؟
6 كوچىدا ھەقىقىي دانالىق توۋلاۋاتسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئاڭلىماسلىققا سېلىۋالىدۇ. مۇقەددەس كىتاب، دانالىقنى رەت قىلىدىغان ئۈچ تۈرلۈك ئىنسانلار بار،— دەيدۇ. «جاھىللار»، «مەسخىرە قىلغۇچىلار» ۋە «نادانلار» (پەندى-نەسىھەت 1:22–25-نى ئوقۇڭ). ئۇنداقتا، مۇنداق كىشىلەرنىڭ خۇدادىن كەلگەن دانالىقنى رەت قىلىشىغا نېمە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلاردەك بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن نېمىدىن قېچىشىمىز كېرەكلىكىنى تەپسىلىيرەك كۆرۈپ باقايلى.
7. نېمىشقا بەزىلەر جاھىل بولۇپ قېلىشنى تاللايدۇ؟
7 «جاھىللار» بولسا، ئاسانلا ئىشىنىدىغان ياكى ئالدىنىپ قالىدىغان نادان كىشىلەر (پەند. نە 14:15). بىز ۋەز خىزمەتتە دائىم مۇنداق كىشىلەرنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن، دىنىي ياكى سىياسىي رەھبەرلەر تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ كېتىۋاتقان مىليونلارچە ئىنسانلارنى ئويلاپ كۆرۈڭ. بەزىلەر ئاشۇ رەھبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئالدىغانلىقىنى بىلگەندە، قاتتىق چۆچۈپ كېتىدۇ. بىراق، پەندى-نەسىھەت 1:22-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر ئۆز جاھىللىقىدا قېلىشنى تاللايدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنى ياخشى كۆرىدۇ (يەرەم. 5:31). ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خاھىشىغا ئەگىشىشنى ياقتۇرىدۇ ۋە مۇقەددەس كىتابنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئۆگىنىشنى ياكى ئۇنىڭ ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىشنى خالىمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر كانادانىڭ كۋېبېك شەھەردىكى بىر ئىخلاسمەن دىندار ئايالغا ئوخشاش ھېس قىلىشىدۇ. ئۇ ئايال ئىشىكى ئالدىغا كەلگەن گۇۋاھچىغا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر دىنىي رەھبىرىمىز بىزنى ئازدۇرغان بولسا، ئۇ بىزنىڭ خاتالىقىمىز ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ خاتالىقى». بىز ھەرگىزمۇ شۇنداق قەستەن جاھىللىق قىلىدىغان كىشىلەردەك بولۇپ قېلىشنى خالىمايمىز.—پەند. نە 1:32؛ 27:12.
8. دانالىققا ئېرىشىشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
8 مۇقەددەس كىتاب بىزنى جاھىل بولماي، بەلكى ئەقىل-ئىدراكتا يېتىلگەن كىشى بولۇشقا ئۈندەيدۇ (1-كورىنت. 14:20). بۇنىڭ نۇرغۇن ياخشى سەۋەبلىرى بار. بىز مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى ھاياتىمىزدا قوللىنىش ئارقىلىق ھەقىقىي دانالىققا ئېرىشەلەيمىز. ئەگەر شۇنداق قىلساق، مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاۋارىچىلىقلاردىن خالى بولۇپ، دانا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. چىقارغان قارارلىرىمىزنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرىشىمىز كېرەك. ئەگەر سىز خېلىلا بىر مەزگىل مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن ۋە يىغىلىشلارغا قاتناشقان بولسىڭىزمۇ، تېخى ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلىمىغان ۋە چۆمۈلدۈرۈلمىگەن بولسىڭىز، ئۆزىڭىزدىن نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەمنى باسمىغانلىقىڭىز ھەققىدە سوراپ كۆرۈڭ. ئەگەر سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن بولسىڭىز، خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش ۋە ياخشى تەلىم بەرگۈچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتامسىز؟ قارارلىرىڭىز مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا ئەگىشىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسىتەمدۇ؟ باشقىلارغا مۇئامىلە قىلغاندا، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە خاس پەزىلەتلەرنى كۆرسىتىۋاتامسىز؟ ئەگەر ئۆزگەرتىدىغان تەرەپلىرىڭىز بارلىقىنى بايقىسىڭىز، نادانلارنى دانا قىلىدىغان يەھۋانىڭ ئەسكەرتىشلىرىگە دىققەت قىلىڭ.—زەبۇر 19:7.
9. مەسخىرە قىلغۇچىلار دانالىقنى رەت قىلغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
9 ئىككىنچى تۈرلۈك كىشىلەر بولسا، خۇدادىن كەلگەن دانالىققا سەل قارايدىغان مەسخىرە قىلغۇچىلاردۇر. بەزى ۋاقىتلاردا، بىز ۋەز خىزمەتتە ئۇنداق كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ قالىمىز. ئۇلار باشقىلارنى زاڭلىق قىلىشقا ئامراق (زەبۇر 123:4). مۇقەددەس كىتاب ئاخىرقى زاماننىڭ كۈنلىرىدە مەسخىرە قىلغۇچىلارنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان (2-پېتر. 3:3، 4). خۇددى ھەققانىي كىشى لۇتنىڭ كۈيئوغۇللىرىدەك بەزى ئىنسانلار بۈگۈنكى كۈندە خۇدادىن كەلگەن ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالمايدۇ (يارىت. 19:14). نۇرغۇنلىرى مۇقەددەس كىتابتىكى قانۇنلارغا بويسۇنۇپ ياشاۋاتقانلارنى زاڭلىق قىلىپ كۈلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىشنى خالايدۇ (يەھۇدا 7، 17، 18). مۇقەددەس كىتابتا مەسخىرە قىلغۇچىلار بەزى سۆز-ئىبارىلەر بىلەن تەسۋىرلەنگەن. ئاشۇ ئىپادىلەر ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرگەن ۋە يەھۋانى رەت قىلغانلارغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ!
10. زەبۇر 1:1-ئايەتتە ئېيتىلغاندەك، مەسخىرە قىلغۇچىلارنىڭ يولىدا مېڭىپ قېلىشتىن ئۆزىمىزنى قانداق ساقلىيالايمىز؟
10 قانداق قىلغاندا، بىز مەسخىرە قىلغۇچىلارنىڭ يولىدا مېڭىپ قېلىشتىن ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز؟ بىر يولى — باشقىلارنى تەنقىد قىلىپ يۈرىدىغانلار بىلەن ئارىلىشىشتىن ساقلىنىش (زەبۇر 1:1-نى ئوقۇڭ). دېمەك، بىز ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرگەنلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايمىز ياكى يازغانلىرىنى ئوقۇمايمىز. ئېھتىيات قىلمىساق، ئاسانلا تەنقىد قىلىشقا ئامراق روھنى يېتىلدۈرۈپ، يەھۋانىڭ تەشكىلاتى بەرگەن كۆرسەتمىلەردىن ياكى يەھۋادىن گۇمانلىنىشقا باشلىشىمىز مۇمكىن. مۇشۇنداق يولغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆز-ئۆزىمىزدىن مۇنداق دەپ سوراپ كۆرسەك بولىدۇ: بىز يېڭى يول-يورۇقلارنى ياكى چۈشەندۈرۈشلەرنى ئاڭلىغاندا، مەن دائىم ئاغرىنىپ يۈرىمەنمۇ؟ يېتەكچىلىك قىلىدىغان قېرىنداشلاردىن خاتالىق ئىزدەپ يۈرىمەنمۇ؟ ئۆزىمىزدىكى مۇنداق خاھىشلارنى دەرھال تۈزەتسەك، يەھۋا بىزدىن خۇرسەن بولىدۇ.—پەند. نە 3:34، 35.
11. نادانلار يەھۋانىڭ ئەخلاق-ئۆلچەملىرىگە قانداق قارايدۇ؟
11 ئۈچىنچى تۈردىكى كىشىلەر بولسا، دانالىقنى رەت قىلىدىغان نادانلار. ئۇلار نادان كىشىلەر، چۈنكى يەھۋانىڭ ئەخلاق ئۆلچەم-قائىدىلىرىگە ماس ياشاشنى رەت قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز كۆزىدە توغرا دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلىدۇ (پەند. نە 12:15). دانالىقنىڭ مەنبەسى بولغان يەھۋانى رەت قىلىدۇ (زەبۇر 53:1). بىز ۋەز خىزمەتتە ئۇلارنى ئۇچراتقاندا، مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆلچەملىرىنى ھۆرمەتلىگىنىمىز ئۈچۈن، ئۇلار دائىم قوپاللىق بىلەن بىزنى تەنقىد قىلىدۇ. بىراق، ئۇلار بىزنىڭ ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن مەسلىھەت بېرەلمەيدۇ. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «ئەخمەق ھەقىقىي دانالىققا قول يەتكۈزەلمەس، شەھەر دەرۋازىسىدا بىر ئېغىز سۆز قىلالماس» (پەند. نە 24:7). ئەخمەقلەرنىڭ ئېيتالىغۇدەك ھەقىقىي دانا سۆزلىرى يوق. شۇڭا، يەھۋانىڭ بىزنى ئەخمەقلەردىن يىراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.—پەند. نە 14:7.
12. نادانلارنىڭ يولىدا مېڭىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
12 بىز خۇدادىن كەلگەن نەسىھەتنى ئۆچ كۆرىدىغان كىشىلەرگە ئوخشىمايمىز. ئەكسىنچە، خۇدانىڭ بارلىق قانۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرىنى سۆيۈشنى ئۆگىنىمىز. سىز ئىتائەتچانلىق بىلەن ئىتائەتسىزلىكنىڭ قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆز سۆيگىڭىزنى كۈچەيتەلەيسىز. نادانلارچە يەھۋانىڭ دانا مەسلىھەتلىرىنى رەت قىلىپ، ئۆز بېشىغا قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرگەنلەرنى كۆزىتىپ بېقىڭ. ئاندىن كېيىن، خۇداغا ئىتائەت قىلغىنىڭىز ئۈچۈن، ھاياتىڭىزنىڭ قانچىلىك ياخشى بولغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.—زەبۇر 32:8، 10.
13. يەھۋا ئۆزىنىڭ دانا نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىشقا بىزنى زورلامدۇ؟
13 يەھۋا ھەممە ئادەمگە دانالىققا ئېرىشىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ. بىراق، ھېچكىمنى ئۇنى قوبۇل قىلىشقا زورلىمايدۇ (پەند. نە 1:29–32). ئۇ دانالىققا قۇلاق سالمايدىغانلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن. يەھۋاغا ئىتائەت قىلماسلىقنى تاللىغانلار، قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئاچچىق مېۋىسىنى يەيدۇ. ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلى ئۆزلىرىگە ئازاب-ئوقۇبەت، قىيىنچىلىق ۋە ئاخىرىدا ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، يەھۋانىڭ دانا مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سالغانلار ۋە ئۇنى ھاياتىدا ئەمەلىي قوللانغانلار ياراتقۇچىنىڭ مۇنۇ ۋەدىسىگە ئېرىشىدۇ: «ماڭا قۇلاق سالغان كىشى بىخەتەر ياشايدۇ، پالاكەتنىڭ ۋەھىمىسىدىن قورقماي، تىنچ-خاتىرجەم بولىدۇ».—پەند. نە 1:33.
ھەقىقىي دانالىق بىز ئۈچۈن پايدىلىق
14، 15. پەندى-نەسىھەت 4:23-ئايەتتىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟
14 خۇدانىڭ دانالىقىنى قوللانساق، چوقۇم پايدىسىنى كۆرىمىز. كۆرۈپ چىققىنىمىزدەك، يەھۋانىڭ دانا مەسلىھەتلىرىگە ئېرىشىش ئاسان. مەسىلەن، پەندى-نەسىھەت كىتابىدا يېزىلغان بارچە ھېكمەتلىك سۆزلەر ھېچقاچان كونىراپ قالمايدۇ. ئۇلارنى ھاياتىمىزدا ئەمەلىي قوللانساق، تۇرمۇشىمىز ياخشىلىنىدۇ. ھازىر تۆت مەسلىھەتنى كۆرۈپ باقايلى.
15 قەلبىڭىزنى قوغداڭ. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق نەرسىدىن بەكرەك چىڭ قوغدىغىن قەلبىڭنى، چۈنكى ئۇ ھاياتلىقنىڭ بۇلىقى» (پەند. نە 4:23). ئادەتتە ئۇدۇل مەنىدىكى يۈرىكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. ساغلام يېمەكلىكلەرنى يەپ، يېتەرلىك چېنىقىشىمىز ۋە ناچار ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇشىمىز لازىم. شۇنىڭغا ئوخشاش، قەلبىمىزنى قوغداش ئۈچۈنمۇ بەزى ئىشلارنى قىلىمىز. ھەر كۈنى خۇدانىڭ سۆزى بىلەن ئوزۇقلىنىپ، جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا تەييارلىق قىلىمىز ۋە ئۇلارغا قاتنىشىمىز. دائىم ۋەز خىزمەتكە قاتنىشىپ، قىزغىنلىقىمىزنى ساقلايمىز. بىز يەنە ئەخلاقسىز كۆڭۈل ئېچىش ۋە يامانلار بىلەن دوست بولۇشتەك ئوي-پىكرىمىزنى چىرىكلەشتۈرىدىغان ھەرقانداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزىمىزدە ناچار ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈشتىن ساقلىنىمىز.
16. نېمە ئۈچۈن پەندى-نەسىھەت 23:4، 5-ئايەتلەردىكى نەسىھەتلەر بىز ئۈچۈن پايدىلىق؟
16 ئۆزىڭىزدە بارىغا قانائەت قىلىڭ. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: «باي بولىمەن دەپ ئۆزۈڭنى چارچاتما، . . . يوق نەرسىگە كۆز تاشلىمىغىن، چۈنكى بايلىق قانات چىقىرىپ، بۈركۈتتەك ئاسمانغا ئۇچۇر كېتەر» (پەند. نە 23:4، 5). كىشىلەر ناھايىتى ئاسانلا پۇل ۋە مال-مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. مەيلى قانداق بولمىسۇن، بۈگۈنكى كۈندە بايلارمۇ، نامراتلارمۇ پۇل تېپىشقا بېرىلىپ كەتتى. شۇڭا، ئۇلار دائىم ئۆز نام-ئابرويىغا، كىشىلىك مۇناسىۋىتىگە، ھەتتا سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىشىۋاتىدۇ (پەند. نە 28:20؛ 1-تىموت. 6:9، 10). ئەمما، دانا بولساق، پۇل ۋە مال-دۇنياغا قارىتا توغرا كۆز قاراشنى ساقلايمىز. بۇنداق كۆز قاراش بىزنى ئاچكۆزلۈكتىن قوغدايدۇ ۋە قولىمىزدا بارىغا قانائەت قىلىپ، خۇشال-خۇرام ياشىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.—ۋەز 7:12.
17. پەندى-نەسىھەت 12:18-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغاندەك، «دانانىڭ تىلى»غا قانداق ئېرىشەلەيمىز؟
17 گەپ قىلىشتىن بۇرۇن ئويلىنىڭ. ئېھتىيات قىلمىساق، سۆزلىرىمىز باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىشى مۇمكىن. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «ئويلانمايلا قىلغان سۆز خۇددى قىلىچ سانجىغاندەك بولار، لېكىن دانانىڭ تىلى شىپادۇر» (پەند. نە 12:18). باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرى توغرىسىدا غەيۋەت قىلىشتىن ساقلانساق، ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلايمىز (پەند. نە 20:19). ئەگەر سۆزلىرىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشىنى ئەمەس، بەلكى شىپا بولۇشىنى خالىساق، چوقۇم قەلبىمىزنى خۇدانىڭ سۆزى بىلەن تولدۇرۇشىمىز كېرەك (لۇقا 6:45). مۇقەددەس يازمىلارنىڭ نېمە دېگەنلىكى ھەققىدە ئويلانساق، سۆزلىرىمىز باشقىلارغا تەسەللى ۋە ئىلھام-مەدەتلەرنى «دانالىق بۇلىقى»غا ئايلىنالايدۇ.—پەند. نە 18:4.
18. پەندى-نەسىھەت 24:6-ئايەتنى ئەمەلىي قوللىنىش ۋەز خىزمەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
18 يول-يورۇققا بويسۇنۇڭ. مۇقەددەس كىتابتا شۇنداق پايدىلىق نەسىھەتلەر يېزىلغان: «دانا يول-يورۇقلارغا تايىنىپ جەڭ قىلغىن، مەسلىھەتچىلەر كۆپ بولسا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسەن» (پەند. نە 24:6). بۇ ئايەتتىكى پرىنسىپ، ياخشىراق ۋەز ئېيتقۇچىلار ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر بولۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ ئۆز ئەقلىمىزگە تايىنىپ، ۋەز قىلىش ۋە تەلىم بېرىشنىڭ ئورنىغا، بېرىلگەن يول-يورۇقلارغا بويسۇنۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. ئىبادەت يىغىلىشلىرىدا تەجرىبىلىك مەسلىھەتچىلەر بىزنى تەربىيىلەش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نۇتۇقلارنى ئېيتىدۇ ۋە ئۈلگىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەھۋانىڭ تەشكىلاتى كىشىلەرنىڭ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرەلەيدىغان ئۈنۈملۈك قوراللار، يەنى كىتاب-ژۇرناللار، ۋاراقچىلار ۋە فىلىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ قوراللارنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشنى ئۆگىنىڭ.
19. يەھۋانىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىگە قانداق قارايسىز؟ (پەندى-نەسىھەت 3:13–18)
19 پەندى-نەسىھەت 3:13–18-نى ئوقۇڭ. خۇدا سۆزىدىن تېپىلغان پايدىلىق نەسىھەتلەر ئۈچۈن بىز تولىمۇ مىننەتدارمىز! يەھۋانىڭ دانا نەسىھەت سۆزلىرى بولمىغان بولسا، ھاياتىمىزدا خۇشاللىق تاپالمىغان بولاتتۇق. بۇ ماقالىدە، پەندى-نەسىھەت كىتابىدىن تېپىلغان دانا مەسلىھەتلەردىن بەزىلىرىنى كۆرۈپ چىقتۇق. ئەلۋەتتە، پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلار يەھۋانىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن تولغان. بىز چوقۇم ھاياتىمىزنىڭ ھەربىر ساھەسىدە ئۇنىڭ دانا مەسلىھىتىگە تايىنىشقا بەل باغلايلى. بۇ دۇنيانىڭ خۇدادىن كەلگەن دانالىققا قانداق كۆزقاراشتا بولۇشى بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. نۇرغۇن كىشىلەر ھەقىقىي دانالىقنى قەدىرلىمەيدۇ. بىراق، بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، «[دانالىقنى] مەھكەم تۇتقانلار بەختلىك دەپ ئاتىلار».
52-ناخشا قەلبىڭنى چىڭ قوغدا!
a يەھۋانىڭ ئەقىل-پاراسىتى بۇ دۇنيا تەمىنلەيدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن كۆپ ئەۋزەل. ھازىر پەندى-نەسىھەت كىتابىدىكى شەھەر مەيدانىدا دانالىق يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىماقتا دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى مۇھاكىمە قىلىمىز. بىز ھەقىقىي دانالىققا قانداق ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى، نېمە ئۈچۈن بەزىلەرنىڭ دانالىققا قۇلاق سالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالساق، قانداق پايدىسىنى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.