45-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋانىڭ روھىي ئىبادەتخانىسىدا ئىبادەت قىلىش شان-شەرىپىنى قەدىرلەڭ
«ئاسماننى، يەرنى، … ياراتقۇچىغا ئىبادەت قىلىڭلار».—ۋەھىي. 14:7.
20-ناخشا يىغىلىشلىرىمىزغا بەرىكەت بەر
بۇ ماقالىدە a
1. بىر پەرىشتە نېمە دەۋاتىدۇ ۋە بۇ بىزگە قانداق تەسىر قىلىشى كېرەك؟
ئەگەر بىر پەرىشتە سىزگە سۆزلىسە، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سالاتتىڭىزمۇ؟ ئەلۋەتتە، بۈگۈن بىر پەرىشتە «ھەرتۈرلۈك مىللەت، قەبىلە، تىل ۋە خەلقلەرگە» سۆزلەۋاتىدۇ. ئۇ نېمە دەۋاتىدۇ؟ «خۇدادىن قورقۇڭلار ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار! … ئاسماننى، يەرنى … ياراتقۇچىغا ئىبادەت قىلىڭلار» (ۋەھىي. 14:6، 7). يەھۋا — بىردىنبىر ھەق خۇدادۇر. ھەممە كىشى پەقەتلا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى كېرەك. يەھۋا خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ روھىي ئىبادەتخانىسىدا ئىبادەت قىلىشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك پۇرسەتنى بەرگىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا چىن قەلبىمىزدىن مىننەتدارمىز!
2. يەھۋانىڭ روھىي ئىبادەتخانىسى دېگەن نېمە؟ (« نېمىنى بىلدۈرمەيدۇ؟» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
2 ئۇنداقتا، روھىي ئىبادەتخانا دېگەن نېمە ۋە ئۇنى چۈشەندۈرىدىغان تەپسىلاتلارنى قەيەردىن تاپالايمىز؟ روھىي ئىبادەتخانا دېگىنىمىز — ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئاساسىدا ياراتقۇچى يەھۋا قوبۇل قىلىدىغان ئىبادەت ئورۇنلاشتۇرۇشى. ئەلچى پاۋلۇس بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەھۇدىيەدە ياشايدىغان بىرىنچى ئەسىردىكى ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە يازغان خېتىدە چۈشەندۈرگەن. b
3، 4. ئەلچى پاۋلۇس نېمىشقا يەھۇدىيىدىكى ئىبرانىي ئېتىقادچىلاردىن غەم قىلغان ۋە ئۇلارغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
3 ئەلچى پاۋلۇس يەھۇدىيەدە ياشايدىغان ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە نېمە ئۈچۈن خەت يازغان؟ بۇنىڭ ئىككى ئاساسىي سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. بىرىنچى — ئۇلارغا ئىلھام-مەدەت بېرىش. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەھۇدىي دىنىغا ئىشىنىپ چوڭ بولغان. بەلكىم، ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى دىنىي رەھبەرلىرى ئۇلارنى مەسىھكە ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن مەسخىرە قىلغان. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بارىدىغان ھەيۋەتلىك ئىبادەتخانىسى، خۇداغا قۇربانلىق سۇنىدىغان كۆزگە كۆرۈنىدىغان قۇربانلىق سۇپىسى ۋە خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلىرى يوق ئىدى. بەلكىم، بۇ مەسىھنىڭ شاگىرتلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ۋە ئېتىقادىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان (ئىبرانىي. 2:1؛ 3:12، 14). ھەتتا بەزىلىرى يەھۇدىي دىنىغا قايتىشىنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن.
4 ئىككىنچى، پاۋلۇس ئىبرانىي ئېتىقادچىلارغا ئۇلارنىڭ خۇدا سۆزىدىكى «قويۇق تاماق»نى قوبۇل قىلىپ، تەلىملەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقارمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان (ئىبرانىي. 5:11–14). ئېنىقكى، بەزىلىرى تېخىغىچە تەۋرات قانۇنىنى چىڭ تۇتقان. ئەلچى پاۋلۇس تەۋرات قانۇنىدا تەلەپ قىلىنغان قۇربانلىقلارنىڭ گۇناھنى تولۇق كەچۈرۈمگە ئېرىشتۈرەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. شۇ سەۋەبتىن، قانۇن «كۈچىدىن قالدۇرۇلدى». شۇڭا، پاۋلۇس بەزى چوڭقۇر ھەقىقەتلەر توغرىسىدا تەلىم بېرىشكە باشلىغان. ئۇ ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئاساسىدا، خۇداغا يېقىنلىشىشقا ياردەم بېرەلەيدىغان «تېخىمۇ ياخشى ئۈمىد» بارلىقىنى ئېتىقادچىلارغا ئەسكەرتكەن.—ئىبرانىي. 7:18، 19.
5. ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەتتىن نېمىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
5 ئەلچى پاۋلۇس ئىبرانىي قېرىنداشلارغا يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ھازىرقى ئۇسۇلى ئۆتمۈشكە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. تەۋرات قانۇنى بويىچە يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ئىبادىتى «پەقەت كېلەچەكتىكى ئىشلارنىڭ كۆلەڭگىسىدۇر، ئەسلى جىسىم بولسا مەسىھتۇر» (كولوسى. 2:17). بىر جىسىمنىڭ كۆلەڭگىسىدىن ئەسلى ھالىتىنى ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ تەسۋىرى شەكلىنى كۆرەلەيمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، قەدىمدە يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى كېلەچەكتە بولىدىغان تېخىمۇ ياخشى ئىبادەتنىڭ كۆلەڭگىسى بولغان. گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈپ، يەھۋانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىبادەت قىلالىشىمىز ئۈچۈن ئۇ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى قىلغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. ھازىر بىرلىكتە ئىبرانىيلار يېزىلغان خەتتە چۈشەندۈرۈلگەن «كۆلەڭگە» (يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى) بىلەن «ئەسلى جىسىم»نى (مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى) سېلىشتۇرۇپ باقايلى. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق روھىي ئىبادەتخانىنى ۋە ئۇنىڭ بىز بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنەلەيمىز.
ئىبادەت چېدىرى
6. ئىسرائىللار ئىبادەت چېدىرىنى نېمە ئۈچۈن ئىشلەتكەن؟
6 ئىبرانىيلارنىڭ قەدىمقى ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى. ئەلچى پاۋلۇسنىڭ روھىي ئىبادەتخانا توغرۇلۇق ئېيتقانلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1512-يىلى مۇسا پەيغەمبەر قۇرغان ئىبادەت چېدىرىغا ئاساسلانغان («ئىبرانىيلارنىڭ قەدىمقى ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى — مەسىھ ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى» ناملىق جەدۋەلگە قاراڭ). ئىسرائىللار بىر جايدىن باشقا جايغا كۆچكەندە، ئىبادەت چېدىرىنى ئۆزلىرى بىلەن ئېلىپ ماڭغان. ئۇلار ئىبادەت چېدىرنى يېرۇسالىمدا ئىبادەتخانا سېلىنغانغا قەدەر تەخمىنەن 500 يىل قوللانغانىدى (چىق. 25:8، 9؛ سانلار 9:22). بۇ «ئىبادەت چېدىرى» ئىسرائىللارنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان ۋە قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدىغان جاي ئىدى (چىق. 29:43–46). بۇ چېدىر بولسا مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سىمۋولى بولغان.
7. قاچاندىن باشلاپ روھىي ئىبادەتخانا پەيدا بولدى؟
7 مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى. قەدىمقى ئىبادەت چېدىرى «ئاسماندىكى ئىشلارنىڭ سىمۋوللۇق تەسۋىرى كۆلەڭگىسىدۇر». ئۇ يەھۋانىڭ ئۇلۇغ روھىي ئىبادەتخانىسىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. پاۋلۇس «بۇ چېدىر بىر سىمۋول بولۇپ، ھازىر يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ» دېگەن (ئىبرانىي. 8:5؛ 9:9). ئەلچى پاۋلۇس ئىبرانىيلارغا خەت يازغاندا، ئاللىقاچان روھىي ئىبادەتخانا پەيدا بولۇپ بولغان. مىلادى 29-يىلى، ئەيسا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندە، ئۇ مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنىپ، روھىي ئىبادەتخانىدا «باش روھانىي» سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشنى باشلىغان. c—ئىبرانىي. 4:14؛ ئەلچى. 10:37، 38.
باش روھانىي
8، 9. ئىبرانىيلار 7:23–27-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىللارنىڭ باش روھانىيلىرى بىلەن ئۇلۇغ باش روھانىي ئەيسا مەسىھ ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟
8 ئىبرانىيلارنىڭ قەدىمقى ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى. باش روھانىي خۇدانىڭ ئالدىدا خەلقنىڭ ۋەكىلى بولغان. ئىبادەت چېدىرى بېغىشلانغان ۋاقىتتا، يەھۋا خۇدا ئۆزى ئىسرائىللارنىڭ دەسلەپكى باش روھانىيسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن. بىراق، پاۋلۇس چۈشەندۈرگەندەك، «بىرىنىڭ ئورنىغا يەنە بىرى ئورۇن باسار بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر روھانىيلار بولغان ئىدى» d (ئىبرانىيلار 7:23–27-نى ئوقۇڭ). باش روھانىي نامۇكەممەل بولغاچ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈنمۇ قۇربانلىقلارنى سۇنغان ئىدى. بۇ جەھەتتە باش روھانىي ئەيسا مەسىھ ئۇلاردىن ئېنىق پەرقلىنىدۇ.
9 مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى. باش روھانىي سۈپىتىدە ئەيسا مەسىھ «ھەقىقىي ئىبادەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس جايدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئىنسانلار ئەمەس، بەلكى يەھۋا ئۆزى بۇ چېدىرنى قۇرغان» (ئىبرانىي. 8:1، 2). ئەلچى پاۋلۇس شۇنداق چۈشەندۈرگەن: «ئەيسا مەڭگۈ ھايات بولغاچقا، ئۇنىڭ روھانىيلىقىنىڭ ئورۇن باسارى يوقتۇر». يەنە شۇنداق قوشۇپ قويغان: «ئۇ نۇقسانسىز، گۇناھكارلاردىن يىراق، ئاسمانلاردىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندۇر» ۋە ئىسرائىللارنىڭ باش روھانىيلىرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن «باشقا روھانىيلارغا ئوخشاش … ھەر كۈنى قۇربانلىق سۇنۇشقا مۇھتاج ئەمەس». ھازىر ئىبرانىيلارنىڭ قەدىمقى ئىبادىتى بىلەن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىبادىتىكى قۇربانلىقلار سۇپىسى ۋە قۇربانلىقلارنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى.
قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋە قۇربانلىقلار
10. مىس قۇربانلىق سۇپىسىدا سۇنۇلغان قۇربانلىقلار نېمىنى ئالدىن كۆرسەتكەن؟
10 ئىبرانىيلارنىڭ قەدىمقى ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى. ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا، يەھۋاغا قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان بىر مىس قۇربانلىق سۇپىسى بار ئىدى (چىق. 27:1، 2؛ 40:29). بىراق، ئاشۇ قۇربانلىقلار ئىنسانلارنى گۇناھلاردىن تولۇق كەچۈرۈمگە ئېرىشتۈرەلمەيتتى (ئىبرانىي. 10:1–4). ئىبادەت چېدىرىدا داۋاملىق تۈردە ھايۋانلارنى قۇربانلىققا ئېلىپ كېلىش كېلەچەكتە ئىنسانىيەتنى گۇناھلىرىدىن پۈتۈنلەي كەچۈرۈمگە ئېرىشتۈرىدىغان بىر قۇربانلىققا مۇھتاج بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
11. ئەيسا قانداق قۇربانلىق سۇپىسىدا ئۆزىنى قۇربانلىققا سۇنغان؟ (ئىبرانىيلار 10:5–7، 10)
11 مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى. ئەيسا شۇنى ئېنىق بىلگەنكى، يەھۋا يەر يۈزىگە ئۇنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن تۆلەم سۈپىتىدە جېنىنى قۇربان قىلىشقا ئەۋەتكەنىدى (مەتتا 20:28). شۇڭلاشقا، ئەيسا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشقا تەييار بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن (يۇھاننا 6:38؛ گالاتىيا. 1:4). خۇدانىڭ «ئىرادىسى»گە سىمۋول قىلىنغان كۆچمە مەنىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدا، ئەيسا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ئىنسان ھاياتىنى «بىرلا قېتىم مەڭگۈگە» قۇربانلىققا سۇنغان. بۇنىڭغا ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى پۈتۈنلەي يېپىلىدۇ، يەنى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. (ئىبرانىيلار 10:5–7، 10-نى ئوقۇڭ). ئەمدى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەر نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
مۇقەددەس جاي ۋە ئەڭ مۇقەددەس جاي
12. كىم مۇقەددەس جايغا، كىم ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرەلەيتتى؟
12 ئىبرانىيلارنىڭ قەدىمقى ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى. ئىبادەت چېدىرى بىلەن يېرۇسالىمدا سېلىنغان ئىبادەتخانىنىڭ لايىھىسى ئوخشاش بولغان. ھەر ئىككىسىدە ئىككى بۆلۈم بار ئىدى: مۇقەددەس جاي ۋە ئەڭ مۇقەددەس جاي. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر پەردە بولغان (ئىبرانىي. 9:2–5؛ چىق. 26:31–33). مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە ئالتۇن چىراغدان، ئىسرىق كۆيدۈرىدىغان سۇپا، سۇنۇلغان نانلار تىزىپ قۇيۇلىدىغان ئۈستەل بولغان. مۇقەددەس جايغا پەقەت «مەسىھ قىلىنغان روھانىيلار» كىرىپ، ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلىغان (سانلار 3:3، 7، 10). ئەڭ مۇقەددەس جايدا يەھۋانىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئالتۇن ئەھدە ساندۇقى بار ئىدى (چىق. 25:21، 22). پەردىنىڭ ئاشۇ تەرەپتىكى بۆلۈمىگە پەقەت باش روھانىي يىلدا بىر قېتىم گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىش كۈنىدە كىرەلەيتتى (لاۋى. 16:2، 17). ئۆزىنىڭ ۋە خەلقنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن، باش روھانىي ھەر يىلى شۇ بۆلۈمگە مالنىڭ قېنىنى ئېلىپ كىرەتتى. ۋاقىت ئۆتۈپ، يەھۋا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى ئارقىلىق ئىبادەت چېدىرنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسىنى ئېچىپ بەرگەن.—ئىبرانىي. 9:6–8. e
13. مۇقەددەس جاي بىلەن ئەڭ مۇقەددەس جاي نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
13 مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى. ئاز ساندىكى، يەنى 144 000 مەسىھنىڭ شاگىرتى مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىندىغان بولۇپ، ئۇلار ئاسماندا ئەيسا مەسىھ بىلەن روھانىيلار بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار ياراتقۇچى يەھۋا بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەتتە بولىدۇ (ۋەھىي. 1:6؛ 14:1). ئىبادەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس جاي مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ يەر يۈزىدە بولغاندا يەھۋا بىلەن بولىدىغان ئالاھىدە مۇناسىۋىتىگە سىمۋول قىلىنىدۇ (رىملىقلار 8:15–17). ئەڭ مۇقەددەس جاي يەھۋا ماكانلاشقان ئاسمانغا سىمۋول قىلىنىدۇ. مۇقەددەس جاي بىلەن ئەڭ مۇقەددەس جاينى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تۇرغان «پەردە» بولسا، ئەيسانىڭ جىسمانىي تېنىگە سىمۋول قىلىنغان. ئۇ يەر يۈزىدە بولغاندا ئۇنىڭ تېنى، روھىي ئىبادەتخانىنىڭ باش روھانىيسى سۈپىتىدە ئاسمانغا چىقىپ، يەھۋا ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىغا يول بەرمىگەن. ئەيسا ئۆز تېنىنى ئىنسانلار ئۈچۈن قۇربانلىققا بېرىپ، بارلىق مەسىھ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئاسماندىكى ھاياتقا ئېرىشىشىگە يول ئاچتى. ئاسماندىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇلارمۇ جىسمانىي تېنىدىن ئايرىلىشى كېرەك (ئىبرانىي. 10:19، 20؛ 1-كورىنت. 15:50). ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن، ئۇ روھىي ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس جايىغا كىردى، كېيىن بارلىق مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئەيسانىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن جەم بولىدۇ.
14. ئىبرانىيلار 9:12، 24–26-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى قەدىمقىگە قارىغاندا نېمە ئۈچۈن ئۈستۈن؟
14 كۆرگىنىمىزدەك، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بۇ ئىبادەت ئورۇنلاشتۇرۇشى قەدىمقى ئىبادەت ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ھەقىقەتەن تېخىمۇ بەك ياخشى. چۈنكى، يەھۋا بۇ پاك ئىبادەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەيسا مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ۋە روھانىيلىق ۋەزىپىسى ئاساسىدا ئورۇنلاشتۇرغان. قەدىمقى ئىسرائىلدا باش روھانىي ھايۋانلارنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن ئىنسان ياسىغان چېدىردىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرگەن ئىدى. لېكىن، ئەيسا مەسىھ «خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولۇش ئۈچۈن ئاسماننىڭ ئۆزىگە كىردى». «ئۆزىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق گۇناھنى تامامەن يوق قىلىش ئۈچۈن»، يەنى ئالەمدىكى ئەڭ مۇقەددەس يەرگە كىرىپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ھاياتىنى خۇداغا سۇنغان (ئىبرانىيلار 9:12، 24–26). ئەيسانىڭ قۇربانلىقى بىزنىڭ گۇنالىرىمىزنى مەڭگۈگە يوق قىلىدۇ. ئەمدى ئۈمىدىمىز مەيلى ئاسماندا ياكى يەردە ياشاش بولسۇن، ھەممىمىز روھىي ئىبادەتخانىدا يەھۋاغا قانداق ئىبادەت قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.
ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھويلىلىرى
15. ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا كىملەر خىزمەت قىلغان؟
15 ئىبرانىيلارنىڭ قەدىمقى ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى. ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھويلىسى ئۈستى ئوچۇق، قورشالغان جاي ئىدى. ئۇ يەردە روھانىيلار ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاتتى. ھويلىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقى سۇنىدىغان مىس قۇربانلىق سۇپىسى ۋە بىر چوڭ مىس داس بار ئىدى. روھانىيلار مۇقەددەس خىزمىتىنى ئورۇنلاشتىن بۇرۇن، شۇ داسنى ئىشلىتىپ، ئۆزىنى يۇياتتى (چىق. 30:17–20؛ 40:6–8). كېيىنرەك، سېلىنغان ئىبادەتخانىلارنىڭ يەنە بىر سىرتقى ھويلىسى بولغان. ئۇ يەردە روھانىيلاردىن باشقا كىشىلەر خۇداغا ئىبادەت قىلالايتتى.
16. روھىي ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى ھويلىلىرىدا كىملەر خىزمەت قىلىدۇ؟
16 مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى. ئاسماندا ئەيسا بىلەن روھانىيلار سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشتىن ئىلگىرى، مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئىچكى ھويلىدا ساداقەتمەنلىك بىلەن خۇداغا خىزمەت قىلىدۇ. ئىبادەت چېدىرى ۋە ئىبادەتخانىدىكى مىس چوڭ داس خۇدانىڭ ھەممە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەخلاقىي ۋە روھىي جەھەتتىن پاك بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇنداقتا، مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغان زور بىر توپ خالايىق قەيەردە ئىبادەت قىلىدۇ؟ ئەلچى يۇھاننا شۇنداق كۆرۈشنى كۆرگەن: «ئۇلار خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا كېچە-كۈندۈز [خۇداغا] مۇقەددەس خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ». دېمەك، زور بىر توپ خالايىق ئىبادەتخانىنىڭ سىرتقى ھويلىسىغا سىمۋول قىلىنغان يەر يۈزىدە خۇداغا خىزمەت قىلىدۇ (ۋەھىي. 7:9، 13–15). يەھۋا بىزگە ئۇنىڭ روھىي ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت بەرگىنىگە ھەقىقەتەن ئىنتايىن مىننەتدارمىز!
يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش — چوڭ شان-شەرەپ
17. بىز يەھۋاغا قانداق قۇربانلىقلارنى سۇنالايمىز؟
17 بۈگۈنكى كۈندە ئەيسانىڭ بارلىق شاگىرتلىرىنىڭ ۋاقتى، كۈچ-قۇۋىتى ۋە مال-مۈلكىنى ئىشلىتىپ، خۇدا پادىشاھلىقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارقىلىق يەھۋاغا قۇربانلىق سۇنۇش ئىمتىيازى بار. ئەلچى پاۋلۇس ئىبرانىي ئېتىقادچىلارغا ئېيتقاندەك، «ھەردائىم خۇداغا مەدھىيە قۇربانلىقىنى» سۇنۇش، «يەنى ئۇنىڭ ئىسىمىنى ئاشكارا جاكارلاپ، لەۋلىرىمىزنىڭ مېۋىسىنى ئېلىپ» كېلەلەيمىز (ئىبرانىي. 13:15). يەھۋاغا ئەڭ ياخشى قۇربانلىقلىرىمىزنى سۇنۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش شان-شەرىپىنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز.
18. ئىبرانىيلار 10:22–25-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، قايسى ئىشلارغا بىپەرۋالىق قىلماسلىق كېرەك ۋە نېمىنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك؟
18 ئىبرانىيلار 10:22–25-نى ئوقۇڭ. ئىبرانىيلارغا يازغان خېتىنىڭ ئاخىرىدا، ئەلچى پاۋلۇس يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشتا ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇلار دۇئادا يەھۋاغا يېقىنلىشىش، ئۈمىدىمىز ھەققىدە باشقىلارغا خۇش خەۋەر ئېيتىش، بىرلىكتە جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە يەھۋانىڭ كۈنى «يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىكەنمىز»، بىر-بىرىمىزنى ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىقلار ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋەھىيلەر كىتابىنىڭ ئاخىرقى بابلىرىدا يەھۋانىڭ پەرىشتىسى ئىككى قېتىم شۇنداق تەكىتلىگەن: «خۇداغا سەجدە قىلغىن» (ۋەھىي. 19:10؛ 22:9). ئۇنداق بولسا، روھىي ئىبادەتخانا توغرۇلۇق بىلگەن ھەقىقەتلەرنى ئۇنتۇماي، ئۇلۇغ خۇدايىمىز يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش شان-شەرىپىنى قەدىرلەيلى!
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش
a چوڭقۇر ھەقىقەتلەرنىڭ بىرى — مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان يەھۋانىڭ ئۇلۇغ روھىي ئىبادەتخانىسى. بۇ قانداق ئىبادەتخانا؟ بۇ ماقالىدە ئىبرانىيلار كىتابىدا يېزىلغان روھىي ئىبادەتخانا توغرۇلۇق تەپسىلىي مەلۇماتلار كۆپرەك چۈشەندۈرۈلىدۇ. بۇ تەتقىق ماقالىسى سىزنى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش شان-شەرىپىنى تېخىمۇ قەدىرلەشكە دەۋەت قىلسۇن.
b jw.org تور بېكىتىدىكى «ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەتنى تونۇشتۇرۇش» ناملىق فىلىمنى كۆرۈپ، ئىبرانىيلارغا يېزىلغان كىتاب توغرۇلۇق ئومۇمىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇڭ.
c گرېكچە يازمىلاردىكى پەقەت ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەتتە، ئەيسا باش روھانىي دەپ ئاتالغان.
d بىر پايدىلنىش كىتابىغا ئاساسلانغاندا، مىلادى 70-يىلى يېرۇسالىمدىكى ئىبادەتخانا ۋەيران قىلىنىشتىن بۇرۇن، بەلكىم ئىسرائىلدا تەخمىنەن 84 باش روھانىي بولغان.
e گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم كۈنىدە باش روھانىيلارنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىۋېلىش ئۈچۈن، jw.org تور بېكىتىدىن «ئىبادەت چېدىرى» (باشقا تىلدا) ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.
g «كۈزىتىش مۇنارى» 2010-يىل، 15-ئىيۇل سانى، 22-بەتتىكى «مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن روھىي ئىبادەتخانىنىڭ مەنىسى قانداق ئېنىق بولدى» (باشقا تىلدا) ناملىق رامكىغا قاراڭ.