تەتقىق قىلىش ئۇسۇللىرى
يېڭى چۈشەنچىلەرنى قوبۇل قىلىڭ
بىز كىشىنى ھەقىقەتەن ھاياجانلاندۇرىدىغان بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز. ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ھازىر يەھۋا مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى تېخىمۇ ئېنىق ئاشكارا قىلىدۇ (دانىيال 12:4). بىراق، بەزى ھەقىقەتلەرگە قارىتا يېڭى چۈشەنچىلەرگە ئەگىشىپ مېڭىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئۆزگەرتىلگەن چۈشەندۈرۈشلەرنى قەيەردىن تاپالايمىز؟
• «كۈزىتىش مۇنارى نەشىرى ماتېرىياللىرى كۆرسەتكۈچى»دىكى، «يېڭى چۈشەنچە» (باشقا تىلدا) دېگەن ماۋزۇنى تاللىسىڭىز، بۇ ماۋزۇ ئاستىدىكى يېڭى چۈشەنچىلەرنىڭ تىزىملىكى چىقىدۇ. «كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى»دا، «ئىزدەش» دېگەن بوشلۇققا «يېڭى چۈشەنچە» دەپ يازسىڭىز، ماۋزۇلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرەلەيسىز.
• «يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ نەشىرى ماتېرىياللار كۆرسەتكۈچى»دە (باشقا تىلدا) ماۋزۇلارغا بۆلۈنگەن قىسقا تىزىملىك بار. «يەھۋا گۇۋاھچىلىرى» دېگەن يەرگە كىرىپ، «كۆز قاراش ۋە ئىشەنچ»، كېيىن «يېڭى چۈشەنچە» (باشقا تىلدا) دېگەن ماۋزۇنى بېسىڭ.
شەخسىي تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزگەندە، يېقىنقى يىللاردىكى يېڭى بىر چۈشەنچىنى تاللاپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەتقىق قىلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.