1923 — يۈز يىل بۇرۇن
«كۈزىتىش مۇنارى» 1923-يىلى، 1-يانۋار سانىدا مۇنداق سۆزلەر يېزىلغان: «1923-يىلىدا يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. بىزنىڭ بۇ دۇنيادا زۇلۇم چەككەن كىشىلەرگە گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇلارنىڭ كېلەچىكى نەقەدەر گۈزەل بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىش شان-شەرىپىمىز بار». شۇ يىلى مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرى، چوڭ يىغىلىشلىرى ۋە ۋەز خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولغان. نەتىجىدە، خۇدا خەلقىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ كۈچەيدى.
يىغىلىشلار تېخىمۇ ئىناق بولۇشقا دەۋەت قىلغان
شۇ يىلى تەشكىلات مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئىبادەت قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى قىلدى. مەسىلەن، ھەر ھەپتە «دۇئا ۋە مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىش ۋە تەجرىبە سۆزلەش يىغىلىشى»دا ئايەتلەر مۇھاكىمە قىلىناتتى، بۇ يىلىدىن باشلاپ، «كۈزىتىش مۇنارى»دا مەخسۇس شۇ ئايەتلەرنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىى بېرىلىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر كالېندار بېسىپ چىقىرىلغان. ئۇنىڭدا ھەر ھەپتىدە يىغىلىشتا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ئايەتلەر ۋە ئېيتىلىدىغان ناخشىلار يېزىلغان ئىدى، بۇ ناخشىلار شەخسىي ئۆگىنىشتە ۋە ئائىلىۋى ئىبادەتتە ئېيتىلاتتى.
ئىبادەت يىغىلىشلىرىدا، مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى تەجرىبە سۆزلەيتتى، بۇ ۋەز خىزمەتتە باشتىن كەچۈرگەن ئىش-ۋەقەلەر، يەھۋاغا بولغان مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، بىر مەدھىيە ناخشىسىنى ئېيتىش ياكى بىر دۇئا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 1923-يىلى 15 يېشىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن ئېۋا بارنېي ئۆز ئەسلىمىلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىز سۆزلىمەكچى بولسىڭىز، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، بىرقانچە جۈملە سۆز قىلالايتتىڭىز. مەسىلەن، ‹مەن رەببىمىزنىڭ ماڭا بەرگەن بەرىكەتلىرى ئۈچۈن چىن قەلبىمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن› دەپ باشلىسىڭىز بولىدۇ». بەزى قېرىنداشلار شۇنداق جاۋاب بېرىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. بارنېي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ياشانغان بۇرادەر گادۋىننىڭ رەببىمىز ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرى بار ئىدى. ئەمما، ئۇنىڭ ئايالى رىياسەتچىلىك قىلىدىغان بۇرادەرنىڭ بىراز جىددىيلىشىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرگەندە، يولدىشىنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنى تارتىپ قوياتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ ئولتۇراتتى».
ھەر ئايدا بىر قېتىم ئالاھىدە بىر دۇئا ۋە مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىش ۋە تەجرىبە سۆزلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىلىش ھەققىدە «كۈزىتىش مۇنارى»، 1923-يىل 1-ئاپرېل سانىدا (ئىنگلىزچە) مۇنداق سۆزلەر يېزىلغان: «بۇ يىغىلىشتا ۋاقىتنىڭ تەڭ يېرىمى چوقۇم تەجرىبە سۆزلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى كېرەك، بۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋەز خىزمەتتىكى ئىش-ۋەقەلەرنى ئېيتىپ، ۋەز ئېيتقۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلىش. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ جامائەتنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يېقىن دوستلاردىن بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ».
كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى 19 ياشلىق چارلىز مارتىن، جامائەتتىكى بىر ۋەز ئېيتقۇچى بۇ يىغىلىشلاردىن ئىنتايىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ كېيىن ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆيمۇ-ئۆي ئىشىك قېقىپ ۋەز قىلغاندا، نېمىلەرنى دېيىش كېرەكلىكىنى مۇشۇ يىغىلىشلاردا ئۆگەندىم. چۈنكى، دائىم ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلغاندا باشتىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبىلەرنى ئاڭلايتتىم. بۇ ماڭا نېمە دېيىش ۋە باشقىچە كۆز قاراشلاردىكى كىشىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەتتى».
ۋەز خىزمىتى ئىناق-ئىتتىپاقلىمىزنى كۈچەيتكەن
ۋەز قىلىش كۈنلىرىمۇ قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ئىناق-ئىتتىپاقلىققا ھەسسە قوشقان. «كۈزىتىش مۇنارى» 1923-يىل، 1-ئاپرېل سانىدا (ئىنگىلىزچە) مۇنداق ئېلان قىلىنغان: «شۇڭلاشقا، بىز ھەممىمىز ئوخشاش بىر خىزمەتتە ئىناق-ئىتتىپاق بولدۇق… . 1923-يىل، 1-ماي سەيشەنبە كۈنى، ۋەز خىزمەت كۈنى قىلىپ بەلگىلەندى. بۇنىڭدىن كېيىن، ھەر ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىدىكى سەيشەنبە كۈنى جامائەتتىكى ھەربىر ئەزا چوقۇم ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىشى كېرەك».
ھەتتا ياشلارمۇ ۋەز خىزمىتىگە قاتناشقان. خېيزېل بارفورد ئىسىملىك 16 ياشتىكى بىر قېرىندىشىمىز ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «يادقا ئېلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن ئۈلگىلىك سۆھبەتلەر تەييارلانغان ئىدى a. بوۋام بىلەن قىزغىن ۋەز قىلاتتۇق». بىراق، قېرىندىشىمىز بارفورد ئويلىمىغان يەردىن قارشىلىققا دۇچ كەلگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «جامائەتتىكى بىر ياشانغان بۇرادەر مېنىڭ كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ۋەز قىلىشىمغا قارشى چىقتى. چۈنكى، شۇ ۋاقىتلاردا بەزى ئېتىقادچىلار مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ھەممىسى، بولۇپمۇ ياش قىز-يىگىتلەرنىڭ ئۇلۇغ ياراتقۇچىمىزنى مەدھىيەلەش ھەمدە ۋەز قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشى لازىملىقىنى چۈشەنمىگەن ئىدى» (زەبۇر 148:12، 13). ئەمما، قېرىندىشىمىز بارفورد ۋەز قىلىشتىن ۋاز كەچمىگەن، كېيىن ئۇ گىلىئاد مەكتىپىنىڭ 2-قارارلىق سىنىپىدا ئوقۇپ، پاناماغا ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى (مىسسىئونېر) سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن. ئاخىرىدا، ئاشۇ بۇرادەرلەر ئۆز كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ياشلارنىڭ ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا قارشى تۇرۇشنى توختاتقان.
چوڭ يىغىلىشلار ئىناق-ئىتتىپاقلىقىمىزنى كۈچەيتكەن
يەرلىك ۋە رايونلۇق چوڭ يىغىلىشلار ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. كۆپلىگەن چوڭ يىغىلىشلاردا ۋەز ئېيتىش كۈنى بەلگۈلەنگەن. مەسىلەن، كانادانىڭ ۋىننىپېھ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر چوڭ يىغىلىشقا قاتناشقان بارلىق كىشىلەر ئۈچىنچى ئاينىڭ 31-كۈنى ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ۋەز ئېيتىش كۈنلىرى كېلەچەكتىكى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ۋەز قىلىش خىزمىتى ئۈچۈن ئاساس سالغان. 8-ئاينىڭ 5-كۈنى تەخمىنەن 7000 كىشى ۋىننىپېھ شەھىرىدە يەنە بىر چوڭ يىغىلىشقا قاتناشقان. بۇ ئەينى زاماندا، كانادادا چوڭ يىغىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بىر يىغىلىش بولغان ئىدى.
8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە، يەھۋانىڭ خەلقى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىنىڭ لوس-ئانجېلېس شەھىرىدە، 1923-يىلىدىكى ئەڭ چوڭ يىغىلىشنى ئۆتكۈزگەن. شۇ چوڭ
يىغىلىشتىن ئاۋۋال بىرقانچە ھەپتە گېزىتلاردا بۇ يىغىلىش ھەققىدە ئېلانلار بېرىلگەن. مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى تەخمىنەن 500 000دىن كۆپ ۋاراقچىلارنى تارقاتقان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتوبۇس ۋە ماشىنىلارغا تەشۋىقات ئېلانلىرىنى ئېسىپ يۈرۈپ خەۋەر قىلغان.25-ئاۋغۇست شەنبە كۈنى، بۇرادەر رۇتېرفورد «قويلار بىلەن ئۆچكىلەر» ناملىق نۇتۇقنى ئېيتقان. ئۇ نۇتۇقىدا، قويلار يەر يۈزىدە جەننەتتە مەڭگۈ ياشاشقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشقا مايىل كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن ئىدى. كېيىن، ئۇ «ئاگاھلاندۇرۇش» دېگەن قارارنى ئوقۇغان. ئۇنىڭدا ساختا خرىستىئانلار ئەيىبلىنىپ، سەمىمىي كىشىلەر بۈيۈك بابىلوندىن ئايرىلىشقا دەۋەت قىلىنغان (ۋەھىي. 18:2، 4). كېيىنرەك، قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلغان مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى بۇ قارار بېسىلغان مىليونلىغان ۋاراقچىلارنى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىغا تارقاتقان.
«بۇ جامائەتنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يېقىن دوستلاردىن بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ»
شۇ چوڭ يىغىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى، بۇرادەر رۇتېرفوردنىڭ «بارلىق مىللەتلەر ئارماگېدونغا ئاتلاندى، ئەمما ھازىر ياشاۋاتقان مىليونلىغان كىشىلەر مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ» ناملىق نۇتۇقىنى 30 000دىن كۆپرەك كىشى ئاڭلىغان. شۇ ۋاقىتتا، مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، لوس-ئانجېلېستىكى يېڭىدىن سېلىنغان تەنتەربىيە مەيدانىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلەتكەن. ھەربىر كىشىنىڭ ئېنىق ئاڭلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇرادەرلەر تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئاۋاز ياڭراتقۇ سىستېمىسىنى قوللانغان. شۇ زاماندا، بۇ ئەڭ يېڭى بىر تېخنىكا ئىدى، يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ چوڭ يىغىلىشنىڭ پروگراممىسىنى رادىئودىن ئاڭلىغان.
دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا ۋەز خىزمىتىنىڭ كەڭ تارقىلىشى
1923-يىلى ئافرىقا، ياۋرۇپا، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىدا ۋەز ئېيتىش خىزمىتى تېزلىكتە كەڭ تارقالدى. ھىندىستاندىكى جوسېف ئىسىملىك بۇرادەر ئايالى ۋە ئالتە بالىسىنى بېقىپ يۈرۈپ، ھىندى، تامىل، تېلۇگۇ ۋە ئۇردۇ تىللىرىدا نەشىر ماتېرىياللىرىمىزنىڭ بېسىپ تارقىتىلىشىغا ياردەم بەرگەن.
سېررا-لېئوندىكى ئالفېرېد جوسېف ۋە لېئونارد بېلەكمەن ئىسىملىك مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى نيۇ-يورك، برۇكلىندىكى باش ئىدارىگە خەت يېزىپ ياردەم سورىغان. 1923-يىلى، 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇلارنىڭ خېتىگە جاۋاب كەلگەن. بىر شەنبە كۈنى كەچتە ئالفېرېدقا بىرسى تېلېفون قىلغان. شۇ كىشى: «سىز كۈزىتىش مۇنارى جەمئىيىتىگە بىر خەت يېزىپ، سىلەرگە ۋەز ئېيتقۇچىنى ئەۋەتىشنى ئۆتۈنگەنمۇ؟»— دەپ سورىغان. ئالفېرېد: «ھە، شۇنداق»،— دەپ جاۋاب بەرگەن. تېلېفون قىلغان كىشى: «ئۇلار مېنى ئەۋەتتى»،— دېگەن. بۇ ۋىليام بروۋېن بۇرادەر ئىدى. ئۇ ئايالى ئانتونىيا، كىچىك قىزلىرى لۇئىزا ۋە لۇسى بىلەن كارىب ئاراللىرىدىن شۇ كۈنى كەلگەن ئىدى. ناھايىتى تېزلا، قېرىنداشلار بۇ بىر ئائىلە بىلەن كۆرۈشكەن.
ئالفېرېد مۇنداق دەيدۇ: «ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندىلا مەن لېئونارد بىلەن بىرلىكتە ھەر ھەپتىسى ئۆتكۈزىدىغان مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈۋاتاتتۇق. ئىشىك ئالدىدا بىر كىشى پەيدا بولدى. بۇ بروۋېن بۇرادەر ئىدى. ئۇ ھەقىقەتنى
شۇنچە قىزغىن سۆيەتتى. ئۇ ئەتىسىلا نۇتۇق ئېيتماقچى بولدى». بىر ئايغا يەتمەي بۇرادەر بروۋېن ئۆزى ئېلىپ كەلگەن بارلىق كىتاب-ژۇرناللارنى تارقىتىپ تۈگەتكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ يەنە 5000 پارچە كىتاب تاپشۇرۇۋالغان، بىراق ئۇلارنىمۇ تارقىتىپ تۈگەتكەنىدى. ئەمما، بۇرادەر بروۋېن كىتاب ساتقۇچى بولۇپ تونۇلمىغان. ئۇ قىزغىن غەيرەت بىلەن يەھۋاغا ئۇزۇن يىللار خىزمەت قىلغان. ئۇ نۇتۇق ئېيتقاندا، ھەمىشە مۇقەددەس كىتابتىن ئايەتلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «مۇقەددەس كىتاب بروۋېن» دەپ ئاتىغان.گېرمانىيىنىڭ بارمېن شەھىرىدىكى بەيتەل ئىشخانىسىدا ئادەم كۆپ بولغاچ، ئۇ يەردىن كۆچۈش قارار قىلىنغان ۋە بۇ شەھەرنى قوشنا دۆلەت فرانسىيە تاجاۋۇز قىلىپ ئىشغال قىلىۋالماقچى بولۇپ تۇرغان ئىدى. شۇڭلاشقا، مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى ماگدېبۇرگ شەھىرىدە باسمىخانا ئۈچۈن ئىنتايىن قولايلىق بىر جاينى تاپقان. 6-ئاينىڭ 19-كۈنى قېرىنداشلار ماگدېبۇرگتىكى يېڭى بەيتەلگە باسما ماشىنا ۋە باشقا كېرەكلىك ئۈسكىنە-سايمانلارنى پۈتۈنلەي كۆچۈرۈپ بولغان. دۇنيا مەركىزىي باش ئىدارىسىگە كۆچۈش ئىشلىرىنىڭ تامام بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن ئەتىسى، گېزىتلاردا فرانسىيىنىڭ بارمېن شەھىرىنى ئىشغال قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. بۇرادەرلەر بۇ كۆچۈش ئىشى يەھۋانىڭ بەرىكىتى ۋە ئۇلارنى قوغدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن.
جورج ياڭ ئىسىملىك بىر بۇرادەر خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەر قىلىپ، برازىلىيىگە كەلگەن ۋە ئۇ يەردە يېڭى بەيتەل ئىشخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋە «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىنىڭ پورتۇگال تىلىدا نەشىر قىلىنىشىغا يول ئاچقان. ئۇ بىر قانچە ئاي ئىچىدە 7000 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب-ژۇرناللارنى تارقاتقان. ئۇنىڭ برازىلىيىگە كېلىشى سارا فېرگۇسون قېرىنداش ئۈچۈنمۇ بەرىكەت بولغان. ئۇ 1899-يىلىدىن باشلاپ، «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىنى ئوقۇغان ئىدى. بىراق، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ، ھاياتىنى يەھۋاغا بېغىشلىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. بىر قانچە ئايدىن كېيىن، قېرىندىشىمىز فېرگۇسون ۋە ئۇنىڭ تۆت پەرزەنتى بۇ مۇھىم قەدەمنى باسقان.
«داۋاملىق خۇشاللىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى»
«كۈزىتىش مۇنارى» 1923-يىل، 15-دېكابىر سانىدا، مۇقەددەس كىتاب تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىبادەت يىغىلىشلىرى، ۋەز خىزمىتى ۋە چوڭ يىغىلىشلاردىكى ئۆزگۈرۈشلەر ئۇلارغا قانداق تەسىر قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بۇ ژۇرنالدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ناھايىتى ئېنىقكى، پۈتكۈل جامائەتلەر … ئىمان-ئېتىقادتا كۈچىيىپ مۇستەھكەم بولدى. … ئۇنداقتا، قىزغىن غەيرەت ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈستىمىزگە ساۋۇتلىرىمىزنى كىيىپ، ئالدىمىزدىكى يېڭى يىلدا داۋاملىق خۇشاللىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى!»
كېيىنكى يىلى، يەنى 1924-يىلى، مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن ئاجايىپ ھاياجانلىق بىر يىل بولغان. بەيتەلدىكى قېرىنداشلار برۇكلىن مەركىزىي باش ئىدارىسىنىڭ قېشىدىكى ستاتېن-ئايلېند ئارىلىدا بىر قانچە ئاي قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى قىلغان. ئۇ جايغا سېلىنىۋاتقان يېڭى ئىمارەتلەر 1924-يىلىنىڭ بېشىدا تاماملىنىپ، قېرىنداشلارنىڭ تېخىمۇ ئىناق-ئىتتىپاق بولۇپ، ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان يوللار بىلەن خۇش خەۋەرنى تارقىتىشىغا ياردەم بەرگەن.
a ھازىر «مەسىھىي ھاياتىمىز ۋە خىزمىتىمىز — يىغىلىش قوللانمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.