ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
ئىسرائىللارنىڭ چۆلدە ماننا ۋە بۆدۈنىدىن باشقا يەيدىغان نەرسىلىرى بولغانمۇ؟
ىسرائىللار 40 يىل چۆلدە يۈرگەندە، ماننا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى بولغان (چىق. 16:35). يەھۋا يەنە ئىككى قېتىم ئۇلارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن بۆدۈنىلەرنى ئەۋەتكەن (چىق. 16:12، 13؛ سانلار 11:31). ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىللار باشقا بەزى يېمەكلىكلەرنىمۇ يېگەن ئىدى.
مەسىلەن، يەھۋا بەزىدە ئۆز خەلقىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، «دەم ئالىدىغان» جايغا باشلاپ بارغان ۋە ئۇلار ئۇ يەردىن سۇ ۋە يېمەكلىك تاپالىغان (سانلار 10:33). ئاشۇ جايلاردىن بىرى ئېلىم بوستانلىقى بولۇپ، «ئۇ يەردە 12 بۇلاق ۋە 70 تۈپ خورما دەرىخى بار ئىدى» (چىق. 15:27). «مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئۆسۈملۈكلەر» ناملىق كىتاب شۇنداق دەيدۇ: «خورما پالمىسىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، چۆلدە ئاساسلىق يېمەكلىك ھېسابلىنىدىغان مېۋىلىك دەرەخ، مىليونلىغان كىشىلەرنى ياغ ۋە يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەتتا ئۇلارغا قۇياش نۇرى ۋە يامغۇردىن دالدا جاي بولىدۇ».
ئىسرائىللار بۈگۈنكى كۈندە پاران دەپ ئاتالغان بوستانلىقتا توختاپ، چېدىرلىرىنى تىككەن بولۇشى مۇمكىن a. كۆلەمى كەڭ پاران ۋادىسىنىڭ بىر قىسىمى شۇ بوستانلىق ئىدى. «مۇقەددەس كىتابتىكى جايلارنى بايقاش» ناملىق كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ ۋادا ياكى دەريا ۋادىسى 130 كىلومېتىرغا سوزۇلغان، سىناي رايونىدىكى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ داڭلىق ۋادىلاردىن بىرى بولغان. بۇ ۋادىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن تەخمىنەن 45 كىلومېتر يىراقلىقتىكى جايدا 8.4 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققا سوزۇلغان، چىرايلىق خورمىزارلىقتىن شەكىللەنگەن. پاران بوستانلىقىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 610 مېتر كېلىدۇ. ئۇ سىنايدىكى ئېرەم بېغى. مىڭلىغان خورما دەرىخى قەدىمقى دەۋرلەردىن باشلاپ، كىشىلەرنى بۇ بوستانلىققا كېلىپ ماكانلىشىشقا جەلپ قىلغان».
ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، خېمىرنى، خېمىر يۇغۇرىدىغان قاچىلارنى، بەلكىم بىر قىسىم ئاشلىق دانلىرى ۋە ياغلارنى ئۆزلىرى بىلەن ئېلىۋالغان. ئەلۋەتتە، كۆپ ئۆتمەي بۇ ئېلىۋالغانلىرىنى يەپ تۈگەتكەن. ئۇلار يەنە نۇرغۇن چارۋا-ماللارنى ھايداپ ماڭغان ئىدى (چىق. 12:34–39). بەلكىم، چۆلدە شارائىت ناچار بولغاچقا، چارۋا-ماللارنىڭ سانى ئازىيىپ كەتكەن؛ بەزىلىرىنى ئىسرائىللار يېگەن، يەنە بەزىلىرىنى يەھۋاغا قۇربانلىق سۇنغان، ھەتتا ساختا ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلغان b (ئەلچى. 7:39–43). ئەمما، ئىسرائىللار چارۋا-ماللارنى بېقىپ، ئۇلارنىڭ سۈتىنى ئىچكەن ۋە ئاندا-ساندا گۆشىنى يېگەن. بۇنى بىز خۇدانىڭ ساداقەتسىزلىك قىلغان خەلققە ئېيتقان سۆزلىرىدىن كۆرۈۋالالايمىز: «سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار 40 يىل چۆلدە پادىچىلىق قىلىپ يۈرىدۇ» (سانلار 14:33). ئەمما، چارۋا-ماللىرى تەخمىنەن ئۈچ مىليون ئادەمنىڭ 40 يىل يەپ-ئىچىشى ئۈچۈن ھەرگىز يەتمەيدۇ c.
شۇنچە كۆپ چارۋا-ماللار ئىچىدىغان سۇ ۋە يەم-خەشەكلەرنى قەيەردىن تاپقان؟ d بەلكىم، شۇ زامانلاردا چۆلدە بۈگۈنكى كۈنىمىزگە قارىغاندا كۆپرەك يامغۇر ياققان، شۇڭا چۆلدە ئۆسۈملۈكلەرمۇ كۆپ بولغان. «مۇقەددەس يازمىلارنى چوڭقۇر چۈشىنىش» ناملىق كىتابنىڭ 1-تومىدا مۇنداق دېيىلگەن: «3500 يىل ئىلگىرى، ئەرەب زېمىنلىرىدا ھازىرقىدىن كۆپرەك سۇ مەنبەسى بولغان. ئەمەلىيەتتە، سۈيى قۇرۇپ كەتكەن نۇرغۇن چوڭقۇر دەريا ۋادىلىرى ياكى تاغ جىلغىلىرى، ئىلگىرى بۇ رايونلاردا سۇ ئېقىنلىرىنى ھاسىل قىلغۇدەك دەرىجىدە يېتەرلىك يامغۇر ياغقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ». شۇنداق بولسىمۇ، چۆل-باياۋان يەنىلا قاغجىراپ كەتكەن قاقاس ۋە قورقۇنچلۇق جاي ئىدى (تەكرار. قا 8:14–16). يەھۋا مۆجىزە كۆرسىتىپ، سۇ تەمىنلەپ بەرمىگەن بولمىسا، ئىسرائىللار ۋە ئۇلارنىڭ چارۋا-ماللىرى چوقۇم ھالاك بولغان بولاتتى.—چىق. 15:22–25؛ 17:1–6؛ سانلار 20:2، 11.
يەھۋانىڭ ئىسرائىللارغا يېمەكلىك ئۈچۈن ماننىنى بېرىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ، مۇسا ئۇلارغا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەن ئەمەس، بەلكى يەھۋانىڭ ئېغىزىدىن چىققان ھەربىر جۈملە سۆز بىلەن ياشايدىغانلىقىنى بىلىشىڭ ئۈچۈن»،— دېگەن.—تەكرار. قا 8:3.
a «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىلدا) 1992-يىل، 5-ئاي 1-كۈنى سانى، 24، 25-بەتلەرگە قاراڭ.
b مۇقەددەس كىتابتا ئىككى قېتىم چۆلدە يەھۋاغا قۇربانلىق سۇنۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بىرىنچى قېتىم، روھانىيلار ۋەزىپە ئورنىغا قويۇلغاندا؛ ئىككىنچى قېتىم، ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزگەندە. بۇ ئىككى ۋەقە ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلىپ، ئىككىنچى يىلى، يەنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1512-يىلى يۈز بەرگەن.—لاۋى. 8:14–9:24؛ سانلار 9:1–5.
c چۆلدىكى 40 يىل ئاخىرلىشىش پەيتىدە، ئىسرائىللار ئۇرۇشتا يۈز مىڭلىغان چارۋا-ماللارنى ئولجا ئالغان ئىدى (سانلار 31:32–34). شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرگەندە ماننا يېگەن.—يەشۇئا 5:10–12.
d يەھۋا ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ يېيەلىشىچە ماننا يىغىۋېلىشنى بۇيرىغان. شۇڭا، چارۋا-ماللار ماننا يېمىگەن دېگەن يەكۈننى چىقىرالايمىز.—چىق. 16:15، 16.