1922 — يۈز يىل ئىلگىرى
«بىزنى ... ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق غەلبىگە ئېرىشتۈرىدىغان خۇدا» (1-كورىنتلىقلار 15:57؛ پادىشاھ ياقۇپ تەرجىمىسى). بۇ ئايەت، 1922-يىللىق ئايەت سۈپىتىدە تاللانغان ۋە ساداقەتمەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مۇكاپاتسىز قالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئاشۇ يىلى، يەھۋا قىزغىن ۋەز ئېيتقۇچىلارنى بەرىكەتلىگەن. ئۇلار كىتابلارنى ئۆزلىرى بېسىپ چىقارغان ۋە پادىشاھلىق توغرىسىدا خۇش خەۋەرنى جاكارلاش ئۈچۈن رادىئونى قوللىنىشقا باشلىغان. 1922-يىلنىڭ ئاخىرىدا، يەھۋا ئۆز خەلقىنى بەرىكەتلەۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق كۆرسەتكەن. مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى سىدار-پوينتتا شەھىرىدە (ئوخايو، ئا.ق.ش) ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىشتا جەم بولغان. شۇ چوڭ يىغىلىش يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە بۈگۈنكى كۈنگىچە تەسىر قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
«ئاجايىپ ياخشى ئوي-پىكىر»
ۋەز ئېيتىشقا قاتناشقان قېرىنداشلار كۆپەيگەنسېرى، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ كىتاب-ژۇرناللارغا مۇھتاج بولغان. برۇكلىن بەيتەلدە بۇرادەرلەر كىتاب-ژۇرناللارنى نەشىر قىلاتتى. لېكىن، كىتابلارنىڭ قاتتىق تاشلىق مۇقاۋىسىنى بېسىپ چىقىرىش ئۈچۈن باشقا شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلاشقان. كېيىنرەك، شىركەتلەر ۋاقتى-ۋاقتىدا ۋەز خىزمىتىمىزدە ئېھتىياجلىق كىتابلارنى بېسىپ يەتكۈزۈپ بېرىلمىگەچ، رۇتېرفورد باسمىخانىغا مەسئۇل بۇرادەر مارتىنغا كىتابلارنى ئۆزىمىز بېسىپ چىقىرايلى دېگەن ئىدى.
بۇرادەر مارتىن ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «ئاجايىپ ياخشى ئوي-پىكىر، ئۇنداق بولسا باسمىخانىنى قورۇپ چىقىش ئۈچۈن بىرقانچە تۈرلۈك ئۈسكىنە-ماشىنلار بولۇشى كېرەك». بۇرادەرلەر برۇكلىندىكى كونكورد كوچىسى 18-نومۇرلۇق قورونى ئىجارىگە ئېلىپ، كېرەكلىك ھەممە نەرسىلەرنى سېتىۋالغان.
ئۆزىمىزنىڭ باسمىخانىسى بولغىنىغا ھەممىلا ئادەم خۇشال بولمىغان. بۇرۇن بىزگە كىتابلارنى بېسىپ چىقىرىدىغان شىركەتنىڭ باشلىقى يېڭى باسمىخانىمىزغا كېلىپ مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا ئەڭ ياخشى باسما ئۈسكىنلىرى بار، لېكىن ھېچكىم ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ. شۇڭا، ئالتە ئايدا ئۇلار ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ».
بۇرادەر مارتىن مۇنداق دېگەن: «قارىماققا، ئۇنىڭ سۆزلىرى توغرا. لېكىن، بىز يەھۋانىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئۇ ئىلگىرىمۇ ياردەم بەرگەن». بۇرادەر مارتىننىڭ بۇ سۆزلىرى توغرا بولۇپ چىققان. كۆپ ئۆتمەي يېڭى باسمىخانىدا ھەر كۈنى 2000 پارچە كىتاب بېسىپ چىقىرىلغان.
رادىئو ئارقىلىق مىڭلىغان ئادەملەر خۇش خەۋەرنى ئاڭلىماقتا
يەھۋانىڭ خەلقى كىتاب-ژۇرناللارنى بېسىپ چىقىرىپلا قالماي، يېڭى ئۇسۇلدا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە، يەنى
رادىئو ئارقىلىق ۋەز قىلىشقا باشلىغان. 1922-يىلى 26-فېۋرال، يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن بۇرادەر رۇتېرفورد بىرىنچى قېتىم رادىئو نۇتۇقىنى ئېيتقان. ئۇ ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانجېلېس شەھىرىدىكى رادىئو ئىستانىسىدا (KOG) «ھازىر ياشاۋاتقان مىليونلىغان ئىنسانلار ھېچ قاچان ئۆلمەيدۇ» ناملىق نۇتۇقنى ئېيتقان.بۇ پروگراممىنى 25000 مىڭچە كىشى تىڭشىغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى نۇتۇق ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، خەتلەرنى يازغان. ئۇلاردىن بىرى سانتا-ئاننا شەھىرىدە ياشايدىغان ۋىليارد ئاشفوردا ئىدى. ئۇ رۇتېرفوردنى قىزىقارلىق نۇتىقى ئۈچۈن ماختىغان. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازغانىدى: «ئۆيۈمىزدە ئۈچ ئاغرىق كىشى بار. رادىئو بولمىغان بولسا، نۇقىتىڭىزنى ئاڭلاش مۇمكىنچىلىكىمىز بولمايتتى. ھەتتا يېقىن بىر قورودا نۇتۇق ئېيتقان بولسىڭىزمۇ، شۇ يەرگە بارالمايتتۇق».
كېيىنكى ھەپتىلەردىمۇ، يېڭى رادىئو نۇتۇقلىرى ئاڭلىتىلغان. يىل ئاخىرىدا، «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىدا، خۇش خەۋەرنى رادىئو ئارقىلىق تىڭشىغان كىشىلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 300000 بولغانلىقى يېزىلغان.
شۇنداق ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرۈپ، مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلار برۇكلىن بەيتەلدىن ئانچە يىراق بولمىغان سىتېيتىن ئارىلىدا رادىئو ئىستانىسىنى سېلىشنى قارار قىلغان. كېيىنكى يىللىرى، ئۇلار خۇش خەۋەرنى تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە جاكارلاش ئۈچۈن، WBBR دەپ ئاتىلىدىغان بۇ رادىئو ئىستانىسىنى ئىشلەتمەكچى بولغان.
ADV
«كۈزىتىش مۇنارى»، 1922-يىل، 15-ئىيۇن سانىدا، سىدار-پوينت شەھىرىدە (ئوخايو شتاتى) چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئېلان بولغان. بۇ چوڭ يىغىلىش 1922-يىلى، 5–13-سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىشى كېرەك ئىدى. قېرىنداشلار بۇ يىغىلىشقا كەلگەندە، ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ، شاد-خۇراملىققا چۆمگەن.
بۇرادەر رۇتېرفورد كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ يىغىلىشنى خۇدانىڭ چوقۇم بەرىكەتلەيدىغانلىقىغا ۋە تارىختا ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن گۇۋاھلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل». بۇ چوڭ يىغىلىشتا ئېيتىلغان نۇتۇقلاردا ۋەز قىلىشقا دەۋەت قىلىنغان.
كېيىن 8-سېنتەبىر، جۈمە كۈنى تەخمىنەن 8000 ئادەم جەم بولۇپ، بۇرادەر رۇتېرفوردنىڭ نۇتۇقىنى كۈتكەن. ئۇلار تەكلىپنامىدە يېزىلغان «ADV» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى،
بۇرادەرنىڭ چۈشەندۈرۈپ بېرىىشنى كۈتكەنىدى. تىڭشىغۇچىلار ئۆز ئورنىغا ئولتۇرغاندا، نۇرغۇنلىرى سەھنىنىڭ ئۈستىدە يۆگەپ قويۇلغان بىر يۆگەم رەختنى بايقىغان. تۇلسا (ئوكلاخوما، ئا.ق.ش) شەھىرىدىن كەلگەن ئارتۇر كلائۇس نۇتۇقنى ياخشى ئاڭلايدىغان يەرنى تېپىۋالىغانىدى. شۇ زامانلاردا ھېچقانداق ئاۋاز كۈچەيتىش ئۈسكىنىلىرى بولمىغان.«بىز ناتىقنىڭ ھەربىر سۆزىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىدۇق»
ھېچكىمنىڭ نۇتۇققا دەخلى قىلماسلىقى ئۈچۈن، چوڭ يىغىلىشنىڭ رىياسەتچىسى كېچىكىپ كەلگەنلەرنىڭ زالغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئەتىگەن سائەت توققۇز يېرىمىدا بۇرادەر رۇتېرفورد نۇتۇقىنى، مەتتا 4:17-ئايەتتىكى (پادىشاھ ياقۇپ تەرجىمىسى) «ئاسمان پادىشاھلىقى يېقىنلاشتى» دېگەن ئەيسانىڭ سۆزلىرى بىلەن باشلىغان. پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى ئادەملەرنىڭ قانداق ئاڭلايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەيسا ئۆزى ئېيتقاندەك، ئۇ ھازىر بولىدىغان ۋاقىتتا، مول-ھوسۇل يىغىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەقىقىي ۋە سادىق شاگىرتلىرىنى يىغىدىغانلىقىنى ئېيتقان».
ئاساسىي يىغىلىش زالىدا ئولتۇرغان ئارتۇر كلائۇس «ناتىقنىڭ ھەربىر سۆزىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىدۇق»،— دەيدۇ. بىراق، ئارتۇر تۇيۇقسىزلا ئۆزىنى ئەسكى ھېس قىلىپ، زالدىن چىقىپ كېتىشكە توغرا كەلگەن. شۇنداقتىمۇ ئۇ زالدىن چىقىپ كېتىشىنى خالىمىغان، چۈنكى قايتىدىن كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەن.
بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىن، ئارتۇر ئۆزىنى ياخشىراق ھېس قىلىپ، زالغا قايتىپ ماڭغاندا، تىڭشىغۇچىلارنىڭ چاۋاك چېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان. بۇ ئۇنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرغان. ئارتۇر بۇ ئاجايىپ نۇتۇقنى ئاخىرغىچە تىڭشاشنى قارار قىلىپ، ئۆگزىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغان. ئۇ 23 ياشتا ئىدى، شۇڭا ئۆگزىگە چىقىۋېلىشنىڭ ئامىلىنى ئاسانلا تاپقان ئىدى. ئۇ ئوچۇق دېرىزىگە يېقىنلىشىپ، نۇتۇقنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئاڭلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.
بىراق، ئۆگزىدە ئۇنىڭ دوستلىرى بار ئىدى. ئۇلاردىن بىرى فرانك جونسون ئۇنىڭغا يېنىغا كېلىپ: «سەندە ئۆتكۈر پىچاق بارمۇ؟»— دەپ سورىغان.
ئارتۇر: «ھەئە، بار»،— دېگەن.
a سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلا. ئۇ «جاكارلاڭلار، جاكارلاڭلار» دەپ ئېيتقاندا، بۇ تۆت ئارغامچىنى كېسىۋېتىش كېرەك».
بۇرادەر فرانك ئارتۇرغا مۇنداق دېگەن: «سەن دۇئايىمىزغا جاۋاب بولدۇڭ، مۇنۇ يوغان يۆگەلگەن رەختنى كۆرۈۋاتامسەن؟ ئۇ مۇشۇ مىخلارغا باغلانغان. سوتچىنىڭقولىدا پىچاق تۇتقان ئارتۇر ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى رۇتېرفوردنى دىققەت بىلەن تىڭشاپ، ئارغامچىنى كېسىدىغان ۋاقىتنى كۈتكەن. كۆپ ئۆتمەي رۇتېرفورد نۇتۇقنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىمىنى ئېيتىشقا باشلىغان. رۇتېرفورد ھاياجان بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ مۇنداق دېگەن: «خۇدانىڭ سادىق ۋە ھەقىقىي گۇۋاھچىلىرى بولۇڭلار. بابىلون پۈتۈنلەي ۋەيران بولغىچە، كۈرەش قىلىپ ئالغا بېسىڭلار؛ خۇش خەۋەرنى ھەممە يەردە جاكارلاڭلار؛ يەھۋانىڭ ھەق خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئەيسا مەسىھ پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە ھۆكۈمرانلارنىڭ ھۆكۈمرانى ئىكەنلىكىنى مۇشۇ دۇنيا بىلىشى كېرەك. بۇ تارىختىكى مۇھىم بىر كۈن. مانا، پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا! بىز ئۇنىڭ ۋەكىلى. شۇڭا، پادىشاھنى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلاڭلار، جاكارلاڭلار، جاكارلاڭلار!»
ئارتۇر ئېيتىپ بەرگەندەك، ئۇ ۋە باشقا بۇرادەرلەر بىلەن ئارغامچىلارنى كەسكەن ۋە شۇ رەخت چىرايلىق ئېچىلىپ چۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن، ناتىق ADV ھەرىپلىرى بولسا، «پادىشاھنى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلاڭلار!» دېگەن سۆزلەرنىڭ قىسقارتمىسى دەپ چۈشەندۈرگەن.
مۇھىم تاپشۇرۇق
سىدار-پوينتتا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىش قېرىنداشلارنى دىققىتىنى پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى ۋەز قىلىشقا قارىتىشقا دەۋەت قىلغان. بۇ تاپشۇرۇقنى ئورۇنلاشقا تەييار بولغان قېرىنداشلار خۇشاللىق بىلەن ۋەز قىلىشقا كىرىشىپ كەتكەن. ئوكلاخومادا (ئا.ق.ش) پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان بىر بۇرادەر مۇنداق دېگەن: «بىز ۋەز قىلغان رايوندا كۆمۈر كان ئىشچىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار بەكمۇ نامراتلىق ئىچىدە كۈن كەچۈرەتتى». ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەملەر «ئالتۇن دەۋىر» ژۇرنىلىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندا كۆز يېشى قىلغان. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ قوشۇپ قويغان: «ئادەملەرگە تەسەللى بېرىش — چوڭ بىر بەرىكەت».
مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى، لۇقا 10:2-ئايەتتىكى ئەيسانىڭ «مول-ھوسۇل ھەقىقەتەن كۆپ، لېكىن ئىشچىلار ئاز» دېگەن سۆزلىرىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنىدى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇلار پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ھەممە يەردە ۋەز قىلىشقا بەل باغلىغان.
a بۇرادەر رۇتېرفوردنى بەزى ۋاقىتلاردا «سوتچى» دەپ ئاتىغان، چۈنكى بەزىدە ئۇ مىسسۇرى (ئا.ق.ش) شەھىرىدە ئالاھىدە سوتچى بولۇپ ئىشلىگەن.