44-تەتقىق ماقالىسى
خۇدا سۆزىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىڭ
«ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، ئېگىزلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى تولۇق چۈشەنگەيسىلەر».—ئەفەس. 3:18.
43-ناخشا ھوشيار تۇر، چىڭ تۇر ۋە قەيسەر بول!
بۇ ماقالىدە a
1، 2. مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى قانداق؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
بىر ئۆينى سېتىۋالماقچى بولدىڭىز دەيلى. تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ: قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن نېمىلەرنى كۆرۈپ بېقىشنى خالايسىز؟ پەقەت ئۆينىڭ سىرتىدىن تارتىلغان سۈرىتىنىمۇ؟ شەك-شۈبھىسىزكى، سىز بۇ ئۆينى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈشنى خالايسىز، ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، ئىچىگە كىرىپ بارلىق بۆلۈملىرىنى تەكشۈرىسىز. يەنە ئۆينىڭ پىلان خەرىتىسىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ قانداق سېلىنغانلىقىنى بىلمەكچى بولىسىز. سېتىۋالماقچى بولغان ئۆينىڭ ھەربىر تەپسىلاتىنى كۆرۈشنى خالايسىز.
2 مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا ۋە شەخسىي تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزگەندە، خۇددى مىسالدا تىلغا ئالغانغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلالايمىز. بىر مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىسى مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتاب خۇددى بىر ھەيۋەتلىك بىناغا ئوخشاش، ئۇنىڭ ئېگىز مۇنارلىرى ۋە چوڭقۇر ئۇل-ئاساسلىرى بار». ئۇنداقتا، مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان ھەممە نەرسىلەرنى تېخىمۇ ياخشىراق بىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ ئەگەر ئۇنى تېزلا ئوقۇپ قويسىڭىز، پەقەتلا ئاساسىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشىڭىز مۇمكىن (ئىبرانىي. 5:12). ئەمما، خۇددى ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ، ھەربىر تەپسىلاتنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندەك، مۇقەددەس كىتابنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئۇنى چۈشۈنۈشكە تىرىشىڭ. تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى — مۇقەددەس كىتابتىكى پەرقلىق ئۈزۈندىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى كۆرۈش ۋە قايسى ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنىلا ئەمەس، نېمە ئۈچۈن شۇ ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى چۈشىنىشكە تىرىشىش.
3. ئەلچى پاۋلۇس ئىمانداشلىرىنى نېمە قىلىشقا ئۈندىگەن ۋە نېمە ئۈچۈن؟ (ئەفەسلىكلەر 3:14–19)
3 مۇقەددەس كىتابنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئەلچى پاۋلۇس مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى خۇدا سۆزىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە ئۈندىگەن. شۇڭا، ئۇلار ھەقىقەتنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى، ئېگىزلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى تولۇق چۈشەنسە، ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادى «يىلتىز تارتىپ، ئۇل-ئاساسى مۇستەھكەم» بولىدۇ (ئەفەسلىكلەر 3:14–19-نى ئوقۇڭ). بىزمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. ھازىر خۇدا سۆزىنى تېخىمۇ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
مۇقەددەس كىتابنىڭ ھەقىقەتلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىڭ
4. بىز يەھۋاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
4 بىز، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى، مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىي تەلىملىرىنى چۈشىنىش بىلەن قانائەتلىنىپ قالمايمىز. يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ ياردىمى بىلەن «خۇدانىڭ چوڭقۇر ئىشلىرىنى» ئۆگىنىشكە تەشنا بولىمىز (1-كورىنت. 2:9، 10). سىزگە قىزىق بولىدىغان ماۋزۇنى تاللاپ، ئۇنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئىزدىنىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، خۇدا ئۆز سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى قەدىمقى خىزمەتچىلىرىگە قانداق نامايان قىلغانلىقى توغرۇلۇق تەتقىق قىلىپ، يەھۋانىڭ سىزنىمۇ سۆيىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئىزدىنىپ ئۆگىنىڭ. ياكى بولمىسا، يەھۋانىڭ ئىسرائىللار ئۈچۈن بەلگۈلىگەن ئىبادەت قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈندە مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن بەلگۈلىگەن ئىبادەت قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى سېلىشتۇرۇڭ. ئەيسانىڭ يەر يۈزىدىكى ھاياتى ۋە خىزمىتى جەريانىدا، ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرغان بېشارەتلەر ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
5. سىز چوڭقۇر ئىزدىنىپ، شەخسىي تەتقىق قىلىدىغان ماۋزۇ بارمۇ؟
5 بەزى قېرىنداشلار ئەستايىدىللىق بىلەن مۇقەددەس كىتابتىكى چوڭقۇر ھەقىقەتلەرنى تەپسىلىيرەك تەتقىق قىلىدۇ. ئۇلار ئۆگىنىشنى خالىغان ماۋزۇلاردىن بەزىلىرى « شەخسىي تەتقىق ئۈچۈن ماۋزۇلار» دېگەن رامكىدا بار. يەنە «كۈزىتىش مۇنارى ماتېرىياللىرى كۆرسەتكۈچى» ياكى «يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يول كۆرسەتكۈچى»دىن باشقا ماۋزۇلارنىمۇ تاپالايسىز. مۇقەددەس يازمىلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى كۈچەيتىپ، «خۇدا توغرۇلۇق بىلىمگە» ئىگە بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ (پەند. نە 2:4، 5). ھازىر ئەستايىدىل تەتقىق قىلالايدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى چوڭقۇر ھەقىقەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ كۆرەيلى.
خۇدانىڭ ئىرادىسى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ
6. (1) پىلان بىلەن نىيەت ئارىسىدا قانداق پەرقلىق بار؟ (2) نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ يەر يۈزى ۋە ئىنسان ئۈچۈن قىلغان نىيىتىنى مەڭگۈلۈك دېيىشكە بولىدۇ؟ (ئەفەسلىكلەر 3:11)
6 مۇقەددەس كىتابتا خۇدانىڭ نىيىتى ھەققىدە نېمە يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. پىلان بىلەن نىيەت ئارىسىدا چوڭ بىر پەرق بار. پىلاننى مەنزىلگە باشلايدىغان ئالدىن تاللانغان ئېنىق ۋە مۇقىم يول بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. بىراق، بۇ يولدا توسالغۇ پەيدا بولغاندا، پىلان مەغلۇپ بولۇشى مۇمكىن. نىيەت-مەقسەت بولسا يېتىدىغان مەنزىلنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان. بىز قەيەرگە بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلىمىز، ئەمما ئۇ يەرگە پەرقلىق يوللار بىلەن بېرىشقا بولىدۇ. ئەگەر بىر يول توسۇلغان بولسا، باشقا يولنى تاللايمىز. يەھۋا خۇدا مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «ئەسلى نىيىتىنى» ئاستا-ئاستا ئاشكارا قىلغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن مىننەتدارمىز (ئەفەس. 3:11). يەھۋا ھەردائىم ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەرقلىق يوللارنى تاللىيالايدۇ، چۈنكى ئۇ «بارچە مەۋجۇداتنى ئۆز مەقسىتى ئۈچۈن» ياراتقان (پەند. نە 16:4). خۇدا نىيىتىنىڭ ئاشۇرۇلغانلىغىنىڭ نەتىجىسى مەڭگۈ سۆيۈندۈرىدۇ. ئۇنداقتا، يەھۋانىڭ نىيىتى نېمە؟ ئۇ ئۆز نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانداق ئۆزگەرتىشلەرنى قىلغان؟
7. بىرىنچى بىر جۈپ ئىنسان ئىسىيان كۆتەرگەندە، يەھۋا ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن يولىنى قانداق ئۆزگەرتكەن؟ (مەتتا 25:34)
7 خۇدا تۇنجى بىر جۈپ ئىنسانلارغا ئۆز مەقسىتى نېمە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇلارغا: «پەرزەنتلىك بولۇپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى تولدۇرۇپ، ئۇنى بويسۇندۇرۇڭلار. يەر يۈزىدىكى بارچە جانىۋارلارنى باشقۇرۇڭلار»،— دېگەن (يارىت. 1:28). ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا ياراتقۇچىغا قارشى چىقىپ، پۈتكۈل ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھكار بولۇشىغا سەۋەبچى بولغاندا، بۇ يەھۋانى ئۆز نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن توسۇپ قالالمىغان. ئۇ نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يولىنى ئۆزگەرتكەن. ئۇ دەرھال ئاسماندا بىر پادىشاھلىقنى قۇرۇپ، ئىنسانىيەت ۋە يەر يۈزى ئۈچۈن قىلغان ئەسلى نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قارار قىلغان (مەتتا 25:34-نى ئوقۇڭ). ۋاقتى كەلگەندە، يەھۋا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، تۇنجى ئوغلىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن. ئۇ كىشىلەرگە پادىشاھلىق توغرىسىدا تەلىم بەرگەن ۋە بىزنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھاياتىنى تۆلەم سۈپىتىدە پىدا قىلغان. ئاندىن كېيىن، ئەيسا ئاسماندا خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن تىرىلىپ، ئاسمانغا قايتقان. بۇ توغرۇلۇق چوڭقۇرراق تەتقىق قىلساق، خۇدانىڭ نىيىتى توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپرەك تەپسىلاتلارنى بىلەلەيمىز.
8. (1) مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىي ماۋزۇسى نېمە؟ (2) ئەفەسلىكلەر 1:8–11-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يەھۋانىڭ مەقسىتى نېمە؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
8 مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىي ماۋزۇسى — خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۇنىڭ يەر يۈزىگە قارىتا قىلغان نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارقىلىق يەھۋانىڭ ئىسىمىنى ئاقلاش. يەھۋانىڭ نىيەت-مەقسىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ئۇ ھەممە ئىشلارنىڭ ئۆزى ئېيتقاندەك ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ كەلمەكتە (يەشايا 46:10، 11؛ ئىبرانىي. 6:17، 18). ۋاقتى كەلگەندە يەر يۈزى مۇكەممەل جەننەت ماكانىغا ئايلىنىپ، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىدىغان ئەۋلادلىرى مەڭگۈ ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ (زەبۇر 22:26). بىراق، يەھۋانىڭ نىيىتى بۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى — يەر يۈزى ۋە ئاسماندىكى ئۆزى ياراتقان بارلىق ئەقىللىق ياراتمىلارنى بىرلەشتۈرۈش. شۇ چاغدا، بارلىق جانلىقلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا ساداقەتمەنلىك بىلەن بويسۇنىدۇ (ئەفەسلىكلەر 1:8–11-نى ئوقۇڭ). يەھۋانىڭ ئۆز نىيەت-مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاجايىپ بىر گۈزەل يولنى تاللىغانلىقى سىزنى ھەيران قالدۇرمامدۇ؟
كېلەچىكىڭىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ
9. مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق قانچىلىك يىراق كېلەچەك ھەققىدە بىلەلەيمىز؟
9 يارىتىلىش 3:15-ئايەتتىكى يەھۋانىڭ ئېرەم بېغىدا جاكارلىغان بېشارىتىگە قاراپ باقايلى b. بۇ ئايەتتە، ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش-ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن. بىراق، ئاشۇ ئىش-ۋەقەلەر نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىن يۈز بەرگەن. ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى، يەنى مەسىھنىڭ تۇغۇلۇشىغا ئېلىپ بارىدىغان نەسەبنامىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (يارىت. 22:15–18). ئاندىن كېيىن، مىلادى 33-يىلى ئالدىن بېشارەت قىلىنغاندەك، ئەيسانىڭ تاپىنى يارىلىنىدۇ (ئەلچى. 3:13–15). بۇ بېشارەتنىڭ ئاخىرقى قىسىمى، يەنى شەيتاننىڭ بېشىنىڭ يانجىلىشى مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن يۈز بېرىدۇ (ۋەھىي. 20:7–10). مۇقەددەس كىتاب شەيتاننىڭ بۇ دۇنياسى بىلەن يەھۋانىڭ تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىشىش يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپرەك مەلۇماتلارنى ئاشكارىلايدۇ.
10. (1) كېلەچەكتە قانداق ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ؟ (2) بىز ئۆز ئەقلىمىزنى ۋە قەلبىمىزنى قانداق تەييار قىلساق بولىدۇ؟ (ئىزاھاتقا قاراڭ)
10 مۇقەددەس كىتابتا بېشارەت قىلىنغان پۈتكۈل يەر يۈزىنى زىل-زىلىگە كەلتۈرىدىغان ۋەقەلەر توغرۇلۇق ئويلاپ كۆرۈڭ. ئاۋۋال دۆلەتلەر «تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك!» دەپ جاكارلايدۇ (1-سالونىكا. 5:2، 3). دۆلەتلەر بارلىق ساختا دىنلارغا ھۇجۇم قىلغاندا، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت باشلىنىدۇ (ۋەھىي. 17:16). ئۇنىڭدىن كېيىن، كىشىلەر ئاجايىپ كۆرۈنۈشنى، يەنى «ئىنسان ئوغلىنىڭ كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ» (مەتتا 24:30). ئەيسا قويلار بىلەن ئۆچكىلەرنى ئايرىپ، ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ (مەتتا 25:31–33، 46). بىراق، شەيتانمۇ جىم تۇرمايدۇ. ئۇ غەزەپ-نەپرىتى بىلەن ماگوگ زېمىنىدىن بولغان گوگنى يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىگە ھۇجۇم قىلدۇرۇش ئۈچۈن دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ (ھەزەك. 38:2، 10، 11). دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەلۇم بىر نۇقتىغا كەلگەندە، يەر يۈزىدىكى مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ قالدۇق ئەزالىرى ئاسانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلىدۇ ۋە ئۇلار ئەيسا ۋە ئۇنىڭ ئاسماندىكى قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئارماگېدون ئۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ. بۇ ئۇرۇش بىلەن دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت ئاخىرلىشىدۇ. c (مەتتا 24:31؛ ۋەھىي. 16:14، 16). شۇنىڭدىن كېيىن، مەسىھنىڭ يەر يۈزى ئۈستىدىن مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى باشلىنىدۇ.—ۋەھىي. 20:6.
11. سىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ھايات نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
11 ھازىر ھەتتا مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى يىراق كەلگۈسى ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. مۇقەددەس كىتاب شۇنداق دەيدۇ: ‹ياراتقۇچىمىز ھەتتا بىزنىڭ قەلبىمىزگە ئەبەدىيلىكنى سالغان› (ۋەز 3:11). بۇ سىز ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە سىزنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئويلاڭ. «يەھۋاغا يېقىنلىشىڭ» ناملىق كىتابنىڭ 319-بېتىدە قىزىقارلىق بىر ئوي-پىكىر يېزىلغان: «يۈزلىگەن، مىڭلىغان، مىليونلىغان، ھەتتا مىلياردلىغان يىللار ياشىغاندىن كېيىن، يەھۋا ھەققىدە ھازىرقىدىنمۇ كۆپرەك بىلىمگە ئىگە بولىمىز، ئەمما تېخى بىز بىلمەيدىغان سان-ساناقسىز ئاجايىپ نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمىز… . جەننەتتە ھايات چوقۇم بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ گۈزەل ۋە ئەھمىيەتلىك بولىدۇ، بىراق، ئەڭ سۆيۈندۈرىدىغان ئىش يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئالاھىدە بەخت-بەرىكەتكە ۋە قانائەتكە ئېرىشىمىز». ئۇنداقتا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە داۋاملىق خۇدا سۆزىنى تەتقىق قىلىپ، يەنە قانداق يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
كۆزلىرىڭىزنى ئاسمانغا تىكىڭ
12. ئاسماندىكى ئىشلارنى قانداق كۆرەلەيمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
12 مۇقەددەس كىتاب يەھۋانىڭ ئاسماندىكى ماكانى توغرۇلۇق بىرئاز بولسىمۇ ئېيتىپ بېرىدۇ (يەشايا 33:5). يازمىلاردا يەھۋا ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىنىڭ ئاسماندىكى قىسىمى ھەققىدە ئاجايىپ ھەيران قالارلىق ئىشلار ئاشكارا قىلىنغان (يەشايا 6:1–4؛ دانىيال 7:9، 10؛ ۋەھىي. 4:1–6). مەسىلەن، بىز ھەزەكىيال كۆرگەن ئاجايىپ كۆرۈنۈشلەرنى ئوقالايمىز. ئۇ شۇنداق دەپ يازغان: «ئاسمانلار ئېچىلدى ۋە «خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى كۆرۈشكە باشلىدىم».—ھەزەك. 1:1.
13. ئىبرانىيلار 4:14–16-ئايەتلەر ئەيسانىڭ ئاسماندىكى رولىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، سىز قايسى رولىنى بەك قەدىرلەيسىز؟
13 يەنە ئەيسا مەسىھنىڭ پادىشاھىمىز ۋە بىزگە ھېسداشلىق قىلىدىغان باش روھانىي سۈپىتىدە ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاپ كۆرۈڭ. بىز ئۇ ئارقىلىق دۇئادا خۇدانىڭ «مېھىر-شەپقەت تەختىگە» يېقىنلىشالايمىز ۋە «دەل مۇھتاج بولغان چاغدا» رەھىم-شەپقەت ھەمدە ياردەم سورىيالايمىز (ئىبرانىيلار 4:14–16-نى ئوقۇڭ). يەھۋا بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئاسمانلاردا تۇرۇپ، بىزگە قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرى ھەققىدە ھەر كۈنى ئويلىنايلى. ئۇلارنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن سۆيگۈ-مۇھەببىتى قەلبىمىزگە چوڭقۇر تەسىر قىلىپ، بىزنى قىزغىن ۋەز قىلىشقا ۋە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىشى كېرەك.—2-كورىنت. 5:14، 15.
14. يەھۋاغا ۋە ئەيساغا مىننەتدار ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ)
14 ياراتقۇچى يەھۋاغا ۋە مەسىھ ئەيساغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى يوللىرىدىن بىرى — باشقىلارغا يەھۋا گۇۋاھچىسى ۋە ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇشقا ياردەم بېرىشتۇر (مەتتا 28:19، 20). ئەلچى پاۋلۇس خۇداغا ۋە ھەزرىتى ئەيساغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن دەل شۇنداق قىلغان. ئۇ يەھۋانىڭ ئىرادىسى «ھەممە ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەت توغرۇلۇق توغرا بىلىمگە ئىگە بولۇپ قۇتقۇزۇلۇشىدۇر» دېگەن ھەقىقەتنى ياخشى بىلگەنىدى (1-تىموت. 2:3، 4). ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن، «بارچە مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىپ، بەزىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن» ۋەز خىزمىتىدە كۆپرەك ئادەملەرگە ياردەم بېرىشكە تىرىشقان.—1-كورىنت. 9:22، 23.
خۇدانىڭ سۆزىنى ئىزدىنىپ ئۆگىنىشتىن خۇشاللىق تېپىڭ
15. زەبۇر 1:2-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، نېمە بىزنى بەختلىك قىلالايدۇ؟
15 زەبۇر يازغۇچىسى ھەقىقىي بەختلىك ۋە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق ئادەمنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «ئۇ يەھۋانىڭ قانۇنلىرىدىن سۆيۈنۈپ، كېچە-كۈندۈز ئۇنى ئوقۇپ چوڭقۇر ئويلىنار» (زەبۇر 1:1–3). مۇقەددەس كىتاب تەرجىمانى جوسېف روتېرھام «زەبۇر كىتابىنى تەتقىق قىلىش» ناملىق كىتابىدا مۇشۇ ئايەتلەر توغرۇلۇق ئۆز كۆز قاراشىنى يېزىپ، مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى خۇدانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ-ئۈمىد قىلىشى كېرەككى، ئۇنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشى ۋە ئۇلار ئۈستىدە ئويلىنىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىشى لازىم. ئەگەر مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇماي، بىر كۈننى ئۆتكۈزسە، ئاشۇ كۈن ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ». سىز مۇقەددەس كىتابتىكى كۆپلىگەن تەپسىلاتلارنى ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى كۆرۈپ يەتكەندە، خۇشاللىق تاپالايسىز». خۇدا سۆزىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ھەقىقەتەن كىشىگە زور خۇشاللىق بېغىشلايدۇ!
16. كېلەركى ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
16 يەھۋا ئۆز سۆزى ئارقىلىق ئۆگەتكەن گۈزەل ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىش بىز ئۈچۈن ئانچە قىيىن ئەمەس. كېيىنكى ماقالىدە، پاۋلۇسنىڭ ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە يازغان خېتىدە تەسۋىرلەنگەن تېخىمۇ چوڭقۇر ھەقىقەتلەردىن بىرى بولغان يەھۋانىڭ ئۇلۇغ روھىي ئىبادەتخانىسى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز. بۇ ماۋزۇ ھەققىدە ئىزدىنىش سىزگە زور خۇشاللىق بېغىشلىسۇن!
37-ناخشا مۇقەددەس كىتاب — خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن يېزىلغان
a مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش بىر ئۆمۈر داۋام قىلىدىغان ۋە زور خۇشاللىققا ئېرىشتۈرىدىغان ئۆگىنىش بولۇپ، پايدىسى بەك كۆپ؛ بىزنى ئاسماندىكى ئاتىمىزغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ. بۇ ماقالىدە، خۇدا سۆزىنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى، ئېگىزلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى قانداق تەتقىق قىلىپ ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b «كۈزىتىش مۇنارى» 2022-يىل، 7-ئاي سانىدىن «ئۆتمۈشتىكى بېشارەتلىك سۆزلەر سىز ئۈچۈن مۇھىم!» ناملىق ماقالىنى كۆرۈڭ.
c يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان يەر يۈزىنى زىل-زىلىگە كەلتۈرىدىغان ۋەقەلەرگە قانداق تەييارلىق قىلىشنى بىلىش ئۈچۈن، «خۇدا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا!» (باشقا تىلدا) ناملىق كىتابنىڭ 230-بېتىنى كۆرۈڭ.