42-تەتقىق ماقالىسى
ئىتائەت قىلىشقا تەييارمۇسىز؟
«ئەمما يۇقىرىدىن كەلگەن دانالىق بولسا … ئىتائەت قىلىشقا تەييار».—ياقۇپ 3:17.
53-ناخشا ئىناق بىللە خىزمەت قىلىش
بۇ ماقالىدە a
1. نېمە ئۈچۈن بەزىدە ئىتائەت قىلىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
بەزىدە سىز ئۈچۈن ئىتائەت قىلىش ياكى بويسۇنۇش قىيىن بولامدۇ؟ پادىشاھ داۋۇتمۇ شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان، شۇڭا ئۇ خۇداغا مۇنداق دۇئا قىلغان: «ئويغات ئىچىمدە ساڭا ئىتائەت قىلىش ئىستىكىنى» (زەبۇر 51:12). داۋۇت يەھۋانى سۆيگەن، شۇنداقتىمۇ بەزىدە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش قىيىن بولغان. بىزمۇ شۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كېلىمىز. نېمە ئۈچۈن؟ بىرىنچى، بىز ئىتائەت قىلماسلىق خاھىشىنى مىراس ئېلىپ تۇغۇلدۇق. ئىككىنچى، شەيتان ئۆزىگە ئوخشاش، دائىم بىزنى يەھۋاغا قارشى چىقىشقا ئازدۇرىدۇ (2-كورىنت. 11:3). ئۈچىنچى، بىز بۇ دۇنيادا ئىسيانكار كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ياشايمىز، چۈنكى ئۇلار «ئىتائەتسىزلىكنىڭ بالىلىرىدا ئىشلەپ تۇرغان روھقا ئەگىشىپ» ماڭىدۇ (ئەفەس. 2:2). شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز گۇناھقا مايىل خاھىشىمىزغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. يەنە شەيتان ۋە بۇ دۇنيانىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇشىمىز لازىم. دېمەك، يەھۋاغا ۋە ئۇ تەيىنلىگەن ھوقۇقدارلارغا ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
2. «ئىتائەت قىلىشقا تەييار» بولۇش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (ياقۇپ 3:17)
2 ياقۇپ 3:17-نى ئوقۇڭ. ياقۇپ يازغان خېتىدە دانا كىشىلەرنىڭ «ئىتائەت قىلىشقا تەييار» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئىتائەت قىلىشقا تەييار كىشى يەھۋا مەلۇم دەرىجىدە ھوقۇق بەرگەن كىشىلەرگە چىن قەلبىدىن ئىتائەت قىلىدۇ. بىراق، يەھۋانىڭ بۇيرۇقلىرىنى بۇزۇشنى تەلەپ قىلىدىغان كىشىلەرگە بويسۇنمايمىز.—ئەلچى. 4:18–20.
3. ھوقۇقلۇق ئىنسانلارغا بويسۇنۇشىمىز نېمىشقا يەھۋا ئۈچۈن مۇھىم؟
3 ئىنسانغا بويسۇنۇشقا قارىغاندا، يەھۋاغا بويسۇنۇش بىز ئۈچۈن ئاسانراق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، يەھۋا دائىم مۇكەممەل كۆرسەتمىلەرنى بېرىدۇ (زەبۇر 19:7). بىراق، ھوقۇققا ئىگە ئىنسانلار نامۇكەممەل، شۇنداق بولسىمۇ ياراتقۇچىمىز ئاتا-ئانىلىرىمىز، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئاقساقاللارغا مەلۇم دەرىجىدە ھوقۇق بەرگەن (پەند. نە 6:20؛ 1-سالونىكا. 5:12؛ 1-پېتر. 2:13، 14). بىز ئۇلارغا بويسۇنغاندا، ئەمەلىيەتتە يەھۋاغا بويسۇنغان بولىمىز. ھازىر يەھۋا ھوقۇق بەرگەن ئىنسانلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىش قىيىن بولغان ئەھۋالدىمۇ، ئۇلارغا بويسۇنۇشقا نېمە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلايلى.
ئاتا-ئانىڭىزغا ئىتائەت قىلىڭ
4. نېمە ئۈچۈن بەزى بالىلار ئاتا-ئانىلىرىغا بويسۇنمايدۇ؟
4 بۈگۈنكى كۈندە ئاتا-ئانىلارغا بويسۇنمايدىغان ياشلار كۆپ (2-تىموت. 3:1، 2). نېمە ئۈچۈن كۆپلىگەن ياشلار ئاتا-ئانىلارغا بويسۇنمايدۇ؟ بەزىلىرى ئاتا-ئانىسىنى ئىككىيۈزلۈك كىشىلەر دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى قىلالمىغان ئىشلارنى بالىلىرىدىن قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنە بەزىلىرى دۇنيا كۆپ ئۆزگەردى، ئاتا-ئانىسىنىڭ نەسىھەت سۆزلىرىنى ھازىر كونىراپ كەتكەن ۋە پايدىسىز دەپ قارايدۇ. ياشلار، سىلەرمۇ شۇنداق ئويلاپ باققانمۇ؟ بەلكىم، نۇرغۇن ياشلار ئۈچۈن يەھۋانىڭ مۇنۇ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش قىيىن بىلىنىدۇ: «ئەي بالىلار، رەببىمىزنىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ئاتا-ئاناڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. چۈنكى، توغرا ئىش بۇدۇر» (ئەفەس. 6:1). ئىتائەتچان بولۇشقا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
5. لۇقا 2:46–52-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نېمە ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنۇشتا ئەيسانى ئەڭ ياخشى ئۈلگە دېيىشكە بولىدۇ؟
5 ئىتائەتچان بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى — ئەيسا (1-پېتر. 2:21–24). ئەيسا مۇكەممەل ئىنسان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىلىرى نامۇكەممەل ئىدى. بىراق، ئاتا-ئانىسى خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، بەزىدە ئۇنى چۈشەنمىگەن بولسىمۇ، ئەيسا ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەن (چىق. 20:12). ئەيسا 12 ياشقا كىرگەندە نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى (لۇقا 2:46–52-نى ئوقۇڭ). ئاتا-ئانىسى يېرۇسالىمدىن ئۆيگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا ئەيسانىڭ يوقلىقىنى بايقىغان. ئەسلىدە بايرام ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بالىلىرىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ ماڭغان بىر توپلار ئارىسىدا بار-يوقلىقىنى جەزملەشتۈرۈش، يۈسۈپ بىلەن مەريەمنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىدى. بىراق، ئۇلار ئەيسانى تاپقاندا، مەريەم ئۇنى يېرۇسالىمدا قېلىپ قالغىنى ئۈچۈن ئەيىبلىگەنىدى. ئەيسا بۇنىڭ ئادالەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاتا-ئانىسىغا ئاددىي ۋە ھۆرمەت بىلەن جاۋاب قايتۇرغان. ئەمما، يۈسۈپ بىلەن مەريەم «ئەيسانىڭ ئۇلارغا ئېيتقان سۆزلەرنى» چۈشەنمىگەن. شۇنداقتىمۇ ئەيسا ئۇلارغا بويسۇنغان.
6، 7. ياشلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنۇشىغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
6 ياشلار، ئاتا-ئاناڭلار خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەندە ياكى سىلەرنى خاتا چۈشەنگەندە، ئۇلارغا بويسۇنۇشنى قىيىن كۆرەمسىلەر؟ شۇنداق ئەھۋالدا سىلەرگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ بىرىنچى، يەھۋانىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىڭلار. مۇقەددەس كىتابتا ئاتا-ئاناڭلارغا ئىتائەت قىلغىنىڭلاردا، «ھەزرىتىمىز بۇنى ياقتۇرىدۇ» دەپ يېزىلغان (كولوسى. 3:20). يەھۋا ئاتا-ئاناڭلارنىڭ سىلەرنى تولۇق چۈشەنمىگەنلىكىنى ياكى نامۇكەممەل قائىدە-تۈزۈملەرنى چىقارغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما ئۇلارغا بويسۇنۇشنى تاللىساڭلار، يەھۋانى خۇرسەن قىلىسىلەر.
7 ئىككىنچى، ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭلار (پەند. نە 23:22–25). ئاتا-ئاناڭلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىسىلەر، ھەمدە ئۇلارغا تېخىمۇ يېقىنلىشىسىلەر. بېلگىيادە ياشايدىغان ئالېكساندر مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەردائىم ئاتا-ئانامنىڭ تەلەپلىرىگە بويسۇنغاندا ئارىمىزدىكى مۇناسىۋىتىمىز ئۆزگىرىپ، ئىللىق ۋە خۇشال-خۇرام ھېس قىلىمەن» b. ئۈچىنچى، ئىتائەتچان بولۇشنىڭ كەلگۈسىدە سىلەرگە قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭلار. برازىلىيىدە ياشايدىغان پاۋلۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاتا-ئانامغا ئىتائەت قىلىشنى ئۆگىنىش مېنىڭ يەھۋا خۇداغا ۋە ھوقۇقدارلارغا ئىتائەت قىلىشىمغا ياردەم بەردى». خۇدانىڭ سۆزى ئاتا-ئاناڭلارغا ئىتائەت قىلىشنىڭ مۇھىم سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنى: «ئىشلىرىڭ روناق تېپىپ، يەر يۈزىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن»،— دەيدۇ.—ئەفەس. 6:2، 3.
8. نېمە ئۈچۈن بەزى ياشلار ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىدۇ؟
8 نۇرغۇن ياشلار ئىتائەتچان بولۇشنىڭ نەتىجىسى ياخشى ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزگەن. برازىلىيىدە ياشايدىغان لۇئىزاغا ئاتا-ئانىسى بىر مەزگىل تېلېفون ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلمىغان. لۇئىزاغا بۇنى چۈشىنىش قىيىن بولغان، چۈنكى ئۇنىڭ تەڭداشلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە تېلېفونى بار ئىدى. ئەمما، كېيىنچە ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى قوغداۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتەلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاتا-ئانامغا ئىتائەت قىلىشنى ئەركىنلىكىمنى بوغۇپ قويىدىغان چەكلەش كىيىمىدەك ئەمەس، بەلكى ھاياتىمنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغان بىخەتەرلىك تاسمىسى دەپ قارايمەن». ئامېرىكىدا ياشايدىغان ياش قېرىندىشىمىز ئېلىزابېت بەزىدە ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشتا قىينىلىدۇ. ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاتا-ئانامنىڭ نېمە ئۈچۈن بەزى قائىدىلەرنى ئورناتقانلىقىنى تولۇق چۈشەنمىسەم، بۇ مېنى قوغدىغان چاغلارنى ئېسىمگە ئالىمەن». ئەرمېنىيىدە ياشايدىغان مونىكانىڭ ئېيتىشىچە، ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلمىغان چاغلارغا قارىغاندا، بويسۇنغان ۋاقىتلاردا ياخشى نەتىجە بولىدۇ.
«ھۆكۈمران ھۆكۈمەتكە» بويسۇنۇڭلار
9. كۆپچىلىك كىشىلەر قانۇنغا بويسۇنۇشقا قانداق قارايدۇ؟
9 نۇرغۇن كىشىلەر ھۆكۈمەتكە موھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ۋە ئۇلار چىقارغان قانۇنلارغا بويسۇنۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ (رىملىقلار 13:1). ئەمما، ئاشۇ كىشىلەر ئادالەتسىز ياكى ئورۇنلاشقا بەك قىيىن بولۇپ كۆرۈنگەن قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشنى خالىمايدۇ. مەسىلەن، باج تۆلەش مەسىلىسىنى ئالايلى. بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، «ياۋرۇپادىكى بىر دۆلەتتە كىشىلەرنىڭ تۆتتىن بىرى باج-سېلىق ئادالەتسىز بولۇپ كۆرۈنسە، تۆلىمەسلىككە بولىدۇ» دەپ ئويلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى باجنى تولۇق تاپشۇرماي، پەقەت ئۈچتىن ئىككى قىسمىنىلا تاپشۇرىدۇ.
10. نېمە ئۈچۈن بىز ياقتۇرمايدىغان قانۇنلارغا يەنىلا بويسۇنۇشىمىز لازىم؟
10 مۇقەددەس كىتابتا ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەر شەيتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولۇپ، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ۋە پات ئارىدا يوق بولىدىغانلىقى يېزىلغان (زەبۇر 110:5، 6؛ ۋەز 8:9؛ لۇقا 4:5، 6). «شۇڭا، ھۆكۈمەتكە قارشى چىققۇچىلار خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشى چىققان بولىدۇ». دۇنيادا مەلۇم بىر دەرىجىدە تەرتىپ بولۇش ئۈچۈن، يەھۋا خۇدا ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرنىڭ بولۇشىغا يول قويغان، شۇڭا بىز ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇشىمىز كېرەك. بىز «ھەربىرىگە ئۆز ھەققىنى بېرىڭلار» دېگەن بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىپ، باج-سېلىق تۆلەيمىز، ھوقۇقدارلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىپ، ئۇلارغا بويسۇنىمىز (رىملىقلار 13:1–7). بەزىدە قولايسىز، ئادالەتسىز كۆرۈنگەن ياكى كۆپ پۇل تۆلەشكە توغرا كېلىدىغان قانۇنلارغا بويسۇنۇشنى قىيىن دەپ قارىشىمىز مۇمكىن. ئەمما، بىز يەھۋاغا ئىتائەت قىلىمىز ۋە بىزدىن ئۇنىڭ قانۇنلىرىنى بۇزۇشنى تەلەپ قىلمىسا، ئاشۇ ھوقۇقدارلارغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك.—ئەلچى. 5:29.
11، 12. لۇقا 2:1–6-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، يۈسۈپ بىلەن مەريەم قانۇنغا بويسۇنۇش قولايسىز ئەھۋالدا، نېمە قىلغان ۋە نەتىجىسى قانداق بولدى؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
11 بىز يۈسۈپ بىلەن مەريەمنىڭ مىسالىدىن ئۈلگە ئالالايمىز. ئۇلار قىيىن بولسىمۇ، ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇشقا تەييار بولغان (لۇقا 2:1–6-نى ئوقۇڭ). رىم ئىمپېراتورى ئاۋغۇستۇس پۇقرالارنى تۇغۇلغان شەھىرىگە قايتىپ نوپۇس تىزىملىتىش توغرۇلۇق بۇيرۇق چىقارغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا، مەريەمنىڭ ھامىلدار بولغىنىغا توققۇز ئاي بولغان ئىدى. يۈسۈپ بىلەن مەريەم بەيتلەھەمگە سەپەر قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلار تاغلىق ئېگىز-پەس يوللارنى بېسىپ، 150 كىلومېتر سەپەر قىلىشى كېرەك ئىدى. ئاشۇ سەپەر، بولۇپمۇ مەريەم ئۈچۈن ئىنتايىن قولايسىز بولغان. ئۇلار مەريەمنىڭ ۋە قورسىقىدىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سەپەر قىلىۋاتقاندا، تولغىقى تۇتۇپ قالسىچۇ؟ ئۇنىڭ قوسىقىدا كېلەچەكتىكى مەسىھ بار ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بويسۇنماسلىقى ئۈچۈن باھانە سەۋەب بولالامتى؟
12 يۈسۈپ بىلەن مەريەم بۇ ۋەزىيەتلەردىن ھېچقايسىسىنىڭ ئۇلارنىڭ قانۇنغا بويسۇنماسلىقىغا سەۋەب بولۇشىغا يول قويمىغان. يەھۋا ئۇلارنىڭ ئىتائەتچانلىقىنى بەرىكەتلىگەن. مەريەم بەيتلەھەمگە بىخەتەر يېتىپ كېلىپ، ساغلام بوۋاقنى تۇغقان. ھەتتا، بۇ مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەم بەرگەن.—مىكاھ 5:2.
13. بىزنىڭ ئىتائەتچانلىقىمىز بۇرادەرلەرگە قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟
13 بىز ھوقۇقدارلارغا ئىتائەت قىلساق، بۇنىڭ پايدىسىنى ئۆزىمىز ۋە باشقىلارمۇ كۆرىدۇ. بىرىنچى، قانۇنغا بويسۇنساق، جازادىن نېرى بولىمىز (رىملىقلار 13:4). ئىككىنچى، ئىتائەتچان بولۇشىمىز ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىغا ياخشى كۆز قاراشتا بولۇشىغا تەسىر قىلىدۇ. مەسىلەن، نەچچە ئون يىل ئىلگىرى نىگېرىيىدە ئەسكەرلەر ئىبادەت يىغىلىشلىرى ئۆتكۈزىلىدىغان جايغا باستۇرۇپ كىرىپ، باج تاپشۇرۇشقا قارشى چىققان توپىلاڭچىلارنى ئىزدىگەن. ئەمما، ئەسكەرلەرنىڭ باشلىقى ئۇ يەردىن ئايرىلىشنى ئېيتىپ: «يەھۋا گۇۋاھچىلىرى باج تاپشۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغان كىشىلەر ئەمەس»،— دېگەن. قانۇنغا بويسۇنغان چاغدا، سىز يەھۋانىڭ خەلقىنىڭ نام-ئابرويىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيسىز. بۇ نام-ئابرويى چوقۇم بىر كۈنى قېرىنداشلىرىڭىزنى قوغداپ قېلىشى مۇمكىن.—مەتتا 5:16.
14. بىر قېرىنداشنىڭ ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇشقا تەييار بولۇشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
14 بىراق، بەزىدە ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇشنى خالىماسلىقىمىز مۇمكىن. ئامېرىكىدا ياشايدىغان جوئاننا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۈچۈن ئىتائەتچان بولۇش ئىنتايىن قىيىن ئىدى، چۈنكى ئائىلەمدىكىلەر ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان». ئەمما، جوئاننا ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان. بىرىنچى، ئۇ ھۆكۈمەتكە بولغان سەلبىي ھېس-تۇيغۇلارنى قوزغايدىغان ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئېلانلارنى ئوقۇمايدىغان بولدى (پەند. نە 20:3). ئىككىنچى، ئۇ ئىنسانلار ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئەمەس، بەلكى يەھۋاغا ئىشىنىشى ئۈچۈن ياردەم سورىغان (زەبۇر 9:9، 10). ئۈچىنچى، ئۇ نەشرىي ماتېرىياللىرىمىزدىكى بىتەرەپلىك ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەرنى ئوقۇغان (يۇھاننا 17:16). جوئاننا ھازىر ھۆكۈمەتنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگەندى، شۇڭا كۆڭلى خاتىرجەم.
يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدىن كەلگەن كۆرسەتمىلەرگە بويسۇنۇڭ
15. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدىن كەلگەن كۆرسەتمىلەرگە بويسۇنۇش قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
15 يەھۋا بىزدىن جامائەتتە يېتەكچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلارغا بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ (ئىبرانىي. 13:17). گەرچە بىزگە يولباشچىلىق قىلىدىغان ئەيسا مەسىھ مۇكەممەل بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەر يۈزىدە يېتەكچىلىك قىلىش ئىشىدا قوللىنىدىغان كىشىلەر مۇكەممەل ئەمەس. بولۇپمۇ، ئۇلار بىزدىن قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا بويسۇنۇش قىيىن بولىدۇ. ئەلچى پېترۇس بىر ۋەزىيەتتە ئىتائەت قىلىشتا ئىككىلىنىپ قالغان. پەرىشتە ئۇنىڭغا تەۋرات قانۇنىدا ناپاك دەپ كۆرسىتىلگەن ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بۇيرىغاندا، پېترۇس بىر قېتىم ئەمەس، ئۈچ قېتىم بويسۇنۇشنى رەت قىلغان (ئەلچى. 10:9–16). نېمە ئۈچۈن؟ ئۇنىڭغا بۇ يېڭى كۆرسەتمە مەنتىقىگە ئۇيغۇن كۆرۈنمىگەن. ئۇ ئىلگىرى باشقىچە ئىش قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ئەگەر پېترۇس ئۈچۈن مۇكەممەل بىر پەرىشتىنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇش تەسكە توختىغان بولسا، بىز ئۈچۈن نامۇكەممەل كىشىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىگە بويسۇنۇش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.
16. ئەلچى پاۋلۇس بېرىلگەن كۆرسەتمىلەرنى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسا بولاتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ نېمە قىلغان؟ (ئەلچى. 21:23، 24، 26)
16 ئەلچى پاۋلۇس كۆرسەتمىلەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، ئۇنى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس دەپ ھېس قىلغان ئەھۋالدىمۇ ئىتائەت قىلىشقا تەييار بولغان. ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان يەھۇدىيلار پاۋلۇس تەۋرات قانۇنىغا قارشى نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ ۋە ئۇ قانۇننى ھۆرمەت قىلمايدۇ دېگەندەك مىش-مىش پاراڭلارنى ئاڭلىغان (ئەلچى. 21:21). يېرۇسالىمدىكى جامائەت ئاقساقاللىرى پاۋلۇسنى تۆت كىشىنى ئىبادەتخانىغا ئېلىپ بېرىپ، پاكلىنىش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشكە بۇيرىغان. ئەمما، پاۋلۇس ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئەمدى تەۋرات قانۇنىنى ئورۇنلىشى شەرت ئەمەسلىكىنى بىلەتتى. ئۇ ھېچبىر ئىشنى خاتا قىلمىغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ، پاۋلۇس ھېچ ئىككىلەنمەي، ئەتىسى بەزى كىشىلەرنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ بېرىپ پاكلىنىش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن (ئەلچىلەر 21:23، 24، 26-نى ئوقۇڭ). پاۋلۇسنىڭ ئىتائەتچانلىقى ئېتىقادداشلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرگەن.—رىملىقلار 14:19، 21.
17. سىز ستېفانىنىڭ تەجرىبىسىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
17 ستېفانى ئىسىملىك بىر قېرىنداش ئۆز دۆلىتىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇرادەرلەرنىڭ چىقارغان قارارىنى قوبۇل قىلىشنى قىيىن كۆرگەن. ئۇ ئۆز يولدىشى بىلەن بىر چەتئەل تىلى گۇرۇپپىسىدا خىزمەت قىلاتتى. كېيىن، يەرلىك بەيتەل ئۇ گۇرۇپپىنى توختىتىشنى قارار قىلغان. ئۇلارغا ئانا تىلىدىكى جامائەتكە قايتىشىغا توغرا كەلگەن. ستېفانى مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ كۆڭلۈم يېرىم بولدى، مەن ئانا تىلىمىزدا ئۇنچە چوڭ ئېھتىياج بارلىقىغا ئىشەنمىگەن». شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ بۇ يېڭى كۆرسەتمىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى قارار قىلغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مەن بۇنىڭ دانا قارار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم. بىز جامائىتىمىزدە ئائىلىسى ھەقىقەتتە ئەمەس بىرقانچە كىشىگە روھىي تەرەپتىن ئاتا-ئانا بولدۇق. قايتىدىن ۋەز خىزمەتتە پائال قاتنىشىشقا باشلىغان قېرىنداش بىلەن ئۆگىنىش ئۆتكۈزىۋاتىمەن. ھازىر ئۆزۈمنىڭ شەخسىي ئۆگىنىشىم ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقارالايمەن. مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىتائەتچان بولۇشقا تىرىشتىم، شۇڭا ۋىجدانىم پاك».
18. ئىتائەتچان بولۇشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
18 بىز ئىتائەتچان بولۇشنى ئۆگىنەلەيمىز. ئەيسا پەقەت ھەممە ئىشلار ياخشى شارائىتتا ئەمەس، بەلكى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەككەن ۋاقىتتا «ئىتائەتمەن بولۇشنى» ئۆگەنگەن (ئىبرانىي. 5:8). ئەيساغا ئوخشاش، بىز قىيىن ئەھۋالدىمۇ، دائىم ئىتائەتچان بولۇشنى ئۆگىنىمىز. مەسىلەن، 19-COVID تارقىلىشچان ۋىرۇس تارقالغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بىزدىن ئىبادەت زالىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈشنى ۋە ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز ئېيتىش ئىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇش توغرۇلۇق كۆرسەتمە بېرىلگەندە، سىز ئۈچۈن بويسۇنۇش قىيىن بولغانمۇ؟ شۇنداقتىمۇ، ئىتائەتچان بولغاچ، ئامان-ئېسەن تۇردۇق، قېرىنداشلار بىلەن تېخىمۇ ئىناق بولدۇق ۋە يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلدۇق. ھەممىمىز ھازىر دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە بېرىلىدىغان ھەرقانداق كۆرسەتمىگە ئىتائەت قىلىشقا تېخىمۇ تەييار بولدۇق. شۇ ۋاقىتتا، ھايات قېلىشىمىز ئىتائەتچان بولۇپ قېلىشىمىزغا باغلىق بولۇشى مۇمكىن!—ئايۇپ 36:11.
19. نېمە ئۈچۈن سىز ئىتائەتچان بولۇشنى خالايسىز؟
19 بىز ئىتائەتچان بولۇشنىڭ سان-ساناقسىز بەرىكەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۆگەندۇق. بىز يەھۋاغا ئىتائەت قىلىشنى تاللايمىز، چۈنكى بىز ئۇنى سۆيىمىز ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىشنى خالايمىز (1-يۇھاننا 5:3). بىز ياراتقۇچىنىڭ قىلغان بارلىق ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن ھەرقانچە قىلساقمۇ جاۋاب قايتۇرۇپ بولالمايمىز (زەبۇر 116:12). ئەمما، بىز يەھۋاغا ۋە ھوقۇقدارلارغا بويسۇنالايمىز. ئەگەر بىز ئىتائەتچان بولساق، دانا ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز. دانا كىشى يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىدۇ.—پەند. نە 27:11.
6-ناخشا خۇدا خىزمەتچىسىنىڭ دۇئاسى
a بىز نامۇكەممەل بولغاچ، ھەتتا ھوقۇقى بار كىشى نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتا قىينىلىشىمىز مۇمكىن. بۇ ماقالىدە، «ھۆكۈمەتلەرگە»، ئاتا-ئانىلارغا ۋە جامائەتتە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلارغا بويسۇنۇشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b ئاتا-ئانىڭىز بىلەن ئىتائەت قىلىش قىيىن بولغان قائىدە-تۈزۈملەر توغرۇلۇق قانداق سۆزلىشىشكە بولىدىغانلىقى ھەققىدە بەزى مەسلىھەتلەرنى jw.org تور بېكىتىدىكى «ئاتا-ئانام بىلەن ئورناتقان قائىدىلىرى ھەققىدە قانداق سۆزلەشسەم بولىدۇ؟» (باشقا تىلدا) ناملىق ماقالىدىن تاپالايسىز.
c سۈرەتتە:. يۈسۈپ بىلەن مەريەم ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇپ نوپۇستىن ئۆتۈش ئۈچۈن بەيتلەھەمگە ماڭغان. بۈگۈنكى كۈندە خۇدا خىزمەتچىلىرى «يۇقىرىدىن كەلگەن دانالىق» بويىچە، قاتناش قائىدىلىرى، باج-سېلىق تۆلەش تەلەپلىرى ۋە ساغلاملىق كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنىدۇ.